قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1058|ئىنكاس: 8
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

جان : يۇلتۇزى يوق شەھەردىن ھەزەر ئەيلە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

1

دوست

514

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   2.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 144
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يۇلتۇزى يوق شەھەردىن ھەزەر ئەيلە
(بىر دوستۇمنىڭ « بىز - يەتتە يۇلتۇز» ناملىق نەسرىي شېئىرىدىن ئىلھام )
جان


   ئاسمىنى  يوق  شەھەر بولامدۇ؟ يۇلتۇزى  يوق  ئاسمان بولامدۇ؟ - ئەمما  ئاسمىنى  يوق  شەھەر  بولماس.  مەيلى  شەھەر بولسۇن، ياكى  سەھرا، قىشلاق، دالا،يايلاق، نېمىلا بولمىسۇن  تۇپراقلا بولىدىكەن، ئۇ چوقۇم  ئاسمان  گۈمبىزىنىڭ  ئاستىدا.بىراق  يۇلتۇزى  يوق  شەھەر بولىدىكەن. ئەگەر  خۇدا يۇلتۇزنى  يارىتىپ  بەرمىسە، ئۇنى خالىغان كىشى، خالىغان  شەكىلدە كېسىپ، ئۇلاپ  ئاسمانغا  چاپلىۋالغىلى  بولمايدۇ- دە. مانا، مۇنۇ شەھەرنىڭ   ئاسمىنىدا يۇلتۇز يوق.
   كىچىك، ئۆسمۈر چاغلىرىمىزدا، مەھەللىمىزدە ھازىرقىدەك   بىنالار يوق  ئىدى. كوچىلارنىڭ   ئۇزۇنىغا، توغرىسىغاكېسىشىپ چاقماق شەكىللەندۈرگەن ، ئاھالىسى ئەڭ كۆپ بىزنىڭ مەھەللىدە، ئىككى  قەۋەتلىك  قورودىن   ئىككىسىلا بولۇپ، بىرى  سادىق  ھاجىمنىڭ، بىرى  بىزنىڭ ئىدى. سادىق   ھاجىم   قاچانلاردىكىن  بىر زامانلاردا  ئەمەلدار بولغانلىق  گۇناھى  ئۈچۈن،ئۇنى  كېيىنكى  شەھەر باشلىقى   ئاتتۇرىۋېتىپ،قورۇسىنى  تارتىۋالغان  ئىكەن. بىزنىڭكىنى بولسا، دادامغا بۇرژۇئاز قالپىقىنى كەيدۈرۈپ  قويۇپ، ئۈستۈنكى  قەۋىتىنى  تارتىۋالغان، يەر قەۋىتىدە بىزنىڭ كۈن  كەچۈرۈپ  تۇرىشىمىزغا رۇخسەت  قىلغان  ئىدى.
   ئۇ چاغلاردا مەكتەپتە  ئوقۇيدىغان  ئىش  يوق.مەھەللىمىزدىكى  ئۆسمۈرلەر ، بوۋايلار، مومايلار  بۇلۇڭ، بۇلۇڭلارغا  سىغدىشىپ  ئولتۇرۇپ « قاق   يېيىشەتتۇق».  – سەن  قانچىتال قاق  يېدىڭ؟ - بىر تال. سەنچۇ؟- بەش  تال.ئاۋۇچۇ؟- ئىككى  تال. ھە، ئۇنداق  بولسا، ئېيتە ھېكايەڭنى! مانچە تال  قاق  يېدىم -دېگەن  گەپ، شۇنچە  تال ھېكايە  ئېيتىمەن- دېگەن  بولاتتى. ئەلۋەتتە، بوۋايلار،مومايلار قاقنى  كۆپ  يەيتتى.
     بالىلارنىڭ  قىزىقىدىغىنى – بۇرۇنقى  زامانەمدەبىر پادىشاھ  ئۆتۈپتىكەن- دېگەندەكلەر  بولماستىن،بەلكى كۆزىگە چېلىقىپ تۇرىدىغان   نەرسىلەرئىدى.   بولۇپمۇ  ئاسمان  تەرەپتىكىسى. بالىلار ھاڭۋاقتى  كېلىدۇ. يېڭى  ئايىغى  چىقىشى  بىلەنلا،ئۆزىدىن  قانچە  ھەسسە  ئېگىز بويلۇق  ئاتا،ئانىسىغا خۇددى   چۇڭقۇر  ئويمانلىقتىن  تاغنىڭ  چوققىسىغا تەلمۈرگەندەك،  يۇقىرىغا قاراپئۆسۈشكە باشلايدۇ . مامكاپلىقتىن  يۇمران  قانات  قېقىپ، يۇقىرىغا   ئۆرلىگەن كېپىنەكلەر، ئاخشامغا  يېقىن  ۋىچىرلاپ  ئاسمانغا  ئۆرلەيدىغان  قارلىغاچلار، ئەتىياز ۋە كۈز پەسلىدىكى  ئاسماننىڭ قەرىدە پەرۋاز قىلىدىغان   لەگلەكلەر،  يەنە  نۇرغۇن  قىزىقارلىق  نەرسىلەرنىڭ  ھەممىسى  ئاسمان تەرەپتە بولغاچقا، ئۆسمۈرلەر ھاڭۋاقتى  كېلىدىكەن. بەزىدە ئېزىپ،تېزىپ  گۈلدۈر قاراسلاپ،ئۇچۇپ  ئۆتىدىغان  ئايروپىلاننىڭ  ئارقىسىدىن  ئەگىشىپ: خەت  تاشلاپ  بەر ئارپۇلاڭ!- دەپ،ۋارقىراشلىرى،ھاڭۋېقىپ يۈگۈرۈپ، دەرەخكە، تامنىڭ  دوقمۇشلىرىغا ئۈسۈۋېلىپ  ئوڭدىسىغا يىقىلىشلىرى، ئىشقىلىپ  بالىلار ھاڭۋاقتى. ئۇلارنىڭ  قىزىقىدىغىنى  ئاسماندا. شۇڭا  قاق  يېگەن  بوۋاي، مومايلار بالىلارنى   سۆيۈندۈرۈش  ئۈچۈن، جەزمەنكى  ئاسمان  تەرەپتىن  ھېكايە ئېيىتپ  بېرىشلىرى  شەرت.
    ئانىسىنىڭ  ئىسسىق  يۈزىگە  ئۈلگۈرەلمەي، ئارمانداقالغان  يەتتە  ئوغۇل  ھەسرەت  چېكىپ، جىنازىنى  يەردە قويماي، قىيامەتكىچە  كۆتۈرۈپ ماڭىدۇ. ئەنە! ئاۋۇ يەتتە  يۇلتۇزنى  كۆردۈڭلارمۇ بالىلىرىم. ھە، ئاشۇ قۇتبۇل  ئەقتاب يۇلتۇزى. يەتتە ئوغۇلنىڭ  سۇرى. ئاۋۇ پارقىراپ، نۇر چېچىپ تۇرغىنى چولپان.  ئۇ بەخت يۇلتۇزى. ئاۋۇ بىر ساپ   ئۈزۈمدەك   ساڭگىلاپ تۇرغىنى  ئۈكەر يۇلتۇزى. ئۇ  مەمۇرچىلىقنىڭ  ئەلچىسى. بالىلىرىم، ئاڭلىمىدۇق دېمەڭلار، ئاسماندىكى ھەر بىر يۇلتۇزنىڭ بىر تۈرلۈك خاسىيىتى بار. ھەر بىر  ئادەمنىڭ ئاسماندا بىر يۇلتۇزى بولىدۇ. تەلەيلىك كىشىنىڭ يۇلتۇزى بەك چاقنايمىش ..... بالىلىرىم! ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، يۇلتۇزى  يوق شەھەردىن  ھەزەر ئەيلىمەك  باردۇر!
    بىز ھاڭۋېقىپ، ئاسماندىن  يۇلتۇزىمىزنى  ئىزدەيتتۇق. بەك  چاقنىغان  يۇلتۇزنى- ئاۋۇ مېنىڭ يۇلتۇزۇم- دەۋالاتتۇق.  ھەمدە  – توۋا خۇدايىم، توۋا! يۇلتۇزى  يوق  شەھەربولامدۇ- دېيىشەتتۇق، ياقىمىزنى  چىشلەپ.بولىدىكەن. مانا  بىزنىڭ  شەھەرنىڭ  يۇلتۇزى  يوق. ئاسمان دېگەندە  يۇلتۇز بولمىسا، بىزنىڭ  شەھەردەك قاراڭغۇلۇقتا  قالىدىكەن  ئىنسان. كەچ  كىرىپ  كۈن  پاتقاندىن  كېيىنلا،  تۈن  قاراڭغۇسى  ياغىدۇ بىزنىڭ  شەھەرگە. ھېچنېمىنى   پەرق  ئەتكىلى  بولمايدۇ. خۇددى  قۇياشنىڭ  پېتىشى  بىلەن  تەڭلا كۆزىمىزنى ئويۇپ  ئېلىۋالغاندەك ، دەھشەت  قاراڭغۇلۇقتا  قالىمىز.ئاخشىمى كوچىغا   چىقىشتىن قورقىدۇ بىزنىڭ  شەھەرنىڭ  كىشىلىرى. بىر نەرسىگە  ئۈسۈۋالىدىغان  گەپ. بىر نەرسىگەئۈسۈۋالسىغۇ  كارى  چاغلىق. ياكى بېشى يېرىلىدۇ. ياكى  بولمىسا  بۇرنى  قانايدۇ. ئەمما بىرلىرىنىڭ  بوڭزەكتەك  كۆپۈپ  تۇرغان  قورسىقىغا  ئۈسۈپ  قالسىچۇ! بەك  خەتەرلىك. بۇشەھەردىكى   پوڭزەك قورساقلارنىڭ  ھەممىسىلايۈزى  چوڭ، سۆزى  چوڭ، پىچىقىنىڭ  ئالدىمۇ، كەينىمۇ، سېپىمۇ  كېسىۋىرىدىغانلاردۇر. ئۇنداقلارغا ئۈسۈپ  قالغان  كىشى   ئۇدۇل  تۈرمىگە  كىرىپ  كېتىدۇ.  بىزنىڭ  شەھەرنىڭ كىشىلىرى  تۈرمىدىن  بەك  قورقىدۇ. چۈنكى  تۈرمىنىڭ  كىرىش  ئىشىكى  بار. چىقىش  ئىشىكى يوق. كىرگەن  ئادەم  شۇ  يەردە  ئىز-دېرەكسىز  غايىپ  بولىدۇ. شۇڭا  ئاخشىمى  تالاغا  چىقتى دېمەك، بالاغا  چىقتى  دېمەكتۇر.
   ئاينىڭ ئون بەشى قاراڭغۇ،ئون بەشى ئايدىڭ - دەيمىزغۇ!لېكىن  بۇ  شەھەردە  ئاۋۇ   قاراڭغۇ  بولغان  ئون بەشىغۇ قاراڭغۇ  بولۇپ تۈگەيدۇ.  ئەمدى ماۋۇ ئايدىڭ  بولىدىغان  ئون  بەشىدە، ئاسمانغاقېلىن  تۇمان  ئۆرلەيدۇ. چاقماق  چاقىدۇ. گۈلدۈر ماما  ھەيۋە كۆرسىتىدۇ. ياز بولامدۇ، قىش   بولامدۇ    قاراڭغۇنىڭ   نېمە  كارى. قار  يېغىۋاتقان  تومۇزدىمۇ. يامغۇريېغىۋاتقان  قەھرىتاندىمۇ. ئىشقىلىپ، ئايدىڭ  بولىدىغان ئون بەشى ئاشۇنداق   زۇلمەتتە ئۆتۈپ  كېتىدۇ.  
   بولمىسا شەھەر باشلىقىنىڭ  پەرمانىغا  بويسۇنۇپ، يورۇقلۇق  پۇلى، يورۇقلۇق  بېجى، يورۇقلۇقنى ئىسراپ   قىلغاننىڭ  جازاسى، مۇھىت  بېجى، مۇھىت ئاسراش  سىتراخانىيە  پۇلىسى، لامپۇچكا  پۇلى، توك  يولى  بېجى، سىمتاناپ  پۇلىسى،يۇرۇقلۇققا  ئولىشىۋالىدىغان  ھاشارەت  يوقىتىش  ھەققى، ئايدىڭدا  كۆرۈش  بېجى، كۆزنۇرىنى  تېجەش بېجى.... ۋاي،ۋاي،ۋاي... شەھەر باشلىقىنىڭ  پەرمانلىرى  شۇنچىلىك ساناقسىزكى، كۈن  كۆتۈرۈلۈشتىن   باشلاپ،كۈن  پاتقىچە  ئىشلىسەك، بارلىق تۆلەمدىن  ئېشىپ، ياكى  قورسىقىمىزغىلا  كىرىدىغىنى، ياكى  ئۇچىمىزغىلا  چىقىدىغىنى. باشقىسىغا ئامىن  ئاللاھۇ! قورسىقىمىزغا  كىرىدىغىنى  قانچىلىكتى؟ - قۇۋۇرغىمىز   سانىلىپ  تۇرىدۇ. ئۇچىمىزدىكىسىچۇ؟ - بىزنىڭ شەھەردىكى  پىت  بازىرىنىڭ  ئاۋاتلىقىدىن   بىلىنىپ  تۇرىدۇ..... لېكىن  شەھەر كوچىلىرىدا  لامپۇچكا تۇرماق، بىرەر   جىن  چىراقمۇ  تېپىلمايدۇ.  
    قېرىشقاندەك ماۋۇ - كۈن  دەيدىغان  نەرسىمۇ بەك  قىسقىراپ  كېتىۋاتاتتى. بىر كۈنى  ئىشتىن قايتىشىمدا، ئىشلەپ  تاپقان  پۇلۇمغا بىر تال  شام   سېتىۋالدىم.  ئاشقىنىغا  پۇتاپ،ئوتاپ  بىر ياققا  دۆۋىلەپ  قويغان، يېرىمى  سېسىق  كۆكتاتتىن   بىر  ئاشلىق، چالا تاسقالغان، كېپەك  ئارىلاش  ئەزان   ئۇندىن  بىر ئاشلىق  ئالدىم. قاراڭغۇ چۈشۈپ  كەتسە بىرلىرىگە  ئۈسۈپ  قالماي-دەپ، ئۆي  تەرەپكە  چاپتىم. تۈن  قاراڭغۇسىمۇ  ئارقامدىن قوغلىشىپ   ئۆيگىچە  بېسىپ  كەلدى.  شامنى يورۇتۇپ، تاماققا  تۇتۇش  قىلدىم. تۇيۇقسىز  ئىشىك  ئەنسىز  قېقىلدى. ئېچىشىمنى كۈتمەيلابىرىنىڭ كەينىدىن يەنە   بىرى قىستىلىشىپ، سەككىز ئەمەلدار ئۆيۈمگە  لىق تولدى.
     - شامنى  قانچىگە  ئالدىڭ؟ سورىدى  باجگىر ئەمەلدار. دۇكاندىن  ئالغىنىمنى  ئېيتسام  جەزمەنكى  سېتىۋېلىش  بېجى  ئالىدۇ. شۇڭا ئەقلىمنى   ئىشلىتىپ-  مەرھۇم  دادامدىن  مىراس  قالغان- دېدىم، ھۇدۇقماي. ئۇنداق  بولسا مىراس  بېجى  تۆلەيسەن!- دېدى  باجگىر  قاپىقىنى  تۈرۈپ. شۇنىڭ   بىلەن – مىراس بېجى،يۇرۇقلۇق  بېجى، مۇھىتنى  بۇلغاش  بېجى، شام  يېقىپ  ھاشارەت  توپلىغاننىڭ  جازاسى، مىراس ئالغان  مۈلۈكنىڭ   بېجىنى ۋاقتىدا  تۆلىمەي، كېچىكتۈرگەنلىكنىڭ جازاسى، تۈن قاراڭغۇسىدا شام  يېقىپ، تېنچلىققا  دەخلە  يەتكۈزگەننىڭ  جازاسى..... ئىككى  باجگىر  بەس   بەستە  باج تالۇنى  كەسمەكتە. ئىككى  نەپەر  باقاۋۇل،ئىككى  نەپەر   ئاتارمەن، ئىككى  نەپەر گۇندىپاي  ئۆز خىزمەتلىرىنىڭ  تەييارلىقىدا چىشلىرىنى  غۇچۇرلىتاتتى. بىر نەرسە دېسەملا  ھېلىقى  كىرمەك  بار، چىقماق  يوق  قەسىرگە  بەنت  قىلىنىدىغان  گەپ. خەير، جان بولسا  جاھان، ئاش  بولسا  قازان- دەپتىكەن، بولا   بىر گەپ- دېدىمدە، ئۆيۈمدىكى  قولغا  چىققۇدەك ھەممە  نەرسىنى  باج  تالۇنىغا تۇتۇپ  بەردىم. ئۇمۇ  چىقىشماي، ئابيام  سېتىۋالغان  كېپەك ئۇن، چالا سېسىق  كۆكتاتلىرىمنىمۇ  بېرىۋەتتىم.  مېنىڭ  ئاچ  قېلىشىم  بىلەن  كىمنىڭ  كارى.
     قىسقىسى  يۇلتۇزى  يوق  شەھەردىن  ھەزەر  ئەيلەش كېرەك. چۈنكى  يۇلتۇزى  يوق  شەھەردىكىلەرنىڭ   رىسقىدا، ئۆمرىدە، ھەميانىدا بەرىكەت  يوق. كىشىلەر  تەلەيسىز.
  ھەي، شۇ   ئاسماندىكى  يۇلتۇزلارغا  قاراپ، ھاڭۋېقىپ قالىدىغان  بالىلىق  چاغلار. شۇ  يۇلتۇزلۇق  مەھەللىلەر....   

0

تېما

0

دوست

96

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31998
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 30
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سۆيۈملۈك يازمىكەن

    « خۇددى كۆزىمىزنى ئويۇپ ئېلىۋالغاندەك دەھشەت قاراڭغۇلۇقتا قالىمىز .....» مەن بۇ تەسۋىرنى ياقتۇردۇم .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

790

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34298
يازما سانى: 85
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 220
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
سەۋىرنىڭ  تىگى  ئالتۇن،،،،،،،

5

تېما

2

دوست

2333

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15646
يازما سانى: 208
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 682
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يەر
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
يۇلتۇزى  يوق  شەھەردە خوشاللىق يوق.

0

تېما

0

دوست

20

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   6.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34695
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-11
5#
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھازىر سۈنئى يۇلدۇزلار ياسىلىۋاتىدۇ، سۈنئى ھەمراھ بۇنىڭ بىر تۈرى.

0

تېما

4

دوست

1365

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   36.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33619
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 392
توردىكى ۋاقتى: 143
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
6#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قۇتبۇل ئەقتاب قايسى تەرەپتە ، قايسى يۇلتۇزنى كۆرسىتىدىغاندۇ ؟ ئۇيغۇرچە ئىسمىما بۇ ؟

2

تېما

69

دوست

6313

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24182
يازما سانى: 582
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 1894
توردىكى ۋاقتى: 414
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
7#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
karimop يوللىغان ۋاقتى  2015-3-11 22:18
ھازىر سۈنئى يۇلدۇزلار ياسىلىۋاتىدۇ، سۈنئى ھەمراھ بۇنى ...

ھاۋانىڭ دەستىدىن راس يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيۋاتسا يالغان يۇلتۇزلار قانداقمۇ كۆرۈنسۇن

ئەنسار

0

تېما

0

دوست

133

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   44.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34705
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 26
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
8#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
زىرەك يوللىغان ۋاقتى  2015-3-12 10:33
ھاۋانىڭ دەستىدىن راس يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيۋاتسا يالغان  ...

راستىن يالغاننى كۆرمەك ئاسانغۇ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )