قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 577|ئىنكاس: 3

(خاندولۇق)ئۇچۇر كىرىزىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

2

دوست

2332

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   11.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18913
يازما سانى: 49
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 38
تۆھپە : 790
توردىكى ۋاقتى: 124
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-28 17:56:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇچۇر كىرىزىسىدىن تۇغۇلغان ئويلار

ئىنسانلارمەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەندىن بىرى يېزا-ئىگىلىك دەۋرى،سانائەت دەۋرى،ئۇچۇر-ئىلىكتىرون دەۋرى قاتارلىق دەۋىرلەرنى بىسىپ ئۈتۈپ،بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندەكۆچمە ئالاقە-ئۇچۇر دەۋرىگە كىردى.
كۆچمە ئالاقە-ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى ھەربىر ئادەمنى ئۇچۇر ۋاستىلىرى بىلەن شۇنچىلىك مەھكەم باغلىۋەتتىكى ،ئۇچۇرھەتتاكى بىر ئاپەتكە ئايلاندى.
ئۇچۇر ئۆزماھىيىتى بۇيىچە  يىزىقچە،ئاۋازلىق،سىنلىق تېخنىكا سېستىمىلىرى ئارقىلىق كىرگۈزۈلىدىغان ۋە تارقىتىلىپ بىر تەرەپ قىلىنىدىغان سوبىيكت بۇلۇپ،ئىنسانىيەت جەمىئىتى تارقىتىدىغان بارلىق مەزمونلارنى ئۆز ئىچىگەئالىدۇ.ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېرىشىش ئارقىلىق تەبىئەت ۋە جەمىئەتتىكى ئوخشىمىغان ھادىسە ۋە ماھىيەتلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ،شەخس ۋە دۇنيانى تۇنۇيدۇ.
ئۇچۇرنىڭ زىيادە كۆپ بۇلىشى سەۋەپلىك كىلىپ چىقىۋاتقان نورمال تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ قالايماقانلىشىشى،ئىلمىي ئاساسى بولمىغان ،ئىشەنچىسىز ئۇچۇرلارنىڭ توختىماي كىشىلەرنىڭ تەپەككۈرىنى غىدىقلىشى سەۋەپلىك  كىشىلەرنىڭ دۇنياقاراش ۋە قىممەت قاراشلىرىدا سەلبى تەسىرلەرنى پەيدا قىلىشى كۆز ئالدىمىزدىكى ئىش بۇلۇپ قالدى .بۇ دەل ئۇچۇر كىرىزىسىنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئۇچۇركىرىزىسى دىگىنىمىزدە -  ئۇچۇرنىڭ پەيدابۇلىشى، تارقىتىلىشى ۋە پايدىلىنىش جەريانىدا شەكىللەنگەن تەڭپۇڭسىزلىقنىڭ ئىنسانغانىسبەتەن ئىقتىسادىي،ئىجتىمائىي ۋە تۇرمۇش جەھەتتە پەيدا قىلغان ئېغىر دەرىجىدىكى كاشىلا قىلىش ۋە تەھدىت پەيدا قىلىش ھالىتىنى كۆرسىتىدۇ.
ئەنگىلىيەروتىر ئاگېنتلىقىنىڭ قارىمىقىدىكى بىر شىركەت 1300دىن ئارتۇق  ھەرقايسى ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى شىركەت دىرىكتورلىرىغا ئىلىپ بارغان بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشىدە،تەكشۈرۈشنى قۇبۇل قىلغان %60تىن ئارتۇق دىرىكتور ئۆزلىرى بىر كۈندە بىرتەرەپ قىلىدىغان ئۇچۇرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئانالىز قىلىش ۋە  بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ئۈنۈمىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىتىراپ قىلغان.
تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ قارىشىچە ، نۆۋەتتە ھەرقايسى ئورۇنلاردا ئۇچۇر يىغىش ئۈچۈن سەرىپ قىلغان سەرپىيات تەننەرخى ئاللىقاچان ئۇچۇرنىڭ پايدىلىنىش قىممىتىدىن ئىشىپ كەتكەن.
ئۇچۇر ئۈچۈن ئىقتىساد،ۋاقىت ۋە زېھىن سەرىپبۇلىدۇ.مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ ئۇچۇرلار ئۈچۈن سەرىپ بولغان تەننەرخ بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئامىرىكا IBMشىركىتىنىڭ قىياس قىلىشىچە، نۆۋەتتە نۇرغۇنلىغان كارخانىلار ئىنتايىن زور مەبلەغ سىلىپ، چوڭ سان ئامبىرى قۇرۇپ چىققان بۇلۇپ، ئەمەلىيەتتە مۇشۇلارنىڭ ئىچىدە پەقەت%7 شىركەتلا ھەقىقىي پايدىلىنىش قىممىتىگە ئېرىشەلىگەن.

ئۇچۇر كىرىزىسىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى
1.ئۇچۇرنىڭ پاخاللىشىشى
نۆۋەتتە دۇنيادىكى 100مىڭ تۈرلۈكتىن ئارتۇق گىزىت-ژۇرنال،مىليون تۈرلۈكتىن ئارتۇق ھەرخىل كىتاپ،سانىنىمۇ بىلگىلى بولمايدىغان ئۈن-سىن نەشىر بۇيۇملىرى ۋە ئىنتىرنىت ئۇچۇرلىرى؛تۇختىماي كۆپىيىۋاتقان ئۇچۇر-مىدىيە ۋاستىلىرى ۋە ئۇچۇر-مۇلازىمەت ئورۇنلىرى تارقاتقان ئۇچۇرلار باربۇلۇپ،بۇلار مىسىلسىز زور بولغان بىر ئۇچۇر سېستىمىسىنى ھاسىل قىلدى.كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى خۇددى ئۇچۇر بىلەن ئوراپ تاشلانغاندەك ھالەتكە يەتتى.

2.ئۇچۇر ئازغۇنلىقىنىڭ پەيدا بۇلىشى
بۇ بىپايان ئۇچۇر دىڭىزىدا مەيىن شامال ،گۈزەل ھاۋارايى بىلەن  دەھشەتلىك بۇران-چاپقۇنلۇق ھاۋارايى دائىم نۆۋەتلىشىپ پەيدا بۇلۇپ تۇرىدۇ.ئۇچۇرنىڭ زىيادە پاخاللىشىشى بىرقىسىم كىشىلەردە ئۇچۇر ئازغۇنلىقىنى پەيدا بۇلىدۇ.ئاساسلىق سەۋەبى تۈۋەندىكىچە:
①ئۇچۇرلارنىڭ دەل بولماسلىقى
ئۇچۇر پەيدا قىلغۇچىلار ۋە تارقاتقۇچىلارمۇددىئاسى ،ساپاسىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كۆپ قىسىم ئۇچۇرلارنىڭ دەلمۇ-دەل بۇلماسلىقى
②ئۇچۇرلارنىڭ تۇلۇق بولماسلىقى
ئوخشىمىغان مىدىيە ۋاستىلىرى ئارىسىدىكى ئۇچۇرلاردا ئۆز-ئارا ماسلىق بولماسلىق سەۋەبىدىن ئوخشاش ئىشقا قارىتا تۇنۇش ۋەھۆكۈم قىلىشتا ،ئۆز مەنپەتى بۇيىچە قىسمەنلىكنى ئاساس قىلىش ئارقىلىق ئۇچۇرنىڭ تۇلۇق بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.
③ئۇچۇرلارنىڭ زىددىيەتلىك بۇلۇشى
مەسىلەن ئىيىتساق ئامىرىكا ئىراق ئۇرۇشىنى قۇزغىغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئىراقتا قىرغىنچىلىق كۈچى زور بولغان خىمىيىلىك قۇراللارنىڭ بار-يۇقلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار ئۆز-ئارا زىددىيەتلىك.
④ ئۇچۇر زىيىنىنىڭ ئېغىرلىشىشى
ناچار ئۇچۇر،ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇر،سېرىق-شەھۋانى ئۇچۇر، خۇراپاتلىق –زوراۋانلىق ئۇچۇرلىرىنىڭ زىيىنىدىن باشقا كومپىيوتىر ۋىروسىنىڭ پەيدا بۇلىشى كومپىيوتىر ئۇچۇر زىيىنىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋەتتى.
⑤ئۇچۇر تاللاش ۋە شاللاش مىخانىزىمىنىڭ قالاقلىقى
ئۇچۇرلارنىڭ سەلدەك يامراپ كىتىشى،تۇغرا-خاتالىقىنى پەرىق ئەتكىلى بولماسلىق قاتارلىق ھادىسىلەر ئۇچۇر بىرتەرەپ قىلىش مىخانىزىمىنىڭ قالاقلىقىدىن پەيدا بۇلىۋاتىدۇ.
⑥ ئۇچۇر ئىسىراپچىلىقى
ئۇچۇرلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بۇلىشى،ئۇچۇرتاللاش مىخانىزىمىنىڭ قالاق بۇلۇش سەۋەبىدىن نۇرغۇن پايدىلىق ئۇچۇرلار ۋاقتىداپايدىلىنىلماي ئىسىراپ بۇلۇپ كىتىدۇ.  

3.ھەر قايسى پەن نوپوزلۇقلىرىنىڭ ئورنى بوش ياكى كۆپلىگەن نوپوزلۇقلارنىڭ پەيدا بۇلىۋىلىشى
خەلىقئارالىق ئىنتىرنىت بولسا بىر ئەركىن بوشلۇق. بۇ بوشلۇقتا ھەركىم ئەركىن ھالدا ئۆزىنىڭ ئويلىغانلىرىنى بايان قىلىپ تارقىتالايدۇ.ئىلمىيلىكى بولمىغان ،ساختا ئىلىم قاتارلىق ئۇچۇرلارغاقارىتا ئۇچۇر تەۋە بولغان پەن نۇقتىسىدىن شۇ پەننىڭ نوپوزلۇقلىرى تەرىپىدىن تەكشۈرۈش ۋە تەھقىقتىن ئۆتكۈزۈپ دەللىلەش ، ئۇچۇر مىقدارىنىڭ زىيادە كۆپ بۇلىشى،ئىنتىرنىت دۇنياسىنىڭ ئەركىن بۇلۇش خاراكتىرى سەۋەپلىك مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ئۇچۇردۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان ئىلىم نوپوزلۇقلىرى پەيدا بۇلۇپ،زور تۈركۈمدىكى خاتائۇچۇرلار داۋاملىق تارقىلىپ تۇرىۋاتىدۇ.

4.تور ۋەھىمىسى
①  مەۋھۇم بوشلۇقنىڭ چەكسىزلىكى ئىلىپ كەلگەن رىئال تۇرمۇشتىن ئايرىلىپ قىلىش ھادىسىسى
②  ئادەم تەن ئىنىرگىيىسىنىڭ چەكلىكلىكى بىلەن تورئۇچۇرلىرىنىڭ چەكسىزلىكى ئۇتتۇرسىدىكى زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان «كومپىيوتىركىسەللىكى» ئىنسانلارنى جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىن نابۇت قىلماقتا.
③  تور ئۇچۇرلىرىنى تاللاش ۋە تەكشۈرۈشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى كۈنسىرى يۇقىرى كۈتۈرۈلمەكتە.

ئۇچۇر كىرىزىسىنىڭ ئىپادىلىرى
1.ئۇچۇر بۇلغىنىشى
①ساختا ئۇچۇر
ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان،بۇرمىلانغان،يالغان ئۇچۇرلار
②قالدۇق ئۇچۇر
ئەسلىدىكى مەزمون بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئۇشۇقچە ئۇچۇرلار
④ ۋاقتى ئۆتكەن ئۇچۇر
ئۇچۇرنىڭ دەۋىرچانلىق ئالاھىدىلىكىدىن چەتنىگەن ئۇچۇرلار
⑤ ئەخلەت ئۇچۇر
ھەرخىل ئىلىكتىرونلۇق ئەخلەت يوللانمىلار،يانفۇن ئەخلەت ئۇچۇرلىرى،شەھۋانىي ئۇچۇرلار،زوراۋانلىق ئۇچۇرلىرى

2.ئۇچۇر تاشقىنى
ئۇچۇر مىقدارىنىڭ مىسىلسىز زورىيىشى،تارقىتىلىش سۈرئىتىنىڭ كۈنسىرى تىزلىشىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئادەمنىڭ ئۇچىراشقان ئۇچۇرلىرى شۇئادەمنىڭ بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىدىن ئىشىپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىدىغان روھى ۋە جىسمانىي بىسىم .

3.ئۇچۇرتۇسۇلۇشى
ئۇچۇر تارقىتىش ئالاقە جەريانىدا ئوخشىمىغان ئادەملەرنىڭ ۋە ياكى گوروھلارنىڭ مەلوم ئوبىيكتىپ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇچۇرنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى توسۇش سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ھادىسە ئۇچۇر تۇسۇلىشى دەپ ئاتىلىدۇ. بەزى تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر مەلوم ئىقتىسادىي ئۇچۇرلارنى تۇسۇش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئۆزلىرى ئۇتتۇرسىدىكى ئىقتىسادىي پەرىقىنى ساقلاپ تۇرىدۇ.

     ھازىرقىدەك ئۇچۇربىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بىر دەۋىردە ياشاۋاتقان كىشىلەر ئامال بار ئۇچۇرنىڭ زىيىنىدىن ساقلىنىشى كېرەك.نۇرغۇنلىغان مۇنبەرلەر قۇرۇلدى،ئۈندىدار سالونلىرى قۇرۇلدى.ھەتتاكى مۇنبەرلەردە ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئىلگىرى كۆرۈلمىگەن تالاش-تارتىش،بەس –مۇنازىرىلەر بولۇپ ئۆتتى.ئۆتكەنكى مەزگىللەردە توردا يۈز بەرگەن ئىككى پىسخىلوگنىڭ تالاش-تارتىشى سەۋەپلىك مىنىڭ بىر تونۇشۇم ئۆزىنىڭ كۆپ يىللىق يىقىن ئاغىنىسى بىلەن بىرسى بىردىن پىسخىلوگنىڭ تەرىپىنى قىلىشىپ ، مۇنازىرىلىشىپ كۆپ يىللىق دوسىتلۇقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ ،قاتتىق ئىچىندىم.
     ئۇچۇر پارتىلىغان دەۋىردە ھەممە ئادەم ئۆز كۆز قارىشىنى ئەركىن بايان قىلالايدۇ. بەزىلەر ئۆگەنگەن بىلىملىرىنى ئورتاقلىشىش مەقسىتى ، پىدارلىق روھ ۋە ئىلىم پەرزىنى ئاداقىلىش ئۈچۈن بايان قىلىدۇ،بەزىلەر تەسىر-دائىرىسىنى كىڭەيتىش ،نام-ئاتاققا ئېرىشى ئۈچۈن بايان قىلىدۇ،يەنە بەزىلەر بىلىم-تېخنىكىسىنى ئىقتىسادقا ئايلاندۇرۇپ،كىرىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن بايان قىلىدۇ.ئوخشىمىغان پەن،ئوخشىمىغان ئىدولوگىيە،ئوخشىمىغان مىتود،ئوخشىمىغان نىيەت-مەقسەتتە ئۇچۇر تارقىتىدۇ. ھەرقانداق بىر ئىلىم ياكى ھۆنەر–كەسىپ ئىجتىھادنى ۋە ئۆزىگە بېرىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىنسان ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىقسۇن ياكى ھۆنەر-كەسىپتە ۋايىغا يەتسۇن ،ئو ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەم بۇلۇپ تۇرىشى،ئادىمىي نورماللىقنى ،ئىجتىمائىي نورماللىقنى ساقلاپ تۇرىشى كېرەك،ئادەم ھەرقانچە تالانىتلىق بولغاندىمۇ بارلىق ئىلىملەرنى ئۆگىنىپ بۇلالىشى،ھەممە-ھۆنەر كەسىپتە بىراقلا يۇقىرى پەللىگە يىتەلىشى مۇمكىن ئەمەس،شۇڭا ئادەم كۆپىنچە بىر ياكى ئىككى خىل ئىلىمدە،بىر ياكى بىرقانچە خىل ھۆنەردە كامالەتكەيىتەلىشى مۇمكىن.تەلۋىلەرچە ھالدا ئۆز ئىلمىگە،ئۆز ھۆنىرىگە كىرىپ كىتىپ،ئىجتىمائىيلىقتىن ئايرىلىپ قىلىش كۆپىنچە ھاللاردا بىر تەرەپلىمىلىكنى (ئەسەبىيلىكنى)كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.پەندىمۇ شۇ،دىندىمۇ شۇ،ھۆنەردىمۇ شۇ. ئەسەبىيلەشكەن ئادەمنىڭ تەپەككۈرى شۇ ئۆزى كىرىپ كەتكەن ئىلىم ياكى ھۆنەر كاتىگورىيىسىدىن چىقالماي ئۆزىنى نابۇت قىلىدۇ .جەمىئەتكە زىيان كەلتۈرىدۇ.
      ئۇچۇر پارتىلاۋاتقان دەۋىردە كۆچمە-ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتى بىزنى ئۇچۇرغا چەكسىزيىقىنلاشتۈرىۋەتتى،ئۇچۇردىن مۇۋاپىق ،ئىلمىي پايدىلىنىش كېرەك،ئۇچۇرسىز قالساق دۇنيانىڭ كەينىدە قالىدىغان گەپ. بىراق ئۇچۇر دۇنياسىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ،رىئال دۇنيادىن ئايرىلىپ قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.ئۇچۇر كۆرۈشنىڭ ئۆزى رىئال دۇنيائۈچۈندۇر. ھەرخىل ئۇچۇرلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ قىلىپ،ئەسەبىيلىشىش ئوخشاشلا ئادەمنى نابۇت قىلىدۇ.
      تۆت تادونىڭ ئاتنى تۇنۇشى دەپ مۇنداق بىر ھىكايە بار ، تۆت ئادەم بار ئىكەن.بىرى ئىگىز،بىرى پاكار،بىرى سىمىز،بىرى ئورۇق ئىكەن.بۇلار ئىلگىرى ئاتنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن.بىركۈنى بۇلار ئاتنى كۆرگىلى بېرىپتۇ.ئاتنى كۆرۈپ ئىگىز كىشى :-ئات دىگەن پاكارھايۋان ئىكەن دەپتۇ .پاكار كىشى :-ئات دىگەن ئىگىز ھايۋان ئىكەن دەپتۇ.سىمىزكىشى:-ئات دىگەن ئورۇق ھايۋان ئىكەن دەپتۇ.ئورۇق كىشى بولسا :-ئات دىگەن سىمىزھايۋان ئىكەن دەپتۇ.
دىمەك ھەربىرئادەم ئۆزىنىڭ ئەمەلىي شارائىتى ،بىلىمى،نەزەر-دائىرىسى بۇيىچە شەيئىلەرنى تۇنۇيدۇۋە باھا بېرىدۇ. ئۇچۇر تارقاتقۇچىلار ئوخشىمىغان نىيەت-مەقسەتلەر ئۈچۈن ئۇچۇرتارقاتقاندا،ئۇچۇرنىڭ بىۋاستە يەتكۈزۈلۈشىدىن قۇلايلىق ھىس قىلساق بۇلىدۇ ،ئەممايەتكۈزۈلگەن ھەممە ئۇچۇرنى بىۋاستىلا قۇبۇل قىلىۋالساق بولمايدۇ.تۇنۇش ۋە باھاجەھەتتىكى پەرقىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك.ئۇنداق بولمايدىكەن تۇغرا-خاتالىقى،ئىشەنچلىك ياكى ئىشەنىچىلىك ئەمەسلىكى دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارئۈچۈن بەدەل تۆلەشكە توغرا كىلىدۇ .
     كىشىلەرنىڭ ئىدىيەسىنى بىرلىككە ئەكىلىش مۇمكىن بولمايدىغان ئىش،ئەمما نىشانىنى بىرلىككە كەلتۈرگىلى بۇلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنىڭ پەلسەپە سېستىمىسى تېخىچە ئوموملاشقىنى يوق .دۇنياقاراش جەھەتتىكى بەزى چوڭ مەسىلىلەردىكى تالاش-تارتىشلارنى بىرلىككە ئەكىلىشنىڭ شەرىت-شارئىتى يىتىلگىنى يوق.شۇڭا ئۆز بىلىم دائىرىسىدە مەسىللەرگە باھا بېرىپ ،قارارچىقىرىش ،ئۆز كۆزقارشىنى باشقىلارغا تېڭىشنىڭ،تالاش-تارتىش قىلىشنىڭ تېخىمۇ زۆرۆرىيىتى يوق.
     شۇڭا ئۇچۇربىلەن ئۇچىراشقاندا سۇغۇققان بۇلۇش ،ئۇچۇرنى ئىلمىي  تاللاش،ھىسىيات بۇيىچە بېرىلمەستىن ئۇچۇرنىڭ ئاكىتىپ رولىدىن پايدىلىنىش ،ئۇچۇرنى ئۆزىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ،پايدىلىنىشىنى ئۆگىنىۋىلىشىمىز زۈرۈر.ئۇچۇرلارنى تاللىماي،شاللىماي ئۇچۇرنىڭ ئىچىگە كىرىپ كىتىپ قالساق ،كىرىزىسنىڭ ئىچىگە كىرىپ قىلىشىمىز،بېھودە زىيانلارنى تارتىشىمىز مۇمكىن.

تۈگىدى.
uyghuray

يوق

14

تېما

5

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   5.51%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27688
يازما سانى: 1500
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3544
توردىكى ۋاقتى: 897
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-19
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 01:15:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ياخشى تىمىدىن بىرنى يوللاپسىز . ئەجىرىڭىزگە رەھمەت .

0

تېما

0

دوست

1467

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   46.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35824
يازما سانى: 129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 446
توردىكى ۋاقتى: 84
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-9-30 08:34:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما!

نىجات ئەكبەر

4

تېما

6

دوست

3091

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12100
يازما سانى: 297
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 29
تۆھپە : 893
توردىكى ۋاقتى: 68
سائەت
ئاخىرقى: 2016-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-5 01:09:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈندىدارغىمۇ چىقىرىپ قويساق بوپتىكەن ماۋۇ تېمىنى... سىكانېرلاپ چىقىرىدىغان بىر يېرى بارتى...
uyghuray
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )