- تىزىملاتقان
- 2015-1-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4569
- نادىر
- 0
- يازما
- 394
ئۆسۈش
85.63%
|
بۇ 15 قېتىملىق ۋەقەنى نوپۇسنىڭ يوقىلىش نىسبىتى بويىچە تەرجىمە قىلدىم .
1. 156-يىلىدىكى نوپۇس 50 مىليون 700 مىڭ ، سېرىق ياغلىقلىقلار قوزغىلىڭى ۋە ئۈچ پادىشاھلىق قالايمىقانچىلىقىنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ۋە 208-يىلىدىكى چىبى ئۇرۇشى بولغاندىن كېيىن نوپۇس 1 مىليون 400 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ، 221-يىلىغا كەلگەندە 900 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ( جۇڭگو تارىخىدا نوپۇس خاتىرلەش باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە جۇڭگو نوپۇسى بىر مىليونغا يەتمىگەن بىردىنبىر مەزگىل ) ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 98.3 پىرسەنتى يوقالغان ، دالىلارنى سۆڭەكلەر قاپلىغان ، مىڭ چاقىرىم مېڭىپ توخۇ چىللىغىنىنى ئاڭلىغىلى بولمىغان دېگەن ئىبارە شۇنىڭدىن كەلگەن ، بۇ نوپۇس 265-يىلىغا كەلگەندە ئاران 7 مىليون 670 مىڭغا يەتكەن .
2.جىن ۋە يۈەن سۇلالىلىرىنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي سۇڭ سۇلالىلىرىنى مۇنقەرىز قىلىش جەريانى . 1122-يىلىدىكى نوپۇس 93 مىليون 470 مىڭ ، يۈەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى 1274-يىلىغا بارغاندا نوپۇس 8 مىليون 870 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 91 پىرسەنتى يوقالغان . بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىمالىي جۇڭگودا نۇرغۇنلىغان ئادەمسىز رايون شەكىللىنىپ قالغان .
3.لىزىچېڭ قوزغىلىڭىدىن تارتىپ ۋۇسەنگۈينىڭ مەغلۇبىيىتىگىچە بولغان 54 يىل . مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى نوپۇس 100 مىليون ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ شۈنجى دەۋرىگە كەلگەندە نوپۇس 14 مىليونغا چۈشۈپ قېلىپ ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى يوقالغان .
4.غەربىي جىن سۈلالىسى ( ئۈچ پادىشاھلىقتىن كېيىنكى سۇلالە ) دەۋرىدىكى سەككىز شاھزادە يېغلىقىدىن كېيىن ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ يەنە 80 پىرسەنتى يوقالغان .
5.تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى ۋە بەش سۇلالە دەۋرىدىكى جەمئىي 80 يىل ۋاقىت . بۇ سەكسەن يىلدا جۇڭگودا جەمئىي 58 پادىشاھ ئۆتكەن بولۇپ ، ئۆز ئەجلى بىلەن ئۆلگىنى پەقەت 16 . تاڭ پادىشاھى ۋۇزۇڭ دەۋرىدىكى ( 845-يىلى ) نوپۇس 4 مىليون 960 مىڭ تۈتۈن ، كېيىنكى جۇ پادىشاھى شىزۇڭ دەۋرىگە ( 960-يىلى ) كەلگەندە 1 مىليون 200مىڭ تۈتۈنگە چۈشۈپ قالغان ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 76 پىرسەنتى يوقالغان ، بۇ نوپۇس سۇڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدە ئاندىن 2 مىليون تۈتۈنگە كۆپەيگەن .
6.يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى ۋە مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى خۇڭۋۇ ، يۇڭلې زامانى . يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشىدا ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 75 پىرسەنتى يوقالغان .
7.سۈي سۇلالىسىدىكى 24 يىل . ياڭ گۇاڭ ( سۈي ياڭدى ) دادىسى ياڭ جيەن ( سۈي ۋېندى ) ۋە ئاكىسى ياڭ يۇڭنى ئۆلتۈرۈپ ھوقۇقنى تارتىۋالغاندىن كېيىن لوياڭ ئوردىسىنى تۈزەشكە ھەر يىلى 2 مىليون ئادەمنى ئىشلەتكەن ، قانال قازغاندا دۆلەتتىكى 15 ياشتىن 50 ياشقىچە بولغان بارلىق ئەرلەرنى ئىشلەتكەن ، ئەرلەر يېتىشمىسە ئاياللارنى تولۇقلىغان ، ئىشلىتىلگەن ئادەم 5 مىليون 430 مىڭغا يەتكەن ، بۇلارنىڭ يېرىمى شۇ جەرياندا ئۆلگەن . 611-يىلىدىن 628-يىلىغىچە 18 يىل جەرياندا دۆلەتتىكى تۈتۈن سانى 8 مىليون 900 مىڭدىن 2 مىليون 900 مىڭ تۈتۈنگە ، نوپۇس 606-يىلىدىكى 46 مىليون 20 مىڭدىن 639-يىلى 12 مىليون 350 مىڭغا چۈشۈپ كەتكەن ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 73 پىرسەنتى يوقالغان .
8.چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى دېھقانلار ئۇرۇشى . چىن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 209-يىلى ) نوپۇس 20 مىليون بولۇپ خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىگە كەلگەندە ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 195-يىلى ) ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 70 پىرسەنتى يوقالغان .
9.ئۆڭلۈك سۆيگۈن توپىلىڭى . 755-يىلىدىكى نوپۇس 52 مىليون 920 مىڭ ، توپىلاڭنىڭ 6-يىلى نوپۇس 16 مىليون 990 مىڭغا چۈشۈپ قالغان ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 68 پىرسەنتى يوقالغان .
10.2-يىلىدىكى نوپۇس 59 مىليون 590 مىڭ بولۇپ ، غەربىي خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى قالايمىقانچىلىقتىن ئۆتۈپ ، شەرقىي خەن سۇلالىسىنىڭ دەسلىپىدىكى 57-يىلىغا كەلگەندە 21 مىليون نوپۇس قالغان ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 65 پىرسەنتى يوقالغان .
11.شەرقىي جىن سۇلالىسىدىكى ئىچكى قالايمىقانچىلىق ۋە جەنۇبىي شىمالىي سۇلالىلەر دەۋرىدىكى قالايمىقانچىلىق . شىمالىي سۇلالىلەردىن چى سۇلالىسىنىڭ نوپۇسى 20 مىليون بولۇپ ، جۇ سۇلالىسىگە كەلگەندە 9 مىليون نوپۇس قالغان ، جەنۇبىي سۇلالىلەردىن سۇڭ سۇلالىسىنىڭ نوپۇسى 4 مىليون 690 مىڭ بولۇپ ، چېن سۇلالىسى مۇنقەرىز بولغاندا 2 مىليون نوپۇس قالغان ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 60 پىرسەنتى يوقالغان .
12.خەنۋۇدىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى . مىلادىدىن بۇرۇنقى 140-يىلىدىكى نوپۇستىن خەنۋۇدى ئۆلگەندە ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 87-يىلى ) ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 50 پىرسەنتى قالغان .13.تەيپىڭ تيەنگو قوزغىلىڭى . 1851-يىلىدىكى نوپۇس 430 مىليون بولۇپ 1864-يىلىغا كەلگەندە 230 مىليون نوپۇس قېلىپ 200 مىليون نوپۇس يوقالغان ( 40 مىليون نوپۇس ئۇرۇشتا ئۆلگەن ) ، 1911-يىلىغا كەلگەندە بۇ نوپۇس قايتىدىن 340 مىليونغا چىققان .
14.چىڭ سۇلالىسىدىكى بەيليەنجياۋ قوزغىلىڭى . 1786-يىلىدىكى نوپۇس 391 مىليون 100 مىڭ بولۇپ ، قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندا ( 1805-يىلى ) 275 مىليون 660مىڭ نوپۇس قالغان ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 28 پىرسەنتى يوقالغان .
15.ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا جۇڭگولۇق 18 مىليون ئادەم ئۆلگەن بولۇپ ، ئەسلىدىكى نوپۇسنىڭ 3.86 پىرسەنتى يوقالغان .
|
|