قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2419|ئىنكاس: 12
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: مۇھاجىرلىق ئاچچىق-چۈچۈكلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

97

تېما

36

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   7.21%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 155
نادىر تېمىسى: 58
مۇنبەر پۇلى: 924
تۆھپە : 4551
توردىكى ۋاقتى: 265
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-11

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 11:46:05 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
مۇھاجىرلىق ئاچچىق-چۈچۈكلىرى

قەيسەر مىجىت


(بۇ ئەسىرىمنى ھاياتنىڭ ھەر خىل قىسمەتلىرى تۈپەيلى ئانا ۋەتەندىن ئايرىلىپ مۇھاجىر بولۇپ ياشاپ قالغان بارلىق دوستلىرىمغا بىغىشلايمەن)

   ئۆسمۈر چىغىمدا يازغۇچى ئابلىمىت ھاجىنىڭ "تۇتىيا" ناملىق ھىكايىسىنى ئوقۇپ كۆزلىرىم نەملىشىپ، ئۆزۈمگە شۇنداق دىگەن ئىدىم: ئەل-يۇرتتىن، ۋەتەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن.كىيىن يىشىمنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ بىلىدىغان نەرسەم كۆپەيدى، ئۆزۈم چوڭ بولمىسام بولمايدىكەن، ئەقلىم زورايمىسا تېخىمۇ  بولمايدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ئوقۇمىسام بولمايدىكەن، شۇنداق ئىكەن ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىمدىن ئايرىلىپ يىراق يەرلەرگە بارمىسام بولمايدىكەن.
   مەندىكى ئوقۇش ئىستەكلىرى ۋە پۇرسەتلىرى  مىنى پامىر تاغلىرىنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان كىچىك تاغلىق ئورمان مەيداندىن، ئەڭ دەسلىۋىدە تاغلىق ناھىيە-ئۇلۇغچاتقا ئىلىپ بارغان بولسا، كىيىن تاشلىق ئەمما مىھرى ئاتەش شەھەر- ئاتۇشقا باشلاپ كىردى، ۋە ئاخىرىدا رەڭگا- رەڭلىككە پۈركەنگەن چوڭ مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىگە  ئىلىپ كەتتى.
  گەرچە ھەر بىر قىتىم يۇرت ئاتلىغاندا، ھىس-تۇيغۇلىرىمدا ئاز-تولا ئۆزگىرىش بولسىمۇ ئەمما يۈرىگىم يەنىلا توق تۇردى. چۈنكى مەن نەگىلا بارماي، ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇققانلىرىمدىن ئايرىلىپ يۈرگىنىم بىلەن  خەلقىم بىلەن ياشاۋاتىمەنغۇ دىگەن ئوي ھامان ماڭا ھەمرا ئىدى. بولۇپمۇ يىڭى يەرلەردە تونۇشقان دوستلارنىڭ دوستلۇق ھۆرمىتى، ئادىمىگەرچىلىگى ۋە مۇھەببىتى قەلبىمنى ئىللىتىپ گويا كەينىمدە تاغدەك يۆلەنچۈكۈم باردەك ھىسسىياتتا ياشىدىم.مەن ئامرىكىغا قاراپ ئۇچقان ئايرۇپىلانغا ئولتۇرغان شۇ كۈنىلا، ئۆزۈم ئۆسمۈرلىگىمدە "ھەرگىز كىرمەيمەن دىگەن چەمبىرەكنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغىنىمنى ھىس قىلدىم، ئىھتىمال "قۇتۇلىمەن دەپ تۇتۇلۇپتۇ دىگەن" دىگەن  مۇشۇنداق بولسا كىرەك.

    بۇ يىلقى باھار مىنىڭ ئامىرىكىدا ئۆتكۈزگەن 17 ئىنجى باھار پەسلىم. خۇددى تەبئەتتە تۆت پەسىل، ئادەمنىڭ ھاياتىدا بالىلىق، ياشلىق، ئوتتورا ياشلىق مەزگىللىرى بولغاندەك، مىنىڭ مۇھاجىرلىق ھاياتىمنىڭ ئۆزگىچە پەسىللىرى، مەزگىللىرى بولدى، بۇ جەريداندا مەن ھەر خىل  ئىسسىق-سوغۇق، ئاچچىق-چۈچۈكلەرنى تىتىپ كۆردۈم. بۇ كەچمىشلەر مىنى  ئەجدادلىرىمىزنىڭ "مۇساپىر بولمىغۇچە مۇسۇلمان بولماپتۇ" دىگەن گىپىنى چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى. چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدە - ئىتىقادلىق مۇسۇلمان، دۇنيانى بىلىشكە ھىرىسمەن بولىدۇ، مۇساپىرلىق جەريانىدا بىلگەنلىرى كۆپۈيۈپ ماڭىدۇ.
    كىچىك چىغىمدىن باشلاپلا  ئۆيدىن ئايرىلىپ ئوقۇغانمەن، ئەمما ئەل-يۇرتنىڭ ئىچىدە مۇساپىرلىق بىلىنمەپتىكەن. ئۇ چاغلاردا ئۇرۇق-تۇققانلار ئۆز-ئارا مىھرىۋان بولۇپلا قالماستىن ھەتتا تونۇش-بىلىشلەر ئارامۇ ئادىمىگەرچىلىك كۈچلۈك بولىدىغان. بىر بالىنى ئاتا-ئانىلا چوڭ قىلماي، ئەل-جامائەت تەڭ چوڭ قىلىشىپ بىرىدىغان. مەن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مەۋجۇت كىشىلەر ئارا  مىھرىۋانلىق، ئادىمىگەرچىلىكنى ۋە ئىشەنچنى كۆرۈپ، چۈشۈنۈپ ۋە ئامالىمنىڭ بارىچە كۆڭۈل خاتىرەمدە قالدۇرۇپ چوڭ بولدۇم شۇ سەۋەپتىن مىنىڭ قەلبىمگە، "ئۇيغۇر دىگەن دۇنيادىكى، ئاق كۆڭۈل، نومۇسنى ئۇقىدىغان، ئادىمىگەرچىلىكى كۈچلۈك، ئۆزئارا بىر-بىرىگە غەمخورلۇق قىلىشىدىغان، ئېسىل خەلق" دەيدىغان قاراش چوڭقۇر سىڭگەن. شۇڭا ماڭا بىرەرى "ۋاي بىزنىڭ ئادەملەر ئۇنداق بوپ كەتتى، بۇنداق بوپ كەتتى" دەپ ئاغرىنسا، ئىشەنمەي ھەم ئىشىنەلمەي قالىمەن. "جەمىيىتىمىزدىكى تەخسىكەش، پارىخور ھەم ئىنساپسىز بوپ كەتكىنى، كىچىك بالىلارنى ئوغۇرلاپ سىتىۋاتقىنى، ئەخلاق جەھەتتە بۇزۇلۇۋاتقىنى ئىنتايىن ئاز سانلىق كىشىلەر، ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاساسى گەۋدىسى  يەنىلا ساپ" دەپ ئويلايمەن.
     ھەر خىل پەسكەشلىكلەرنى قىلىدىغان كىشىلەر ھەممە مىللەتتە ۋە جەمىيەتتە بار، ھەتتا ئامىرىكىدەك قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمىيەتتىمۇ ئادەمنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان جىنايەت ۋە ئەخلاقسىزلار يۈز بىرىپ تۇرىدۇ.مەن شۇنداق قارايمەن، باشقىلارغا يامانلىق تىلەيدىغان، قارا نىيەت كىشىلەر ئالدى بىلەن روھى ساغلام بولمىغان كىسەل كىشىلەردۇر. بۇ كىسەللىكلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا پاسسىپ بولغان ئامىللار سەۋەپ بولۇپ، ئۇ بىر خىل مەنفى بولغان سېستىمىنى شەكىللەندۇرگەندە، ياكى توغرىسىنى ئىيتقاندا بىر خىل "ناچار مەدەنىيەتنى" شەكىللەندۇرگەندە، جەمىيەتتە كىشىلەر ئارا مېھر-مۇھەببەت سۇسلىشىپ، ئىشەنچ بىلەن ئەقىدە بىر بىرىدىن ئاجرىشىپ ياخشىلىق يىتىم قالىدۇ، "پەسكەشلىك" دىگەن جادۇگەر ئۆزىنىڭ سېھرىنى ئىشقا سىلىپ كىشىلەرنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھاڭغا .ئىتتىرىدۇ.
  مەن ۋەتەندىكى كىشىلەر ھەر كۈنى بىشىدىن ئۆتكۈزىۋاتقان  رىئاللىق يىراقلاپ كەتكەن بولساممۇ ئەمما خەلقىمىز ئېسىل خەلق دىگەن ئوي ھەمىشە مەن بىلەن بىللە. لىكىن،   ئادەمنىڭ ئويى بىلەن رىئاللىق ئوتتۇرىسىدا ھامان پەرق بولىدۇ. مەن بۇ پەرقنىڭ كىچىك بولۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن، ئەلۋەتتە.
مۇھاجىرلىق بىر ئادەمنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ مۇساپىرلىق بولۇپ، ھەر خىل سەۋەپلەر تۈپەيلى مۇھاجىرلىقتا ياشاپ قالغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە نورمال ھىس تۇيغۇغا ئىگە كىشىنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەتىنىنى ۋە خەلقىنى ئەسلىمەيدىغىنى، سىغىنمايدىغىنى يوق.

