- تىزىملاتقان
- 2013-4-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-5-8
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 478
- نادىر
- 0
- يازما
- 13
ئۆسۈش
89%
|
بۇ تېمېنى ئەگەر ئىسىل دىيىشكە كەلسە، ئۇيغۇر مۇتەپپەككۈر ،جانانى ئەرباپلارنىڭ ئۆزى قىلىشقا تىگىشلىك ۋەزىپىسى ۋە خەلقىنىڭ ھازىر نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكى بىلەن ھىسپلاشماي ھىسياتچجان، قورقۇنچاق، گۆدەك ۋە بىچارە سىماسىنى تولۇق ئسپاتلار بىلەن ئوتتۇرغا چىقارغانلىقىغا ۋە بۇ ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئىسىم- شەرەپلىرى بىلەن ياخشى تىزىلىپ بەرگەنلىكىدە.
ئەمدى ئەقلى ئوچۇق قىز –ئوغلانلىرىمىز ۋە ئۆزۈم ئۆزىمىزنىڭ نىمە ئۈچۈن ھازىرقى بىھۇش ھالەتتە تۇرۇپ قالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. ئەسلى بۇ بىر توپ زىيالىلىرىمىز شۇنچىلىك ساددا ۋە ھىسياتچان بولۇپ ، مەسىلىنىڭ ماھىيىتىنى قانداق تېپىشنى بىلمەي پەقەت ئىپادىسىگە قاراپ دىئاگونۇز قويۇپ ئۆزىنىڭ زاغرا تىلىمىزچە"تۈكى چىقمىغان بالا "،ئەدەبىي تىلىمىزچە"چالا موللا "لىغىنى ئىسپاتلاپتۇ. بۇ جاناپنىڭ يازمىسى شۇنچىلىك سەت گەپلەر بىلەن تولۇپتىكى ،بىزدىكى بارلىق ئەخلاقسىزلىقلارنىڭ ئەڭ ياخشى يازمىسىنى نامايان قىلىپتۇ. بۇنداق بىر تاياقتا ھەيدەش،ئۆز مەسئۇلىيىتىنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قويۇپ ،ئىش چىقسا «'ماڭقۇرۇتلار›نىڭ ئۇسۇلى بويىچە باشقىلارغا دۆڭگەش،ئىلىم -پەننىڭ ئەڭ ئەقەللىى ئۆلچىمى باشقىلارغا سۆيگۈ ،مىھرىبانلىق بىلەن كامچىلىقنى تۈزەتىشكە ياردەمدە بولۇشتىن تولىمۇ چەتنىگەن،كەسپى ساھەدىكى ئەمەلىي مىسال ،سىتاتىسكىدىن ھىچبىر خەۋىرى يوق قېرى چالنىڭ «'ئۆزىنىڭ بىچارە كەسىپ ۋە خوتۇن› كەچمىشىدىن ئىبارەت بولۇپتۇ. بىر ئىنساننىڭ پەقەت بىر تەرەپكە ئېغىپ تەرەپپازلىق قىلىشى مەيلى قايسىى ساھەدە بولسۇن بۇ لىللا ياكى ھەققانى بولمايدۇ.بىز بىر مىتە قۇرۇت دەردىدىن ھەممەيلەن توقماقلانغاننىڭ دەردىنى ھېلىھەم تارتىپ ،يەنە ئۆزىمىز بۇنىڭندىن تەجرىبە يەكۈنلىمەي، دۇنيادىكى ئەك ئاجىز ئىنسانلار توپي بولغان ،پۈتۈن دۇنيادىكى نۇرغۇن مەدەنىيەتلىك دۆلەتلەر ئۆز كۈچىنىڭ يېتىشىچە كۈچەپ يۆلەۋاتقان مۇشۇ ئاياللارنى ، كاللىسى ‹خوتۇن› دىن باشقا مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلالمايدىغان يەنى كونىلاردا توخو داڭگال چۈشەر،ئۆچكە جاڭگال دىگەندەك خوتۇن كېسىلى بارلار ھىچبولمىسا جەمىيەتشۇناسلىق كىتاۋىنىڭ بىرىنچى بېتىنى قولغا ئالسىلا مەسىلىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى ۋە سەۋەپ -نەتىجىسىنى مانا مەن دەپ بىلىۋالالايتى،ھەي ! بۇ گۆدەك ،ھىسياتچانلار. تېخى ئاچچىقى يۇقىر پەللىگە كۆتۈرۈلسە غەربنىڭ ئۇ، بۇ دەپ جۆيلۈپ نۇمۇس قىلماي مۇشۇ غەربلىكلەر ئەقىل پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى بولغان كومپىيوتۇر ۋە تورلاردا بىچارە ئاياللارنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلغانلىقى ئۈستىدە جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ بارماي،ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزىنىڭ ئانا ،خوتۇن -قىزلىرىنى بىر تاياقتا ھەيداپ قار سۈرگىگەنلىكىدىن نۇمۇسۇم كەلدى.ئەقلىڭىز قۇرسۇن !
شۇنى چۈشىنىڭكى، غەربلىكلارنىڭ ئەخلاق قارىشى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە ۋە قانۇنى-ئەخلاقىغا ماسلاشقان بولۇپ .كىنو-تېلۋىزورلاردىكى كارتىنىغا تايىنىپ ياكى ئەنگىلىيە، ياپونىيە،قاھىرەدىكى بىر قانچە يىللىق سارگەندار تۇرمۇشلارغا تايىنىپ بۇنى چۈشىنىۋالغىلى بولمايدۇ. ئاز دېگەندە شۇ دۆلەتنىڭ تىلى ۋە دىنى شۇنداقلا ئەخلاق مىزانلىرى بىلەن ئاياللار زامانىۋىلىقىنىڭ ياكى ئايالىزىمنىڭ مەيدانغا كېلېش جەريانىنى چۈشۈنۈش قۇربىتى بولغاندا ۋە بۇلارنىڭ تارىخىنى ئوقۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەندە تىلغا ئېلىشقا قۇربىڭلار يېتىدۇ. كۆزىگە ۋە مىڭىسىگە ئاياللارنىڭ لاتىسى ۋە باغىردىقى كىيىلىنىپ قالغان ، يۈرىكى قورقۇنچ ئىچىدە قالغان ئىجتىمائى پەن مۆھتىرەملىرىم سەمىگە بۇلارنىڭ ئىسمىنى تىزىپ قويدۇم، بۇلارنىڭ باشقا يەرلىرىنى چىشلەپ تارتماسلىققا كاپالەت بەرگەيسىزلار :ئامرىكىدا دۇنياغا ئەڭ تەسىر كۆرسەتكەن ئون چوڭ ئالىمنىڭ بىرى بولغان شۆھرەت مۇتەللىپنىڭ سىڭلىسى مايسەم مۇتەللىپنىڭ ئەمەلىي كۈچىنىڭ ئاكىسىدىنمۇ قېلىشمايدىغانلىقى، قېرىغان ئاتا -ئانىسىنى مۇشۇ مايسەمنىىڭ كۈتىۋاتقانلىقىنى سىزلەر ئوقۇمىدىڭىزلار، ئامرىكا يوتا ئونۋېرسىتىتىدا رەيھان بەكتۇر پىروپىسور ئامرىكىدىكى شۇ ياشتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدە تۇنجىسى، شىنجاڭ ئونۋېرسىتىتىدىكى ساھىپجامال دۆلەتنىڭ دۇنيا فىزىكىچىلىرى يىشەلمىگەن قىيىن مەسىلىنى يېشىپ مەملىكەت ئىچىدىكى ۋە سىرتىدىكى ئەڭ كۈچلۈك فىزىكىچى ئىكەنلىكىنى سىزلەر بىلەمسىلەرمۇ؟ ھەتتا مۇشۇ يىلى خارۋارتقا ئۆتكەن ئىككى سىڭلىمىزنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر قۇلاققا بارمىدى ھاقىچان! سىزلەرنىڭ بەزىلىرىڭلارنىڭ دەرىسىنى ئاڭلىغان ، دەرسخانىدىمۇ قىزلاردىن دەرس سورىماي، ئۇلارنى تۆۋەن چاغلىغان ئىدىڭلار ،شۇ ڭا يازغان ماقالەڭلار ،قەلىبدىكى يۈزىڭلارغا تېپىپ، 15يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر ئوقۇغۇچىڭلار ئالدىدا ئاشكارىلاندى. مەن مۇشۇ تىزىملىكتىكى بارلىق ئەر يازغۇچىلىرىمنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاياللارغا قىلىنغان ئەڭ چوڭ ھاياسىزلىق دەپ ھىساپلار ئۇلارنىڭ كەم ئەقىلسىزلىكى ۋە چالا موللام ئىكەنلىكى ،نۆۋىتى كەلگەندە پۈتۈن ئۇيغۇر ئاياللىرىدىن ، ھەتتا ئۆز ئانا. خوتۇنى ۋە قىز لىرىدىن ئەپۇ سورۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. ئەگەر بۇلار خەلقىمىزنى باشلىسا پەقەت قۇتۇبلىشىش ، بىر تەرەپلىمىلىك ئەۋجىپ ،خەلىقنىىڭ غېمى تېخمىمۇ كۆپىيىدۇ. ئەر- ئايال ۋە ئوغۇل -قىزلىرىمىز ئوتتۇرسىدىكى تەڭپۇڭلۇق ۋە بىزدىكى ئادىللىق كۆتۈرۈلۈپ ، ئەرلەر مۇستەبىتلىرىگە يول بېرىمىز. ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە نىمە ئىكەنلىكىنى بىلمەكچى بولساق ، ئەڭ ياخشىسى بىلىمخۇمار ئاكىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىمىزنى كۈچلەندۈرىمىز، گۈلەننىڭ بالىلار تەپەككۇرى ۋە دوكتۇر زىۋىدە كېرەمنىڭ پىسخولوگىيە پەنلىرىنى بىز ئۈچۈن قانداق مۇھىم قىممىتى بارلىقى ..ۋاھاكازا...لارغا يۈزلەنسەك بولىدۇ.
ئەيدىزنىڭ ماكانى بولغان ،ئاجرىشىشىنىڭ چىپپىيونلىرى تۇرۇپ غەرپنى ياكى باشقىلارنى چىشلەپ تارتىش ،<بۆرىنىڭ ئېچىلىپ قالسا گەپ يوق ،قوينىڭ ئېچىلىپ قالسا ھايت-ھۇيت > دېگەندەك ئىش بولۇپ قالىدۇ.بۇ چىرىندە يازمىلىرى بىلەن ھىچقانداق مەسىلە ھەل قىلالمايلا قالماستىن ، ئارىدا نىزا پەيدا قىلىپ ،ئەسلىدىكى ھاڭ تېخىمۇ چوڭىيىدۇ. ياخشىسى قولىمىزدىن كەلسە ھەركەتكە ئۆتۈپ ھىچبولمىسا ئۆز ئائىلىمىزگە مەسئۇل بولايلى. كونا ،قاتمال ئىدىيەلەر بىزنى ھالاكەتكە باشلايدۇ. مەن بۇنداق ئەخلەتلەر بىلەن ئوقۇرمەن ۋە بازار تېپىۋاتقانلارنىڭ دەل ۋاقتىدا توختاپ قېلىشىنى ،ئەمىنلىك ئۈچۈن تىرىشىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بولمىسا،ھەر بىر جاناپلارنىڭ ئىسىم –شەرىپىنى بىر –بىرلەپ تىزىپ چىقىپ ،بۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى ئاياللارنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغان ،پاكىتسىز ياكى بىر تەرەپلىمە يەرلىرىنى يىپقا تىزىپ ئانىلار بايرىمىغا سۇنىمەن. قېنى ئەركەكلەر، سىزلەر ئەلگە مەسئۇل بولمىساڭلار قىسقا يوپكا،باغىرداق ،لاتا-پىتە بىلەن بازار تاپقىنىڭلارنى كۆرەي. ئەسكەرتىش، بۇ يازما مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئېلىشتۈرگىنى ئۈچۈن باشقا ئايال ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋە ئەر قېرىنداشلىرىمنىڭ مەزھەبلىشىپ كېتىپ بىر –بىرىنى تالاپ يۈرمەسلىكىنى ئۈمۈد قىلىپ يازدىم.
|
|