ئايروپىلانغا كىملىكسىز چىقىش
ئىبراھىم خۇدابەردى
مەيلى خىزمەت ، سودا ياكى ساياھەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئىچكىرىگە چىقمايمەن دېگىلى بولمايدۇ ، شۇنداقلا سەپەر جەريانىدا كىملىك قاتارلىق سالاھىيەتنى ئىسپاتلايدىغان كېنىشكىلەرنى يوقىتىپ قويمايمەن دېگىلىمۇ بولمايدۇ . ئەگەر سىز ئىچكىرىدە سەپەر جەريانىدا كىملىكىڭىز قاتارلىق كىنىشكىلىرىڭىزنى يۈتتۈرۈپ قويسىڭىز شۇ جايدىكى ساقچىخانىدىن كىملىك يۈتكەنلىك ئىسپاتى ئېلىشىڭىز تەس .چۈنكى بىرىنچىدىن سىز ئۇ يەردە دائىمي تۇرۇشلۇق ئاھالە ئەمەس ، سىزنى ھېچكىم تونىمايدۇ . ئىككىنچىدىن سىزنىڭ بۇلاڭچىغا ئۇچرىغانلىق ئىسپاتىڭىز يوق . شۇڭا مۇنداقلا كىرىپ كىملىكىم يۈتتى دېسىڭىز سىزگە ئىسپات چىقىرىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا قالسىڭىز قانداق قىلىسز ؟ قانداق قايتىپ كېلىسىز ؟ ئەلۋەتتە بۇنىڭغىمۇ ئامال باركەن . سىز ئايرودورومغا قۇرۇق قول بېرىپلا) ئايرۇپىلان بېلىتىگە قۇربىڭىز يەتسىلا(كىملىكسىز ئايروپىلانغا چىقسىڭىز بولىدىكەن . نەچچە ئاي ئىلگىرى مېنىڭ بېشىمغا كەلگەن بولغاچقا سۆزلەپ بېرەي . سىزگە بىر كۈنلەردە ئەسقېتىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس .
دۆلىتىمىزنىڭ بەلگىلىمىسىدە ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىشى ئۈچۈن يا چوقۇم كىملىكى يا پاسپورتى بولۇشى كېرەك ئىكەن . نوپۇس دەپتىرى ، ۋاقىتلىق تۇرۇش كىنىشكىسى ، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى دېگەنلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئىشلىمەيدىكەن . شۇنداق تۇرۇپمۇ كىملىك ياكى پاسپورت بولمىغان ئەھۋالدا قۇرۇق قول بېرىپ ئايروپىلانغا چىققىلى بولىدىكەن . قانداق چىققىلى بولىدىكەن دېسىڭىز مۇنداق قىلىدىكەنمىز .
ئاۋال ئايرودورۇمغا بېرىپ يۈك - تاق ئامانەت بېرىدىغان زالنىڭ ساقچىخانىسىنى تاپىدىكەنمىز . ساقچىخانىغا كىرىپ « كىملىكىم يۈتۈپ كەتتى ، پالانى يەرگە ئۇچمىسام بولمايتتى » دەيدىكەنمىز . خىزمەتچى خادىم سىزدىن بېلەت زاكاس قىلغان قىلمىغىنىڭىزنى سورايدىكەن . قىلمىغان دېسىڭىز ئاۋال بىلەت زاكاس قىلىپ ئاندىن شۇ نۆۋەتچى ئايروپىلان تەۋە شىركەتنىڭ مۇلازىمەت سۇپىسىدىكى دېرىكتورغا دەپ بىلەت ئۇچۇرىنى پىرىنتىردا ئۇرۇپ چىقىرىپ كېلىشنى ئېيتىدىكەن . سىز دەرھال تېلىفوندا ياكى تورغا چىقىپ ياكى ئايرودورومدىن كىملىكسىز )كىملىك نومۇرىڭىزنى بىلىشىڭىز ۋە ئىسمىڭىزنى خەنزۇچە توغرا يازالىشىڭىز كېرەك ( ھالدا بىلەت زاكاس قىلىۋېتىپ ئاندىن بېلىتىڭىز تەۋە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ دېرىكتورىنى تېپىپ ئەھۋالنى دېسىڭىز)دېرىكتور يۈك - تاق ئامانەت بېرىدىغان جاينىڭ يېنىدا بولىدىكەن( سىزگە A4 قەغەزگە 机票信息查询报告 نى ئۇرۇپ چىقىرىپ بېرىدىكەن .) بېلەت ساتىدىغانلار بېرىدىغان كۆك رەڭلىكى ئەمەس( . سىز ئۇنى كۆتۈرۈپ ساقچىخانىنىڭ سالاھىيەت دەلىللەش ئىشخانىسىغا كىرىپ كىملىكىڭىز يۈتكەنلىكىنى ئېيتىپ قولىڭىزدىكى قەغەزنى بەرسىڭىز ساقچى كىملىك نومۇرىڭىزغا ئاساسەن كومپىيۇتۇردىن ئارخىپىڭىزنى تەكشۈرۈپ چىقىپ كومپىيوتۇردىكى رەسىم بىلەن سىزنىڭ چىرايىڭىزنى سېلىشتۇرۇپ كىملىكتىكى ئادرىسىڭىزنى سورايدىكەن . توغرا دەپ بىرەلىسىڭىز سىزگە بىر ھەپتىلىك سالاھىيەت ئىسپاتى) 临时身份证明(چىقىرىپ بېرىدىكەن . سىز بۇ ئىسپات بىلەن تەكشۈرۈشتىن ئۆتۈپ ئايروپىلانغا چىقىدىكەنسىز ۋە نەگىلا بارسىڭىز ياتاقتا تۇرالايدىكەنسىز) سىزنى شىنجاڭلىق دەپ ياتاق توشۇپ كەتتى دېمىسىلا( . سالاھىيەت ئىسپاتىنىڭ بىر ھەپتىلىك ۋاقتى توشۇپ قالسا قايسى شەھەردە بولسىڭىز شۇ شەھەرنىڭ ئايرودورومىغا بېرىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا يەنە بېجىرىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدىكەن) پەقەت ئىچكىرىدىلا (. لېكىن شەرت چوقۇم ئۇچىدىغان شۇ كۈنىلا بېجىرىپ بېرىدىكەن ، بىر كۈن بالدۇر بېرىپ بېجىرىپ قويۇپ ئەتىسى ئۇچىمەن دېسىڭىز بېجىرىپ بەرمەيدىكەن . يەنە بىرسى شوپۇرلۇق پىراۋىڭىز بولسا ئىچكىرىنىڭ ھەر قانداق يېرىدە پويىزغا ئولتۇرالايدىكەنسىز .
|