- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
87.9%
|
ئۇمۇن
كۆپ سانلىق كىشىنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشكەن قارارنىڭ ھەممىسلا توغرا بولۇشى ناتايىن.پۈتكۈل جەمئىيەت قوبۇل قىلغان بەزى قارارلار ۋە تۈزۈملەر ئېزىلىش ۋە زۇلۇمغا سەۋەب بولۇشى تامامەن مۇمكىن.ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى قاتمال تۈزۈلمىلەر ۋە زامانىۋىلىققا زىت ئىدىيەلەر ھەمىشە جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى توسۇپ قويىدۇ.بەزى قاتمال ئىدىيەلەرنىڭ ۋە ئەخلاقسىزلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ جەمئىيىتىمىزدە ئىنتايىن نورمال قارىلىپ كېلىۋاتقانلىقى كۈلتۈرىمىزدىكى ئېچىنىشلىق بىر ئەھۋال.شۇ بىر قاتار ئەخلاقسىز ۋە ياۋايى قىلىقلارنىڭ ئىچىدە ئاياللارغا بولغان كەمسىتىش ۋە ئاياللارغا بولغان ھوقۇقى ئېزىش دىققىتىمىزنى ئالاھىدە تارتىدىغان مەۋجۇت بىر ھادىسە.
ئەر ۋە ئايالدىن ئىبارەت ئىككى جىنسنىڭ بىيولوگىيەلىك پەرقى تېمىمىزنىڭ مۇھاكىمە نۇقتىسى ئەمەس.ئاياللارنىڭ سىياسىي،مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلىرىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى جەمئىيىتىمىزدىكى تۈزەشكە ۋە ئىدىيەۋى ئىنقىلاب قوزغاشقا ئەرزىگۈدەك بىر تېما.بۇ تېمىنى يورۇتۇش ئۈچۈن دۇنيا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى(فېمىنىزىم)توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتۈش زۆرۈر دەپ قارايمەن.
دۇنيا ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى(فېمىنىزىم)
فېمىنىزىم ھەرىكىتىنىڭ بېشىنى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن ئىزدەش مۇمكىن.فېمىنىزىم دېگەن ئاتالغۇنى Charles Fourier (1772-1837)تۇنجى بولۇپ ئوتتۇرىغا قويغان.فېمىنىزىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئاياللارنىڭ سىياسىي،مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقىنى قوغداش،ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەشەببۇس قىلىشتىن ئىبارەت.فېمىنىزىم 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىر نەزەرىيە ھالىتىدە ئاساسى ھوقۇقلار كاتېگورىيەسىگە كىرىش يولى بىلەن دۇنيا سەھنىسىگە چىقىشقا باشلىغان.1796-يىلى فىرانسىيەدە تۇنجى بولۇپ Olympe de Gouges ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى كەمسىتىلىشگە قارشى چىقتى.ئۇنىڭ «ئاياللار ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنىدىغان مەيداندا جازالىنىش ھەققىگە ئىگە بولسا ئىجرا قىلىشىنى كۆرۈش ھەققىگىمۇ ئىگە بولۇشى كېرەك»دېگەن مەشھۇر سۆزى بار.ئاياللار ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدە تارىختا كەڭ كۆلەمدە ئۇچ قېتىملىق چوڭ ھەرىكەت بولغان.بىرىنچى قېتىملىق ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى باشلىدى.ئاساسلىق سەۋەب ئاياللارنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ھوقۇقلارغا ئېرىشىش،ئۈنىۋېرىسېتتلاردا ئىشلەش،ئوخشاش ئىش ھەققى ئىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.گېرمانىيە بىلەن سوۋېت ئىتىپاقىدا ئاياللار 19-ئەسىرنىڭ بېشىدىكى سوتسيالىزىم ئىنقىلابى دەۋرىدە، ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى دەۋرىدە سىياسىي ھوقۇقلارغا ئېرىشتى.فىرانسىيە بىلەن ئىتالىيە ۋە باشقا دۆلەتلەردە 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاياللار سىياسىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشقا باشلىدى.ئىككىنچى قېتىملىق ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتى 1960 تىن كېيىنكى ئاياللار ھوقۇقى ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ.بۇ قېتىملىق ھەرىكەت سىياسىي ھوقۇقلارغا ئېرىشىشتىن باشقا جەمئىيەتتىكى باراۋەرلىككە ۋە جىنسىي كەمسىتىشكە قارشى ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ.ئۈچىنچى قېتىملىق فېمىنىزىم ھەرىكىتى بولسا يېڭى ئەۋلاد فېمىنىزىم ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىدۇ.ئۈچىنچى قېتىملىق فېمىنىزىم ھەرىكىتى ئاتا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۈستى قۇرۇلمىسىنى بىۋاسىتە تەنقىد قىلىدۇ ۋە جەمئىيەتتىكى ئايال،ئەركەك جەمئىيەت ئىش تەقسىماتىنىڭ ئادالەتسىزلىكىگە قارشى تۇرىدۇ.فېمىنىزىم بۇ ئىككى يۈز يىللىق تەرەققىيات جەريانىدا 20دىن ئارتۇق چوڭ ئېقىمغا بۆلۈنۈپ كەتكەن. فېمىنىزىمنىڭ باراۋەرلىكنى تەشەببۇس قىلىدىغان لېبرال فېمىنىزىم ۋە شەخسچى فېمىنىزمدىن ئايال مەركەزچىلىك قارىشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان رادىكال فېمىنىزىم،پوپ(مودا) فېمىنىزىمىغىچە،باراۋەرسىزلىكنى ئاتا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىن ئىزدەيدىغان فىرانسۇز فېمىنىزىمىدىن جىنسى ئېزىلىشنىڭ كاپىتالىزمدىن شەكىللىنىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان سوتسىيالىستىك فېمىنىزىمغىچە،ئايال ھەمجىنسلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان ئايال ھەمجىنس فېمىنىزمىدىن مۇسۇلمان دىنى جەمئىيەتلەردە ئوتتۇرىغا چىققان ئىسلام فېمىنىزىمىغىچە بولغان يېڭى تۈرلىرى بارلىققا كەلگەن.
ئىجتىمائىي ياكى سىياسىي جەھەتتىن ئەر ۋە ئايال كاتېگورىيەسى بويىچە مۇئامىلە قىلىش جىنسى پەرقنى ئىجتىمائىي ھاياتقا سۆرەپ كىرىش ئاياللارنىڭ ئەرلەر بىلەن بولغان باراۋەرلىكىگە زىتتۇر.تارىختىن بۈگۈنگە قەدەر ئۇيغۇر مىللىي تارىخىدا نۇرغۇن ئايال مىللىي قەھرىمانلار ۋە ئايال زىيالىيلار يېتىشىپ چىققان.ئۇيغۇرلاردا ئەر ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىدا بۈگۈنكى زامانىۋى جەمئىيەتلەرگە قارىغاندا مەسىلە بولسىمۇ ئۆز دەۋرىدىكى مىللەتلەرنىڭ جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرىدەك قاتتىق،كەسكىن ئايرىش ۋە ئېزىش يوق ئىدى.جىنسى كەمسىتىش ۋە ئەر ئاياللاردىكى باراۋەرسىزلىك كىيىنكى ئەرەب كۈلتۈرى ۋە بەزى دىنى قاراشلارنىڭ سۈيئېستىمال قىلىنىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن دەپ قارايمەن.
تىل بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت خەرىتىسى.تۈركىي تىللارنىڭ باشقا تىللار بىلەن بولغان ئەڭ روشەن پەرقلىرىنىڭ بىرى. تۈركىي تىللاردا جىنس ئايرىمىسى يوق.مەيلى شەرق تىللىرى مەيلى غەرب تىللىرىدا بولسۇن كۆپىنچە ھاللاردا سەن دېگەن ئالماشنىڭ ئايال ۋە ئەركەك ئايرىمىسى بولىدۇ.ھەتتا ئەرەب تىلىدا بىر ئايالغا،ئىككى ئايالغا ۋە ئىككىدىن كۆپ ئايالغا ئوخشىمايدىغان ئالماش ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئاڭلىدىم.ھەتتا دۇنيا تىلى بولغان ئىنگلىز تىلىدىمۇ جىنسى ئايرىما بار.
تۈركىي تىلىدا جىنس ئايرىمىسىنىڭ يوقلىقى قەدىمكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە باشقا مىللەتلەرنىڭكىدەك جىنسى رادىكال ئايرىمىچىلىقنىڭ يوقلىقىنى ياكى ئازلىقىنى مەلۇم دەرىجىدە ئىپادە قىلىدۇ دەپ قارايمەن.ئۇيغۇرلاردىكى تارىخى ئۇرۇش ئايال قەھرىمانلارنىڭ كۆپلۈكى ۋە ئەركەك ئوبرازدىن ھالقىغان جەڭگىۋارلىققا سىمۋول قىلىنغانلىقى ئەنئەنىۋىي جەمئىيەت تىپىمىزدا ئەر-ئايال باراۋەرلىك قارىشىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ قارايمەن.
مەدەنىي بىر دۇنيادا ئەر بىلەن ئايالنىڭ ئىجتىمائىي،سىياسىي ۋە مەدەنىي رولى ئوخشاشتۇر.بىر قىزنى «ئوغۇل بالىدەك جىگەرلىك»دەپ ماختىغىنىڭىزدا ئاياللارنى كەمسىتكىنىڭىزنى بىلەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن.ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيلىشىش مۇساپىسىدىكى ئاتىدىغان مۇھىم قەدەملەرنىڭ بىرىدۇر.ئۇيغۇرلار مەدەنىيەت جەھەتتە بۇرۇن باشقا مىللەتلەردىن ئۈستۈن بولۇشى مۇمكىن.ئەمما بۈگۈنكى دۇنيادا ئۇيغۇرلارنى ئومۇمىي يۈزلۈك مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت دەپ ئاتاش رېئاللىققا كۆز يۇمغانلىقتۇر.
مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئېھتىياجلىق.مەدەنىيەتنى يېڭىلاش،زامانىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئەنئەنىۋىي مەدەنىيەتنى،زامانىۋى ئىدىيە بىلەن ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ ئادەتلەرنى ئۇيغۇنلاشتۇرۇپ مېڭىش بۈگۈنكى دەۋر تەرەققىياتنىڭ تەقەززاسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيەت كىرىزىسىغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تەلىپىدۇر.ئىلغار ئىدىيە بىلەن قوراللانمىغان،ئەنئەنىۋىي ئۆرۈپ-ئادەتلىرى ۋە قاراشلىرىنى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلىپ ماڭالمىغان مىللەتتە ئىلگىرىلەش بولمايدۇ.بۇرۇنقى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئوبرازىمىزنى قايتا تىكلەش ئۈچۈن مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ رېئال تەلەپلىرىگە ئۇيغۇنلىشىش كېرەك.
ئائىلە زوراۋانلىقى ۋە ئاياللارغا بولغان ھوقۇقى ئېزىش مەدەنىيەتلىك دۇنيادا ئەڭ ئىپتىدائىي ۋە ئەخلاقسىز ئىش دەپ قارىلىدۇ.ئاياللارغىلا ئەمەس ھەرقانداق شەكىلدىكى جىسمانىي كۈچ بىلەن ئىدارە قىلىش نىشان قىلىنغان ھەرىكەت ياۋايىلىق ۋە مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ئىپادىسىدۇر.مەسىلەن بالىلارغا قول تەگكۈزۈش،بالىلارغا ئوخشىمىغان شەكىلدە تەن جازاسى بېرىش بالىغا قىلىنغان جىنايەتتۇر.
ئىنسانشۇناسلىق،جەمئىيەتشۇناسلىق ۋە پىسخولوگىيە ساھەسىدە توپلۇمدىكى جىنسىيەت قارشى ئوخشىمىغان نۇقتىدىن مۇلاھىزە قىلىنغان.بەزى تەتقىقاتچىلار ئايال ۋە ئەركەكلىك خاراكتېرىنىڭ جەمئىيەت يۈكلىگەن ئىجتىمائىي رول ئىكەنلىكىنى،كىشىنىڭ تەبىئىي خاراكتېرى بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويسا بەزىلىرى يەنە ئوخشىمىغان نۇقتىدىن ئانالىز قىلغان. بەزى ئەركەك ۋە ئاياللىق خاراكتېر ۋە روللىرىنىڭ تەبئىيلىك بىلەن مۇناسىۋىتى بولسىمۇ كۆپىنچە ھاللاردا ئەركەك ۋە ئاياللىق خاراكتېرىنىڭ مۇقىم بىر قېلىپى بولمايدىغانلىقىنى،تۇغما بولمايدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك.جەمئىيەتنىڭ ئاتا ئۇرۇقداشلىق ياكى ئانا ئۇرۇقداشلىق بولۇشى سەۋەبلىك ئەركەك،ئاياللىق رولىنىڭ ئوخشىمىغان كۈلتۈر ۋە ئوخشىمىغان جەمئىيەتتە،ئوخشىمىغان دەرىجىدە بولىدىغانلىقى ئانتروپولوگىيەلىك نەتىجىلەردە ئىسپاتلانغان.
«جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ئەرلەردىن تۆۋەن تۇرىدۇ»دەپ قارىلىشنىڭ ئۆزى ئاتا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتنىڭ ئەڭ قالاق ۋە ئىپتىدائىي چۈشەنچىسىدۇر.ئەر بىلەن ئايالنىڭ سىياسىي،مەدەنىي ۋە ئىجتىمائىي ھاياتتا ئەركەكتىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرۇشى تەقدىر بەلگىلىگەن ياكى قانداقتۇر بىر تەبىئىي،ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان ھادىسە ئەمەس.پۈتۈنلەي ئىنسان ئويدۇرۇپ چىقارغان كىيىنكى ئىجتىمائىيلىشىش ۋە ئىشلەپ چىقىرىش جەريانىدا ئوتتۇرىغا چىققان خاتا كۆز قاراشتۇر.ئوخشاش شەكىلدە ئانا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتتىكى ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن تۆۋەن ئورۇندا تۇرىدۇ دەپ قارىلىشنىڭ ئۆزىمۇ شۇنداق.
بۈگۈنكى زاماندىن مىسال ئالساق نوپۇسى 1.1مىليون بولغان ھىندىستاننىڭ مەگھالايادا ياشايدىغان كىھاسى( khasi )خەلقى ئانا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيىتىدە ياشايدۇ.قىزلارنىڭ جەمئىيەتتە ۋە ئائىلىدە مۇھىم رولى بار.قىز پەرزەنتى بولمىغان ئائىلىلەر (لەنەتلەنگەن ئائىلە)دەپ قارىلىدۇ. ھوقۇق ئائىلىدىكى ئەڭ ياش قىزنىڭ قولىدا بولىدۇ.قىز ئۆيلەنسە ئەركەك قىزنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ.تۇغۇلغان بالىلارمۇ قىزنىڭ فامىلىسىنى قوللىنىدۇ.جەمەتنىڭ داۋاملىشىشىمۇ قىز پەرزەنتلەرنىڭ سايىسىدە بولىدۇ.جەمئىيەتتە بىر ئايالغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ياكى يامانلىق پۈتۈن جەمئىيەتكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ياكى يامانلىق دەپ قارىلىدۇ.كىھاسى جەمئىيىتىدە ئاياللارنىڭ مۇستەقىل ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي كۈچى بار.يىغىنچاقلاپ كەلگەندە ئايال ۋە ئەركەكنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى تۇغما ياكى تەبىئىي شەكىللەنگەن نەرسە ئەمەس.
ئەڭ مەدەنىيەتلىك جەمئىيەتتە ئەر بىلەن ئايالنىڭ جەمئىيەتتىكى رولى باراۋەر بولىدۇ.ئەرنىڭ ھوقۇقى قانداق شەكىلدە ئىجتىمائىي ئۆرۈپ ئادەتلەردە قوغدالسا ئاياللارنىڭمۇ رولى ئوخشاش شەكىلدە قوغدىلىشى كېرەك.قىزلارنى مەكتەپكە ئەۋەتمەسلىك ياكى يۇقىرىلاپ ئوقۇشقا رۇخسەت قىلماسلىق،ئائىلىدە ئاياللارغا زوراۋانلىق قىلىش ،جەمئىيەتتە ئاياللارنىڭ ھەرخىل ئىجتىمائىي ياكى مەدەنىي رولىنى ئىنكار قىلىش بۈگۈنكى جەمئىيەتتە ئەڭ قالاق ھادىسە دەپ قارىلىشى كېرەك.
مەكتەپلەردە،ئائىلىدە توغرا بولغان جىنسىيەت تەربىيەسىنى ئىلىپ بېرىشى كېرەك.بەزى ئەرلەرنىڭ ئاياللارنى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ياكى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئوبيېكتى ھالىتىدە كۆرۈشى،بەزى ئاياللارنىڭ ئائىلىدە ئىككىنچى سىنىپ مۇئامىلىسىدە قۇلدەك ياشاشقا ماقۇل بولۇشى ھەقىقەتەن ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك ئەھۋال.
«ئەركىشى تالا ئادىمى،ئايال كىشى ئۆي ئادىمى» تېئورىسى بۈگۈنكى تىز ۋە قاتتىق رىتىملىق دۇنيا ئەندىزىسى تەرىپىدىن پاچاقلاپ تاشلىنىدۇ.قابىلىيەت ۋە ئەقىل،تىرىشچانلىق ۋە غەيرەت ئەر-ئايال دەپ ئايرىمايدۇ.قابىلىيىتى بولغان كىشى قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.بۇ ئۇنىڭ ئاياللىق ياكى ئەرلىك كىملىكى تەرىپىدىن ئىسپاتلانمايدۇ.بىر دىن كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش قارىشىنىڭ ئۆزى ئاتا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەت قۇرۇلمىسىدىكى ئەڭ رادىكال ۋە ئەڭ قالاق ئۇسۇلنىڭ بىرى.كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى تەشەببۇس قىلىش ئاياللارنى دەپسەندە قىلىشنىڭ پەرقلىق بىر شەكلىدۇر.جەمئىيەتىمىزدىكى جىنسى ئايرىمىچىلىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ۋە قاراشلار ئۆزگىرىشى كېرەك.ئاياللارنىڭ جەمئىيەتتىكى باراۋەرلىكىگە،ھەق-ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەك.ئائىلىدە ئاياللارغا قىلىنغان ھەرقانداق شەكىلدىكى زوراۋانلىق ھەرىكىتى جەمئىيەت تەرىپىدىن قارشىلىققا ئۇچۇرۇشى كېرەك.
ئەر -ئاياللار باراۋەرلىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئوخشاشلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ.فىزىيولوگىيەلىك ۋە بەزى تەبىئىي نۇقتىلاردا ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ پەرقىگە ئادىل مۇئامىلە قىلىمىز ئەلۋەتتە،بىراق بۇ خىل تەبىئىي ۋە فىزىيولوگىيەلىك سەۋەبلەر ئەر ئاياللارنىڭ مەدەنىي،سىياسىي،ئىجتىمائىي رولى جەھەتتىكى باراۋەرلىكىگە تەسىر قىلالمايدۇ.يۇقىرىدا مىسال ئالغان ئانا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتنىڭ ئۆزى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلاشقا يېتىپ ئاشىدۇ.ئەر ئاياللارنىڭ فىزىيولوگىيەلىك ۋە بەزى تەبىئىي پەرقلىقلىرى ئانا ئۇرۇقداشلىق جەمئىيەتتىكى ئاياللارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا تەسىر قىلالمىغان.
ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئومۇمىي يۈزلۈك ئىلىپ ئېيتقاندا ئاياللارغا بولغان كەمسىتىش تۇيغۇسى يەنىلا مەۋجۇت.ئائىلىدە «ئەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى،ئايالنىڭ ئىتائىتى»دەك لاۋزىلىقلارنىڭ تەكىتلىنىشى بۇ نۇقتىنىڭ كىچىك ئىسپاتى.بىر ئائىلىدە ئەرنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانلىقى ئايالنىڭ مۇتلەق ئىتائىتى ئۈستىگە قۇرۇلسا ئۇ ئائىلىدە ئايالنىڭ ھوقۇقىنى سۆزلەشنىڭ ھېچقانداق ئورنى يوق بولغان بولىدۇ.
ئاياللار ھوقۇقى ئىنسانىي ھوقۇقنىڭ بىر پارچىسى.ئاۋۋال ئىنسانىي ھوقۇققا ئېرىشىپ ئاندىن ئاياللار ھوقۇقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز دېگەندەك ئىدىيەلەرگە بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى ئاياللار ھوقۇقىنىڭ ئۆزى ئىنسانىي ھوقۇققا ئېرىشىشنىڭ بىر قەدىمى.ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكى مەدەنىيەتلىك مىللەت ئوبرازىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى.ئىنسانىڭ ھوقۇق دەۋاسى قىلغان ھەرقانداق كىشى ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىنى تەكىتلەشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىدۇ.ئاياللارنى تۆۋەن كۆرىدىغان،ئائىلىدە ئايالنى ئىتائەت قىلغۇچى ئورۇنغا قويىدىغان،كۆپ خوتۇنلۇق بولۇشنى،ئاياللارنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىدىغان ناچار ئىدىيە ۋە خاھىشلارنى تۈزەش ئىنسانىي ھوقۇقىمىزغا بولغان ئويلىنىشتۇر.
ئۆز ھوقۇقلىرىمىزنى،ئىنسانىي ھەقلىرىمىزنى ئەڭ ئاۋۋال ئىدىيەرىمىزدە ئىشقا ئاشۇرايلى.مېڭىسى قۇل ئادەم ھەرقانداق دېموكراتىيىدە قۇلدۇر.ئىدىيەسى ئىلغار ئۆزىنى ئۆزى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگەن ئادەم ھەرقانداق دىكتاتۇرا ئاستىدا ھۆردۇر.
|
|