قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1435|ئىنكاس: 3

خوتۇنىنى بۇلىغان ئەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-28 15:47:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ ئۆزىنىڭ ئاسانلا بۇلاڭچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرمىگەن ئىدى.قوللىرىغا كالتەك تۇتقان ،يۈزىنى قارا لاتا بىلەن تېڭىۋالغان تۆت بۇلاڭچى يەردىن ئۈنۈپ چىققاندەك ئۇنىڭ ئالدىغا پەيدا بولغاندا، قارشىلىق قىلىشنىڭ ئۇرۇنسىز ئىكەنلىگىنى تونۇپ يەتتى.بۇلاڭچىلار ئەرنىڭ قولىنى باغلاپ ،كۆزىنى تېڭىپ، يېقىندىلا سېتىۋالغان ئۆزىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىرىپ تۈن قوينىغا غايىپ بولدى.
تۆت بۇلاڭچى ئۇنى پالازنى سۆرۈگەندەك سۆرەپ،بىر ئېغىزلىق كونا كېسەك تاملىق ئۆينىڭ ئىچىگە تاشلىدى ھەم كۆزىدىكى لاتىنى ئېلىۋەتتى.ئەر شام يورۇغىدا ئۆي ئىچىگە نەزەر سالدى.تۇرۇسلىرى ئۆمۈچۈك تورى قاپلاپ كەتكەن بۇ تاشلاندۇق ئۆينىڭ بىر بۇلۇڭىدا يىرتىلىپ مىجىغى چىقىپ كەتكەن بىر پارچە ئەسكى كىگىزدىن باشقا نەرسە ھىچنەرسە يوق ئىدى.پەقەت قۇرۇقدىلىنىپ قالغان ئۈچ –تۆت ھاراق پوتۇلكىسى ئۆزىدەك بىچارە ھالەتتە تۇراتتى.
يۈزىگە قارا لاتىدىن نىقاپ تارتقان ئىگىز بوي ئەر ،كالتىگىنى ئۆينۇتۇپ ئۇنىڭغا ھەيۋە قىلدى:
ـ بىز سەندىن پۇل قەرز ئالماقچى،سىنىڭ كىملىگىڭنى بىز ئوبدان بىلىمىز،ئەگەر ساڭا جان كېرەك بولسا بىز بىلەن ھەمكارلاش.
ـ ئاكا ،ئۇنىڭغا ئاغزىڭنى ئۇپراتما.ئالدى بىلەن كالتەكنىڭ تەمىنى بىر تېتىتىپ قويايلى
ـ شۇنداق،شۇنداق،بۇنداق گۇيلارغا تاياقتىن باشقىسى بىكار
ـ ئاكا ،بارمىقىنى كېسەيمۇ ،بۇرنىنى؟ شۇ چاغدا پۇل دىگەن مېنە دەپ بىزگە تىزلانمىغىنىنى كۆرەي
بۇلاڭچىلار كالتەك،پىچاقلىرىنى ئۆينۇتۇپ ئەرگە ھەيۋە قىلىشنى باشلىدى.شۇ ئەسناداتوپ ئىچىدىكى
پاكار بوي بۇلاڭچى كالتىگىنى چۈرۈپ ئېتىلىپ كەلدى.ئىگىز بوي قاراڭچى چاقماق تىزلىگىدە بىر پەشما بىلەن ،ئېتىلىپ كەلگەن پاكار بوينى يەرگە يىقىتىۋەتتى.
ـ بۇ يەردە سەن چوڭمۇ،مەنمۇ؟ئاڭلاپ تۇرۇش!،ـ ئىگىز بوي ئەر يېنىدىكى شىرىكلىرىگە ۋاقىردى.ـ تۆت تەرەپكە سەگەك بۇلۇش،بۇ بايۋەتچىنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقىنىنى بىلىشمىدىڭمۇ؟
ـ سىلەر مىنى مۇشۇ ئۆيدە بۇلىماقچىمۇ،- دىدى بۇلانغان ئەر قاراقچىلارغا
ـ سىنى نەدە بۇلىساق بولاتتى،غوجام. ئاشناڭنىڭ ئۆيىدە بۇلايلىمۇ يا
تۆت قاراقچى قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى
ـ جاھان نىمە دىگەن تار –ھە،ـ دىدى بۇلانغان ئەر قاراقچىلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ،ـ مەن سىلەردەك ئەزىمەتلەرنى تاپالماي يۈرگەن.بىر ھىساپتا بۇمۇ ياخشى بولدى.بەك ياخشى بولدى
ـ بۇ نىمە دىگىنىڭ؟
ـ نىمە دىگىنىم بولاتتى.سىلەرگە پۇل كېرەك شۇنداقمۇ؟ لېكىن ماڭىمۇ پۇل كېرەك،سىلەرگە قانچىلىك پۇل كېرەك
ـ يۈزمىڭ بولسا بولدى،بولمىسا جېنىڭغا بىزمۇ كېپىللىك قىلالمايمىز
ـ مەن سىلەرگە ئۈچ يۈز مىڭنى بېرەي قانداق؟ئۈچ يۈزمىڭنى بەرسەم قۇيۇۋەتەمسىلەر
تۆت بۇلاڭچى ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىققان بۇ سۆزگە قاراپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.ئىگىز بوي ئەر قاقاپلاپ كۈلگەن پېتى يېنىدىن پىچىغىنى چىقىرىپ بۇلانغان ئەرنىڭ كىكىرتىگىگە نىقتىدى:
ـ سەن بىزنى كۆلدۇرلاتماقچىما!
ـ خاتا چۈشۈنۈپ قالما،ئىشەنمىسەڭ ماشىنامدا ئەللىك مىڭ يۇەن نەق پۇل بار ،كارتامدا يۈز مىڭ يۇەندىن ئارتۇق پۇل بار.مەنمۇ بىرسىنى بۇلاشنى ئۇزۇندىن بىرى پىلان سۇقۇپ يۈرگەن .ئەگەر شۇنى بۇلىساق،سەنمۇ،مەنمۇ، تېغىمۇ ياخشى كۈننىڭ سېرىغىنى كۆرىمىز .بىز ھەمكارلاشساق قانداق
ـ بۇ نىمە بوپ كەتتى ئەمدى.
ئىگىز بوي بۇلاڭچى، بۇلانغان ئەر كىشىنىڭ گەپ –سۆزىدىن تېقىرقاپ قالدى.بۇلاڭچى بۇ ئەرنى ئوبدان تونۇيدۇ،شەھەردىكى كۆزگە كۈرۈنگەن باي،ئىناۋىتىمۇ يۇقۇرى.شىركىتىمۇ شۇنداق روناق تاپقان.پۇل دىگەننى غازاڭدەك خەجلەيدۇ. سەتەڭ قىزلار ‹ھاجىكا ›دەپ تىلىنىڭ سۈيى قالمايدۇ.ھەمكارلاشساق دىگىنى نىمىسى،چوقۇم ھىلە بۇلۇشى مۇمكىن.ئاتامان بۇرۇلۇپ بۇلانغان ئەرگە تىكىلدى.
ـ كىمنى بۇلايمىز؟
ـ خوتۇنۇمنى...
ـ خوتۇنۇمنى دەمسىنا،ئېزىپ قالمىغانسەن –ھە
ئاتامان كالتەك بىلەن ئەرنىڭ يوتىسىغا بىرنى سالدى.ئەر تىزلىنىپ قالدى.
ـ كىمەڭنى ئاخماق قىلماقچى،خوتۇنىڭنى بۇلاپ نىمە قىلىمىز،ياش قىزلارنىڭ كوپلىگىدىن ،خوتۇنىڭنى بۇلاپ بىزگە سولاپ بەرمەكچىمۇ،ناچار خۇمسىكەنسەن ناچار...ئانىسىنى بىلمىگەن بۇ خۇمسىنى تازا بىر ئەدەپلەپ قۇيۇڭلەر...
شىرىكلىرى كالتەكلىرىنى پىقىرتىپ ئەرگە ئېتىلىپ كەلدى.ئەر ئۇلارغا ا ۋاقىردى:
ـ توختا !
ئىگىز بوي قاراقچىنىڭ شىرىكلىرى بىر بۇلانغان ئەرگە،بىر ئۆزىنىڭ ئاتامىنىغا قاراپ تۇرۇپ قېلىشتى.
ـ مىنى كىيىن ئۇرساڭمۇ كىچىكمەيسەن،دىدى ئۇ بۇلاڭچىلارغا -،مەن خوتۇنۇمنى سولاپ بېرەي دىمىدىم،پۇل،پۇل،يەنە شۇ نىجىس پۇلنى قولغا كەلتۈرەيلى دىدىم.شىركەتنىڭ مالىيىسىنى خوتۇنۇم باشقۇردۇ،ئەمدى چۈشەنگەنسىلەر ...
ـ سىنى بىر ئەركەك دىسەم ئۆتۈپ كەتكەن بىر لاتىكەنسەنغۇ؟ ھا،ھا،ھا
ـ بىزدىنمۇ نامراتكەنغۇ بۇ ئاكا.ھا،ھا...
ـ شەھەرلىكلەر خوتۇنىدىن قورققىدۇ دىگىنى بىكار ئەمەسكەندە ،ھا،ھا،ھا.
ـ ئاكا ئەمدى قانداق قىلىمىز؟
ـ قانداق قىلاتتۇق.خوتۇن كىشىگە چېقىلمايمىز دىگەن ئىدۇق. بۇ لاتىنى بۇلاپ،يەنە خوتۇن كىشىنى بۇلايدىغان بوپ قالدۇق.
ئىگىز بوي بۇلاڭچى ئەرنىڭ كۆزىگە مىقتەك تىكىلدى،
ـ سەن بىزگە ھىلە ئىشلەتكۈچى بولما،ئېسىڭدە بولسۇن ئاكاڭ قارىغاي ئۈچ ئادەمنىڭ قېنىنى ئىچكەن.سىنىڭ قېنىڭنى ئىچىشمۇ سو ئىچكەندەكلا بىر ئىش،بىلدىڭمۇ؟!
ـ بىلىمەن،بىلىمەن.كارتامدىكى يۈز مىڭ يۈەننىڭ مەخپى نومۇرىنى مەنمۇ بىلمەيمەن،ماشىنامدىكى ئەللىك مىڭ يۇەندىن ئارتۇق نەق پۇلنىڭ بارلىغىنى خوتۇنۇم ئەسلا بىلمەيدۇ.بۇ پۇللارنى سىلەر ئېلىڭلار.پارچە پۇل ئورنىدا ئىشلەتسەڭلەر بولىدۇ.مەنمۇ ئۇزۇندىن بىرى باشقىلارنى ياللاپ خوتۇنۇمنى بۇلاشنى پىلانلاپ كەلگەن.ھازازۇل خوتۇننىڭ دەردىدىن جاق تويدۇم،جاق تويدۇم،بىز ھەمكارلىشايلى
ـ قانداق ھەمكارلىشىمىز؟
ـ يەتتە ئۈلۈشىنى سىلەر ئالىسىلەر ،ئۈچ ئۈلۈشىنى مەن ئالاي قانداق؟
ـ بىز ساڭا قانداق ئىشىنىمز؟
ـ بۇ ئاددىغۇ؟ مەن سىلەرنى تونۇمايمەن،چىرايىڭلەرنىمۇ لاتا بىلەن تېڭىۋېپسىلەر،مىنىڭ پۇت قولۇمنى باغلاپ،كۆزۇمنى تېڭىپ،ئاغزىمنى ئېتىپ قويىسىلەر،بىرسىڭلار قاراپ تۇرساڭلارمۇ مەيلى.مەن خوتۇنۇمغا بىر تېلىفۇن بىلەن،مەن بۇ يەردە تىز كەل،مۇھىم سودا چىقىپ قالدى دىسەم ئۇچۇپلا كېلىدۇ.ئۇنداق سۇرۇنغا بانكا كارتىسىنى ئېلىۋېلىشنى ئۇ ئەسلا ئۇنتۇپ قالمايدۇ،قانداق؟
ـ ئۇنداقتا ھازىر تېلىفۇن قىل.
ـ شۇنچە كەچتە بانكىنىڭ ھەممىسى تاقاق تۇرسا خوتۇنۇم كارتىسىنى كۆتۈرۈپ كېلەمتى.ئەتە چۈشتە بولسۇن.ئۇ خوتۇنۇمنى بۇلاشنىڭ ئەڭ ياخشى پەيتتى،چۈنكى ساقچىلارنىڭمۇ قورسىغى ئاچىدۇ ئەمەسمۇ-ھە.
تۆت قاراقچى بىر-بىرسىنىڭ كۆزىگە مەنىلىك بىر قاراشقاندىن كىيىن قاقاقلاپ كۈلۈشۈپ كەتتى
باغلاقتىكى ئەر بۇلاڭچىلارنىڭ بۇ تۇرقىنى كۈرۈپ يىنىك بىر تىندى.
ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن‹ گۈزەل شەھەر› گېزىتىنىڭ باش بىتىگە بىر خەۋەر ئىلان قىلىندى.خەۋەردە مۇنداق دىيىلگەن ئىدى.«شەھىرىمىزدىكى كۆزگە كۈرۈنگەن كارخانىچى ئۆز ئەقىل پاراسىتى بىلەن ،رايونىمىزدا ئۇزۇندىن بىرى جىنايەت سادىر قىلىپ، قىلمىغان ئەسكىلىگى قالمىغان بىر جىنايەت شايكىسىنى تارمار قىلدى.ئەقىل-پاراسەتكە تولغان بۇ كارخانىچىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىمۇ ئۆزگىچە،ئۇ بۇلاڭچىلارغا باش ئەگمەي،«زەھەر بىلەن زەھەرنى قايتۇرۇش» ھىلىسىنى قوللۇنۇپ،ئۆزى تۇتقۇن قىلىنغان شارائىتتىمۇ بۇلاڭچىلارنى قايمۇقتۇرۇپ ئۆز خوتۇنىنى بۇلاشقا كۈشكارتىش ئارقىلىق يولۋاس ئۇۋىسىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان.ئېرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىغىنى بۇرۇنلا سەزگەن ئايال ،شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ساقچىغا مەلۇم قىلىش ئارقىلىق ،پىستۇرما قۇرۇپ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بۇ جىنايەت گورۇھىنى بىر يولدا تارمار قىلغان. »

0

تېما

2

دوست

347

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   23.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34827
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 92
توردىكى ۋاقتى: 12
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-17 20:23:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلىدە مۇنداقئكەندە....................................،                                                         . [s:2]
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

0

دوست

196

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   65.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  13494
يازما سانى: 15
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 24
تۆھپە : 46
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-18
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 13:39:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن بىر-بىرىگە ماس كەلگەن  ئەقىللىق بىر جۈپلەر ئىكەن.

0

تېما

0

دوست

1467

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34488
يازما سانى: 156
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 422
توردىكى ۋاقتى: 94
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2015-4-18 23:15:21 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداقمۇ...كالۋا بۇلاڭچى بۇلامدۇ........................50 مىڭ يۇەننى ئېلىپلا  كەتمەي.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )