- تىزىملاتقان
- 2014-3-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-5
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12821
- نادىر
- 0
- يازما
- 1515
ئۆسۈش
7.05%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا sawda571 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-4-7 01:15
izafat يوللىغان ۋاقتى 2015-4-4 20:27
ۋاي نىمانداق سەت گەپلەر بۇ؟ بالا تىپىش ئېشەكنىڭمۇ قول ...
دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىش تۈپتىن خاتا .
بۇ گەپ نىمە دىگەن كۈلكىلىك ، سىز فامىلە دىگەننى بىلەمسىز ؟ دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىپ ، شۇ ئىسىمنى ئەۋلاتمۇ ئەۋلات داۋاملاشتۇرسا نىمىشقا بولمايدۇ .
بىراق ئەۋلاتلار ئارىسىدىن قوللۇنۇشنى خالىمىغانلار ، ئۆزگەرتكەنلەر بۇ شۇلارنىڭ ئىختىيارى ، بىراق بۇنى شۇ كىشى ئەقلىگە يەتكەندە ئۆزى قارار قىلسا بولۇدۇ .
مىنىڭ 10 ئەۋلات ئالدىدىكى بوۋامنىڭ ئىسمى « مۇچ » ئىكەن ، مانا ھازىرغىچە شۇ مۇچنىڭ بالىسى شادى مۇچ ، تىرەك مۇچ ، مەھمۇت مۇچ ، تاش مۇچ ، ئەھمەت مۇچ ، شادى مۇچ ( بوۋىسىنى ئەسلەش ئۈچۈن شادى دەپ ئىسىم قويۇپتىكەن ) توختىنىياز مۇچ ، ئابدۇللا مۇچ ، مەن ئابدۇرېھىم مۇچ دىمەك مەن 10 - مۇچ . دادامنىڭ دىيىشىچە ( دادام قازا قىلىپ كەتتى ) ھازىر مۇشۇ فامىلىلىك ئادەمدىن 1400 دىن ئارتۇق مۇچ بار ئىكەن .
بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ، كەڭلىكى 4 مىتىر ، ئۇزۇنلۇقى 30 مىتىر ئەتىراپىدىكى كوچىغا سىمۇنېت ياتقۇزاي دەپ شىغىل تۆككەن ، تۇيۇقسىز مۇشۇ كوچىغا ئۆيىنىڭ ئارقا تېمى قارايدىغان بىر قوشنام چىقىپ بۇنداق قىلسام بولمايدىغانلىقىنى دىدى ، سەۋەبىنى سورىسام ئۆيۈمنىڭ تېمى شامالدىيالماي ، ئۆي زەي تارتىپ قالىدۇ دىدى . مەن ئۇنىڭغا چۈشەندۈرۈپ بۇنىڭ ياخشى ئىش ئىكەنلىكىنى ، يول قويۇشى لازىملىقىنى دىدىم . مۇشۇنداق پاراڭلىشىش جەريانىدا ، ئۇ ئۆزىنى ھېيتەم مۇچ دەيدۇ ، مەن سىز مۇچتىنمۇ دىسەم ھەئە دەپ ، ئاتا ئانىسىنى تۇنۇشتۇردى . شۇنىڭ بىلەن بىز دادا بوۋىللىرىمىزنى 4 ئەۋلات ئالدىغا سۈرگەن ئىدۇق ، ئىككىمىزنىڭ 4 ئەۋلات ئالدىدىكى بوۋىسى بىر تۇققان ئاكا - ئۇكا چىقتى ، شۇنىڭ بىلەن قايتىدىن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ كەتتۇق . بۇ كىشى مەندىن 20 ياش چوڭ ، ساقاللىرى ئاپ - ئاق ئاقارغان كىشى ئىكەن ، شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ مەھەللىدىكى يەنە ئىككى تۇققىنىمنى دەپ بەردى ، مەن خىزمەت قىلىمەن دەپ ئۆز كۇچامدىكى ئادەملەر بىلەنلا چەكلىنىپتىمەن ، تۇققۇنىم خوشنا بولۇپ ئولتۇرغىلى 10 يىل بولسا بىلمەپتىمەن . كوچىنىمۇ سىمۇنېت قىلدىم . دادىسىنىڭ ئىسمىنى فامىلە قىلىش قانداقسىگە يامان ئىش بولۇدۇ .
ئەمدى دىسەم 4 - بوۋام تاش مۇچقىچە ئىزچىل بىزنى باشقىلار مۇچ دەپ ئاتاپ ، لەقەم شۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەپتۇ ، 4 - بوۋام تاش مۇچ ئۆزىنىڭ ئاكا - ئۇكىللىرىنى چاقىرىپ مېھمان قىلىپ ئاخىرىدا مۇشۇ « مۇچ » دىگەن بوۋىمىزنىڭ ئىسمىنى ھەممىز ئىسمىمىزنىڭ كەينىگە ، باللىرىمىزنىڭ ئىسمىنىڭ كەينىگە قۇشۇپ ئاتايلى . دەپتۇ شۇنىڭ بىلەن چۈشەنگەنلەرمۇ چۈشەنمىگەنلەرمۇ شۇنداق قىلىپتۇ ، بەزىلەر داۋاملاشتۇرۇپتۇ بەزىلەر داۋاملاشتۇرماپتۇ . داۋاملاشتۇرمىغانلارنىڭمۇ دادامدىن سۈرۈشتۈرۈپ كىرگىنىنى كۆرگەن ئىدىم .
|
|