قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2774|ئىنكاس: 14

نىكاھ سەپىرىمىزدە نېمە كەم ؟(ئوسمان زاھىر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

0

دوست

5281

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   5.62%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1614
يازما سانى: 236
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1111
تۆھپە : 881
توردىكى ۋاقتى: 92
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 20:22:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

نىكاھ سەپىرىمىزدە نىمە كەم ؟
ئوسمان زاھىر


       بىر-بىرى بىلەن ئەزەلدىن تونۇشمايدىغان يىگىت بىلەن قىز ھاياتنىڭ قايسى بىر ئاچاللىرىدا تاسادىبىي ھالدا ئۇچرىشىپ قالدى ،كۆزلەر قەلبلەرنىڭ ئورتاقلىغىنى تونۇپ يېتىدۇ ،نىكاھ مۇراسىمىدىن كېيىن ۋاقىتلىق ھىجرانغا خاتىمە بېرىلىپ ،شېرىنلىك ھەم ئازابقا تولغان ،ئۇزاققا سوزۇلغان نىكاھ سەپىرى داۋاملىشىدۇ . بۇ سەپەر تۈرلۈك تىكەنلەرگە ،قىپقىزىل ئەتىرگۈللەرگە تولغان ئىككى كىشىلىك سەپەر بولۇپ ،ئاخىرقى پەللىگە يەتكۈچىلەر يولدا ئۇچرىغان قىزىلگۈللەردىن ھوزۇرلانغاچ سەپىرىگە مەنا تاپقۇچىلاردۇر . يېرىم يولدا سەپەردىن ۋاز كەچكەنلەر يولدا ئۇچرىغان تىكەنلەرنىلا كۆرۈپ ،قىپقىزىل گۈللەرنى نەزەردىن ساقىت قىلغۇچىلاردۇر .ھاياتلىق ئالىمى ئەزەلدىن تېپ-تېنچ بولغان ئەمەس ،ئائىلە ھاياتلىق ئالىمىدىكى مۇھىم بىر ھۆجەيرە ۋە دۇنيادىكى بارلىق پائالىيەت ۋە ھەركەتلەرنىڭ مۇھىم نىشانى بولۇش سۈپىتى بىلەن يادرولۇق رول ئويناپ كەلدى . تالاي ئىختىرالار ،تالاي قەھرىمانلار ئىككى كىشىلىك دۇنيادىن تەركىپ تاپقان ئىللىق ئائىلىلەردە ۋۇجۇتقا كەلدى .

         مەلۇم بىر مەملىكەتكە ياۋ تاجاۋۇز قىلىپ ،كۆزلەردىن ياش ،تەنلەردىن قان ئاققۇزۇپتۇ . يۈرەكلەرنى خۇن ،كۈندۈزلەرنى تۈن قىلىپتۇ ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىمدار بولۇپ ھالىدىن كېتىپتۇ . ئاخىرى ئەقىلدار ۋەزىرلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن سۇلھىگە كېلىشىپتۇ . ياۋ قارشى تەرەپتىكى بالىلار ،ئاياللار ، ياشانغانلارنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشىغا ئىجازەت بېرىپتۇ . ئايرىلىش ئالدىدا ھەر بىر ئادەمنىڭ پەقەت ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان بىرلا نەرسىنى ئېلىۋېلىشىغا بولىدىغانلىقىنى جاكارلاپتۇ .ياشانغانلار ،ئاياللار بىر –بىرىنى يۆلۈشۈپ يۇرتىدىن ؛ئايرىلىپتۇ . ئەجەبلىنەرلىكى ،ھەر بىر ئايال بىردىن يوغان بوپىنى يۈدۈۋالغان بولۇپ ،ئىنتايىن تەسلىكتە كېتىۋاتقان ئىكەن . ياۋ لەشكىرى ئەجەبلىنىپ ،بىر ئايالنىڭ بوپىسىنى يېشىپ قارىسا ئىچىدە ئايالنىڭ ئېرى تۇرغۇدەك . ئەسلىدە بۇ ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك ھالال جۈپتى ئىكەنلىگىنى تونۇپ يېتىپ ، ئەرلىرىنى بوپا ئىچىگە يوشۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان ئىكەن .

        دېمەك ، ئەرلەر ئەمەلىيەتتە ئاياللىرىغا نىسپەتەن يۆلىنىدىغان تېغى ،يايرايدىغان بېغىدۇر . شۇڭا خەلقىمىزدە «خوتۇن كىشى ئەردە ياخشى ،ئەردە بولمىسا يەردە ياخشى »دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان .ئەي لاتاپەتلىك مېھرىبان خانىم ،سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ،يوللاردا ماڭغاندا قامەتلىك تېنى بىلەن سىزنى مۇھاپىزەت قىلىدىغان ،خىزمەتتىن كەچ قايتىپ سىزنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىڭىزنى كۆرگەن چېغىدا ،پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ كىرىپ ئۇخلاپ قالىدىغان ،بىرەر كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا تۇنجى بولۇپ ئېسىڭىزگە كېلىدىغان ئادىمىڭىز دەل ئېرىڭىز ئەمەسمۇ ؟ سىز پەخىرلەنگەن ، ياشلىق يالقۇنلىرى يېنىپ تۇرغان چاغلىرىدا تالاي قىزنىڭ ئىچىدىن سىزنى ئۆمۈرلۈك ھەمراھلىققا تاللاپ ،جامائەتنىڭ ئالدىدا سىزنى قوغداشقا ، سىزنى بەختلىك قىلىشقا ۋەدە قىلغان ، ئاينى چاغدىكى «ئاق ئاتلىق شاھزادە» ڭىز دەل ھازىرقى سىز بىزار بولغان ،كەمچىلىكى ئارتۇقچىلىقىدىن ئارتۇق بولغان ،بەزى ئەرلەردەك قولىدىن ئىش كەلمەس كۆرۈنۈپ قالغان يولدىشىڭىز ئەمەسمۇ ؟

          ئەي سالاپەتلىك ئەر ، جاسارەتلىك ئەركەك ،ئائىلىڭىزنى گۈللەندۈرۈش يولىدا بىر قولىنى سۈپۈرگە ،بىر قولىنى نوغۇچ قىلىپ ، سىزنى تەملىك غىزالار بىلەن غىزالاندۇرۇۋاتقان ،ئۈزۈلۈپ چۈشەي دېگەن تۈگمىڭىزنى چىڭىتىپ قويۇۋاتقان ،ئايىغىڭىزنى مايىلاپ قويۇۋاتقان ،ئوماق پەرزەنتلىرىڭىزنى ئانىلىق مېھرى بىلەن ئەركىلىتىپ ،ئائىلە بوستانىڭىزنى يېشىللىققا پۈركىگەن ،ۋاھالەنكى ،ئائىلە ئۈچۈن ئۆزىنى كۈتۈشكە ئەھمىيەت بېرەلمەي چىرايى سۇلغۇن ،چاچلىرى رەتسىز بولۇپ قېلىپ سىزگە باشقىچە كۆرۈنۈپ قالغان كىم ؟ ئۇ دەل ئەينى چاغدا سىز قوغلاشقان ، سىزگە رازىلىق بىلدۈرگەندە شادلىقتىن بېشىڭىز كۆككە يەتكەن ،پۈتكۈل ئەلەمگە «مەن بەختلىك» دەپ جاكارلاشقا تاس قالغان ، تالاي گۈلنىڭ ئىچىدىن تاللاپ ئۈزگەن خۇش پۇراق گۈلىڭىز ،ھازىرقى قەدىردان خانىمىڭىزدۇر .
ئائىلە قۇرۇلغان ئىكەن ، تۇرمۇشتا رومانتىكلىق تەم سۇسلىشىدۇ . قولىغا بىر دەستە گۈل تۇتۇپ مەھبۇبىنى ساقلاپ تۇرىدىغان ھاياجانلىق دەقىقىلەر ئاخىرلىشىپ ھەقىقىي تۇرمۇش باشلىنىدۇ . ئەرنىڭ ،ئايالنىڭ كەمچىلىكلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلايدۇ . ئەرمۇ ،ئايالمۇ ئۆزى چىن دىلىدىن سۆيگەن كىشىنىڭ ئۆزى ئويلىغىنىدەك ئەمەسلىكىنى سېزىپ قالىدۇ . تۇرمۇشتىكى ئۇششاق –چۈششەك ئاۋارىچىلىقلار ئايالنى كوت-كوت ،ئەرنى چېچىلاڭغۇ قىلىپ قويىدۇ . ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالىدۇ .ئەسلىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلە ئايالنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ بېرىشى بىلەن مۇرەككەپلىشىدۇ . ئەقىللىق ئايال ئائىلىسىدىكى زىددىيەتلەرنى ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كۆتۈرۈپ بېرىشنى خالىمايدۇ ،چۈنكى ئۇ ئانىنىڭ دەردىنى يەنىمۇ ئاۋۇتۇشنى خالىمايدۇ . يەنە بەزى ئاياللار بەخت ئىچىدە تۇرۇپ قولىدىكى بەختنى ھېس قىلالماي، نىكاھتىن ئىبارەت ئۇلۇغ نېمەتنى قەدىرسىز ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدۇ .ئۇلاردىن ئاياللىق نازاكەت ئەمەس ،ھازازۇللۇقنىڭ داشقاللىرى تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ .


         مېنىڭچە ، نىكاھلىق تۇرمۇشتا مۇۋەپەقىيەت قازانغان ئاياللارنىڭ خىزمەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش نىسپىتى يۇقۇرى بولىدۇ . شۇنىڭدەك نىكاھتا غەلبە قىلغان ئايال ھەقىقىي غەلىبە قىلغان ئايالدۇر .
خاتىرجەم ھالەتتە غىزالىنىۋاتقان بىر ئائىلە كىشىلىرىدىكى بەخت تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ . تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ ،خىزمەت ياكى تىجارەتتە مەغلۇپ بولۇپ ،دەردىڭىزنى دۇنيادىكى ئەڭ سۆيۈملۈك ئادىمڭىزگە تۆكتىڭىز ،سىزنىڭ چوقۇم ياخشى قىلالايدىغىنىڭىز ،ھەرگىز بەل قويۇۋەتمەسلىكىڭىز ھەققىدە سىزگە تەسەللى بېرىپ ،ئۈمۈدسىزلىك پاتقىقىدىن قايتۇرۇپ ،قەلبىڭىزنى ئىشەنچ ،مۇھەببەتكە تولدۇرغان ئايال بىلەن سىزنى «يارىماس» ئەرگە چىقىرىپ ،غورورىڭىزنى ئاياغ ئاستى قىلغان ،قەلبىڭىزگە زىمىستاننى چىللىغان ، ئاخىرىدا سىزنى قاۋاقخانىغا بېرىشقا مەجبۇر قىلغان ئايالنىڭ ئارىسىدا پەرق ئىنتايىن چوڭ .ئەتراپىمىزدىكى ئېرىگە ھەم بالىلىرىغا چىن مۇھەببىتىنى بېرىپ ئۆتۈۋاتقان ئاياللار ئائىلىسىنىلا ئەمەس ،دۇنيانىمۇ ئىللىقلىققا چۆمدۈرىدۇ .
مەلۇمكى ،تۇرمۇش رېتىمىمىز تېزلەشمەكتە . ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن ئىشەنچ كىرزىسى نىكاھقا زور تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە ،قىسمەن ياش ئەر-ئاياللارنىڭ نىكاھنىڭ قىممىتى ،مۇقەدەسلىكىگە بولغان تونۇشى سۇسلاشماقتا .
ـــ مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئىشلەۋاتىمەن ، ساڭا ئوخشاش پۇل تېپىۋاتىمەن ، ـــ دەيدۇ ئايال سومكىسىنى كارۋاتقا تاشلاپ .

       چارچىغان ئەر تەييار چۆپ يېيىشكە مەجبۇر . ئەسلىدە بىر قېتىملىق سۆھبەت ،تەبەسسۇم بىلەن ھەل بولىدىغان مەسىلىلەر ئىككى تەرەپنىڭ جاھىللارچە تىركىشىشى نەتىجىسىدە ئويلىمىغان نەتىجە بىلەن تۈگۈنلەنمەكتە .
تەنھالىقنىڭ بىپايان دالىلىرىدا ئادەم ئاتىنىڭ غېرىپلىقىنى قەلبىگە سىغدۇرۇپ ئوتۇۋاتقان ئەرلەر كۆپەيمەكتە. قىسمەن ئاياللاردىكى كوت- كوتلۇق ،ناشۈكۈرلۈك ،زىيادە كۈنلەمچىلىك ،ئەرنى مۇنۇپۇل قىلىش ئىستىكى ئوغۇزخاندەك غەيرەتلىك ،ھاتەمدەك قىممەتلىك ئارلەرنى ھاياتتىن بەزدۇرۇپ ، گاھىلىرىنى ھاراقكەش ،گاھىلىرىنى غايىسىز بىكار تەلەپلەرگە ئايلاندۇرماقتا.
        بەزى ياش چوكانلار ئەسلىدىنلا پەزىلەتلىك ،ياخشى تەربىيە كۆرگەن تۇرۇقلۇق يولدىشىنىڭ بىر مەزگىللىك خاتا قەدەم بېسىشلىرىنى كەچۈرەلمەي «زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇۋاتىدۇ»،بۇ ئەمەلىيەتتە تۇخۇمنى تاشقا ئۇرغانلىقتىن ئۆزگە ئىش ئەمەس.
ئاجىرىشى نىسپىتىنىڭ تۈز سىزىق بويىچە ئۆرلىشى ، تىرىك يېتىملەرنىڭ كۆپىيىشى ، ئائىلە ئىللىقلىغىنىڭ كەم بولۇشى زور ئىجتىمائىي مەسىلىگە ئايلانماقتا .ئىناقسىز ئائىلە مۇھىتى كەلگۈسىدىكى نۇرغۇن بەختسىزلىكلەرنىڭ ،جىنايەتلەرنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇشى مۈمكىن .ئىلگىرى بىر ژورنالدا «نىكاھ بىلەن ئويناشماڭ ،ئويلاشماستىن تويلاشماڭ » ناملىق ماقالىنى ئوقۇغان ئىدىم .ئەينى چاغدا ماقالىدىن كۆرە تېمىسى مېنى بەكەرەك جەلب قىلغان ئىدى . نىكاھ بىلەن كەسپ ئىنسان ھاياتىدىكى ئىككى چوڭ تاللاشتۇر . كەسپنى خاتا تاللىسىڭىز ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بولۇشى مۈمكىن، لېكىن جۆرىنى خاتا تاللىسىڭىز يېرىم ئۆمرىڭىز زايە كېتىشى مۈمكىن ،پەقەت ۋە پەقەت پەرزەنتلىرى ئۈچۈن نىكاھ قەسىرىنى يۆلەپ تۇرۇۋاتقان ئەر-ئاياللارنىمۇ ئۇچراتقانمەن .

        يېقىندا خىزمىتى بار بىر ئەرنىڭ زارىنى ئاڭلىدىم ،ئۇنىڭ دېيىشىچە ئايالى ئۆينىڭ ئىقتىسادىنى كونتۇرول قىلغان بولۇپ ،بۇ ئەر سىرتتا بىر ۋاخ تاماق يېيىشكە لازىملىق ئازغىنە پۇلنىمۇ ئايالىدىن سوراپ ئېلىشقا مەجبۇر ئىكەن . ئاتا-ئانىسىغا ۋاپادارلىق يەتكۈزۈشكە ئامالسىز ئىكەن . ئۇنىڭ ھەسرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان قىياپىتىدىن غورورى ئاياغ ئاستى قىلىنغان بىر ئەرنىڭ پاجىئەلىك نىكاھ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ يەتتىم .
ئىللىق بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى سىزنىڭ بەختىڭىزدۇر .گەرچە ئىللىق بولمىسىمۇ بىر ئائىلىڭىزنىڭ بولغانلىقى يەنىلا بەختىڭىزدۇر . پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ بەختىيار كۈلكىلىرى ھە چۈچۈك قىلىقلىرى ،ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سالامەت تۇرغانلىقىنى كۆرۈش كىشىلىك ھاياتتىكى ئەڭ زور بەختتۇر .
قانائەت ــ نىكاھلىق تۇرمۇشتىكى بەختنىڭ ئاساسىدۇر .


       ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان نىكاھ ماجرالىرىدىن ئايانكى ،زىددىيەتلەرنىڭ زور كۆپچىلىكىنى ئىقتىسادىي مەسىلىلەر تەشكىل قىلىدۇ . ئىقتىساد مۇھىم،لېكىن ئىللىق ئائىلە تېخىمۇ مۇھىم. پۇلىڭىز ئازراق بولسا ئائىلە ئىستىمالىڭىزنى مۇۋاپىق تەڭشىسىڭىزلا بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولۇپ كېتىدۇ . ئۆز ئەھۋالىڭىزغا قارىتا مەلۇم ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بېرىشقا جۈرئەت قىلالىسىڭىزلا ئائىلىڭىزدا كۈلىدىغان كۈلكىلەرنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى ،داستىخىنىڭىزنىڭ بەرىكەتلىك بولۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىسىز .
         ئائىلە بىر كىچىك ۋەتەن . سىز نىكاھلىق تۇرمۇشىڭىزنى تىرىشىپ پەرۋىش قىلىۋاتقان بولسىڭىز ، ئەمەلىيەتتە پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ كۈلگۈسىنى پەرۋىش قىلغان بولىسىز .بۈگۈنكى ئەجىر ئەتىكى ھوسۇلنىڭ ئاساسى. ھەر بىرىمىزگە ئائىلە گۈلىستانىمىزنى تىرىشىپ قوغدايدىغان ، گۈللەندۈرىدىغان مەسئۇلىيەتچان روھ نىسىپ بولسۇن .ئائىلە ئۈچۈن كۆيگەن ئەشۇ مۇھەببەتلىك يۈرەكلەر مەڭگۈ ئامان بولسۇن .

مەنبە - شىنجاڭ ياشلىرى

6

تېما

1

دوست

207

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2669
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 37
تۆھپە : 40
توردىكى ۋاقتى: 8
سائەت
ئاخىرقى: 2013-4-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-13 23:32:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق ياخشى بىر بىلىم كەنغۇ
رۇستەم قارسۇ ئاتۇش
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   9.69%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1952
يازما سانى: 586
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 3341
تۆھپە : 1982
توردىكى ۋاقتى: 224
سائەت
ئاخىرقى: 2013-1-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 00:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ ياشلىرىغا بەرگەن ئەسەر بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيتىگە بەرگەن ئەسەرنىڭ پەرقى خېلى بولىدىكەن ھە مەڭگۈتاش؟(چاقچاق)

ھەرقانداق ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىمەن  !

32

تېما

0

دوست

3549

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   51.63%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2792
يازما سانى: 92
نادىر تېمىسى: 5
مۇنبەر پۇلى: 784
تۆھپە : 569
توردىكى ۋاقتى: 639
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 11:07:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تورغا كىرىپلا نەچچە كۈن ئىلگىرى مۇشۇ تور بىتىگە ئەزا بۇلۇشقا تۆرتكە بولغان ئوسمان زاھىر دىگەن ئىسىمغا كۆزۇم چۈشتى. شۇئان بۇ ماقالىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئۇقۇپ چىقتىم. ماقالە مەزمۇنى نەچچە يىل ئىلگىرى مەندە زور تەسىر قالدۇرغان تۇرمۇش ھاياتىمنى ئەسلەشكە مەجبۇر قىلدى. ئامالسىز كۈندىلىك خاتىرەمنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم...
      
      ھاياتلىق تولىمۇ مۇرەككەپ زىددىيەتلەرگە تولغان بىر سەھنە ئىكەن . بولۇپمۇ ئائىلىۋى تۇرمۇش ھاياتى سىرلىق قاينام ئىكەن . ئىنسان ئۆز ھاياتىدا ئىجتىمائى تۇرمۇش زىددىيەتلىرىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالالايدىكەن . ئەمما ، شەخسى تۇرمۇش ھاياتى قېچىپ قۇتۇلغىلى ۋە مەنزىلىگە يەتكىلى بولمايدىغان دەشتى – باياۋان ئىكەن . ئىنسان ئۆزىنىڭ جىسمانى قۇۋۋىتى ، ئەقلى قابىلىيىتى ۋە قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاشۇ تۇرمۇش زىددىيىتى ئۈچۈن نابۇت قىلىۋىتىدىكەن ...
        
                          ۋا دەرىخ ! ئۆتتى ھاياتىم ، ھىچبىر نىشانسىز ، غايىسىز ،            
                          يا بىر كۆچەت كۆكلەتمىدىم ، يۇردۇم لاغايلاپ ئۆزرىسىز .            
                         چاچلىرىم تاڭلا ئاقاردى ، كۈچ – قۇۋۋىتىمدىن يوق ئەسەر ،         
                         نە ئامال ئۆتمەكتە ئۆمرۇم ، تۇرمۇش رىتىدە مەنىسىز ...
مەسئۇلىيەتسىز كىشى ئۆلۇك تەندىن ئىبارەتتۇر.

21

تېما

0

دوست

7805

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   56.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 291
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 1737
تۆھپە : 1229
توردىكى ۋاقتى: 1373
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-14 18:40:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانائەت ــ نىكاھلىق تۇرمۇشتىكى بەختنىڭ ئاساسىدۇر........ بۇ ھەقىقەتەنمۇ توغرا ئېيتىلىپتۇ....

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 01:00:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىكاھ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىمىز خەنلەرنىڭ ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۇچلۇك رادىئاتسىيەسىگە ئۇچۇراپ كىتىپ باردۇ ،
نەدىىكى يوقىلاڭ ئىشلار توغۇرلۇق تەتقىقات كۆپ ، ئەمما ئائىلە مۇناسىۋەتلىرىمىز دۇچ كىلۋاتقان خرىس ۋە تەدبىر توغۇرلۇق بىر نىمە يوق ،   قارىغاندا ھېچكىمنىڭ ئېغىز ئاچقۇسى يوقتەكلا

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12052
توردىكى ۋاقتى: 4346
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-27

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 01:05:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە بىر نەرسە كام شۇ تولۇقلانسىلا ئىش يۇرىشىدۇ  دىسەك ئانچە قاملاشمايدۇ ،
ئائىلە بۇ كىچىكلىتىلگەن بىر ۋەتەن ،  بىر سۇئالغا بىر جاۋاپ بىلەنلا بۇ مەسەلىنى ھەل قىلىمىز دىسەك بەك  ئاددىلىشىپ يوقلا بىر ئىش بولۇدۇ .

0

تېما

0

دوست

896

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  725
يازما سانى: 41
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 220
تۆھپە : 126
توردىكى ۋاقتى: 32
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-15 01:49:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىى ئەر- ئايال بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئوقىسا بەكلا ياخشى بولغىدەك!!
we'll not go quietly into the night we'll not vanish without a fight
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )