قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 5079|ئىنكاس: 26

ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى ئاياللىرىمىزنىڭ تەقدىرى (3)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

6

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34753
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 00:55:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kitaphumar101 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 01:05  


ئىسلامىيەتتىكى ئاياللار ۋە 21 - ئەسىردىكى خوتۇن - قىزلىرىمىزنىڭ تەقدىرى

يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامى

5


     ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرىپ مۇسۇلمان بولغان بىر مىڭ ئۈچيۈز يىلدىن كۆپرەك تارىخىدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»دىكى خوتۇن-قىزلار ھەققىدە نازىل بولغان بۈيۈك ئايەتلەرنىڭ قانچىلىك ئۆزلەشتۈرۈلۈپ ئىجتىمائىي ھاياتقا تەتبىق قىلىنغانلىقىغا بىرنېمە دېمەك تەس. ئۆتۈپ كەتكەن مىڭ يىلنى قويۇپ تۇرۇپ تۈنۈگۈنكى 20- ئەسىرگە كۆز يۈگۈرتسەك، بۇ ئەسىردە خۇددى بۈيۈك ئۇيغۇر ئالىمى ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن (1933 — 1995)نىڭ «يىپەك يولىدىكى بىر چوڭ ئىللەت» ناملىق ئەسىرىدە قەيت قىلغىنىدەك: «نۇر ۋە سايىلەر، ئىزگۈ ۋە قاباھەت، مەرىپەت ۋە جاھالەت كۈرىشىدە يەنىلا قارا سايىلەر، قاباھەتلىكلەر بىلەن جاھىلىيەت غالىب كەلدى. مەرمەر مۇنارلار، كاھىشلىق قۇببىلەردە توۋلانغان ئىزگۈ ئەزانلار، مىھراب ئاستىدا ئوقۇلغان سۈرە-ئايەتلەر ۋە پاكلىققا، ئالىيجانابلىققا دەۋەت قىلغۇچى ھەدىس-ھېكمەتلەر سۇناينىڭ يېلىدەك تارقىلىپ كېتىۋەردى». يەنە ئۇلۇغ ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر (1901 — 1933)نىڭ ئېيتقىنىدەك: «مەدەنىيەتتىن بىخەۋەر شەخسىي مەنپەئەت زىللىتىگە بويالغان بېخىل بايلار خوتۇن ئېلىپ خوتۇن قويۇشتەك خوتۇن قەھرىمانلىقى بىلەن پەخىرلەندى. يىگىرمە-ئوتتۇزلاپ نىكاھ ئىگىسى بولغانلىقىدىن خوش بولۇپ سۆزلەشتى. ئۇلار مەدەنىي مائارىپ، دارىلئېتام دېگەنلەردىن تامامەن بىخەۋەر، دۇنيادىن بىخەۋەر ئىدى. دىنىي ئالىملىرىمىزدىن تېخى ئۈمىد يوق بولۇپ، مۇنەۋۋەر ئەمەس ئىدى. ئۇلار ئىلىم ئوقۇتۇشتىكى كۆز قاراشلىرىدا پەقەت دىنىي ئىلىمنى ئاساسىي ئىلىم دەپ، پەن ئىلمىگە تۆۋەن نەزەر بىلەن قارىدى. ئۇلارنىڭ مۇنداق زىيانلىق قاراشلىرى نەتىجىسىدە ياش ئەۋلادلىرىمىز ئىلىم-پەندىن مەھرۇم قېلىپ يامان ئاقىۋەتلەرگە ئۇچرىدى». بۇ ئەسىردە بىز مىللەتتىن ئەرەب، پارس، تۈرك، ھىندى، تاتار ۋە تۇڭگان ئالىملىرى تەرىپىدىن ئىختىرا قىلىنغىنىدەك دىن بىلەن پەن، دىن بىلەن ئاياللار مۇناسىۋىتى خۇسۇسىدا مەخسۇس مۇتالىئە سورۇنلىرى، نەشر ئەپكارلىرى، ئەسەرلەر ۋە مەدرس-مەكتەپلەر مەيدانغا كەلمىدى. گەرچە «ئاللاھ تائالا بۇ ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ھەر يۈزيىل بېشىدا دىننى يېڭىلىغۇچىلارنى كەلتۈرۈپ تۇرىدۇ» دېگەن ھەدىستە ئېيتىلغىنىدەك، مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا ئابدۇقادىر داموللا (1862 — 1924)، چىڭگىزخان داموللا (1912 — 1952)، نەسۇھا داموللا (1888 — 1955)، ئابدۇجىلىل داموللا (1896- 1937) ۋە شەمسىددىن داموللا (1882 — 1936)غا ئوخشاش مىسىر ۋە ئەرەبىستانلاردا دىنىي ۋە پەننىي بىلىم تەھسىل قىلغان ئىسلام ئۇلەمالىرى ۋۇجۇدقا كېلىپ خەلقنى نادانلىق، قالاقلىق ۋە خار-زەبۇنلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، تەرەققىيات يولىغا باشلاش ئۈچۈن ئەر-ئاياللارغا ئىلىم ئۆگىنىشنىڭ پەرزلىكىنى، خوتۇن-قىزلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ ئېچىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەشەببۇس قىلىپ ئەمدىلا ئىشقا كىرىشكەن بولسىمۇ، ئەمما دىننىڭ، ئىلىم-پەننىڭ، مەدەنىيەتنىڭ ھەم تەرەققىياتنىڭ دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن يوقىتىلدى. بۇ 20- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدىلا ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن چوڭ بىر بەختسىزلىك ئىدى. ئۇيغۇر ئىسلام جەمئىيىتى ۋە مەدەنىيىتى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىز باسارى بولۇشقا مۇناسىپ پازىل ئالىملىرىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كېيىن «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف»نىڭ كۆرسەتمىسىنى خالايىققا ئەينەن يەتكۈزىدىغان، ئۇلۇغ پېشىۋالارنىڭ تەلىماتىنى مەجلىس سورۇنلاردا بايان قىلىدىغان، خەلق ئاممىسىغا ياخشى-ياماننى چۈشەندۈرۈپ، ئەخلاقىي، ئەقلىي، تەربىيە بەرگەندىن تاشقىرى زامانىۋىلىشىشنىڭ يولىنى كۆرسىتىدىغان يولباشچى بولماي، تەپىرىقىچىلىق، مىللىي زۇلۇم، دىنىي كەمسىتىش، نادانلىق ۋە خار زەبۇنلۇقنىڭ ئاسارىتىدە چارەك ئەسىرنى ئۆتكۈزدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بۇ 50 يىلدا ئىسلام دىنىنى ئۆزىگە يېتەكچى ۋە يېرىم يېتەكچى قىلغان مىللىي زۇلۇمغا قارىشى خام «ئىنقىلاب»تىن بىر قانچىسى بويىدىن ئاجراپ كەتتى. ئالىم، ئۇلەما، سىياسىيون ۋە پىداركارلىرىدىن ئايرىلىپ چوپانسىز پادىغا ئوخشاپ قالغان بۇ خەلق ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتمىگەن، غەربنىڭ ماددىچىلىق ئىدىيىسىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ كۇڭزىچىلىق تەلىماتىغا ئۆزلەشتۈرۈپ قوبۇل قىلغان بىر ئۆرپ-ئادەت ھاكىمىيىتىنى قارشى ئالدى. مۇسۇلمانلارغا ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، شۇنداقلا ھەرىكەت مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم» ۋە «ھەدىس شەرىف» ئاساسىدا دىنىي ئىلىملەرنى ئۆگىتىش، ئىسلامىيەتچە مائارىپ، ئەخلاق تەربىيىسى يۈرگۈزۈش ئىشى بۇ ھاكىمىيەتنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭلا باشلانغان ۋە بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇلىنىپ كەلگەن سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كرىزىسلار تۈپەيلىدىن ئېتىباردىن يىراقلاشتى. بۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ پۇقرالىرىدىن بولغان ئۇيغۇر مۇسۇلمان ئەر-ئاياللىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ھەرقانداق ئىنسانغا كېرەك بولىدىغان دىنىي مەدەنىيەتنىڭ سىرتىدا قالدى. سىياسىي ھاكىمىيەت تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ماددىچى پروفېسسورلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە تۈزۈلگەن قىزىل كونسىپىكتىن 50 يىل دەرس ئۆتتى. ئۇلار كوممۇنىزم مەپكۇرىسىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ئۈستىقۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرى ئارقىسىدا قوبۇل قىلغان زىيالىيلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەربىيىلەپ چىققان ئوقۇغۇچىلىرى خۇددى زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار» ناملىق ماقالىسىدە كۆرسىتىلگەندەك: «ئالىي مائارىپ ھاياتىنى تاماملىغاندىن كېيىن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۆز خەلقى ئارىسىدا خىزمەت قىلدى. ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش پرىنسىپى بويىچە ئېيتقاندا، بۇ كادىرلار قوبۇل قىلغان ئىدىيە يەرلىك خەلقنىڭ ئەنئەنىۋى ئىدىيىسىگە نىسبەتەن يېڭى ۋە ئۆزگىچە بولغاچقا، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى ئوتتۇرىسىدا بەزى پەرقلەر مەۋجۇت بولدى-دە، كادىرلار بىلەن خەلق ئاممىسى گويا ئىككى سىنىپ كىشىلىرىدەك بولۇپ قېلىشتى». دۆلەت ئىسلام دىنىنى سوتسىيالىزم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش دېگەننى ماددىچىلىق ئاساسىدا ھەرقانچە كۈچەپ شەرھلىگەن ۋە تەشۋىق قىلغان بولسىمۇ، قانداق خىزمەت قىلدۇرۇش مەسىلىسىنى ئېتىقاد ئاساسىدا چۈشەندۈرۈشكە ئاجىز كەلدى. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى ئىسلام دىنى ۋە ئۇنىڭ پەلسەپىسىنى سىستېمىلىق ھالداتەتقىق قىلىپ، مەيدانغا كەلگەن تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن ئاينىۋاتقان جەمئىيەتنى ئوڭلاش ئىدى.
مۇشۇ ئەسىرنىڭ 60- يىللىرىدا ھاكىمىيىتىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى، دۆلەت رەئىسى ليۇ شاۋچى (1898 — 1969) پاكىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىگە قىلغان سەپىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزغا كەلدى ۋە بۇيەردىكى ئىش باشقۇرغۇچى ۋەلىلەرنىڭ ماركسىزم-لېنىنىزم تەتقىقات ئورنى قۇرۇش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىمىز،دېگەن دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن قەتئىي ھالدا: «سىلەر ئۇنى قۇرماڭلار، ئۇنداق ئورۇندىن مەملىكىتىمىزنىڭ ئىچكى رايونلىرىدىكى ھەربىر ئۆلكىدە بىردىن جەمئىي 20 نەچچىسى بار، سىلەر ئىسلام پەلسەپە تەتقىقات ئورنى قۇرۇڭلار، چۈنكى بۇ يەردىكى يەرلىك خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن» دېدى. مىڭ ئەپسۇس، ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىدولوگىيە تەرەققىيات تارىخىدىن تولۇق خەۋىرى بار، ئوقۇمۇشلۇق بۇ سىياسىيوننىڭ ئىسلامىيەتكە بولغان تاڭ تەيزۇڭ (597 — 649)چە ھېسداشلىق قىلىش مۆتىدىل سىياسىتى ئارىدىن بىر-ئىككى يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا سىياسىي رەقىبلىرى تەرىپىدىن ئۇنىڭ جىنايىتى قىلىپ بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئىسلام پەلسەپە تەتقىقات ئورنى قۇرۇلمىدى، ئىسلام پەلسەپىسىمۇ تەتقىق قىلىنمىدى. ئەكسىچە، شەخسنىڭ خۇدانى چۈشىنىش ۋە سېغىنىشتىكى ھوقۇقى تالان-تاراجغا ئۇچراپ، ئۇلۇغ ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ بۈيۈك ئوقۇشلۇقى بولغان «قۇرئان كەرىم» كۆيدۈرۈلدى. خەلق «تاكى 1970-  يىللارنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياشىدى. مىليونلاپ نسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن بولغان كۈرەشتە ئۆلدى. مىليونلاپ ئىنسان ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ياماق چاپان، ياماق ئىشتان كىيگەن ھالدا قەھرىمان بولدى. مىليونلاپ ئىنسان ئىجاد قىلىش، بايلىق يارىتىشقا تېگىشلىك مېڭىسىنى ئاڭ فورمىسى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشنىڭ جابدۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇپ، ئادىميىلىككە ياتىدىغان تەبىئەتتىن مەھرۇم بولدى».
70- يىللارنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خۇدانىڭ قۇدرىتى بىلەن زامان ئۆزگىرىپ، ئەينى چاغدا ليۇ شاۋچىنىڭ گۇماشتىسى دەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىدىن چەتلەشتۈرۈلگەن دېڭ شياۋپىڭ (1904-1997) قايتا ھاكىيمىيەت بېشىغا چىقتى. ئۇنىڭ تەختكە چىقىشى بىلەن ئون يىل داۋاملاشقان سىياسىي بوھراندا قاتتىق ئۇۋالچىلىققا قېلىپ بىئەجەل ئۆلۈپ كەتكەن ليۇ شاۋچى ۋە ئۇ باشچلىغىدىكى بىر تۈركۈم ھاكىمىيەتنىڭ ئالىي ھوقۇقدارلىرى ئاقلىنىپ نامى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. دېڭ شياۋپىڭ «ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش» مۇھاكىمە دولقۇنى قوزغىدى ۋە ئۇلاپلا ئىدىيە ئازادلىقى ھەرىكىتىنى باشلاپ ئۇزۇن يىل قۇلۇپلاقلىق تۇرۇپ دات بېسىپ كەتكەن دۆلەت دەرۋازىسىنى «ئىسلاھات» ئاچقۇچى بىلەن غەربكە قارىتىپ ئاچتى. 1980- يىلى ئۇ «پارتىيە لۇشىيەنىدە چىڭ تۇرايلى، خىزمەت ئۇسۇلىنى ياخشىلايلى» ناملىق ئەسىرىدە ناھايىتى ئوبرازلىق ھالدا: «ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋزېدۇڭ ئىدىيىسىنى ئەقىدە قىلىۋالماسلىق لازىم» دەپ كۆرسەتتى. بۇ «ھەقىقەتنى نەدىن تاپىمىز؟» ناملىق ئوبزوردا قەيت قىلىنغىنىدەك «ھازىرغىمۇ، كەلگۈسىگىمۇ، مىللەتنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنلىرىگىمۇ، ھەتتا شەخسنىڭ ئائىلە ئىشلىرىغىمۇ مەڭگۈ باب كېلىۋېرىدىغان ئىلمىي قاراش» ئىدى. 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا بېرىلگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا «دىنشۇناسلىق»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ ھەرقايسى تۈرلىرى بويىچە تەتقىقاتنى پائال قانات يايدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنى ھەققىدىكى تەتقىقات قانات يېيىپ «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئەرەبچە ۋە خەنزۇچە باسمىسى جۇڭگودا ئارقا-ئارقىدىن نەشرىدىن چىقتى.
    1981- يىلىدىن 1986- يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىسلامىيەتنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى مۆتىدىل دەۋرى بولدى. بۇ سائادەتلىك يىللاردا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىستېداتلىق ئالىمى، مۇتەرجىمۇلقۇرئان مۇھەممەد سالىھ قارىيھاجىم ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەنىلىرىنى توغرا، روشەن ۋە تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان ئۇيغۇرچە بىر تەرجىمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تەشنا ۋە ئارزۇمەند ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت مۇھىم بىر ئېھتىياجنى نەزەردە تۇتۇپ، كۆپ يىللار رىيازەت چېكىپ، جاپا ۋە مۇشەققەتلىك ئەمگەك سەرپ قىلىپ، نۇرغۇن سەئىي ئىجتىھاتلار كۆرسىتىپ، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم»نىڭ روشەن تەرجىمە-تەپسىرىنى يېزىپ چىقتى ھەم پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا يۈكسەك ئىناۋەتكە ئىگە «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى ۋە قەستەلانى شەرھى» ناملىق ھەدىس كىتابىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ جامائەت بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىشى پەقەت زامانىمىزنىڭلا ئۈمىد-ئارزۇسى بولۇپ قالماستىن، شۇنداقلا مىڭ يىللار داۋامىدىكى ئۇزۇن تارىخىي جەريانلاردا ياشاپ ئۆتكەن ئەجدادلىرىمىزنىڭمۇ ئارزۇ-ئارمانى، ئۈمىدى ۋە ئىستىكى بولۇپ كەلگەنىدى. ئەمما نېمىشقىكىن، ئەخلاقسىزلىققا قاتتىق چەك قويۇلغان سىياسىي ھەرىكەتلەر زامانىسىدا ئەخلاقنىڭ دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» كۆيدۈرۈلگەن بولسا، ئەخلاقنىڭ مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەشر قىلىنىشىغا يول قويۇلغان ئىسلاھات دەۋرىدە ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئېلىپ «مۇقەددەس كىتابلاردىكى قىيامەت تەسۋىرىنىڭ ئالامەتلىرىنى كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رېئال تۇرمۇشتىن يەتكۈدەك ئۇچرىتىشىتى».
    بۈگۈنكى كۈندە ئاتالمىش ئاياللار ئازادلىقى، ئاياللار ھوقۇقى، ئاياللار ئەركىنلىكى دېگەندەك شوئار، ھەرىكەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، باراۋەرلىك، ھوقۇق، جەھەتلەردە خوتۇن-قىزلارغا مەلۇم دەرىجىدە ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۆزىنىڭ ئانىلىق مەسئۇلىيىتىگە سەل قارايدىغان، كۆڭۈل بۆلمەيدىغان، ھەتتا بالا تۇغۇشنى خالىمايدىغان، نومۇس قىلىدىغان، تۇغۇپ سالغىنىغا پۇشايمان قىلىدىغان بەزى لەنىتى «ئانا»لارمۇ مەيدانغا كەلدى. شۇ سەۋەبلىك بەزى خوتۇن-قىزلار ئائىلە ئىشلىرىنى ئاياللارنى تۈگەشتۈرىدىغان ئاۋارىچىلىك دەپ ھېسابلاپ، ئەنئەنىۋى گۈزەل-ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەت ۋە تەربىيە ئۇسۇللىرىمىزغا «ئەركىنلىكنى بوغقانلىق» دەپ ئۆكتەملىك بىلەن ھۇجۇم قىلماقتا.
ھازىر سودا بىلەن ئەخلاقنىڭ بىر-بىرىگە ماس كەلمەسلىكى گەۋدىلىك ئىش بولۇپ قالدى، تېز سۈرئەتتە باي بولۇش دەۋرى پۇل ئۈچۈن مۇسابىقىلىشىدىغان تەۋەككۈلچىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. ئىستېمالچىلاردا قانداق يامان تەسىر قالدۇرۇشتىن قەتئىينەزەر، بازارلىرىمىز ئاياللارنىڭ ئەۋرەت لاتىسى بىلەن ئەمچەك خالتىلىرىغا توشۇپ كەتتى. جىنسىي ئاجىزلىقنى داۋالاش دورىلىرىنىڭ ماركىسى بىلەن ئىشتانسىز خوتۇنلارنىڭ سۈرەتلىرى ھەيۋەتلىك ئېلان تاختىلىرىدىن ئورۇن ئالدى. «بازار دېگەن ئوقۇم كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئەسەبىيلىك دەرىجىسىگە يېتىپ، ھەممە ئادەم جۈملىدىن، ھەممە خوتۇن-قىزلار ئىززىتى دائىرىسىگە كىرىدىغان ۋۇجۇد بايلىقلىرىنىمۇ بازارغا يۈزلەندۈردى. كېلىشكەن بەدەن، دىلرەبا كۆز، ئوتقاشتەك لەۋلەر مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئەڭ گۈزەل ئېلېمىنتلىرىغا ئايلاندى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»). ئادەملەرنىڭ ئالاھىدىلىكى پۇل تېپىپ جان بېقىشنىڭ دەسمايىسى قىلىندى. «ئاياللار شەھەر ھاياتىدىكى كۆزنى ئەڭ چاقنىتىدىغان ھەم ئەڭ كارغا كېلىدىغان ۋاسىتە بولدى»، «ئەرلەر گۈزەل ئاياللار ئارىسىدا تۇرۇپ ۋاپا تەشۋىشىدە، ئاياللار قاۋۇل ئەرلەر ئارىسىدا تۇرۇپ باياۋان چاڭقاقلىقىدا قالدى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەركەك سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى»). «ئاكىسى بارسا پۈتمەيدىغان ئىش سىڭلىسى بارسا ھەل بولىدىغان، ئەر كىشى كىرسە تەتۈر قارىغان باشلىق خوتۇن كىشى كىرسە دەس تۇرىدىغان بولدى» (ئابباس مونىياز: «پاجىئەنىڭ يەنە بىر يۈزى»). «ئۇيغۇر مىللىي پسىخكىسىدا ئاياللىق غورۇرىنىڭ قۇرغىنى بولمىش ھايا زامانىۋى مەدەنىيەت كەلكۈنلىرىنىڭ شىددىتى ئارقىسىدا ئاستا-ئاستا غۇلاپ، ئاياللارنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى زىننەتلىرى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. ئاياللىق گۈزەللىك شائىرلارنىڭ نەزىرىدىكى مۇقەددەسلىكتىن خىزمەت، سودا، مۇناسىۋەت قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كاتالىزاتۇرغا ئايلاندى. غەربچە كىيىنگەن مودا قىزلار ئىگىسىگە خىيانەت قىلىپ نۇرغۇنلىغان كۆزلەرنى ھارامدىن ئوۋلاپ ماڭىدىغان بولدى. ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئاياللاردىكى گۈزەللىك ۋە ئىپپەت ئىستېمال بۇيۇمىغا ئايلانغان بولسا، ئاياللار ئۇنى ۋاسىتە قىلىپ ئەرلەردىكى پۇل، ھوقۇق، نام-شەرەپ ۋە ئىمتىيازلارنى ئىستېمال قىلىدىغان بولدى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تىلەمچى ئايال، مودا قىز ۋە ئىستېمال»). «سىنقويغۇ، سىنئالغۇ ئاپپاراتلىرىنىڭ تارىلىشى چد، ۋچد، لد پلاستىنكىلىرىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشى كىشىلەرنىڭ تەسەۋۋۇرىنى غەربچە مۇھەببەت شەكلى، تۇرمۇش شەكلى، غەربچە مۇناسىۋەت شەكلى، غەربچە قائىدە-يوسۇنلىرىغا تولدۇرۇۋەتتى ۋە ياشلارنىڭ ئېڭى، قىممەت قارىشىنى تېز ئۆزگەرتىپ تاشلىدى. نەتىجىدە، بىر ئائىلىدە ئاتا-ئانا بىلەن بالا ئوتتۇرىسىدىكى ئەخلاقىي نىزامدا سۈركۈلۈش پەيدا بولۇپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا ھەمجەھەتلىكى ئۈستىگە قورۇلغان مىللىي ئەخلاق ئەنئەنىسى قاتتىق خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئائىلە تەربىيىسى (شەھەرلەردىكى مىللىي ئائىلىلەردە ئائىلە تەربىيىسى دېگەن نەرسە بارغانسېرى يوقنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالدى)، مەكتەپ تەربىيىسى قاتارلىقلار جەمئىيەتتىكى چىرىكلىكلەرنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئۈنۈم بەرمەيدىغان بولۇپ قالدى. يىگىتلەر نىكاھقا كەلگەندە قىزلىق ئىپپەتكە قاتتىق دىققەت قىلىشتىن سەل قاراشقا ئۆتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قىزلىق ئىپپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيىسىنىڭ تىجارەت شەكلى سۈپىتىدە ئاشكارا ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىپپەتكە قويۇلىدىغان نازۇك تەلەپنى مۈجىمەللەشتۈرۈۋەتتى» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «ئەسىر ئاخىرىدىكى ئويلار»).
    ماددىي بەھرىمەنلىنىش، راھەت-پاراغەتكە بېرىلىش، پۇلپەرەسلىك ھازىر غەرب دۇنياسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇش ئېڭىدا ئەڭ چوڭ ئەڭگۈشتەر ھېسابلىنىدۇ. بۇ نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھۇزۇر-ھالاۋەت، كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە ئەڭ يۇقىرى تېز سۈرئەتنى قوغلىشىدىغان ئىنسانلار گۇرۇھى بارلىق ئەقىل-پاراسىتىنى رەھىمسىز ئىشقا سېلىپ، ئۇنى ئىجاد قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرى ۋە يوللىرىغا قاراتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇسۇل-چارىلەر ئاستا-ئاستا مەقسەتكە ئايلىنىپ قالدى. ھەقىقەت ئىنسانلارغا ئىلمىي كەشپىياتلارنىڭ ياخشى-يامان دەپ ئايرىلمايدىغانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ قوللىنىشتا ياخشى-يامان ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. ھازىر بىز تېز سۈرئەتتە دۇنيانىڭ بارلىق جايلىرىنى ساياھەت قىلالايدىغان بولدۇق. ئەمما، مۇقەددەس تاۋاپ رايونلىرىنىڭ شۆھرىتى كەملەپ كەتتى. چۈنكى، «ئارىلىق»نىڭ ئۇقۇمى يوقىلىپ، ناھايىتى يىراق دەپ قارالغان ئەللەرمۇ بۇسۇغىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ قالدى. ئەسىلىدىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق دەپ قارالغان يېڭى قۇلايلىق شارائىتلار ئەكسىچە رول ئويناپ، ھازىرقى كۈچلۈك رىقابەت ئىچىدە قالدۇردى. ئىلمىي كەشپىياتلارنى قالايمىقان قوللىنىش نەتىجىسىدە پەن-تېخنىكىنىڭ بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرى بارغانسېرى ئۆزىنى ئاشكارىلىدى. بۇ خۇددى پاكىزە، ساپ بىر يېمەكلىكنىڭ بۇزۇق ئاشقازانغا كىرىپ زەھەرگە ئايلانغىنىدەك بىر ئىش. ياۋرۇپالىق يوت دېگەن بىر تەبىئىي پەن ئالىمى: «ئىلىم-پەن بىزگە خۇددى ئىلاھلاردا بولىدىغان ھوقۇقلارنى ئاتا قىلدى. ئەپسۇس، بىز بۇ ھوقۇقلارنى ئىشلىتىدىغان چاغدا گۆدەكلەر ۋە ياۋايىلاردا بولىدىغان قىلىقلارنى قىلدۇق» دېگەن ئىدى. شۇنداق بولغانلىقتىن، بەزى غەرب دۇنياسى كونتروللۇقىدىكى زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيىتى يالغۇز شۇلارنىڭ ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پاجىئە ئېلىپ كەلدى. بۇ ھەتتا ئىلىم-پەننىڭ ئەڭ قىزغىن ياقىلىغۇچىلىرىنىمۇ چۆچۈتۈۋەتتى. بىز ھازىر زەھەرلىك چېكىملىك دەپ ئاتاۋاتقان خروئىن مېدىتسىنادا ئەڭ دەسلەپ بايقالغان چېغىدا ئاغرىق توختىتىش دورىسى سۈپىتىدە ئىشلىتىلەتتى. ئەمما، ئۇنى ھازىر ئىنسانلار ئۆزىنى نابۇت قىلىش مەقسىتىدە رازىمەنلىك بىلەن ئىشلەتمەكتە. ئۇ ھازىر ھەممىدىن بەك بىزنى ۋەيران قىلدى. بىز پرۇفېسسور يوتنىڭ دېگىنىدەك ئىش قىلدۇق. بىزدە ھازىر شۇنداق ئادەملەر باركى، ئۇلار ئىلىم-پەن، ھۈنەر-سەنئەت، تەنتەربىيە، ئىقتىسادىي دۇنيا، روھىي مەدەنىيەت دېگەنلەرگە قىزىقمايدۇ. ئۇلار كېسەلمۇ ئەمەس، تەبىئىي ئاپەت، ئاچارچىلىققىمۇ دۇچار بولمىغان، ئۇرۇش تەھدىتىگە تېخىمۇ يولۇقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆز ھاياتىنى قەدىرلىمەي، ھايۋاننىڭ قىلىقلىرى بىلەن ھالاكەت يولىنى ئىزدەيدۇ. ئۇلار زەھەر چېكىپ، خار-زەبۇنلۇقتا ياشاپ، مەينەت، پاسكىنا، نىجاسەتلەر ئىچىدە بىئىمان كېتىشكە رازىكى، ئۆزلىرىنىڭ قانداق يارىتىلىپ، مېھرى-شەپقەت بىلەن تولغان بۇ ئىللىق دۇنياغا كەلگەنلىكى ۋە ئۇ دۇنياغا قانداق كېتىشى كېرەكلىكى ئۈستىدە قىلچە پىكىر قىلمايدۇ. خەلقىمىزنىڭ ئىجتىھادلىق قەلەم ساھىبى، جەمئىيەتشۇناس ئەركىن روزىنىڭ «بۇ يەردە كېينكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار» ناملىق كىتابىدىكى مەلۇماتلارغا كۆرە، «ھازىر بەزى بېدىكلەر خەنزۇ خوجايىنلار بىلەن چەت ئەللىك سودىگەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى دەللالغا ئايلىنىپ، چەتئەللىكلەرگە تونۇشتۇرىدىغان مال ئەۋرىشكىلىرى قاتارىدا ئۆزىنىڭ قىزىدەك، سىڭلىسىدەك قىزلارنى كېرەكتىن چىقىرىۋاتىدۇ. ئۇلار دىنىي ئاڭ، مىللىي ھېسسىيات، ئەرلىك غۇرۇر، قېرىنداشلارچە مېھرى-مۇھەببەت، ئىنساپ دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان قىزلارنى ئالداپ ئەپچىقىپ، ھەر جۈمە كۈنى دېڭىز ياقىسىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بىلەن يولغا سېلىپ، پۈتۈشۈپ قويغان خوجايىنلىرىغا سولاپ بېرىپ، زېمىن كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ. بۇ سېتىلما، غورۇرسىز، دوزىخىي، ئاسىي قىزلار ئىپپەت-نۇمۇسىنى سېتىپ تاپقان ھارام پۇللىرىنى يانچۇقلىرىغا سېلىپ، دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنلىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كېلىپ دەرسخانىلىرىغا كىرىپ ئولتۇرۇشىدۇ. يەنە بەزى بېدىكلەر بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشسىز، يۆلەكسىز يۈرگەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ ئېلان چىقىرىپ، ھەرخىل ياغلىما سۆزلەر ۋە چىرايلىق ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىپ، قىزلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ، ئۇلارنى بىر مەزگىل كۆندۈرگەندىن كېيىن ھەرخىل خۇلق، مىجەز ۋە ھۈنەرلەرنى ئۆگىتىپ ھارام مۇلازىمەتكە سالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ شەخسىي تاپاۋىتى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ چېھرىدىن، زىلۋا بويىلىرىدىن، نازۇك تەنلىرىدىن پايدىلىنىدۇ. بۇ ئېتىقادسىز، ئىمانى يوق قىزلار ئۇ جايلاردا بىر مەزگىل تۇرغاندىن كېيىن «بېشىمغا كەلگەننى كۆرەي» دەپ ئۆزىنى قويۇۋېتىپ يامان يوللارغا كىرىپ، رەزىل ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى قىلىدۇ. ئۇلار دەسلىپىدە ھېلىقى ئاتالمىش «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» بېدىكلىرىگە ئەگىشىپ، ھەرخىل مۇلازىمەتلەرگە مەجبۇرلىنىدۇ. ئاخىر ھەممە نېمىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن تەقدىرگە تەن بېرىپ، تەرەققىي قىلغان جايلارنىڭ پەيزىنى سۈرىدۇ، بەزىلىرى جىنايەت ئۆتكۈزۈپ تۈرمىلەرگە سولىنىدۇ، ھەتتا ئانا يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلەلمەي ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ. بەزى بېدىكلەر شىنجاڭدىن بىچارە بالىلارنى ئالداپ ئەچىقىپ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ئاپىرىپ ئاۋۋال زەھەر چەكتۈرۈپ خۇمار قىلىدۇ، ئاندىن ئوغرىلىق، بۇلاڭچىلىق قاتارلىق ئىشلارغا سالىدۇ. بەزىلىرى شۇ جايدىكى يەرلىك خوجايىنلارنىڭ خىزمىتىنى  قىلىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئىستېمالچىلارنى تونۇشتۇرىدۇ. بەزىلىرى يەرلىك زەھەر كاتتىۋاشلىرىدىن زەھەرنى توپ سېتىۋېلىپ شۇ جاينىڭ ئۆزىدە چېكىدۇ ياكى ساتىدۇ. ئۇلاردىن بەزىلىرى ھەرخىل جاھىل خاراكتېرلىك جىنسىي كېسەللىكلەرنى، ئەيدىز ۋىرۇسلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شىنجاڭغا قايتىپ كېلەلىگەنلىرى يەنە ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوغۇل-قىزلارنى كاردىن چىقىرىدۇ. كىمىكى زەھەر چەكسە ئۇنىڭ ئۇۋالى ئايالىغا، بالىسىغا بولىدۇ. ئۇلار ياش، نامرات، يوقسۇل پېتى تۇل قالىدۇ. روھىي زەربىگە ئۇچراپ ئازاب چېكىدۇ. بەزى ئاياللار زەھەر چېكىپ تۇتۇلغان ئەرلىرىنى قايتۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تەرەپ-تەرەپكە قاتراپ، كىشىلەرنىڭ ھەرخىل «شەرت»لىرىنى ئورۇندايدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار خورلىنىپ ئېغىر بەدەل تۆلەيدۇ. ئۆزلىرى خالىمىغان ئىشلارنى قىلىشقا، «يول»لاردا مېڭىشقا زورلىنىدۇ. بەزى ئەرلەر پۈتۈن ئۆي-ۋاق بىساتى، مال-دۇنيالىرىنى زەھەرگە تېگىشىپ بولغاندىن كېيىن زەھەر سېتىۋېلىشقا پۇلى بولماي، باشقا ئەرلەرنى ئۆز ئۆيىگە باشلاپ كىرىپ خوتۇنىنى شۇ ئەر بىلەن زىنا قىلىپ پۇلىنى ئېلىشقا ۋە ياكى ئايالىنى كوچىغا چىقىپ، تېنىنى سېتىش ئارقىلىق پۇل تېپىپ كېلىشكە زورلايدۇ. بەزىلىرى ئاتا-ئانىلىرىنىڭ مىڭ بىر مۇشەققەتتە تېجەپ يىغقان پۇلىنى زەھەرگە تېگىشىپ يوقىتىدۇ. ئاتا-ئانىلارغا ئاھانەت قىلىدۇ، تىللايدۇ، قاقشىتىدۇ. ئۇنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇپ بەرمىسە ياكى قاتتىقراق گەپ قىلسا، ئاتا-ئانىسىغا، قېرىندىشىغا ۋەھشىيلەرچە ئېتىلىدۇ، پىچاق كۆتۈرىدۇ».
    ھازىرقى كۈندە بىلىم ئېلىش پۇرسىتى ۋە ئىقتىسادىي شارائىتى ياربەرمىگەنلىكتىن ياكى «يول ماڭىدىغان ئادىمى» بولمىغانلىقتىن، بەھرىمەنلىنىشكە تېگىشلىك ھوقۇق، مەجبۇرىيەت ۋە تۇرمۇش مەئىشەتلىرىدىن قۇرۇق قېلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ياكى سەھرا-يېزىلاردا قارا ئەمگەك كۈچى ياكى مەدىكار بولۇپ تۇرۇۋاتقان نى-نى گۈزەل خوتۇن-قىزلار بار. بىز ئۇنداقلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ جاپا تارتىپ يەر تېرىۋاتقانلىقىنى، ئەردىن تەلىيى چىقماي تۇل ياشاۋاتقانلىقىنى ياكى جان بېقىش ئۈچۈن كوچىغا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە «خوتۇن» (تۇل خوتۇن)لۇق، «دېھقان»لىق ۋە «مەدىكار»لىق پۈتۈلۈپ كەتكەن. ئۇلار شەھەر ۋە شەھەرلەشكەن سەھرالاردىكى پۇلدار ئاقسۆڭەك بايۋەچچىلەرگە مەڭگۈ «باۋمۇ» بولىدۇكى، ھەرگىز «خانىم»، «رەپىقە» بولالمايدۇ. ئەكسىچە، شەھەر ۋە شەھەرلەشكەن سەھرالاردىكى توقلۇقتىن بۇخسۇپ كەتكەن چاكىنا، مەسخىرىۋاز ئاياللارنىڭ بەزى چوڭ-كىچىك ئىش باشقۇرغۇچى ئەمەلدارلار ياكى باي-بايۋەچچىلەرنىڭ خوتۇن-قىزلىرى، ئۇرۇق-توغقان خىش-ئەقرىبالىرى ياكى ئاشنا-ئاغىنىلىرى بولغانلىق سەۋەبىدىن، تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ، ھەر-ھەر غوناندەك ئەركەكلەرنىڭ خانىمى ياكى پەردە ئارقىسىدىكى خانىشى بولۇپ ئىش باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. ئۇلار ئۆزلىرىنى باشقىلارنىڭ ھەتتا ھەقلەپ نىكاھلاپ ئالغان ئەرلىرىنىڭمۇ «خوتۇن» دەپ چاقىرىشىدىن ئۆلگۈدەك ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، نومۇس قىلىدۇ، ئۇلارچە بولغاندا ئۇلار «خوتۇن» ئەمەس، بەلكى «خانىم» ياكى «رەپىقە». ئۇلارنىڭ پېشانىسىگە «خوتۇن»لۇق ئەمەس، بەلكى «ئەتىر» پۇراپ تۇرىدىغان ئەنە شۇنداق پىكاپتا ئولتۇرىدىغان «خانىم»لىق ۋە «رەپىقە»لىق پۈتۈلگەن. بۇ خوتۇنلار «ئۆزلىرىنى ‹گۈزەل›لەشتۈرۈش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل خەجلىگىنىنى، قانچىلىك ۋاقىت ئىسراپ قىلغىنىنى ئۆزلىرىمۇ بىلمەيدۇ. بالىلىرىغا كۆيۈنمىگەن، بالىلىرى سورىغان سوئالغا جاۋاب بېرەلمىگىنى بىلەن ساتىراشخانىلاردىن قايسىسىنىڭ چاچنى ئوبدان سارغايتىدىغانلىقىنى، قايسىسىنىڭ ئوبدان بۆدرە قىلىدىغانلىقىنى، ھۆسن تۈزەش دۇكانلىرىدىن قايسىسىنىڭ قىسىق كۆزنى بۇلاق كۆزگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بەشقولدەك بىلىدۇ». ھازىرقى كۈندە غەربلىكلەرنى دوراپ چاچ بوياش ئەۋج ئالدى. ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ھۆسنىگە ھۆسن قوشۇپ، ئۆزگىچە مىللىي گۈزەللىك پەيدا قىلىدىغان ئۇزۇن-بوستان چاچلار يوقالدى. «ئۆسمۈر قىزلاردىن تارتىپ مامكاپ بولۇپ كەتكەن موماي خوتۇنلارغىچە ئۇزۇن سۇمبۇل چاچلىرىنى كېسىپ، تىرناقلىرىنى ئۆستۈرۈپ، يۈز-كۆزىنى ئالۋاستىدەك بوياپ يۈرىدىغان بولدى». مۆھتىرەمە مۇئەللىمە ھۆرنىسا مامۇتنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «ئاياللارنىڭ گۈزەللىككە بولغان تەقەززالىقىنىڭ شاھىتى سۈپىتىدە تۈرلۈك ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرى يامغۇردىن كېيىنكى مايسىدەك ئاۋۇپ كەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار گۈزەللىكتىن يىراقلاشتى، چىن گۈزەللىكتىن بارلىققا كېلىدىغان مۇھەببەت زىلزىلىلىرى قايتا پەيدا بولمىدى. قىز-ئاياللار ئۆز گۈزەللىكىگە تاۋار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىپ، گۈزەللىك ئىزدەش يولىدا ئاجايىپ-غارايىپ ناجىنىس كەشپىياتلارنى ئىختىرا قىلدى. (ئۇلار گۈزەللىكنى ئۆزىنىڭ قەلبىدىن – باتىنىي دۇنياسىدىن ئەمەس، تاشقى قىياپىتىدىن – زاھىرىي دۇنياسىدىن ئىزدىدى). ئۇلار ئاياللىق گۈزەللىكنى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى دەپ قارىماستىن، بەلكى ئەرلەر دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشنىڭ قورالى، دەپ قارىدى».
     ھازىرقى كۈندە ئىسكەتخانا (باشقىلار ھۆسن تۈزەش ئورۇنلىرى دەپ ئاتىغان ھۆسن بۇزۇش ئورۇنلىرى)لارنىڭ بارلىققا كېلىشى، نۇرغۇن پۇللارنىڭ ئىسراپ قىلىنىپ، سۈنئىي ياسىنىپ، تارىنىشقا كېتىشى، ئەكسىچە ئۇ خىلدىكى سۈنئىي پەدەزلەرنىڭ تانسىخانا، ئىشرەتخانا، ئاشنىخانا، بەزمىخانىلاردا پۇلدار بايۋەچچىلەرگە ئۈلپەت بولۇپ بېرىشنىڭ ئېھتىياجى؛ شۇنداقلا قارىماققا باي-باياشادلىق ھەم توقچىلىقنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە كۈنسېرى كۆپەيگەن ھەيۋەتلىك قاۋاقخانا، رېستوران ھەم ‹مەدەنىي كۆڭۈل ئېچىش› ۋىۋىسكىسى بىلەن قەد كۆتۈرگەن مۇلازىمەت مەركەزلىرىدە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىپپەت سودىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن بولۇۋاتقانلىقى ئەسكە ئېلىنسا، شۇنداق ئىسكەتخانا، پەردازخانا ئاچقان، ئىسكەتخانا، پەردازخانىلەرگە كىرىپ ئۆزىنى پەردەزلەتكەن چاكىنا، لاۋزا،ساياق، بۇزۇق دوزىخىي خوتۇنلارغا «جاھىلىيەت دەۋرى»گە نەپرەتلەنگەندەك نەپرەتلەنگىمىز كېلىدۇ. بەزى خوتۇن-قىزلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدىكى مەقسىتى نېمە؟ ئېنىقكى، ئۆزىنى خورلاش ھېسابىغا ئەرلەرگە ئويۇنچۇق بولۇش. ئەرلەرنىڭچۇ؟ ئۆزىنىڭ شەھۋانىي ھەۋىسىنى قاندۇرۇش ھېسابىغا خوتون-قىزلارنى دەپسەندە قىلىش. «قىزلىرىمىز مىللەتنىڭ غۇنچىلىرى، ئانا بولغۇچى مۇبارەك كىشىلىرىمىز. ئەگەر يىگىتلىرىمىز قىز قېرىنداشلىرى — ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بولغۇسى ئانىلىرى — نى دەپسەندە قىلىپ، ‹لەززەت› ھېس قىلىدىغان بولسا، بۇ مىللەت ‹تۇخۇم›دىلا بۇزۇلغان مىللەتكە ئايلانماسمۇ؟! قىزلىرىمىز پۇل ۋە پاراغەت ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئىپپەت سارىيىنى تاماكا ‹كۈلدانى›غا ئايلاندۇرۇۋالسا، ئۇلار مۇھەببەت، ئائىلە، ئانا ۋە چوڭ ئانا بولۇشتىكى پاكلىققا، مۇقەددەس ئەقىدىدىن ئىبارەت بەختكە يەنە نېمە بىلەن ئېرىشەر؟ ئائىلىلىك تۇرۇپ ‹ئىپپەت سېتىش ماگىزىنى›، ھەتتا گۇرۇھلاشقان ‹ئىپپەت سېتىش شىركىتى› ئاچقان قىز-ئاياللار خەلقىمىز گەۋدىسىگە داۋاملىق زەھەر قۇرتلىرى چېچىپ نېمە ھۇزۇر ئالار؟» (ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ئىمىن: «يىپەك يولىدىكى بىر ئىللەت»). بۇزۇق ئاياللارنىڭ قەلبىدە پاك مۇھەببەت بولمايدۇ. ئۇلار شۇنىڭ ئۈچۈن جەمئىيەتنى بۇلغايدۇ. ئۇلار قۇرت-قوڭغۇزدەك يۈرۈپ پۈتكۈل بەختسىزلىكنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ، يالىڭاچ ۋە يېرىم يالىڭاچ يۈرىدىغان، ئۆزىنى ھەر دائىم ھەرخىل رەڭلەردە بويايدىغان، تانسىخانا، بەزمىخانىلاردىن كەلمەيدىغان خوتۇن-قىزلاردىن ئەركەك تۈكى بار ئەرلەرنىڭ ھەممىسى شۈركىنىدۇ. ئىپپەت-نومۇسلۇق، شەرم-ھايالىق خوتۇن-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ يارىشىملىق، ئاددىي-ساددا كىيىنىشلىرى ۋە گۈزەل ئەخلاقى، نۇرانە چىرايلىرى بىلەن كىشىگە سۆيۈملۈك كۆرۈنىدۇ.
    «ھازىر خوتۇن-قىزلىرىمىزغا بالا تەگدى» دەپ يازىدۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى ئا. مەتتۆمۈر ئەپەندى «ئۇ تىلەمچى ئەمەس، مېنىڭ سۆيگىنىم!» دېگەن ماقالىسىدە: «ئۇلار تېخى تۇغۇلمىغان بالىلىرىدىن تېنىۋاتىدۇ، سەسكىنىۋاتىدۇ. ئەكسىچە، بالا بېقىشقا ئېرىنچەكلىك قىلغان چوكان-خېنىملارنىڭ بەزىلىرى ئاۋسترالىيە، گېرمانىيىلەرنىڭ پىستە-كۈچۈكلىرىنى ئەتىۋارلاپ نەچچە مىڭ سومغا سېتىۋېلىپ بېقىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە غەربلىكلەرنىڭ چېقىر كۆزلىرى، سېرىق چاچلىرى بىز خەقنىڭ قاپقارا قوي كۆزلىرىدىن، قۇندۇزدەك بوستان چاچلىرىدىن، ئۇلارنىڭ يېرىم يالىڭاچلىقى بىزنىڭ گۈزەللىك ۋە ھايانى بەلگە قىلغان كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىزدىن، ھەتتا ئىتلىرىمۇ بىزنىڭ بالىلىرىمىزدىن ياخشى. بەزى يۈرەك پارىسى بولغان بالىلىرىنى كۆتۈرۈشكە نومۇس قىلغان ‹چىشى قانجۇقلار› چاچلىرىنى ئالا-تاغىل بوياپ، قاپاقلىرىنى ياردۇرۇپ، ئەۋرەتلىرىنى ئالىقانچىلىك لاتا بىلەن يېپىپ قويۇپ، كۆتى ئوچۇق ھالدا ئىتنى كۆكسىگە تېڭىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ساپ قېنىدىن يۇغۇرۇلۇپ، ھازىر ‹مەدەنىيەت›لىك بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھەممە نېمىسىنى تېگىشىشكە رازى، ئۇلار ھازىر ‹مەدەنىيەت› سارىڭى. ئۇلار ھازىر ‹مەدەنىيەت›لىك بولۇش ئۈچۈن تېلېۋىزورلاردا نېمە كۆرسە شۇنى دورايدىغان، رادىئو، ئۈنئالغۇلاردا نېمە ئاڭلىسا شۇنىڭغا خۇداغا ئىشەنگەندىنمۇ بەكرەك ئىشىنىدىغان ماشىنا خوتۇنلارغا ئايلىنىپ قالدى. ئەمدى ئەتىمىز قانداق بولار؟ بۇ ئۇلۇغ ئاللاھقا ئامانەت. ئى خۇدا! خوتۇن-قىزلىرىمىزغا ئەقىل-پاراسەت، ئىمان-ئىنساپ ئاتا قىلغايسەن!».
    قەدىمكى زامان ھىندۇ بەرەھمەنلىرىنىڭ رەھبىرى، پەيلاسوپ بىدپاي ھىندىستان پادىشاھى دابىلشىمغا ئاتاپ يازغان «كەلىلە ۋە دېمىنە» دېگەن كىتابىدا شۇ زاماندىكى خوتۇن-قىزلار پاجىئەسى ئۈستىدە توختىلىپ، بەش خىل خوتۇن ئۈچۈن غەم يېمەكنىڭ ئەرلەرگە راۋا بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، نەسىبى ئۇلۇغ، ئۆزى ساھىبجامال ۋە پاك بولغان خوتۇنلار؛ ئىككىنچىسى، ئۆزى دانا، ئېغىر-بېسىق، ئەقىدىلىك ۋە بىر كۆڭۈللۈك بولغان خوتۇنلار؛ ئۈچىنچىسى، ھەمىشە تەرەپدارلىق، ھاۋادارلىق قىلىدىغان، نەسىھەتگۇي ھەم شەپقەتلىك خوتۇنلار؛ تۆتىنچىسى، يۈزى قۇتلۇق، سۆزى مۇبارەك ۋە ئايىغى يارىشىدىغان خوتونلار؛ بەشىنچىسى، ئۆزىگە خاھى زىيان يەتسۇن، خاھى پايدا يەتسۇن، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولماي، قانداق يول بىلەن بولمىسۇن ئېرىگە پايدا يېتىشنى كۆزلەيدىغان خوتۇنلار. گەرچە «كەلىمە ۋە دېمىنە»نىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە شۇنچە ئۇزاق زامان بولغان بولسىمۇ، ئۇنىڭدىكى يۇقىرىقى ھېكمەتنىڭ ھېچبىر ۋاقتى ئۆتكىنى يوق.
     ھازىرقى خوتون-قىزلىرىمىزنىڭ يۈزلىنىشىگە قاراپ قەدىمكى زامانلاردىكىدەك بىرەر پاجىئەنىڭ قايتا تەكرارلىنىپ قېلىشىدىن ھوش كاللىسى جايىدىكى تەقۋادار ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى ئەنسىرەشمەكتە. بۇ پاجىئە خوتون-قىزلار تەبىئىتىنىڭ بۇزۇلۇشىدىن، شۇنداقلا ئەرلەر ساپاسىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىدىن كېلىدۇ. ناۋادا بىر ئەركەك ئۆزىنىڭ خوتون-قىزلىرى ئالدىدىكى ھوقۇق، مەجبۇرىيەتلىرىنى ئۇنتۇپ، ئۇلارغا ئىلىم-ھۈنەر ئۆگەتمىسە، پەرزلەرنى ئادا قىلمىسا، دىن ۋە ئەخلاق ئۆلچەملىرىنى دەپسەندە قىلىپ، پاك، مەسۇم، گۇناھسىز ئاياللىرىنى ھېچبىر باھانە-سەۋەب كۆرسەتمەي تۇرۇپلا خورلىسا ياكى ئۇنىڭغا گۇناھ  بولىدىغان ئىشلارنى قىلىشقا زورلىسا، كوچىغا چىقرىۋەتسە بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەي قالمايدۇ. ناۋادا بىر خوتۇن ئۆزىنى قونچاقتەك ياساپ، يۈز-كۆزلىرىنى ئالۋاستىدەك بوياپ، بەللىرىنى كەمەر بىلەن باغلاپ، كۆكسىنى تۆگىنىڭ لوككىسىدەك دىڭگايتىپ چىقىرىپ، جەڭگاھقا يارىتىلغان پالۋانلىقتىن قازان بېشىنى ئايلىنىپ يۈرىدىغان ئاشپەزلىككە چۈشۈپ قالغان «ئەر»لىرىگە ئوغۇل-قىزلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى تانسىخانمۇ-تانسىخانا يۈرسە بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەي قالمايدۇ. ئەگەر ئەرلەر ئۇلۇغ «قۇرئان كەرىم» ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۈننىتى بىلەن خوتۇن-قىزلىرىمىزنى ياخشى پەرۋىش قىلىپ، ئۇلارغا ئەدەپ-ئەخلاق، ھۈنەر-ئىلىم ئۆگەتسە، ئۇلارنىڭ كوچىغا چىقىپ كېتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالمايدىغان بولسا، ئەجنەبىيلەرنى دوراپ، يالىڭاچ، يېرىم يالىڭاچ كوچىغا چىقىپ كەتكەن خوتۇن-قىزلارنى توغرا يول — ھىدايەت يولى —  غا قايتۇرۇپ كېلىدىغان، ئۇلاردىن سەسكىنىدىغان، نەپرەتلىنىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا بىز دېگەن ھېلىقى پاجىئە يۈز بەرمەيدۇ. ئەگەر خوتۇن-قىزلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىق تەبىئىتىگە خىلاپلىق قىلىپ، ھۆرلۈك نامى ئاستىدا ئۆزى بىلگەننى قىلىپ ئەرلەرنىڭ قىلىقلىرىنى دورايدىكەن ياكى ئائىلىدىكى بۇرچىنى ئۇنتۇپ، ئائىلە ئىشلىرى، پەرزەنت تەربىيىسى بىلەن كارى بولمايدىكەن، ئۇ ھالدا بۇ مىللەت چوقۇم ۋەيران بولىدۇ. ئۇنىڭ بۈيۈك ئەنئەنىلىرىمۇ يوقىلىدۇ. بۇ يۇنان، رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى.
     مۇشۇ ئەسىرىمىزنىڭ بېشىدا ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم ئابدۇقادىر داموللىنىڭ زاماندىشى، بۇخارادا ئون يىل لىم تەھسىل قىلغان دىنىي ئالىم، قەشقەر خانلىق مەدرىسىنىڭ  باش مۇدەررىسى شەمسىددىن داموللا 1929- يىلى ئەرەبىستانغا قىلغان ھەج سەپىرىدە ئىسلام دۇنياسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان دىنىي ئىسلاھاتنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى ھەم ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دىنىي ئىسلاھ قىلىشنى، ئىسلام شەرىئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ناچار ئۆرپ-ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۇيغۇرچە «قۇرئان تەپسىرى» ۋە خوتۇن-قىزلارغا ئاتاپ «مۇھىممەتۇل زەۋجەين» (ئاياللارغا مۇھىم قائىدىلەر) ناملىق ئەسىرىنى يازدى. ئارىدىن توپتوغرا بىر كەم ئەللىك يىل ئۆتكەندە ژۇرنالىست، تارىخچى، ئېتنوگرافىيە تەتقىقاتچىسى نىزامىدىن ھۈسەيىن (1928 — 1998) ئەپەندى «يولسىز ئەقىدە» (1985- يىلى)، «جاھالەت پىرلىرى شىنجاڭدا» (1987- يىلى)، «كېيىنكى ئوتتۇرا ئەسىرلەر ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي ئۇچېرىكلىرى» (1988- يىلى) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرىدە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يېقىنقى 400~500 يىل مابەينىدە ئىسلام ئەنئەنىلىرىدىن چەتنەپ، سەپەر يۈرۈشلىرىگە بىدئەت ئارىلاشتۇرۇپ، ھاياتىنى ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى «جاھىلىيەت دەۋرى»دىنمۇ بەك جاھىلىيەت پېتى ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلىپ، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى بۇزغان روھاني ئىشان-سوپىلارغا تۇنجى بولۇپ، توغرىدىن-توغرا تىل تەگكۈزدى ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرغىچە ئۆزى كېلىپ چىققان ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئوپېراتسىيە قىلدى. ئۇ ئالەمدىن ئۆتۈشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى يازغان «بىزدىكى ئىللەتلەر» ناملىق ئەسىرىدە ئۇيغۇرلاردىكى ئەۋھاپەرەسلىك، خۇراپاتلىق، ھاراقكەشلىك، نەشىكەشلىك، «ئاق چېكىش» قاتارلىق ئىللەتلەرنى قامچىلاپ، خەلقىمىزنى بۇ ئىللەتلەرگە قارشى مىللەت ھەرىكىتى، خەلق ھەرىكىتى، يۇرت ھەرىكىتى، مەھەللە-كوچا ھەرىكىتى، ئائىلە ۋە ئادەملەر ھەرىكىتى قوزغاشقا چاقىرسا، «بىزدىكى ناچار يۈزلىنىشلەر» ناملىق ئەسىرىدە زامانىمىز خوتۇن-قىزلىرىنىڭ يېڭى پاجىئەسى ئۈستىدە توختىلىپ، خوتۇن-قىزلارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن چۇقان كۆتۈردى. ئۇنىڭ چۇقان سادالىرى خوتۇن-قىزلىرىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مەزگىلىدىكى جىنسىي ئازادلىق تەتۈر قۇيۇنىغا قارشى توۋلانغان چۇقانلاردىن پەرقلىق ھالدا ئىسمائىل بەگ غەسفىرنىسكىچە ئىدى. ئۇنىڭ قەيتلىرىگە كۆرە، يېڭى جۇڭگو قورۇلغاندىن كېيىن خوتۇن-قىزلار ئازادلىقى ھەرىكىتىنىڭ داقا-دۇمباق سادالىرى ئىچىدە فېئوداللىق ئىدىيىلەرنىڭ ئاسارىتىدىن ئويغىتىلغان خوتۇن-قىزلىرىمىز گەرچە ھۆرلۈككە چىققان بولسىمۇ، خوتۇن-قىزلارنى بوزەك ئېتىدىغان، خورلايدىغان، كەمسىتىدىغان، ياراتمايدىغان روھىي ئىللەت ئۇيغۇر روھىيىتىدىن تېخى كۆتۈرۈۈلۈپ كەتمىدى. جاھالەت بېسىمى، ئەرلەر بېسىمى، ئائىلە بېسىمى، جەمئىيەت بېسىمى مىللەت خاراكتېرلىك خوتۇن-قىزلار دەرت-ئەلەملىرىى شەكىللەندۈردى. ئەمدىلا ئون تۆت، ئون بەش، ئون ئالتە ياشلارغا كىرگەن قىزلارنى زورلاپ ئەرگە بېرىش، ئەمدىلا بالاغەت يېشىنى ياشاۋاتقان ئون يەتتە، ئون سەككىز ياشلاردىكى قىزلارنى «لايىق چىقماي ئولتۇرۇپ قاپتۇ»، «خۇدا ئورۇپتۇ»، «بەختى ئېچىلماپتۇ» دەپ مەسخىرە قىلىش، ھەتتا بەزى قىزلارنى «ساۋاب»لىق ئۈچۈن «پىر»، «خوجا»، «ئۇلۇغ»لارغا دۇئا قىلدۇرۇپ خوتۇنلۇققا تۇتۇپ بېرىش، خوتۇن-قىزلارنى خۇسۇسىي مال ئورنىدا ئۆيلەرگە دۈملىۋېتىش ئەھۋالى ئېغىرلاشتى. جاھان پۇلغا يۈزلەنگەندىن بۇيان ئاز-تولا پۇل-ۋەج تاپقان ئاتىكارچى، نادان سۆلەت ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «قىز ئېلىش»، «خوتۇنىنى ياشلاشتۇرۇش»، «نەدە بولسا شۇ يەردە ئېلىش»تەك ناچار قىلىقلار باش كۆتۈردى. دەرۋەقە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان بۇ رېئاللىقنى ئەقىدە-ئېتىقادلىق، ئۆتكۈر كۆزلۈك بۇ پېشقەدەم ئىسلاھاتچى ھېچقانداق مۇبالىغىسىز ھالدا نەق كۆرگەن ئىدى. بىز ئۇ كۆرگەن بۇ ئەھۋالنى ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن 1999- يىلى 3- ئاينىڭ 20- كۈنىدىكى «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»گە بېسىلغان «ئون ئۈچ ياشلىق چوكانلار» ماۋزۇلۇق ماقالىدىن قايتا كۆردۇق. گەرچە بۇ ماقالىنىڭ مۇئەللىپى بىر غەيرىي مۇسۇلمان مۇخبىرى بولسىمۇ، ئەمما ئۇ قەشقەرنىڭ بەشكېرەم يېزىسىدا كىچىكى ئون ئۈچ ياش، چوڭى ئون يەتتە ياشلىق بىر يۈز سەكسەن بىر نەپەر قىز بالىنىڭ 1995- يىلىدىن 1997- يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا مەكتەپتىن زورلاپ چىقىرىۋېلىنىپ ئەرگە بېرىۋېتىلگەنلىكى، نەتىجىدە بالىنىڭ بالا تۇغقانلىقى، بالىنىڭ بالا يېتىلىگەنلىكى، بالىنىڭ بالا باققانلىقىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ «مىللەتنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈش دېگەن گەپنىڭ بۇ يەردە بىر جۈملە قۇرۇق سۆزگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ» دەپ يازدى.
    زامانىمىز ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىن چىققان يېڭى «جاھىلىيەت دەۋرى»نىڭ كەسكىن تەنقىدچىلىرى ئىچىدە 1996-، 1997- يىللىرى مىسىردىكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا كلاسسىك ئىسلام دىنى نەزەرىيىسى (ئۇسۇلۇد دىيىن) بويىچە ئىلىم تەھسىل قىلغان «تەكلىماكانى» تەخەللۇسلۇق ئالىم ئابدۇرەئۇپ پولات ئەپەندىنىڭ قاھىرەدە يازغان «بىزدىكى ئەبگارلىق» دېگەن ئەسىرى خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنغان بۇ رىسالىمىز ئۈچۈن بەكمۇ مۇھىم ۋە ئەھمىيەتلىك. ئۇ بۇ ئەسىردە 90- يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئۆزى كۆرگەن ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ بويىچە ئاتلىنىپ چىقىپ، ھەر كۈنى يېرىم كۈننى سەرپ قىلىپ ئۆيمۇ-ئۆي بالا يىغىۋاتقان، مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ئۈچۈن بالىسىنى يوشۇرۇپ قويغانلارغا ئامال قىلالماي، ئۇلارنىڭ كالا-ئېشەكلىرنى جەرىمانە ئۈچۈن مەكتەپكە يېتىلەپ كېلىۋاتقان بىر ئەھۋال ئۈستىدىن سۆز ئېچىپ، ئۆز-ئۆزىگە «بىز ئۇيغۇر مىللىتى تېخىچىلا جاھىلىيەت دەۋرىدە ياشاۋاتامدۇق، نېمە؟» دەپ سوئال قويىدۇ ۋە: «بىز ئۇيغۇر مىللىتى مۇسۇلمان مىللەت بولغانىكەنمىز، بۇ شاراپەت بىلەن ئىسلامىيەت ئىلمى بويىچە سەۋىيىسى يېتۈك ۋە ئەمەلىيەتچان ئالىملىرىمىز بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەپسۇسكى، بىزنىڭ بۇ ساھەمىز تېخىچە بىرىنچىدىن ئاق، ئىككىنچىدىن قاغجىراق ... شۇنداق بولغاچ، شۇ تۇرۇقتا ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىسلام دىنىنى زامانىۋى ئىلىم-پەنگە قارشى قويىدىغان، پەرزەنتلىرىنى پەننىي مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ، دىنىي چالا موللىلارغا تالىپ قىلىپ بېرىشنى ئاشكارا تەرغىب قىلىدىغان قاششاقلىق ئاۋام خەلقنى گاڭگىراتماقتا» دەپ يازىدۇ. قىزلارنى مەكتەپلەردىن چىقىرىۋېلىپ ئوقۇتماسلىق — مەكتەپلەردە ئوقۇغان تۇرۇقلۇق ئىشقا ئورۇنلىشالماسلىق ھادىسىسى ۋە مەكتەپ ھاياتىدا يامان، ناچار نەرسىلەرنى (ئىسلام دىنى بىلەن سىغىشالمايدىغان) ئۆزىگە يۇقتۇرۇۋالغانلىق تۈپەيلىدىن يولدىن چىقىپ كېتىش مەۋجۇت بولغاچقا مەۋجۇت بولماقتا. ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلاردىكى قىزلارنىڭ مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىپ ياتلىق قىلىنىشى — ئوچۇقراق قىلىپ ئېيتقاندا دائىم سۆزلەپ كۆنۈپ كەتكەن «فېئوداللىق ئىدىيە» دېگەن نېمىنىڭ كاساپىتىدىن ئەمەس، بەلكى غەرب دۇنياسىنىڭ بالىياتقۇ سىرتىدا ھامىلىدار بولۇش، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش چارىلىرى، جىنس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيىسى دېگەنگە ئوخشاش تەبىئىي قانۇنىيەتكە خىلاپ ئەخمىقانە ئۇرۇنۇشلارنىڭ يامان تەسىرىدە ئەركىن بىرگە يۈرۈش، يالغۇز تۇرۇش، ئوخشاش جىنىسلىقلار مۇھەببىتى دېگەنگە ئوخشاش قانجۇقلۇقنى بازارغا سالىدىغان، بۇنىڭ بىلەن نئەنىۋى ئائىلە نىكاھ تۈزۈملىرى بۇزۇلۇپ، ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلىق ئەرسىز ئانا، نىكاھسىز پەرزەنت، ئون ئۈچ، ئون تۆت ياشلىق پاھىشىلەر مەۋجۇت بولغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماقتا. جەنۇبىي ئاللاتاغ ئېتەكلىرى ۋە تارىم ۋادىسىدىكى بوستانلىقلاردا خوتۇنلىرىنى «روپاش» تۇتىدىغان ئەرلەرنىڭ ئاۋۇشى، شۇنىڭدەك يېزا-كەنتلەردە ئاۋۋالقىدەك ئەرلەر بىلەن ئاياللار بىللە بارىدىغان مەشرەپلەرنىڭ تۈگەپ، «بۈۋىم»، «پىرىم» ۋە ئۇلارغا قول بېرىپ «تەرىقەت»چىلىك قىلىدىغان خوتۇن-قىزلارنىڭ كۆپىيىشى — ئاتالمىش «ئاياللار ئازادلىقى»نى دەستەك قىلىپ، جىنسىي ئەركىنلىك يولىدا ئالدى-كەينىنى تەڭ ئېچىۋەتكەن شەھۋانىي ئەر-خوتۇنلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مەۋجۇت بولماقتا.
     دىندىن خالىي ئۆرپلەشتۈرۈش، غەربلەشتۈرۈش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تەرەققىياتى غەيرىي ئىسلام قىممەت قارشى، مەدەنىيىتى ۋە تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئىسلامىيەتكە ئېلىپ كىرىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئەخلاق قارىشى بىلەن تۇرمۇش ئۇسۇلىغا قاتتىق زەربە بەردى ۋە شۇنداقلا ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسى، ئائىلە، قەبىلە-ئۇرۇقداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ھۈلىنى تەۋرىتىۋەتتى. ئىجتىمائىي سىياسىي بىلەن ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۆزگىرىش سۈرئىتى خەلق ئاممىسىنىڭ ئىدىيە ئاڭ فورمىسىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيىسىدىن كۆپ ئېشىپ كەتتى. غەرب مەدەنىيىتى ئىچىدىكى نۇرغۇن چىرىك نەرسىلەر ئۈزلۈكسىز ھالدا شەرققە ئۇرۇلۇپ ئىسلام مەدەنىيىتىنى ئاجىزلاتتى. مۇسۇلمانلار بۇنىڭدىن قاتتىق قايغۇرۇپ ۋە ئازاپلىنپ، ئۇنداق بولۇشنىڭ سەۋەبىنى دىنىي ئاڭنىڭ سۇسلىشىپ كەتكەنلىكىدىن، يوقالغانلىقىدىن، ئۆرپلەشتۈرۈش بىلەن زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ چېكىدىن ئاشقانلىقىدىن كۆرۈپ، رېئالىني مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى ئەڭ بۇرۇنقى دىنىي ئەقىدىلەردىن ئىزدەپ، كۆز ئالدىدىكى ئازابتىن قۇتۇلۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئۈمىدىنى ئىسلامىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە باغلىدى. نۆۋەتتە بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز بارغانسېرى چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ.
ئەمما، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن مەنىۋى قۇرۇلۇشنىڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋىتىدە پۇل يەنىلا ئاساسلىق ئورۇندا، ئەدەپ-ئەخلاق بولسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مىڭ نەچچە يۈز يىللىق تارىخقا ئىگە ئىسلام جەمئىيىتىنى ئىسلام ئىسلاھاتى ئارقىلىق ئەمەس، غەيرىي ئىسلام ئىدولوگىيىسى بىلەن ئىسلاھ قىلىۋاتىمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، بۇنداق ئەھۋالدا دىنىي تۈس ئالغان ئۆرپ-ئادەت، قائىدە يۇسۇنلارنى ئۆزگەرتىش ئىشى شۇ دىننىڭ پازىل مۇجەددىدلىرى تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلسە ئۇنىڭ قوبۇل قىلىنمىقى بىر قەدەر ئاسان بولىدۇ. ئەكسىچە بولسا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشنى، سۈركۈلۈشنى، ئاخىردا قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. «ئېچىش» (ئىجتىمائىي تۇرمۇشقا بولغان ئېچىش) ئۆز نورمىسىدىن ئېشىپ كەتسە ياكى پاسسىپ ئېلىپ بېرىلسا، «يېپىش» مەيدانغا كېلىدۇ. «يېپىش» ئېچىۋېتىشنىڭ چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلىشى بىلەن مەيدانغا چىققان ناشايان قىلىقلارغا قەلب ئىشىكىنى يېپىش دېمەكتۇر. يۈزىنى ياپقۇچىلار ئەسلى مەنىسى بويىچە ھەممە نېمىسىنى ئېچىۋەتكەن ئەخلاقسىزلار دۇنياسى ئۈچۈن مەۋجۇت. «تىلەمچى ئايالنىڭ يۈزىدىكى تور رومال مىللىي مەدەنىيلىكنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە كۆپ قاتلاملىق مەنىنى ئىشارەتلەپ بېرىدۇ. ئۇنىڭدا ھايا، ئىپپەت-نومۇس، قوغدىنىش، مەككارلىق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار» (ئابدۇقادىر جالالىدىن: «تىلەمچى ئايال، مودا قىز ۋە ئىستېمال»). مانا بۇ بىزنىڭ بەزى مۇتالىئەچىلىرىمىزنىڭ تېخى بايقاشقا ئۈلگۈرەلمىگەن ئىشلىرىنىڭ بىرى.
     خوتۇن-قىزلارنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە قايغۇرۇش سىياسىيونلار، ئىسلاھاتچىلار، دىنىي ئالىملار ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنى تەشكىل قىلغان بارلىق خەلق ئاممىسنىڭلا ئىشى بولۇپ قالماستىن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭمۇ مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. 1996- يىلى «تارىم» ژۇرنىلىدا ئابلىمىت ئىمىننىڭ «ئەدەبىياتىمىزدىكى بەزى ئىللەتلەر توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىپ، ئەدەبىياتىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئۆرپ-ئادىتى، مىللىي خاراكتېرى، پىسىخىكىسى ۋە دىنىي ئېتىقادى بىلەن ھېسابلاشماي، غەربنىڭ نەرسىلىرىنى قاراقويۇق قوبۇل قىلىپ، دورامچىلىق بىلەن قەلەم تەۋرىتىپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مىللەت قوبۇل قىلالمايدىغان بىر قىسىم ئىللەتلەر ۋە ئىش-ھەرىكەتلەرنى زورمۇ-زور سۆرەپ كىرىش، مۇھەببەت تېمىسىدىكى بىر قىسىم ئەسەرلەردە تېخى بىسمىللا دېمەستىنلا ئوغۇل-قىزلارنى كۆزۋازلىق، سۆزۋازلىق، مەيدىۋازلىق ئۇيۇنلىرىغا باشلاپ كىرىش، بۇنىڭ بىلەن مىللىتىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس تۇيغۇسى، ئىنتىلىش ۋە شەرمۇ-ھاياسىنى دەپسەندە قىلىۋېتىش، «ئەرلەر ئەزىز، ئاياللار خار» دەيدىغان فېئوداللىق كۆز قاراشلارنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالماي، ئانىلىرىمىز، قىز-جۇۋانلىرىمىزنىڭ غۇرۇرى ۋە ئىززەت-نەپىسىنى دەپسەندە قىلىشتەك ئەھۋاللار قاتتىق تەنقىد قىلىنغان ئىدى ھەمدە ھازىرقى تۇرمۇشىمىزدا تىپ دەرىجىسىگە كۆتۈرگۈدەك نازاكەتلىك، ئىپپەتلىك ئاياللارنى يېزىش، ئاياللارنى غەم-غۇسسە، چۈشكۈنلۈك، ئاھۇ-پىغان ۋە نالە-زار بىلەن تولغان پاجىئەلىك دۇنياغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا غايە، ئىستەك بېغىشلايدىغان، ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئالغا ئىنتىلدۈرۈپ غەيرەت ۋە جاسارەت ئاتا قىلىدىغان، قاششاقلىق، ھۇرۇنلۇق كىشەنلىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، گۈزەل يېڭى دۇنياغا باشلاپ كىرىش مۇراجىئەت قىلىنغان ئىدى. ئارىدىن ئۈچ يىل ئۆتكەندە «بوستان» ژۇرنىلىنىڭ 1999- يىللىق 3- سانىدا «ئاھ، مۇھەببەت، ئاھ، ياشلىق» ناملىق بىر پارچە ئەسەر ئېلان قىلىندى. ئۇزاق ئۆتمەي ژۇرنال تەھرىر بۆلۈمى ئۇنىڭغا قارشى يېزىلغان «قىزلىرىمىز يىرگىنىلشىك مەخلۇقمۇ ياكى سۆيۈملۈك پەرىشتىمۇ؟» ناملىق «باھا»نى تاپشۇرۇۋالدى. ئاپتور بۇ نامەلۇم ئايال قەلەمكەشنىڭ سوئالىغا شۇ ژۇرنالنىڭ 2000- يىللىق 3- سانىدا قىزلىرىمىز «ھەم مەخلۇق ھەم پەرىشتە» دەپ جاۋاب بەردى. ئايىغى چىقمايدىغانلىقى ئېنىق تۇرغان بۇ كالتە جەڭنىڭ ئەھۋالىنى چېچەنلىك بىلەن كۆزىتىۋاتقان «مەھكىمە شەرئى»نىڭ «قازى»سى ئۇنىڭغا «ھېچىكىم مەخلۇق ئەمەس» دەپ پەتىۋا يازدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ دەۋا بېسىققان بولدى. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، 1996- يىلى زامانىمىزدىكى يېڭى «جاھىلىيەت دەۋرى» تەنقىدچىلىرىنىڭ بايراقدارى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى»، «خوتۇن-قىزلار بىزنىڭ ۋەتىنىمىز»، «ئۇيغۇرلاردا ئانا تەربىيىسى ۋە ئانىلارنىڭ ساپاسى» قاتارلىق ماقالىلىرى جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغاپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى ئەجەللىك مەسىلىلەرگە جەۋانمەردلىك بىلەن جاۋاب بەرگەن ئىدى. ئارىدىن تۆت يىل ئۆتكەندە 2000- يىلى ئىجتىھاتلىق قەلەم ساھىبى، جەمئىيەتشۇناس جۈرئەت دۆلەت ۋە ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ «بۇلارنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل» دېگەن ئەسىرى بىلەن مۇئەللىمە ھۆرنىسا مامۇتنىڭ «ئاياللارنىڭ گۈزەللىكى نېمىدە؟» دېگەن ماقالىسى، شۇنداقلا زامانىمىزنىڭ مۇتەپەككۇرى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئۇنىڭغا يازغان «ئەركەك سۇنى كۆپرەك ئىچەيلى» ماۋزۇلۇق «ئىلاۋە»سىنى كۆردۇق. يەنە ئارقىدىن ئۇلاپلا 2001- يىلى خەلقىمىزنىڭ ئىمانلىق يازغۇچىسى ئادىل يىلدىرىمنىڭ «غەلىتە ئۆزگىرىش» دېگەن ھېكايىسى بىلەن ئابدۇرىھىم دۆلەتنىڭ ئۇنىڭغا يازغان «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» ناملىق تەقرىزىنى كۆردۇق. بۇ ماقالە، ھېكايە، ئوبزور ھەم تەقرىزلەر نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان قەبىھ ئىللەتلەرنى رەھىمسىز پاش قىلىپ، رەسۇلۇللاھ زامانىسىدا ئاللانىڭ ھۆكۈمى بىلەن يوق قىلىۋېتىلگەن «جاھىلىيەت دەۋرى»گە قايتىدىن قايتىپ كېتىۋاتقان دوزىخىي، گۇناھكار، مۇناپىق، ئاسىيلارنى قاتتىق دۇمبالىدى. ئەمما، بىزنىڭ خوتۇن-قىزلىرىمىزغا بېغىشلانغان مەخسۇس نەشر ئەپكارلىرىمىز خۇددى «بۇلارنىڭ تەقدىرىگە كىم مەسئۇل» دېگەن ئەسەردە قەيت قىلىنغىنىدەك، ئاياللارغا بۇ خۇسۇستا مەنپەئەتلەنگۈدەك بىر نېمە بېرەلمىدى. سەھىپىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنى يىگىت قانداق قىلغاندا قىزلارنى قولغا كەلتۈرەلەيدۇ، قىز قانداق قىلغاندا يىگىتنى جەلپ قىلالايدۇ، دېگەندەك ئىپپەت سودىسىغا بەردىيۇ، ئۇيغۇر ئانىلىرىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى ئۈچۈن مەخسۇس، مۇقىم بىرەر سەھىپە ئاجرىتالمىدى. ئەكسىچە، ئۇيغۇر خوتۇن-قىزلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى ھەققىدە ئالاھىدە كۆڭۈل قويۇپ يېزىلغان بەزى نادىر ئەسەرلەرنى تەھرىرلىگەن مۇھەررىرلەر ئاياللارغا ھەقىقىي كۆيۈنۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدىغان بەزى سىياسەتۋازلار تەرىپىدىن چەتكە قېقىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزلىرىنى ئاياللار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى دەپ ئاتىشىۋالغان ئايرىم ساندىكى بەزى كىشىلەر مەتبۇئات ۋە باشقا سورۇنلاردا ئاتالمىش تەبىرى ئېنىق بولمىغان «ئاياللار ئازادلىقى»نى مۇھاكىمە قىلىش نامى ئاستىدا بىر-بىرىدىن چاكىنا، تېتىقسىز، تۇتۇرۇقسىز،بىمەنە سەپسەتىلەرنى بازارغا سېلىپ، جەمئىيەتتىكى بەزى نادان، ساپاسى تۆۋەن دورامچى ئەر-ئاياللار ئارىسىدا ئىنتايىن يامان تەسىر پەيدا قىلدى. كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ ئوبدانراق قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بۇ قوۋمنىڭ تەقدىرى ۋە ئىستىقبالى بىلەن ئوينىشىپ قىلىنىۋاتقان بۇ ئاتالمىش «مۇھاكىمە»لەرنىڭ تولىمۇ پۇچەك ۋە بالىلارچە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ روھىي دۇنياسىدا ئېتىقادنىڭ، ۋۇجۇدىدا ۋىجداننىڭ، يىلىكىدە قۇۋۋەتنىڭ، مەزمۇنىدا ئىستىقلالى پىكىرنىڭ كەم بولۇپ، گۆشى بىلەن سۆڭىكى بىر-بىرىدىن ئاجراپ كەتكەن زەئىپ مۇتالىئە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بىلىشىمىز كېرەككى، ھەرقانداق زەئىپ مۇتالىئەگە نەجىپ تەپەككۇر ئالەمى يول قويمايدۇ.
      ئىسلام دىنىدىكى مۇقەددەس كىتاب  «قۇرئان كەرىم»دە ھاراق ئىچىش، زەھەر چېكىش، قىمار ئويناش، زىنا قەتئىي مەنئى قىلىنغان ئىدى. ئەمما، ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانلارغا كۆيۈنۈپ قىلغان بۇ نەسىھىتى دىلىنى قاراڭغۇلۇق قاپلاپ كەتكەن ئۇيغۇر ھاراقكەشلىرى دۇنياسىغا قىلچە تەسىر قىلمىدى. «مىللىتىمىزنىڭ ئاتىلىرى ھاراقكەش، ئانىلىرى گىرىمكەش» بولغانلىقتىن، مەسجىد-خانىقاھلىرىمىزنىڭ يېنىدا قاۋاقخانىلار بىلەن ھاراق بوتكىلىرى قەد كۆتۈردى، ئىمام، مەزىنلەرنىڭ ئەزان سادالىرى بىلەن رېستورانلاردىكى كەيپچىلىكتىن كۆتۈرۈلگەن قىقاس-سۆرەنلەر ئارىلىشىپ كەتتى. نەزىرلەردىكى قارىي قۇرئانلارنىڭ قىرائەت ئاۋازلىرىدىن توي-تۆكۈنلەردىن ھېچبىر پەرقى يوق مۇسىبەت زىياپىتىنىڭ ھەزىل چاقچاق، كوت-كوت پاراڭلىرى غالىپ كەلدى. قەدىم نامەلەرگە كۆرە، ئۇيغۇر ئەدەبىيات سەنئىتىنىڭ مۇقەددەس پىرامىدىسى بولغان ئون ئىككى مۇقام قەدىمدە دۇئا، مۇناجاتتىن كېيىن ئايرىم سورۇنلاردا ئېيتىلاتتى. ھازىرقى كۈندە «نۇتۇق» ۋە «ھاراق مارشى»دىن كېيىن قاۋاقخانىلاردا ئېيتىلىدىغان بولدى. قاراخانىيلار دەۋرىدە يېزىلغان بۈيۈك ئەسەر «قۇتادغۇبىلىك»تە قەيت قىلىنغان «شارابتا يۈزىنى يوغان بىنامازلارنىڭ ئەزىز، تەقۋادار بىلىم ئەھلىلىرىنىڭ خار»لاشقانلىقى ھەققىدىكى ئىبرەتلىك قەيتلەر مىڭ يىللار داۋامىدا تولا شالغۇتلىشىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئونىنچى ياكى ئون بىرىنچى ئەجدادلىرىنىڭ ئەينەن تەسۋىرى ئىدى. ئىسلام دىنى قاراخانىيلارنىڭ دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتىلگەن ئاشۇ شەرىئەت دۇنياسدىنمۇ ھېچبىر ھېيىقماي يۇققان بۇ كېسەل تا ھازىرغىچە پۈتكۈل غەربىي يۇرتتىكى ماددىچىلار دۇنياسىدىن خاتىرجەم ھالدا ئۆزىگە ئىللىق قونالغۇ تاپماقتا. ھازىرقى ئۇيغۇرلىرىمىز ئەختەم ئۆمەرنىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا «ھاراق جامائىتى ۋە مەسچىت جامائىتى دەپ ئىككىگە بۆلۈنمەكتە. كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە ئاتا بىلەن ئانا مەسچىت جامائىتى، ئوغۇل بىلەن قىز ھاراق تانسا جامائىتى بوپقالدى». ھاراق مىللىتىمىزگە نېمىلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ «ئىسلام روھى ۋە بۈگۈنكى رېئاللىقىمىز» ناملىق ماقالىنىڭ مۇئەللىپى ئوسمان ئىسمائىل ئەپەندىنىڭ تەكشۈرۈشىچە، ھاراق مىللىتىمىزگە جىسمانىي جەھەتتىكى كېسەللىك، روھىي جەھەتتىكى دۆتلۈك، خامۇشلۇقنى، ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقىنى يوقىتىپ، تىرىشىپ خىزمەت قىلىش بىلەن ئىجادىيەت-ئىختىرا ئەتمەكنى خالىمايدىغان لايغەزەل، ھۇرۇنلۇقنى، غەيۋەتخورلۇق، ئىتتىپاقسىزلىق، ئۇرۇش-جېدەلنى، توختىماي يۈز بېرىۋاتقان قاتناش ۋەقەلىرى بىلەن بالا-قازا، ئۆلۈمنى، ئىسراپخورلۇق، ئىقتىسادىي زىيان، كەمبەغەلچىلىكنى، ھاراقنىڭ كەيپچىلىكىدىن كەلگەن نۇرغۇنلىغان پاسكىنا، مەينەتچىلىكلەرنى ئېلىپ كەلدى. ئەنە شۇ بۇزۇقچىلىقلار سەۋەبىدىن نۇرغۇن ئائىلىدىن ئىناقلىق، بەرىكەت كۆتۈرۈلۈپ، نىكاھ بۇزۇلۇپ بالىلار يېتىم قالماقتا. زىيالىيلىرىمىز ۋە ياشلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە ئەقىدە-ئىدراكسىز، پۇچەك، چاكىنا، كالۋا، قورقۇنچاق، تۇتۇرۇقسىز، خېنىم مىجەزلەشمەكتە.
     ئۇيغۇر مۇسۇلمان يازغۇچىسى ئادىل يىلدىرىم «يايپاڭ چىنە» دېگەن ھېكايىسىدە «قىرلىق ئىستاكان»، «يايپاڭ چىنە»لەردە ھاراق ئىچىپ ئەقىل-ھوشىدىن ئادىشىپ كەتكەنلىكتىن 19- ئەسىردىكى ئىندىئان ياشلىرىغا ئوخشاپ قېلىۋاتقان زامان زەئىپلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «مۇبادا مەن بۇ ئەلگە خاقان ياكى باش باقان بولۇپ قالسام، ئۇيغۇر ئىسلام قاراخانيىلار قوشۇنلىرى غازات ئېچىپ ئۇيغۇر بۇددىستلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەر يوغان، ھەر ئېسىل بۇتلىرىنى چېقىپ، رەھىمسىزلىك بىلەن تۈپتاراج قىلىپ بولغاندىن كېيىن تېخى ئۇنىڭ ئۈستىگە چىقىپ چىچىپ قويغاندەك، مۇشۇ قىرلىق ئىستاكانلارنى ئەنە شۇنداق قىلاتتىم. شۇنداق فىلىملەرنى ئىشلىگەنلەرنى بولسا، دۇنيا ياكى ئامېرىكا تەرەپتىن ‹كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىنلىك، دېموكراتىيە قاتتىق ئاياغ ئاستى قىلىندى› دەپ ئەيبلەنسەممۇ بەش يۈز يىللىق كېسىۋەتكەن بولاتتىم» دەپ قاتتىق ئېچىنسا، «قىرلىق ئىستاكان» ۋە «يايپاڭ چىنە»لەردە ھاراق ئىچىشنى مودىدىن قالدۇرۇپ، مەخسۇس سۇ ساپلىقىدا ھاراق ئىچىشكە باشلىغان دوزىخىيلارنى كىنايە قىلىپ، «ئۇلار كەينىمدىن چۇرقىراشتى. ئۇلارنىڭ ئاۋازى خۇددى جىن-شەيتانلارنىڭ ... ياق بېشىغا تۇر تېغى ئېسىپ قويۇلغان قوۋمنىڭ نالىسىگە ئوخشايتتى. ئارقامغا قارىمىدىم، خۇددى لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئوخشاش. چۈنكى، ئارقامغا قارىغان بولسام، ئېھتىمال لۇت ئەلەيھىسسالامنىڭ دىلى بۇزۇق خوتۇنىغا ئوخشاش قېلىشىم مۇمكىن ئىدى» دەيدۇ. ئەقىدە-ئېتىقادلىق تەقرىزچى ئابدۇرىھىم دۆلەت «ئەخلاقنىڭ ۋاقتى ئۆتتىمۇ؟» دېگەن تەقرىزدە يەرشارى خاراكتېرىلىك روھىي قۇرغاقچلىقنىڭ ھەممىدىن ئاۋۋال ئەزەلدىن ئېتىقادى سۇيۇق بىز خەققە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەم بىزنى كاردىن چىقىرىۋاتقانلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: «جىنسىي بۇزۇقچىلىق جەمئىيەتلىشىپ كەتكەندە بۇنىڭدىن ساقلانغىلى بولمايدىغان نورمال ھادىسە، دەپ قاراش ئەخمىقانىلىك بولىدۇ. مېنىڭ ئەنسىرەيدىغىنىم، بۇ خىل ئەخلاقسىز قىلمىشلارنىڭ يۈز بېرىپ تۇرۇشى ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ بۇ ئىشلارنى نورمال ھادىسە سۈپىتىدە ‹توغرا› چۈشىنىپ ئەپۇ قىلىشى. ناۋادا كېيىن ھەقىقەتەن شۇنداق بولۇپ كەتسە، بەلكىم ئاۋۋال مەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنى تەرك ئېتەرمەن» دەپ يازىدۇ.
     بىزدە نېمە ئۈچۈن خوتۇن-قىزلار پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭغا زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەرلەر پاجىئەسى يۈز بېرىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇنى بېزىلەر پاجىئە دەپ تونۇمايدۇ؟ ئىنساننىڭ روھى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن مۇناسىۋەتلەشتۈرۈلمىسە، ئۇ ئىنساندا بەزى ئەندىشە، غەم-قايغۇ ۋە بىر نەرسىگە قانائەت قىلالماسلىقتەك ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. بەزى چاغدا ئۇ ئادەم ئۆزىنىڭ بىئاراملىقى ۋە غەم-قايغۇسىنى ئادەملەر كۆڭۈل ئاچىدىغان تاماشا ۋە كەيپ-ساپالاردىن قۇرۇق قالغانلىق سەۋەبىدىن، دەپ گۇمان قىلىپ ئۆزىنى ئويۇن-تاماشا، كەيپ-ساپانىڭ قوينىغا ئاتىدۇ-دە، ئاخىر ھاراق ئىچىشكە باشلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دۇنيا راھىتىگە قاتتىق بېرىلىدۇ ۋە تىرىشىپ بېقىپ (تىرىشىپمۇ) قولغان كەلتۈرەلمىگەن ئارزۇلىرىغا يېتەلمەي ھەسرەت چېكىدۇ ۋە ياكى ھەمىشە قايمۇققان ھالدا، تاتلىق يېيىش-ئىچىش ئىستىكىدە ئۆز ھاياتىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئەمما، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك، سۇسلاشمىغان ئادەم دىننىڭ پەرزلىرىنى ئادا قىلىش داۋامىدا كۆڭۈل ئارزۇلىرىنى مېھرىبان ئىگىسىدىن تىلەيدۇ، پىكىر ھېسسىياتلىرى ئارام ئالىدۇ ۋە يامان خىيال قىلىشقا ۋاقتى بولمايدۇ. ماددىچىلىقنىڭ يولى «ئادەم ئۆلگەندىن كېيىن بىراقلا يوقىلىدۇ، ئىككىنچى تىرىلمەيدۇ» دېگەن نەزەرىيىسىنى ئىنسانلارنىڭ قەلبىگە كىرگۈزۈش بىلەن ئىنسانلارنىڭ شەھۋىتىنى باشباشتاق قويۇۋېتىدۇ، ئىنسانغا شەھۋىتىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھېرىسلىك پەيدا قىلىدۇ. ئىنسان ئالدىدا ھالال-ھارام، سېنىڭ، مېنىڭ دېگەن نەرسە بولمايدۇ، ھايا-نومۇس يوقايدۇ. زۇلۇم بىلەن ئادالەت ئوخشاش بولىدۇ. ھايۋان بىلەن ئىنساننىڭ ئايرىمىسى تۈگەيدۇ. ساراڭلىق ۋە ئاڭسىزلىقتىن مۇرەككەپ بولغان بۇ خەتەرلىك ئىجتىمائىي كېسەل ئىنسانىيەتنى چارىسىز پاراكەندىلىك ۋەيرانچلىققا تاشلاپ قويىدۇ. بۇنداق ۋەيران ھالدا قالغان ئىنسان ئۆزىدە چەكسىز جاپا-مۇشەققەتنى سېزىدۇ ۋە دەرد چېكىدۇ، ئۆزىگە ھازىرقىدىن ئەۋزەلرەك بىر ھايات ئىزدەيدۇ. ئەمما، ئۆزى دۇچار بولغان يامان ھالەتتىن قۇتقۇزىدىغان زۆرۈر بىر ياردەمنى تاپالمايدۇ. فرانسىيىلىك تېببىي فىزىئولوگىيە پەنلىرى ئالىمى شارل رىشيە «ئىنسان روھىنىڭ ئەمەلىي ئىپادىلىرى» دېگەن كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە: «بىز ئۇنداق-مۇنداق ئىلىملەرگە ئىگە بولدۇق، دەپ پەخىر قىلغان ئىلمىمىز پەقەت شەيئىلەرنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنىلا بىلەلەيدىغان ئىلىمدۇر. ئەمما، شەيئىلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى بىلىش تېخى بىزدىن قېچىپ تۇرىدۇ، ھېسسىياتىمىز بىلەن بىلەلمەيۋاتىمىز. جانلىق ۋە جانسىز ماددىلارنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇۋاتقان قانۇننىڭ ھەقىقىي تەبىئىتى تېخى ئەقلىمىزگە يېقىن كەلگىنى يوق» دېگەنىدى. روھىي پرىنسىپلار بەدەننىڭ تەلەپ ئارزۇلىرىدىن، لەززەتلىرىدىن كۆپ قىسمىنى قۇربان بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مۇنداق پىداكارلىق راھەتپەرەس، نازچى ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. راھەتپەرەسلىك كىشىنىڭ ئىرادىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئۆز راھىتىدە داۋام قىلىشقا ئامراقلىقنى زىيادە قىلىدۇ. شۇڭا، ئۇ ئۆزىگە كېرەكلىك ئىلىم ئۆگىنىشتىن ئىبارەت يېڭى تەرەپلەرگە قاراپ باقمايدۇ. مىللەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان، ئىلگىرىلەشكە ۋە گۈللىنىشكە ئېلىپ بارىدىغان ئامىللارغا نەزەر سالمايدۇ. ئاللاھ تائالا «قۇرئان كەرىم»دە راھەتپەرەس، ئىسراپخور كىشىلەرنى سىلاھاتنىڭ (تۈزۈش، ياخشىلاشنىڭ) دۈشمەنلىرى، ھەر زامان ھەقنىڭ ئالدىنى توسىدىغان قارشى كۈچ، دەپ قارايدۇ. فرانسىيىلىك ئالىم مۇنتيوسكونىڭ قارىشىچە، راھەتپەرەسلىك كىشىنى ۋەتەن سۆيۈشتىن يۈز ئۆرىتىدۇ. ئېسىل، ئىناۋەتلىك ئادەملەرنى ئۆزىنىڭ شەخسىي تەمەلىرى ئارقىسىدىن ماڭىدىغان قىلىپ قويىدۇ. «قۇرئان كەرىم»نىڭ قارىشىچە، راھەتپەرەسلىك پۈتۈن ئۈممەتنى يوقىتىدۇ. ھەرقانداق مىللەت ئىچىدە راھەتكە بېرىلىشنىڭ ئەۋج ئېلىشى شۇ مىللەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يوقسۇل بولۇشىغا سەۋەب بولىدۇ. مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك، تۇرمۇش ئېھتىياجىغا لازىملىق نەرسىلەرنىڭ قىسلىشىپ، قىممەت بولۇپ كېتىشى مىللەت ئىچىدىكى ھالاۋەتپەرەس بايلارنىڭ بۇزۇپ-چېچىشى تۈپەيلىدىن بولۇپ، بۇ ئەھۋال كەمبەغەللەر بىلەن راھەتكە بېرىلگەن بايلار ئارىسىدا ئاداۋەت، ئۆچمەنلىك پەيدا بولۇپ، ئاخىر پۈتۈن جەمئىيەتنى خاراب قىلىدىغان كۈرەشلەرگە ئېلىپ بارىدۇ. پۇل-مال ئىنساننى ئۆزىگە شۇنداق قۇل قىلىۋالىدىغان نەرسىكى، ئۇ نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئەقلىنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدۇ. ئۇلار پۇل-مال جۇغلاشقا ۋە پۇل ئارقىلىق راھەت كۆرۈشكە، پۇل توپلاش يولىدا كىشىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا ئۆز ھاياتىنى قۇربان قىلىدۇ. پۇل-مال پۈتۈن ھېسسىياتنى ئېلىپ كەتكەندە ئۇ ئىنساننىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ. ئەمەل-مەنسەپپەرەسلىكمۇ بۇنىڭدىن قېلىشمايدۇ. بېزىلەر ئۆز قېرىنداشلىرىغا زۇلۇم قىلىش ھېسابىغا ئىماننى، ۋىژداننى، ئىنسانلىقنى تەرك ئېتىپ، زۇلۇم ئىستىبدادىغا قولچوماق بولىدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشىق-مۇھەببەت ئالدىدا مەغلۇپ بولۇپ زەئىپلىشىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇلنى، مەنسەپنى ۋە مۇھەببەتنى ئىلاھ دەپ تونۇيدۇ. فرانسىيىلىك پەيلاسوپ ئاۋغۇست ساباتىئەر «دىن پەلسەپىسى» دېگەن كىتابىدا: «دىن بىئاراملىققا دۇچار بولغان ئىنساننىڭ روھى بىلەن شۇ ئىنسانغا مەخپىي بولغان ۋە ئىنسان ئۆزىنى ئۇنىڭغا تەۋە دەپ تونۇغان، مېنىڭ تەقدرىم ئۇنىڭ ئىرادىسى ۋە ئىختىيارى ئاستىدا دەپ ئەقىدە قىلغان قۇدرەت ئارىسىدىكى ئالاقە مۇناسىۋەتتىن ئىبارەت. دىن ئىنسان روھى ئۇنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كېلىپ چىققان ئەسلىگە ئۆزىنى ئېتىش ئارقىلىق ئۆزىنى ھالاكەتتىن قوتقۇزۇشنى مەقسەت قىلىدىغان بىر جانلىق ئەمەلىي ھەرىكەت بولمىغۇچە دىن بولالمايدۇ» دېگەنىكەن. بىز جاھاننىڭ بۇزۇقچىلىقى تۈپەيلىدىن ئۆزىنى ۋە پۈتۈن ئائىلىسىنى ۋەيران قىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي، باشقا سەۋەبلەردىن كۆرۈۋاتقانلىقىغا قاراپ ھەيران قالىمىز. ئۇلار «ھەقىقەتنى نەدىن تاپىمىز؟» دېگەن ماقالىدە قەيت قىلىنغاندەك، ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى بارلىق چۈشكۈنلۈك، تەركىدۇنيالىق، ئىتائەتمەنلىك، ھۇرۇن-ئاڭتاۋلىق، تىرىشماسلىق، دۇنيانى بىلىشكە، ئۆزىنى ئىپادىلەشكە، ئۆز قۇدرىتىنى نامايان قىلىشقا ئىنتىلمەسلىكتەك سەۋەنلىكلەرنى دىنغا ئارتىپ قويۇۋاتىدۇ. بۇخىل ئادەملەر ۋۇجۇدىدىكى رەزىللىكلەرنى تاشقى دۇنيادىن ئىزدەيدۇ، ئۆز جېنىدىن، ئۆز روھىدىن ئىزدىمەيدۇ. بۇلاردا زادى نېمە كەم؟ بۇلاردا روھىي ئېتىبارلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغان بىر ئېتىقاد كەم. ھىندىستاننىڭ يېقىنقى زاماندىكى ئۇلۇغ شائىرى، يازغۇچىسى، پەيلاسوپى ۋە مەشھۇر جامائەت ئەربابى رابىندىرات تاگور (1861 — 1941) روھىي ئېتىبارلارغا ئەھمىيەت بەرمەستىن ماددىي ئىلىم ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن ھازىرقى مەدەنىيەتنى تەنقىد قىلىپ، ئۆزىنىڭ ۋاپاتىدىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى ئوقۇغۇچىلىرىغا: «ئىلمىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي تۈزۈشلەر تەبىئەتنىڭ بەزى ھۆكۈملىرىنى تۈزىتىدۇ، ياخشىلايدۇ. لېكىن ئىنساننى ئىمتىيازلىق بىر ھايۋان قىلىدۇ، خالاس. ھەر شەخسكە مۇستەقىل بىرلىكتەك روھىي كامىللىق تەرەپكە يول كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. مېنىڭچە روھىي كامىللىق ماددىي ئىلگىرىلەشكە باغلىق ئەمەس. روھىي كامىللىق ئەبەدىي بىر جەۋھەر بولۇپ، مەيلى بىز ماددىي تەرەققىياتتا كېيىن قالغان بولايلى، مەيلى ئىلگىرىلىگەن بولايلى، ئۇ بىزنىڭ جېنىمىزغا ئورناشقاندۇر. بىز كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇ ئەبەدىي جەۋھەرنى ئۆز جېنىمىزدىن ئىزدىشىمىز، بىزدىكى ئەمەلىي ئىپادىلىرىنى ۋە بىز بىلەن باشقىلار ئارىسىدا شېرىك بولغان كۈچلىرىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشىمىز لازىم» دېگەنىدى.
    ئەخلاق لىمى ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى تەكشۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىگە قارىتا قانداق مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. ئىشلاردا مەقسەت قىلىشقا تېگىشلىك غايىنى ئىزاھلايدۇ، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىڭ يولىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ. ئەگەر ئەخلاق بۇزۇلۇپ، ئەخلاق ئىلمى زەئىپلەشسە، مىللەت ۋەيران بولىدۇ. پروفېسسور ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەدئىمىننىڭ گېپى بويىچە ئېيتقاندا، «مىللەتنى يالغۇز توپ زەمبىرەكلا ئەمەس، چېكىملىك نەيچىسى، ئىچىملىك رومكىسى بىلەن بۇزۇقچلىقمۇ خار-زەبۇن قىلالايدۇ، ئىمان-ئىتىقادلىق، غورۇر-ۋىژدانلىق ئەركەكلىرىمىز ۋە ئىپپەت-نومۇسىنى جېنىدىن ئەزىز بىلىدىغان قىز-ئاياللىرىمىز ئارىسىدىن بىر تۈركۈم قەھرىمانلارنىڭ چىقىپ ھەممە ئۈنۈملۈك ۋاسىتىلەر بىلەن (زەھەرلىك چېكىملىك ۋە جىنسىي چىرىكلىكتىن ئىبارەت) بۇ ئىككى ‹قىيامەت بورىنى› سىياقىدىكى ئىپلاس ھادىسىنى چەكلەشكە جان پىدا قىلىشلىرىنى تارىخىمىز تەقەززا قىلماقتا». گەرچە «غەربكە بۇرۇلۇپ قارىساق، غەرب ئۇپۇقىدىن مۇشۇ ئەسىر بېشىدىكى مەرىپەتچى زاتلىرىمىزغا ئىلھام بېغىشلىغان ھېلىقى ئۆرنەكلەر جىلۋىلەنمىگەن، شەرققە تىكىلىپ قارىساق، شەرق ئاسمىنىدا كۆرۈنگىنى پەقەت غايە بوھرانلىرى، ئاقچا ساراسىملىقى بىلەن مەي سىمفونىيىسى» بولغان بولسىمۇ، «مىللەتنى قايتا ئويلاندۇرۇپ، ئۇنى قايتا ئويغىتىپ مىللەت گەۋدىسىدىكى ئۈمىدسىزلىك ۋە ئورۇنسىز مەغرۇرلۇق سېسىپ ياتقان بىر قاتار ئىللەت ۋە زەئىپلىكنى يېڭىپ، مىللەتنىڭ رىقابەت ئىقتىدارى مۇجەسسەملىكىنى كۈچەيتىپ، مىللەتنى قابىل ۋە قادىر ئېتنىك تۈركۈمگە ئايلاندۇرۇشنى نىيەت قىلغان (بىر تۈركۈم) مۇنەۋۋەر كىشىلەر ئەھلى» ھازىر يېتىشىپ چىقتى. ئۇلار مۇشۇ رىسالىمىزدە نام شەرىپى، ئىجاد مېھنەتلىرى زىكىر قىلىنغان خوتۇن-قىزلار مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرى بولۇپ، سانىنىڭ ئازلىقىغا قارىماي، شەھەر-قەسەبەلەرنىڭ ئاۋاتلىشىشى مەزگىلىدىكى ئىنسان قەلبىنىڭ نامراتلىشىشى ئۈستىدە قاتتىق رىيازەت چېكىپ سەيئى-ئىجتىھاتلار قىلماقتا.
ئىسلام دىنى كامالەتكە يەتكەن مۇكەممەل بىر دىن بولسىمۇ، نادان خەلقلەر، بىدئەت ئەھلىلىرى تەرىپىدىن خۇراپاتلىقلار، ۋەھىمىلەر قوشۇلۇش ئېھتىماللىقى ھەر قاچان، ھەر زامان بولۇپ تۇرغان ۋە تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاللاھ تائالا ھەر بىر ئەسىردە رەسۇلۇللاھنىڭ ئەلچىلىكىدىكى ساپ دىندىن خەۋىرى بار ئادەملەرنى يېتىشتۈرۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار دىننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ ۋە بىلدۈرىدۇ. گەرچە 21- ئەسىردە بىز ئويلغان ۋە ئويلىمىغان، تەسەۋۋۇر قىلغان ۋە قىلمىغان بۇزۇق ئىللەت، بىدئەت زىللەت، شۇنداقلا خوتۇن- قىزلىرىمىزنىڭ يېڭى-يېڭى پاجىئەلىرى ھايات ياشاۋاتقانلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئاينىتقىدەك دەرىجىدە مەيدانغا كەلسىمۇ، ئەمما بىز 20- ئەسىرنىڭ ئۇلۇغ مۇجەددىدى رىزائۇددىن بىننى پەخرىدىن ھەزرەتلىرىنىڭ ئېيتقىنىدەك، شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، ئىسلام دۇنياسىدا بولغان ھەر تۈرلۈك ھادىسىلەر، مەزھەپلەر ۋە مەسلەكلەرنى يوقىتىپ، مۇسۇلمانلارنى «قۇرئان كەرىم» ۋە «سۈننەت» (ھەدىس شەرىف)كە ئەمەل قىلدۇرىدىغان دىن مۇجەددىدلىرىنىڭ زوھۇر ئېتىشىگە ئىمانىمىز كامىل ۋە ئۈمىدىمىز زوردۇر. خەير ئۈممەت ئۇنۋانى بىلەن مۇشەررەپ ئەتكەن بۇ نەجىب قوۋمنى ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھالەتتە قويماس ھەم كونا-يېڭى خۇراپاتلىق قاراڭغۇلۇقلىرىدا ئادىشىپ يۈرۈشلىرىگە رىزا بولماس. بەندىلەر شۇ مۇجەددىدلەرنىڭ خىزمەتلىرى سەۋەبىدىن رەسۇلۇللاھنىڭ  توغرا يولىغا قايتسا، ئاداشقان بالىلارنىڭ ئانىلىرىنى تاپقان سائەتلىرى كەبى شادلانسا ئەجەب ئەمەس.

ھىجرىيە 1422- سەنە جەمادىيەل ئاخىرنىڭ 18- كۈنى
مىلادىيە 2001- يىلى 7- سېنتەبىر
مەنبە: «بۇلاق» ژۇرنىلى 2001- يىللىق 5-، 6- سان.


تۈگىدى.

uyghuray

1

تېما

1

دوست

3100

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34835
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 936
توردىكى ۋاقتى: 202
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 15:56:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما ھەقىقەتەن ئ‍ادەمنى ئ‍ۇيغا سالدىكەن .....بۇ تىمنى ئ‍ۇقغان ئ‍ادەم ھازىرقى جەميىتمىزدە يۇز بىرۋاتقان چاكنا ئ‍ىشلانى .....ئ‍ەخلاقى بۇزۇقچىلىقلانى  مەدىنتەتسىز قىلمىشلانى تۇزەشتە ......ئ‍ىسلاميەتنىڭ مۇھىملىقنى قاتتىق ھېس قىلىپ قالدىكەن.......

0

تېما

3

دوست

4948

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   98.27%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35417
يازما سانى: 436
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1504
توردىكى ۋاقتى: 440
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-2
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 16:18:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئالدىنقى ئىككى قىسمىنى ئوقوماپتىكەنمەن، بۇ قىسمىنى تۇللۇق ئوقۇپ بولدۇم. ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن يېزىلىپتۇ...

3

تېما

0

دوست

6341

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   26.82%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28099
يازما سانى: 362
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 1976
توردىكى ۋاقتى: 495
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 16:52:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جەڭنامە ئەمەس دوسلار، ئالدىنقى قىسىملىردىكىدەك جەڭگە جىدەل قىلىشماي
تىمىنى چىرايلىق تەھلىل قىلايلى، ھەزىم قىلايلى.
بەرىبىر تۈگەپتۇ مۇشۇنىڭ بىلەن.
uyghuray

2

تېما

49

دوست

9497

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   89.94%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3167
يازما سانى: 568
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 31
تۆھپە : 2969
توردىكى ۋاقتى: 677
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 16:53:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdulquddus تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-4-30 17:20  

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ئالدى بىلەن خەلقىمىزگە ئالەمشۇمۇل كاتتا ئەسەر تەييارلىغان مۆھتەرەم يۈسۈپجان ئېلى ئىسلامىگە جەنابىي ئاللاھ مىڭ مەرتىبە رەھمەت قىلغاي، ئامىن!
ئاندىن خەلقىمىزنىڭ مۇشۇنداق كاتتا ئەسەر بىلەن ئۇچرىشىشىغا پاك ئىمانى ، ئوتلۇق ۋىجدانى بىلەن كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتقان باغداش باشقۇرغۇچىلىرىغا ، جۈملىدىن مۆھتەرەم باشقۇرغۇچى قېرىندىشىم  bagdax1  گە ھەم جەنابىي ئاللاھ مىڭ مەرتىبە رەھمەت قىلغاي، ئامىين!
مەن يازمىنىڭ 3 بۆلىمىنى تۇلۇق كۆرۈپ چىقتىم. ئاپتورنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۈرئەت - جاسارىتىدىن ئالەمچە سۆيۈندۈم!
سانسىزلىغان پاكىت - دەلىللەر شۇ بىر يىمىرىلمەس ئۇلۇق ئىلمىي ھەقىقەتنى ناھايىتى تەسىرلىك ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى، بۇ دۇنيا ئەگەر بۇ دۇنيانىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئاللاھۇ تەئالانىڭ ئىنسانلارنىڭ ياشاش مىزانى ئۈچۈن چۈشۈرۈلگەن قانۇن - نىزامى ___ تەڭداشسىز ئۇلۇق ۋە نۇرلۇق قۇرئانى كەرىم يادرولىغىدىكى ئىسلامىي باشقۇرۇشنى قىبلىنامە قىلمايدىكەن، ئىنسانلار پالاكەت ۋە ھالاكەتتىن مۇتلىق قۇتۇلالمايدۇ. ئىسلام روھىنى خۇنۇكلەشتۈرۈش، ماھىيەتتە شۇنداق قىلغۇچىلارنىڭ نەقەدەر چىرىك ، بەد- بەشىرە ئىكەنلىگىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ناننىڭ ئوڭ - تەتۈرىنى بىلەلەيدىغانلىكى ئىنسان : «مەن كىم؟ قانداق يارالدىم؟ ياشاش غايەم نىمە بولىشى كېرەك؟ قانداق ياشىغاندا ھەقىقىي بەخت - پاراغەت ئىچىدە ئەبەدىي ياشاشقا قادىر بولالايمەن؟» دېگەننى ئويلىنىشى كېرك، شەيتانى شىرىن خىيالنىڭ  قۇل - مالايلىرى بولۇپ قېلىشىدىن نومۇس قىلىشى كېرەك!
ئاخىرىدا، مۆھتەرەم يازغۇچىدىن بۇ ئەسەرنىڭ چەتئەل ئوقۇرمەنلىرىگە كىتاپ شەكلىدە تەييارلاپ يەتكۈزىلىشىگە قارىتا پىلانى بارمىكىن، بىلگۈم كېلىۋاتىدۇ.
ھەر - بىرلىرىگە كۆپ رەھمەت!

6

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34753
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 17:23:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

6

تېما

5

دوست

1062

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   6.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34753
يازما سانى: 24
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 12
تۆھپە : 342
توردىكى ۋاقتى: 622
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-1
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 17:24:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كىتابنىڭ ئېلكىتاب نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭلار...

0

تېما

1

دوست

227

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   75.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34854
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 58
توردىكى ۋاقتى: 9
سائەت
ئاخىرقى: 2015-10-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-30 18:04:23 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )