سىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم كىم
بىر پىسخىكىلىق سىناقتا كۆرسىتىلىشىچە، مۇبادا سىزگە كۆرۈش ئۈچۈن بىر توپ رەسىم بېرىلسە، رەسىمدىكى بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدا سىز بولسىڭىز، ئېنىقكى، ئەڭ ئاۋۋال كۆرىدىغىنىڭىز دەل ئۆزىڭىز. مانا بۇ ئۆزىنى بىلىش ياكى ئۆز مەپتۇن دەپ ئاتىلىدۇ. ئادەم ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا ئۆزى.
ئەگەر تونۇش بىرىنىڭ ئەينەككە قاراۋاتقانلىقىنى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭ ئەينەكتىكى تۇرقى بىلەن ئادەتتىكى ۋاقتىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، ئەينەكتىكى تۇرقىنىڭ ھەم ئىللىق ھەم قىلىق چىقىرىشقا ئۇستا ئىكەنلىكىنى بايقايسىز.
شۇڭلاشقا پارچە سېتىش دۇكىنىنىڭ خوجايىنى دۇكىنىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا ئەينەك قويۇپ قويىدۇ. بۇ بىر دانالىق، چۈنكى ئۇ شۇ ئارقىلىق مال ساتقۇچىنىڭ چىراي ئىپادىسى، ھەرىكىتىنى كۆرەلەيدۇ. بىر يىگىت بار بولۇپ، ناھايىتى كېلىشكەن ئىكەن، دائىم دېرىزە ئەينىكى ئالدىدىن ئۆتكەندە ئۆزىنىڭ ئەينەكتىكى تۇرقىغا دىققەت قىلىدىكەن، ئىلگىرى رادىئو-تېلېۋىزىيە ئىنىستىتۇتىنىڭ دېكتورلۇق فاكولتىتىغا ئىمتىھان بېرىپ ئۈتۈپ كەتكىلى ئازلا قالغانىكەن. بىر قېتىم تانسىخانىنىڭ ئالدىدا بىر قىز سەۋەبلىك باشقىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپتۇ.
سوتتا ئۇ ئۆزىنىڭ ئەسلى ئادەم ئۆلتۈرگۈسى يوقلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويدۇم، دىگەن گىپىدە چىڭ تۇرۇپتۇ.
تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنىڭدىن:-پىچاق نەدىن كەلدى؟ نەچچە پىچاق سالدىڭ؟ قارشى تەرەپ يىقىلغاندىن كىيىنمۇ داۋاملىق پىچاق تىقتىڭمۇ؟ دەپ سوراپتۇ.
ئۇ:- پىچاق ئۆز يېنىمدا بار ئىدى ئەينى چاغدا كاللام قالايمىقانلىشىپ كەتكەن، قانچە پىچاق تىققىنىم ئىسىمدە يوق، دەپتۇ.تەپتىش ئەمەلدارى ئۇنىڭغا چوڭ ئېكراننى كۆرسىتىپتۇ.كۆزىتىش كامېراسىدا ئۇنىڭ ھېلىقى ئادەمگە كۈچەپ پىچاق ئۇرغانلىقى، قارشى تەرەپ يىقىلغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تىققان ياۋۇز تۇرقى...كۆرۈنۈپتۇ.يىگىتنىڭ نەپسى قىسىلىپ، يۈزلىرى تاتىرىپ، تەرلىرى ئېقىپ داۋاملىق قاراشقىمۇ پېتىنالماپتۇ ھەم گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئاپتۇ. ئىلگىرى ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپىتىگە بەك دىققەت قىلىدىغان ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ خىل تەرىپىگە يۈزلىنىشكە جۈرئەت قىلالماپتۇ. تەڭرى ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەم پەقەت ئۆزى ئۆزىنىلا كۆرەلەيدۇ، چىراي ئىپادىسى گۈزەللەشكەنسېرى ئۇنىڭ ھەرىكىتىمۇ گۈزەللىشىپ بارىدۇ.
ئەمدى ئالدىنقى ھېكايىگە كەلسەك، رەسىمدىكى بىر توپ ئادەملەر ئارىسىدىن سىزنىڭ ئەڭ ئاۋۋال كۆرىدىغىنىڭىز يەنىلا ئۆزىڭىز. بۇ نەتىجىنى ياۋروپا-ئامېرىكا پىسخولوگلىرى چىقارغان بولۇپ، جۇڭگو ئالىملىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇپ تاشلاندى. ئۇلار بىر توپ ئادەملەرنىڭ رەسىملىرى ئارىسىغا تەجرىبىخانا خوجايىنىنىڭ سۈرىتىنى قىستۇرۇپ قويغاندا غەلىتە بىر ئەھۋال يۈز بەرگەن: تەجرىبە مەيدانىدا بىر توپ سۈرەتلەر ئارىسىدا خوجايىننىڭ رەسىمىنى تونۇشقا ئىككى سېكونت، ئۆزىنىڭكىنى تونۇشقا 19 سېكونت كەتكەن.
يەنە كەينىگە يېنىپ ئامېرىكىلىقلارغا بۇ خىل تەجرىبىنى ئىشلىسە، خوجايىن، ھەتتا تەڭرىلەرنىڭمۇ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان، «ئۆز مەپتۇن»لىقى داۋاملاشقان.ئەجىبا جۇڭگولۇقلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى خوجايىنىمۇ؟ ئازراقمۇ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس، خوجايىنىغا كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ مۇئاشىغا، ئۆسۈشگە، كەسپىي ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىك، ئاخىرىدا ئۇنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى يەنىلا ئۆزى.
«ئوقۇرمەنلەر» تورىدىن تەرجىمە قىلىندى؛ تەرجىمىدە ئوكيان تورىدىن قەلبىنۇر |