ئالدامچىلىققا ياردەم بىرىۋاتقانلار
ھەممىمىزگە مەلۇم، جەمىيىتىمىزدە ئاشكارە مەخپىيەتلىك بولغان تارتقۇلار ئېلان مۇلازىمىتىدىكى ۋاستىلىق ئالدىنىش ۋە ئالداشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان مەسىلىلەر ئاز ئەمەس بولۇپ، ساددا، نەزەر دائىرىسى تار، ئىقتىسادى قەدىر-ئەھۋال بولسىمۇ، ئەمما ئىستىمال ئېڭى تۆۋەن كىشىلەرنىڭ ئىستىمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپەت-تېخنىكىسى، ماركا-قىممىتى، ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى-ئۈنۈمى، مەھسۇلات چۈشەندۈرىشى قاتارلىق تەرەپلىرىنى چۈشەنمەسلىكىدىن، مەھسۇلاتنىڭ قىممىتىدىن خەۋەرسىزلىكىدىن پايدىلىنىپ، مەھسۇلاتنىڭ رولىنى-ئىقتىدارىنى كۆپتۈرۈپ، ئادەتتىكى تۇرمۇش ئىستىمال بۇيۇمىنى يالغان-ياۋىداق گەپلەر بىلەن ئالاھىدە ئۈنۈملۈك مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، بىر قىسىم پۇل تېپىشتا ۋاستە تاللىمايدىغان ئاتالمىش پۇلخۇمارلارنىڭ «يۇۋاشنى بوزەك ئەتمىسەڭ قىيامەتتە سورىقى بار» دېگەندەك، ئۇلارنى-ئاشۇ خەۋەرسىز كىشىلەرنى ھەر خىل ئۇسۇل-ۋاستىلەر بىلەن قىزىقتۇرۇپ، ئالداپ ئىقتىسادى، جىسمانىي-روھىي جەھەتلەردىن زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئەمدى پەرۋاسىزلىق بىلەن مۇئامىلا قىلىپ سۈكۈت قىلىپ تۇرساق جەمىيەت ئەخلاقىنىڭ، دۆلەت قانۇنىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلمىغان بولۇپ قالىمىز.
چۈنكى، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنى، جەمىيەتنى قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، كۈچەيتىش ئالاھىدە تەكىتلىنىۋاتقان نۆۋەتتىكى دەۋىردە توغرا-خاتالىق، ھەق-ناھەق، پايدا-زىيان، ئالداش-ئالدىنىش، مەسئۇلىيەت-مەسئۇلىيەتسىزلىك قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ ئايرىلىشى، زىيان تارتقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قانۇن بويىچە قوغدۇلۇپ، زىيان تارتقانلار زىيان تارتىۋەرمەسلىكى، ئالدامچىلىققا قانۇن بويىچە زەربە بىرىپ، پۇقرالارنىڭ ئالدانماسلىق ھوقۇق-مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. قانۇننى كۆزگە ئىلماي توغرا-خاتالىققا پىسەنت قىلمايدىغانلار قانۇنى جازاغا ئۇچرىشى، قانۇننى بىلمەي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىيالمايدىغانلار قانۇن ياردىمىگە ئېرىشىشى كېرەك.
ھەممەيلەنگە مەلۇم، ئالدىغۇچى بولمىسا ئالدانغۇچى بولمايدۇ، شۇنداقلا ئالدانغۇچى بولمىسا ئالدىغۇچى بولمايدۇ. جەمىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ دۇرۇس بولغان-دۇرۇس بولمىغان ھەر خىل ئېھتىياجى ئالدىنىش-ئالداش مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ. ئالدىغۇچى بىلىپ تۇرۇپ ئالداۋاتسا، ئالدانغۇچى بىلمەي تۇرۇپ ئالدىنىۋاتىدۇ. كىشىلەرنىڭ ساپاسىنى تەربىيە، ئەخلاقىنى ھۆرمەت تەلەپ قىلغان بىلەن، ئەمما ئالدامچىلار ساپا بىلەن ئەخلاقنى كېرەك قلىپ كەتمەيدۇ. لېكىن ئالدانغۇچىلار ئالدامچىلارغا ئىشىنىپ زىيان تارتقۇچىلارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. دېمەك، قانۇن ئارقىلىق ئالدامچىلارنى چەكلەش ھەم ئالدانغۇچىلارنى قوغداش كېرەك. قانۇن ئىشلىتىلمىسە «ئېقى قەغەز، قارىسى سىيا» ھالەتتە تۇرۇپ قېلىپ نوپۇزى بولمايدۇ. شۇڭا، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جەمىيەتتىكى ئالداش-ئالدىنىش مەسىلىلىرىگە ئالاھىدە دىققەتنى بۇراش كېرەك.
رادىيۇ-تىلىۋىزىيە، گېزىت-ژورنال، ئىنتېرنىت تورى قاتارلىق تاراتقۇلاردىكى پۇللا بەرسە ئېلان بىرىۋېرىدىغان ئاتالمىش «مۇلازىمەت»، كىشىلەرنىڭ ئەڭ كۆپ بېشىنى قاتۇرىدىغان ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەردە ئالداش-ئالدىنىشقا پۇرسەت يارىتىپ «يېشىل چىراق» يېقىپ بىرىۋاتىدۇ. ھەرقانداق ساتىدىغان نەرسىگە ئىلتىماس سۇنسا كۆرمەي تۇرۇپلا «تىجارەت كىنىشكىسى» بىجىرىپ بىرىۋېرىدىغان سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش پونكىتلىرىنىڭ تىجارەت كىنىشكىسى بولسىلا، تاراتقۇلارغا تەلەپ بويىچە ئېلان ھەققىنى تۆلىسىلا، مەھسۇلاتنى ئېلان قىلىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلەش ھەم ئېلان ھەققىنىڭ مىقتارى بويىچە مەلۇم مۇددەت ئېلان قىلىپ بىرىش، ئەكسىچە مەھسۇلاتنىڭ ھەقىقى ئۈنۈمى شۇنداقمۇ-ئەمەس دېگەنلەر بىلەن كارى بولماسلىق، ئىستىمالچىلارنى ۋاستىلىق زىيانغا ئۇچرىتىش مەسئۇلىيىتىنى بىلمەسلىك، ئەلۋەتتە قانۇن بويىچە تەرتىپكە سالىدىغان مەسىلىلەردۇر. ھەممە گۇناھنى، زىياننى ئالدانغۇچىلارغا ئىتتىرىپ قۇيۇش جەمىيەت ئادىللىقى بولمايدۇ.
مەلۇم ئىچىملىك، شەربەت، تولۇقلىغۇچىلارنى ۋاكالىتەن ساتقۇچىلار تىلىۋىزىيە ئىستانسىنىڭ مەلۇم مەخسۇس پىروگىراممىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ۋاكالىتەن سېتىۋاتقان مەھسۇلاتلىرىنى ماختاپ تۇنۇشتۇرىدىغان فىلىم ئىشلەپ جەمىيەتكە تارقىتىشى، ئاقىۋەت ئالدانغۇچىلارنى بارلىققا كەلتۈرىشى، ھەقىقى مۇلازىمەتنىڭ ئەمەس، بەلكى «مۇناسىۋەت»نىڭ مەھسۇلاتىدۇر، ئاقىۋىتىدۇر. تور دۇنياسىدىمۇ پۇل بەرسىلا تەييارلاپ ئىشلەنگەن مەھسۇلات-ئۇچۇرلارنى ئېلان بىرىۋېرىدىغان ھالەت نۇرمال ئەھۋالغا ئايلانغان بولۇپ، مۇشۇنداق ئاقىۋىتى، زىيىنى، تەسىرى بىلەن كارى بولماسلىقنىمۇ قانۇن بىلەن باشقۇرماي بولمايدۇ.
توغرا، مەھسۇلات دېگەننىڭ سۈپەت-قىممىتىنى تاراتقۇلار باشقۇرمايدۇ. ئەمما، مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپەت-قىممىتى بىلەن كارى بولماي ئېلان-تەشۋىق قىلىش تاراتقۇلارنىڭ قولىدىن كېلىۋاتىدۇ. جەمىيىتىمىزدە خېلى داڭلىق ماركىغا ئايلانغان مەھسۇلاتلاردىنمۇ سۈپەت مەسىلىسى كىلىپ چىقىۋاتقان ئەھۋالدا، ئادەتتىكى بازار ئىزدەپ مەھسۇلاتلارنى ئۆتكۈنچى مەزگىللىك سېتىپ پۇل قىلىۋېلىش ئۈچۈن، تاراتقۇلاردا ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئېلان-داۋراڭ قىلىشنى تاراتقۇلارنىڭ تۇنۇشتۇرۇش-ئېلان تۇزۈلمىسىدىكى مۇلازىمەت مۇكەممەلسىزلىكى ھەم ئالدامچىلارغا ياردەم بەرگەنلىك دىمەي تۇرالمايمىز.
|