- تىزىملاتقان
- 2015-3-31
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1981
- نادىر
- 0
- يازما
- 124
ئۆسۈش
98.1%
|
جاسارىتىڭىزگە قايىلمەن.
ئەمما كۆرۈكتىن ئۆتۈپ باققان بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر نەچچە نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويغۇم بار:
ئامرېكا ھەرگىزمۇ بارلىق ساپالىق ئادەملەر يىغىلغان يەر ئەمەس، ساپالىق ئادەملەر ۋەتەندىمۇ بار، ئىلغار بىلىم ئىچكىردىمۇ بار. مەقسەتكە يېتىشنىڭ يۇلى پەقەت ئامرېكىغا چىقىش ئەمەس، سىزنىڭ مەقسىتىڭىزگە ھەتتا باشقا دۆلەتتىمۇ يەتكىلى بۇلىدۇ.
چەتجاسارىتىڭىزگە قايىلمەن.
ئەمما كۆرۈكتىن ئۆتۈپ باققان بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بىر نەچچە نەرسىنى ئەسكەرتىپ قويغۇم بار:
ئامرېكا ھەرگىزمۇ بارلىق ساپالىق ئادەملەر يىغىلغان يەر ئەمەس، ساپالىق ئادەملەر ۋەتەندىمۇ بار، ئىلغار بىلىم ئىچكىردىمۇ بار. مەقسەتكە يېتىشنىڭ يۇلى پەقەت ئامرېكىغا چىقىش ئەمەس، سىزنىڭ مەقسىتىڭىزگە ھەتتا باشقا دۆلەتتىمۇ يەتكىلى بۇلىدۇ.
چەتئەلگە چىقىپلا ساپالىق بۇلۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. چەتئەلدە ۋەتەندىكىدەك ئۆگۈنۈش قىلىدىغان ۋاقىت كۆپ بولمايدۇ، ئاۋال پروففېسورنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ، خەتلىرىنى ئوقۇپ چۈشەنگىدەك بولغىچە بىرەر مەۋسۇم ئۆتىدۇ(ئىنگىلىزچىڭىز ياخشى بولسىمۇ) ، مۇھىتقا، تاماققا كۆنۈپ بولالماي ، ئىقتىسادى مەسىللەرنى ھەل قىلىپ بولالماي نۇرغۇن زىھنىڭىز ئىسراپ بۇلىدۇ.
بىر ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇستا ئاشپەز بۇلۇپ كېتىسىز، ئۆي تازلاش، ئائىلە ئۈسكىنىلىرىنى رىمۇنت قىلىشنى، ئاددى توكچىلىقنى ئۈگۈنىسىز. چاماداننى سۆرەپ كوچىمۇ كوچا يۈرۈپ ئەرزان ئۆي ئىزدەشكىمۇ كۆنۈپ كېتىسىز، بەزىدە پۇل يوق ئاچ قالىدىغان ئىش بۇلىدۇ، مەينەت ئۆيلەردىمۇ يېتىشنى ئۆگۈنىسىز....
2-3 يىلدىن كېيىن ئاستا ئاستا يەرلىك بالىلار بىلەن دوست بۇلىسىز، ئەمما ئۇ يەرنىڭ مۇھىتىغا سىڭىپ كرەلىشىڭىز ناتايىن، سىز ئۇيەردە بەرىبىر يۇچۇن بىر ئادەم، بىر چەتئەللىك، بەزىدە يەكلىنىسىز. ئۆگۈنۈشتە ساۋاقداشلىرىڭىزنى بېسىپ چۈشۈش ناھايتى تەسكە توختايدۇ، توي قىلمىغان بولسىڭىز يېشىىز چوڭىيىپ سىز ياخشى كۆرگەن قىز باشقا بىرى بىلەن توي قىلىپ كېتىشى مۇمكىن... مېنىڭ ھەتتا ئاتا ئانام تۈگەپ كېتىپمۇ قىيىنچىلىقلار تۈپەيلى قايتالمىغان...ئوغۇل بالىنىڭ بېشىغا كىلىدۇ، دەپ قويىمەن،يۇ، قولغا كەلتۈرمەكچى بولغانلىرىم يۇقاتقانلىرىمغا قارىغاندا ئەرزىمدۇ،دەپ كۈندە نەچچە قېتىم ئۆزۈمگە سۇئال قويىمەن.
ئەڭ مۇھىمى ئىقتىساد مەسلىسى، ئائىلىڭىزنىڭ پۇلى كۆپ بولسا ئۇلارنىڭ سېلىقى ئېشىپ مېڭىۋېرىدۇ. ئۇنداق بولمىسا ئىشلەپ پۇل تېپىش كېرەك، بەزىدە ھەتتا مەينەت ئاشخانىلاردا تەخسە يۇيۇش پۇرسىتى كېلىپ قېلىشى مۇمكىن بۇ جەرياندا پاختىدەك بىرى بولسىڭىز تۆمۈردەك بىرىگە ئايلىنىشىڭىز ، بەرداشلىق بېرەلمىسىڭىز كەشىڭىزنى ۋەتەنگە توغۇرلايسىز، ئوقۇش پۈتكۈزۈپ قايتىمەن دەپ ئويلىسىڭىز، ھازىر ئامرېكىدىن قايتقان ياشلارنىڭ نىمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىغا قاراپ بېقىپ ئۆز كەلگۈسىڭىزنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، .... مەنغۇ شۇ يەرگە بېرىپلا ئالسام ئچلىقتىن ئۆلۈپ قالمىساملا بىر كۈنى تىگىشىشلىك بىر ئورۇنغا ئېرىشىمەن،دەيتىم، ئەمما يۇقاتقانلىرىم بەك كۆپ بۇلۇپ كەتتى... ھەقىقەتەن....
بەك جىق سۆزلىگىم بار ئىدى، ئەمما ۋاقتىم قىستاپ قالدى...ئويلىنىپ كۆرۈڭ، ئلدىرماي قارار قىلىڭ... |
|