قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1181|ئىنكاس: 5

«تورپاق يېغىلىقى» توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

25

تېما

1

دوست

1406

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   40.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30148
يازما سانى: 47
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 60
تۆھپە : 438
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

«تورپاق يېغىلىقى» توغرىسىدا
ئوسمان تۆمۈر

«تورپاق يېغىلىقى» 1907-يىلى قوزغالغان، قومۇل تارىخىدىكى مەشھۇر دېھقانلار قوزغىلاڭلىرىنىڭ بىرى. بۇ قوزغىلاڭغا «تورپاق» لەقەملىك ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن رەھبەرلىك قىلغاچقا، ھەم تورپاق جەمەتىنىڭ كىشىلىرى كۆپرەك قاتناشقاچقا، قوزغىلاڭنىڭ نامى شۇلارنىڭ لەقىمى بىلەن ئاتالغان.
مەشھۇر تارىخچى موللامۇسا سايرامىي «تارىخىي ئەمىنىيە» ناملىق ئەسىرىدە: «قومۇل ۋاڭلىقىنىڭ تاغدىكى يىلقىلىرىنىڭ سانىنى بىلىپ بولمايدۇ. تاغدىكى قويلىرى 270 قوتان (ھەر بىر قوتاندا 700دىن 1200گىچە مال بار)، كالىنىڭ سانىنى بىلىپ بولمايدۇ. ۋاڭلىقنىڭ تېرىلغۇ يېرى قومۇلدىكى بارلىق تېرىلغۇ زېمىننىڭ تۆتتىن بىر قىسمىغا تەڭ» دەپ يازغان. قۇمۇل ۋاڭىنىڭ ئەنە شۇنداق كۆپ چارۋىلىرىنى بېقىش، يەرلىرىنى تېرىش مەجبۇرىيىتى دېھقانلارغا يۈكلەنگەنىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈگىمەس ئالۋان-ياساق، باج-سېلىق، ئۆشرە-زاكات، پىترە قاتارلىقلار قومۇل دېھقانلىرىنى ھالىدىن كەتكۈزدى. يەنە مەخسۇس ھەربىيلەر ئۈچۈن خەلقتىن ھۆكۈمەت باھاسىدا ئاشلىق سېتىۋېلىناتتى. بۇ ئاشلىق «سېتىق ئاشلىق» دەپ ئاتىلاتتى. نۇرغۇن دېھقانلار مۇشۇنداق سېلىقلارنىڭ دەستىدىن بارلىق بىساتىدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانىدى.
شامالچار باغلىق دېھقانلاردىن تورپاق راجى، تورپاق زارىپلارغىمۇ 13 دادەن «سېتىق ئاشلىق» سېلىقى چۈشىدۇ، بالا-چاقىسىنى باقالماي يېرىم ئاچ، يېرىم توق كۈن ئېلىۋاتقان بۇ ئاكا-ئۇكىلار ئامالسىز لاپچۇق يېزىسىغا قېچىپ كېتىدۇ. قومۇل يار تۈگمەندىكى دېھقان جەرۇللاغا بەش دادەن «سېتىق ئاشلىق» سېپىلىقى سېلىنىدۇ. جەرۇللا بۇنچىلىك ئاشلىقنى تاپشۇرۇشقا قۇدرىتى يەتمەي، جىگدە دەرىخىگە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا قومۇل ۋاڭى ئىگىلىۋالغان تارانچى كۆمۈر كېنىدا دائىم دېگۈدەك ئۆلۈم ھادىسلىرى يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. بىر قېتىم تارانچى كۆمۈر كېنىدا بىر قېتىمدىلا 17 ئادەم ئۆلۈپ كېتىدۇ.
قەيەردە زۇلۇم بولىدىكەن، شۇ يەردە خەلقنىڭ زۇلۇمغا قارشى كۈرىشى پارتلىماي قالمايدۇ. كىشىلەرنىڭ يۈرىكىدە ئۇزاقتىن بۇيان ساقلىنىپ كېلىۋاتقان غەزەب ئوتى ئاخىر زۇلۇمغا قارشى چوڭ يانغىنىغا ئايلانماي قالمايدۇ. «تورپاق يېغىلىقى» ئەنە شۇنداق چوڭ يانغىنلارنىڭ بىرىدۇر.
خەلق ئاممىسى ئۆز خوجا ئەمەت، پاختا قېپى دۇگامەت، تورپاق موللا راجى قاتارلىق كىشىلەرنىڭ باشچىلىقىدا قوزغىلىپ قومۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتقا ئۆزلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى قويىدۇ. شاھ مەخسۇت خەلق ۋەكىللىرى يەتكۈزگەن تەلەپلەرگە قىلچە پىسەنت قىلمايدۇ. بۇنىڭدىن تېخىمۇ غەزەبلەنگەن دېھقانلار قوزغىلاڭغا قاتنىشىدۇ، نەتىجىدە قوزغىلاڭغا قاتناشقان ئادەم سانى 1000دىن ئېشىپ كېتىدۇ. خەلق قوزغىلاڭچىلىرى قومۇل ۋاڭ ئوردىسى جايلاشقان شەھەر ئىچى سېپىلىنىڭ جەنۇبىي دەرۋازىسىنىڭ 400 مېتىر غەربىي جەنۇبىدىكى تەبىئىي دۆڭلۈك ھەم قەدىمكى قەبرىستانلىق «گۈمبەز باغ» قوزغىلاڭنىڭ مەركىزى قىلىدۇ.
قوزغىلاڭچىلار 1907-يىلى 5-ئايدىن 7-ئايغىچە ئۈچ ئاي شەھەر ئىچىگە كىرىدىغان يوللارنى قامال قىلىپ، ۋاڭ ئوردىسىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىدۇ. قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن ئۆز خوجا ئەمەت، پاختا قېپى دۇگامەت قاتارلىق كىشىلەر خەلق ئىچىدە ۋاڭلىققا قارشى تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ خەلقنى قوزغايدۇ. شاھ مەخسۇت ۋاڭ ئايماق بېگى بىلەن بىرلىشىپ، دېھقانلارنىڭ تەلەپلىرىگە ماقۇل بولغان بولۇپ، ھىيلە ئىشلىتىپ، ئۆز خوجائەمەت قاتارلىق كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىدۇ ھەم چېرىكلەر سېپىل ئۈستىدىن ئوق چىقىرىپ، قوزغىلاڭچى دېھقان توختى، جامال، ھوشۇر قاتارلىقلارنى ئېتىۋىتىدۇ. خەلق تېخىمۇ غەزەبلىنىپ، تۇتقۇن قىلىنغانلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ شەھەر دەرۋازىسىغا ھۇجۇم قىلغاندا، شەھەر مۇھاپىزەتچىلىرى شەھەر دەرۋازىسىنى يېپىپ، شامالچارباغلىق قارنى قارا توختى دېگەن كىشىنىڭ بېشىنى دەرۋازىغا قىسىپ، بوينىنى ئۈزۈۋېتىدۇ.
خەلقنىڭ غەزىپى كۈچىيىپ، قوزغىلاڭ ئۇلغىيىپ، ۋاڭ بىلەن ئايماق بېگى ئامالسىز قالغان بىر پەيتتە، ئاقسۇغا دوتەيلىككە تەيىنلەنگەن ياڭ زېڭشىن لەنجۇدىن قومۇلغا يېتىپ كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۈي تېلېگرامما ئارقىلىق شاھ مەخسۇت مەلۇم قىلغان ئەھۋالغا ئاساسەن، ياڭ زېڭشىنغا قومۇلدا تۇرۇپ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدا بۇيرۇق بېرىدۇ. ياڭ زېڭشىن بىر تەرەپتىن دېھقانلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالغان بولۇۋېلىپ، ۋاڭ بىلەن سۆزلەشسە، يەنە بىر تەرەپتىن بار كۆلدىكى يې شىڭفۇ باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەرنى يۆتكەپ كېلىپ قوزغىلاڭنى باستۇرۇشقا تەييارلىنىدۇ. يەنە ئاخۇن، موللىلارنى ئارىغا سېلىپ سۈلھى قىلىشقا كىرىشىدۇ. سۆھبەت داۋامىدا دېھقانلارنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، يەتتە ماددىلىق توختام تۈزۈلۈپ، بۇ توختام ئېگىزلىكى 1.20 مېتىر، كەڭلىكى 0.80 مېتىر قېلىنلىقى 0.08 مېتىر كېلىدىغان چوڭ بىر پارچە تاشقا ئويۇلۇپ، ئوردىنىڭ تاش تارتما (تاش پەلەمپەي) ئالدىغا ئورنىتىپ قويۇلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن قوزغىلاڭچىلار تەلەپلەر ئىشقا ئاشتى، دەپ قاراپ قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.
قوزغىلاڭچىلار تارقىلىپ كەتكەندىن كېيىن، شامەخسۇت ۋاڭ لەۋزىدە تۇرماي، ئۆزى بىلگەننى قىلىدۇ. ئۆلكىنىڭ باش مۇپەتتىشى ليەن كۈي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قوزغىلاڭچىلارنىڭ يېتەكچىلىرىنى تورپاق موللاراجى، غۇجامنىياز، دۇگامەتتىن ئىبارەت ئۈچ كىشىنى تۇتۇپ، قومۇلنىڭ خۇاگوسەن دېگەن يېرىدە كاللىسىنى ئېلىپ، سازايى قىلىدۇ. يارتا خوجائەخمەت قاتارلىق 12 كىشىنى ياقا يۇرتلارغا سۈرگۈن قىلىدۇ.
قوزغىلاڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلغاندىن كېيىن، قوزغىلاڭغا قاتناشقان ۋە ھېسىداشلىق قىلغان دېھقانلار نوم، بوغاز قاتارلىق جايلارغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ. بەزىلەر شىڭشىڭشياغا ئالۋانغا تۇتۇلىدۇ. تۆمۈرچى يۈسۈپ، يۇنۇسلار ۋە مەڭلىك سەيپۇڭ قاتارلىق كىشىلەرنىڭ بوينىغا تاقاش سېلىنىپ، شەھەر ئىچىنىڭ ئوردا قوۋۇق، سۇ قوۋۇق ئالدىلىرىدا 47 كۈن يۈكۈندۈرۈپ قويۇلۇپ سازايى قىلىنىدۇ. تۆت پارچە ئەمەت نومغا 15 يىللىق پالىنىدۇ.
تورپاق قوزغىلىڭىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇلۇشى توغرىسىدا خەلق ئىچىدە مۇنداق قوشاقلار توقۇلغان:

تۈگىمەس ئالۋان-ياساقلار،
تەنگە ئارام بەرمىدى.
تىل-ھاقارەت ئاڭلاشقا،
ئەلدە تاقەت قالمىدى.

ئارا، چاپچا كۆتۈرۈپ،
ئادالەت دەپ قوزغالدى.
ئەلچىلەرنى ماڭدۇرۇپ،
گۈمبەز باغقا توپلاندى.

قاتتىق چۇقان سېلىشتى،
ئۈچ ئايغىچە ئېلىشتى.
قىستاپ كېلىپ سۇ سوققا،
يەتتە شەرتنى قويۇشتى.
شامەخسۇت سۈلھى بىلەن،
تەلەپلەرگە قول قويدى.
كاسىپلار قولى بىلەن،
چوڭ بىر تاشقا خەت قويدى.

خەتلىك تاشنى تىكلەتتى،
تاش تارتما دېگەن جايدا.
موللىلارنى ئىشقا سېلىپ،
غازىلارنى تارقاتتى.

يالغان چىقىپ ۋادىسى،
ئىش بۇزۇلدى ئەتىسى.
خاگوسەندە ئېلىندى،
راجى، سىدىق كاللىسى.

مىلتىقلىرى بەتلىنىپ،
زارىپ، نازى ئېتىلدى.
ئەمەت نومغا پالىنىپ،
ئون بەش يىللىق كېسىلدى.

تورپاق يېغىلىقىدا يەتتە ماددىلىق توختام ئويۇلۇپ، ئوردىنىڭ تاش تارتما ئالدىغا ئورنىتىلغان تاش پۈتۈك 1955-يىلغىچە ساقلانغانىدى. 1955-يىلى تاش پۈتۈك دېھقانلار ئاپىرىپ تاشلىغان قاغۇم ئېرىقى بويىدىن قايتۇرۇپ كېلىنىپ، قومۇل كونا شەھەر (لوچۇڭ)دىكى سابىق ۋالىي مەھكىمىسى قورۇسىغا قويۇلدى. كېيىن قومۇل مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ باشلىقى يەن زۇڭرېن بۇ تاش پۈتۈكنى ئارقىلىق بېيجىڭدىكى گومورو ئەپەندىگە يوللاپ بەردى.

مەنبە: «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژۇرنىلىدىن ئېلىندى.


0

تېما

9

دوست

418

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 114
توردىكى ۋاقتى: 23
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانلىق تارىخ، ئاچچىق ئەسلىمە!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

2

دوست

3896

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   63.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14973
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 1174
توردىكى ۋاقتى: 164
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-12
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورپاقلار قوزغىلىڭى ،كىينكى تومۇر خەلپە قوزغىلىڭغا،ۋە خوجىنياز ھاجى قوزغىلىڭغا سەۋەپ بولىدى ،ھەم ئوخشاش قىسمەتكە دۇچار بولدى ھەمىسى جەڭدە يىڭىپ ھىلە مىكىردە يىڭىلىپ قالدى ،ئوخشاش قىسمەت ئوخشاش تەقدىر

0

تېما

0

دوست

202

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   67.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33266
يازما سانى: 22
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 60
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-13
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 17:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىشانلىق كۈرەش قىلىدىغان، ئەلەم ۋە قەلەمدە تەڭ يېتىشكەن رەھبەر ۋۇجۇتقا كېلەلمىدى، شۇڭا مەغلۇپ بولۇشى تارىخى مۇقەرەرلىك.

ئىتتىپاقلىق كۈچ.

11

تېما

0

دوست

8796

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   75.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8558
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1509
تۆھپە : 1634
توردىكى ۋاقتى: 259
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-14
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاققا تۇققا بىر گەپ قىپ قۇياي مەن، مۇشۇ زەھەرنى-زەھەر بىلەن داۋالاش دەپ بىرگەپ باركەن، چايان چاققان يەرگە چاياننىڭ زەھىرى پايدا قىلىدۇ دەپدۇ، مۇشۇ گەپنى بەك توغرا گەپمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ئۈزەمچە.

0

تېما

0

دوست

752

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   50.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34244
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bandigah يوللىغان ۋاقتى  2015-3-14 00:52
تاققا تۇققا بىر گەپ قىپ قۇياي مەن، مۇشۇ زەھەرنى-زەھەر ب ...

ۋاي تاڭ جۇمۇ،ھازىرغىچە چېقىۋاتىدۇ بۇ چايان،بىر بېشى ئون بولۇپ نەشتىرىنى يىگىرمە قىلىپ،لىكىن ھىچ پايدىسى بولمىدىغۇ ئەنە...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )