قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 627|ئىنكاس: 6
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا-يۇرتىمىز مەدەنىيتى-3

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
يۇرتىمىزدىكى مۆجىزىلىك بايقاش ۋە تەتقىقاتلار
مۇجىبۇل راخمان ئەركىم

   1893-يىلى دۇنيا ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى، دۇنيا بۇددىزىم تەتقىقاتى، دۇنيا ھىندى-ياۋروپا مىللەتلەر تەتقىقاتى ساھاسى ۋە تۈركولوگىيە تەتقىقاتى ساھاسىدە ئىككى چوڭ ئالەمشۇمۇل ۋەقە يۈز بەردى. بۇ خوشاللىنارلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرى، 1893-يىلى12-ئاينىڭ15-كۈنى ۋېلھېلىم تامسۇن تەرپىدىن قەدىمكى تۈرك تىلى يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنىڭ( ئورخۇن مەڭگۈ تاشلىرى) يىشىپ ئوقۇلىشى بولدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈرك مىللەتلىرى تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز يېزىقىدا ۋە ئۆزىنىڭ تىلىدا قەدىمكى تارىخلىرى يېزىلغان كىتابلارغا ۋە تاش پۈتۈك، مەڭگۈ تاشلارغا ئىگە بولدى.
    ئىككىنچى بىر ئىش بولسا، 1893-يىلى بېيلى ئىسملىك كىشىنىڭ يۇرتىمىزنىڭ كۇچا رايونىدا كېتىۋېتىپ، تاسىدىپىي ھالدا يەرلىك ئۇيغۇر كىشىدىن سانسىكىرىتچە بىر تارشا پۈتۈك سېتىۋالغانلىقى بولدى. بۇ تارشا پۈتۈك دەرھال ياۋروپاغا يوللىنىپ، ئىنتايىن تېزلىكتە ئۇ يەردىكى ئالىملار تەرپىدىن ئوقۇلدى ۋە كېيىنكى تەتقىقاتلارغا مەنبە قىلىندى. مەلۇم بولدىكى، بۇ تارشا پۈتۈك لاتىن يېزىقىدا سانسىكىرىتچە يېزىلغان ئەڭ قەدىم سانسىكىرىتچە يېزىق بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن دۇنيانىڭ دېققەت نەزىرى بىزنىڭ دىيارىمىزغا چۈشكە باشلىدى.
    بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېدىكى مەشھور پىرافېسسورلاردىن بىرى چاۋخۇاشەن 1990-يىللاردا ناھايتى كۆپ تەتقىقاتلارنى ئېلىپ بارغان. يەنە70-80-يىللىرىدىن باشلاپ 2000-يىللارغىچە مەشھور تۈركولوگ، تىلشوناس گېڭشىمىنمۇ ئارقا-ئارقىدىن نۇرغۇن ماقاللارنى مۇشۇ تېمىدا يازغان. دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان خەنزۇچە مانى دىنى ئەسەرلەر ھەققىدە، ئەڭ دەسلەپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى جىياڭ فۇ بولۇپ، ئۇ 1909-يىلى ئىككى پارچە ئەسەر ئېلان قىلىپ، مانى دىنىنىڭ جۇڭگودىكى ئەھۋاللىرى، قائىدە-پىرىنسىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇندىن باشقا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى مانى دىنى ئەسەرلىرى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان گېڭ شىمىندىن باشقا لى شىڭۋېي، لىيۇ خۇڭلىياڭلار بار. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر مۇھىم كىشى بولسا، ھازىرقى خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىرافېسسور، تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بىرى بولغان ما شىياۋخې بۇ تېمىدا ئەڭ كۆپ ئىزدەنگەن ئالىملارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە مانى دىنى ھەققىدە 60 دىن ئارتۇق ماقالە يېزىپ ئېلان قىلدى،2008-يىلى بۇ ھەقتىكى ماقالىلىرىنىڭ بىر قىسمى توپلام بولۇپ بېيجىڭدا نەشىر قىلىندى. يەنە ئەنگىلىيەدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بىرقىسىم ئالىملارمۇ بار. ئۇلاردىن ئەڭ مەشھورلىرىنىڭ بىرى گۇننېر ماككېنىس، گۈننىېر ئاساسەن دۇنخۇراڭدىن تېپىلغان خەنزۇ تىلىدا پۈتۈلگەن مانى دىنى ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى تەتقىق قىلىپ نۇرغۇن ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. يەنە بىرى ئىلمىي تەتقىقاتلارنى ئاساس قىلغان ئىندېكىسمۇ بار.
    ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن مانى دىنى ھەققىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلار خېلى كۆپ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە دولقۇن قەمبىرى، ئىسرافىل يۈسۈپلەرنىڭ 1988-يىللىرى يۇرتىمىز تۇرپاندىن يېڭىدىن تېپىلغان، ھازىر ئۈرۈمچىدە ساقلىنىۋاتقان بىر نەچچە پارچە «قەدىمكى ئۇيغۇرچە مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەر تەتقىقاتى» ھەمدە، پىرافېسسور ئابدۇرېشىت ياقۇپ ئەپەندىمنىڭ 1996-يىلى يېزىپ تامالىغان دوكتورلۇق كىتابى، يەنى« قەدىمكى ئۇيغۇر مانى دىنى ئەدەبىياتى تىلىنىڭ تۈزۈلىشى ۋە تەشكىلى» ناملىق دوكتورلۇق كىتابى بار.
    ياپونىيەدىن مانى دىنى تەتقىقاتىدا ئەڭ ئالدىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن بىرى يۇتاكى ئەپەندى مانى دىنى پىرىنسىپلىرىنى، تېپىلغان ئەسەلەر ئاساسىدا ناھايتى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ئالىم بولۇپلا قالماستىن، يۇرتىمىزدىن تېپىلغان مانى دىنى ئەسەلىرى تەتقىقات خىززمىتىدىمۇ ناھايتى چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتقان تەتقىقاتچى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
    گېرمانىيەدىمۇ بىر تۈركۈم مانى دىنى تەتقىقاتچىلىرى بار. ئۇلار مانى دىنى تەتقىقاتىدا قەدىمكى ئۇيغۇرچىنى ئاساس قىلسىمۇ، مانى دىنى ئەسەرلىرىنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ئىلىم ئەھلىگە يېڭى-يېڭى نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز تونۇتۇپ كەلمەكتە. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ دەسلەپكىسى، مەشھور پىرافېسسور ئالىم پېتىر سىمىن، ئۇنىڭدىن باشقا ھازىر گېرمانىيە براندىنبورىگ پەنلەر ئاكادىمىيسى «تۇرپانشوناسلىق تەتقىقاتى »مەركىزىنىڭ باشلىقى دۇركېن مايېستېر ئېرىنسىت.
    يەنە2010-يىلى تۇنجى قېتىم «مانىنىزىم تەتقىقات مەركىزى »قۇرۇلۇپ، تۇنجى نۆۋەت ئېچىلغان يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن ئابلەت سەمەت جۇڭگودىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ « ئېران ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى مانىنىزىم ئەسەرلىرى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىلىرى» دېگەن ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتكەن. بۇ ماقالىسى كېيىن بۇ يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەر توپلىمىغا كىرگۈزۈلۈپ نەشىر قىلىنغان. بۇ كىتابتا مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پىرافېسسور ئەركىن ئارىزنىڭ « مانى دىنى ھەققىدە جۇڭگودا ئېلان قىلىنغان ماقالە ۋە كىتابلار تىزىملىكى» دېگەن ماقالىسىمۇ كىرگۈزۈلگەن . بۇ ئۇزۇن تىزىملىك ئۇيغۇرچە ، خەنزۇچە، نېمىسچە تەرجىمىسى بىلەن قوشۇپ بېرىلگەن بولغانلىقى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا قولاي ۋە تەتقىقات قىممىتى زور بىر پارچە ماقالە بولۇپ قالغان.

IMG_1163.JPG


    گېرمانىيە كولىن شەھىرىدە سالىنىۋاتقان قىپتى تىلىدىكى، مانىنىڭ كېيىنكى ھاياتى ھەققىدە 4-ئەسەرنىڭ ئاخىرلىرىدا يېزىلغان ئەسەرنىڭ بىر بېتى، بۇ ئەسەر 1969-يىلى مىسىردىن تېپىلغاندىن كېيىن ئاسارە-ئەتىقە سودىگەرلىرى تەرپىدىن گېرمانىيە كونىن ئۇنىۋېرسىتېتى كۈتۈپخانىسىغا سېتىپ بېرىلگەن.
مانى دىنى تەتقىقاتى 1904-يىلى بىر قاتار نەتىجىلەر بىلەن دۇنياغا تونۇلغاندىن كېيىن، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا ئەھلىنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرىۋەتتى. چۈنكى شۇ ۋاقىتقىچە دۇنيا ئىلىم ئەھلى تەرپىدىن مانى دىنى يوقالغان دىن دەپ قارىلىۋاتاتتى. مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار پەقەتلا ھەجىمى ئۇنچە كەڭ بولمىغان قىبتىچە(كوپتىچە) ( كوپتىچە- ئەرەبچىدە قىبتى ياكى قۇبتى دەپ تەللەپپۇز قىلىنىدۇ، بۇ تىل قەدىمكى مىسىر تىلىنىڭ بىۋاستە داۋامى بولۇپ، 17-ئەسىرگىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان. 10-13-ئەسىرلەردە باشلانغان ئەرەبلەشتۈرۈش نەتىجىسى تەسىرىدىن قۇتۇلالماي 17-ئەسىرگە كەلگەندە دۇنيادىن يوقالغان تىل) ئەسەرلەردىن ۋە مانى دىنىغا قارشى باشقا دىنلاردىكى، مانى دىنىغا تەنقىد سۈپىتىدە يېزىلغان بايانلاردىن مەلۇم بولۇپ كېلىۋاتاتتى. دېمەك، يۇرتىمىزدىن تېپىلغان ئەسەرلەر، دۇنياغا مانى دىنى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ يادىكارلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ھەتتا، يۇرتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان بىر ئەسەرنىڭ پارچىسى، تەتقىقاتچىلار تەرپىدىن مانى ئۆز قولى بىلەن يازغان دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. بۇئەسەرنىڭ تىلى پارتىچە.
تۈرلۈك تەتقىقاتلاردىن شۇنى ھېس قىلدۇقكى، ئەينى ۋاقىتتا مانى دىنىغا بولغان قىزىقىش ئىنتايىن يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ، گېرمانىيە پادىشاھلىرى مەخسوس مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك بەتلەرنىڭ تېپىلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلغان، ھەرقېتىم ئېكىسپىدىتسىيگە ماڭغان گرۈنۋېدىلدىن مانى دىنىغا ئائىت ئەسەرلەرنى تېپىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇڭا دۇنيادا قەدىمكى ئۇيغۇر تەتقىقاتىنىڭ شەكىللىنىشىدە، مانى دىنىغا ئائىت ئەسەرلەرنىڭ تېپىلىش ۋە تېپىلماسلىقى ھەل قىلغۇچ ئامىل بولۇپ قالغان.
    پۈتۈن دۇنيادا مانى دىنىغا مۇناسىۋەتلىك نەرسىلەرنىڭ ساقلىنىۋاتقان يەرلىرى: لوندون ئۇلۇغ بېرتانىيە موزېيى، بېرلىندىكى دۆلەت كۈتۈپخانىسى ۋە دۆلىتىمىزدىكى ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلار.كېيىنكى تەتقىقاتلاردىن سۆزلىسەك، لىكوك يۇرتىمىزدىكى مول-ھوسۇللۇق ئېكىسپىدىتسىيىسىنى غەلبىلىك تاماملاپ ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مانى دىنى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللۇنۇپ ،ئارقا-ئاقىدىن بىر نەچچە پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان.
IMG_1162.JPG

     1982-يىلى تۇرپان بېزەكلىكتىن تېپىلغان، سوغدى تىلىدا، قەدىمكى ئۇيغۇرچە يېزىقتا پۈتۈلگەن ئەسەر، 135 قۇرمانى دىنىنىڭ زامنىمىزدىكى ئەڭ كېيىنكى قالدۇقلىرى يۇرتىمىزدىكى بېزەكلىك، سىڭگىمدىكى مىڭئۆيلەردە كۆرۈلىدۇ. ئاجايىپ قىزىقارلىق بىر يېرى، بىزەكلىكتىكى مىڭئۆيلەرنىڭ بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى تېمىدىكى تۆشۈكتىن قارىسا، قارشى تەرپىدە مانى دىنىغا ئائىت تام رەسىملىرى كۆرۈنىدۇ. دېمەك، بېزەكلىكتىكى مىڭئۆيلەر ئەسلىدە مانى دىنىغا تەۋە بولۇپ، مانى دىنى يوقۇلۇپ، بۇددا دىنى بارلىققا كەلگەندە، مانى دىنىغا ئائىت غارلار بۇددا دىنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلغان. يەنى ئەسلىدىكى مانى دىنى تام رەسىملىرىنى سۇۋىماستىنلا ئالدىغا ئايرىم بىر تام قوپۇرۇپ، بۇددا دىنى رەسىملىرىنى سىزغان. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇرتىمىزدا مانىنىزىم تەتقىقاتى ئۈچۈن ئالىدىنى بىر قەۋەت تام توسۇپ تۇرغان تېخى ئېچىلمىغان بىر قىسىم قىممەتلىك يادىكارلىقلارمۇ بار.