   ...ئۇ گۇزەل تاغ-دەريالار، گىرىمسەن يوللار، ئۇ پاج-پاج بازارلار، ئاق كۆڭۈل، ساددا ھەم مىھرىۋان، مېھماندوست خەلق....كوچىلاردىن ياڭراۋاتقان ناخشا مۇزىكىلار، مانتىكەشلەرنىڭ توۋلاشلىرى: "بىر مانت، ئىككى مانت، ئۈچ مانت.... ئو كەسىلە ئوغاۋاللا..."  بۇ ئاشپۇزۇللارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندە دىماقنى غىدىقلايدىغان مەززىللىك پۇراقلار، ھىلىقى ئاشپۇزۇلدىن چىققان مەززىلىك پۇراققىمۇ پۇل ئالىمەن دەپ ئويلايدىغان خوجايىنلار، ۋە ئۇلارنىڭ كۆزىگە پۇلنى كۆرسىتىپ قويۇپ "قولۇمدىكى پۇلنى كۆردۈڭ، كوزۇڭنىڭ پىتى ئۆلدى، ئىككىمىز خالس بولدۇق " دەپ خوجايىنلارغا تاقابىل تۇرىدىغان نەسردىن ئەپەندىدەك كىشىلەر....بۇ جانلىق كۆرۈنۈشلەر، ئۇ يەردىكى قىزغىن ھايات مۇنداقچە ئىيتقاندا ئۆتمۈش -شۇ مۇھىتتا چوڭ بولغانلارنىڭ يۈرىگىنى جىغىلدىتىدۇ، كۆزىگە ياش كەلتۇرىدۇ.

بىر ناچار سبستىما بولۇپ شەكىللىنىپ قالغان سەلبى كۈچلەرنى قانداق يوقىتىش كىرەك؟
   -ئەلۋەتتە،  ئاكتىپ كۈچلەرگە تايىنىپ. ئاكتىپ كۈچلەرنىڭ پەيدا بولۇشى ئۈچۈن كىشىلەردە ساپا بولۇشى كىرەك. ئۇنداقتا ساپا نەدىن كىلىدۇ؟
ساپا دىگەن مۇئارىپتىن، توغرا بولغان ئائىلىۋى تەربىيەدىن ۋە ياخشىلىققە ئىنتىلىدىغان ئادەملەر توپىدىن شۇنداقلا بۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى ۋە تەرەققى قىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان ، ئوچۇق ھەم ئادىل بولغان كۇچلۇك قانۇن تۇزۇمدىن كىلىدۇ.

   شۇنىسى ئىنىقكى، ناچار ئىشلار ياكى زىيانلىق ھادىسىلەر كىشىلەرنىڭ يامان قىلمىشلىرىنىڭ تۇپەيلىدىن  بولىدۇ. قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىنىدىغان جەمىيەت، كىشىلەرنىڭ ناچار قىلمىشلىرىغا قارىتا ئىقتىسادى ۋاستە ئارقىلىق چەكلەيدىغان قانۇنى تۈزۈملەرنىڭ كۇچىنى ياخشى جارى قىلدۇرىدىكەن، قانۇننى ئىجرا قىلىش ئوچۇق ھەم نىسبەتەن ئادىل بولغاچقا كىشىلەر ئۆزىنىڭ قىلمىشىنىڭ ئۆزىگە قانچىلىك زىيان ئىلىپ كىلىدىغىنىنى بىلىدىكەن-دە، ئۇنداق ئشلارنى سادىر قىلىشتىن ئامال بار ساقلىنىدىكەن.

    ئالايلى، ماشىنا ھەيدىگەندە قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلسا ئۇنىڭغا تېگىشلىك جازا بار، بۇ تۈزۈم ئامېرىكىدىمۇ بار، ۋەتەندىمۇ بار، ئەمما ئىجرا قىلىنىشىدا پەرق بولۇشى مۈمكىن. ئەلۋەتتە، بىر ئادىل جەمىيەتتە، "جىنايەتلا" بولىدىكەن، ئۇنىڭغا ماس جازاما بولىدۇ. "ھالۋىنى ھېكىم، تاياقنى يىتىم" يەيدىغان جەمىيەت - يەنىلا فېئوداللىق تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلالمىغان، تەرەققى قىلمىغان جەمىيەتتۇر خالاس.
   ئۆتكەن يىللاردىكى مۇھاجىرلىق ھاياتىمدا مەن بۇ يەردىكى ھاياتنىڭ  ئاچچىق-چۈچۈكلىرىنى تىتىپ باقتىم. خەۋىرىڭلاردا بار بولغاندەك مەن چەتئەلدىكى ھاياتىمدا باشتىن كۆچۈرگەنلىرىمنى يىزىپ كەلدىم. بۇنىڭدىن مەقسەت بەزىلەرنىڭ دۇنيادا سىياسى، ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكا ۋە ھەربى جەھەتتە كۈچلۈك بولغان بۇ جەمىيەتنى چۈشۈنۈشىگە ياردەم بىرىش بولسا، يەنە بەزىلەرگە ئاز-تولا بەدئى زوق بىغىشلاش.
   مەن ئۆزۈم چۇشەنمەيدىغان دەبدەبىلىك سۆزلەرنى قىلىشنى خالىمايدىغان، ئۆزۈمگە ياراشمايدىغان قالپاقنى كىيىپ قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەيدىغان، ئۆزۈمنىڭ قۇربى يەتمەيدىغان ئىشلارغا چاڭ سالمايدىغان ئادەم. شۇڭا مەندىن غايىۋى ۋە دەبدەبىلىك سۆزلەر چىقمايدۇ. نىمە كۆرسەم، قانداق ئويلىسام شۇنداق يازىمەن.  چۈنكى مەن ئاددىلىقنىڭ ئىچىدە  گۈزەللىكنىڭ بولىدىغانلىغىغا ئىشەنگۈچى.
مەزكۇر يازمامدا بايان قىلىنغان ۋەقەلەر ئاددى ئىشلار بولۇپ مەن بىشىمدىن ئۆتكۈزگەن بۇ ئىشلارنى كۆپچىلىككە ئىيتىپ بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئامىرىكا جەمىيىتىنى چۈشۈنۈشىگە پايدىسى تەگسە ھەمدە ئۇلارغا ئاز تولا بەدئى زوق بەرسە ئەجەپ ئەمەس دىگەن ئويدىمەن خالاس، ئەمما سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلانى ئالغۇم يوق.

***************************************************
(1) قاتناش قائىدىسىگە ئالاقىدار ھىكايىلەر


   ئامىرىكىغا كەلگەندىن بۇيان مەن كونىلارنىڭ "قارىغۇنىڭ شەھرىگە بارساڭ، بىر كۆزۈڭنى قىسىۋال" دىگىنىنى ئەستە تۇتۇپ بەزىدە كۆزۈمنى قىسىپ ياشىغان بولسام بەزىدە كۆزۈمنى ئوچۇق قويۇپ تۇرۇپ ياشاپ مۇشۇ كۈنگە كەلدىم. بەزى چۇشەنمىگەن نەرسىلەرنى چۇشەنگەن بولساممۇ ئەمما  چۇشەنمىگىنىمنىڭمۇ كۆپلىگىنى ھىس قىلدىم.
   ئادەم دىگەن ئارتۇق ئىشقا باش قاتۇرسا ئۆزى مالال بولىدۇ، بۇ خۇددى ئاخىرى چىقمايدىغان ماتىماتىكىلىق تەڭلىمە بىلەن ھەپىلىشىپ ئاخىرىنى چىقىرالماي جىلە بولغاندەك ئىش. شۇڭا مەن ئاخىرى چىقمايدىغان ئىشقا قىزىقمايمەن، ھەم مەن ھىچكىمگە ھەۋەس قىلمايمەن، باشقىلارنىڭ ئىشىغىمۇ ئارىلاشمايمەن،  ئەمما ھەر بەندىسىنى ياخشى بولسۇن دەيمەن ياخشى ئادەم بولسا ھۆرمەتلەيمەن ياخشى ئىش بولسا ئالقىشلايمەن، يامان بولسا ئاپلا دەيمەن، ئۆزى ناچار تەبىئەتلىك كىشى بولسا ئۇنىڭدىن ھەزەر ئەيلەيمەن، بىرىش كىلىش قىلمايمەن.  مۇنداقچە ئىيتقاندا مەن ئۇيغۇر جورجى بوش. :(:(. "ئەگەر سەن ياخشىلىق تەرەپتە تۇرمىساڭ، سەن چوقۇمكى يامانلىق تەرەپتە" دەپ قارايدىغانلارنىڭ بىرى. مەلۇم مەسىلە ئۈستىدە بىرىلگەن مەسلىھەتلەر توغرا بولسا قوبۇل قىلىمەن، خاتا بولسا رەت قىلىمەن. چۈنكى مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ ھاياتتا ئەمەل قىلىدىغان مىزانلىرىم بار . بۇ ئەلۋەتتە ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش ئەمىلىيىتىم جەريانىدا يىتىلدۈرگەن كىشىلىك خاراكتىرىم

   مۇئەييەن نەرسىنى، شەيئىنى ۋە ئادەمنى بىلىشمۇ ھەم چۇشۇنۇشمۇ مەلۇم جەرياننىڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن.مىنىڭ ئامىرىكىنىڭ قاتناش قائىدىسى ھەققىدىكى بىلىشىممۇ بىشىمدىن ئۆتكۈزگەن ئەمىليەت جەريانىدا چوڭقۇرلاشتى.ئاتا-ئانام ئامىرىكىغا تۇنجى قىتىم كەلگەن چىغىدا مەن تېخى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئىلىشتا بىرىدىغان ئەمىليەت ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەي شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىلىپ بولالمىغان ئىدىم. ماشىنىنى ئەمىليەتتە ھەيدەپ كۆرمىسەڭ،  قەغەزدە ئۇگەنگەن قائىدىلەر  ئىسىڭدە تازا قالمايدىكەن.
   ئۇ چاغدا بىز شەرقى بوستوندىكى دىڭىز بويىغا يىقىن "شەرق ئىگىزلىگى" دەيدىغان مەھەللىدە تۇراتتۇق. بىر كۈنى ئاتا -ئانام بىلەن بازارغا بارماقچى بولۇپ سىرتقا چىقتۇق. پويىز بىكىتىگە بارغۇچە بىر كوچىنى كىسىپ ئۆتۈشكە توغرا كىلەتتى، بىز بۇ يولدا بىر ئاق  بەلگىلەر سىزىلغان يەرگە كەلدۇق، ئادەتتە مەن ئاشۇ يەرنى كىسىپ ئۆتەتتىم. ئەمما ئۇ كۈنى بىز يەنە شۇ يەرگە كەلگەندە ئىككى تەرەپتىن كىلىۋاتقان ماشىنىلار دەرھال توختاپ "ئۆتۈۋۈلىڭلار" دەپ ئىشارە قىلىشتى. بولمىسا قىزىل چىراق يوق ئىدى.

    بۇنى كۆرۈپ ئانام ئاغزى ئاغزىغا تەگمەي ئاتۇش شىۋىسىدە ئۇلارنى ماختاپ سۆزلەپ كەتتى:
- مانى كۆسەڭ، نىمە دىگەن ئىسىل خەق بۇ ئاسنا. قايلاڭلا بىزنى يىراق يەردىن، چەتئەلدىن كەپتۇ ئۆتۈۋىلىڭلا دەپ يول بىرىۋاتىدۇ.مەنمۇ بۇ ئىشقا بۇرۇن دىققەت قىلمىغان ئىكەنمەن، شۇڭا دەرھاللا ئانامنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ قاپتىمەن. "زادى ئەدەپلىك خەلق جۇمۇ بۇلار، ئادەمنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىدۇ."

    ئارىدىن ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن شوپۇرلۇق پىراۋامنىمۇ ئالدىم، يوللارغا چىقتىم ئەمما قاتناش قائىدىلىرىگە تازا دىققەت قىلىپ بولالمىدىم. بىر كۈنى سەھەردە بوستون شەھەر ئىچىگە ماشىنا ھەيدەپ كىرىشكە توغرا كىلىپ قالدى. ماشىنىنى شەھەر ئىچىدە بەلگىلەنگەن سۇرئەتتە ھەيدەپ كىتىۋىتىپ كۆزۈم ھىلىقى ئاق سىزىقلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇرغان پىيادىلىكلەرگە چۈشۈپ قالدى. "توختايمۇ، توختىمايمۇ" دەپ ئىككىلىنىپ بولغۇچە "ۋوي" دىيىشكىمۇ ئۈلگۈرمەيلا، ماشىنام پۇتۇمدىن ئىتتىك چىقىپ ئۇ يەردىن  ئۆتۈپ كىتىپ قالدى، شۇنداق ئۆتۈشۈمگە ، كەينىمدىن چىرىغىنى پالدىرلىتىپ ساقچى ماشىنىسى قوغلاپ كەلدى.

"نىمە ئىش بۇ ئەمدى، نىمە خاتالىق قىلغاندىمەن؟"
ماشىنىنى توختىتىپ قولۇمنى رولدىن ئالماي ساقچىنى ساقلاپ تۇردۇم.
-ياخشىمۇسىز ئەپەندىم، ئەدەپ بىلەن سالام قىلىپ كەلدى قارا تەنلىك ساقچى يىگىت. "كىنىشكىڭىزنى چىقىرىڭ".
بىر دەمدىن كىيىن ئۇ 50 دوللارلىق جەرىمانە قەغىزنى كۆتۈرۈپ كەلدى. مەن تېخىچە نىمىنى خاتا قىلغىنىمنى بىلەلمىگەن ئىدىم. شۇڭا سورىدىم:
-بۇ جەرىمانىنىڭ سەۋەبىنى دەپ بىرەرسىزمۇ؟
- ئاۋۇ ئاق سىزىقتا كىسىپ ئۆتۈشنى ساقلاپ تۇرغان پىيادىلىكلەرنى ئۆتكۈزۈۋىتىپ ئاندىن مىڭىشىڭىز كىرەك ئىدى، بۇ دىگەن قائىدە.
- ھە مۇنداق دەڭ، رەخمەت دىدىم.

   شۇنداق قىلىپ مەن 50 دوللار جەرىمانە تولەپ بۇ قائىدىنى بىلىۋالدىم، بۇ مىنىڭ يىگەن تۇنجى جەرىمانەم بولدى، ئەمما شۇندىن كىيىن بۇ سىزىقنى كورگەندە دىققەت قىلىدىغان بولدۇم ۋە شۇندىلا ئەينى چاغدىكى ئانام بىلەن دىيىشكەن گەپنى ئەسلىدىم.
    بىز 2007-يىلى كۈۋىنسي دىگەن شەھەرگە كۆچتۇق. تۇرۇۋاتقان يىرىمىزگە ئاممىۋى قاتناش قولايسىز بولغانلىقتىن ھەر كۈنى ماشىنا ھەيدەپ شەھەرگە كىرىشىمگە توغرا كەلدى. ئەمما ئادەتتە 25 مىنۇتتا بىسىپ بولىدىغان يول شۇنداق قىستا قىستاڭ بوپ كىتىدىكەنكى 80 مىنۇت ۋاقىت كىتىپ ئىچىمنى پۇشاردى. بىر كۈنى يولغا چىقىپ قارىسام يول يەنە قىستا قىستاڭ ئەمما ئالاھىدە ياسالغان بىرلا ماشىنا پاتىدىغان بىر يول ئوچۇق، بەزى ماشىنىلار كىرىپ كىتىۋاتىدۇ مەن ماڭغان يول يەنىلا قىستاڭ. شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ھىلىقى ئايرىم يولغا ماشىنامنى بۇرىدىم. ئازراق مىڭىپ ئۇ يولغا كىرەي دىگەندە كىرىش ئىغىزىدا گېرمانلارنىڭ گېستاپوسىدەك كىيىنىۋالغان بىر ساقچى توستى. ماشىنىنى توختاتتىم.
- نىمىشقا بۇنداق يول بىلەن ماڭىسەن؟ سورىدى ساقچى.
- باشقىلارمۇ مىڭىۋاتىدىغۇ؟ مەنمۇ مىڭىپ باقاي دىدىم.
شۇ گەپ بىلەن بۇ ساقچى شوپۇرلۇق كىنىشكەمنى سورىدى. قارىسام ئۇ ماڭا جەرىمانە يازغىلى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
- ئەپەندىم، مەن نىمىگە خىلاپلىق قىلدىم؟ ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم.
-ساڭا 180 دوللار جەرىمانە يازىمەن. چۇنكى سەن مىڭىشقا بولمىغان يولدا ماڭدىڭ.
مەن قايمۇقۇپ قالدىم.
- بۇ يول تۇرسا، باشقىلار مىڭىۋاتسا ...بۇ قانداق بوپ كەتتى ئۆزى؟ مەن راست ھىچنىمىنى چۈشەنمىدىم.
ساقچى مىنىڭ چىرايىمدا ئىپادىلەنگەن  ھەر خىل ئىپادىلەرگە بولۇپمۇ گاڭگىراش ۋە ساددىلىققا قاراپ مىنىڭ بۇ يول ھەققىدە ھىچنىمە ئۇقمايدىغانلىغىمغا ئىشەندى ۋە دىدى:
(بىكاردىن بىكارغا سەۋەبىنى چۈشەنمەيلا 180 دوللار جەرىمانە يەيدىغان ئىش بولسا مەن ئەمەس بايبول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان قەيسەر ھاجىمۇ گاڭگىرايدۇ :))
- ئاۋۇ يولدىن چىقىپ كەت، مەن نومۇرۇڭى خاتىرىلىۋالدىم بولمىسا جەرىمانە قويىمەن.
-ماقاااا غوجۇۇۇممم، دىدىم ئىچىمدە قەشقەر پەدىسىدە ۋە بۇ يولدىن چىقىپ كەتتىم.
    شۇندىن كىيىن مەن بۇ يولنىڭ نىمىلىگىنى بىلىۋالدىم، بۇ يولنى "خوۋ لەيىن " دەپ ئاتايدىكەن، بۇ يولدا بىر ماشىنىدا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەم بولسا ئاندىن ماڭسا بولىدىكەن. شۇڭا بۇ يولدا قىستاڭچىلىق يوق بولۇپ كىشىلەر مەنزىلگە تىز بارالايدىكەن. مىنىڭ تەنھا مىڭىشىم ئۇ تۈزۈمگە خىلاپ بولۇپ ئەلۋەتتە تۇتىدىكەن-دە. بۇنىڭدىن مەقسەت  كىشىلەرنى ئىككى ئۈچتىن بولۇپ ماشىنا ھەيدەشكە رىغبەتلەندۇرۇش شۇ ئارقىلىق مۇھىت بۇلغىنىش ۋە قاتناش قىستاڭچىلىغىنى توۋەنلىتىش بولسا كىرەك.
   شۇ ئىش يۈز بىرىپ ئاز كۈندىن كىيىن مەن بوستوننىڭ يەرلىك گېزىتىدىن مۇنداق بىر خەۋەرنى كۆرۈپ كۇلۇپ كەتتىم. ئەينى چاغدا مەنغۇ بىلمەي ئۇ يولدا مىڭىپتىمەن، ئەمما بىلىپ تۇرۇپ تەۋەككۇلچىلىك قىلىدىغانلارمۇ بار ئىكەن ئەمەسمۇ؟
   دەل شۇ يولدا ساقچى تاڭ سەھەر ئالتىدە ماشىنا ھەيدەپ ئىشقا ماڭغان بىر ئايالنى تۇتۇۋالغان گەپ. ماۋۇ كاساپەت ئايال، بىر بوۋاينىڭ ھەيكىلىنى ياساپ يىنىدىكى ئورۇندۇققا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ بۇ يولدىن تاڭ سەھەردە تالاي قىتىم مىڭىۋەرگەن گەپ.   باسقا ساقچىلار ئۇنى بىلەلمىگەن گەپ ئەمما "كوزا كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ" دىگەن راست گەپ-تە. بىر سەگەك ساقچى بۇ ئايالنىڭ ھىلىسىنى بىلىپ قالغان گەپ ۋە 1000 دوللار جەرىمانە قويغان گەپ. ۋاي بۇ ئۆزى قىزىق گەپ.
    شۇندىن كىيىن ئۆزۈم يالغۇز ئۇ يولدا ماشىنا ھەيدەپ ماڭمىدىم، چۇنكى "ھايۋان جىنىدا بىر قىتىم چۇشكەن ئورىغا ئىككىنجى رەت چۇشمەيدۇ" -دە.
بۇلتۇر يازدا ئىشتىن قايتىپ سائىتىمگە 100 كىلومىتىرلىق سۈرئەت بىلەن يۇقۇرى سۇرئەتلىك تاشيولدا كىتىۋىتىپ كۆزۈم  ماشىنىنىڭ كەينىنى كۆرسىتىدىغان ئەينەككە چۈشۈپ قالدى، بىر ماشىنا كەينىمدىن ناھايىتى تىز سۈرئەتتە كىلىۋاتىدۇ. باشقا لىنىيىگە چىقىپ كەتمىسەم ئىنىقلا مىنى سوقۇۋىتىدۇ، "ۋاي ئاللاھ " دەپ ماشىنىنى بۇراي دىگۇچە ئۇ چاققان چىقتى دە ماشىنامنى "گۈممىدە" سوقۇۋەتتى، ئالدى-كەينىمگە قاتتىق بىر سىلكىندىم. ماشىنىنى مەن توختاتتىممۇ ياكى ئۆزى توختاپ قالدىمۇ ئىسىمدە يوق، قارىسام ماشىنامنىڭ كەينى پۈتۈنلەي چۇۋۇلۇپ ئىككى كەينى ئىككى چاقى ئىتىلىپ كىتىپتۇ. ئازراق ئىسنىڭ پۇرىقى چىققاندەك بولدى، ماشىنىدىن چۈشەي دىگۇچە 30-35 ياشلاردا بار بىر ئىسپان بالا ئىنتايىن ئالاقىزادىلىك بىلەن يۈگرەپ كەلدى:.
- قانداق ئەھۋالىڭ، قانداق ئەھۋالىڭ، ساقمۇسەن؟ ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن ئۇنىڭ ئاغزى گەپكە كەلمەيدۇ.
   قارىسام چوڭ چاتاق يوق. "خۇداغا شۇكرى" دىدىم ماشىنىدىن دەرھال چۈشۈپ ۋە ئۇنىڭ ماشىنىسىنىڭ يىنىغا باردىم. ئۇنىڭ ماشىنىسى يوغۇن ماشىنا ئىكەن، ھىچنىمە بولماپتۇ. ئۇنى كۆرۈپ ئاندىن مەن نىمىشقا كىشىلەرنىڭ يوغۇن ماشىنىنى ئالىدىغانلىغىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
خۇدا ساقلىغان يەردە قازا بولمايدۇ. ماشىنىغا ئىنچىكىلەپ قارىسام، پۈتۈنلەي تۈگۈشەپتۇ. ئىس چىقىرىدىغان كانىيى ئاجرىلىپ چىقىپ كىتەيلا دەپ قاپتۇ.  ئەگەر كەينى ئورۇنداقتا ئادەم بولغان بولسا ئۆلمىگەن تەقدىردىمۇ ئىغىر يارىلىناتتىكەن.
   بۇ مىنىڭ ماشىنا ھەيدەش تارىخىمدىكى تۇنجى ئۇچرىغان ۋەقە بولغاچقا نىمە قىلىشىمنى بىلەلمىدىم. ئىسپان بالا بەك جىددىلىشىپ كىتىپتۇ، "سىنى ئۆلۈپ قالدىمىكىن" دەپتىمەن، ئۇھ ياخشى ھىچنىمە بولماپسەن، بۇ پۈتۈنلەي مىنىڭ خاتالىغىم.  مەن بۈگۈن بەك سەھەر ئىشقا چىقىپ كەتكەن دىگىنە، شۇنداق چارچاپ كىتىپ كۆزۈم ئۇيقۇغا كىتىپ قاپتۇ... ئەنسىرىمە،  مىنىڭ ماشىنا سۇغۇرتام ياخشى....
_ئەمدى قانداق قىلىمىز دىدىم ئۇنىڭغا.
-ساقچى چاقىرىمىز دىدى ئۇ. جىددىچىلىكتىنمۇ ۋە ياكى "ئەمدى كىلەر يىللىق سۇغۇرتام قىممەت بوپ كىتىدىغان بولدى" دەپ ۋايىم يىگەنلىكتىنمۇ   تىلىپونىنى دەرھال تاپالمىدى.
شۇنىڭ مەن ساقچىغا تىلىفون قىلدىم.
- ئادەم ئۆلگەن، يارىلانغان ئىش بارمۇ؟ ئورنى قەيەردە؟ جىددى قۇتقۇزۇش ماشىنىنى ئەۋەتەمدۇق؟.
سورىدى ساقچى ئايال ماڭا جاۋابەن.
- ئادەم ئۆلگەن يارىلانغان ئىش يوق، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى ھاجەتسىز.
   مىنىڭ بۇ بالىغا ئىچىم ئاغرىدى. چۈنكى مەن ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى، نەدە تۇرىدىغانلىغىنى سوراپ ئۈلگۈرۈپ بولغان ئىدىم. ئىككى كىچىك بالىسى بار ئىكەن، بۇ بالىغىمۇ ئوڭاي ئەمەس بۇ يەردە كۈن ئۆتكۈزۈش. بۇ بالىغا چىقىم بوپ كەتمىسۇن دىگەن ئوي بىلەن قۇتقۇزۇش ماشىسىنى رەت قىلدىم. چۇنكى بۇ ماشىنىنى بىر ئىشلىتىپ قويسا كەم دىگەندە 3 مىڭ دوللار يوق دىگەن گەپ. سۇغۇرتا شىركىتى بۇنى ۋاكالىتەن تۆلەپ بەرگەن تەقدىردىمۇ ئۇ پۇلنى قايتۇرىۋىلىش ئۇچۇن بۇ بالىنىڭ سۇغۇرتا ھەققىنى كىلەر يىلىدىن باشلاپ ئاشۇرۇۋىتىدۇ.
   ئۇيغۇر دىگەن شۇنداق خەققۇ بىز، بىرەر ھادىسە بولسا ئۇنى ئادەمدىن كۆرمەيمىز، تەقدىر پىشانىدىن كۆرىمىز. ئامان بولساقلا شۈكرى قىلىمىز،
ھەش پەش دىگۈچە ساقچىلار يىتىپ كىلىپ ئۇچۇرلىرىمىزنى ئالدى. مەن يەنە بۇ بالىغا گەپ كىلىپ قالمىسۇن ئۈچۈن ساقچىلارغا بۇ بالىنىڭ قانچىلىك مەسۇلىيەتچان ئىكەنلىگى، قىچىپ كەتمىگەنلىگى توغرىسىدا سۆزلەپ ياخشى گىپىنى قىلىپ كىتىپتىمەن. بۇلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمايدىغانلىغىنى نىمە بىلەي؟ ھەي نىمە دىگەن بىلەن باشقا جەمىيەتنىڭ تەپەككۇرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان گەپ-تە.كەچتە بىر ساقچى مىنى ماشىنىسى بىلەن ئۆيۈمگە ئەكىلىپ قويدى. بىر ئايدىن كىيىن سۇغۇرتا شىركىتى مىنىڭ ماشىنامنى پۈتۈنلەي كىرەكسىزگە چىقىرىپ تۆلەم پىنىۇل ئەۋەتىپ بەردى ئەمما نۇرغۇن ھۆججەتلەرگە قول قويغۇزۇۋەتتى جاڭۋالار.
   مەن ساق قالغىنىمغا خوش، ئاز كۈندىن كىيىن بوستوندا ئوقۇيدىغان بىر ئۇيغۇر ئىنىم بىلەن ماشىنامنىڭ نومۇر تاختىسىنى ئالغىلى بارغان ئىدىم. بۇ ئىنىم  ماشىنامنى كۆرۈپ "ئاكا دوختۇرغا بارمىللىما؟" دەيدۇ. "ياق دىسەم، بىر بارسىلا. بۇنىڭ تەسىرى ئاستا خاراكتىرلىق بولىدۇ" دەيدۇ.بۇ ئىنىم يىشىغا قارىغاندا كۆپ ئىش بىلىدىغان دانىشمەن بالا بولۇپ مەن خىلى بىر ئىشلاردا بۇ ئىنىمنىڭ مەسلىھەتىنى ئىلىپ كۆرەتتىم. ئۇنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم. دىگەندەك ئەتىسىدىن باشلاپ بىلىم ئاغرىغاندەك بولدى. شۇ ھەپتىسىلا خۇسۇسى دوختۇرۇم بىلەن كۆرۇشتۇم. چۈنكى "كاللام سىلكىنىپ كەتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن دەپ ئويلاپ قالدىم ۋە ھەتتا ئايالىمغىمۇ ئەسكەرتىپ دەپ قويدۇم:
- بەزى گەپلەرنى خاتا دەپ كۆڭلۈڭنى رەنجىتىپ قويسام خاپا بولما جۇمۇ، كاللام سىلكىنىپ، ھۈجەيرىلىرىم بوشاپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن بۇ ھادىسىدە.
دوختۇر تەكشۇرۇپ مىنىڭدە مۇسكۇل تارتىلىپ كىتىشتىن باشقا مەسىلە يوقلىغىنى ئىيتتى ۋە بەزى داۋالىنىش تەدبىرلىرىنى كۆرسەتتى.شۇ ھادىسىدىن كىيىن ماشىنا ھەيدىگەندە بەك دىققەت قىلىدىغان بولدۇم. سەن مىڭ دىققەت قىلىپ ھەيدىسەڭمۇ، باشقىلار دىققەت قىلمىسا يەنە بالا قازاغا ئۇچراپ قالىدىكەنسەن ئەمەسمۇ، چاتاق يىرى؟
   بىراق، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ ۋەقەگە ئالاقىدار ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىنى ئۆزلىرىنىڭ يۇقۇرى سۈپەتلىك مۇلازىمىتى بىلەن ھەل قىلىشى مىنى رازى قىلدى. مىنىڭ ماشىنامنى سوقۇۋەتكەن بالىنى شۇ ۋەقەدىن كىيىن كۆرۈپمۇ باقمىدىم، ئەمما ماشىنىنىڭ زىيىنىنى سۇغۇرتا شىركىتى ھىساپلاپ تۆلەپ بەردى، مەنمۇ رازى بولدۇم.

(2) بىلمىگەن يەرنىڭ دۆڭى چوڭقۇر
  مەن ئۆزۈم خۇشاۋاز ياشاشقا ئىنتىلىپ ياشايدىغان ئادەم. بىر ئويلىساڭ، ئاتىلارنىڭ "ئۆلۈمدىن باشقىسى تاماشا" دىگەن سۆزى بىكار ئىيتىلمىغان. شۇڭا ئامال بار كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇمدىن خوشاللىق ئىزدەپ ياشايمەن. بۇ يات ئەلدە ئۆزۈمنىڭ كۆڭلىنى ئۆزۈم خوشال قىلمىسام، ماڭا چاقچاق قىلىپ بىرىدىغان ياقۇپ ئۆمەرگە ئوخشاش ساۋاقداشلىرىم يوق بۇ يەردە. مەن ئۇچرىغان ئادەملەر مەيلى ئۇ قايسى ئېرق ۋە ئېتىقادتىكى ئادەم بولسۇن، ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا ئىنسانى مۇئامىلە قىلىمەن. ئىنسانلىق تۇيغۇلىرىم بىلەن ئۇلارنى چۈشۈنۈشكە ۋە ئەقىل كۆزۈم بىلەن ئۇلار ياشاۋاتقان مۇھىتنى، شارائىتىنى بىلىپ بىقىشقا تېرىشىمەن.
    مەن قارا تەنلىك خەلقلەرنىڭ ئاق تەنلىكلەر تەرىپىدىن ئامىرىكىغا قۇل قىلىپ ئىلىنىپ كىلىنىپ تارتقان كەچمىشىلىرنى ياخشى بىلىمەن. "يىلتىز" ناملىق تىلىۋىزىيە فىلىمى بۇ ھەقتە ياخشى ئۇچۇر بىرىدۇ، قارا تەنلىكلەرنىڭ داھىسى مارتىن لۇسىر كىڭ نى ئامىرىكىدا بىلمەيدىغان ئادەم يوق. ئامىرىكىنىڭ ئاساسى قانۇنىدا ھەرقانداق تۈردىكى كەمسىتىش چەكلەنگەن. "كەمسىتىش" دىگەن مەلۇم ئېرقنى مەلۇم ئېرقتىن ۋە ياكى مەلۇم ئادەمنى مەلۇم ئادەمدىن ئۈستۈن كۆۈۇپ پەرقلىق مۇئامىلىدە بولۇشتىن كىلىپ چىقىدۇ.
    ئامىرىكا جەمىيىتىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقۇرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلگەن كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش دولقۇنلىرىنىڭ نەتىجىسدە قارا تەنلىكلەرنىڭ ئورنى بۇرۇنقىغا قارىغاندا كۆتۈرۈلدى، ئۇلاردىن ھازىر دولەت پرەزىدىنتى، ۋە مىنىستىرلار بار. شۇنداقلىقىغا باقماي كۆپ سانلىق قارا تەنلىكلەر باشقا ئېرقتىكىلەرگە قارىغاندا يەنىلا نامرات. ئىشسىزلىق ئۇلاردا ئىغىر. ئەلۋەتتە مەن بۇ يەردە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالمايمەن. ئەمما مۇھاجىرلىق ھاياتىمنىڭ دەسلىۋىدە قارا تەنلىكلەر رايونىدا بىر نەچچە يىل ياشىدىم. بىر قىتىم بىر قارا تەنلىك بالىنىڭ قوراللىق بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچراپ باققاندىن باشقا بۇ يەردە بىرەر ۋەقەگە دۇچار بولمىدىم. كۈزەتسەم قارا تەنلىكلەر ئامىرىكا جەمىيىتىدە باشقىلارغا قارىغاندا نىسبەتەن راست كەينىدە ئىكەن. بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىچكى ھەم تاشقى ئىككى ئامىلدىن ئىزدەيمىز ئەلۋەتتە. لىكىن مەن بۇ يەردە بۇ ھەقتە ھەم توختالمايمەن.
   
    مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان شۇ مەزگىللەردە بىر جۈمە كۈنى مەكتەپنىڭ كومپىيوتىرخانىسىدا كەچلىك ئىسمىنا ئىشلەپ بولۇپ ئۆيگە قايتتىم. ياز پەسلى ئىدى. ھاۋا شۇنداق ياخشى. ئۆيگە بىرىشقا بىر كوچا قالغاندا قارىسام بىر كۆڭۈل ئىچىش كۇلۇبىنىڭ ئالدىدا قارا تەنلىك ئەر-ئاياللار رەتلىك ھالدا قاتار تۇرۇپ كىتىپتۇ.قوسىغىمغا بىر جىن كىردى. "توختاپ تۇرە، مايكىل جەكسونمۇ قارا تەنلىك، دۇنياغا تونۇلغان ناخشىچى. زادى بۇلارنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنى بىر ئاڭلاپ باقاي.
   مەن مۇشۇنداق ساغلام بولغان نەرسىلەرگە قىزىقىپ ھەۋەس قىلىپ باقىدىغان ئادەم. مەنمۇ قارىلارنىڭ قاتارىغا تىزىلىپ بەش دوللار تۆلەپ كۇلۇبنىڭ ئىچىگە كىردىم. بىر تەرەپتىن مۇزىكىلار چىلىنىۋاتىدۇ، ناخشىلار ئىيتىلىۋاتىدۇ. ھەر خىل بەدەن قۇرۇلمىسىدىكى ئەر-ئايال، ئوغۇل-قىز تازا دىسكوغا چۇشۇپ كىتىپتۇ ئىغاڭشىپ. دەسلەپتە بۇ قارا تەنلىكلەرنىڭ ناخشىسىنىڭ گىپىنى دەماللىققا چۇشىنەلمىدىم. ئەمما بىر ھازا تۇرغاندىن كىيىن مۇنۇ گىپىنى ئوچۇق ئاڭلىيالىدىم.
Shake baby, Shake...
Shake what Ma'ma gave you shake

(سىلكە جىنىم سىلكە،
ئاپاڭ بەرگەننى سىلكە)

    نىمە دەۋاتقاندۇ ماۋۇ؟ بۇغۇ ناخشا لىكىن ماۋۇ ئادەملەر ناخشىنىڭ تېكستىدىكى ئاشۇ سۆز تەكرارلانغاندا سورۇن باشقىچىلا جانلىنىپ كىتىدۇ، مەن شۇنى  بايقاپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن بىر بۇلۇڭدا ماڭا ئوخشاش ئۆرە تۇرغان دوستانە چىراي بىر بالىدىن سورىدىم.
نىمە دىگەن گەپ بۇ؟ نىمىنى سىلكە دەۋاتىدۇ؟
-ھا ھا ھا كۈلۈپ كەتتى بۇ بالا ۋە قارا ئاۋۇنىڭغا دەپ سېمىز  ساغرىسىنى تازا بولۇشىغا سىلكەپ ئويناۋاتقان يانۇ ئارىيادەك كىلەڭسىز كەلگەن قارا تەنلىك قىزبالىنى ئىشارە قىلدى.
- ھە مۇنداقكەندە. دىدىم ئىچىمدە ۋە مەنمۇ كۈلۈپ كەتتىم. ماۋۇ كۇلۇپ تۇرغان بالا ئۇنىڭ بىلەن دىسكو ئوينايمەن دەپ بىرىپ قالسا، بۇ قىز ئاشۇنداق سىلكىگىلى تۇرسا، بىر سىلكىسە ئۇنىڭغا ئاپىسى بەرگەننى، ماۋۇ بالا قاڭقىپ چۈشمەمدۇ - ھۇي....پۇتۇن دۇنيانى ئۇنتۇپ، گويا ئەتە كەلمەيدىغاندەك بىغەملىك بىلەن ئۆزىنى سىلكىۋاتقانلارغا قاراپ مەنمۇ سىلكىنىپ كەتمەي دەپ ئەنسىرەپ ئاستا يىنىپ چىقتىم.
   بىز ئۇيغۇرلار ئادەتتە ئەدەپ -قائىدىگە، ئادىمىگەرچىلىككە ئىتىۋار بىرىمىز. تونۇشلار بىلەن ئاشخانىدا ئۇچراپ قالساق، قارشى تەرەپنىڭ پۇلىنى تۆلىۋىتىشكە ئالدىرايمىز. بىراۋنى بىر ئىش ئۈچۈن ياردەمگە  چاقىرساق، ئىش تۈگىگەندە قارشى تەرەپنى ئوبدان مىھمان قىلىپ يولغا سالىمىز.
لىكىن بۇ ئامىرىكىلىقلاردا بۇنداق ئادەت يوق ئىكەن. مەن خىزمەتكە يىڭى چىققاندا ئىدارىنىڭ يىنىدىكى قەھۋەخانىدا ئۆچرەتتە تۇرغاندا كەينىمدە تۇرغان خىزمەتداشلىرىمنى كۆرۈپ ئۇلارنىڭ پۇلىنى تۆلەپ قويسام، "ئوھ، رىياالىي، سەنكىيۇ، "راستمۇ، رەخمەت جۇمۇ" دەپ كىتىشتى. مەن دەسلەپ ھەيران قالدىم.
   "ۋاي بۇ 2-3 دوللار ئادەم ئۆلتۇرمەيدىغۇ".... كىيىن قارىسام بۇ جەمىيەتتە ئۇنداق بىرسىگە بىرسى ھىچنىمە ئىلىپ بەرمەيدىكەن، يەنى ھىچقانداق مۇناسىۋەت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا. خۇداغا شۈكرى، كىيىن ئاڭلىسام، ئەگەر بۇ ياش قىزلارغا بىكارلىك 5-10 قىتىم بىر نىمە ئىلىپ بىرىپ قويساڭ، ماڭا يامان نىيەتتە بولۇۋاتىدۇ بۇ دەپ ئەرز قىلىشتىن يانمايدىكەن بەزىلەر. شۇنىڭدىن كىيىن مەنمۇ مومسۇق باي بولۇۋالدىم، شۇنداق قىزغىن پاراڭلىشىپ يىنىمدا تۇرسىمۇ ئۆزۈمنىڭكىنى ئۆزۈم ئىلىپ پۇلىنى تۆلەپ كىتىۋىرىدىغان.لىكىن بۇ كاللىغا ياش چاغدا سىڭىپ كەتكەن كۆز-قاراش ھامان ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى كورسىتىپ تۇرىدىكەن.
    خارۋاردتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمدا يۇكى ئىسىملىك ياپونلۇق بىر قىز بىلەن ساۋاقداش بوپ قالدىم. يۇكى ئىگىز بوي نازاكەتلىك ھەم گۈزەل قىز بولۇپ ياپونىيەنىڭ گۈزەللەر مودىلى مۇسابىقىسىدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ئىكەن. ھەم ساۋاقداش ھەم ياپونچىنىڭ ھاجىتىدىن ئەپلەپ چىقىدىغىنىم  ئۈچۈن ئۇ مىنى خىلى يىقىن كۆرەتتى.
    بىر كۈنى ئۇ ئوغۇل ساۋاقداشلاردىن ئۈچنى ئۆزىنىڭ ئۆي كۆچۈشىگە ياردەم قىلىشقا چاقىردى. بىز باردۇق. ئۆيىنىمۇ كۆچۈپ بولدۇق. "بىللە تاماق يەيلى" دىدى ئۇ.شۇنىڭ بىلەن تۆتىمىز بىر تىز تاماقخانىغا كىردۇق. مەن ئۇيغۇرچە ئويلاپ قاپتىمەن-دە، "بىزنى ئۆي كۆچۈرۈشكە چاقىرغاندىن كىيىن يۇكى بىزگە تاماق ئەكىلىدۇ دەپ". مەن يۇكى بىلەن پاراڭغا چۇشۇپ كىتىپتىمەن، ئاڭغىچە فەمى دىگەن بالا تامىقىنى ئەكىلىپ يىيىشكە باشلىدى. يەنە دىققەت قىلماپتىمەن-دە.
يۇكى شۇ ئارىدا سوراپ قالدى:
- قەيسەر پۇلۇڭ يوقمۇ؟ مەن ھازىر تامىغىمنى ئالىمەن.
مەن شۇندىلا ئاندىن چۈشەندىم. ۋە خىجىل بوپ كەتتىم.
-ۋاي بولدى سەن ئولتۇر، نىمە يەيسەن مەن ئالغاچ كىلەي دىدىم دەرھاللا.
- ياق، ياق ئۆزىمىزنىڭكىنى ئۆزىمىز ئالايلى (لەتس گو داچ!، ) دىدى يۇكى ۋە مەن بىلەن بىللە قاتاردا تۇردى.

شۇ ئىش بىلەن بۇرنۇمغا سۇ كىرگەندەك بولدى ۋە شۇندىن ئىتىۋارەن بۇنداق ئىشقا دىققەت قىلىدىغان بولدۇم.

لىكىن مەن مەڭگۇ ئۇيغۇر!  ناۋادا، بوستونغا كىلىپ قالساڭلا، "سالام مەن كەلدىم" دەلىۋىرىڭلا جۇماا تارتىنماي... مىھمان قىلىش مەندىن....

0

تېما

0

دوست

698

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   39.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33694
يازما سانى: 50
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 216
توردىكى ۋاقتى: 37
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 14:17:28 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قەيسەر ئاكا ياخشى ئەسەرلەرنى كۇپرەك يۇللاپ تۇراسىز .ئۇتكەندە بايلىق تۇپىغا ئەزا بۇلۇپ كىرپتىكەنسىز بۇلسا مىنى ئۇندىدارىڭىزغا قۇشۋالغان بۇلسىڭىز. رەخمەت .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

3

دوست

281

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   93.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32331
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 76
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 14:24:41 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇساپىر قېرىندىشىم،ئاللاھ ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت ئاتا قىلغاي

0

تېما

0

دوست

974

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   94.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16602
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 314
توردىكى ۋاقتى: 50
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-8
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 14:28:05 |ئايرىم كۆرۈش
    يازمىڭىزغا رەھمەت! لېكىن بىزنىڭ جەمىيىتىمىزمۇ شۇ تەرەپكە قاراپ تەرەققى قىلماقتا.مەسىلەن: ېيېيجى ياكى نېمىسچە دىگەندەك داستقىنغا ئورتاق بولىدىغان ھېساۋات قىلىش ....تەسىرى كۈچلۈك  ئەمەس.بىزدىكى باشقىلارنىڭ تاماق پۇلۇنى تۆلىۋېتىش ياكى مېھمانغا چاقىرىش،نەزىر قىلىپ جامائەتكە ھەقسىز تاماق بېرىشتەك خىسلەتلەر دۇنيادا كەم ئۇچرايدۇ.بەلكىم بەزىلەر غەلىتە ھىس قىلىشى مۈمكۈن.

0

تېما

0

دوست

1172

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   17.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 119
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 336
توردىكى ۋاقتى: 70
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
5#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 14:34:41 |ئايرىم كۆرۈش
يا ئاللا  ئوزلر غەيرەت ئاتا  قلسلا  شۇ موساپر قرنداشلاغا

0

تېما

0

دوست

1113

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 99
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 338
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-7
6#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 16:32:58 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم قەيسەركا يازمىڭىزنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى مانا ئاخىرى ئۇقۇالىدىم رەھمەت

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

12

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   28.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1683
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 4945
توردىكى ۋاقتى: 1422
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-12
7#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 18:11:54 |ئايرىم كۆرۈش
شۇنداق قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇپ قانداق تۈگىگىننى بىلمەيلا قالدىم. بۇ يازمىنىڭ تىلى ئاددىي چۈشىنىشلىك ئىكەن. ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم زىرىكىش ھېس قىلمايدىكەن.  بۇيازمىنىڭ ئاخىرى باردەك تويۇلىدى. مۇمكىن بولسا يەنە قەلەم تەۋرىتىپ تۇرغايسىز. قەيسەر ئۇستاز سىزگە خاتىرجەملىك تىلەيمەن

0

تېما

1

دوست

765

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32599
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 228
توردىكى ۋاقتى: 80
سائەت
ئاخىرقى: 2015-5-7
8#
يوللىغان ۋاقتى 2015-3-22 21:55:09 |ئايرىم كۆرۈش
ئاخىرىنى كۈتىمىز...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )