قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1577|ئىنكاس: 36

ئەركىنلىك پارادوكىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

10

دوست

8373

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-25 22:41:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈش كەلگۈسى ھەققىدە ئويلىنىش ئىقتىدارى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك، پەقەت ئىنساندىلا مۇشۇنداق ئىقتىدار بار. ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ بىر تۈرلۈك ئىجادىيىتى، خۇددى قەدىر-قىممەت، ھوقۇق ۋە مۇھەببەتكە ئوخشاش. بىز ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقىنى تۇيغاندىن باشلاپ ئەركىنلىك بىزنى قورشاپ تۇرغان رېئال مەۋجۇتلۇقنىڭ باشتىن-ئاخىر كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ.
     ئەركىنلىكنى پەلسەپە جەھەتتىن چۈشىنىشتىكى ئەڭ مۇھىم ھالقا ئىرادە ئەركىنلىگى مەسىلىسىدۇر. چۈنكى پەقەت ئىرادە ئەركىنلىگى بولغاندىلا ئاندىن ئادەم تەبىئەت قوينىدىن ۋە تەڭرى ئاستىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشىپ، ئادەم بولۇش سۈپىتىدە ئادىمىي ئىرادىسىنى يۈرگۈزىدۇ ۋە ئىنسانىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

     ئىنساننىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسى قانۇننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغان شارائىتتا تارىخىي ۋەقەلەرگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىمەن، خۇددى تارىختىكى ئاسترونوملار ئەركىنلىك كۈچىنىڭ ئاسمان جىسىملىرىنى يۆتكىۋېتەلەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندەك.
                                                       ـــــ لېۋ تولىستوي

      ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ سۆز لۇغىتىدىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولۇپلا قالماي يەنە ئەڭ ئىمكانسىز بىر سۆزدۇر.
     19-ئەسىردە ئۆتكەن بۇلغارىيەلىك شائىر پىتوفى ساندور نۇرغۇن ئادەمنىڭ نەزىرىدە مۇھەببەتنى ھەقىقىي چۈشىنىدىغان بىر كىشىدۇر. ئۇنىڭ بىر شېئىرى  كۆپچىلىككە ئىنتايىن تونۇش:
دۇنيادا ھەممىدىن ھايات بەك قىممەت،
ئۇنىڭدىن قىممەتتۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت.
لېكىن ۋاز كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت ۋە پەقەت.
      پىتوفى ساندورنىڭ بۇ شېئىرىغا قارىساق، مۇھەببەت بىلەن ھاياتنى سېلىشتۇرغاندا مۇھەببەتنىڭ سالمىقى ئېغىر كەلگەن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەركىنلىكنى قويغاندا ئەركىنلىك ئالدىدا ئۇ ئىككىسى ھېچنېمىگە ئەرزىمىگەن، چۈنكى ئەركىنلىك بىباھا!
     كىشىلەرنىڭ ھەممىسى ئەركىن-ئازادىلىكنى، كۆڭلى نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىشنى ئويلايدۇ. لېكىن دۇنيا ئەزەلدىن ھەرقانداق كىشىنىڭ كۆزىگە قاراپ چۆرگىلىمەيدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە ھەممىمىز پاسسىپ ھالدا ئۆزىمىز خالىمايدىغان ئىشلارنى قىلىمىز. چۈنكى بىزدە بىز بولۇپلا قالماي يەنە مۇھىتمۇ بار، ھازىر بولۇپلا قالماي يەنە كەلگۈسىمۇ بار، ئۆزىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى قوغلىشىپلا قالماي يەنە ئوبرازىمىزنىمۇ قوغلىشىمىز.
     ئەركىنلىككە ئېنىقلىما بېرىش ئىنتايىن تەس، ئۇ ئىككى جەھەتتىن ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ: بىرسى، رېئال جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىپ شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بويسۇنىشىمىز ھەمدە تەرتىپ بىلەن تەدرىجى ئىلگىرىلەپ شارائىتقا قاراپ ياشىشىمىز كېرەك، مانا بۇ بىر خىل ياشاش ئەركىنلىگى؛ يەنە بىرى بولسا رېئاللىقتىن ئايرىلىپ، ئۆزگىچە ئىدىيە، ئۆزگىچە ھېس-تۇيغۇ قوغلىشىپ، دۇنيانى ئۆزىمىزنىڭ ئىستىتىكىسىدا ئوقۇپ، شەيئىلەرنىڭ قانۇنىيىتى بىلەن ئاساسىي ئېقىم پوزېتسىيىسىگە بويسۇنماي ئۆزىمىز خالىغانچە تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن بىر خىل مەۋجۇتلۇق ئەركىنلىكىگە ئېرىشىش.
     كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك قوغلىشىشى ۋە ئۇنى قەدىرلىشى ئىنساننىڭ روھىغا يوشۇرۇنغان ئۆلۈم ۋەھىمىسىدىن كېلىدۇ، ھەمدە تەبىئى ئىستەك، تەشۋىش، تايىنىش، بىخەتەرلىك تەلىپى، مۇۋەپپىقىيەت بېسىمى ۋە مەھرۇمىيەتتىن قورقۇش بىلەن چەكلىنىدۇ...كىشىلەر بۇنداق كەيپىيات كەچۈرمىشلىرىدىن قۇتۇلۇپ روھىغا مەلھەم بولىدىغان تۇيغۇنى تېپىشنى ئۈمىت قىلىدۇ. شۇڭا كىشىلەر بەڭۋاش شاماللارنى، ئەركىن ئۈزۈپ يۈرگەن بۇلۇتلارنى، سۇدىكى بېلىقلارنى، پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشلارنى تەرىپلىشىدۇ، چۈنكى ئۇ نەرسىلەر كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىك تەسەۋۋۇرىنى قاناتلاندۇرىدۇ.
     ئېيتىشقا بولىدۇكى، ئەركىنلىك ئىنسان ئارمىنىنىڭ مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدىغان ئالماش سۆزىدۇر. شۇڭا ئەركىنلىك ئارمىنى يەنە ئىنساننىڭ دۇنياغا بولغان ساددىلىقىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ. دېمىسىمۇ ئەركىنلىك تۇيغۇسى دەل ساددا تۇيغۇدىن كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز چەكلىنىپ تۇرغىنىمىزنى ھېس قىلالمايۋاتقىنىمىزدا ئەركىنلىكنىڭ بىر خىل ساختا سېزىمىگە ئېرىشىمىز. مەسىلەن، شامال كىلىمات تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، بۇلۇت شامال تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنىدۇ، قۇش ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، بېلىق سۇ ئېقىمىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى پەقەت بىر خىل ئەدەبىي سىمۋولدۇر.
     ئەركىنلىك ئارمىنى ئەمىلىيەتتە بىرخىل پارادوكسلىق ئەھۋالدۇر، سىز ئەركىنلىككە تەشنا بولغانسېرى  ئەركىنلىكتىن شۇنچە ئاسان مەھرۇم قېلىشىڭىز مۈمكىن. بىز ئەركىنلىككە زىيادە تەلپۈنگەنلىگىمىز سەۋەپلىك ئۆزىمىزنى ھەممە تەرەپتىن چەكلىمىگە ئۇچراۋاتقاندەك ھېس قىلىمىز. بىراق بىز ئەركىنلىكنىڭ ئۇنچە مۇھىم ئەمەسلىگىنى ھېس قىلىپ رېئال قانۇنىيەتكە ئۇيغۇنلىشىۋاتقان چېغىمىزدا، ئەكسىچە مەلۇم مەنىدىكى ئەركىنلىك بىزگە قۇچاق ئېچىۋاتقان بولىشى مۈمكىن.


ئەركىنلىكىم بار دەپ جەمئىيەت تەرتىپىگە خىلاپلىق قىلسا جاستىن بېيبىرمۇ تۈرمىگە كىرىۋېرىدۇ

     ئوخشاشلا ئەركىنلىك قوغلىشىشتىمۇ مەلۇم خىل تىراگىدىيە بار، چۈنكى ئۇ ئەسلىدىن مەۋجۇت ئەمەس. رېئال تۇرمۇشتا ئەركىنلىك ھەمىشە مەسئۇلىيەت، ھەل قىلىش، بېسىمنى ئۈستىگە ئېلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر ئادەم ئۆزى تەسەۋۋۇر قىلغان مەلۇم بىر ئەركىنلىككە ئېرىشكەن بولسا ئۇنداقتا ئۇ شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە تېخىمۇ كۆپ نەرسىدىن مەھرۇم قالغان بولىشى، ھەتتا «ئېشىگى بىر تەڭگە، توقۇمى تۆت تەڭگە» بولىشى مۈمكىن.
      ئۇنىڭغا قارىتا بىز مۇنداق مەنزىرىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ باقساق بولىدۇ: بىر ئادەم مەلۇم ئەركىنلىككە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزى خالىغانچە ئىش قىلىپ، ھېچكىمنى كۆزگە ئىلماي تەرتىپنى بۇزدى ۋە ئاقىۋەتتە قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە قامالدى. بىراق 5 كۇۋادرات مېتىرغا يەتمەيدىغان بىر كامېرغا قامالغاندا تۇساتتىن مەلۇم خىل ئىلاھىي بىشارەتكە ئېرىشكەندەك بولدى-دە، روھى تېنچلىنىپ، مېجەزى سالماق بولۇپ قالدى. چۈنكى، بۇ يەر دۇنيانىڭ غەلۋە-غەۋغالىرىدىن خالىي ئىدى، بۇ يەردە پەقەت تاماق يىيىش، سالقىنغا چىقىش، ئۇخلاشنىڭلا ئاددى تەرتىپى بار بولۇپ، بۇ ئۇنى تولىمۇ ئازادە ھېس قىلدۇردى.
      بىر تەرتىپلىك دۇنيادا ئەركىنلىك چوقۇم بۇ تەرتىپلىك دۇنيانىڭ قائىدىلىرىگە ئۇيغۇنلىشىشى كېرەك. چۈنكى كىشىلەر باشتىن-ئاخىر تايانغىلى بولىدىغان ۋە ئۇنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان قائىدىلەرنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ، بۇ خىل پىرىنسىپلار تەبىئەتتىن كېلىپلا قالماي يەنە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىدىنمۇ كېلىدۇ. مەسىلەن، مەدەنىيەت، دىن، مۇھىت، ماددا ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەت قاتارلىقلار. شۇڭلاشقا، ئادەمنى ئەركىنلىككە ئوڭايلا ئېرىشتۈرىدىغان پەقەت بىرلا ئامال بارـــــ بىز ئەركىنلىك قوغلىشىشنى ئۇنتۇپ قالغان ۋاقتىمىزدا بىز ئەكسىچە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولىۋاتقان بولىمىز.
     دۇنيادا مۇتلەق سەگەكلىك يوق، خۇددى دۇنيادا مۇتلەق ھەقىقەت بولمىغانغا ئوخشاش. شۇڭا دۇنيادا يەنە مۇتلەق ئەركىنلىكمۇ يوق. ئەركىنلىك بەزىدە بىر قەپەز، بۇ رەددىيەگە بىھاجەت بىر پارادوكستۇر.

      جەمئىيەت كىشىلەرنىڭ جەمئىيىتىدۇر، قانۇن شەخسنىڭ كىشىلىك ئەركىنلىگىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ شەرتى بار، شەخسنىڭ ئەركىنلىگى باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىگى كېرەك. مانا بۇ، ئەركىنلىكنىڭ نېگىزلىك پىرىنسىپى. شۇڭا ئەركىنلىك نىسپىي بولىدۇ، شەخسنىڭ ئەركىنلىگى قانۇنغا، ئاممىۋىي ئەخلاققا، باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە خىلاپ بولمىغاندا ئاندىن ئەركىنلىكتىن تولۇق بەھرىمان بولغىلى بولىدۇ. ناۋادا سىز باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزسىڭىز ئۇنداقتا سىزنىڭ ئەركىنلىكىڭىزمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. پەقەت مۇشۇنداق بولغاندىلا جەمئىيەت ئاندىن تەرتىپكە، كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەركىنلىگى ئەمەلگە ئاشىدۇ.
uyghuray

0

تېما

29

دوست

2831

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   27.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34230
يازما سانى: 176
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 870
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-9
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 20:23:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا تېمىدىكى ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ سۆز لۇغىتىدىكى ئەڭ گۈزەل سۆز بولۇپلا قالماي يەنە ئەڭ ئىمكانسىز بىر سۆزدۇر. دېگەن
  جۈملە بىلەن پىتوفى ساندورنىڭ مۇنۇ شېئىرى بەك يارىدى

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات بەك قىممەت،
ئۇنىڭدىن قىممەتتۇر سۆيگۈ-مۇھەببەت.
لېكىن ۋاز كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك ئۈچۈنلا پەقەت ۋە پەقەت.



9

تېما

37

دوست

4805

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   93.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  28130
يازما سانى: 443
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 1448
توردىكى ۋاقتى: 242
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 21:07:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقسۇ يوللىغان ۋاقتى  2015-7-26 20:23
ماڭا تېمىدىكى ئەركىنلىك ئىنسانىيەتنىڭ سۆز لۇغىتىدىكى  ...

سۆز ئورۇنلىرى سەل - پەل ئېگىز - پەس ، خاتادەكلىغۇ ، ئامدان قاراپ بېقىڭ

ئەركىن ئەزا

1

تېما

5

دوست

4765

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   92.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  25909
يازما سانى: 290
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1476
توردىكى ۋاقتى: 290
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 21:29:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   busux تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-7-26 21:38  

بۇ تېمىدا دېيىلگەن گەپنى بەلكىم بۇرۇن غەرىپلىكلەر كۇچلۇك قۇۋەتلەپ مېڭىۋەرگەن بۇلسا غەرىپ ھازىرقى دېمكۇراتىيىلىك تۇزىمىگە ھاجەتمەن بۇلماس ئىدى.
غەرب دۆلەتلىرى تارىختا نېگىر قۇللارنى ئېلىپ – سېتىش تۈزۈمىنى 400 يىلدىن ئارتۇق يولغا قويغانىدى، بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىرقىي كەمسىتىش، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە مۇستەملىكىچىلىك نۇرغۇن رايون ۋە دۆلەت خەلقىگە چوڭقۇر ئازابلارنى كەلتۈرگەنىدى، بۇنىڭ يامان تەسىرى ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىۋاتىدۇ.
چەكلىمىنىڭ شەكلى ،خۇسۇسىيىتى،ماھىتى باشقا گەپ ، جاستىننىڭ تورمىگە چۇشىنىڭ ئۆزى چېكىدىن ئاشقان ھەركەت ئۇسۇللارغا بېرىلگەن جازا بۇنى كوپ نىسبەتتىكى كىشلەر قۇبۇل قىلالايدۇ! چۇنكى بۇ ئاساسى قانۇننىڭ يۇرگۇزىلىشىگە ئويغۇن! مېنىڭچە سىزنىڭ بۇ سەپسەتىڭىزنى
ھەقىقى تۇردە كىشلەرنى قۇبۇل قىلغۇزۇش مەخسەت بۇلسا باش شۇجى شىجىنپىڭ ئەپەندىنىڭ كوچلۇك تەكىتلىگىنى بۇيچە مەمۇرى ئۇرۇنلار چۇقۇم ئاساسى قانۇننى قىلبە نامە قىلىپ چۇقۇم شۇ بۇيچە ئىش تۇتىشى لازىم . بۇ تۆۋەنگە چۇشۇپ شەكىل
ئۆزگەرىتمەسلىكى لازىم.
يەنە بىرىسى چۇقۇم بۇ قانۇننىڭ نۇپۇزىنى قوغدايدىغان نازەرەت قىلدىغان ئاممىغا قولاي ھەي قىلىش يولى بۇلىشى كېرەك.
uyghuray

7

تېما

2

دوست

2366

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   12.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12484
يازما سانى: 161
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 110
تۆھپە : 649
توردىكى ۋاقتى: 155
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 21:57:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yagurqak يوللىغان ۋاقتى  2015-7-26 21:07
سۆز ئورۇنلىرى سەل - پەل ئېگىز - پەس ، خاتادەكلىغۇ ، ئام ...

ھايات مەن ئۈچۈن ھەممىدىن قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت،
لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىلىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازادلىق ئۈچۈنلا پەقەت.

   مەن مۇشۇنداقراق ئوقۇغاندەك قىلغان، توغرىسىنى بىلىدىغانلار بولسا يېزىپ قوياسىلەر.

4

تېما

10

دوست

8373

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 22:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
busux يوللىغان ۋاقتى  2015-7-26 21:29
بۇ تېمىدا دېيىلگەن گەپنى بەلكىم بۇرۇن غەرىپلىكلەر كۇچ ...

مەن بۇتېمىنى بىر مۇنبەردە ئۇچرىتىپ مۇنداقلا ئوقۇپ خېلى ياخشىدەك بىلىنگەچكە كۆچۈرۈپلا يوللاپ قويغانمەن.شۇڭا رەددىيە،تەنقىدنىڭ ماڭا ئەمەس تېمىغا قارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

4

تېما

10

دوست

8373

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   67.46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35433
يازما سانى: 778
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 2514
توردىكى ۋاقتى: 642
سائەت
ئاخىرقى: 2016-4-13
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 22:15:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
busux يوللىغان ۋاقتى  2015-7-26 21:29
بۇ تېمىدا دېيىلگەن گەپنى بەلكىم بۇرۇن غەرىپلىكلەر كۇچ ...

مەن بۇتېمىنى بىر مۇنبەردە ئۇچرىتىپ مۇنداقلا ئوقۇپ خېلى ياخشىدەك بىلىنگەچكە كۆچۈرۈپلا يوللاپ قويغانمەن.شۇڭا رەددىيە،تەنقىدنىڭ ماڭا ئەمەس تېمىغا قارىتىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

Немә десәң дәвәргин сөзүм шу

20

تېما

4

دوست

1612

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   61.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22057
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 45
تۆھپە : 478
توردىكى ۋاقتى: 35
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-22
يوللىغان ۋاقتى 2015-7-26 22:19:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،قېرىندىشىمparadox悖论 دېگەن مۇشۇ شۇما؟ئۇيغۇرچە ئاتالغۇسى يوقما؟كىم جاۋاب بېرىدۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )