بىر ئۇيغۇرنىڭ گورباچېۋقا يازغان خېتى
ئابدۇۋەلى تۇرسۇن
(بىڭتۇەن مىللىي پېداگوگىكا مەكتىپى )
ياخشىمۇ سىز ھۆرمەتلىك گورباچېۋ ئەپەندى ، بۇ خەتنى مەن ئەسلى سىزگە بۇرۇنقى بىر نەچچە قېتىملىق روسىيە زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغىنىڭىزدىلا يازماقچى بولغان ئدىم ، ئەمما ئۇ چاغلاردا سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم . تۇنۈگۈن توردىن سىزنىڭ ئەينى چاغدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە بولغان قارىشىڭىز ھەققىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇپ ، ئەمدى يازمىسام بولمايدىكەن دېگەن ئويغا كەلدىم ۋە كۇنۇپكا تاختىسى ئۈستىدە بارماقلىرىمنى يەنە ھەركەتلەندۇرۈشكە باشلىدىم .
بۇنىڭدىن 30 يىل بۇرۇن سىز سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسنىڭ باش شۇجىسى بولۇپ سايلىنىپ ، يېڭىچە ئوي - پىكىر ۋە ئىش - ھەركەتلىرىڭىز بىلەن دۇنيادا راۋۇس تەسىر پەيدا قىلغان شەخسكە ئايلىنىپ ، بىر مەزگىل ئىزچىل جاھان ئەھلىنىڭ دىققەت ئىتىبارىغا ئايلانغان سىياسى ئەرباپ بولغان ئىدىڭىز . ھازىر سىزنى ھوقۇق تۇتۇۋاتقان بىر سىياسى شەخس سۈپىتىدا كۆرمىگىنىمىزگە ئۇزاق زامان بولۇپ كەتتى . بۇ جەرياندا گەرچە سىز سىياسى سەھنىدە بولمىسىڭىزمۇ ئەمما سىزنىڭ ئىش -ھەركەت ۋە نۇتۇق -سۆزلىرىڭىزگە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلدىم . چۈنكى سىزنىڭ ھاكىمىيەت بېشىدىكى ۋاقتىڭىز ئارانلا 6 يىل بولسىمۇ ، ئەمما سىز نىمىلا دېگەن بىلەن ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئىككىنىڭ بىرى بولۇپ چاقنىغان بىر يۇلتۇز ئىدىڭىز . شۇڭا ھازىر ھاكىمىيەت بېشىدا بولۇش - بولماسلىقىڭىزدىن قەتئىنەزەر سىزنىڭ نىمە دېىىشڭىزنىڭ يەنىلا ۋەزنى بار، قىلغان ئىشلىرىڭىزنىڭ يەنىلا مەلۇم تەسىرى بار . سىزدەك ئادەم ئەسلى ئەڭ ئالى ھوقۇق ئورنىدا ئۇزاقراق ۋاقىت تۇرسا ياخشى بولاتتى . ئەمما بۇ سىزگە نېسىپ بولمىدى . شۇنداق بولسىمۇ ھېچقىسى يوق دەپ سىزگە تەسەللى بېرىمەن . چۈنكى سىز ئاشۇ 6 يىل ئىچىدە باشقىلار ھەقىقەتەن بەك ئۇزاق ۋاقىت ئىچىدىمۇ قىلىپ بولالمايدىغان ، ھەتتاكى ئويلاپمۇ كېتەلمەيدىغان ئاجايىپ ئىشلارنى قىلدىڭىز . تارىخ بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ ، دۇنيامۇ بۇنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
سىز بۇرۇنقى بىرنەچچە رەت روسىيە زوڭتوڭ سايلىمىغا قاتناشماقچى بولغىنىڭىزدىلا بۇ خەتنى سىزگە يازماقچى بولۇشۇمنىڭ سەۋەبى شۇكى ، سىزنىڭ روسىيە زوڭتوڭى بولۇشقا قىزىقىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى .چۈنكى سىز ئەينى ۋاقىتتا بىر روسىيە ئەمەس بەلكى روسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 15 دۆلەتنىڭ بىرلەشمىسى بولغان چوڭ بىر دۆلەتنىڭ زوڭتوڭى ئىدىڭىز . ئەمدى بۇ كۈنگە كەلگەندە ئىناۋىتىڭزنى چۈشۈرۈپ ، 15دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ زوڭتوڭى بولۇشنى تەمە قىلىپ يۈرۈشىڭىز ، خەلقارادا ئانچە ئالقىشلىنىپ كەتمىگەن پۇتىن بىلەن رىقابەتلىشىپ ، ئۆزىىڭىزنىڭ كىملىكىنى تازا ھېس قىلىپ كەتمىگىنىڭىز سەۋەپ بولغان ئىدى . روسىيە خەلقىنىڭ سىزنى ئانچە ياخشى كۆرۈپ كەتمەيدىغانلىقىنى ھېساپقا ئالغاندا تېخىمۇ ئۇنداق قىلماسلىقىڭىز كېرەك ئىدى . بەلكىم سىزدىمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھوقۇق تەمەسى ، ئۆزىنى كۆرسىتىپ ياشاش ئارزۇسى كۈچلۈك بولسا كېرەك ، بۇمۇ نورمال ھېسسىيات . بەلكىم راستىنلا روسىيە خەلقىگە ئىش قىلىپ بەرمەكچى بولغان بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن . ئەمما بۇنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن . يەنە كېلىپ بۇ ئانچە ئاسانمۇ ئىش ئەمەس ئىدى . چۈنكى سىز روسىيەنى قانچىلىك گۈللەندۇرۈڭ ، ئىقتىسادىنى قانچىلىك تەرەققى قلىدۇرۇڭ ، خەلقارادا قانچىلىك يۇقىرى ئورۇنغا ئىگە قىلىڭ ، بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى سىز بۇرۇن قىلغان ئىشتەك تەسىرى چوڭ ، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتلىك بولمايتتى .
تۇنۈگۈن توردا كۆرگەن ماقالىنىڭ مەزمۇنى مېنى راستىنلا سىز توغرىسىدا باشقىچە چۈشەنچىگە كەلتۈرۈپ قويدى . سىزگە بولغان قارىشىمنىڭ ئۆزگىرىپ كەتمەسلىكى ئۇچۈن سىزگە بۇ خەتنى يېزىپ ، پايدا -زىياننى ئەسكەرتىپ قويماقچى بولدۇم .
ئۇ ماقالىدا دىيىلىشىچە ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە يېلتسىننىڭ سەۋەپچى بولغانلىقىنى ، ئەگەر شۇ چاغدا سىز يېلتسىننى چەتئەلدىكى بىرەر دۆلەتكە باش ئەلچى قىلىپ قويۇپ ، ھوقۇق سەھنىسىگە يېقىن كەلتۈرمىگەن ھالەتتە تۇرغۇزغان بولسىڭىز بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بەرمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىپ ، شۇنداق قىلمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن پۇشايمان قىلغانلىقىڭىزنى دەپسىز . بۇ سۆز ئىېنىقكى ئەينى ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە سىزنىڭ ئىچىڭىزدە ناھايىتى پۇشايمان قىلغانلىقىڭىزنى چۈشەندۇۈرپ بېرىدۇ . شۇنداق ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا ھەممە ۋاي دەپ ، سىزگە ئالقىش ياڭراتقان ئەھۋالدا سىزنىڭ بۇنداق ئويلىشىڭىزغا نىمە سەۋەپچى بولغانلىقىنى بىلمىدىم ، بەلكىم كېيىنكى روسىيەلىكلەرنىڭ سىزگە تۇتقان پوزىتىسيەسى ۋە قارىشى بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇلار سىزنى قوللىمىدى ئەمەسمۇ . يەنە تېخى سوۋېتنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىدىكى مەسئۇلىيەتنى پۈتۈنلەي سىزگە ئارتىپ قويدى . ئەمما ئەينى چاغدا ھېچكىممۇ سىزنى ئاشۇ ماقالىدا دىيىلگەندەك بۇ ئشلارنىڭ يۈز بېرىشگە نارازى بولغان دەپ ئويلىمايتتى . چۈنكى پۈتۈن دۇنيا سىزنىڭ ئاشۇنداق كەڭ قورساق ئىدىيىڭىزگە ئاپىرىن ئېيتقان ، پۈتۈن دۇنيا خەلقى شۇ چاغدا سىزنىڭ قىلغان ئىشىڭىزنى قالتىس ئالقىشلىغان ئىدى . بەلكىم بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق شۇنداق بولىدۇ . ئەمدى سىز قىلغان ئۇ ئىشنىڭ ئەھمىيىتىنى ئازراق دەپ قويمىساق بەلكىم سىزدىكى بۇ خىل پۇشايمان قىلىشتەك روھى ھالەت ئۇزاق داۋاملىشىپ ، سىزنى ئارامدا قويمايدۇ .
دۇنيا تارىخىدا ئىنتايىن ئاز ساندا شۇنداقمۇ شەخسلەر بولىدۇكى ئۇلار قىلغان ئىشنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتى رىيال ئەھمىيىتىگە قارىغاندا ناھايىتى چوڭ بولىدۇ . ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۆز تەسىرىنى يوقاتمايدۇ .ئامېرىكا زوڭتوڭى لىنكولىن(توغرىسى لىڭكېن ئىدى ) دەل ئەنە شۇنداق ئادەمدۇر . مەن سىزنىڭ قىلغان ئىشڭىزنى ئامېرىكا زوڭتوڭى لىنكولىنغا (توغرىسى لىڭكېن )ئوخشاش ئورۇنغا قويۇشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن . بۇنداق ئادەم بولۇش ئۈچۈن جاھاننى پاتۇرىدىغان كۆڭۈل بولۇش كېرەك . نەچچە يۈزيىل كېيىنكى ۋەزىيەتنى كۆرەلەيدىغان تەپەككۇر كۆزى بولۇشى كېرەك .
لىنكولىن(توغرىسى لىڭكېن ) قۇللارنى ئازات قىلىپ ، ئۇلارنى ئاق تەنلىكلەر بىلەن باراۋەر ئورۇنغا ئىگە قىلدى . بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكىدا ئوبامادەك قارا تەنلىكلەر پۇشتىدىن بولغان بىر ئادەمنىڭ زوڭتوڭ بولۇشىنى دەل ئاشۇ لىنكولىننڭ قۇللارنى ئازات قىلىش خىتاپنامىسىنىڭ تارىخىي رولىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ . بۇ سەۋەپتىن ئامېرىكىدا جەنۇپ -شىمال ئۇرۇشى كېلىپ چىقتى . جەنۇپ - شىمال ئۇرۇشى ئەمەلىيەتتە قۇللارنى ئازات قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئۇرۇش . ئاشۇ خىتاپنامىنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن ئامېرىكا خەلقى بۇ ئۇرۇشقا يۈزلىنىشكە مەجبۇر بولدى . ئۇرۇش ناھايىتى ئازاپ - ئوقۇبەتلىك ، ئېچىنىشلىق ئىش بولسىمۇ لىنكولىن(توغرىسى لىڭكېن ) بۇ ئۇرۇشقا باتۇرلۇق ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن ئاتلاندى ۋە ئامېرىكىنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالدى . دەل مۇشۇ تۆھپىسى بىلەن ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر زوڭتوڭنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .گەرچە 150 يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ئەمما ئامېرىكا خەلقى يەنىلا ئۇنى ناھايىتى چوڭ بىلىدۇ . دۇنيا خەلقىنىڭ نەزىرىدىمۇ شۇنداق . مەنمۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدىدىكى ئامېرىكا زوڭتوڭىدىن پەقەت جورج ۋاشىڭتېن، توماس جېففېرسېن ۋە لىنكولىن(توغرىسى لىڭكېن )دىن ئىبارەت ئۇچىنىلا بىلىمەن . شۇڭا دەيمەنكى گەرچە سىز تەختتە بەك قىسقا تۇرغان بولسڭىزمۇ كېرەك يوق . ھەقىقىي بىر مەشھۇر شەخس ئۇزۇن مۇددەت ئۆتكەندىن كېيىنمۇ تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالالىسا ، بىر دۆلەتتىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادا ئۇلۇغلانسا ئاندىن سىناقتىن ئۆتكەن بولىدۇ . سىزمۇ ئاشۇنداق ئۇزۇن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن تارىختىن ئورۇن ئالدىغان ئادەم بولىسىز . ئەمما پۇتىن ئۇنداق بولالمايدۇ . سىز دۇنيادا ئالقىشلىنىدىغان شەخس . پۇتىن بولسا پەقەت بىرلا دۆلەتتە . مۇشۇ نۇقتىدىن ئالغاندا سىزنىڭ پۇتىنغا ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا ھەۋەسلىنىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق .
سىزنىڭ قىلغان ئىشڭىز بىر ئادەمىڭ بالىلىرىنى ئۆي - ئوچاقلىق قىلىپ ، پىشىپ يېتىلگەندا بۆلەك چىقىرىشىغا ئوخشايدۇ . ئائىلە بەك چوڭ بولسا ياخشى ياشىغىلى بولامدۇ ياكى كىچىكرەك بولسا ياخشى ياشامدۇ؟ بەك چوڭ بولسا ياخشى تەرىپىمۇ بار ، ياخشى ئەمەس تەرىپىمۇ بار . ياخشى ئەمەس تەرىپى خۇي - پەيلى ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدىغان كىشىلەر بىر ئۆيدە تۇرۇشقا توغرا كېلىدۇ . بۇ ئەلۋەتتە باشقۇرۇشنىڭ قىيىنلىقىدىن باشقا يەنە كىشەلەرگە بەزى قولايسىزلىق ، بەزىدە تالاش - تارتىش ۋە ئۇرۇش جىدەلنى تېپىپ بېرىدۇ . شۇڭا پەقەت شۇ ئۆيدە تۇرۇۋاتقانلار خالىسىلا ئايرىم - ئايرىم ھالەتتە تۇرسا ياشاش سۈپىتى ياخشىراق بولىدۇ . سىز بۆلۈۋەتكەن بۇ ئائىلە ئەسلى ناھايىتى چوڭ ئىدى . باشقۇرۇشقىمۇ تازا ئەپ ئەمەس ئىدى . سىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى خالىغانچە ياشىسۇن دېيەلىدىڭىز . سىز بالىلىرىڭىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئۇلارنى بولەك چىقىرىپ ، مۇستەقىل ياشاشقا دالالەت قىلدىڭىز . ئەڭ دەسلەپتە ئۇلار ئازراق قىينالغان بولسىمۇ ئەمما ھازىر كەملىرىنى تولۇقلاپ ، يوقلىرىنى بار قىلىپ ، مۇستەقىل ياشاشقا لازىملىق بولغان شارائىتنىڭ ھەممىسىنى ھازىرلاپ ، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بىر باراۋەر ئەزاسىغا ئايلاندى . ھازىر بۇ بالىلار ئۆزىنىڭ كۈنىنى ئۆزى ئالالايدىغان ئەھۋالغا كەلدى . سىزمۇ ئۇلاردىن ئەمدى ئەندىشە قىلمايدىغان ھالغا كەلدىڭىز . بۇ قالتىس ئەھمىيەتلىك چوڭ ئىش . ئەگەر ئۇلارنىڭ راستىنلا بىللە ياشىغۇسى بولسا ئۇ ھالدا مەجبۇرى ھالدا ئەمەس بەلكى ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئوخشاش ئوزى خالاپ بىرلىشىدۇ . شۇ چاغدا ئاندىن ئۇ ھەممىسى خالىغان ، پايدا مەنپەئەت مەسىلىسى ياخشى ھەل قىلىنغان يىمىرىلمەس بىر ئىتتىپاق بولىدۇ . شۇڭا كېيىنكى ئەۋلاتلارنىڭ بىزدىن ئەقىللىق چىقىپ ، تېخىمۇ ياخشى بولغان ، باراۋەر بولغان ، ئارىدا ئۇرۇش - جىدەل بولمىغان بىرلىشىش يولىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىغا ئىشىنىش كېرەك .چۈنكى كىشىلەر بارغانسېرى مەدەنىي بولغان جەمىيەتكە يۈزلىنىدۇ.
سىزنىڭ ئەينى چاغدا قوللانغان يېڭى تەپەككۇرىڭىز ئىتتىپاقنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسىي ئامىل . بۇ ئارقىلىق سىز قان تۆكۈپ تۇرۇپمۇ بولمايدىغان ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقىرىپ بەردىڭىز . تارىخ تەرەققىياتىنى تېز سۈئەتتە ئالغا سۈردىڭىز .بۇنىڭغا كېيىنكى تارىخ ھامان ھەققانى ھۆكۈم چىقىرىدۇ .
ئىتتىپاق پارچىلىنىشى كېرەكمۇ يوق دېگەنگە جاۋاپ بېرىدىغىنى شۇ ئىتتىپاققا كىرگەن ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەردىكى خەلقتۇر . لېنىن ئەينى ۋاقىتتا بۇ ئىتتىپاقنى قۇرغاندا پەقەت تۆتلا جۇمھۇرىيەت بولۇپ ، ‹‹ھەرقايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئىتتىپاققا كىردى ، ئۆزى خالىغان چاغدا ئىتتىپاقتىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ ›› دېگەن سۆزنى نىزامنامىگە كىرگۈزۈپ ، مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيە جەھەتتىن بولسىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى . كېيىنىكى ئۆزگىرىشلەر پۈتۈنلەي سىتالىننىڭ لېنىنىڭ بۇ ئارزۇسىغا مۇخالىپ ئىش قىلغانلىقىدىن كېلىپ چىققان . شۇڭا ئەگەر لېنىن يەنە بىرنەچچە يىل ئۇزۇن ياشىغان بولسا ئۇ ھالدا خەلقارا كوممۇنىزىم ھەركىتىنىڭ تەقدىرى چوقۇم باشقىچىرەك يېزىلغان بولاتتى دەپ قارايمەن . چۈنكى ئۇ سىتالىنىنىڭ سوۋېت كومپاتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى بولۇشىغا قوشۇلماي ۋەسىيەت قالدۇرۇپ كەتكەن . سىز دەل لېنىنىڭ ئاشۇ سۆزىگە ۋە ئىدىيىسىگە ۋارىسلىق قىلدىڭىز . خەلق خالىمىسا ئۇنى مەجبۇرى ساقلاپ قالىمەن دېگەن بىلەن نۇرغۇن ئادەمىنى ئازاپقا قويىدىغان گەپ . سىز خەلقنىڭ تاللىشىغا ، ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلدىڭىز . خەلق خالىغاننى قىلىش - بۇ ھەقىقى بىر باراۋەرلىك ئىدىيىسى بار ، ئادىمىلىكى تولۇق يېتىلگەن ، ئىدىيىسى ئىلغار ، دېموكراتىك ئاڭغا ئىگە ئادەمنىڭ قىلىىدىغان ئىشى . شەخسىيەتچى ، ئۆزىدىن باشقىلارنى ئويلىمايدىغان ئادەملەر ھەرگىزمۇ ئۇنداق قىلالمايدۇ .دۆلەت ، سىنىپ دېگەنلەر ھامان يوقىلىدۇ . كىم بىلىدۇ پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق مەدەنىيەت ، دۆلەت ۋە مىللەتلەر يۇغۇرۇلۇپ بىرلىشىپ كېتىدىغان دەۋر كېلىپ قالسا مەن سېنى باشقۇرىمەن ، سەن چوقۇم ماڭا بويسۇنۇشىڭ كېرەك ، ھەممىسى مېنىڭ دەپ زىمىن تالاش تارتىشى قىلىپ ، قان تۆكۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشلەر تارىخ سوتى تەرىپىدن سوتلىنامدۇ تېخى .
سىزنىڭ يېڭى تەپەككۇرىڭىز بويىچە ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كېلىپ ،80 مىليوندىن ئارتۇق نېمىسلارنىڭ بىللە تۇرۇشتىن ئىبارەت مىللىي ھېسسىيات ئارزرۇسى ئىشقا ئاشتى . بۇ گېرمان مىللىتى ئۈچۈن قىلىنغان ئاجايىپ چوڭ ئىش . بىر تارىخىي خاتالىقنىڭ تۈزىتىلىشى . شۇ سەۋەپتىن گېرمانىيە خەلقىمۇ سىزنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ .
قىسقىسى سىز قىلغان ئىشلارنىڭ ئەھمىيىتىنى دۇنيا خەلقى چۇشەندى ۋە ئېتىراپ قىلدى . شۇ ۋەجىدىن نوبىل مۇكاپاتى ئالدىڭىز . بۇ مۇكاپات ھازىز سىزنىڭ ئورنىڭىزدا ئولتۇرغان پۇتىنغا نېسىپ بولمايدۇ . ھەتتا ئۇ ئۇنىڭغا نامزاتمۇ بولالمايدۇ . شۇڭا سىزنىڭ ئۇنىڭ ئورنىغا چىقسام بولاتتى دېگەن ھەۋەستە بولۇشىڭىز ھەم كەم ئەقىللىق ھەم رىياللىققا ئۇيغۇن ئەمەس . ئۆزىڭىزنىڭ كىملىكىنى ھېس قىلىپ يەتمىگەنلىكىڭىز . شۇڭا سىزنى مەن ‹‹ مەن بولسام دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدە قارشى ئېلىنىدىغان دۇنياۋى تارىخىي شەخس ، مەن بىر ئىنسان ، بىر توغرا ئىدىيىگە ئىگە ئىنسان قىلىدىغان ئىشنى ئورۇنلاپ بولدۇم›› دېگەن شان -شەرەپ قۇچىقى ئىچىدە خاتىرجەم ھالدا ئاخىرقى ھاياتىڭىزنى ئۆتكۈزۈشىڭىزكە دالالەت قىلىمەن .
ھۆرمەت بىلەن :
ئادىلجان ئەركىن ھەقلىق
2015-يىلى 3-ئاينىڭ 22-كۈنى |