- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-11-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3219
- نادىر
- 0
- يازما
- 135
ئۆسۈش
40.63%
|
بىر پادىشاھنىڭ بىرلا ئوغلى بار ئىكەن ، پادىشا ئوغلىنى بىردىنبىر ۋارىس ھېساپلاپ خۇش بولىدىكەن. بىر كۈنلەردە شاھزادە سۆزلىمەس بولۇپ قاپتۇ. بۇ ھال پادىشانىڭ كۆڭلىنى چالغىتىپلا تۇرىدىغان بولۇپ قاپتۇ. تۈرلۈك ئۇسۇل - چارىلەرنى ئىشقا سېلىپمۇ ئوغلىنى سۆزلىتەلمىگەن پادىشاھ بىر كۈنى يېقىنلىرىنى چاقىرىپ شاھزادىنى شىكارغا ئېلىپ چىقىپتۇ. ئۇلار بىر چاتقاللىققا كەلگەندە قىرغاۋۇللارنىڭ قى- چۇۋلىرى ئاڭلىنىپتۇ. شىكارچىلار قىرغاۋۇللارنى بىردەمدىلا تېپىۋاپتۇ ۋە ئوقيالىرىنى ئىشقا سېلىپ ھەممە قىرغاۋۇللارنى ئوۋلاپتۇ. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن شاھزادە دەرھال زۇۋانغا كېلىپ:
قى -قۇۋلىغان قىزىل قۇش،
قى -قۇۋ چىقتى بېشىڭغا.
قى -قۇۋلىماي جىم تۇرساڭ،
كىم كېلەتتى قېشىڭغا؟
دەپتۇ، شاھزادىنىڭ زۇۋانغا كەلگەنلىكى شىكارچىلارنى قەۋەتلا خوش قىلىۋېتىپتۇ. ئۇلار قىن -قېنىغا پېتىشماي بۇ خۇش خەۋەرنى پادىشاھقا يەتكۈزۈپتۇ. ئەتىسى پادىشاھ ئوغلىدىن :
- شىكاردا كۆڭلۈڭ ئاۋۇندىمۇ؟ دەپ سوراپتۇ. لېكىن شاھزادە ئۈندىمەپتۇ. پادىشاھ دەر غەزەپ بولۇپ ئالتۇن گىرۋەكلىك يەلپۈگۈچنى ئىشقا سېلىپ ئوغلىنى قورقۇتۇپتۇ.شاھزادىگە يەلپۈگۈچ تەككەندىن كېيىن زۇۋانغا كېلىپ:
سۆزلىگەندىن سۆزلىمىگەن ياخشىراق، تۈنۆگۈن سۆزلىۋىدىم بۇگۈن تەگدى بىر تاياق.
دەپتۇ. بۇ گەپ بىلەن پادىشاھ جىم بولۇپ قاپتۇ.
مەنبە: تەقدىرداش |
|