خىتاب رۇزىمۇھەممەدتۇردى ئارتۇچ (شىرىن چۈش پىروگىراممىسدا ئوقۇلغان نەسىر)
ئەسسىلام كىتابخان،ئەسسىلام كىتاب: مەركەزدىن ئىلغار مەدەنىيەت ئارقىلىق ئاممىنى يىتەكلەش چاقىرىقىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئىجادىلىققا، يىڭىلىق يارتىشقا ئىلھام بەردى، كاللىمىزنى سىلكەپ ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرۈشكە،مەدەنىيتىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشقاچاقىرىق قىلدى. ئەمدى بىز روھىمىزنى بىردەملىك گوللاپ ھاياجانغا سالىدىغان نەرسىلەرگە مۇھتاج ئەمەسمىز،روھىيتىمىزگە ئوزۇق، تەپەككۇرىمىزغا قۇۋۋەت بولىدىغان ئىلغارپەن-تىخنىكا ئارقىلىق ئويلىنىش،ئويغۇنۇشلا بىزنى ئارىفلىق ماقامىغا يەتكۈزەلەيدۇ.شۇڭا بىز بۇنىڭدىنىمۇ نەچچەھەسسە ئويلىنىشمىز، ئويغىنىشمىز، ئورنىمىزدىن دەس تۇرشمىز كىرەك!
گەرچە سەھەر قوياشىنى بىناۋا كۈتىۋىلىپكەچتە ئۇنى شۇ پېتى ئۇزىتىپ قويىدىغان ئادەملەر توپىغا ئىھتىياجىلىق بولمىساقمۇئەمما ئەشۇنداق ئادەملەر توپىدا ياشاۋاتىمىز.گەرچە2015-يىلىدا ياشاۋاتقان بولسىمۇ مەكتەپكەكەلسە پەرزەنتىنىڭ قايسى سىنپتا، قايسى مۇئەللىمنىڭ قولىدا ئوقىۋاتقانلىقىنى دەپ بىرەلمەيدىغان ئاتا-ئانىلار،پۇل بەرگۈدىن پۇل ئالالماي ئۆچىرەت بولۇپ كىتىدىغان قىرىنىداشلىرىمىز،ئۆزنىڭ ئىسمىنى ئوڭشاپ يازالمايدىغان دەۋىرداشلىرىمىز،نادىركىتابلىرىمىزنى ۋاراقلاپ ئۈلگۈرمىگەن ياشلىرىمىز تىخىچە مەۋجۇتلۇق تەشنالقىداھالسىراپ يۈرمەكتە ! ھەرقىتىم ئىدىيە-ئىڭى زاماننىڭ ئارقىسدا قىلىۋاتقان ئەشۇنداق قىرىنىداشلىرىمىزنى كۆرگىنىمدە ئۆز گۆشۈمىنى ئۆزۈم يىگۈدەك بولۇپ ئىچ-ئىچمدىن تولغىنىمەن،ئەممائۇلارنىڭ ۋۇجۇدى، جىسمانىيتىنىڭ بىر يەرلىرىدە كىتاب، كىتاب دەپ ئىڭراۋاتقان ئاجىزبىر نىدانى تىڭشايمەن، ئۇلار نىمىشقىدۇر چۇقانلىرىنى ھەركەتكە ئايلاندۇرۇپ بولالمايۋاتىدۇ. بىز ۋاقىت يوق، ئالدىراش دەپلا ئۆتۈپ كىتۋاتىمىز.ئەپسۇس ، شۇنچەئېسل كىتابلار بىزنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ ۋاراقلىشىمىزنى، ھەركۈنى بىر قانچە مىنۇت تىكلىپ قاراپ قويشىمىزنى كۈتمەكتە.قەدىرلىك قىرىنداشلىرىم، يىڭى دەۋىردە كىتاب ئۈچۈن، ئىلمۇ–ئىرپان ئۈچۈن ئىزگۈ قەدەملەر بىلەن ئالغا باسايلى! شۇندىلا نەچچەۋاقتىتىن بىرى نوپۇس كۆپىيىۋاتىدۇ،ئادەملەر ئازلاۋاتىدۇ دىگەن رەنجىشلىك نىدالاركىتابلار جىقلاۋاتىدۇ،ئادەملەر كۆپىيىۋاتىدۇ،چۈنكى ئۇلار كىتاب ئوقىۋاتىدۇ دىگەن يارقىن ساداغا ئورۇن بىرىدۇ ! بىر-بىردىن ئىسل چىقۋاتقان بىباھا كىتابلىرىم ! ئەمدى سەن غېرىپسىنىپ قالمايسەن،تېپىكلەردىن،تۇتۇرۇق بولۇشتىن،يەرئاستى ئۆيىدە توپا بىسىپ ئۇخلاشتىن خالى بولىسەن! خەلقىم سىنى بىشغا ئېلىپ قىممىتىڭىنى قىلدىغان كۈنلەر ساڭا قۇچاق ئاچتى.بىز ئەمدى سەن بىلەن ئۆيلىرىمىزنى بىزەيمىز، تويلىرىمىزنى تۈزەيمىز،بىز سەن ئۈچۈن مەشرەپ،سەن ئۈچۈن توي مەرىكىسى ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى بولىۋاتىمىز.ئۆز زامانىسدا پادىشاھلىرىمىز ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ تويلىرىغىلا يۇرت-يۇرتلارغا ئاش تارتقان ئىكەن، ئەمدى بىز كىتابخانىلارغا، قىرائەتخانىلارغاسەپ تارتىپ توي-تۆكۈنلىرىمىزدە كىتاب تارتىمىز. ئەمدى بىز باغاقنى ئاز سېتىپ،كىتابنى جىق ساتىمىز! شۇنداق ! سەن ئەمدى ئۆيلىرىمىزنىڭ،تويلىرىمىزنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئالىسەن.خەيرىيەت قالدى گەپلەرنى قېرىنداشلىرىمغاقالدۇراي،سەن بىلەن كۆپرەك ھال مۇڭ بولۇشقا نىسىپ قىلسۇن! (يۇپۇرغا ناھىيە3-ئوتتۇرا مەكتەپتە) |