قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 676|ئىنكاس: 4

ئۇچ جايتاغ نورۇزلىغى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

0

دوست

177

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34077
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 16:30:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچتۇرپان جايتاغ نورۇزلىغى
خوجا نىياز يوللۇغ تېكىن(ئاقسۇ مائارىپ ئىنىستىتوتى دوتسېنتتى)



    جايتاغ-ئاقسۇ ۋىلايىتى ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ شەرقي تەرىپىدىكى ئاچىتاغ يېزىسى جايتاغ كەنتىگە جايلاشقان، تاغنىڭ نامى.ئۇزاق تارىخىي دەۋىرلەردىن بۇيان خەلقىمىز ھەر يىلى نورۇزلۇق بايرىمىنى تەبرىكلەش يۈستىدىن ،تۈرلۈك تەنتەربىيە ،مەدەنىي-سەنئەت،كۆڭۈل ئېچىش  پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن ،بۇ جاي  «جاي تاغ» نورۇزلىغى دەپ ئاتىلىپ كېلىنگەن.
    رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ھىجىريىنىڭ 30-يىلى سۇلتان قۇرمىش مۇسلىمىن①،دېگەن كىشى ئىسلام دىنى تارقىتىش ئۈچۈن 30مىڭ ساھابى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ئۇچ زىمىنىغا كەلگەن. شۇ چاغدىكى ئۇچ خانى زەبۇر ئاتەش پەرەس ②( بەزى رىۋايەتلەردە قەقەر جادى ③دەپمۇ ئاتىلىدۇ( بىلەن قاتتىق جەڭ قىلغان. مۇشۇ قېتىملىق جەڭدە  ئىسلام دىنى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن 30مىڭ ساھابىلەرنىڭ سەركەردىسى –سۇلتان مۇراد بەلىخ ئاتا ④قاتارلىق 4كىشى جەڭدە شىھىت بولغان. شۇلارنىڭ جەسىدى  مۇشۇ تاغ باغرىغا دەپنە قىلىنغان ، بۇ قەبرىستانلىق شۇنىڭ بىلەن «ئالتۇنلۇرۇم » ھەم سۇلتان بەلىخ ئاتا مازىرى دەپمۇ ئاتالغان.
     تۇغلۇق تۆمۈرخان دەۋرى (مىلادى 1300-يىللار)دە ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەردە  شىھىت بولغانلارنىڭ جەسىتىمۇ مۇشۇ-جايتاغ ئەتىراپىغا قۇيۇلغانلىقى ھەققىدىمۇ نۇرغۇن رىۋايەتلەر بار.يەنە ئۇچ خەلقى ئارسىدا چىن تۈمۈر باتۇرنىڭ جەسسىدى مۇشۇ جايتاغقا يەرگە قۇيۇلغان دەيدىغان رىۋايەتمۇ بار.
ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر قايسى دەۋىرلەردە ئۆتكەن ئەل سۈيەر باتۇر ئوغلانلارنىڭ جەسىتىمۇ  مۇشۇ جايغا  دەپىن قىلىنغان. 1755-يىلى بورھانىدىن خۇجا ۋە ئىنىسى جاھان خۇجالار كۇچار ۋە ئاقسۇلاردىن ئىشلەمچى ئەكىلىپ ، جايتاغ ئۈستىگە كاتتا ساراي ،شەھەر قۇرۇپ خانلىق ئوردا قىلماقچى بۇلۇپ 3مىڭ مەدىكارچىنى ئىككى ئاي تاغ تۈپىسىنى تۈزلەش ئەمگىگىگە سالغان.
     ئۇچ جايتاغ ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلار ،دىنىي ئۆلىمالار جايتاغدىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ مۇققەددەس جاينى  تېخىمۇ ئۇلۇغلاش ئۈچۈن،1956 -يىلى جاي تاغ ئۈستىگە بىر مەسچىت سېلىشنى ،تارىختا ئۆتكەن ئۇلۇغلارنى داۋاملىق ئەسلەپ تۇرۇشنى پىلانلىغان.⑤بىراق جاي تاغ ئۈستىگە ئىككى ئادەمنىڭ جەسىتى قۇيۇلغان،ئۈستىگە گۈمبەز ياسالغان. قەبرىسى ھازىرمۇ بار(2010-يىلى ئەتراپىدا قەۋرە ئوغرىلىرى تەرىپىدىن بۇ گۈمبەز قەۋرىلەر ئاستى كولاپ بۇزۇلغان) ئەھەت قارى داموللا ھاجى ( جايتاغ مەسچىتىنىڭ سابىق ئىمامى ،ئىسلام دىنى بىلىمى يۇقۇرى ،ئەرەپ پارىس،ئوردۇ تىللىرىغا ئۇستا ،بىلىملىك زات)نىڭ 1985-يلى بايان قىلپ بېرىشىچە :« خەلق رىۋايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنىپ كەلگەن چىن تۈمۈر باتۇر نىڭ قەبرسىمۇمۇشۇ تاغ ئۈستىگە قۇيۇلغان   ئىكەن.
دىنىي  قائىدە بۇيىنچە مەسچىت قۇرۇلىدىغان  ئورۇندا  قەبرە ئورنى بولماسلىقى كېرەك بولغانلىقكى ئۈچۈن ،جاي تاغدىكى دىنىي مۆتىۋەرلەر بۇ ئىككى ئادەمنىڭ جەسىتىنى يۆتكىمەكچى بۇلۇپ ،قەۋرىنى ئاچقان ،قەۋرە ئوقۇر شەكىلدە ياسالغان بۇلۇپ،ساندۇق ئىچىگە بىر جەسەت،جەسەت ئاستىغا بىردانە قىلىچ قۇيۇلغان، قىلىچنىڭ سېپى ئالتۇندىن ياسالغان پاقىراپ تۇرىدۇ، لېكىن, قىلىچنىڭ ئۇچى ۋە بىسى داتلاشقان، جەسەت بۇزۇلۇپ كەتمىگەن ،تىزىنىڭ ئۈگىلىرى تېخى ئايرىلمىغاچقا خۇددى پۇتىنى ئۇزۇن سۇزۇپ ياتقان ئادەمدەك كۈرۈنگەن، جەسەتنى ئاچقان دىنىي مۆتىۋەرلەر  بۇ جەسەتنىڭ ئۇلۇغ زاتلاردىن ئىكەنلىكىنى،شۇنداقلا شىھېت بۇلۇپ كەتكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، دىنىي قائىدە بۇيىنچە ئاۋالقىدەك ئۆز جايىغا قۇيۇپ قويغان ھەمدە مەسچىتنى جاي تاغ يېنىغا (1956-يىلى) سېلىشنى قارار قىلىشقان.»
       1759-يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى بورھانىدىن خۇجا ۋە ئىنىسى جاھان خۇجا  لارنىڭ  چىڭ سۇلالىسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى باستۇرۇپ ،ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆزىگە قارىتىپ 6يىل ئۆتكەندە ، ئۇچتۇرپان دېھقانلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ  تۈرلۈك زۇلۇملىرىغا ۋاي دات دەپ تۇرغاندا ،«كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال» دېگەندەك ،چىڭ سۇلالىسى پادىشاھى چىيەنلۇڭ خاننىڭ  ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭغا  بېيجىڭغا«جىگدە  كۆچىتى يوتكەش» يارلىقى ئەۋەرتكەن، ئىپارخانىڭ ⑦جىگدە تەلىۋى ، ئۇچتۇرپان دېققانلار قوزغۇلىڭىنىڭ ئوت پىلتىسغا ئايلانغان.  1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇچ دېھقانلىرى زۇلۇمغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن  ⑧  . قوزغۇلااڭ  6 ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن  سىرىتتىن كېلىدىغان ياردەم بولمىغان ئەھۋالدا 1765-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى چىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئۈستۈن ھەربى كۈچ ئارقىلىق قانلىق باستۇرۇلغان. قىز -ئاياللارمۇ يەتتە-يەتتەدىن بىر گۇرۇپ بۇلۇپ تەشكىللىنىپ ھەرقايسى جايلاردا جەڭگە قاتناشقان،ئاخىرىدا تاغدىن ئۆزىنى تاشلاپ قۇربان بولغان. ئۇچ قوزغۇلىڭىنىڭ ئاساسلىق باشچىسى، رەھبىرى، مىللىي قەھرىمان ئەسمىتۇللا بەگ  قوزغۇلاڭ داۋامىدا مەرتلەرچە قۇربان بولغان. قاچقانلار قېچىپ ،ئۇرۇشتا ئۈلۇپ،ئېشىپ قالغانلاردىن 10مىڭ دىن ئارتۇق ئۇچ ئۇيغۇرلىرى  تۈركۈملەرگە بۈلۈپ ،مۇز داۋان يۇلى ئارقىلىق ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان . ئىلىىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
     قوزغىلاڭ توغرىسىدا چەنلۇڭ خان:«ئەسلىدەئۇشتىكى  قوزغۇلاڭ يۈز بەرمەسلىككە تىگىىشلىك قۇزغۇلاڭ ئىدى،بىزنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلىرمىزنىڭ چەكتىن ئاشقان زۇلىمى سەۋەبىدىن پارتىلغان»-دىگەن.بىراق قانداقلا بولمىسۇن قوزغۇلاڭنى باستۇرۇشنىڭ نەچچە رەت مەغلۇپ بۇلىشى،ۋاقىتنىڭ ئۇزراپ كىتىشى،تازا گۈللەنگەن چىڭ سۇلالىسىغا ئېغىر بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
    شۇڭا  ئۇچ  خەلقى تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلەرنى،باتۇرلارنى  ئەسمىتۇللا بەگنى ، يەتتە قىزنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن  جايتاغنىڭ پاكارراق قىسمىغا (جەنۇپ تەرەپكە ) گۈمبەزلىك  خاتىرە ئۆي تىكلىگەن. جايتاغ(جايتاش) نىڭ غەرىپ ئۇچى تاغ ئۈستىگە يەتتە قىزنىڭ قەۋرىسىنى قاتۇرغان .جايتاغ مەنزىرىسى گۈزەل ،قەدىمقى مۇققەدەس جاي ھەمدە تارىختا  ئۆتكەن «ئۇلۇغلار» ھەم «خەلق قەھرىمانلىرى» نىڭ  جەسىتى قۇيۇلغان  جاي بولغاچقا ،خەلق ئۆز ئەجداتلىرىنى ياد ئېتىپ ،سېغىنىش ئىستىگى بىلەن  ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ تەبىئەت بايرىمى ئەنئەنىۋى نورۇز بايرىمىدا  بۇ يەرگە توپلۇنۇپ ، جايتاغ باغرىنى چورىدەپ  داغدۇغۇلۇق جايتاغ نورۇزلىغى ئۆتكۈزۇپ كەلگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ جاي جايتاغ نورۇزلىقى دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. ھەرتۈرلۈك  خەلق سەنئەتلىرى: مەشرەپ ،ئەل نەغمە ،قىزىقچىلىق ئۇيۇنلىرى ،تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى: ئات بەيگىسى ،ئوغلاق تارتىش ، چەۋگەن توپ ، دارۋازلىق ،سىرىك ئۇيۇنى، چېلىشىش ،گۈلەڭگە ئۇچۇش، ئىشىت تالاشتۇرۇش،توخۇ سۇقۇشتۇرۇش، قوشقار سۇقۇشتۇرۇش، ۋالىبول ،ۋاسكىتبول،تىكتاك توپ،يۈگرىش قاتارلىق ئەل ئىچى سەنئەت پائالىيەتلەر ....ھەر يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن باشلاپ ئىككى ھەپتە ئەتراپىدا ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىنگەن. ھەرقايسى جايلاردىن توپلانغان نەچچە مىڭلىغان چەۋەندازلار ،تۈرلۈك سەنئەت  ماھارىتى ئورۇندىغۇچىلار ،ئەل نەغمىچىلەر ،كارامەت كۆرسەتكۇچىلەر ،دارۋازلار ،مەددالار  ،سودىگەرلەر ، كۆرەرمەنلەر  بۇلۇپ تۈمەنمىڭلىغان خەلق قاتناشقان،توپلاشقان ،نەغمە ناۋا سادالىرى ياڭراپ تۇرغان ، تۈرلۈك پائالىيەتلەر  چەكلىمىسىز –تۇسالغۇسىز شەكىلدە ئىجرا قىلىنىدىغان ،بارلىق خەلق ئۆز شاتلىقىنى،ماھارىتىنى ئىپادىلەيدىغان،ئېچىۋېتىلگەن، ئەلنىڭ سەنئەت مەكتىۋى ،تەنتەربىيە مەكتىۋى ، شاتلىق سەيناسى جاي تاغ نورۇزلۇق پائالىيىتىدۇر. جايتاغ نورۇزلىغى ئۇچتۇرپان ناھىيە ئاچىتاغ يېزىسى جايتاغ كەنتىدە ئەجداتلىرىمىزدىن تارتىپ ھەر يىلى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. مەدىنيەت ئىنقىلاۋى مەزگىللىردە(1966-1976-يىللار) بۇنداق پائالىيەتلەر تاشلىپ قالغان،ئىسلاھات ئىچىۋىتىشنىڭنىڭ تۈرۈىتكىسىدە20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ كۈڭۈل بۈلۈپ تەشكىللىشى بىلەن، ناھىيە بۇيچە ئېلىپ بېرىلدىغان بۇ پائالىيەتنىڭ كۈلىمى كېڭىيىپ ئاقسۇ،ئاۋات،كەلپىن ئۇنسۇ قاتارلىق قوشنا ناھىيەلەردىنمۇ كوماندىلار ۋە تاماشىبىنلار تىجارەتچىلەر كىلىپ بۇ پائاليەتكە قاتناشقان،ئەينى ۋاقىتتا بۇنداق بىر كەڭ كۆلەملىك پائالىيەتنىڭ داغ-دۇغىسىنى ئاخبارات ۋاستىللىرى كەڭ تەشۋىق قىلىپ پۈتۈن شىنجاڭغا تۇنۇشتۇرغان.مەخسۇس جايتاغ نۇرۇزلىغىنى ئۆتكۈزدىغان ئورۇن راسلاش ئۈچۈن، ناھىيە ۋە ئاچتاغ يېزىسى ھەر قايسى كەنتلەردىن يەر ئاجىرتىپ  بۇ يەرنى كەنتلەردىن كەنىتلەرگە سۈرۈپ بىرىش شەكلى ئارقىلىق جايتاغنىڭ شىمالىغا مەخسۇس كەڭرى مەيدان ھازىرلىغان ئومۇمى يەر كۆلىمى 170مۇ كىلدىغان بۇ ئورۇن 2.8 مىتىر ئىگەىزلىكتىكى موقما تام بىلەن قورشالغان بۇلۇپ شەرق  ۋە غەرپ تەرەپتە 5مېتىر كەڭلىكتە دەۋازا قۇيۇلغان. بىراق 2002-يىلى بۇيەر باغ-ئورمان بەرپا قىلغۇچىلارغا ھۆدىگە بىرىلىپ،جايتاغ نورۇزلىغى ئۆتكۈزدىغانغا جاي بولماسلىق ۋەزىيتى شەكىللەنگەن.شۇنداق قىلىپ،ئۇزاق زامانلاردىن بىرى خەلقىمىز تەرپىدىن داۋاملاشتۇرۇلۇپ كىلىنگەن جايتاغ نورۇزلىغىدەك بۇنداق تەن-تەربىيە ۋە خەلق سەنئىتى  بىرلەشتۈرۈلگەن كاتتا پائالىيەت، ئورۇن بولماسلىق قوللاش بولماسلىق.... قاتارلىق سەۋەبىدىن توختاپ قالغان.
ئىزاھاتلار :
① سۇلتان قىرمىش ئاتا –ھازىرئۇنسۇ ناھىيەسىنىڭ تۇمشۇق بازىرغا تەۋە بۇلۇپ، 1944-يىلى  توشقان دەرياسىنىڭ  شىمالىدىكى جايلار ئۇچتۇرپاندىن ئونسۇ ناھىيەسىگە ئايرىپ بىرىلگەن،كىشىلەر بۇ جاينى ئۇلۇغلار ياتقان يەر دەپ ،بېرىپ دۇئا قىلىپ  يانىدۇ.
② زەمبۇر ئاتەش- رىۋايەتلەرگە قارىغاندا ، ئاتەش دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان كىشىلەردىن بۇلۇپ ،سەمەرقەنتتىن لەشكەر تارتىپ،ئۇچ زىمىنىغا كېلىپ   ئۇرۇش قىلغانلىقى  سۆزلىنىدۇ.
③ قەقەر جادى- ئۇچ پادىشاھى بۇلۇپ ،بۇددا دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغانلىقى مەلۇم، ئۇچتۇرپاننىڭ غەربىي جەنۇبىىي تەرىپىگە جايلاشقان تاغنى كىشىلەر  قەقەر جادى تېغى دەپ ئاتايدۇ،ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان ،تۈز سايلىق ،بۇ  تىلسىملىق شەھەر ھەققىدە  خەلىق ئىچىدە نۇرغۇن رىۋايەتلەر ساقلانماقتا.
④ سۇلتان  مۇرات بەلخ ئاتا-  ئافغانىستانلىق بۇلۇپ ،ئوسمان خەلىپىلىك تەرەپتارى.
  ⑤جاي تاغنىڭ توت ئەتراپى  تۈزلەڭ يەر،بۇلۇپ ھاۋا ئۇچۇق كۈنلەردە تۆت ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىلەرنى (10-30كلومېتىر) ناھايىتى ئۇچۇق كۆرگىلى بۇلاتتى ،باشقا جايلاردىكى باسقۇن ،ئەپەت بەلگىلىرىدىن خەۋەر تاپقىلى ۋە خەۋەر تارقاتقىلى بۇلاتتى.يەنى ئۇچ تاغ،مۆلچەر تاغ،بەدەل تاغ ،جانباز ئاتا تاغلىرى، قەقەر جادى تاغلىرى ، تۈمۇر چوقا تاغلىرى ۋە بۇ تاغلار ئۈستىدىكى ھەرخىل ئىشلار ،ئۇرۇش ،باسقۇنلاردىن ئۇچۇر بېرىش (بەلگە بىرىش)ئۈچۈن يانغىن (كەچلىگى ئوت-يانغى)، تۈتەك(كۈندۈزى) لەرنى ئۇچۇق كۆرگىلى بۇلاتتى، بەلگە بەرگىلى بۇلاتتى. شۇنداقلا تۈزلەڭ يەرنىڭ ئوتتۇرسىغا جايلاشقان بۇ تاغ  ئەتراپتىن قارىغاندا تۇلىمۇ گۈزەل،سىرلىق شەھەردەك   كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتىش تۇيغۇسى بىرەتتى.
⑥ئىپارخان  ئۇچلۇق ئېلى خۇجانىڭ قىزى بۇلۇپ ئۇ 1734-يىلى ئۇچتا تۇغۇلغان.  كېيىن  ئېلى خۇجا جوڭغارلار تەرىپىدىن  ئېلىغا ئاپىرىلىپ نازەربەنىت قىلىنغان. تەخمىنەن1750-يىلى ئاپپاق خۇجا نىڭ نەۋرىسى جاھان خۇجا (خان خۇجا دەپمۇ ئاتىلىدۇ)بىلەن ئىپارخان تويلاشقان.   جاھان خۇجا ئەسلىدە  ئاپپاق خۇجا  نىڭ  ئوغلى ئەھمەت خۇجا نىڭ بالىسى بۇلۇپ،   ئەھمەت خۇجا    1700-يىلى قەشقەردە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا ،جوڭغارلار تەرىپىدىن ئىلىغا ئاپىرىنىپ نازەربەنت قىلىنغان.
       چوڭ –كىچىك خۇجالار –بورھانىدىن خۇجا ۋە ئىنىسى جاھان خۇجا(خان خۇجا)لار  1755-يىلى چىڭ سۇلالىسى جوڭغا ئامۇرسىنا توپىلاڭىنى باستۇرۇپ ، ئىلى رايۇنىنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ،ئۇلار جوڭغارلارنىڭ باشقۇرۇشىدىن قۇتۇلغان، ئامما چىڭ-مانجۇ لارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر يۇرتىنى ئىگەللەش پىلانىغا تۇتۇلغان. بورھانىدىن خۇجا باشچىلىقىدىكى  كىشىلەر جەنۇبىي ئۇيغۇر رايۇنىنى ئىگىلەشكە ماڭدۇرۇلغان. ئىنىسىنى جاھان خۇجا (خان خۇجا) ئىلىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرىدۇ دېگەن نام بىلەن تورغاقلىققا تۇتۇپ قېلىنغان.  بورھانىدىن خۇجا جەنۇبىي ئۇيغۇر رايۇنىنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئىنىسى جاھان خۇجا  ئىلىدىن كۇچارغا قېچىپ كېلىپ ، ھەرقايسى جايلاردىن 100مىڭ لەشكەر توپلاپ  ،كۇچاردا «باتۇرخان دۆلىتى» نى قۇرۇپ ، ئۇچ جايتاغ ئۈستىگە ئوردا قەسىر سالماقچى بۇلۇپ تاغ ئۈستىنى تۈزلىگەن (ئۇچلۇق تارىخچى موللا ئىبراھىم ئاخۇن ئويتۇرى: يازغان «شەجەرەئىل ئېرشات» ناملىق ئەسەرنىڭ قوليازمىسىغا قاراڭ ) . ئەمما تۆت يىلدىن كېيىن ناھايىتى كۆپ مانجۇ-چىڭ لەشكەرلىرى باستۇرۇپ كەلگەن ، ئۇلار كۇچا شەھرىدە ئېلىشىپ ،كۇچارنى تاشلاپ ،ئاقسۇغا كەلگەن، ئاقسۇ ھاكىمى خۇجا بەگ(بەزى تارىخى ماترىرياللاردا خۇجەس بەگ دەپ بۇزۇپ ئېلىنغان) ئۇلارنى يېڭىلىپ كەلدى دەپ ئويلاپ،تېز ئۆزگۈرۈپ ، شەھەر دەرۋازىسىنى تاقىۋالغان. ئۇلار توشقان دەريا ۋادىسى ،ئۇچ ،قەشقەر ،يەكەنلەردە چىڭ لەشكەرلىرى بىلەن ئېلىشىپ ، ئافغانىستان دائىرىسىكى بەدەخشانغا بارغاندا ، 1759-يىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بەدەخشان ئاقساقىلى سۇلتان شاھ تەرىپىن ھىلە قىلىپ ئۆلتۈرۈلگەن ، ئىپارخان ئەسىر ئېلىنغان ، ئاقسۇلۇق سەئىد بەگ، ئابدۇۋاھاپبەگلەر خان ئالىلىرىغا بۇندىن ئارتۇق سوغات يوقتۇر دىيىشىكەن ، ئىپارخان 1760-يىلى بېيجىڭگە يالاپ ئاپىرىلغان. بۇ چاغدا ئىپارخان 26ياشلىق چوكان ئىدى. چىيەنلۇڭ ئىپارخاننى ئارقا ھويلىغا ئورۇنلاشتۇرغان، پادىشاھ چىيەنلۇڭ بارلىق ئاماللار بىلەن ئىپارخاننى كۆندۈرۈشكە تىرىشقان ، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى ئۇمۇ كۆنۈپ قالىدۇ دەپ ،بېيجىڭدە ئۇ تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئۇيغۇر پوسۇنىدىكى باغچا ،قەسىر،ھويلا سالدۇرغان ،شىنجاڭدىن ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭگە كۆچۈرۈپ ئاپارغان، ئۇيغۇر تاماقلىرىنى ئېىتپ بېرىشكە بۇيرىغان ،  ئەمما  ۋاقىت ئۆتكەنسىرىسى ئىپارخان يۇرتى ئۇچتۇرپاننى سېغىنغان ، «ئۇ مېنىڭ يۇرتۇمدا تىنى تۈمۈردىن ،ياپرىقى كۈمۈشتىن ،مىۋىسى ئالتۇندىن بولغان دەرەخ بار ،شۇ دەرەخنى سېغىندىم ،يۇرت –خەلقىمنى سېغىندىم»  دېگەن .تەرجىمان ئارقىلىق بۇنى ئۇققان چىيەنلۇڭ خان بۇ خىل دەرەخ خان باغچىسىغا لايىقكەن دەپ قاراپ « ئۇچتۇرپان خان ئامبىلى سۇچىڭغا بېيجىڭغا جىگدە يوتكەپ ئاپىرىش » بۇيرىغىنى چىقارغان.
بۇنىڭ بىلەن «ئۇچتا جىگدە يېغىلىغى» كۆتۈرۈلگەن.  1765-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى  قوزغۇلۇپ 6ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن  سىرىتتىن كېلىدىغان ياردەم بولمىغان ئەھۋالدا  1765-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى چىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلغان. ئۇچ قوزغۇلىڭىنىڭ ئاساسلىق باشچىسى، رەھبىرى، مىللىي قەھرىمان ئەسمىتۇللا بەگ  قوزغىلاڭ داۋامىدا مەرتلەرچە قۇربان بولغان. قىز -ئاياللارمۇ يەتتە-يەتتەدىن بىر گۇرۇپ بۇلۇپ تەشكىللىنىپ ھەرقايسى جايلاردا جەڭگە قاتناشقان،ئاخىرىدا تەڭ كېلەلمەي ، ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ قۇربان بولغان. قاچقانلار قېچىپ ،ئۇرۇشتا ئۈلۇپ،ئېشىپ قالغانلاردىن 10مىڭ دىن ئارتۇق ئۇچ ئۇيغۇرلىرى  تۈركۈملەرگە بۈلۈپ ،مۇز داۋان يۇلى ئارقىلىق ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان . ئىلىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
      بۇئېچىنىشلىق ئەھۋالنى ئۇققان ئىپارخان  قاتتىق ئازاپلىنىپ ،يىغلاپ ،1765-يىلى كۈز دە  ئېسىلىپ ئۈلىۋالغان. ئاكىسى تۇردى گۇڭنىڭ قەۋرىسى ھازىر ئۇچ ياكۆۋرۈك يېزا 4-كەنىت ،ئۇچ-ئاقسۇ چوڭ قاتناش يۇلىنىڭ ئىماملىرىمغا قاتنايدىغان يول ئېغىزى بۇيىدا بار بۇلۇپ،  كىشىلەر تەرىپىدىن تۇردى گۇڭ نىڭ قەۋرە گومبىزى دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە .

11

تېما

9

دوست

4626

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32925
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 1348
توردىكى ۋاقتى: 400
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-17 21:45:00 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تارىخىي تېمىڭىزغا رەھمەت.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

4

دوست

8172

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2109
توردىكى ۋاقتى: 644
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 07:26:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپارخاننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە مۇنداق ئۈچ خىل ئۇچۇر بار:
1.چىيەنلوڭ خاننىڭ ئانىسى زەھەرلەپ ئۆلتۈرگەن؛
2.ئۆزىگە پىچاق تىقىپ ئۆلۈۋالغان.
3.يىپەك رومالىدا بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
بۇ ماقالىدا يەنە بىرخىل ئۇچۇر بېرىلىپتۇ.

خان سارايلىرىدا،ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەسىرلىرىدە مەڭگۈ ئېچىلمايدىغان سىرلار كۆپ.
مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، ئىپارخان:قانداقتۇر خانغا خوتۇن بولغان،قانداقتۇر 50 ياشتىن كۆپ ئوردىدا ياشىغان،يەنە قانداقتۇر خاننىڭ ئوردا ئىشلىرىغا مەسلىھەتچى،قوللىغۇچى...بولغان دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئويدۇرما.

1

تېما

4

دوست

8172

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   63.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12096
يازما سانى: 472
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 640
تۆھپە : 2109
توردىكى ۋاقتى: 644
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-18 07:30:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ داڭلىق شائىرلىرىدىن -يەن جىڭ شېئىرلىرى(ئۇستاز رەھىم قاسىم  تەرجىمە قىلغان)؛ شى يىن شېئىرلىرى ۋە 1950-يىللارنىڭ بېشىدا بېيجىڭدا ئوينالغان‹‹ئىپارخاننىڭ ئۆچ ئېلىشى››،‹‹ئىپارخان›› ناملىق دىراممىلاردا -- ئىپارخاننىڭ مانجۇ باسقۇنچىلىرىغا ئىگىلمەي،ئۆلۈم يولىنى تاللىغانلىقى يېزىلغان،تارىخ بېتىگە ئويۇلۇپ ئەبەدىيلەشتۈرۈلگەن.

0

تېما

0

دوست

177

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   59%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34077
يازما سانى: 3
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-23 10:36:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچ جايتاغ رەسىملىرىدىن بىر قىسىم كۈرۈنۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )