- تىزىملاتقان
- 2011-9-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-16
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2287
- نادىر
- 3
- يازما
- 76
ئۆسۈش
9.57%
|
ئايتاراتىنىڭ « قومۇلغا قايتىش» ناملىق شېئىرىنى چۈشىنش
دىلئارام ۋەلى
كۆپكۈك ئاسمان- كەڭلىك، سۈزۈكلۈك، تاكى تۇغۇلۇپ تەبىئەتكە دىققەت قىلىپ، ئۇنى ھېس قىلالايدىغان بولغاندىن تارتىپ، تا ھازىرغىچە بولغان تەبىئەتنىڭ گۈزەللىكىگە بولغان تۇيغۇلارنىڭ يىغىنچانلىىنىشى.
تاكسىچىلارنىڭ چىرىغى: تاكسىچىلارنىڭ ئەستە قالىدىغان قانداق ئالاھىدىلىكى بولىدۇ؟ بىراۋنى مەنزىلگە يەتكۈزۈش. ئارىلىقتا يەنە بەلكىم شائىرەنىڭ ئېسىدە قالىدىغان خىرە- شرە ئەسلمىلەر بولىدۇ. چىراغ: يورۇقلۇق چىقىرىدۇ ۋە كەچتە يېقىلىدۇ. نۇر، يورۇقنىڭ ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىدا ھەر ۋاقىت ئايدىڭلىقنى، يورۇقلۇقنى تونىغاندىكى ۋە ئۇنىڭدىن خۇشال بولغاندىكى تۇيغۇلىرىغا يېقىن تۇرۇپ كەلدى.
ئاسماندا ئېسىلىپ تۇرغان ئاي: نېمىشقا ئېسىلىپ تۇرىغان دېيىلدى: قومۇلدا ئۈزۈملەر ناھايىتى جىق، ئۇ باراڭغا ئېسىلىپ تۇرىدۇ، شائىرە مۇشۇ تەپەككۇر بويىچە تۈردەشلەشتۈرۈپ، ئۈزۈم ئېسىلغاننى كۆرگەندەك، ئاينىمۇ مەلۇم بىر نەرسىگە ئېسىلغاندەك چۈشەنگەن، ئەمەلىيىەتتە ئاي ئېسىلاي دېسە بېغى يوق، ئۇ تاتىرىش كۈچى ئارقىلىق پېلانتلار ئارىسىدا لەيلەپ تۇرىدۇ. ئېسىلىش ئۈچۈن ئىككى نەرسە مەلۇم باغ ئارقىلىق باغلىنىپ تۇتۇشى كېرەك. قىسقىسى، بۇ يەردە تۈردەشلەشتۈرگەن تەپەككۇر بار.
نېمە ئۈچۈن ئاي؟ ئاي ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇرىدا بەك جىق ئىشلارنى چۈشىنىشتە سىمىۋول قىلىنىپ كەلدى، ئۇنىڭغا باغلىندىغان شەيئىىلەردىن كاللىغا كېلىدىغىنى: ئاسمان، كېچە، يۇلتۇز، ئاينىڭ يۈزىدىكى داغ، قومۇلدىكى قىزلارنى ئاي دەپ ئاتاش ئادىتى.....
نېمىشقا ئالدىنقى تۆت مىسرادىن كېيىن ئۇلارغا قارىماققا ھېچ باغلىنىشىقى يوق « مەن ئۆزۈمنى قۇمۇلدا دەپ ئويلايمەن»؟ توككىدىلا پەيدا بولدى؟ بەلكىم شائىرە يوقىرىقى تۆت مىسرالاردىكى ئۇقۇملارغا مۇناسىۋەتلىك بىر ئۇقۇملار كاللىسىدا بىر يەرگە يىغىلغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى قۇمۇلدا ياشىغان چاغلىرىدا ھېس قىلىپ، ئۆز تۇيغۇلىرىغا ئايلاندۇرۋانلىقىنى سېزىپ قالغان ۋە ماكان جەھەتتىكى ئۇقۇمى غۇۋالىشىپ، پەقەت ئېسىدە قالغان قۇمۇلدىلا ئۆزىنى باردەك ھېس قىلغان.
« ھېچنىمىگە قارىماي قۇمۇل شېۋىسىدا سۆزلەۋاتقان يول» بىرىنچىدىن يولنىڭ كۆزى يوق، ئىككىنىچىدىن سۆزلىيەلەيدىغان ئېغىزى يوق، ئۈچىنىچدىن ئالدىدىكى تاللاشلارغا قارىتا ئۇلاردىن پەقەت بىرىنىلا تاللىيالايدىغان مېڭىسىمۇ يوق. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى مېتافورىلاشتۇرۇلغان، يەنى ئۆزىنى قومۇلغا ئاپىرىدىغان يولدا، شائىرە ھېچنىمىگە قارىماسلىقىنى، پەقەت ۋە پەقەت قومۇل يولىغىلا ماڭغۇسى كەلگەن، قومۇل شېۋىسىدىلا سۆزلىگۈسى كەلگەن ئارزۇسىنى ئىپادىلىگەن. ئاقىۋەت ئۆزىگە ۋاكالىتەن يول قۇمۇل شېۋىسىدە « شائىرەدىن سەن كىمسەن، ( زادى) كىمدۇرسەن؟» دەپ قايتا- قايتىلاپ سورىغان. شائىرە نېمە ئۈچۈن بۇ سوئاللارغا مۇھتاج بولدى؟ بەلكىم شائىرە ھاياتىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىگە، ھاياتىدىكى تاللاشقا نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ نەگە تەۋە ئىكەنلىكىگە قارىتا ئىككىلىنىش، ئويلىنىشتا بولغاندۇر.
قومۇلغا قايتتىم ئاخىر: شائىرە ھەقىقەتەن قومۇل تۇپرىقىغا قايتىپ كەلگەندۇ، ياكى ئۆزىنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى قەيەرگە تەۋەلىكى ھەققىدە ئىككىلىنىشلەرگە جاۋاپ تېپىپ، كۆڭلى تىنىپ، قومۇلغا قايتىپ كەلگەندەك تۇيغۇدا بولغاندۇ.
شائىرەنىڭ ھازىرىقى يۇرتى بىلەن قومۇل ئارىسىدا ھەقىقەتەن ئۇزۇن يول بار، قۇملۇقلار بار، ئەمما شائىرە بۇنى ئۆزى باسماستىن ياكى كەسمەستىن، مەلۇم قاتناش ۋاستىسى ئارقىلىق تاماملايدۇ، بۇ يەردە ھېسىياتىدا بۇلارنى ئۆزى بىۋاستە باشتىن كەچۈرگەندەك ھېس قىلغان. بۇنداق ئىپادىلەش ئۇيغۇر تىلىدا قېلىپلاشقان ئۇقۇمغا ئايلىنىپ كەتكەن، يولنىڭ ئۇزاق، سەپەرنىڭ مۈشكۈل ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
نۇرغۇن ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، نۇرغۇن ھېكايىلەرنى ئاڭلاپ: دېمەك بۇ سەپەرداشلار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئىش، بۇ ئورتامدا بىردىن ئارتۇق ئادەم بار، بۇ ئورتام بەلكىم پويىزدۇر، ئايرۇپىلاندۇر.... ئەگەر بۇرۇنقى چاغلار بولغان بولسا، ئەلۋەتتە ئاياغ ئاستىدا قىلىۋاتقان نەق يوللار ۋە سەپەرداشلار ۋە شۇ يەردىكى مەنزىرە بولغان بولاتتى. ھېكايە: ھېكايە دېسە، ئۇيغۇرلارنىڭ تەپەككۇرىغا ئاخشىمى ئۇخلايدىغان ئاڭلايدىغان ھېكايە، ھەممەيلەن مۇشۇ چاغدىكى تۇيغۇنى بىر ئۆمۈر ئۇنتۇمايمىز دېگەنلەر ئالدى بىلەن كېلىدۇ. يەنى ھېكايە سۆزى بىر يېقىملىق تۇيغۇ بېرىدۇ.
ئادەملەر سەپەردە ھامان ھېكايە ئېيتىشىدۇ، بىر- بىرىنى مەلۇم جەھەتتىن بىلىشىدۇ، ئادەملەرنى چۈشىنىش ( ئۆزىنى چۈشەندۈرۈش، ئۆزگىنى چۈشىنىش) دائىم ئىنسانلاردا بىر خىل رازىمەنلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ئىككى مىسرالاردىمۇ مۇشۇنداق بىر يېقىملىق تۇيغۇنى ئەكس ئەتتۈرۈش مەقسەت قىلىنغانىكەن.
بىر تال چىراغدۇرمىز ھەممە يەرگە نۇر چاچقان: بۇ مىسرادا بەلكىم ئۇيغۇرلاردا كەڭ ئۇمۇملىشىپ كەتكەن ئوقۇتقۇچى- شامدۇر، دېگەن مېتافورا رول ئوينىغان بولىشى مۇمكىن. شام، چىراغ قاتارلىقلارنىڭ رولى ئوخشاپ كېتىدۇ، شۇڭا بۇلارنىڭ ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشى نورمال. پەرىزىم خاتا بولمىسا، شائىرە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغۇ دەيمەن. يەنە بۇ مىسراغا ئۆزىنىڭ يەنىلا مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ كېتىۋاتقانلىقىغا نىسبەتەن تەسكىن تاپقانلىق ھېسىياتىمۇ سىڭگەندەك قىلىدۇ.
بىر تال قۇغۇندۇرمىز قىرىقبىر ئۇرۇقى بىر يەردە قالغان: نېمە ئۈچۈن قوغۇن؟ چۈنكى قومۇلدا ياشىغان كىشىلەرگە نىسبەتەن قوغۇنغا مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەر شۇنچىلىك تەبىئىي سىڭىپ كەتكەنكى، ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت پۇرسەت تاپسىلا ئىپادىلىنىش ئېھتىماللىقى بەك يوقىرى. « قوغۇنچى قىز» نىڭ ھەيكىلىمۇ ناھايىتى ھەيۋەتلىك ھەم ھەممە ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان ئاۋات يەرگە ئورنىتىلغان.
نېمە ئۈچۈن قىرىق بىر ئۇرۇقى بىر يەردە قالغان؟ بۇنى شائىرە ئۆزى چۈشەندۈرگەي: قۇتلۇق سانلارغا بولغان قېلىپلاشقان ئىبارە بولۇشى مۇمكىن.
ئاخىرىقى مىسرالىرىدا ئاخىرىقى مىسرالىرىدا يوقىرىدىكى ئۆزى پەيزى ھېس قىلغان، يۈز بېرىشىنى بەك ئارزۇ قىلغان ئىش، نەرسىلەرنىڭ ھەممىىسىنىڭ قومۇلغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى جەزملەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، بىر قانچە تەۋەلىكلەرنى ئېنىقلاشتۇرغان، شۇ خۇشاللىقتا كاللىسىغا قومۇل ناخشىلىرىدىكى
«ئۆرگىلىپ ئوينايلى ، چۆرگىلىپ ئوينايلى» دېگەن ئىككى مىسرا كەلگەن، ئۇنىڭ قەلبىدە قوزغىغان مۇزىكىسىغا تەڭكەش قىلىپ، ئۆزىنىڭ پۈتۈنلەي قومۇلدا ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرگەن. يەنە ناخشا خۇشاللىقنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان. تەپەككۇرىدا قومۇل- ئوتۇن، باغىر- كاۋاپ دېگەن ئۇقۇملاشتۇرۇشلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ قومۇلغا قانچە زارىققان كۈچلۈك ھېسىياتىنى كۆيگەندىكى تۇيغۇغا تەققاسلاپ، شېئىرىنى تۈگەتكەن.
شائىرەنىڭ قەلىمىگە قۇۋۋەت، تەپەككۇرىغا ئوچۇقلۇق، ھاياتىغا قۇتلار بولسۇن!
|
|