قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1266|ئىنكاس: 17
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ياشلىقىڭىزنى نېمىگە تېگىشىۋاتىسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

1

دوست

517

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   3.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34763
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 27
تۆھپە : 178
توردىكى ۋاقتى: 3
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
ياشلىقىڭىزنى نېمىگە تېگىشىۋاتىسىز
غۇنچەم سەمەت

        ئاينۇر تېلفوننىڭ ئاۋازىدىن ئويغىنىپ كەتتى ۋە شۇ ھامان تېلفوننى قولىغا ئېلىپ يېرىم ئېچىلغان كۆزلىرىنى تېلفون ئىكرانىغا تىكتى، ئېكراندا 7:15 دېگەن سان كۆرۈنۈپ تۇراتتى، ۋىيەي ۋاقىت خېلى بىريەرگە بېرىپ قاپتىغۇ! لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇ ئۈندىدار ئاچتى.
دەرۋەقە ئۈندىداردىكى دوستلار ئۇنىڭغا نۇرغۇن سۆزلەر بىلەن بىر مۇنچە يوللانمىلارنى يوللىغان، دوستلار چەمبىرىكىدىكى نەچچە ئون يېڭى ئۇچۇرلارمۇ ئۇنىڭ ئوقۇشنى ساقلاپ تۇرىشقانىدى. <<توۋا !بۇلار كېچىچە ئۇخلىماي ئۈندىدار ئوينىغانمىدۇ؟ خېلى كەچ ياتتىم بولمىسا، مانا ئەمدى سەھەردىلا يەنە توشقۇزۇۋېتىپتغۇ.>> ئۇ شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەچ قىزىقىش ئىچىدە ئۈندىداردا قالدۇرۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلىدى. <<ئاينۇر ئاداش، پەيشەنبە چۈشتىن كېيىن دەرسىمىز يوق،ۋاقىت چىقارساڭ ئۆتكەندە كۆرۈپ قويغان كوپتىنى ئېلىۋالغاچ بازار ئارىلاپ كەلسەك بوپتىكەن. ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە دىلنۇرنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، بۇ قېتىم يىگىتى ئۆتكۈزۈپ بېرىدىكەن. قارىغاندا مېھمان كۆپ، رەڭلىك ئولتۇرۇپ قالىدىغاندەك قىلىمىز، كىرورەن گۈزىلىدەك ئولتۇرۇپ كەتمەيلى ئاداش كەيگەننى يەنە كىيىۋىرىپ، ئالدىنقى قېتىمقى ئولتۇرۇشتا بۇرنىڭغا خېلى ئوبدان كىردىغۇ سۇ-ھە؟!>>  دوستىنىڭ قالدۇرغان سۆزلىرى دەسلەپ چىرايغا  كۈلكە يۈگۈرۈتكەن بولسىمۇ ئەمما ئولتۇرۇشتا راستىنلا نېمە كىيىش مەسىلىسى ئۇنى ھەقىقەتەن چوڭقۇر ئوي دېڭىزىغا سۆرەپ كەتتى.
     ئىككىنچى سائەتلىك دەرس ۋاقتى. ئالىيە تولىمۇ ئېھتىياتچانلىق بىلەن تېلفوننى قولغا ئالدى-دە، ئېكراننى ئېھتىيات بىلەن باستى، قارشى تەرەپكە جاۋابەن <<ئادىشىم، مېنىڭمۇ ئەتە چۈشتىن كېيىن دەرسىم يوق، ئەمما يازىدىغان بىر ماقالەم بار ئىدى.  كۇتۇپخانىغا چىقسام، ماتېرىيال ئىزدىسەم بولاتتى. بىراق ئازراقمۇ خۇشياقمايۋاتىدۇ. يا بولمىسا توردىن چۈشۈرۈپ بىر نېمىلەرنى قىلارمەن. ئەمىسە ئەتە ئالاقىلىشايلى. خوش جېنىم دوستۇم>> ئۇ شۇ سۆزلەرنى يېزىپ بولۇپ ئادەتتىكىدەك ئولتۇرۇپ دەرس ئاڭلىغان بولىۋالدى، بىراق كاللىسىدا بىرمۇنچە گادىرماچ خىيال، <<ئۆتكەندە ھېلىقى ئۈچ كويلۇق بازاردا ئالغان كىرپىك قايرىغۇچ بىلەن لاكنىڭ ئىككىلىسى ساختا چىقتى. كىرپىك قايرىغۇچ بىر قېتىم ئىشلىتىپلا ئاجراپ كەتتى. لاك قۇرۇپ ھېچ ھالى قالمىغان بىر نېمىكەن. ئېسىت پۇلۇم!  ئىككنچى ئەرزان نەرسە دېگەنگە كۆز قىرىمنى سالماسمەن.>>
    خالىسە ياتىقىدا ئولتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىشنى بەك ياخشى كۆرىدۇ، ياتاقتا قىززىق چاي بىلەن ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى يېنىغا قويۇۋېلىپ كىتاب كۆرسە-ھە! تېخى ئەڭ مۇھىمى ياتاقتا ۋايفاي دەپ ئاتىلىدىغان ئېسىل نەرسە بار،ئۇنى ئېچىپ قويۇپ تېلفوننى تورغا ھەقسىز ئۇلاپ قويسا ئۈندىدار بىلەن كوت-كوت ئوچۇق تۇرسا نېمىدىگەن ياخشى! ئۇ بۈگۈنمۇ ياتىقىدا ئەنە شۇنداق كارۋىتى ئۈستىدە مامۇق چاپىنىنى يېپىنىۋېلىپ ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرۈۋاتاتتى، تېلفونى تۇيۇقسىز سايراپ ئۇچۇر كىرگەننى ئۇقتۇردى، ئۇ دەرھال قولىغا تېلفونىنى ئالدى، دەرۋەقە تېلفونىغا بىر نومۇردىن ئۇچۇر كىرگەنىدى، ئۇ بۇ نومۇرنى بىر كۆرۈپلا تونىدى، بۇ يېزا-ئىگلىك بانكىسىنىڭ ئۇچۇرى ئىدى، ئۇ دائىم ئاتا-ئانىسى ئەۋەتكەن پۇلنىڭ ئۇچۇرىنى كارتىسىدىكى مۇشۇ نومۇردا تاپشۇرۋالاتتى. گەرچە ئاتا-ئانىسىنىڭ پۇل سالىدىغان ۋاقتى بولمىغان بولسىمۇ ئەمما ئۇ يەنە كۆڭلىدە <<ھېلىقى چاغاندىكىدەك ئاپام يەنە ئانچە-مۇنچە پۇلنىڭ ئېپىنى قىلىپ دادامغا بىلدۈرمەستىن سېلىپ قويدىمىكىن>>، دېگەن ئۈمىدتە ئېرىنمەستىن كىرگەن ئۇچۇرنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتى. ئۇچۇردا قايسى بىر سودا سارايدا مۇشۇ كارتىنى ئىشلىتىپ قايسى بىر ماركىدىكى گىرىم بۇيۇمىنى سېتىۋالسا باھادا %50 ئېتىبار بېرىشتىن سىرت يەنە نومۇر خاتىرىلەش كارتىسغا نومۇرنى نەچچە ھەسسىلەپ قوشۇپ بېرىدىغانلىقى ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇ ئۈمىد قىلغان <<ئامەت>>تىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ئۇ ئۇچۇرنى ئۆچۈرۋىتىپ، ئۈندىدارغا قاراپ باقتى، ئۈندىدار تىنچ ،پەقەت دوستلار چەمبىرىكىگە  يېڭى ئۇچۇر كىرگەنىدى. ئۇ شۇ ھامان دوستلار چەمبىرىكىنى ئاچتى. ئۇنىڭغا بىر قۇر كۆز يۈگۈرتىۋەتكەندىن كېيىن بىر قىسىملىرىنى ئېچىپ كۆرۈپ باقتى. ساۋاقداش ئىليارنىڭ يوللىغان بىر ئۇچۇرى ئۇنىڭ بەكرەك دىققىتىنى تارتتى. <<سىزنى سۆيگۈم بار بىراق...>> خالىسە تېمىنى ئوقۇپلا قىزىقىپ قالدى. كۆڭلىدە ئىليار ئەجەب مۇنداق يېزىپ قاپتىغۇ دەپ ئويلاپ شۇ ھامان ئىليارنىڭ ئاشۇ تونۇش خېلى كېلىشكەن تەقى-تۇرقى، تۆگىدەك ئېگىز بويى، پات-پات قىززىق گەپ قىلىشلىرى ۋە كۈلگەندە چىقىپ قالىدىغان بىر تال ئوغرى چىشىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ تەققەزالىق بىلەن ئېكرانغا قارىدى. ئۇ قايسىبىر شائىرنىڭ شېئىرى بولۇپ ئۆز پېتى كۆچۈرۈلۈپ يوللانغانىدى. <<بۇ شېئىرىنىڭ قەيەرى ياراپ قالغاندۇ بۇساراڭغا ؟>> دېگەنلەرنى ئويلىدى ئۇ. بىراق يەنە ئېكراننى سېرىپ يۇقىرىغا ئىتتەرگەچ ھەممىنى ئوقۇپ چىقتى. شۇ ئەسنادا تېلفونى يېنىك سايراپ، ئۈندىدارغا ئۇچۇر كىرگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ دەرھال ئۈندىدارنى ئاچتى، بۇ <<چېچەك>> نامىدىكى دوستىنىڭ يوللىغان ئاۋازلىق ئۇچۇرى ئىكەن. <<چىچەك>>نىڭ باش سۈرىتى ئۈستىدە ئاۋۋال①رەقىمى، ئاندىن ھېلىدىن ھېلىغا ئېشىپ ئاخىرى⑤بولۇپ توختىدى. ئۇ شۇندىلا ئۇنى ئاچتى. تېلفوندىن <<ھۈ!...ھۈ!..>> دەپ ئۇزاققىچە يىغلىغان ئاۋاز، ئاندىن ئارقىدىن ئۇلاپلا <<جېنىم ئادىشىم! ئىبراھىم ئايالى بىلەن تېخى ئاجراشماپتۇ، بۈگۈن مېنى ئۇنىڭ ئايالى ئىزدەپ كەپتۇ...>> ئاڭلاپ بۇ يەرگە كەلگەندە ئاينۇرنىڭ يۈرۈكى جىغ قىلىپ ئەنسىز سوقۇپ كەتتى. ئۇنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشلارنى ئاڭلاشقىمۇ رىغبىتى قالمىدى. چۈنكى يېقىن دوستى گۈلبوستان بىر يىلدىن بۇيان ئۆزىدىن چوڭراق ئىبراھىم ئىسىملىك بىرسى بىلەن قىزغىن مۇھەببەتلىشىپ يۈرۈۋاتاتتى. ئىبراھىم قايسى بىر ئىدارىدە ئىشلەيتتى. باشتا گۈلبوستان ئۇنىڭغا بەكمۇ يېقىنلىشىپ كەتمىدى. بىراق ئىبراھىم ئۇنىڭ كەينىگە كىرىپلاۋالغانىدى. پۇل دېگەننى سۇدەك خەجلەپ ،ئارقىسىدىن پاي-پېتەك بولۇپ يۈردى. بارغانسېرى ئىبراھىمنىڭ ئوتتەك قىزغىن مۇھەببىتى گۈلبوستاننى تەسىرلەندۈردى. ئۇ ئاستا ئاستا ئىبراھىمدىن ئايرىلالمايدىغان، ئولتۇرسا-قوپسا ئىبراھىمنىڭ ئىسمىنى زىكىر قىلىدىغان، مەيلى قانداقلا يەردە بولسۇن ئىبراھىمنىڭ گېپىنى ئوچۇق-ئاشكارا قىلىدىغان ھالغا كەلگەنىدى. بۇنىڭدىن ئۆزىلا ئەمەس ھەتتا دوستلىرىنىڭ دوستلىرى، ساۋاقداشلىرى خەۋەردار ئىدى. گۈلبوستان تازا مۇھەببەتلىشپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىبراھىمنىڭ ئىلگىرى توي قىلغانلىقى، كېيىن ئاجىرىشىپ كەتكەنلىكى ئاشكارلاندى. دەسلەپتە بۇ خەۋەر گۈلبوستانغا ئوچۇق ئاسماندا چاقماق سوققاندەك تۇيۇلۇپ، ھەيرانلىق، تېڭىرقاش ۋە چەكسىز ئازاپ ئىچىدە يىغلاپ-قاقشاپ قاتتىق ھەسىرەت چېكىپ يۈردى. بىراق كۆڭۈل خاھىشى چىن مۇھەببەت ھېسسىياتى بۇ ئىشنى ئۇلارنىڭ پورەكلەپ ئېچىلدۇرغان مۇھەببەت گۈلى ئۈستىگە چۈشكەن بىر تامچە شەبنەم سۈيىدەك غىپ قىلىپلا ئۆتكۈزىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گۈلبوستان بۇنىڭىغىمۇ مەيلى دېدى. مانا ئەمدى بۇ نېمە گەپ ؟! ئۇنىڭ ئىشى ئەمدى قانداق بوپ كېتەر؟ ئۇ ئىشىنىڭ ئاخىرىنى  ھەرخىل تەسەۋۇر قىلاتتى. بىردە ئۇ ئىككىسى ئوتتۇرسىدىكى كۆڭۈل رىشتىنى پىچاق بىلەن گاچچىدە كەسكىلى بولسا كېسىپ تاشلىغۇسى كېلەتتى. بىردە ئىبراھىمنى غەزەپ-نەپرەت ئوچاقلىرىغا تاشلاپ كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكۈسى كەلدى. يەنە بىردە دوستنى تىللاپ ئىزا قىلغۇسى كەلدى. بىراق بۇلارنىڭ ھەممىسى خالىسەنىڭ روھىدىكى ئۆزگىرىشىلەر ئىدى خالاس! خالىسە تېلفوننى قولىغا ئېلىپ ئۈندىداردا دوستىغا بىرمۇنچە گەپلەرنى قىلماقچى بولغانىدى، تۇيۇقسىز تېلفون كېلىپ قالدى. ئۇ تېلفوننى ئالدى. قارشى تەرەپ سىنىپ باشلىقى پازىل ئىدى. سالامدىن كېيىن بۈگۈنكى 5-، 6-سائەتلىك دەرسنىڭ ئەتىگە سۈرۈلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلدى. <<ئۇنداق بولسا چۈشتىن كېيىن گۈلبوستاننىڭ قېشىغا بېرىپ كەلسەممىكىن؟...>> ئۇ شۇلارنى ئويلىغاچ سائەتكە قاراپ چۆچۈپ كەتتى. تېخى چايمۇ ئىچمەي تۇرۇپ دەرس باشلىنىدىغانغا يەنە 20مىنۇت قالغانىدى، <<ۋاييەي چاققان بولاي...!>>
      ئەخمەتنىڭ ئەزەلدىن بۇ ئىشنى قىلىش ئويى يوق ئىدى. پەقەت بۇ بىكارچىلىقتا گۇڭۇر-مۇڭۇر ئولتۇرۇپ پاراڭلاشقۇدەك ئادەمىنڭ يوقلىقدىنلا شىركەتكە كىرگەنىدى. كىم بىلسۇن؟ ئىشقا چۈشكەن تۇنجى كۈنىلا تۇڭ-تۇڭدا ماي، ئۇن، گۈرۈچ كۆتۈرۈپ ئۆيمۇ ئۆي سوكۇلداپ يۈرۈپ چۈشتىن بۇرۇنلا ئون نەچچە ئۆيگە مال توشىدى. ماڭسىغۇ مەيلى تەييار ماشىنا، ئەمما بىنا ئۆيلەرگە ماشىنا كىرمەيدۇ-دە،5 -قەۋەت، 6-قەۋەت خۇددي دىيىشىۋالغاندەكلا ھەممىسىنىڭ ئۆيى ئۈستىدە. ئۇ بۇلارنى ئويلىسا زەردىسى قاينايتتى. <<ھېلىغۇ مەن كەپتىكەنمەن،ماڭا توشۇتتى، مەن بولمىسام قانداق قىلاتتىكەن تاڭ! ئاللا جاجاڭلارنى بېرە ئەبلەخلەر !>> ئۇ شۇلارنى ئويلاپ تىللاپ، قاقشاپ يۈرۈپ ئۇن، گۈرۈچ، مايلارنى توپ ۋە پارچە سېتىش شىركىتىدە ئاران ئۈچ كۈن چشىنى چىشلەپ ئىشىلىدى. 4-كۈنىدىن باشلاپ كەلمەي قويدى. چۈنكى ئۇنداق ئېغىر ئىش ئۇنىڭغا ماس كەلمەيتتى. بولسا ئىشخانىدا كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدا مەشغۇلات قىلىپ ئولتۇرسا بولاتتى. چۈنكى ئالىي مەكتەپنى بىكارغا ئوقۇمىدى-دە! ئۇنىڭ تەلىيىگە راستتىنلا كومپىيۇتېر مەشغۇلاتى قىلدىغان خىزمەتتىن بىرى چىقتى. ئۇ بۇنىڭدىن خوش بولدى ھەم <<ئەگەر راستتىنلا شۇ ئىشنى قىلىپ قالسام پۈتۈن جان دىلىم بىلەن بېرىلىپ ئىشلەپ ھەممەيلەنىڭ ئالقىشىغا ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ ئەتراپىمدىكى ئاشۇ ئوقىمىغان سولتەكلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىۋەتسەم>> دېگەنلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى. دەرۋەقە ئۇ بىر چوڭ تاماقخانىنىڭ كومپىيۇتېر ئارقىلىق تاماق زاكاز تىزىملايدىغان يېرىگە خىزمەتكە چۈشتى. كىم بىلسۇن؟ بۇ ئىشنىڭمۇ دەردى باركەن، ئۇ كەلگەن تۇنجى كۈنىلا 600 يۈەندىن ئارتۇق پۇل كەم چىقىپ، ھەممەيلەننىڭ ئىشەنچىسىدىن بىراقلا مەھرۇم قالدى. مائاشنى دەسلەپكى ئۈچ ئايدا 2800يۈەن، كىيىنچە ئەھۋالغا قاراپ 3000يۈەن ھەتتا 5000 يۈەنگىچە بېرىدىغان ناۋادا ھېساباتتا خاتالىق چىقىپ قالسا مائاشىدىن تۇتۇپ قېلىنىدىغان بولۇپ پۈتۈشكەنىدى. ھېسابات ئۇياققا قىلىپمۇ بۇياققا قىلىپمۇ ئاخىرى ئۇنىڭغا ئارتىلىپ قالدى. <<بوپتىلا، 600 يۈەننى تۇتۇپ قالسا يەنە 200 پارچىسى بىلەن 2000 بارغۇ!>> ئۇ شۇلارنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزۈپ خاتىرجەم بولدى. ئەمما ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۈپ چاتاقنىڭ چوڭى چىقتى. كومپىيۇتېر مەشغۇلاتىدىن كىچىككىنە چاتاق چىقىپ نەچچە كۈنلۈك ھېسابات ۋە تىزىملىك ھەممىسى يوق بولدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ تېخىمۇ بوشىشىپ مۇز  يېغىپ تۇرغان خوجايىننىڭ ئۆزىگە  ئۈمىدسىزلىك بىلەن قاراپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ ئۆزىمۇ تولىمۇ رازى بولغان ھەم ئۆزىگە چەكسىز شېرىن چۈشلەر ئاتا قىلغان بۇ خىزمەت ئورنىدىن ئايرىلدى.  بىراق ئۇزاققا قالماي دادىسىنىڭ بىر تونۇشى ئارقىلىق چوڭ ئىدارىنىڭ دىجورنىخانىسىدا ئىشلەيدىغان بىر خىزمەتكە ئورۇنلاشتى. بۇ يەر ئۇنىڭغا خېلى ياقتى. بۇ يەردە ئىككى كومپىيۇتېر قويۇلغان بولۇپ، ئېكرانىغا قاراش ئۇنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. ئۇ دەسلەپ ھەر ئىككى كومپىيۇتېرنىڭ ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇردى، بىراق ئاستا-ئاستا كۆڭلىگە جىن چۈشۈپ، <<ئىككىسىدە ئوخشاش بىر خىل نەرسىنى كۆرۈپ ئولتۇرغاندىن كۆرە، بىرىنى خىزمەتكە ئىشىلىتىپ بىرىدە ئانچە-مۇنچە ئويۇن ئويناپ ئولتۇرساق بولمامدۇ؟ >> دەپ ئويلىدى-دە، ئىشخانىدىكى كومپىيۇتېرنىڭ بىرىنى خىزمەتكە ئېلىپ قويۇپ، بىرىنى بولسا ئۆزىنىڭ پات-پاتلا تورغا چىقىپ خالىغاننى كۆرىدىغان ئەرمەككە ئايلاندۇردى. باشقىلار ئۇنىڭغا بۇنداق قىلماسلىق ھەققىدە نەسىھەت قىلسا ئۇ ئۆزىنىڭكىنى راست قىلىپ يۈرىۋەردى. خىزمەتداشلىرى ئۇنىڭ تورغا چىقسا قورسىقىنىمۇ ئۇنتۇپ سائەت-سائەتلەپ ئولتۇردىغانلىقىنى، ئۆزلىرى ئىشقا كېچىكىپ كەلسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن ھېسابلىشىپ كەتمەيدىغانلىقنى، ھەتتا ئىسمېنا ئالماشسىمۇ ئۇنىڭ يەنىلا كەتمەي ئولتۇردىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىشقا ئالدىرماي كېلىدىغان، بالدۇر قايتىدىغان، ھەتتا ئارىلىقلاردا سائەتلەپ يوقاپ كېتىپ ئۆزىنىڭ ئىشىلىرىنى پۈتتۈرۈپ كېلىدىغان بولدى. ئىدارە دىجورنىسىدىكى بۇ خىل بوشاڭلىق، ناچار ئىستىل ئاخىر رەھبەرلىكنىڭ دىققىتىنى تارتتى. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ ئاز كام ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقىت قۇرۇپ چىققان جەننىتى بىر بۇيرۇق بىلەن ۋەيران بولدى.
    يۈكسەلجان قانداقلارچە سائەتنىڭ بىر بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالدى. تېخى بۈگۈن كەچ يېزىۋەتمەكچى بولغان دوكلات ۋەزىپىسى نەدە تۇرۇپتۇ! ئۇ كومپىيۇتېر ئېكرانىدىن چىقىۋاتقان قىززىق ھارارەتكە پەرۋا قىلماي ئۆز ئىشىنى تۈگىتىش ھەلەكچىلىكىدە ھەربىر مىنۇتنىمۇ قولدىن بەرمەيتتى. ئۇنىڭغا كومپىيۇتېرنىڭ ئىش سۈرىتىمۇ تېخىمۇ ئاستىلاپ كېتىۋاتقاندەك تۇيۇلاتتى. دەپتەردىكى سانلىق مەلۇماتلار كومپىيۇتېرنىڭ سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا بىر-بىرلەپ چۈشۈۋاتاتتى،لېكىن ئۇنىڭ سۈرئىتى تولىمۇ ئاستا ئىدى. ئۇ قاتتىق جىددىيلەشكەنلىكىدىن ئۆزىنىڭ كومپىيۇتېر ئېكرانى بىلەن بولغان ئارىلقىنىڭ 15 سانتېمېتىرغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى سەزمەيتتى. كاللىسىدا بولسا يازماقچى بولغان تەجىرىبە دوكىلاتىنىڭ تىزىسى پۈتمەكتە ئىدى. ئۇ شۇ تەرىقىدە ئىشلەپ تاڭ ئېتىپ كەتكىنىنىمۇ سەزمە قالدى.
    توۋا بىر كېچىمۇ ئۇزۇن ئەمەسكەنغۇ؟ ناھايىتى تۆت سائەت ئىكەن، بۇنچىلىك ۋاقىتتا نېمە ئىش قىلىغىلى بولسۇن؟ئۇ قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنىڭ ھېچقانچە ئازلىمىغانلىقىنى ،تېخى يېڭى كۈندە يېڭى ۋەزىپىلەرنىڭ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئويلاپ ،گويا ئۆزىنى ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان پويىزغا ئۈلگۈرمەي قالغان يولۇچىدەك ھېس قىلدى. بىر كۈننىڭ 24 سائەت ئەمەس 30 سائەت بولۇپ قالمىغانلىقىدىن نارازى بولدى. ئۇ ئۆيىگە كېتىۋىتىپ ئۆز-ئۆزىگە بۈگۈن ھەپتىگە نەچچە ؟ چارشەنبە ؟ پەيشەنبە؟ چارشەنبە بولسا تېخى چۈشتىن كېيىن يىغىن. پەيشەنبە بولسا 3-، 4-سائەت دەرىسىم بار. تېخى ئاخىرقى خۇلاسە تۈگمىدى. تازا مۇھىم يېرىگە كەلدى. ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقىرىشتىن ئىلگىرى ئاشۇ تەجىرىبىنى يەنە بىر قېتىم ئىشلىۋەتمىسەم بولمايدۇ.ھەممىسىگە ۋاقىت، شۇ ۋاقىت!  ئۇنىڭ كۆز ئالدىغا بىردە بىر دەقىقە ئۈچۈن جان-جەھلى بىكەن يۈگۈرۋاتقان قىسقا ئارىلىققا يۈگۈرۈش تەنھەركەتچىسى، بىر مىنۇتىغا نەچچە 100 كىلومېتىر تېزلىكتە كېتىۋاتقان پويىز كەلدى،   <<ۋاقىت! ھەي يەنىلا شۇ ۋاقىت!!! نېمانچە تېز ئۆتىدۇ! ئۇ شۇ تاپتا ئۆزىنى گويا قىلىدىغان ئىشىلىرىنى قىلىپ بولالماي چالا پېتى تاشلاپ، ۋاقىت ماشىنىسىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغاندەك، نۇرغۇن ئىشلار ئۇنىڭ قىلىشىنى ساقلاپ تۇرغاندەك، بىراق ئۆزىنى شۇ ۋاقىت ماشىنىسى ئۈستىدىن چۈشۈرەلمەي ئىلاجىسىز ماشىنا بىلەن يىراققا قۇرۇق قول كېتىپ بارغاندەك ھېس قىلدى.
     نېمىشقىدۇر شۇ كىچىك چاغلىرىمدىن تۇتۇپلا تىل ئۆگەنمىگەن بولغۇيتتىم، ھەر كۈنلەردە تېخى ئالدىنقى يىللىرىلا تاپشۇرۇقىمنى تۈگەتتم دەپلا سىرتلارغا چىقىپ بىكاردىن  بىكار لاغايلاپ يۈرۈپتىكەنمەن، ئېسىت زايە كەتكەن ۋاقتىم، ئازراق بولسىمۇ ئىنگلىزچە ئۈگىنىپ قويغان بولسام ھېچ بولمىسا كۈنىگە ئىككى خام سۆز، يا قىسقا بىر جۈملە ئۆگىنىپ قويغان بولساممۇ مۇنچىلىك قىيلىنىپ كەتمەس بولغۇيتتىم! مانا ئۆتكەلدىن ئۆتۈش ئىمتىھانىغا يەنە ئىككى ھەپتىلا ۋاقىت قالدى! قانداقمۇ ئۆگىنىپ كېتەلەرمەن؟ شۇ چاغلاردا دادام-ئاپاملارمۇ مېنىڭ ئۇنداق مەۋسۇملۇق ئىمتىھانلاردىن ئالغان ئەرزىمەس 100 نومۇرلىرىمغا خوش بولۇپ كەتمەي چىڭىراق تۇتۇپ ھەتتا تىللاپ-ئۇرسىمۇ ئىنگىلىزچىنى ئۆگەن دەپ مەجبۇرلىغان بولسىمۇ، ئاش-نان بەرمەي سولاپ قويۇپ ئۆگىنىشكە زورلىغان بولسىمۇ بوپتىكەن، مانا ئەمدى شۇ ۋاقىتلار بىكار ئۆتۈپ كېتىپ نېمە كۈن بۇ؟ ئېسىت شۇ بىكارغا زايە بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىم! ئېسىت! ئېسىت! ۋاقىتنى قايتۇرغىلى بولغان بولسا ئاشۇ ئوتتۇرا-باشلانغۇچ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا بالىلار بايراملىرىغا سەنئەت نومۇرى تەييارلايمىز دەپ ئېگىز-پەس كاكىراپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم، تەتىل بولدى دەپ يۇرتقا مومام بوۋاملارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ بىكار كۈنلەپ-كۈنلەپ باغمۇ-باغ ئويناپ، دۇنيادىن غەمسىز زايە بولۇپ ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلار، ئېسىت!!! چوڭ بولغاندا مۇنچىلىك ۋاقىت يىتىشتۈرگىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلسەم ئۇنداق ۋاقتىمنى زايە قىلىپ نېىمىمۇ قىلاتتىم! >> شېرىنئاي ئويلىغانچە ئۆزىنىڭ بىكار ئۆتكۈزۈۋەتكەن ۋاقىتلىرىغا قاتتىق ئۆكۈندى. ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان دۆلەتلىك ئىمتىھان ئۇنى ئوبدانلا جىددىيلەشتۈرۋاتاتتى، ئۇ ئۆز-ئۆزىگە قايتا-قايتا قەسەم قىلىپ: <<مۇشۇ ئىنتىھان تۈگىگەندىن كېيىن دەرىسلىرىمنى ئۆگەنگەندىن سىرت، ئىنگىلىزچىنى كۈنىگە ئىككى جۈملە، 20 دىن يېڭى سۆز يادلايمەن! مەيلى قانداق كۈن بولۇپ كەتسۇن، ھەتتا روزا ھېيىت، قۇربان ھېيىت كۈنلىرى بولسىمۇ ئوخشاش يادلايمەن! >> دەپ قەسەم بەردى. چۈنكى ئۇ ئۆزىنىڭ ۋاقتىنى يىتىشتۈرۈپ بولالماي ئاۋارە ئىدى.
      ھاياتتىكى ھەربىر دەۋىرنىڭ ھەر بىر يىلنىڭ ھەتتا ھەربىر ئاي، ھەر بىر كۈننىڭ ۋەزىپىسى، بۇرچى، مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. <<ياشلىق>> ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر ۋاقىت ھېسابى، مەلۇم كاتىگورىيەلىك ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان سۆز، ئۇ ئۆز ئىچىگە <<يېڭى، گۈللەنگەن، تولغان، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان...>> دېگەندەك مەنىلەرنى يوشۇرغان. ئەگەر مۇشۇ دەۋردە بىز ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرىمىز دېسەك ئۇ چاغدا ئۇنىڭ بەدىلى بولۇشى كېرەك، ئۇنداقتا بىز ياشلىقىمىزنىڭ بەدىلىگە نېمىگە ئېرىشىۋاتمىز؟ ياشلىقىمىزنى نېمىگە تېگىشىۋاتىمىز؟ ياشلىقىقمىزنى تېلفون، كومپىيۇتېر دېگەنگە ئوخشاش زامانىۋى ئەسىۋاب-ئۈسكۈنلەر ۋە ئۇلارنىڭ رادىئاتسىيەسى بىلەن بۇلغان تۇرمۇش بىزگە نېمىلەرنى ئاتا قىلار؟ شۇلار بىزنىڭ ياشلىقىمىزنى تېگىشىشكە ئەرزىمدۇ؟!
     بۇرۇنقىلار:<<ۋاقىت ئاتقان ئوق >>دەيدۇ، ئەمەلىيەتتە ئوقمۇ نىشانغا بېرىپ تەككەندە توختاپ قالىدۇ. <<ۋاقىت ئاققان سۇ>>دەيدۇ يەنە بەزىلەر، سۇمۇ بىر يەرگە بارغاندا توختاپ يىغىلىپ قېلىشى مۇمكىن، <<ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت>> دەيدۇ يەنە بەزىلەر.  بۇمۇ بەلكىم ۋاقىتنىڭ ئىقتىسادى قىممەت ئارقىلىق ئىپادىلىنىشدۇر. بۇلارنىڭ ھەممىسى ۋاقىتنىڭ قەدىرىنى بىلگەنلەر ئۈچۈندۇر. مېنىڭچە ۋاقىت -ھاياتنى ماماتقا تۇتاشتۇرغۇچى، ئۇنىڭ چېكى يوق. ھاياتلىق ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ تۇرىدۇ، بارلىققا كەلگەن ھەرقانداق ھاياتلىق ھامان يوقىلىدۇ. پۈتۈن كائىنات توختاۋسىز ھەرىكەت ھالىتىدە ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ تۇرىدۇ ھەم دەۋر قىلىپ يوقىلىپ ماڭىدۇ، مانا مۇشۇ جەرياننىڭ ئۆزى ۋاقىتتۇر. دېمەك ۋاقىت ئىسانلارنىڭ ئىرادىسگە بويسۇنماي، ئۆز قانۇنىيىتى بويىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان مەۋھۈم ئۇقۇمدۇر. ئۇنىڭ بىر ئۇچى سائەتتە يەنە بىر ئۇچى ئىنسان يۈرىكىدە بولىدۇ، بۇنى ھېس قىلالىغان ئادەملا ۋاقىتنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلىدۇ، ئۇنى ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇنى قەدىرلەيدۇ، ئۇنىڭغا ماسلىشىدۇ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئوخشاشمغان ئادەملەرنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان ئارىلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزىلەرنىڭ ئارىلىقى يىراق بولىدۇ، ئۇلار «ياشلىق»، دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ۋاقىت ئۇقۇمىنىڭ ھەجىمى بەك كىچىك، سالمىقى بەك يېنىك بولىدۇ، يەنە بەزىلەرنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان ئارىلىقى بەك يېقىن ھەتتا بىرلىشىپ كەتكەن بولىدۇ، بۇنداق ئادەملەر ۋاقىت بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشالايدۇ ھەم مۇئامىلە قىلىشالايدۇ  ھەم ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى تىگىشەلەيدۇ، ئۇنداقتا بىزنىڭ ۋاقىت بىلەن بولغان ئارىلىقىمىز زادى قانچىلىكتۇ؟! بىز ئۇنىڭغا نېمىلەرنى تېگىشەلەيمىز؟ نېمىلەرگە ئېرىشەلەيمىز؟ بۇنىڭغا ھەربىر ئادەم ھەربىر ياش ئۆز ئەمەلىيىتى داۋامىدا، ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشى بويىچە جاۋاب ئىزلەشكە ھەقلىق.
مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ئىستۇدېنت ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى.


0

تېما

0

دوست

228

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   76%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34614
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 5
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئۇلار  خەجلەۋاتقان پۇلنى ئۆزى تاپقان بولسا ئىدى ئۇلار ھەرگىز  ئۇنداق  قىلمايتتى  .  بىر كۈنلەردە  چۈشۈنۈپ قالىدۇ دە
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

884

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   76.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33767
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 266
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى  سىگىناللىق ئەسەركەن،رەھمەت

0

تېما

0

دوست

49

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   16.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34835
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 16
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
توغرا دىدىڭىز ئۇلار پۇلنى ئۇزى تاپمىغاچقا ئاشۇنداق قىلدۇ

0

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:14 |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇ ئالىمەكتەپ ئۇقۇغانلانىڭ  ئاز بىرقىسمى  ياخىشى ئەلا نەتىجە بىلەن ئۇقۇپ ياراملىق ئادەم بولسا.....كۇپۇنچىسى  ئۇقۇغۇنىغا تايىنىق  ھىچ بىر بىلىمىمۇ يوق..تىرىكتاپ بىرنەرسە بۇلۇپ قالىدىكەن....... قىزلارنىغۇ دىمەيلا قۇيايلى.... بۇزۇلۇپ شالاقشىپ  ئالايىدە خان قىزلارغا ئايلىنىڭ قالىدىكەن...توۋا....................ئۇقۇغاندىكىن ياخشى ئۇقىسا بولماسمىدى....؟

0

تېما

0

دوست

629

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   25.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 62
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 174
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:16 |ئايرىم كۆرۈش
ھەتتا...19.20...يىل ساقلاپ كەلگەن قىزلىقىنىمۇ...شۇ ئالىمەكتەپتە ئۇغۇل دوستىغا ھەدىيە قىلۋىتىدىكەن...................توي قىلغىچە  چىدىسا بولمامدۇ...؟

0

تېما

2

دوست

782

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   56.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34003
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 222
توردىكى ۋاقتى: 95
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-25
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 02:51 |ئايرىم كۆرۈش
كۆرۈشكە تىگشلىكلەر كۆرسىچۇ مۇشۇ تېمىنى

0

تېما

0

دوست

199

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   66.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33190
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 50
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-24
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:43 |ئايرىم كۆرۈش
xahdiyar0997 يوللىغان ۋاقتى  2015-3-24 01:14
مۇشۇ ئالىمەكتەپ ئۇقۇغانلانىڭ  ئاز بىرقىسمى  ياخىشى ئەل ...

ئۇندامۇ دەپكەتمەڭ ، مەنمۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇيدېغان ئوغۇل بالا ،كۆرۈپ تۇرىمىز  ئەتراپېمېزدا يەنېلا ياخشى قىزلار كۆپ .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )