قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2086|ئىنكاس: 6

شەھەر بىلەن ۋىلايەتنىڭ پەرقى توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

----كىتابخۇمار----

9

تېما

80

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   16.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1512
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4712
توردىكى ۋاقتى: 955
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-21 16:18:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋىلايەت بىلەن شەھەرنىڭ پەرقى توغرىسىدا

ئاپتۇرى شىنجاڭ ئ‍ۈنۋىرسىتىتى مەمۇرىي باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتى بولوپ ئاپتۇرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن يوللاندى ·

ئېلاۋە: ئالدىنقى ھەپتە ج ك پ مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيروسىنىڭ ئەزاسى، ش ئۇ ئا ر پارتىكومىنىڭ سېكرىتارى جاڭچۈنشىيەن تولۇپ – تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن تۇرپان ۋىلايىتىنىڭ ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن تۇرپان ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى ۋە قارامايدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قالدى.
ۋىلايەتتىن شەھەرگە ئۆزگىرىش جەريانى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قىزىقىشى ۋە مۇلاھىزىسىنى قوزغىدى. ۋىلايەت بىلەن شەھەرنىڭ قانداق پەرقى بار؟ شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەننىڭ قانداق پايدىسى بار؟ دېگەندەك سۇئاللار يامغۇردىن كېيىنكى بامبۈك نوتىسىدەك ئارقا - ئارقىدىن پەيدا بولۇشقا باشلىدى. كەمىنىە مۇشۇ نوقتىلارنى چىقىش قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللار ئاساسىدا، ۋىلايەت ۋە شەھەرنىڭ قانداق پەرقىنىڭ بارلىقىنى، شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەننىڭ قانداق پايدىسىنىڭ بارلىقىنى كەسپىي نوقتىدىن شەرھىيلەپ بەرمەكچىمەن. شۇنداقلا كەڭ ئۇستازلارنىڭ ماقالىدىكى كەم نوقتىلارنى تولۇقلاپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشىنى ئۆتىنىمەن.

بىرىنچى، ۋىلايەتنىڭ ئۇقۇمى

ۋىلايەت دېگىنىمىز بىر قىسىم ئۆلكە – ئاپتونۇم رايونلاردا، باشقۇرۇشقا ۋە رايونلارنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم جايلاردا ۋىلايەت تەسىس قىلىنىدۇ، ۋىلايەتنىڭ قارمىقىدا ناھىيە، شەھەرلەر(ناھىيە دەرىجىلىك) بولىدۇ، ۋىلايەت بىر دەرىجىلىك مەمۇرىي بىرلىك ئەمەس، ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى ئۆلكە – ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمىتىنىڭ ئىۋەرتىلگەن ئاپپاراتى بولىدۇ. ۋىلايەتتە خەلق قۇرۇلتىيى، سىياسى كېڭەش تەسىس قىلىنمايدۇ، پەقەت خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ خىزمەت كومىتىتى بولىدۇ. مەسىلەن: تۇرپان شەھەر بولۇپ ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرى ئاپتونۇم رايونىمىزدا ئاقسۇ، ئالتاي، تارباغاتاي، قۇمۇل، تۇرپان، قەشقەر ۋە خوتەندىن ئىبارەت يەتتە ۋىلايەت تەسىس قىلىندى.

ئىككىنچى، شەھەرنىڭ ئۇقۇمى

شەھەر بولسا ، نوپۇس، شەھەر ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قەدەر يۈكسەلگەن جايلاردا تەسىس قىلىنغان مەمۇرى بىرلىك بولۇپ،  ئۇ مەمۇرىي دەرىجىسىگە ئاساسەن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر(ئۆلكە دەرىجىلىك)، ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلىنىدۇ.
تۇرپان شەھىرى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ، ئاپتونۇم رايونىمىزدىكى ئۈرۈمچى، قارامايدىن كېيىنكى ئۈچىنچى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر ھېسابلىنىدۇ. قارمىقىدا بىر رايون، ئىككى ناھىيە بار.

ئۈچىنچى، ۋىلايەت بىلەن شەھەرنىڭ پەرقى

گەرچە ۋىلايەت بىلەن ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرنىڭ ھەر ئىككىلىسى مەمۇرىي جەھەتتە تەڭ دەرىجىلىك ھېاسبلانسىمۇ، ئەمما مەمۇرىيەت، ئىقتىساد ۋە باشقا جەھەتلەردە پەرققە ئىگە:
1، مەمۇرىي جەھەتتە: ۋىلايەت(مەمۇرىي مەھكىمە) بىر دەرىجىلىك ھۆكىمەت ئورگىنى ئەمەس، بەلكى يوقۇرى دەرىجىلىك ئورگاننىڭ ئىۋەرتىلگەن ئورگىنىدىن ئىبارەت. شەھەر بولسا ھەقىيقى بىر دەرىجىلىك ھۆكىمەت ئورگىنى ھېسانلىنىدۇ.
2، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى جەھەتتە: ۋىلايەتتە خەلق ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىنمايدۇ، ئۆز ئالدىغا بەلگىلىمە ۋە تەدبىر چىقىرالمايدۇ. پەقەت يوقۇرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋە سىياسى كېڭەشنىڭ خىزمەت كومىتېتى بولىدۇ؛ شەھەر دە بولسا خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسى كېڭەش بولىدۇ، ئۆز ئالدىغا بەرلىك بەلگىلىمە ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.  
3، ئەدلىيە جەھەتتە:  ۋىلايەتلىك تەپتىش مەھكىمىسىمۇ يوقۇرى دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شۆبە ئورگىنى بولىدۇ. مەسىلەن:  ش ئۇ ئا ر خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ئاقسۇ شۆبىسى، دېگەندەك.  سوت مەھكىمىسىنىڭ سوتچىلىرىنىمۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە قالدۇرۇش جەھەتتە يوقۇرى دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۆتىدۇ.  
4، نوپۇس ۋە ئىقتىسادى قۇرۇلما جەھەتتە جەھەتتە: ۋىلايەتنىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسى يېزا ئېگىلىك نوپۇسىنى ئاساس قىلىدۇ؛ شەھەردە بولسا غەيرى يېزا ئېگىلىك نوپۇسى، شەھەر نوپۇسى ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ.  ۋىلايەتنىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدا بىرىنچى كەسىپ ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ(يېزا ئېگىلىك). بىرىنچى كەسىپنىڭ تەننەرخى يوقۇرى، كىرىمى تۆۋەن بولۇپ، رايون ئىقتىسادىدا پاسىپ رول ئوينايدۇ.  شەھەرنىڭ بولسا ئىككىنچى كەسىپ(سانائەت) ۋە ئۈچىنچى كەسىپ(مۇلازىمەت) ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيدۇ. ئىقتىساى تەرەققىياتتا تېخىمۇ ئەۋزەل بولغان نوپۇس ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولىدۇ.
5، باشقا جەھەتتە:  شەھەرنىڭ شەھەر قۇرۇلۇشى، يەرلىك مالىيە قاتارلىق جەھەتلەردە ئېرىشىدىغان ئېتىبار ۋە مەبلىغى كۆپرەك بولىدۇ. يەنى مەركىزى شەھەرلەر ئارقىلىق ئەتراپتىكى رايونلارنىڭ ئىقتىسادىنى يېتەكلىگىلى ۋە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ.

تۆتىنچى، تۇرپان شەھىرىنىڭ ۋىلايەتتىن ئەۋزەللىكى

تۇرپان ۋىلايىتى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئەۋزەللىكلەرگە ئېرىشىدۇ:
1، ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلەيدۇ، ۋىلايەت بىر دەرىجىلىك ھۆكىمەت ئورگىنى ئەمەس، پەقەت يوقۇرى دەرىجىلىك ھۆكىمەتنىڭ ئىۋەتكەن ئورگىنى بولغاچقا، ئۆز ئالدىغا تەدبىر بەلگىلىيەلمەيدۇ، پەقەت يوقۇرى دەرىجىلىك ھۆكىمەتنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىجرا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىنمىغاچقا، تەدبىر بەلگىلەش ۋە بەلگىلىمە تۈزۈشتە يېتەرسىزلەر كۆرۈلىدۇ. شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، بىر دەرىجىلىك ھۆكىمەت ئورگىنى بولىدۇ، خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىنىدۇ. ئۆز جايىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقى ۋە سالاھىيىتى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تۇرپاننىڭ ئىقتىسىدى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى كۈچلۈك بولغان ئاكتىپچانلىققا ۋە جانلىقلىققا  ئىگە بولىدۇ.
2، رايون ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەن تۇرپاننىڭ ئۈنۋرسال كونترول قىلىش ۋە تەرەققىيات ئىقتىدارى ئاشىدۇ، كەسىپ قۇرۇلمىسى تېخىمۇ مۇۋاپىق ۋە ياخشىلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن رايون ئىقتىسادىدا تېخىمۇ ياخشى ھالدا بايلىق مەنبەلىرىنى تەقسىملەپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
3، شەھەرلىشىش قەدىمى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
تۇرپان ۋىلايەت ۋاقتىدا بارلىق ئورگانلار ئاپتونوم رايونننىڭ ئىۋەرتىلگەن ئورگىنى بولغاچقا، باشقۇرۇش ۋە ھوقۇق يۇۈرگۈزۈش جەھەتتە بىر قىسىم چەكلىمىگە ئۇچرايتتى. شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يوقارقى ئورۇنلارنىڭ ھەممىسى بىر دەرىجىلىك ھۆكىمەت ئاپپاراتى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ، ھەمدە تولۇق قانۇنىي سالاھىيەت ۋە ھوقۇقىنى يۈرگۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن شەھەر قۇرۇلۇش ۋە شەھەرنىڭ ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشى جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ھوقۇق ۋە سالاھىيەتتىن بەھرىمەن بولىدۇ،
4، ساياھەتچىلىك ئىشلىرى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ
تۇرپان شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، مەملىكىتىمىزدىكى كۆپلىگەن ئاخپارات ۋاستىلىرىدا تەشۋىق قىلىنىپ، تۇرپاننىڭ ئەسلىدىكى نامى تېخىمۇ جۇلالىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن تۇرپاننىڭ ئەۋزەل ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت ئورۇنلىرى مەملىكەت شۇنداقلا دۇنيادىكى كۆپلىگەن ساياھەتچىلەرنىڭ تېخىمۇ بەك دىققىتىنى تارتىدۇ. ھەمدە ساياھەتچىلىك كىرىمى تېخىمۇ ئېشىپ، شەھەر ساياھەتچىلىك ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكىلىك رول ئويناپ،  خۇددى «ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك» ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ.
خۇلاسە: تۇرپاننىڭ  ۋىلايەتتىن شەھەرگە ئۆزگەرتىلىشى شىنجاڭ تاررىخىدىكى زور ئىش، شۇنداقلا ھالقىسىمان تەرەققىياتتىكى مۇھىم تەدبىر.  شۇنىڭ بىلەن بىرگە كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بايلىق مەنبەلىرىنى تەڭشەش ۋە تەقسىملەش، شەھەر ئۇل – ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇنداقلا  دېھقاندىن شەھەرلىككە ئايلانغان كىشىلەرنىڭ بىر قىسىم مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش مۇقەررەر يۈزلىنىدىغان ۋە ھەل قىلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. ئىششىنىمىزكى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكىمىتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار تۇرپان شەھىرى تېخىمۇ ھاياتى كۈچكە تولۇپ، گۈللەپ ياشنىغۇسى!

uyghuray

ئالمىدەك يۈرەكت

5

تېما

13

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   38.19%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  9801
يازما سانى: 1964
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2261
تۆھپە : 6129
توردىكى ۋاقتى: 1632
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-22 14:06:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېخىمۇ كۆپ ئېتىۋار سىياسەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ ،ئۆز ئالدىغا قارالمىلارنى ماقۇللاپ ،خەلقنىڭ گۈللەپ ياشنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

14

تېما

1

دوست

6728

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   34.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  6345
يازما سانى: 271
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 386
تۆھپە : 1867
توردىكى ۋاقتى: 277
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-22 14:37:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، خېلى كۆپ چۈشەنچىگە ئىگە بولۇپ قالدىم.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1163

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   16.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31871
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 46
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-22 17:11:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقۇرىدىن چۈشكەن تۈرلۈك تارقىتىلىشقا تېگىشلىك تەمىناتلار (خىزمەتچىلەرنىڭ يىللىق ئۈنۈم مۇئاشى، تولۇقلىما پۇللار) ۋىلايەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلىشتىن بۇرۇن، ۋىلايەت دەرىجىلىك ئورۇنلاردا ئىشلەيدىغانلار ئىلىپ خەجلەپ ئونتۇپمۇ كەتكەندە ئاندىن شەھەردە ئەمەلىيلىشەتتى، بۇ خىل ئەھۋال شەھەرگە ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىن قانداق بۇلار؟

6

تېما

8

دوست

2 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   33.65%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22736
يازما سانى: 254
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 7716
توردىكى ۋاقتى: 97
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-24 20:41:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭنىڭ ھەممە شەھەر يېزىلىرىنى كۆرۈپ چىقتىم ، مۇشۇ بىزنىڭ تۇرپان ئەڭ تەرەققىقي قىلمىغانلىقىنى ھېس قىلدىم ، لېكىن شەھەر قىلىنغاندىن كېيىن بىرقىسىم پۇراقلىرىنىڭ يۇقاپ كېتىشىدىن بەك ئەنسىرەيمەن ... تۇرپاندا بايلىق بەك كۆپ ، لېكىن قارىمايدەك بولالماسلىقىدىكى سەۋەب دەل شۇ ۋىلايەت ۋاقتىدىكى تۈزۈم سەۋەبلىك بولىشى مۇمكىن ... ئىسىمنى بىلسەم بىزنىڭ يېزىدا نېفىت كۆمۈر تۆمۈر ۋە باشقا نۇرغۇن نەرسىلەر چىقاتتى ، شۇ نەرسىلەر ئەمدى تۇرپانغا مەنپەئەت يەتكۈزسە بۇلاتتى ... بىر ئويلىسىغۇ بۇرۇنقىدەك تۇرسىمۇ بوپقالاتتى . شەخسىي خىياللار.....
7#
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )