- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3219
- نادىر
- 0
- يازما
- 135
ئۆسۈش
40.63%
|
تەپەككۈر ئۈنچىلىرى
ئەگەر ھاياتتىن بىزار بولساڭ ، مىيىتقا كولانغان يەرلىككە كۈن چىقىشتىن بۇرۇن بىر قېتىم كىرىپ باق.
ۋىسالىغا يېتەلمىگەن مۇھەببەت - يۈرەكتىكى قالدۇق ئوق پارچىسى.
ھەسەت يۈرەككە ئورنىتىلغان قەرەللىك بومبا .
ئادەمنىڭ بەخىتلىك كۈنلىرىدە تەپەككۇرىغا داتلاشقان قۇلۇپ سېلىنغان بولىدۇ .
ئوقۇتقۇچىنىڭ نەقەدەر ھۆرمەتكە سازاۋەر ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەكچى بولساڭ ، 40 ياشتىن ئاشقاندا مەكتەپنىڭ 1- سىنىپىغا كىرىپ بىر سائەت دەرس تىڭشاپ باق.
دۇنيادىكى ھەرقانداق ئىشنىڭ بېشى خۇددى تەمتىلەپ مېڭىۋاتقان بوۋاقنىڭ مېڭىشىغا ئوخشايدۇ .
بىر ئادەمنىڭ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىشى ، ئۇنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئەمەس ، بەلكى رىئاللىققا قانداق پوزىتسىيە تۇتىشىغا مۇناسىۋەتلىك.
باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقلىرىغا ئەمەس ، بەلكى سەن ئۆگۈنۈشكە تىگىشلىك تەرەپلىرىگە كۆپرەك نەزەر سالساڭ ئىدىڭ ، بۇنچىلىك قۇسۇرچى بولمايتتىڭ .
يۈرەك سوقۇشلىرىدىن...
سەن ئىسراپ بولۇۋاتقان تامچا- تامچە سۇغا قاراپمۇ قويماي ئۆتۈپ كەتكىنىڭدە ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئاشۇ بىر تامچە سۇنىڭ تۇرۇبا جۈمىكىدىن ئەمەس ، بەلكى كۆزۈڭدىن ئېقىشىنى ئويلاپ باقتىڭمۇ ؟
دوستىنىڭ سىرىنى ئېيتىپ بەرگۈچىگە ھەرگۈز سىر ئىيتماڭ .
ئىنسان ھاياتى ئۈچ تەملىك بولۇر ؛ بالىلىق ۋە ياشلىق دەۋرى - شېرىن، قىرانلىق دەۋرى - چۈچۈمەل، قېرىلىق دەۋرى - ئاچچىق ، قىرتاق .
ئىدىيىدىكى قاتماللىق ، ئىرادىدىكى بوشاڭلىق ، روھىيەتتىكى گادايلىق ، ئەقىلدىكى كەمتۈكلۈك تۈپەيلى ، زامان بىزگە تار كۆرۈنىۋاتىدۇ.
قول كەينىگە ئىگىلىشىمۇ مۇمكىن ، لېكىن ئالدىغا ئىگىلگەندەك ئىگىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
مەنبە؛ شىنجاڭ مەدەنىيىتى 2009 -يىل سان 2-سان |
|