قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2052|ئىنكاس: 6

بارغانسېرى بۆلۈنۈپ كېتىۋاتقان دۇنياغا قانداق يۈزلىنىش كېرەك

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

2

دوست

1167

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 378
توردىكى ۋاقتى: 10
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-16 19:28:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارغانسېرى بۆلۈنۈپ كېتىۋاتقان دۇنياغا قانداق يۈزلىنىش كېرەك

ئەنگىلىيە «پۇل-مۇئامىلە گېزىتى» مەخسۇس ستونى
يازغۇچىسى فىلىپ ستېفېنېس

$@BRW33B]G_D`CE3
  
      بىر يىلدىكى مۇشۇ چاغ يەنە يېتىپ كەلدى. بىر كونا دوستۇم :« دۇنيانى بەرپا قىلغۇچى كۈچنى ئىزچىل ئەڭ ياخشى تەسۋىرلەپ بېرەلەيدىغان سۆز قايسى؟» دەپ سورىدى. ئەگەر ماڭا بىرنى تاللاشقا توغرا كەلسە، ئۇ پەقەتلا «بۆلۈنۈش»، ئىككىنچىسىنى تاللاشقا توغرا كەلسە، «ئورتاق تونۇش» دەپ جاۋاب بېرىمەن.
     كونا تەرتىپنىڭ يىمىرىلىشىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىپادىسى ئەڭ روشەن ۋە دەھشەتلىك بولدى. ئىراق، سۈرىيە ۋە لىۋىيەدە ھاكىمىيەت پۈتۈنلەي دېگۈدەك ھالاك بولدى. كىشىلەر مارك سايكېس (Mark Sykes) ۋە   فرانسىۋا جورجى پىكوت (Francois-George Picot) قا قانداق مۇئامىلە قىلىشىدىن قەتئىنەزەر، ئۇلار بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت ئىلگىرى سىزىپ چىققان خەرىتە ئەمدى زېمىن تەۋەلىكى رېئاللىقىنى تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. بۇ دۆلەتلەر ئېھتىمال راستىنلا مەڭگۈ قايتا قۇرۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن.  
     بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ تەسىر دائىرىسى ئەرەب دۇنياسىنى قاپلىغان قانلىق دىنى مەزھەپ توقۇنۇشىدىن بەكلا ئېشىپ كەتتى. كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش دەۋىرىدىكى ماجىرانى ھەل قىلىدىغان ئاساسىي پەرەز بولغان يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشى تېخىمۇ قويۇق سىياسىي ئۇيۇشۇشچانلىققا تۈرتكە بولىدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كېيىنكى-كېيىنكى سوغۇق ئۇرۇش تەرتىپىدە ئىقتىساد ۋە سىياسىي مىللەتچىلىك تەتۈر يۆنىلىشتە ئورتاق ئالغا ئىلگىرلىمەكتە.
     يەرشارىلىشىشنىڭ چېگىراسى چېكىنمەكتە. ۋاشىنگىتون ئورتاق تونۇشى ھېلىھەم ئېسىڭىزدىمۇ؟ 2008-يىلىدىكى پۇل-مۇئامىلە يىمىرىلىشى ئەسلىدە شەكىللىنەيلا دەپ قالغان دۇنيا كاپىتال بازىرىنىڭ زىچ يۇغۇرۇلۇپ كېتىشىگە خاتىمە بەردى. ھۆكۈمەت باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ قەرزىنى تۆلىۋېتىشنى رەت قىلغانلىقتىن، بانكا كەسپى يەنىلا دۆلەت ئىگىدارلىقىغا ئۆتكۈزۈۋېلىندى.
     ئىنتېرنېت ئوخشاشلا بالقانلىشىش  باسقۇچىغا يۈزلەندى. نېمە سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، ھۆكۈمەت ئاللىبۇرۇن كېرىمىنىي جىلغىسىدىكى كارخانا ماگناتلىرىنىڭ رەقەم دەۋىرىنى تىزگىنلىشىگە يول قويماسلىق ھەققىدە قەتئىي ئىرادىگە كەلدى.
     ئىككى تەرەپلىك كېلىشىم ۋە رايون كېلىشىمى ئاللىبۇرۇن سودىدىكى كۆپ تەرەپلىشىشىنىڭ ئورنىنى ئىگەللىدى. بۇ يەردە بىر  خىل سېممىترىك ۋەزىيەت پەيدا بولدى. جۇڭگو، ھىندىستان ۋە باشقا يۈكسىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىلىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما دۇنياغا ئۈمىدسىز (ھەمدە ھۇشيارلىق بىلەن) قارايدىغان ئامېرىكىنىڭ ئەمدى ئۆز مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ يەر شارى قائىدىسىنى تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بولمايدۇ ياكى مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگو برېتتون ئورمانلىقى سىستېمىسىدىكى ئاساسلىق ئورگاننى يوقىلىۋاتقان غەرب زومىگەرلىكىنىڭ بەلگىسى دەپ قارايدۇ. لېكىن ئامېرىكا خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا تېگىشلىك بولغان مەبلەغ ئۈلۈشىنى تۆلىمىدى.
     رۇسيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتنى دۆلەت ھالقىتىپ ھەمبەھىرلەشكە ئالاقىدار تەسەۋۋۇرغا ئەڭ ئۇشتۇمتۇت زەربە بەردى. قىرىمنى يۇتىۋېلىش ۋە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا ئەسكەر ئەۋەتىش ئارقىلىق، پۇتىن ئۇرۇشتىن كېيىنكى ياۋروپانىڭ ھەل قىلىش مېخانىزىمىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلدى.
     غەربنىڭ جازاسىنىڭ كېڭىيىشى، نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى رۇسىيە ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىشىگە ئەگىشىپ، پۇتىن ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە، ئەمما شۇنداق بولسىمۇ، بۈگۈنكى كۈندە مۇكەممەل، ئەركىن ياۋروپا ھەققىدە كۆپ مۇنازىرىلەرنى ئاڭلىيالمايسىز.
     ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ رۇسيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشىگە بولغان ئىنكاسى خېلىلا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، بىر مەيدان ئەرزىمەس كۈرەشتە ئىپادىلەندى: بۇنىڭدا بىر تەرەپ بەختكە يارىشا گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇلار خەلقئارالىق بەلگىلىمىلەر قوغداشقا ئەرزىيدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنە بىر گۇرۇھقا ئىتالىيە باش مىنىستىرى ماتتېئو رېنزى ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئۇلار دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتىنى قوغداشنى ئالدىنقى بۇرچ قىلىدۇ.
     بۈگۈنكى كۈندە بىردەك ئىتتىپاقلىشىش ئەمدى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ كوزۇرى ئەمەس. فرانىسيە ۋە گېرمانىيە يارىشىشىدىن باشلانغان ھەمدە سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بىر گەۋدىلىشىشكە تۇتىشىدىغان ئۇزۇن سەپەر توختاپ قالدى. پۈتكۈل ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى رەھبەرلەر سايلام بولغاندا خەلقپەرۋەرلەردىن قورقىدۇ، مەسىلەن فرانىسيە مارىنې لېپېن رەھبەرلىكىدىكى مىللىي فرونت بىلەن نىجېل فاراگې رەھبەرلىكىدىكى ئەنگلىيە مۇستەقىللىق پارتىيەسى قاتارلىقلار. بىريۇسسىل چەتكە قاققۇچىلار تەرىپىدىن كۆچمەنلەرنى كونترول قىلىشقا ئۇچرىماسلىق ۋە چەكلىمىگە ئۇچرىمايدىغان كاپىتالىزىمنىڭ ۋاكالەتچىسى دەپ بېكىتىلدى.
     دەل ياۋروپا مەركىزى بانكىسى باشلىقى مارىئو دراگى ئېرىنمەي كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، يەككە پۇللۇق لوگىكا ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ئىسىتراتېگىيەسىنى مەركەزلەشتۈرۈشىنى تەلەپ قىلىدۇ. پۈتكۈل بىر گەۋدىلەشكەن كەسىپلەر يىمىرلىشىكە ئاز قالغان بولسىمۇ، ئەمما ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمتىيازى ۋە ھېرىسمەنلىك شەكىللەندۈرگەن ھەر تەرەپلىك تارتىش كۈچىنىڭ پەۋقۇلئاددە قۇدرەتلىك ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ياۋرو سىستېمىلاشقان بىردەكلىك ۋە يۇشۇرۇن پارچىلىنىش ئارىسىدىكى ئادەمسىز رايونغا پاتماقتا.
