گۈلەن مۇئەللىم تەشەببۇس قىلغان ئۆزگىرىش مارشى ۋە ئەگەشكۈچىلەر قىزغىنلىقى
ھەممىزگە مەلۇم بولغىنىدەك تۆتىنجى ئاينىڭ ئاخىرىدا مىھنەتكەش ۋە تۆھپىكار ئۇستازىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ(گۈلەن) ئەپەندى مۇنبەر ئەھلىنى <<ئۆزگۈرۈش مارشى>>بىلەن ئۆزىدىكى ھەرخىل ئىللەتلەرنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرغان ئىدى......
مۇنبەردىكى دوستلارمۇ ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن ئاۋاز قوشقان، ئەنە شۇ قىزغىن كىشلىرىمىزنىڭ بىر ئەزاسى بولغان كەمىنە (ئەممار) دىن مۇنبەرداشلارغا سالام (ئۇستازغا ھۆرمىتىمىزنى ۋە تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈرىمەن)............بىزنىڭ ئالقىشىمىزغا ئېرىشكەن ئۆزگىرىش مارشى ئاددى ھالەتتە تۇرمۇش جەھەتتىكى ئوخشىمغان بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈش بوپلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە ئۇنى قوغداش مارشى ئىدى.(چۈنكى ھەركىمنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا،خۇلقىدا بولىدۇ)بىزنىڭ ھاياتىمىزدا ئىززەت غۇرۇرغا بولغان ئىھتىياجمىز يوقاپ كەتمىگەنگە ئوخشاش ، ئۆزگىرىش، تاكامۇللىشىشقا بولغان ئىھتىياجىمىزمۇ يوقىمايدۇ ئەلۋەتتە! شۇ سەۋەپتىن ئۆزگىرىش مارشى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مارشى بولشى كېرەك، ھەممىمىزنىڭ ئورتاق ئەمەلىيىتى بولشى كېرك!(ئىززەتكە ئىھتىياجى يوقلار بۇنىڭ سىرتىدا ئەلۋەتتە) ئۆزگىرىش مارشىدا جاپاكەش ئۇستازىمىز<<.مەن سىزگە يازمىلىرىمنى ھەدىيە قىلدىم .سىز ماڭغا ئېرىشكەن نەتىجىلىرىڭىزنىڭ خۇش خەۋىرىنى ھەدىيە قىلىڭ.شۇنداق كىلىشتۇق ئەمىسە،ۋەدىمىز ۋەدە!!!>> دىگەندەك سەمىمى تىلىكى بىلەن بىزدىن خوش خەۋەر كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتقان ، شۇڭا ئۈزۈمنىڭ ئادديىغىنە <<نەتىجەمنى>> مۇنبەرداشلارغا سۆزلەش بىلەن بىرگە مۇنبەرداشلارنى يەنە داۋاملىق<< مارىشقا دەسسەپ >>ئىلگىرلەشكە ئۈندىگۈم كەلدى. [ئادەم ھاياتىنىڭ سەلتەنەتلىك بولشى قانداقتۇر بىر پاساھاتلىك سۆزلەرگە ۋەياكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان زىبۇ-زىننەتكە باغلىق بوپ قالمىغىندەك ، ھاياتنىڭ قىممىتى ھەم مۇئەييەن بىر پەللىگە يېتشنى شەرىت قىلمايدۇ. (چۈنكى بىز پەقەت گۈزەل سەۋەپنىلا قىلىشقا قادىر، نەتىجە ئاللاھتىندۇر)
شۇ سەۋەپتىن شۇنچە دوكتۇر ، پىراپىسورلار تەتقىقاچچىلار بار بۇ سورۇندا ھېچبىر ئۇنۋانى ۋە نەتىجىسى بولمىغان ئۆزۈمنىڭ ئاددى بىر تىرىشچانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارتۇقچە بولمىسا كىرەك دەپ ئويلىدىم. ]
بىز ھەممىمىز ھەركۈنى دىگۈدەك نۇرغۇنلىغان ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچرىشىمىز، ھەتتا دۇنيانى زىلزىلىگە كەلتۈرىدىغان ھىكمەتلەر قۇلاقلىرىمىزنى ئاغرىتىپ تۇرۇپ ئۈندىدارلار غا كېلىپ بىز بىلەن يۈز كۆرشىدۇ.....ئەمما بىز قانداق ئىنكاس قايتۇردۇق؟ قانداق ئىنكاس قايتۇرشىمىز لازىم ئىدى؟ جاۋاپ برىش ھاجەتسىزكى بىزلەر ئۇنى تۇتىۋېلىشقا ھەتتا تولۇق يادلىۋىلىشقا ئورۇندۇق....چۈنكى بىزلەر ئۇنىڭدىن تەسىرلەنگەن، چۈنكى نۇرغۇن مەشھۇر كىشىلەر ئەنە شۇ ئاددى ھىكمەت بىلەن مەشھۇر بولغان....
ئەمما ئەپسۇسلىنشقا مەجبۇر مىزكى قولىدا تىلفۇن بارلارنىڭ ھەممىسىدە دىگۈدەك مېڭىسىدە بىرتالاي يېڭى-يېڭى <<ھېكمەت>> لەر رەت -رەت تىزىلماقتا....لېكىن بەللىرى بارغانچە مۈكچىيىپ ، كۆزلەر تورلاشماقتا...كۆزلەر شۇ قەدەر تورلاشتىكى تىلفۇندىن <<ھىكمەت>> قېزىپ چارچىغان كۆزلەر ئەتىگىنى سائەت 12 بولمىغۇچە كۈننى كۆرەلمەيدۇ ، كەچ سائەت بىر-ئىككىلەردە قاراڭغۇ چۈشكىنىنى مىڭ تەستە بايقاپ ئاران يۇمىلىدۇ .....ئەجىبا ئۇ كۆزلەر <<ھىكمەت>>لەر باغچىسىدا سەيلە قىلىپ تالغان ئەمەسمىدى؟
ئەسلىدە ئۇ <<كۆز>>لەر شۇنچە ئېسىل ھىكمەتلەرنى ئەقىل بىلەن تەپەككۇر قىلماي ھاياجان بىلەن نامايىش قىلىشقا بەنىت ئىدى! تالايلىغان ھىكمەتلەرگە تويۇنغان مېڭە ئېرىشكەن ئۇچۇرلارنى ئەقىل -ئىدراك بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ، ئۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىشقا، شۇ ئىلھام ئاساسىدا بىر ئىرادە تۇرغۇشقا،شۇنداقلا ئۇ كىشىنى بىر نىشان ئۈچۈن كۆرەش قىلدۇرۇشقا شۇنچە چارىسىز ئىدىكى ،(چۈنكى) ئۇ مېڭە شۇ ئىنسان ئۈچۈن قوماندانلىق مەركىزى ئەمەس،بەلكى بىر سانلىق-مەلۇمات ئامبىرى ئىدى خالاس......... خوش ! <<بوياق بىلەن بويىغۇچە تېشىڭنى ، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى>> دىگەن سۆزنى بىلمەيدىغان دوسلار يوق ، ئەمما شۇنى قىلغانلار قانچىلىك؟پەخىرلىنىپ تۇرۇپ شۇنداق دىيەلەيمەنكى مەن شۇنداق قىلدىم! 4-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئۇستازىمىزنىڭ چاقىرقىغا ئاۋاز قوشۇپ بىر خىل ساغلام تۇرمۇش ئادىتى يىتىلدۈرۈشكە بەل باغلاپ كىتاپ ئوقۇشنى چوقۇم داۋاملاشتۇرۇشنى ئويلىدۇم(ئۇزۇندىن بېرى كۈندە ئون بەت كىتاپ ئوقۇشنى پىلانلاپ تازا ئەمەلىلىشىپ بولالمىغان ) كىتاپلارنى كۆتۈرۈپ يۈرۈش ئەپسىز بولغاچقا سىرىتلاردا پارچە-پۇرات ۋاقىتلار بىكار كىتەتتى، شۇ نداق بىر ۋاقىتتا بىر دوستۇم ئامازوننىڭ كىندىل كىتاپچىسىنى kindle paperwhite تەۋسىيە قىلدى . بۇ نەرسە خېلى قىممەت بولغاچقا(499،899) بىر ئاز ئويلىنىپ قالدىم ، شۇ كۈنلەردە بىرەر قۇر يارىشىملىق كىيىم ئېلىپ كېيىشنى ئويلىشىۋاتاتتىم ، قولۇمدا كۆپ پۇل بولمىغاچقا بىرىنى ئالسام يەنە بىرنى ئالالمايتىم(ھەتتا بىرنى ئالساممۇ مەلۇم مىقداردا قىسىلاتتىم) شۇنداق ھالەتتە كاللا مدىكى قاتتق <<ئۇرۇشلارنى>> كەسكىن بىر تەرەپ قىلىپ كىتاپچە ئالدىم(قىممىتىنىڭ ئىقتىدارى ياخشى بولغاچقا شۇنى ئالدىم) بىزدەك ياش بالىلار ئۈچۈن <<سۈپەت>>نىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىمسەممۇ بولار .... كىتاپچىنى ئالغاندىن كېيىن دەرۋەقە كۈنىگە ئوتتۇرا ھىساپ بىلەن 25-30 بەت كىتاپ ئوقۇپ كېلىۋاتىمەن....بۇ جەرياندىكى خۇشاللىقىمنى (كىتاپتىن كەلگەن) سۆزلەشنىڭ ئورنىغا باشقىلار بىر ئىككى بەت ئوقۇشقا ئاران تاقەت قىلالايدىغان (جۈملىلەر تەكرار بولغاچقا ،دەماللىققا ھەممىسى ئوخشاش بىر گەپتەك بىلىنگەچكە) بىر نەچچە توملۇق چوڭ ھەجىمدىكى كىتاپتىنمۇ شۇنچە زوق ئالىدىغان بوپ قالغىنىمنى ئېيتىپ بەرسەم كۇپايە بولار....
ھەقىقەتەن ئۆزى كىتاپ ئوقۇپ ئۆزىنى تەربىيلەشتەك كۆڭۈللۈك ئىش يوقكەن .... مانا بۇنى گۈلەن ئۇستازغا خوشخەۋەر سۈپتىدە يوللىدىم....... گەرچە گۈلەن ئۇستاز مۇنبەردە داۋاملىق يازما يوللاپ ئۆزگۈرشىمىزگە يىتەكچىلىك قىلىپ بولالمىسىمۇ (بىر ئائىلىنىڭ يۈكى زىممىسىدە بولغاندىكىن توغرا چۈشىنىمىز ، ۋە يەنە رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز ) ئۈزگۈرۈشكە يەنە مۇھتاجمىز......
ئاللاھ بىزنى قۇرئان بىلەن شەرەپلەندۈرگەن [(قۇرئان ساڭا ۋە قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە(ئۇلۇغ)شەرەپتۇر،سىلەركەلگۈسىدە( بۇ نېئمەت ئۈستىدە) سورىلسىلەر)]<سۈرە زۇخرۇق 44-ئايەت> ئۇلۇغ ئاي رامىزاننىڭ بۇسۇغىسىدا تۇرۇپتىمىز. ھەر بىر مۇسۇلمانغا ئايدىڭ بولغىنىدەك رۇزا تۇتۇش ئاددىلا قۇرساقنى ئاچ قويۇش ئەمەس، بەلكى روھنى پاكلاش، تىلنى يىغىش ، قولنى يامان ئىشتىن يىغىش... قاتارلىق نۇرغۇن ھىكمەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىلاھى ئۆزگۈرۈش كۇرسى....
بىر ئادەتنى يېتىلدۈرۈشكە 30 كۈن يېتەرلىك بولغىنىدەك ئۇلۇغ رامىزان ھەم بىز ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى ئادەتلەرنى يېتىلدۈرۈشكە يىتەرلىكتۇر! شۇڭا قېرىنداشلارنىڭ مۇشۇ ئۇلۇغ كۈنلەرنىڭ ھۆرمىتى بىلەن يامان ئادەتلەرنى تاشلاپ گۇناھلاردىن پاكلانغان ھالدا رامىزاننى ئۇزۇتۇشقا مۇيەسسەر بولشىغا تىلەكداشمەن! بولۇپمۇ ھاراق-تاماكا خۇمارى بار لار بەلكىم ئازراق كۈچىسىلا بۇ پاسكىنا نەرسىلەرنىڭ قۇللىقىدىن ئەركىنلىككە چىقىشى ، شۇنداقلا ئاتا-ئانسىنى ، ئايال-باللىرىنى خۇشال قىلىشى مۇمكىن(رامىزاندا شەيتانلار باغلىندىغان بولغاچقا ياخشى ئادەت يېتلدۈرۈشكە ئەڭ پايدىلىق ). ئەزىز قېرىنداشلىرىم بۇ بىر چاقىرىق بوپ قالسۇن ئۇلۇغ ئاينىڭ ھۆرمىتىنى ھەرجايدا قىلايلى...بەلكىم ھەممىمىز تىرىشساق رىئال تۇرمۇشىىمزدا ھەم مانا بۇ تور دۇنياسىدا ھەم ياخشى ساپا ،گۈزەل ئەخلاق بىلەن ياشاپ ئۆزئارا مىھىر-مۇھاببەت يەتكۈزۈپ ئاللاھنىڭ رىزاسىغا ئىرشەرمىز ، ئىنشا ئاللاھ تورلاردىكى ئۇرۇنسىز سۆكۈش ،غەيۋەت ۋە ئىختىلاپمۇ پەسىيىپ قالغۇسى. بۇ ئۇلۇغ كۈنگە ئۇلىشالىغان قېرىنداشلارنى شۇ ئۇلۇغ نېئمەتنى ھەقىقى قەدىرلەپ ئويغاق قەلبى بىلەن ياشاشقا چاقىرىپ قېرىندىشىڭلار ئەييۇب (ئەممار)
|