- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-10-10
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 18677
- نادىر
- 9
- يازما
- 466
ئۆسۈش
21.69%
|
گۈمبەدەك ( موگو ) تەركىبىدىكى ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى گۆش ، سۈت ، تۇخۇملاردىكى ئاقسىل تەركىبى بىلەن ئوخشاش . ئۇ ، بەدەننىڭ نۇرمال تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم .
گۈمبەدەك تەركىبىدە ، كۆپ خىل ئىقتىدارنى تەڭشەيدىغان ۋىتامىن ۋە مېنرال بار . ئۇ ، بەدەننىڭ يېڭى ماددا ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قان قەنتىنى تۆۋەنلىتىش رولىنى ئويناپ ، قاندىكى ياغنى تىزگىنلەپ ، قان سۇيۇقلىقىنىڭ قويۇقلىقىنى تەڭشەيدۇ .
گۈمبەدەك تەركىبىدىكى مىكرو ئېلېمېنت _ خىروم گلۇكوزىغا قارشى كۈچنى ساقلاشتا ھەم ئىنسۇلىننى تەقسىملەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئېلېمېنتلارنىڭ بىرى . ئۇ ، ئورگانىزىمدىكى قەنتنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇشىنى نۇرمال ئىلگىرى سۈرۈدۇ .
گۈمبەدەك تەركىبىدىكى خولىن بەدەندە ياغنىڭ كۆپىيىشىنى تىزگىنلەيدۇ . گۈمبەدەك تەركىبىدە كاربۇن _ سۇ بىرىكمىسى ئىنتايىن ئاز . شۇڭا ، ئۇ قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرى ۋە بەدىنىدە خولېستىرىل مىقدارى بىر قەدەر يوقىرىلارنىڭ ئىستېمال قىلىشىغا ماس كېلىدۇ . قەنت كېسىلى ئاغرىقلىرىدا. ئاسانلا سۆڭەك شالاڭلىشىش ، داۋاملىق بەل ئاغرىش ، پەي تارتىشىش ، ماغدۇرسىزلىنىش قاتارلىق كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلىدۇ . بۇنداق ئەھۋالدا گۈمبەدەك ئستېمال قىلىپ بەرسە ، سۆڭەكنى كۈچلەندۇرىدۇ . گۈمبەدەك تەركىبىدىكى ۋىتامىن كاناماش تەركىبىدىن 20 ھەسسە ، خەيدەي تەركىبىدىن سەككىز ھەسسە يوقىرى بولىدۇ .
( ماتېريالدىن ) |
|