     بۇلارنىڭ ھەممىسى كۆپىنچە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى يەرشارىلىشىشتا قولدىن بېرىپ قويغان ھوقۇق تىزگىنىنى  قايتۇرۋېلىش تىرىشچانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. ئۈمىدسىزلەنگەن سايلىغۇچىلارنىڭ بېسىمىدا، ھەر  قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى گەرچە ھازىر ئىقتىسادتىكى ئۆز ئارا تاينىشتەك بۇ چىڭ ئارغامچىنى يېشىشنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىسىمۇ، يەنىلا تېخىمۇ چوڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىشىدۇ.  
     تېخىمۇ خەتەرلىك بىر كۈچ بولسا ئاشقۇن  مىللەتچىلىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىپادىسى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: يەنى پۇتىننىڭ ئۆزىنى سابىق  سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى رۇس تىلىدا سۆزلەيدىغان ئاممىنىڭ ھىمايىچىسى دەپ جاكارلىشى؛ جۇڭگونىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى زېمىن تەۋەلىكىنى تەشەببۇس قىلىشتىكى قەتئىيلىكى؛ ۋېنگىرىيەدىكى ۋىكتور ئوربانغا ئوخشاش كەلگۈسىدىكى سىياسىي قابىللارنىڭ چەتكە قېقىش كەيپىياتى؛ ھەممە يەرنى دېگۈدەك قاپلىغان سىياسىي تونۇشنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قاتارلىقلار، شۇنداق قىلىپ بىز مەن دېمەكچى بولغان ئىككىنچى سۆزگە كەلدۇق.
   ئورتاق تونۇش ئادەتتە دۆلەت ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈك قورالى قىلىنىدۇ. ئەمما، پەقۇلئاددە ئوخشاش تەركىبلىك جەمئىيەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ يەنە بۆلۈنۈشنىڭ كاتالىزاتورى بولۇپمۇ قالىدۇ. ئەڭ ئاشقۇن ئەھۋالدا ئورتاق تونۇش دۆلەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكنىڭ چۆرۈپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ، جەمەت، قەبىلە ياكى دىنىي جەھەتتىكى ئىپتىدائىي سادىقلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شىئە مەزھىپى، سۈننىي مەزھىپى ۋە كۇردلار ھەممىسى ئۆز زېمىن تەۋەلىكىنى كېڭەيتمەكتە. ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى»دىكى تېرورچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى باشقىچە بىر خىل سالاھىيەت ئورتاق تونۇشى بىلەن تەمىنلىمەكتە.
يەنە بىر تەرەپتىن، سالاھىيەت ئورتاق تونۇشىنىڭ تارىيىشى ئاساسىي قانۇن بۆلۈنمىچىلىك ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. مەسىلەن كاتالونىيە بىلەن شوتلاندنىيەدىكى مىللەتچىلەر  قوزغىغان ھەرىكەتلەر. مۇۋاپىق بولغان مىللىي ئىرادە بىلەن بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى بۆلگۈنچىلىك ئارىسىدا مەلۇم بىر يەردە چۇقۇم ئايرىپ تۇرىدىغان سىزىق بولۇشى كېرەك، لېكىن مەسىلە شۇكى، ھېچكىم بۇ سىزىقنى ئېنىق سىزىپ چىقالمايدۇ.
         مەن بېيجىڭغا بارغاندا ھەمىشە بىر خىل قاراش پەيدا بولىدۇ: شى جىنپىڭ ئىپتىخارلىق ئويغاتقان «جۇڭگو چۈشى» شىنجاڭ ۋە شىزاڭدىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان، كىشىلەر چوڭقۇر ھېس قىلغان تەشۋىشنى ياپتى. پۇتىننىڭ سلاۋيان مىللەتچىلىكى بىلەن ئىسلام ھەرىكەتلىرى كافكازنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ئاپەت بولىدۇ.
شۇڭا، مۇشۇ يوسۇندا شۇنى چۈشىنىۋالالايسىزكى، گەرچە مەن بىر سۆزنى ئەمەس، ئىككى سۆزنى ئىشلەتكەن بولساممۇ، بۆلگۈنچىلىك ۋە ئورتاق تونۇشنى ئەينەك قىلىپ، بۆلۈنۈشكە باھانە ئىزدەۋاتقان دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈشكە بولىدۇ. بۇ ئالقىشلاپ كېتىشكە ئەرزىگۈدەك كەلگۈسى ئەمەس. بۇ خىل يېڭىچە خەلقئارا تەرتىىپسىزلىككە نىسبەتەن، بىزنىڭ  بىردىنبىر مۇئەييەنلەشتۈرەلەيدىغىنىمىز شۇكى، بۇ تەرتىپ مۇقىملىشالمايدۇ.
ئوكيان تورىدىن ئابدۇرېھىم تەرجىمە قىلدى

2

تېما

8

دوست

2390

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-3-17 14:12  

.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

2

تېما

8

دوست

2390

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 694
توردىكى ۋاقتى: 199
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:19:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما ۋە ياخشى تەرجىمە بولىدۇ .
ئۇزۇن گەپنى قىسقا قىلىپ ئىيتقاندا ،دۇنياغا يۈزلىنىش ئۈچۈن بىز ئەرەپ ئىدىيە كىشەنىدىن ۋە ئىسلامى دۇنيا قاراشتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ ،لوگىكىلىق پىكىر يۈرگۈزگەندە ئاندىن يۈزلىنىمىز .
روسىيە مەسىلىسى -روسىيە ماۋۇ مۇنبەردىكى روسلارنى تېللايدىغانلار دەيدىغاندەك ياكى كۈتىدىغاندەك ئۇنداق ۋەيران بولمايدۇ .چۈنكى دۇنيادا ئامىرىكىدىن باشقا ھەرقانداق دۆلەت روسىيە مەۋجۇتلىقى ۋە روسىيە ھەربىي كۈچىنىڭ ئامىرىكا ھە....دىيەلەيدىغانلىقىنى بىلىدۇ ھەم روسىيە ئارقىلىق ،ئامىرىكىنىڭ پۇت قولىنى چۈشەپ قۇيۇش ئارزۇسى ئىنتايىن كۈچلۈك .گىرمانىيە -فىرانسيە ئوتتۇرىسىدىمۇ ‹‹قېرىم ››رايونى بولۇپ ،بۇ رايون گىرمانىيەنىڭ ۋەدىسى ئارقىلىق ھازىرغىچە جىمجىت بولۇپ تۇرماقتا .بىراق گىرمانىيە ئىزچىل بۇ ‹‹قېرىم››غا كۆڭۈل بۆلۈشتىن ۋاز كەچكەن ئەمەس .شۇڭا مېرىكىل ئىزچىل پۇتىنغا مۆتىدىل بولۇشنىڭ سەۋەبى شۇ .
ئىراق-سۈرىيە ئىسلام دۆلىتى -بۇ ئوتتۇرا شەرققە سىڭىپ كىرىش ۋە روسىيەپەرەس كۈچلەرنىڭ زورىيىشىنى چەكلەش ،جوڭگۇنىڭ ئىنىرىگىيە كاپالىتىگە خەۋپ ئىلىپ كىلىش ئۈچۈن ،ھىندىستاننىڭ كىيىنكى نۆۋەتلىك ‹‹دۇنيا زاۋۇتى›،بولىشىغا مۇھىت ھازىرلاش ئۈچۈن .

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:33:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ياخشى تەرجىمە بوپتۇ، تەرجىمانغا بارىكاللا،،تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگىمۇ ھەشقاللا...!!

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:40:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2015-3-17 11:19
ياخشى تېما ۋە ياخشى تەرجىمە بولىدۇ .
ئۇزۇن گەپنى قىسقا  ...

ھەي ساختا ماركىس، بويۇڭغا لايىق پو ئاتقىنە بى،،! ئى مىڭەڭدىكى قېتىققا لايىق كىچىگرەك يەدىن ئۇششاغراق گەپ قىغىنە بى..!
ئەرەپ ئېدىيە كىشىنى، ئىسلامى دۇنيا قاراش دېگەن نېمە ئۇ بىلەمسەن شۇنى..! پىشتىڭغا مېنىپ بۆسۈپ ئۆتەمسە  ۋاي ساراڭ دونكىخوت..!!؟
بۇ دۇنيا ساڭا سەن لايىق بوغان نەرسىنى تاڭىدۇ. سېنىڭ ئەرەپتىن قۇتۇلۇش، ئىسلامدىن قۇتۇلۇش دېگەن قۇرۇق-يالغان شوئارىڭدىن  باشقا مىللەتكە تەۋسىيە قىلىدىغان باشقا ئېسىلراق بىرە نەسەڭ باما،،!؟  

0

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   10.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8496
يازما سانى: 511
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 981
تۆھپە : 3918
توردىكى ۋاقتى: 1613
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 11:46:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورتاق تونۇش ئادەتتە دۆلەت ھوقۇقىنىڭ كۈچلۈك قورالى قىلىنىدۇ. ئەمما، پەقۇلئاددە ئوخشاش تەركىبلىك جەمئىيەتلەرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ يەنە بۆلۈنۈشنىڭ كاتالىزاتورى بولۇپمۇ قالىدۇ. ئەڭ ئاشقۇن ئەھۋالدا ئورتاق تونۇش دۆلەتكە بولغان ساداقەتمەنلىكنىڭ چۆرۈپ تاشلىنىشىغا سەۋەب بولۇپ، جەمەت، قەبىلە ياكى دىنىي جەھەتتىكى ئىپتىدائىي سادىقلىققا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شىئە مەزھىپى، سۈننىي مەزھىپى ۋە كۇردلار ھەممىسى ئۆز زېمىن تەۋەلىكىنى كېڭەيتمەكتە. ئاتالمىش «ئىسلام دۆلىتى»دىكى تېرورچىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنى باشقىچە بىر خىل سالاھىيەت ئورتاق تونۇشى بىلەن تەمىنلىمەكتە.
=================
ما گەپلەرنىڭ جىنى بار.  ئېنسانلار  ئاتالمىش دېموكراتىيە ۋە مەدەنىيلىكتىن زېرىكىپ قايتا روھانىي جەمىيەتنى تاللىمايدۇ دېگىنى بولمايدۇ.  لېكىن ئېنسانىيلىققا سادىق سۈپەت -مەنزىرىلەرنى ساقلىيالىغان خەلقلەر يەنىلا دەۋىر سۈرىۋىرىدۇ.
ئۆتەر دۇنيا ،كېچەر دۇنيا
پەقەتلا خەلق سۈرەر دەۋران. دېگەندەك.

0

تېما

0

دوست

107

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   35.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21836
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 20
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 12:04:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەدىنيەتلەر توقۇنۇشى ۋە دۇنيا تەرتىۋىنىڭ قايتا ئورۇنلاشتۇرلىشىنى كۆرۇپ باقساڭلار بولغۇدەك ،،،،،
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )