- تىزىملاتقان
- 2015-6-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-14
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7115
- نادىر
- 0
- يازما
- 218
ئۆسۈش
42.3%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا SANHON تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-8-7 03:41
muwappikiyat يوللىغان ۋاقتى 2015-8-5 17:38
رەيھان بەكتۇر مۇكاپاتكا ئىرىشسە بۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئى ...
قېرىندىشىم ‹‹muwappikiyat›› ئاۋۋال مەن سىزگە مەزكۈر تىمىنىڭ ئىچىدىكى مۇنۇ 3بۆلەك(ئابزاس) مەزمۇننى ‹‹ سوۋغا›› قىلدىم ئالدىرماي ئوقۇپ چىقىڭ !!!
............بۇ سەككىز نەپەر ئالىمنىڭ بىرى - دەل ئامېرىكا يۇتا شىتاتلىق ئۇنىۋېرستېتى كومپىيۇتىر ۋە ئېلېكتىر ئېنژىنىرلىقى فاكۇلتېتىدىكى ئۇيغۇر پىروفېسسور رەيھان بەكتۇر ئىكەن. ئالىمىمىز رەيھان بەكتۇرنىڭ ئېرىشىش ناھايىتى تەس، رىقابەت كۈچلۈك بولغان بىر ساھەدە ناسانىڭ تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بۇ مۇكاپاتنىڭ بىر قىسمى بىر نەپەر دوكتور ئوقۇغۇچىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، دوكتور رەيھان بەكتۇر يېڭىدىن ئالماقچى بولغان بىر نەپەر ئۇيغۇر دوكتور ئوقۇغۇچىسىنىڭ كېيىنكى ئىككى يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە تۇرمۇش چىقىملىرىنى مۇشۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكچى ئىكەن. مەن دوكتور رەيھان بەكتۇرنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن!.........
.........بۇ يىلنىڭ بېشىدا دوكتور رەيھان بەكتۇر يەنە ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئاساسلىقى يۇقىرى تېخنىكىلىق سېنتىزلەنگەن ئۆمۈچۈك يىپىكى ئانتېنناسى ياساش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. بۇ تەتقىقاتتا، ئۇ قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ئالدى ئەينىكى، كىيىم ياكى تېرىگە بىۋاستە ئانتېننانى يازىدىغان بولۇپ، بۇ خىل تەتقىقات ئارقىلىق ئەڭ يەڭگىل ۋە كىيگىلى بولىدىغان ئانتېننا ياساپ چىققىلى بولىدىكەن.
........دوكتور رەيھان بەكتۇر ھازىرغىچە ئامېرىكا تەبئىي پەن فوندى قاتارلىق ئورۇنلار مەبلەغ سالغان كۆپلىگەن تەتقىقات تۈرلىرىنى مۇۋاپىققىيەتلىك تاماملىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ يىل ئارقا-ئارقىدىن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى ۋە ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ تەتقىقات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ئۇنىڭ كەسپىدە ئۈزلۈكسىز يۈكسىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەتقىقاتلىرىغا تېخىمۇ روز ئۇتۇقلار يار بولسۇن!
سىز يۇقارقى 3بۆلەك(ئابزاس) مەزمۇننى قايتا ئوقۇپ كۆز قاراش ھىسياتىڭىز ئۆزگەردىمۇ؟
!!!
|
|