بۈگۈنكى كۈندىمۇ مانى دىنى تەتقىقاتى دۇنيادا خېرىدارلىرى ئەۋىج ئالغان پەنلەرنىڭ بىرى. مانى دىنى تەتقىقاتىدا جۇڭگو ئىچىدىمۇ نۇرغۇن داڭلىق ئالىم، تەتقىقاتچىلار بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شاڭخەيلىك مەشھور ئالىم رۈي چۈەنمىڭ مانى دىنى ھەققىدە نۇرغۇن تەتقىقات ماقالىلىرىنى يازغان ھەم « شەرق مانىنىزىمى» ناملىق كىتابىمۇ بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا نەشىر قىلىنغان.
    بىز بىلىدىغان « شاھنامە » دىمۇ مانى ھەققىدە بىر قىسىم بايانلار بار. كېيىنكى دەۋىرلەردە قالغان چاغاتايچە بەزى ئەسەرلىرىمىزدىمۇ مانى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كۆرەلەيمىز.مانى- دىن ياراتقۇچى بولۇش بىلەن بىرگە،كامالەتكە يەتكەن رەسسام دەپ قارالغان. شۇڭا مانى دىنى تارقالغان يۇرتلاردا تام رەسىمچىلىكى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان.شۇ دەۋىرلەردە يۈكسەلگەن، رەسساملىق، تىبابەت، مەدەنىيەت-سەنئەتمۇ ئىنسانىيەت تارىخىغا ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلىرىنى سىڭدۈرگەن.

ئەسكەرتمە:باغداش مۇنبىرىدە« قەدىمكى ئەسەرلىرىمىز يورۇقىدا- يۇرتىمىز مەدەنىيىتى» دېگەن تېما ئاستىدا، يۇرتىمىزدىن تېپىلغان، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئەسەر، قوليازما، تېكىسىت، ھۆججەت قاتارلىق تەۋەرۈكلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار بېرىلىدۇ.

0

تېما

0

دوست

127

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   42.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34796
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 4
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەجەپ ئىسىل گەپكىنا بۇ
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

7874

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   57.48%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 456
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2015
توردىكى ۋاقتى: 625
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
باغداش تورىدا يەنە بىر يېڭى مەكتەپ ئېچىلغۇدەك! بىزگە بەك چوڭ خۇشخەۋەر بولدى. رەھمەت!
بۇ مەكتىپىمىزنىڭ ئىشىكى چوڭلار،ياشلار-ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن ئۇزاق-ئۇزاق ئوچۇق بولغۇسى!

1

تېما

5

دوست

1569

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   56.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15384
يازما سانى: 42
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 492
توردىكى ۋاقتى: 126
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-21
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ تىما تاماملانغاندا،ئىلكىتاب قىلىپ قويۇلسا ياخشى بولغۇدەك.  كىيىن تورسىز مۇھىتتىمۇ كۆرەلىگۈدەكمىز.

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
5#
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ھەر نىمە بولسا بۈگۈن كىشىنىڭ كۆڭلى خۇش بولغۇدەك ئىنكاسلار چۈشۈپتۇ. رەھمەت سىزلەرگە...
بۇ تېمىنىڭ داۋامى تېخىمۇ زور ئەھمىيەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تولغان. داۋامىغا دېققەتتە بولغايسىزلەر.

15

تېما

1

دوست

4276

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   75.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  813
يازما سانى: 247
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 68
تۆھپە : 1292
توردىكى ۋاقتى: 319
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 18:53 |ئايرىم كۆرۈش
ئەركىم ئاكا :
ئابلەت سەمەت ئاكىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى بىلسەك بۇلاتتى.

163

تېما

10

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   62.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1737
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6582
تۆھپە : 6467
توردىكى ۋاقتى: 1527
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-20
7#
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:27 |ئايرىم كۆرۈش
tikan يوللىغان ۋاقتى  2015-3-19 18:53
ئەركىم ئاكا :
ئابلەت سەمەت ئاكىمىزنىڭ تەرجىمىھالىنى بى ...

بۇ ئاكىمىزنى تونۇشتۇرۇپ ئايرىم  بىر تېما قىلىپ يوللايمەن بىر كۈنى....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )