- تىزىملاتقان
- 2015-1-30
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-8-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 12855
- نادىر
- 0
- يازما
- 1240
ئۆسۈش
7.14%
|
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا putin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-9-3 19:44
alsuyer يوللىغان ۋاقتى 2015-9-3 18:57
پۇتىن ئەپەندى سىز « بىر ھاكىمىيەت ۋە ھۆكۈمدار پارىخورل ...
ئەلسۆيەر ئەپەندى :
خىشىنغا مەن يۇقىرى باھا بەرمىدىم بەلكى ،خەلق ئارىسىدا مۇشۇنداق باھالار بار .جوۋيوڭكاڭ خىشىن بولالمايدۇ .پەقەت پىشكە خالاس .پارىخورلۇقنى خەلق ياقتۇرمايدۇ .ھۆكۈمەتمۇ شۇ بىراق ،ھۆكۈمەت بۇ ئىشقا بىر كۆزىنى يۇمۇپ قۇيىدۇ .سىز مۇخپىر ،سىز بىلەن تېمىدا تىخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرسەم سىزمۇ ئىچىلىپ پاراڭلاشمايسىز ،كەسپىي پاراڭلار بىلەن مۇنازىرىگە نوقتا ئۇرىسىز .
ھازىر سىز ئاددى كىشىلەر ئاددى بولغان مەمۇرى ھۆكۈمەت ئىشلىرى بويىچە ئىش بىجىرىشىنىڭ قانچىلىك تەسلىشىپ كەتكىنى بىلمەيسىز ئەمەس ...كادىرلارنىڭ بىجىرىپ بەرگۈسى يوق ئەمەس بۇرۇنقىدەك يۈرەك يوق ،شامالغا كىتىشتىن قۇرقىدۇ .شى رەئىس ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ ،چىرىكلىككە قارشى تۇرىۋاتىدۇ .ئىككى يىل ئىچىدە ،دۆلىتىمىزدە ئادەتتىكى مەھەللە باشلىقلىرى ،سىكىتارلىرىدىن مىلىيونلاپ پار ئالغانلار يىتىشىپ چىقتى .ھوقۇقنىڭ تۆۋەنگە چۈشىشى بىلەن بىرقىسىم ئاقنانچى ھۆكۈمەت خادىملىرى بارلىققا كەلدى .ئۇلارنىڭ خىزمىتى ھەم ھاياتلىقى كۈندىلىك ئورۇندۇق -ئۈستەللىرىنى سۈرتۈش بىلەن ھورى چىقىپ تۇرغا چاي ئىستىكانىغا قاراپلا كۈن ئۆتكۈزىدىغان ئارلىقتىكى ھۆكۈمەت خادىملىرى پەيدا بولدى .بۇلارنىڭ قولىدا ئەمەلىي ھوقۇق يوق ،خىزمەت قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ ،خىزمەت پوزىتسىيەسى قوپاللىشىپ كەتتى .بۇنداق ئەھۋالغا ئۇچرىغان تورداشلارمۇ ئاز ئەمەس ھەقىچان .بۇرۇنلار كەينىڭىزدىن ئۇ-بۇ سىياسەت ئۇچۇرلارنىڭ ئىزدەپ قوغلاپ يۇرىدىغان مەھەللە ،كەنت كادىرلىرىنى سىز ئىزدەپ تاپالمايسىز ،ئالدىراشلىقىدىن سىز بىلەن كۆرەشكۈدەك ۋاقتى يوق ...بۇ دەل ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ خەلققە قۇلايلىق يارىتىش ؟
تارىختا خانلار پاك ئەمەلدارلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلىتەتتى .لىكىن ،ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى .پاك ئەمەلدار خانغا سادىق ئەمەس بەلكى ئۆزىنىڭ پاكلىق ئىتىقادى سادىق ئىدى .بىراق ،پارىخورلار خاننىڭ ئەتىۋارلىشىشا ئىرىشەتتى ،ئىشەنچىسىگە ئىرىشەتتى .چۈنكى پارىخولارغا ئايان بولغىنى ھاكىمىيەتنىڭ مەۋجۇتلىقى بىلەن خاننىڭ ئۇلارغا بولغان ئىشەنچىسى ۋە خاننىڭ ئىتىپادىنى بىلەتتى .خىشىن بولسا چىيەنلوڭنىڭ سادىق ۋەزىرى .بىراق جىياچىڭنىڭ پىشكىسى بولدى .خانلىق بولسۇن ،سوتسىيالىزىم ،دىموگىراتىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەتلەر بولسۇن نىگىزلىك ئەل سوراش پىرىنسىپى ئوخشاش . |
|