- تىزىملاتقان
- 2014-4-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-7-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5420
- نادىر
- 0
- يازما
- 494
ئۆسۈش
8.4%
|
مەنچە بېرىشى مۇقەررەر ئېنىقتىن ئېنىق خاتا ، لېكىن مۇشۇنداق قىلمايمۇ بولمايتتى . بەزىلەر خاتا ھالدا پەقەت بىر كىچك ئەرزىمەس ھوقوقنى دەپلا بارغان دەيدۇ ، لېكىن مەن ھەرەىز ئۇنداق قارىمايمەن ، ئەمەلىيەتتە بارلىق قىلغان ئەمەلىي ئىشلىرىنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن چىققان ، شىنجاڭنىڭ ئۇندىن كېيىنكى ھەر مىللەت باراۋەرلىكى ، مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي ئويغىنىشنى كۈچەيتىش ، ھەم شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ بىر قىسىم ئۇرۇشتىن كېيىنكى ۋەيرانىچىلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ھەر جەھەتتىن بىر قاتار ھاللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇش ، شۇنىڭدەك شىنجاڭنىڭ 4 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئەبەدىي ئامانلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ باشقۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭدا يېڭىچە بىر باراۋەرلىك تىنىچلىق مۇقىملىق ئورنىتىشتىن ئىبارەت . مەسىلەن مىسال : خوجىنىياز ھاجى ھوقوق تۇتقان شۇ دەملەردە ھەر قايسى رايونلاردا مىللىي ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى كۆپلەپ يۈز بېرىپ مائارىپ ئوقۇ - ئوقۇتۇش ئىشلىرى تېز زور كۆلەمدە تەرەققىي قىلدى ، مەسىلەن ھەر قاسى يۇرتلاردا : قومۇل مەدەنىيەت ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ، ئىلى ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى قەشقەر ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى خوتەن ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى ............... قاتارلىقلار . دەل شۇ چاغدا 1936 -يىلى مېنىڭ ئانا ساۋادىمنى چىقارغان ئانا مەكتىپىم قومۇل شەھەر ئىچى يېزىسىغا جايلاشقان شەھەر ئىچى باشلانغۇچ مەكتەپ يەنى ھازىرقى شەھەرلىك 1 - باشلانغۇچ مەكتەپ بىلەن بازار باشلانغۇچ يەنى ئىلگىرىكى شەھەرلىك 1- باشلانغۇچ بىلەن شەھەرلىك 2- باشلانغۇچ ( خەنزۇ باشلانغۇچ مەكتەپ ) يەنى ھازىرقى ئىككىسى قوشۇلغان ھالەتتىكى خەنزۇ - مىللىي ئارىلشقان لۇنېڭ ئۈمىت مەكتىپى قاتالىقلار دەل شۇنىڭ تۈتكىسىدە ھازىرلانغان . يەنە بىرسى ھاجىم بوۋىمىز بىلەن مەھمۇد مۇھىتى يەنى مەھمۇد شىجاڭنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇلۇغ ئوت يۈرەك مائارىپچى مەمتېلى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ مىللەت ئويغىنىشى ئۈچۈن قىلغان تىرىشچانلىقلىرىمۇ ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەن ، تولىمۇ ئەپسۇس ، شۇ ھاجىم بوۋىمىز ئۆز ساددىلىقى سىياسىي تاتىكىسىنىڭ چولتىلىقى ، مەھمۇد شىجاڭنىڭ بولسا بۇنداق شىڭ غوجامنىڭ ھىيلە - مىكىرىنى ئالدىن سېزىپ ھاجىمنى سەگەكلەشتۈرۈلمەي ئاخىرىدا يەنە ئۆزى يالغۇز چەتئەلگە قاچقانلىق سەۋەبلىك 1937 - يىلىدىكى مەمتېلى ئەپەندى باشچىلىقىدا ئاتۇشتا قوزغىلىپ پۈتۈن شىنجاڭغا ئالاھىدە ئۆرنەك بولغان يېڭىچە داغدۇغىلىق ئېلىپ بېرىلغان مائارىپ روھى ھەرىكىتىنىڭ ئېغىر توسقۇنلۇققا ئۇچرىرى ھەم دەپسەندە قىلىندى ، ئىلگىرى مەھمۇد شىجاڭ بولسا ئاتۇش مائارىپ روھى ھەرىكتىنى ئۆزىنىڭ شىنجاڭدىكى يوقۇرى ئىمتىيازى ھەربىي كۈچى ئارقىلىق قوللاپ قۇۋەتلىگەن ھەم يامانلارنىڭ زەھەرلىك قولىدىن ئاسراپ قوغداپ قالغان ئىدى . ۈۇلاردىن باشقا مىسال ئالساق جىق ، شىڭ غوجامنىڭ سىتالىن ھۆكۈمىتى ئارقىلىق سوۋېت ھۆكۈمىتىدىن ئالغان زور سوممىلىق قەرزنى قايتۇرۇش بەدىلىگە پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىنى ھەر ئۇيغۇر باي سودىگەرلىرىنى نۇرغۇن تۆھمەتلەر بىلەن بۇلاپ - تالاپ قۇرۇق قاق سەنەم ھالاتتە قەلەندەر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويغانلىقى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق ........ بۇنداق ئىشلار مىسالى جىق ، لېكىن مېنىڭ بۇ ئىنكاسىمغا ئاساسەن ھارزىرقى ئەمەلىيەتكە بېقىپ ئىنكاسلىرىمغا ئۇلاپ بەزى بىر ئىشلارنى مىسالغا ئالماسلىقىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن ، بۇ مېنىڭ سەمىمىي كۆڭلۈم ئەسكەرتىشىم خالاس . لېكىنزە شۇ بىچارە خوجىنىياز ھاجى بوۋىمىز بۇ ئويۇنلارنىڭ تېگى - تەكتىگە يېتىپ بولالمىغانلىق سەۋەبىدىن بۇنداق نەتىقىنىڭ يۈز برىشىنى پەقەت خەۋەرسىز ھەم ئويلاپمۇ باقمىغان ، ناۋادا چۈشەنگەن بولسىدى ، ئاران مىڭ تەستە تىكلىگەن مەدەنىيەت ئاقارتىش ھەم ئىقتىسادىي تەرەققىيات كۈچىنى ساقلاپ قالار ئىدى ، ھەي نادان ساددىلىق .......... مەنچە ئاشۇ ھەممىنى قىلغىنى ھاجىمنىڭ بېشىنى قاينىتىپ ئوچاق قىلغىنى دەل ئاشۇ قاسىم مۇناپىق ، ( دوزاختا ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتقانسە شاۋىچى سولامچى مۇناپىق ، بىزنى شۇنچىۋالا دەرتتە قويۇپ ) قاسىم ئەپەندى دەپ چىقىدىكەن تېخى تارىختا ، ھەي ئۇنىڭ نەرىمۇ بىر ئەپەندىم دېگەنگە لايىق بولسۇن ، ئۇ دۇنيا جاھانگىرلىكىنىڭ قولچوماقچىسىغۇ ، ئەپەندىم دەپ ئەسلى ئەل - ئاۋامنىڭ ئوتىدا كۆيگەن ئەل - ئاۋامنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇپ ئەل - ئاۋامنىڭ گۈزەل پارلاق ئىستىبالى ئۈچۈن تىنىمسىز كۆرەش قىلغان مەمتېلى ئەپەندى ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لوتپۇللا مۇتەللىپ ....... قاتارلىق كىشىلەردەك سېخىي مېھنەتسىز ئەمگىكىنى ئايىمايدىغان ئالىيجاناپ كىشىلەرگە ئەڭ مۇۋاپىق تەتبىقلانمامدۇ دەيمە ......... |
|