- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 16418
- نادىر
- 2
- يازما
- 707
ئۆسۈش
16.05%
|
1. دادا بالىغا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى بىلدۈرۈپ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىشى، بالىغا ھەر جەھەتتىن غەمخورلۇق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى يىتەكلىشى لازىم.
2. بالا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە ئەستايىدىل جاۋاپ بېرىشى لازىم. بۇ دادىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىنى يۇقىرلىتىپلا قالماستىن، بەلكى بالىنىڭ تەپەككۈرىنى بېيىتىدۇ.
3. ئايالى بالىغا تەربىيە بەرگەندە، گەرچە ئۇسۇلى خاتا بولسىمۇ،بالىنىڭ ئالدىدا ئايالىنى تەنقىدلىمەسلىكى لازىم. دادا ئۆزىنى يۇقۇرى ئورۇنغا قويۇپ، ئايالىنى كەمسىتمەسلىكى، ئانىنىڭ بالا قەلبىدىكى ئورنىغا داغ تەككۈزمەسلىكى لازىم.
4. دادا ئۆزىنىڭ ياخشى نەتىجىسى بىلەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولىشى لازىم.
5. بالا ئالدىدا خىزمەتداشلىرىنىڭ كەمچىلىكىنى سۆزلىمەسلىكى،خىزمەتتىكى كۆڭۈلسىزلىكتىن كەلگەن ئاچچىقىنى ئائىلىدىن ياكى بالىدىن چىقارماسلىقى لازىم.
6. بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنى، خاتىرە كۈنلىرىدە سوۋغات ئېلىپ بېرىشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى لازىم.
7. بالا مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن قەرەللىك ھالدا پارچە پۇل بېرىپ، بالىنىڭ توغرا، مۇستەقىل خەجلەپ بېقىشىغا قويۇپ بېرىشى لازىم.
8. دادا ئائىلىدە بىر ئائىلە كىشىلىرى بىرگە ئۆگۈنىدىغان ياخشى مۇھىتنى يارىتىشى، ئائىلىدە كىچىك كۈتۈپخانا تەسىس قىلىشى لازىم.
9.بالىنى قىزىقىشىغا يارىشا يېتەكلىشى، ئۆز خاھىشىنى، كۆز قارىشىنى بالىغا تاڭماسلىقى لازىم.
10. بالىنىڭ بىر كۈنلۈك پائالىيىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تەرتىپلىك ياشاشقا ئىلھاملاندۇرىشى لازىم.
مەنبە : تېلىۋېزىيە گېزىتى |
|