2015-يىلى كىتاب ئوقۇش يىلى بولدى، 2016-يىلى كىتاب سوۋغات قىلىش يىلى بولسۇن
2015-يىلى بىز ئۈچۈن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر يىل بولىدۇ. چۈنكى بۇ يىل ئارتۇچ ئەپەندىمنىڭ باغداش مۇنبىرىدە يازغان« كىتاب ئوقۇش يىلى» چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە، كىتاب ئوقۇيدىغانلار، سېتىۋالىدىغانلارنىڭ سانى شىددەت بىلەن ئاشتى. 2015-يىلى بىزنىڭ ئەسىر ئاتلىغۇدەك داغدام قەدىمىمىز بىلەن باشلاندى. كىتاب -ئىلىم-پەننىڭ شوتىسى، كىتاب- بەخىتنىڭ ئاچقۇچى، كىتاب- قاراڭغۇ دىللارنى يورۇتقۇچى مەشئەل. كىتاب – ئۇ زۇلماتتە پاتمايدىغان پارلاق قۇياش. ھەممىزگە مەلۇم، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارىدا چېپىپ كېتىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەر قانداقىدا كىتابنى قەدىرلەيدىغان ئەنئەنىلەر بار. بۇ مەلۇماتلار مەتبۇئات، تور، ئۈندىدارلاردا تارقىلىپ يۈرۈيدۇ. شۇنداقلا بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ كىتابنى سۆيىدىغان قەدىرلەيدىغان روھ قىلچىمۇ كەمچىل ئەمەس. ئاتا-بوۋىلىرىمىز كىتاب سېتىۋېلىش ئۈچۈن، تەۋەرۈك كىتابلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن مېلىدىن كېچىپ، جېنىنمۇ سەپ بەرگەن. قايسى بىر قەۋىم بىزدەك كىتاب كۆيدۈرۈش ئىنقىلابلىرىغا دۇچار بولسا ئىدى، ئورنىدىن مەڭگۈ دەس تۇرالمىغان بولاتتى. بىراق، بىزنىڭ تومۇرىمىزدا ئېقىۋاتقان ئاتا-بۇۋىلىرىمىزدىن قالغان ئىلىم-مەرىپەتنى سۆيىدىغان ئېسىل ھەم ساپ قان تېخىچە ئۆز ھاياتى كۈچىنى يوقاتقىنى يوق. لېكىن، كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب تاللاشتا بىزدىكى توسالغۇلارمۇ ئاز ئەمەس. بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا قومۇلنىڭ خىلۋەت بىر كەنتىدىكى كىتابخۇمار بىر بوۋاينىڭ كۈلبىسىگە باردىم. ئۇ بۇۋاينىڭ بايانلىرىنى ئاڭلاپ يۈرۈكۈم لەختە قان بولدى. شۇ كۈنى بىچارە كىشى جاھالەتلىك يىللاردىن، قاچ-قاچ، ئۇر-چاپلاردا سارسىلىپ يۈرۈپ، ئاتا-بوۋىسىدىن قالغان كىتابلارنى مىڭ بىر تەسلىكتە جاللات شىڭ شىسەي دەۋرىدىن ئامان-ئېسەن ئۆتكۈزۈپ، مەدەنىيەت زور ئىنقىلابىغا كەلگەندە، كۆپ قىسمىدىن ئايرىلىپ قالغان بولسىمۇ قىسمەن كىتابلىرىنى ئۇ يەر بۇ يەرلەرگە كۆمۈپ، جېنىنى تىكىپ قوغداپ قالغىنىدا، بەزى بىر ئاتالمىش تەتقىقاتچىلارنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئىشىنىپ ئايرىلىپ قالغانلىقىنى، ساقاللىرىنى تىتىرىتىپ يىغلاپ تۇرۇپ ماڭا دەپ بەرگەن ئىدى. ھازىرمۇ ئۆيىدە كىتابلار بولسىمۇ كىشىگە كۆرسەتمەيدىكەن. قايتاشىمدا ئۇ كىشى ماڭا : ئوغلۇم،كىشىنىڭ ھەققىگە لوقما سالغان كىشىنى خۇدايىممۇ كەچۈرمەيدۇ، مېنى ئالداپ كىتابىمنى كۆرۈۋېلىپلا ئەكىلىپ بېرىمەن دەپ، ئېلىپ كەتكىلى 30 يىل بولغان كىشىلەر بار، خەپ توختاپ تۇرسۇن! ھامان بىر كۈنى ئاخىرەتتە، مەن قانىغان تىرناقلىرىم بىلەن ئۇلارنىڭ ياقىسىغا ئېسىلىمەن...دېگىنىچە كەينىمدە قالدى. شۇ كۈنى بۇ كىتاب خۇمار بوۋايغا يېڭى كىتاب ئېلىپ سوۋغات قىلغۇم بارلىقىنى دېسەم، ئۇ بوۋاي ماڭا : ھازىرقى كىتابلارنىڭ بىزەمۇ تايىنى يوقكەن بالام، ئوقۇشقا مەيلىم يوق. مۇمكىن بولسا ماڭا تارىخى ئەمىنىيە، رۇستىمىي داستانى، پەيغەمبەرلەرنىڭ تارىخى، قۇل خوجا ئەخمەت يەسنەۋى...دېگەندەك كىلاسىك كونا كىتابلاردىن ئېلىپ بەرسىڭىز، دېگەنتى. كېيىن بۇ بوۋايغا كىلاسىك 4 پارچە كىتاب سوۋغات قىلدىم. بىراق، بۇ بوۋاينىڭ كىتابخۇمارلىقىغا قايىل بولغان بولساممۇ، كىتاب ئوقۇشتىكى كونا قېلىپقا چۈشىۋالغانلىقى ئىچىمنى پۇشۇردى. كىلاسىك كىتابلارنى چوقۇم ئوقۇشىمىز كېرەك، ئۇلاردىن تارىخىمىزنى، ئۆتمىشىمىز، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزنى بىلىمىز. ئەمما، بىر خىل كىتابنى نەچچە ئەۋلاد ئوقۇشنىڭ زۆرۈرىيىتى بارمۇ؟! بىر خىل كىتابنىڭ قوليازما نۇسخىسى، قازان باسمىسى، تاشكەنت باسمىسى، ھازىرقى باسمىسىنى يېنىش-يېنىشلاپ ئوقۇشنىڭچۇ؟! بىز شۇ كىتابلارنى كۆشەپ ياتامدۇق؟! كېيىنكى كۈنلەردىمۇ بىر نەچچە خىللا كونا كىتابنى قايتا-قايتا ئوقۇيدىغان چوڭلارنى تولا ئۇچىراتتىم. گەرچە ئۇلار كۆرۈنۈش جەھەتتە باشقىلاردىن ئىلمىي، سالاپەتلىك كۆرۈنسىمۇ مىڭىسى، تەپەككۈرى ۋە دۇنيا قارىشى يەنىلا تەيپىنەم زامانىسدا پىقىراپ قالىدىكەن. ئۇلاردا قىلچىلىك يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان بىر روھ بولمايدىكەن. بىكىنمە، تار مەزھەپچى كېلىدىكەن. مېنىڭچە بەزىلەر كىتابنى ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، بەزىلەر ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئوقۇيدۇ، يەنە بەزىلەر نىمە ئۈچۈن كىتاب ئوقۇيدىغىنىنىمۇ بىلمەي ئوقۇيدۇ. ئەسلىدە بىز كىتابنى بىلىش ئۈچۈن، ئۆگىنىش ئۈچۈن، يۈكسىلىش ئۈچۈن، قۇت تېپىش ئۈچۈن، غالىبىيەت ئۈچۈن ئوقۇشىمىز كېرەك. بىر كىتابنى ئوقۇپ ئاشۇ كىتابتىن تەسىرات ئېلىپ كىشىلەر بىلەن ئورتاقلىشالمىغان، مەلۇم بىر ئوي-پىكىر ۋە يېڭىچە كۆز قاراش ئىدىيىگە كېلەلمىگەن، پىتچىلىك چۈشەنچە ھاسىل قىلالمىغان ئادەمنى كىتاب ئوقۇدى، دېگەندىن كۆرە ئۇ كىتابنى ۋاراقلىدى دېگىنىمىز تۈزۈك. بىر قىسىم تەرەققىي تاپقان دۆلەت پۇقرالىرى بىر كىتابنى ئوقۇسا چوقۇم تەسىرات خاتىرىسى يېزىپ ماڭىدىكەن. ئاپتور بىلەن ئوخشىمىغان پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇلاھىزە قىلىدىكەن. بىزدە ئوقۇش قىزغىنلىقى بولغان بىلەن قانداق كىتابنى تاللاپ ئوقۇش بىر مەسىلىگە ئايلاندى. مۇشۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان نۇرغۇن رومان، كىتابلار نەشىر قىلىندى. قايسى كىتابلارنىڭ بازىرى چىقتى؟ قايسىسىنى ئوقۇرمەنلەر تالىشىپ يۈرۈپ سېتىۋالدى؟ نىمە ئۈچۈن؟ يەنە قايسىلىرى تىل تايىقىغا دۇچار بولدى؟ بەزى رومانلار قىسىملار يېزىلىپ بازار تاپقانمۇ بولدى، ئۇنى كىم ئوقۇدى؟ كىملەر ئوقۇدى؟ ئوقۇغاندىن كېيىن نىمە مەنپەتكە ئېرىشتى؟! ئۇنداق كىتابلار بازاردىن خۇددى بىر مەزگىل مودا بولغان كىيىمدەك غايىپ بولىدۇ، بەزى كىتابلار مەڭگۈلۈك چېقىندەك قەلبىڭىزنى ھەر ۋاقىت لەرزىگە سالىدۇ. يېزىش كېرەك، ئوقۇش كېرەك، ساۋادى بارلىكى ئادەم يازسا، ئوقۇسا بولىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە مۇنبەر، ئۈندىدارلار مەتبۇئاتلارنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلدى. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئوي-خىياللىرىنى تارتىنىپ، قورۇنۇپ ئولتۇرماي ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئەل جامائەت بىلەن ئورتاقلىشالايدىغان بولدى. مۇشۇنداق ئۇچۇرلاشقان دەۋىردە تېخى كىملەردۇر تەپ تارتماستىن 80-90% كۆچۈرۈلمە بىلەن تولغان روماننى ئېلان قىلىپ مات بولدى، يەنە كىملەردۇر مۇھەررىرلەرنى ئالداپ، بەزى ژورناللاردا چەتئەل تەرجىمە ئەسەرلىرىنى مېنىڭ ئىجادىيتىم دەپ ئېلان قىلدۇرىۋاتىدۇ. ئاخىرى نىمە بولىدۇ؟! نوچىسى ئۈلگىلىنىپ چاقنايدۇ، ناچىرى بارسە كەلمەسكە يول ئالىدۇ. شۇڭا يازايلى، ئوقۇيلى، ھامان بىر كۈنى ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك، خەلق ئەزىزلەرنى ئەزىلەپ، ساختىپەزلەرگە لەنەت ئوقۇيدۇ. 2015-يىلى « كىتاب ئوقۇش يىلى» بولۇپ بېكىتىلگەندىن كېيىن، يۇرت-يۇرتلاردا مۇناسىۋەتلىك ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە. تۆنۈگۈن 9-مارت باغداش مۇنبىرىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەرجاننىڭ ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىكىگە چىقارغان بىر يازمىسى دېققىتىمنى تارتتى. بۇ يازمىدا : ئەكبەرجان ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق كوچىلىرىدا يايما ئالدىدا دۈگۈدۈيۈپ ئولتۇرۇپ كىتاب ئوقۇۋاتقان بالىنى كۆرۈپ تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭدىن بۇ يىلنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى ئىكەنلىكىنى بىلدىغان، بىلمەيدىغانلىقىنى سورىغىنىدا، بالىنىڭ بىلىمەن، دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى، بۇ بالىغا بولغان قايىللىقى ۋە شۇ بالىغا ئاتاپ ئىككى پارچە كىتاب ئېلىپ قويغانلىقى يېزىلغان ئىدى. شۇ دەقىقىدىن باشلاپ خىيالىمغا بۇ يىل كىتاب ئوقۇش يىلى بولسا، كېلەر يىلىنى كىتاب سوۋغات قىلىش يىلى قىلساق بولماسمۇ؟ دەيدىغان تەخىرسىز خىياللار كاللامغا كىرىپ قالدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك، بىزدە ئۆزئارا كىتاب سوۋغات قىلىدىغان ئادەتلەرمۇ بار. بىراق، سوۋغات قىلغان كىتاب ئۆز ئىگىسىنى تاپالمايدىغان ھالەت بەك ئېغىر. بەزىلەرگە كىتاب سوۋغات قىلسىڭىز مەسخىرىسىگە ئۇچىرايسىز. مەن ۋە مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم بۇ يىلىقى خاسىيەتلىك شوئارنىڭ تۈرتكىسىدە باشقا يىللىرىدىكىدىن جىق كىتاب سېتىلۋالدۇق. ئەگەر كېلەر يىلىنى يەنى 2016-يىلىنى « كىتاب سوۋغات قىلىش يىلى » قىلىپ بىكىتسەك، بەلكىم بىز ئويلاپمۇ باقمىغان ياخشى ئۈنۈملەرگە ئېرىشىشمىز مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن بىزنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھەر بىر يىلىمىز تەبىئىي ھالدا كىتاب ئوقۇش ۋە كىتاب سوۋغات قىلىش يىلى بولۇپ قالغۇسى.
2015-يىلى3-ئاينىڭ10-كۈنى قومۇل
|