بۇ يازمىنى ئاخىرىدا TurGhunJanTohti تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-3-25 19:12
نەزەردىن يىراق تۇرىۋاتقان يەنە بىرئاپەت (داۋامى)
ئاتا- ئانىلارپەرزەنتلىرىنىڭ چۈمادو قاتارلىق زەھەرلىك دورىلارغا ئۆگىنىپ قېلىشنىڭ سەۋەبىنىچۈشەنگەندە ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق بولىدۇ. ياشلاردىمۇ ئالۋاستىنىڭ چاڭگىلىغاچۈشۈپ قالماسلىققا ئىدىيىۋى تەييارلىق شەكىللىنىدۇ. شۇڭلاشقا تۆۋەندىكى نۇقتىلارنىبىلىۋېلىشنىڭ ئەھمىيىتى بار. 1. بىلمەسلىكتىنئىستىمال قىلىنىدۇ. چۈمادو قاتارلىق دورىلارنى ئادەتتە دورا زاۋۇتلىرى قانۇنلۇقئىشلەپ چىقىرىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭغا ئادەتتىكى دورىدەكلا قاراپ، بىرئىككى قېتىم ئىستىمال قىلغاندا ھېچنىمە بولماس دەپ بۇ خىل زەھەرلىك دورىنىبىلمەسلىكتىن ئىستىمال قىلىپ قالىدۇ. دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلەتكەندەدورا ھېساپلانسىمۇ، قالايمىقان ئىشلەتكەندە ئۆتكۈر ھەزەرگە ئايلىنىدىغانلىقىنىبىلمەيدۇ. 2. قىزىقىش ۋە خەتەرگەتەۋەككۇل قىلىپ ئىستىمال قىلىش. زەھەرنىڭ خۇمارىنى يىتەرلىك مۆلچەرلىيەلمەسلىك،ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە ئىشىنىپ كىتىشتىن چۈمادوغا ئۆگىنىپ قالىدۇ. بىر قانچەقېتىم ئىستىمال قىلغاندىن كېيىنلا ئۇنىڭغا خۇمار بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، خۇمارىتۇتقاندا بەرداشلىق بىرىشنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلمەسلىك، ئادەمنىڭ ئىچكىئەزالىرىنى زەھەرلەپ كېرەكتىن چىقىرىدىغانلىقىنى، بىئەجەل ئۆلۈپ كىتىشكەئاپىرىدىغانلىقىنى ئالدىن كۆرۈپ يىتەلمەسلىك. 3. راھەت- پاراغەتنىكۆزلەش، زەھەر ئىستىمال قىلىشنى مودا دەپ قاراش. 4. پىسخىك پەرداشلىقبىرىش كۈچى ئاجىز بولغانلىقتىن زەھەرگە ئۆگىنىپ قېلىش. ئازراق ئۇڭۇشسىزلىققائۇچراش سەۋەبىدىن كۆڭلى يېرىم بولسا بەرداشلىق بىرەلمەي، زەھەر ئىستىمال قىلىشئارقىلىق دەردىنى بېسىشقا ئورۇنۇش. 5. ئائىلىسى ۋەيرانبولۇش سەۋەبىدىن زەھەر چىكىشكە ئۆگىنىپ قالىدۇ. 6. ئاتا- ئانىسىنىڭكۆڭۈل قويۇپ ئاسرىشى يىتەرلىك بولمىغاچقا ۋە ئائىلە تەربىيىسى لايىقىدا بولمىغاچقاپەرزەنتلەردە بىزار بولۇش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ. 7. ئائىلە ئەزالىرىنىڭناچار تەسىرى بىلەن زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ. 8. دوستنى تاللاپتۇتمىغانلىقتىن زەھەرگە ئۆگىنىپ قالىدۇ. چۈمادو قاتارلىقزەھەرلەرگە ئۆگىنىپ قالماسلىق ئۈچۈن زەھەردىن يىراق تورۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.ھەمدە تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك. 1. زەھەرنىڭ نىمەئىكەنلىكىنى داۋاملىق ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. چۈمادونىڭمۇ كۈچلۈك بىرخىل زەھەرئىكەنلىكىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەك. 2. چۈمادونىڭ ئادەمنىئاسانلا خۇمار قىلىپ قويىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنى تاشلاشنىڭ ئۈزىل- كىسىلقىيىنلىقىنى ئەستە چىڭ تۇتۇش لازىم. 3. چۈمادونىڭ ئۆزىگە،باشقىلارغا، ئائىلىسىگە كەلتۈرىدىغان مۆلچەرلىگۈسىز ئىېغىر ئاقىۋىتىنى ئەستە چىڭتۇتۇش لازىم. 4. بىرىنچى قېتىملىقىنىمەڭگۈ تېتىپ باقماسلىق كېرەك. 5. قىيىنچىلىق ۋەئوڭۇشسىزلىققا توغرا مۇئامىلە قىلىش، ھەرگىزمۇ زەھەردىن پايدىلىنىپ ئاچچىقىنىچىقارماسلىق كېرەك. 6. قۇرۇق خياللاردابولۇش، ھىسياتقا بېرىلىش، مودا قوغلىشىش بولسا بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ زەھەر ئىستىمالقىلىش يولىغا مېڭىپ قېلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر، شۇڭا توغرا تۇرمۇش قارىشىنى تۇرغۇزۇپ،ھاياتنى قىزغىن سۈيۈش كېرەك. پۇلنى، راھەت- پاراغەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغانكىشىلىك تۇرمۇش قارىشىدىن يىراق تۇرۇش مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا زەھەردىن يىراقتۇرغانلىق بولىدۇ. 7. زور كۆپ ساندىكىزەھەر ئىستىمال قىلغۇچىلار دوستلىرىنىڭ تەسىرىدىن زەھەر پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ.شۇڭا دوست تۇتۇشقا ئېھتىياتچان بولۇش كېرەك. 8. ساغلام بولمىغانكۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرىغا بارماسلىق كېرەك. چۈمادونىڭ كېڭىيىشىنىچەكلەشتە ئالدىنى ئېلىش ۋە خۇمار بولغانلارنى بايقاش، قۇتقۇزىۋېلىشقا تەڭ كۈچچىقىرىش كېرەك. ئاتا- ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار پەرزەنتلەرنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭچۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بايقاشقا ئەھمىيەت بىرىش كېرەك. تۆۋەندىكى ئۆزگىرىشئەھۋالىدىن ياشلارنىڭ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈمادوغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنىبايقىۋالغىلى بولىدۇ. 1. تۇرمۇش قانۇنىيىتىدەئۆزگىرىش بولىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلىشئىھتىياجى ۋە زەھەرنىڭ بەدەنگە بولغان تەسىرى تۈپەيلىدىن زەھەر چەككۈچىنىڭ ئۇيقىسىۋە يىمەك- ئىچمەك قانۇنىيىتىدە دائىم نۇرمالسىز ئەھۋاللار كۆرىلىدۇ. مەسىلەن: كەچئۇخلايدۇ ياكى يېرىم كىچىگىچە ئۇخلىمايدۇ. ئەتتىگىنى ئورنىدىن تۇرغىلى ئۇنىمايدۇ.ياكى كۈندۈزى ئۇخلايدۇ. يىمەك- ئىچمىكى رېتىمسىز بولىدۇ. تامىقى ئازىيىپ كېتىىدۇ. 2. مىجەز خاراكتىرىدەكۆرىنەرلىك ئۆزگىرىش بولىدۇ. زەھەر ئىستىمالقىلغاندىن كېيىن ئەسلىدىكى دۇرۇس پەزىلىتى، مەسئۇلىيەتچانلىقى، كەسىپچانلىقى،ئالغا ئىنتىلىشچانلىقى كۈچلۈك بولغانلار تويۇقسىز ھورۇن، چۈشكۈن، جىمغور،شەخسىيەتچى بولۇپ قالىدۇ. ئەسلىدە يېقىملىق، ئاقكۈڭۈل بولغانلار قوپال، تەرسابولۇپ قالىدۇ. ھەتتا ۋەھشى بولۇپ كېتىدۇ. 3. ئېنىق بولمىغانچىقىملىرى كۆپىيىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلىشقاخىراجەت كېتىدۇ. يىغقان پۇلىنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن ھەرخىل يالغان- ياۋىداقگەپلەرنى توقۇپ چىقىپ ئورۇق- تۇققان، دوست- بۇرادەرلىرىدىن پەرز ئالىدۇ. ھەتتائۆيدىن پۇل ئوغۇرلايدۇ. يەنە كېلىپ پۇللارنى نەگە خەجلىگەنلىكىنى دەپ بىرەلمەيدۇ. 4. سالامەتلىك ئەھۋالىكۆرىنەرلىك ناچارلىشىدۇ. زەھەر ئىستىمالقىلغاندىن كېيىن ئادەمنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ۋە نۇرغۇن سېستىمىلىرى زىيانغائۇچرايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە زەھەر ئىستىمال قىلغاندىن كېيىن ھەمىشە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپقالىدۇ. ئۇيقۇسى ياخشى بولمايدۇ. نەتىجىدە سالامەتلىك ئەھۋالى كۆرىنەرلىكناچارلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئالامەتلىرى ئاسان ھېرىپ چارچاش، تىت- تىت بولۇش، جۈدەپكېتىش، قىزىقىش ۋە ھەۋەسلىرى ئاجىزلاپ كېتىش قاتارلىقلار. 5. بەزىدە يېنىدىن،ياتىقىدىن زەھەر تېپىلىپ قالىدۇ. 6. دوست تۇتۇش دائىرىسىئۆزگىرىپ كېتىدۇ. زەھەر ئىستىمال قىلىشھەمىشە باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشى، ئالدىشى ياكى كۈشكۈرتىشى بىلەن باشلىنىدۇ. شۇڭازەھەر چەككەندىن كېيىن كۆپ ھاللاردا بۇرۇن ئارلاشقان دوستلىرىدىن يىراقلىشىپ،زەھەر ئىستىمال قىلغۇچىلار بىلەن قويۇق ئارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىجدىمائىمۇناسىۋەت دائىرىسدە ئۆزگىرىش بولۇپ، دۇرۇس ئادەملەر بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىدىغانئەھۋاللار بارغانسىرى ئازىيىپ، يولدىن چىققان ئادەملەر بىلەن بولغان باردى-كەلدىلىرى بارا- بارا كۈچىيىشكە باشلايدۇ. ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزەتكەندە بۇنداقئادەملەر بىلەن بىرگە بولغان چاغلاردا ھەمىشە تىمىسقىلاپ، سىرلىق، ئالدىراشيۈرۈيدۇ. نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ. 8. بەزىدە ئۇلاردازەھەردىن ئۈزىلىپ قېلىش ئىنكاسى كۆرۈلىدۇ. زەھەر چەككۈچىلەرخۇمارى تۇتۇپ كېتىپ دەماللىققا زەھەر تاپالماي قالسا ئۇلاردا زەھەردىن ئۈزىلىپقېلىش ئىنكاسى كۆرۈلمەي قالمايدۇ. كۆزىنىڭ قارچۇغى چوڭىيىپ كېتىدۇ، تىترەيدۇ،بەدەنگە توخۇ ئەت چىقىپ كېتىدۇ. كۆڭلى ئېلىشىپ ياندۇرىدۇ. قورسىقى ئاغرىپ، ئىچىسۈرىدۇ. مۇسكۇللىرى تارتىشىدۇ. يۈرەك سوقۇشى تىزلىشىدۇ. خۇي- پەيلى ئۆزگىرىپھەدىسىلا چېچىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. تىت- تىت بولىدۇ. خاتىرجەمسىزلىنىدۇ. روھىكەيپىياتى ناچارلىشىدۇ. چۈمادوغا ئۆگىنىپ خۇماربولۇپ قالغانلاردا زەھەردىن قۇتۇلۇش ئارزۇسى بولىدۇ. زەھەرنىڭ زىيىنىنى ئۆزىبىۋاستە ھېس قىلىپ يەتكەچكە زەھەردىن قوتۇلۇش يولىدا نۇرغۇن قېتىم تىرىشچانلىقكۆرسىتىدۇ. بىراق زەھەر بەدەنگە توپلىنىپ ئورگانىزىملارغا زىيان يەتكۈزگەچكە،بولۇپمۇ مىڭىنى زەھەرلەپ روھى كېسەللىكنى پەيدا قىلغاچقا، زەھەر ئىستىمال قىلىشنىتوختاتقان ھالەتتىمۇ بەدەن خاراكتىرلىك خۇمار يەڭگىللىسىمۇ روھى جەھەتتىكى خۇمارداۋاملىق ساقلىنىپ قېلىپ، ئىچى تىتىلداپ بىئارام بولۇش، جىددىلىشىش، ئۇيقۇسىزلىق،زىھنىنى يىغالماسلىق، ماغدۇرسىزلىق قاتارلىق ئالامەتلەردىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭاداۋالاشنى تەشۈببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىش كېرەك. ياكى ئۇرۇق- تۇققان، دوست-بۇرادەر پەرزەنتلىرى بولسا داۋالىنىشنى قوبۇل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش،رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك. مۇستەھكەم زەھەر تاشلاشئىتقادى تەكلەش ھەمدە داۋالاشقا ياخشى ماسلىشىش ئارقىلىق زەھەردىن ئۆزۈل- كېسىلقۇتۇلغىلى بولىدۇ. خىروئىن چەككەنلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىلىرىنىڭ بۇرۇن چۈمادوئىستىمال قىلىش ياكى نەشە چىكىش تارىخى بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا بايقاش ۋە داۋالىتىشئىنتايىن مۇھىم.
شىنجاڭ ئەل- ئۆمىدبىئو- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى خوتەن تۇرغۇن ئۇيغۇرتىبابىتى ئامبۇلاتورىيىسىدىن تۇرغۇنجان توختى
|