- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
ئىنكاس تۆت خىل بولىدۇ .
1.سەۋىيىلىك ئىنكاس
2.سۆزمەنلەر ئىنكاسى
3.مەخسۇس ئىنكاس
4.ئىنكاس كۆچۈرۈلمىسى ياكى ئىنكاس بەھىرلىنىش
ھەرقانداق مۇنازىرە مۇشۇ تۆت خىل ئىنكاس قۇرۇلمىسىدىن مۇستەسنا ئەمەس .
بىز مۇنبەر مۇنازىرىسىدە قايسى ئىنكاسلار كۆڭۈل بۆلۈش ياكى قايسى ئىنكاسلارنى دىققەت نەزىرىمىزدىن خالى قىلىش كىرەك دىگەن ئىدىيە ئىنىق بولسىلا .مۇنبەر مۇنازىرە ئەخلاقى ئۆز قېممىتىنى ساقلاپ قالىدۇ .
سەۋىيىلىك ئىنكاس -بىزنىڭ مۇنازىرىسىز ئىنكاسىمىز بولۇپ ،سەۋىيىلىك كىشى ئەگەر رەدىيە بەرمەكچى بولسا ئىلمىي ئۇسۇلدا رەدىيە بىرىدۇ .مۇشۇنىڭغا دىققەت قىلىشىمىز ياخشى تاللاش بولىدۇ .
سۆزمەنلەر ئىنكاسى -ئەگەر سىزنىڭ سۆز قۇۋىتىڭىز بولسا ،ئىنكاسلىشىڭ .لىكىن ،دەيدىغىنىم بۇنداق ئىنكاسلاردا سۆز ئوينىتىش ئاساسلىق ئىپادە ئۇسۇلى قىلىنغان بولىدۇ .سىزگە بەدىئى ياكى رىئال مۇنبەر بىلىمى يەتكۈزمەيدۇ .
مەخسۇس ئىنكاس -بۇنداق ئىنكاسلار مەلۇم كەسىپچانلىققا ،ئىدىيەچانلىققا ئېگە .سەلبى مەخسۇس ئىنكاس بولسا ،باشقىلار ئاق دىگەننى قارا دەپ باقىدىغان ،ئىلىمىي پاكىتقا گۇماندارلىق لوگىكا تەپەككۈرىنى مەجبۇرى تاڭىدىغان ئىنكاسلار .بۇنىڭغا قورساقتىكى ئوماچقا قاراپ مۇئامىلە قىلىڭ !
ئىنكاس كۆچۈرۈلمىسى ياكى ئىنكاس بەھىرلىنىش -بۇنداق ئىنكاسچىلار مەخسۇس مۇنبەرچىلار بولۇپ ،ئۇ مۇنبەردىكى زىدىيەتلىك ياكى ئوت-قۇيرۇقلۇق پىلتىسى ،سەۋىيىلىك ئىنكاسلار كۆچۈرۈپ ،بۇ مۇنبەرگە تېز يوللانما قىلىپ كىلىدىغان ئىنكاس .بۇنىڭغا ئاساسەن مەدىنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن ياكى نام-شۆھرەتكە ھىرىسمەن مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ ئىنكاس ئۇسۇلى .تەۋسىيەرىم بولسا .بۇنداق ئىنكاس ھەم ئىنكاسچىلارغا دىققەت نەزىرىڭلارنى ئۇپراتماڭلار ... |
|