- تىزىملاتقان
- 2012-9-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-10-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 229
- نادىر
- 0
- يازما
- 11
ئۆسۈش
76.33%
|
مۇزداۋاننىڭ يولى گەرچە بايدىن باشلانسىمۇ (ئاخىرلاشسىمۇ) لىكىن كىرىش ئېغىزىغا جايلاشقان قورغان كەنتى نۆۋەتتە ئۇنسۇ ناھيىسىگە قارىغاچقا ئۇنسۇدىن باشلىندۇ دەپ ئالدۇق.
قورغان تارىختىن بۇيان مۇزات داۋاندىكى ئەڭ مۇھىم ئۆتكەل، مەيىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى مەزگىلدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمتى بولسۇن ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى نەچچە يۈز يىللار مابەينىدىكى ھۆكۈمەتلەر بولسۇن قورغانغا ھەربى كۈچ ئۇرۇنلاشتۇرغان، ھازىرمۇ شۇنداق.(تۈمۈر چوققا دۆلەت دەرىجىلىك تەبئىلىكى قوغىدىلدىغان رايۇننىىڭ كىرىش ئېغىزى) قورغانننىڭ يەر شەكلى پەۋقۇلادە، ئىككى تەرەپ تىك تاغ، ئوتتۇردا مۇزات دەرياسى گۈلدۈرلەپ ئېقىپ تۇردۇ، ئەنە شۇ دەريا قىنى بىلەن غەرىپتىكى تىك تاغ ئوتتۇرسىدا(يەرلىكلەر قۇچقاچ بۇلاق تېغى دەيدىكەن) 100نەچچە مىتىر بوشلۇق بۇلۇپ، دەريا قىنىدىن غەربى تاققىچە سېپىل سۇقۇلغان ھەمدە ئوتتۇرغا ئىككى قەۋەتلىك (ئۈستى پوتەي، ئاستى سېپىل دەرۋازىسى) دەرۋازا قۇيۇلغان. قورغان دىگەن جاي نامىنىڭ مەنىسى شۇ، بۇيەردە ھازىر بىر مەمۇرى كەنت بۇلۇپ نامى يەنەشۇ بوزدۆڭ قىرغىز مىللى يېزىسى قورغان كەنتى، 100تۈتۈن ئەتراپىدا ئاھالە بار. قورغان ئەزەلدىن داۋان ئاشقۇچىلار دەم ئېلىپ ئۆزىنى تەڭشەيدىغان، ئات ئشىەك تاقىلتىدىغان، ئۇزۇق تۈلۈك تۇلۇقلايدىغان، يول بىلىدىغان ئۇلاق ئالماشتۇردىغان بىر ئۆتەڭ، مۇزات داۋاننىڭ تارىخى رولىنىڭ يوقىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق مەنزىرىنى ھازىر ھەرگىزمۇ تاپالمايسىز. ھازىر پەقەتلا بىر تىپىك تاغ باغرىدىكى چارۋچىلىق كەنتىدىن ئىبارەت، (سالچىلار رومانىدا مۇشۇ توغرىسىدا تولىمۇ جىق بايان بار، بىر قېتىملىق پائالىيەتتە قورغان كەنت سېكىرتارى بىلەن بىللە بوپ قېلىپ مۇشۇ توغرىسدا سورىسام ھەقىقەتەنمۇ بۇرۇن بۇيەرنىڭ بىر ئاۋات بازار ئىكەنلىكى، چوڭلارنىڭ بۇرۇن مۇشۇ يەردە دەڭ ساراي ئاچىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەن)
باي ناھىيە نەسىىللىك قوي فېرمىسىغا قاراشلىق تىۋىت دىگەن جايدىن باشلانغان مۇزات جىلغىسى مۇزات دەرياسىنى بويلاپ تىۋىت(باي)، قورغان، چوڭ ئارپا(باي ناھيە نەسىللىك قوي فېرمىسغا قاراشلىق مەمۇرى كەنت)، كىچىك ئارپا(باي)،سېسىق بۇلاق(باي)، قىزىل بۇلاق(ئونسۇ) قاتارلىق جايلاردىن ئۆتۈپ ھەيۋەتلىك تەڭرىتاغنىڭ مۇزلۇق داۋانلىرىغا تۇتىشىدۇ. يول ھېلى دەريانىڭ غەربىدە بولسا ھېلى شەرقىدە بۇلۇپ توختىماي ئۇ قاتتىن بۇ قاتقا ئۈتۈپ ؛مېڭىشقا توغرا كىلىدۇ. مۇزات دەرياسى باي ناھيسى بىلەن ئۇنسۇ ناھيىسىنىڭ چېگراسى بۇلۇپ، شەرقى باي، غەربى ئۇنسۇ. دىمەك شۇتىدىن كەلگەن مۇزداۋان يولى باي بىلەن ئۇنسۇنىڭ چىگراسىدىكى قورغاندا ئاخىرلىشدۇ.
بۇ يول ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ تارىخى ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرغان بۇلۇپ بۇ يولدا يولوچى ماڭمايدۇ، ماڭمىغىلى ئەڭ كام دىگەندىمۇ 20يىلدىن ئاشقاندۇ دەيمەن، لىكىن بۇ يولدا ھېلىقىدەك دالا پائالىيتى(خۇ ۋەي ئوينايدىغانلار) قىلدىغانلارنى تولا ئۇچرىتىمەن، ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئاينىڭ ئاخىرغىچە خېلى كۆپ ھەۋەسكارلار بۇ يولدا تەۋەككۈلچىلىك قىلىدۇ. (بىر قېىتىم يولدىن ئېزىپ قالغانلارنىڭ ئىزدەشكىمۇ مالچىلارنى سەپەرۋەر قىلدۇق،)،5يىل بۇرۇن يېزىمىزدىن بىر دېھقان غۇلجىدىن كالا سېتىۋىلىپ تەۋەككۈل قىلىپ مۇشۇ يولدىن كالا ھايداپ چۈشۈپتۇ، 5كۈندە كىپتۇ، دىگەندەك گەپ سۆزلەر بولغان، لىكىن بۇ راسمۇ يالغانمۇ بىلمەيمەن، تاغدىن قايقان مالچىلارنىڭ دىيىشچە ھاۋائىسسىپ مۇزنىڭ ئىرىشى تەسىردىن مۇز جىلغا ئىچىدىكى ئادەم جەسەتلىرىنىڭ ئېچىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپتۇ.
تەڭرىتاغدىن ئىرىگەن تارام تارام قار سۇلىرى جەنۇپقا ئېقىپ مۇزات جىلغىسى ئىچىدە قوشۇلۇپ، مۇزات دەرياسىنى شەكىللەندۇرۇپ، ناھيىمىزنىڭ500مىڭ مودىن ئارتۇق يەرلىرىنى سۇغۇرۇپ، ئاخىردا قىزىل سۇ ئامبارغا قۇيۇلدۇ، ئۇزۇنلىقى 200كىلومىتىردىن ئاشامدىكىن دەيمەن، غۇلجا تەرەپتىكىسنىڭمۇ مۇزات ئېقىنى دەپ ئاتىلدىغانلىقىنى سالچىلار روماندىن كۆراپ سۈرۈشتۈرسەم ھەقىقەتەن شۇنداقكەن، شمالغا ئاققىننىمۇ مۇزات، جەنۇپقا ئاققىننىمۇ مۇزات دەيدىكەن.
تاشيولغا كەلسەك بۇ پاراڭنىڭ چىققىنىغا نەچچە يىللار بولدى، 50كىلومىتىردىن 100كىلومىتىرغىچە ئىپتىدائى مۇزلۇق باركەن، مۇشۇ مۇزلۇق تەس توختاۋىتىپتۇ دىگەندەك پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۋاتىمىز. مۇشۇ بىر ئىككى يىل ئىچىدە تاشيولنى ياسىۋاتىغاندەك. ئەگەر بۇ يول تۇتۇشۇپلا كەتسە ئەتىگەندە غۈلجىغا چۈشۈپ كەچتە قايتىپ كىلىش چۈش ئەمەس. ھازىر تاشيۇل مۇشۇ جىلغىنىڭ ئىچىدىكى دۇڭلىڭ قاشتېشى كېنىغىچە تۇتىشىدۇ. ھېلىقى داڭلىق مۇزداۋاننىڭ ئىتىكىگە بېرىش ئۈچۈن، مۇشۇ كاندىن ئاتلىق يەنە ساق بىر كۈن ماڭىسىز. |
|