- تىزىملاتقان
- 2015-2-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-29
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1713
- نادىر
- 0
- يازما
- 51
ئۆسۈش
71.3%
|
نوپۇس كۆپىيىشىنىڭ ۋە ئازىيىشىنىڭ ئۆزىگە خاس قانۇنىيىتى بولىدۇ، نورمال ئەھۋالدا، جەمئىيەت تۈزۈمى نىسبەتەن ئادىل (كۆپ سانلىق قۇبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە،خۇددى دەۋرىمىزدەك)، ھاكىمىيەت مۇقىم، ئۇرۇش، تەبىئى ئاپەت، يۇقۇملۇق كېسەلدىن خالى جەمئىيەتنىڭ نوپۇسى سىجىل ئاشىدۇ، ئەمما ، نوپۇس ئېشىشنىڭ بىر يۇقىرى چېكى بولىدۇ، چەكلىمىسىز ئېشىۋەرمەيدۇ،بۇ دەل شۇ مەزكۇر رايۇننىڭ نۇپۇس بېقىش يۇقىرى چېكىدۇر. بۇ چەك زېمىن كۆلىمى، يەر شەكلى، سۇبايلىقى، تېرىلغۇ مەيدانى، كېلىمات،ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى،ساقلىق ساقلاش ئىقتىدارى قاتارلىق كۆپ ئامىللارغا مۇناسىۋەتلىك ،ئەمما بۇلارمۇ بەزى چاغلاردا مۇتلەق ھەل قىلغۇچ سەۋەب بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن،مەسىلەن ،ئوخشاش بىر رايۇندا ياشىغۇچى ئىككى مىللەتنىڭ نوپۇس قارىشى يەنى نوپۇس مەدىنىيىتى ئوخشىمىسا ، نوپۇس كۆپىيىش سۈرئىتىدىمۇ روشەن پەرق بولىشى مومكىن، مەسىلەن، گىرمانىيىدىكى نىمىسلار بىلەن تۈركلەر دىگەندەك، يەنە مەسىلەن ، دۆلەت سىياسىتى ئامىلى ،بەزى دۆلەتلەردە بىر قىسىم ھاكىمىيەتلەر بەزى دەۋرلەدە نوپۇس كۆپەيتىشنى مەقسەتلىك ھالدا مۇھىم سىتىراتىگىيىلىك نىشان قىلىدۇ، كۆپ تۇققۇچىلار ئېتىباردىن بەھرىمەن بولالايدۇ.مەسىلەن سوۋىت ئىتتىپاقى،ھازىرقى رۇسىيە.
بىر قىسىم مەدەنىيەتلەردە ‹ئادەم كۆپ بولسا، كۈچ زور بولىدۇ› دەيدىغان قاراش ئىنتايىن ئومۇملاشقان بولغاچقا ، نوپۇسى تارىختىن بۇيان ئىزچىل ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان ھالەتتە بولىدۇ، مەيلى مۇنقەرلىك،مەيلى ئاچارچىلىق بولارنىڭ كۆپىيىشىگە توسالغۇ بولالمايدۇ.
مەزكۇر تېما ياخشى تېمىكەن ،بىزنى جۇڭگو تارىخىدىكى 15 قېتىملىق نوپۇس ئازلاش ۋەقەسى توغرىسىدىكى سانلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتتى، ئەمما بىرقىسىم سانلارنى ئېنىق بىر نەرسە دىگىلى بولماسلىقى مۇمكىن، چۇنكى ،جۇڭگولۇقلارنىڭ مىجەزى ئېھتىياتچان كېلىدۇ ، يۈەن، مەنچىڭ دىگەندەك يات ھاكىمىيەتلەر بېسىپ كىرگەندە يىراقلارغا ئۆزىنى ئەپقاچقانلارنى، تاغلارغا ،ئورمانلارغا بىكىنىۋېلىپ ، ھاكىمىيەت قىرغىنىدىن ساقلانغانلارنى يوق دىگىلى بولمايدۇ، بۇنداقلار يات ھاكىمىيەتلەرنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە نوپۇس ئېنىقلاشقا تەسىر كۆرسەتسە، جاھان تىنچلانغاندا توشمۇ-توشتىن قايتىپ كېلىشىپ، نوپۇس‹‹ تىز كۆپەيگەن››بىرخىل ساختا گۈللەنگەن دەۋرنى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ. |
|