- تىزىملاتقان
- 2011-1-18
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-15
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3137
- نادىر
- 0
- يازما
- 101
ئۆسۈش
37.9%
|
1 . باپ قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى
16 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئىسلام دىنى قۇمۇلدا تېز راۋاجلانغان بولسىمۇ ، قۇمۇلغا يەنىلا يۈەن سۇلالىسى خان ئەۋلادلىرىدىن بولغان موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ پۇشتىلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلىپ تۇرغانىدى . 17 - ئەسىرگە كەلگەندە مۇنداق ئەھۋال ئۆزگەردى . جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان ۋاڭلار ئۆزىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەۋلادى دەۋالغان بىر قىسىم خوجىلار تەرىپىدىن كونترۇل قىلىۋېلىندى . ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چاغاتاي ئەۋلادلىرىدىن بولغان ۋاڭلارنىڭ ئۇستازلىرى بولۇپ ، خېلى زور ئىمتىيازغا ۋە ناھايتى كۆپ بايلىققا ئىگە بولۇۋالغان ، ئەمەلىيەتتە ، شۇ جايلارنىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ قالغانىدى . بۇ خوجىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى يەرلىك ئۇيغۇرلار ئىدى . بۇ ۋاقىتتا قۇمۇلدىمۇ مۇھەممەتشاھ غازى ئىسىملىك بىر خوجا پەيدا بولدى . ئۇنىڭ ئاتىسى يارى مۇھەممەت غازى ، بوۋىسى باقى غازى ، ئۇلۇغ بوۋىسى ھەسەن غازى ئەۋلادمۇ - ئەۋلاد قۇمۇلدا ياشاپ كەلگەن بەگلەر ئىدى . مۇھەممەتشاھ غازى ئېھتىمال خوجا دېگەن نامىدىن پايدىلىنىپ ، قۇمۇلدىكى موڭغۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئۇستازى بولۇۋېلىپ ، چوڭ ھوقۇقنى قولىغا كىرگۈزىۋالغان بولۇشى مۈمكىن ( بۇ چاغدا قۇمۇل تۇرپان ھۆكۈمرانلىقىدىن يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئۆتكەنىدى ) .
كاڭشىنىڭ 17 - يىلى ( 1678 - يىلى ) جۇڭغارلارنىڭ خانى غالدان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئەسكەر چىقىرىپ ، يەكەن خانلىقىنى يوقىتىپ ، تىيانشاننىڭ جەنۇبىنى بېسىۋېلىپ ، ئاق تاغلىقلارنىڭ باشلىقى ئاپپاق خوجىنى ئۆزىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ تەيىنلەيدۇ . كېيىنكى يىلى ( 1679 - يىلى ) ئۇ يەنە قۇمۇل ۋە تۇرپاننى بېسىۋالىدۇ . قۇمۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى باشلىقى مۇھەممەتشاھ غازىنىڭ ئوغلى ئەبەيدۇللا تارخان بەگ ئىدى . ئۇ ، قۇمۇلدىكى ئاق تاغلىقلار ( ئاق تەقىيلىك ئۇيغۇرلار ) نىڭ باشلىقى بولۇپ ، جۇڭغارخان ئۇنىڭغىمۇ < تارخان > دېگەن نامنى بەرگەنىدى ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ، جۇڭغارخاننىڭ قۇمۇلدىكى گۇماشتىسى بولۇپ قالىدۇ .
جۇڭغارلارنىڭ شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋاستىلىرى ئىنتايىن قەبىھ بولغانلىقتىن ، خەلىقنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقى ۋە قارشىلىقى قوزغىلىدۇ . جايلاردىكى ئۇيغۇرلار < سۇ بىلەن ئوتنىڭ ئىچىگە كىرىپ قالغاندەك غەم - ئەندىشىدە قېلىپ ، تەرەپ - تەرەپكە قېچىپمۇ ئامانلىق تاپالمايدۇ > ، < ئاشلىق ۋە مال - دۇنياسىنى كۆمۈپ تاشلايدۇ > ياكى قورغان ياساپ مۇداپئەلىنىدۇ ، ئەمما تېخىمۇ كۆپ قىسمى باشقا ياقلارغا قاچىدۇ ۋە ئىچكى ئۆلكىلەرگە بېرىۋالىدۇ . ئىچكى ئۆلكىلەرگە قېچىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ چىڭ ھۆكۈمىتى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدۇ . كاڭشىنىڭ 29 - يىلى ( 1690 - يىلى ) جەنۇبىي شىنجاڭدا دېھقانلار قوزغىلىڭى پارتلاپ ، ئاپپاق خوجا قۇمۇلغا قېچىپ كېلىۋالىدۇ . جۇڭغار ھۆكۈمرانلىرىنىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشى بىلەن دېھقانلار قوزغىلىڭى مەغلۇب بولىدۇ ، ئاپپاق خوجا يەنە يەكەنگە قايتىپ بارىدۇ . شۇنىڭدىن تارتىپ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتى تىنىچلانمايدۇ .
داۋامى بار
مەنبە : قۇمۇل ناھىيىسى تەزكىرىسى |
|