- تىزىملاتقان
- 2014-1-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 2713
- نادىر
- 0
- يازما
- 112
ئۆسۈش
23.77%
|
ياسىنجان تاماشا 2015-05-14 94 ئىنكاس دۇنياغا داڭلىق ھىندىستان ئارتىسى ئامىرخانغا بۈگۈن شاڭخەيدە ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت كىتاپ سوۋغا قىلىندى
بوللىۋودنىڭ دۇنياغا داڭلىق كىنو ئارتىسى ، ھىندىستان كىنو ئۇستازى دەپ نام ئالغان ئامىرخان باش رول ئالغان ھازىر PK ھىندىستان ۋە يەرشارى بازىرىدا ئايرىم-ئايرىم بوللىۋود فىلىملىرىنىڭ كۆپ تۈرلۈك بېلەت كىرىمى رېكورتىنى بوزۇپ،يېڭىدىن رېكورت يارىتىۋاتقان بولۇپ، فىلىم ئىشلىگۈچى تەرەپ بۇ قېتىم جۇڭگو بازىرىنىڭ ئىنكاسىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.
2015-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى رېژىسسور راجكۇمار خىرانى ۋە باش رول ئامىرخان ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن دۆلىتىمىز جۇڭگوغا تۆت كۈنلۈك مەدەنىيەت تەشۋىقاتىنى باشلىغان بولۇپ ، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى تاراتقۇلارنىڭ قىزىق نوقتىسىغا ئايلانغان ئىدى.
5-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامىرخان بېيجىڭدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېلىپ بارغان ۋە بۈگۈن يەنى 13-چىسلا شاڭخەي شەھىرىدە تاراتقۇلار ۋە مەستانىلەر بىلەن كۆرۈشۈش پائالىيتى ئېلىپ بارغان.
بۈگۈن شاڭخەيدىكى ئۇچرىشىشتا شاڭخەي شەھىرىدىكى ھەرقايسى تاراتقۇلار ۋە مەستانىلەر قاتناشقان بولۇپ،شاڭخەي شەھىرىدە تورۇشلۇق ئۇيغۇر تاماششىبىنلارمۇ نەق مەيدان پائالىيتىگە قاتنىشىپ،ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو ئارتىسىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇر مەدەنىيتىگە ئائىت كىتاپلارنى سوۋغات قىلغان .
ئامىرخان بىلەن شاڭخەيدىكى تاراتقۇلار ئۇچرىشىشى ئىنتايىن قاينام تاشقىنلىق ئىچىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئامىرخان بۇ قېتىملىق سەپىرى ۋە كىنوسى ھەققىدە تاماششىبىنلار بىلەن قىزغىن سۆھبەتتە بولغان.
|
|