"بىزدىكى كەم نەرسىلەر" گە قايتا نەزەر -(1)
قەيسەر مىجىت
ئىلاۋە:
ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشى يىللارنىڭ ئۆتۈشى ، تۇرمۇش ئەمىلىيىتىنىڭ موللىشىشى ۋەئىجتىمائى مۇھىتنىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن تاكامۇللىشىپ بارىدۇ. مۇنداقچە ئىيتقاندا ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئۆزى ياشىغان مۇئەييەن تارىخى شارائىتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. بۇ تەسىرلەر بەزىدە چەكلىمە بولۇپ ئىپادىلەنسە، بەزىدە پۇرسەت بولۇپ ئىپادىلىنىشى مۈمكىن.
مەن 27 ياش يىشىمدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ چىقىپ كەتكەن ئادەممەن.27 ياشمۇ كىچىك ئەمەس، شۇڭا مىنىڭ دۇنيا قارىشىمغا ئۆزۈم ياشىغان مۇھىتنىڭ تەسىر قىلىشى تۇرغانلا گەپ.مەن 40 ياشقا كىرگەندىن بۇيان "زادى ئەينى چاغدا قانداق ياشىغان بولغىيتىم، قانداق پىكىر قىلغان بولغىيتىم؟" دەپ ئويلاپ قالىدىغان بولدۇم.ئادەمنىڭ كۆڭلى، قىلغان-ئەتكىنى ئۆزىگىلا ئايان. مەن ئەينى چاغدا بىر نەچچە ساھە بويىچە قەلەم تەۋرەتكەن. بۇنىڭ بىرسى ئىقتىسادى ساھەدۇر. ئۆتكەندە بۇ ھەقتە 20 يىل بۇرۇن يىزىلىپ ئۈرۈمچىدە جورنالدا ئىلان قىلىنغان "بىزدىكى كەم نەرسىلەر" دىگەن ماقالەمنىڭ گىزىت نۇسخىسى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى.
مەن ئۇ ماقالىنى قايتا ئوقۇپ چىقتىم. ماقالە ئىنتايىن قىسقا بولۇپ ئاران يىرىم بەت. ئۇنىڭدا دىيىلگەن سۆزلەر ئۇيغۇر ئىگىلىگىنىڭ ئۆتمۈشىگە ئەسلەتمە بىرىش، شۇ ۋاقىتتىكى ئەھۋالنى بايان قىلىش ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن تىيىز ھالەتتىكى پەرەز ۋە مۆلچەرلەش ھەم ئۇمىدتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىكەن.بۈگۈن - تۈنۈگۈننىڭ ئەتىسى، ئەتىنىڭ تۈنۈگۈنى.20 يىل دىگەن بىر دەۋر دىگەن گەپ. زادى ئەينى چاغدا دىيىلگەن پەرەز ۋە مۆلچەرلەشلەر ھازىر قانچىلىك رىئاللىققا ئايلاندى؟ مانا بۇ سۇئال مىنى ئويلاندۇردى.ئالدى بىلەن مەن تۆۋەندە 1995-يىلى ئىلان قىلغان "بىزدىكى كەم نەرسىلەر" دىگەن ماقالەمنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن ئاندىن بۇ ھەقتە مۇلاھىزە ئىلىپ بارىمەن.
يىڭى يازما دىگەن مانا مۇشۇنداق تۇغۇلىدۇ، خۇددى كونا چاپاننى كىسىپ ئۇلاپ يىڭى ئىشتان تىككەندەك....
(ئا)
"بىزدىكى كەم نەرسىلەر "
بىزدە قوبۇل قىلىش بار، ئەمما تاللاش ۋە شاللاش كەم، يەنى بىزدە پەرق ئىتىش ۋە كەلگۈسىنى مۆلچەرلەش ئىقتىدارى كەم.
بەزى كىشىلىرىمىزدە ئۆزىنى ئالداش كۆپ ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى سۆيۈش كەم.
جۇملىدىن بىزدىكى كەم نەرسىلەر ئىچىدە ھەممىدىن مۇھىم بولغانلىرىدىن بىرى ئىقتىسادى مەدىنىيىتىمىزدە ھازىرقى زامان ئامىللىرىنىڭ كەمچىل بولۇشىدۇر. بۇ يەردە كۆزدە تۇتقىنىم ئۇيغۇر سانائەتچىلىكىنىڭ دەۋرنىڭ تەلىپىدىن، تەرەققىياتىدىن كۆپ قىيىن قىلىۋاتقانلىغى.بۇنىڭدىكى ئاساسى سەۋەپ مىنىڭچە مۇنۇلار: بىرىنجىدىن، سانائەت - مەبلەغنى كۆپ تەلەپ قىلىدۇ، ھالبۇكى مىللى كاپىتالنىڭ جۇغلىنىشى بۇ تەلەپكە يەتمەيدۇ. شۇڭا مۇكەممەل ئۇيغۇر سانائىتى بازىسىنى شەكىللەندۇرۇش مۈمكىن بولمىدى.
ئىككىنجىدىن، سانائەت - تېخنىكا تەلىپى كۈچلۈك بولغان ئىشلەپچىقىرىش. رايونىمىز ئەڭ ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ ئۇنىڭ سۇ قاتنىشىدىن ئىغىز ئىچىش مۈمكىن ئەمەس. قۇرۇقلۇق قاتنىشىمۇ قالاقراق، شۇڭا چەتئەللەر بىلەنلا ئەمەس ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تەرەققى قىلغان رايونلار بىلەن بولغان تەجىربە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش راۋان ئەمەس. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇرلارنىڭ تىخنىكىلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تىز راۋاجلاندۇرۇشىغاا مۇئەييەن ھالدا توسقۇن بولىدۇ.
ئۈچىنچىدىن، 1950-يىللارنىڭ بىشىدىن كىيىن رايونىمىزدا ئومۇمى خەلق ئىگىدارچىلىغىدىكى سانائەت ئىشلەپچىقىرىش بازىسى شەكىللىنىشكە باشلىدى. بۇنداق شارائىتتا ئۇيغۇر سانائەتچىلىكىگە راۋاجلىنىش بوشلۇقى قالمىدى.نۆۋەتتىكى بازار ئىگىلىگى تۈزۈلمىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا، ئۇيغۇر سانائەتچىلىگىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققى قىلدۇرۇش - رايونىمىزدىكى ئىگىلىگىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىۋى قىسمى، ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتىمۇ، مۈمكىنچىلىگىمۇ مەۋجۇت.
بۇ ھەقتە بىر نەچچە پىكىر:
1. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى مەدەنىيىتىدە ئۇلارنىڭ قول سانائەت مەدىنىيىتى - ئۇيغۇرلار سانائىتىنىڭ زامان تۈسىنى ئىلىشىغا ئاساس بولالايدۇ. چۇنكى ئۇ 1950-يىلىدىن بۇرۇنلا خىلى تەرەققى قىلغان بولۇپ مەلۇم ئاساسقا ئىگە.
2. ئىسلاھات ۋە ئىچىۋىتىش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئۇيغۇر مىليونىرلىرى بارلىققا كىلىۋاتىدۇ. ئۇلار تىجارىتىنى، مۇئامىلىنى ئىشلەپچىقىرىشقا يۆتكىسە ئىكەن، بۇ ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى ھەم خىرىسى.
(1994 -يىلى يىزىلىپ 1995 - يىلى ئۈرۈمچىدە جورنالدا ئىلان قىلىنغان)
(ب)
خوش، بۇ 20 يىلدا ئۇيغۇر ئىقتىسادىدا قانداق ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى؟
يۇقۇرىدىكى يازمىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، بۇ قىسمىنىمۇ قىسقىچە يازاي.
ئالدى بىلەن شۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كىرەككى، ئىسلاھات ۋە سىرتقا ئىشىكنى ئىچىۋىتىش سىياسىتى ئۇيغۇر تىجارەتچى ۋە سودىگەرلىرىنىڭ سىرتقا يۈزلىنىشى ۋە خەلقارا ئىقتىسادقا قاتنىشىشىنى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. بازار ئىگىلىگىنىڭ تەرەققىياتى جۈملىدىن ئىلىپ كەلگەن پۇرسىتى ۋە خېرىسى - ئۇلارنى ئەن-ئەنىۋى ئىگىلىك قىلىپىدا تۇرۇۋەلمەسلىككە قىستىدى ھەم ئۇلارنىڭ زامانىۋى كارخانا شەكلىدىكى ئىگىلىك گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە ئىقتىسادنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئۇتۇق قازانغان نۇرغۇن ئۇيغۇر مىليونىرلىرى ۋە كارخانىچىلىرى بارلىققا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە مىللى ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ يۇرتىمىز ئىچىدىكى ئىستىمالچىلارنى كۆزلەپ دىھقانلىرىمىز ئەمگىگىنىڭ مەھسۇلاتى بولغان يەرلىك يىزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەپ ماركىلىق مەھسۇلات قىلىپ ئىشلەپچىقىرىپ بازارغا سىلىپ روناق تاپقان كارخانىچىلىرىمىزدىن، ئادىل نىياز ئەپەندى قۇرغان ئەلنۇرى شىركىتى، ياسىنجان قايدۇ ئەپەندى قۇرغان قايدۇ شىركەتلىرى مانا مەن ئەينى چاغدا ئارزۇ قىلغان ئىشلارنى رىئاللىققا ئايلاندۇرۇپ مىنى بەك سۆيۈندۈردى.
ئىقتىسادى تەرەققى قىلغان دولەتلەر شۇنىڭ ئۈچۈن تەرەققى قىلىدۇكى چۈنكى ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت كەسپى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. دىمەك، بايلىقنىڭ كۆپ قىسمى مۇلازىمەتتە يارىتىلسا بۇ جەمىيەتنىڭ ئىقتىسادى تېخىمۇ تىز ھەم ياخشى تەرەققى قىلغان بولىدۇ. )بۇ ھەقتىكى چۈشەندۈرۈش - 6-ئايدا باشلىنىدىغان بايبول مەكتىۋىنىڭ سىنالغۇلۇق لىكسىيەلىرىدە تەپسىلى سۆزلىنىدۇ، ئىز قوغلاپ ئوقۇيدىغان ئوقۇرمەنلەر، بۇنى سەمىڭلەرگە سىلىپ قويغۇم كەلدى(قاراپ باقساق، ئۆتكەن يىگىرمە يىل ئىچىدە بۇ جەھەتتىمۇ تەرەققىياتلار ياخشى بوپتۇ. مەسىلەن، كارخانىچىلارنى زامانىۋى كارخانا باشقۇرۇش ئىلمى بويىچە سىستىمىلىق تەربىيلەپ مىللى ئىگىلىكىمىزنىڭ يۈكسىلىشىگە تۆھپە قوشۇۋاتقان شانئال مەكتىۋىنىڭ قۇرغۇچىسى ئايتۇرسۇن رۇسۇل خانىم، چەتئەل تىلى ئوقۇتۇش مۇلازىمىتى بىلەن جەمىيىتىمىزدىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ تىل ئۇگۇنۇش تەلىۋىنى قاندۇرۇپ كۆرىنەرلىك توھپە قوشۇۋاتقان ياش كارخانىچى قاسىم ئابدۇرىھىم ھەمدە خەلقىمىزنىڭ ساغلاملىققا بولغان تەلىۋىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇلارنى ئېسىل بولغان ساغلاملىق مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان شىركەت - لىللا شىركىتىنى قۇرۇپ ئۇتۇق قازانغان مۇتىللا ئەپەندى ۋە يەنە نۇرغۇن كارخانىچىلارنى تىلغا ئىلىشقا ئەرزىيدۇ، ئەلۋەتتە.
مەن دىققەت بىلەن كۈزەتسەم يىقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ۋەتەن ئىچىدە ئىگىلىك تىگلەشكە ئىنتىلىدىغان كىشىلىرىمىز سان جەھەتتىن كۆپىيىپ ساپا جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈشكە باشلاپ ئۆزگىچە كارخانا مەدىنىيىتىنى بەرپا قىپتۇ. مەن بۇلاردىن ھەم پەخىرلەندىم ھەم ئۆزگىرىۋاتقان ئىجتىمائى، ئىقتىسادى شارائىت ئاستىدا ئۇلار دۇچ كىلىۋاتقان ھەم يىقىن كەلگۈسىدە دۇچ كىلىش ئالدىدا تۇرغان پۇرسەت، خىرس ھەم قىيىنچىلىقلار ھەققىدە تۆۋەندىكىدەك توختالغۇم كەلدى. خۇدا بۇيرىسا يەنە 20 يىلدىن كىيىن ئەمەس، يەنە بەش يىلدىن كىيىن "بىزدىكى كەم نەرسىلەرگە" گە قايتا نەزەر' گە قايتا نەزەر' دىگەن يازمامنى يازغىلى نىسىپ بولار....
|