ئەر-خوتۇنلار ئۆز ئاراچۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشى لازىم
ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇمكى ،ئائىلە-كىشىلەر بوران -چاپقۇنلاردىن ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان جاي.ئائىلە كىشىلەرگە ئىللىقلىق بېغىشلايدۇ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ. سىرتتا دىگىلى بولمايدىغان گەپلەرنى ئۆيگە كېلىپ دىگىلى بولىدۇ.شۇڭا نۇرغۇن كىشىلەر ئائىلىنى مۇھەببەت قولتۇقى دەپ ئاتىشىدۇ. ئەر -خوتۇن بىر ئۆيگە كىرگەندن باشلاپ بۇ ماكاننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ھارماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.لېكىن بۇ ماكاننى گۈللەندۈرۈش -گۈللەندۈرەلمەسلىك ئەر- خوتۇن ئوتتۇرسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇش، مۇھەببەت ۋە ئۆز -ئارا چۈشىنىشكە باغلىق.بەزىلەر ئىناق ئەر -خوتۇننىڭ گېپى تۈگىمەيدۇ دەيدۇ. بەزى مۇتەخەسىسلەرمۇ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ،ئىناق ئەر -خوتۇنلارنىڭ كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن 40 مىنۇتتىن ئارتۇق پاراڭلىشىدىغانلىقىنى ،بەزىلىرىنىڭ ھەتتا كۈنىگە بىر سائەت 40 مىنۇتتىن ئارتۇق پاراڭلىشىپ ئۆز -ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. مەسىلەن، ئەر -خوتۇنلار خىزمەت ،ئۆگىنىش ئۈستىدە شۇنداقلا خىزمەتداشلار ۋە قولۇم خوشنىلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت ئۈستىدە ، يەنە بەزى جەمئىيەت ۋە دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشلىرى .....ئۈستىدە ئۆز- ئارا پىكىر ئالماشتۇرسا بىر -بىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىدۇ.
ئەگەر ھەر قانداق بىر ئەر ياكى خوتۇن بەخىتلىك ئائىلە قۇرۇشنى ئۈمىت قىلىدىكەن ،چوقۇم ئۆز -ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا چۈشىنىشتىن ئىبارەت بۇ خىل «سەنئەتنى» ئۈگىنىۋېلىشى لازىم.بۇ خىل ئۇسۇل ھېچقاچان ئەرنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا ياخشىچاق بولۇش ياكى خوتۇنىنى خوشال قىلىش ئۈچۈنلا بولماسلىقى كېرەك.چىن ئىنسان ئۈچۈن ئېيتقاندا ،سەمىمىلىك ،ئاقكۆڭۈللۈك ۋە قەلىپ گۈزەللىكىنى يوقىتىپ قويماسلىق ھەممىدىن مۇھىم. ئەڭ مۇھىمى مەدەنىيەت ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش كېرەك. ھەۋەسلىرى بىر يەردىن چىقمىسىمۇ ئارزۇسى بىر يەردىن چىقىشى كېرەك. ئەر -خوتۇننىڭ ئارزۇسى ،ھەۋىسى ئوخشاپ كەتسە ئۆز -ئارا بەسلىشىپ ئالغا ئىلگىرلىيەلەيدىغان بولسا ،بۇنداق ئەر -خوتۇنلار چوقۇم چۈشىنىش ھاسىل قىلالايدۇ.،ئائىلىسىمۇ ساغلام روناق تاپىدۇ.
كۆڭۈللەر ئايۋان
خىياللار مېھمان
دۇنيادۇر ساراي
ئىنسانلار كارۋان.
بۇ ئايۋان ئىچىدىن
تاپايلى بەخىت
چۈنكى بىز دۇنياغا
تۆت كۈنلۈك مېھمان.
مەنبە: پەن ۋە تۇرمۇش
|