- تىزىملاتقان
- 2011-1-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-5-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 3097
- نادىر
- 0
- يازما
- 144
ئۆسۈش
36.57%
|
قەيسەر جۈپلەر
دوستۇمنىڭ كىيىم كېچەك ماگىزىنى ئاچقىنى ماڭا بولۇپ بەردى،كىيىمنىڭ ئالدىنى كىيىدىغان ھەم باشقىلاردىن ئەرزانغا ئالالايدىغان بولدۇم، بەزىدە نېسىگىمۇ كىيىۋالىمەن تېخى ، ھى...ھى..ھى... ئۇرۇق تۇغقانلىرىم ۋە باشقا دوستلىرىم دائىم نەدىن ئالغىنىمنى ، نەچچىگە ئالغىنىمنى سوراپ ھەۋەسلىنىپ كېتىدۇ.
[align=justify] بۈگۈنمۇ يېڭى ئالغان كۆينىگىمنى كىيىپ نەۋرىلەرنىڭ يىغىلىشىغا باردىم. ھەممىسى كۆينىگىمنى ماختاپ كېتىشتى. بىر نەۋرە ئاچام جەمىلە :[align=justify] -بۇ كۆينەكنى نەدىن ئالدىڭىز ؟ مەنمۇ ئالدىنقى ھەپتە كۆينەك ئالاي دەپ پۈتۈن بازارنى چۆگىلەپ كۆڭلۈمگە ياققۇدەك كۆينەك تاپالمىغان ئىدىم ، بۇ كۆينەك تازا كۆڭلۈمدىكىدەك ئىكەن ، مەنمۇ بىرنى ئالايچۇ ،-دېدى.بۇ نەۋرە ئاچامغا جاپاكەشلىكىدىنمىكىن ياكى مىجەز ىنىڭ ئېسىللىقىدىنمىكىن بەكلا ئامراق تۇراتتىم،شۇڭا راست گەپنى ئېيتتىم، جەمىلە ئاچام ماڭىمۇ بىرنى ئەكەلدۈرۈپ بەرسىڭىز، دەپ ئۆتۈندى ، مەن ماقۇل بولدۇم.[align=justify] دوستۇمنىڭ تېلىفۇنىنى ئېلىپلا چۈشلۈك دەم ئېلىشتىن پايدىلىنىپ كۆينەكنى ئالغىلى باردىم، جەمىلە ئاچامغا تېلىفۇن قىلسام چۈشتە دىژۇرنى ئىكەن ، ئۆزىڭىز ئەكىتىپ تۇرۇڭ ،يا بولمىسا ئېغىر كۆرمىسىڭىز ئۆيگە ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ، دېدى. بوپتۇلا ،ياخشى ئىشنى قىلغاندىكىن ئاخىرغىچە قىلاي دەپ ئۆيىگىلا ئاپىرىپ بەرمەكچى بولدۇم.[align=justify] ئىشىكنى نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشى ئاچتى ۋە قىزغىنلىق بىلەن ئۆيگە تەكلىپ قىلدى، مەن كېلىش مەخسىدىمنى ئېيتىپ تاماققا شۇنچە زورلىغىنىغا ئۇنىماي قايتىپ چىقتىم، كۆڭلۈم بەكلا غەش بولۇپ قالدى ، چۈنكى بايا دېگىنىمدەك نەۋرە ئاچام بەكلا جاپاكەش ئىدى، ئۇنىڭ سەۋەبى ئىككى بالىسى بولۇپ چوڭى 20 ياش ، كىچىكى 12 ياشتا ئىدى. بىراق چوڭ ئوغلى تۇغما مېيىپ بولۇپ 5-6ياشلارغا كىرگەندە ماڭالايدىغان بولغان بولسىمۇ بىر پۇتى ئېغىر دەرىجىدە ئاقسايتتى ، ئەڭ يامان يېرى ھازىرغىچە راۋان سۆزلىيەلمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئەقلىي قۇۋۋىتى تازا جايىدا ئەمەس ، شۇڭا چوقۇم بىر ئادەم ھەمرا بولمىسا بولمايتتى، بىچارە نەۋرە ئاچام 20 يىلدىن بېرى بۇ ئوغلىنى كىچىك بالىنى كۈتكەندەك كۈتۈپ كېلىۋاتاتتى . ئۇرۇق تۇغقانلار ھەممىمىز بۇ توغرىلىق گەپ بولسىلا نەۋرە ئاچام ئۈچۈن ئېچىناتتۇق ۋە ھېسداشلىق قىلاتتۇق، بىراق تا ھازىرغىچە نەۋرە ئاچامنىڭ بۇ توغرىلىق زارلىنىپ ئاھ ئۇرغىنىنى پەقەت ئاڭلاپ باققىنىم يوق، خىزمەت ، تۇرمۇش ...ھەممە ئىشنى شۇنداق رەتلىك ئېلىپ ماڭاتتى ، شۇڭا بۇ ئاچامغا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل ئىدىم . بۈگۈن بۇ نەۋرە ئاچامنىڭ ئۆيىدىكى مەنزىرىلەرگە قاراپ كۆڭلۈم بەكلا بىر قىسما بولۇپ قالدى....جەمىلە ئاچامنىڭ قېينانىسى (80دىن ئاشقان) قۇلىقى ئېنىق ئاڭلىيالمىغانلىقتىن بۇرھان ئاكامدىن (نەۋرە ئاچامنىڭ يولدىشى) قايتا-قايتا گەپ سوراپ ئولتۇراتتى، چوڭ ئوغلى ھېلى ئۈستەلنىڭ داستىخىنىنى ئۈستىدىكى يېمىشلەر، قاچىلار بىلەن قوشۇپ تارتىپ ، ھېلى ئىشىكنى ئېچىپ ، تاراڭشىتىپ يېپىپ ، ھېلى ھەممە ئۆينىڭ چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ قالايمىقان قىلىپ يۈرەتتى، بۇرھان ئاكام بولسا تاماق تەييارلاشنىڭ ھەلەكچىلىكى بىلەن ھەم ئوغلى تېرىۋاتقان قالايمىقانچىلىقلارنى يىغىشتۇرۇش بىلەن يېتىشەلمەي قالغان ئىدى.[align=justify] بۇ ئائىلىنىڭ تۇرمۇش بېسىمى باشقا ئائىلىلەرنىڭكىگە قارىغاندا ھەقىقەتەن ئېغىر ، ئۈچ ئەۋلات بىر ئۆيدە ياشاش (بۇرھان ئاكام يالغۇز ئوغۇل ، شۇڭا ئانىسى ئاساسەن موشۇ ئۆيدە تۇرىدۇ )، كېسەلچان بالىنى كۈتۈش ، كىچىك ئوغلىنىڭ ئوقۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش ...دېمەككە ئوڭاي بولغان بىلەن خېلى خېلى ئاياللار ئاددىسى بىر قېينانىنى بېقشتا چوڭ گەپ قىلالمايدۇ. بۈگۈن ھېس قىلدىمكى ئىلگىرى پەقەت نەۋرە ئاچامنىڭلا قەيسەرلىكىنى ھېس قىپتىكەنمەن ، ئەسلىدە بۇرھان ئاكاممۇ ئوخشاشلا جاپاكەشكەن ، چۈنكى ئىش ئورنىدىن قالغان 10 يىلدىن بۇيان ھەرخىل ۋاقىتلىق خىزمەتلەرنى قىلىپ ئائىلىسىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي يۈكىنى كۆتىرىپ كېلىۋاتاتتى . جەمىلە ئاچامنىڭ شۇنچە ئېغىرچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىپ ئۈن چىقارماي كېلىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئەمدى چۈشەنگەندەك بولدۇم، ئەسلىدە ئاچامنىڭ كەينىدە ئۆي ئىشى ئەركىشىنىڭ ئىشى ئەمەس دېمەستىن بارلىق ئىشلارنى تەڭ قىلىشىدىغان كۈچلۈك روھىي يۆلەنچۈك باركەن ئەمەسمۇ ....دىماغلىرىم ئېچىشقاندەك بولدى، ئەتراپىمىزدا كىچىككىنە ئىشلار سەۋەبىدىن بالىلىرىنى يېتىم قىلىپ ئاجراشقانلار ئازمۇ ؟ بۇرھان ئاكا، جەمىلە ئاچا ، سىلەرگە ئاللا ئىگەم ئۆزى يار بولسۇن . |
|