- تىزىملاتقان
- 2014-12-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2072
- نادىر
- 0
- يازما
- 203
ئۆسۈش
2.4%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sheydai تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-9 21:26
Radisit يوللىغان ۋاقتى 2015-3-9 20:22
ھەممە ئادەم ئۈزىنىڭ بىشىدىن بىرقىتىم ئۆتكۈزۈپ باققا ...
سەۋەبىنى، ئارتۇقچىلىغىنى، نەتىجىنى ئىلمىي شەرھىلەپ بېقىڭ دېدىمغۇ؟ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىسىڭىز نىمە كېرىگى ئۇنداق ئىنكاس يازغاننىڭ.
ماقۇل سىز ئېيتقاندەك لاتىن يېزىقىنى قوبۇل قىلايلى. يېتىدىغان مەخسەت نىمە؟ سوراۋاتقان سوئالىم چۈشۈنۈشلىكتۇ؟ شۇنداقلا يېزىق ئۆزگەرتىشنىڭ ئېھتىياجى نىمە؟ يەنى قانداق ئېھتىياج بىزنى يېزىق ئۆزگەرتىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ؟ ھۆكۈمەت تەۋسىيە قىلسا يامانمۇ ؟ دەپ سوراپسىز. بۇنى نىمە دەپ چۈشەندۈرۈسىز؟ھۆكۈمەت سىزنى پىكىر توپلاپ كۆرۈشكە ئورۇنلاشتۇردىمۇ؟ سىز ھازىرقى يېزىق شۇنداقلا ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ياكى مەدەنىيىتىگە، شۇنداقلا يېزىققا تاقىلىدىغان باشقا ئىلىملەرگە بىرەر چېكىتچىلىك ھەسسە قوشۇپ باققانمۇ؟ مۇشۇ سوئاللىرىمغا سوغۇققانلىق بىلەن ئېنىق جاۋاپ بېرىپ باقسىڭىزلا بولىدىغۇ. سىز ئۆزگەرتمەكچى، مەن ئەكسىچە. ئىككىلىمىز ئىلمىي ئىسپات كۆرسەتسەكلا بولىدىغۇ. يېزىق ئۆزگەرتسەك ئالدىنقى بىر ئەۋلات بىلەن كىيىنكى ئەۋلاتنىڭ كۆز قاراشلىرى تۈپتىن ئۈزۈلىدۇ. سىز مۇشۇ نەتىجىگە يەتمەكچىمۇ؟ ئەۋلات بوشلۇغى شەكىللەنمەيدۇ دەپسىز. ئىسپاتلاپ بېقىڭ ئەمىسە. |
|