قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2495|ئىنكاس: 16

مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈمى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

138

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44205
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 12:56:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈمى

                 

   بۈگۈن 10 سىنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئىدى .بۇ بىر دەم ئېلىشى يوق بايرام  بولغاچقامەكتەپتە  پۈتۈن كۈن نورمال دەرس ئۆتۈلدى،مەكتەپ مۇدىرى ئالاھىدە كەچۈرۈم ئېلان قىلىپ  چۈشتىن كېيىن دەرسى يوق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ  يوقلامغا قاتنىشىپ بولۇپ دەم ئالسابولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن چۈشتىن كېيىن خوشالىققا چۆمگەنئوقۇتقۇچىلارنىڭ بىر قىسمى  ئائىلىسىگەقايتسا يەنە بىر قىسمى  مەيداندائۇنىڭ-بڭنىڭ پارىڭىنى قىلىشىپ تۇراتتى.شۇ چاغدا بىر ئوتتۇرا ياش ئوقۇتقۇچى چىرايى بىر قىسما بولغان ھالدا يۈگۈرۈپ كەلدىدى،-دە :
--  سەمەت مۇئەللىم ھادىسىگە ئۇچراپ تۈگەپ كېتىپتۇ،ھازىر مۇدىر تېلىفۇن قىلدى –دېدى ھاسىراپ.
ئوقۇتقۇچىلار داڭ قېتىپ قېلىشتى ھەم چىرايلىرى جددىي تۈس ئېلىشىپ ئىچىدە ئەلىكمۇللا دىيشىپ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدى.
-- ھەي ئاغزىڭنى ئۈشمىگىنە ،مۇدىر نەدىن ئاڭلاپتۇ بۇ گەپنى.
--ئىدارىدىن تېلىفۇن قىپتۇ،ئىدارىغا تەشكىلات بۆلۈمىدىكىلەر ئۇقتۇرغان گەپ. ئۇزۇن ئارال كەنتىگە چىقىپتىكەن،قايتىشىدا تاغ يولىدا ماشىنىسى ئۆرۈلۈپ كېتىپ، يېتىپ قاپتۇ،كېيىن باشقىلار بايقاپ ،كەنت سېكىرتارىغا خەۋەر قىلغان ئىكەن،ئۇلار ئۇدۇل ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتىكەنشۇ يەردە جان ئۈزۈپتۇ.
---ھەي، تېخى چۈشتىن بۇرۇنلا بىرمۇنچەجەدۋەللەرنى كۆتۈرۈپ ئىشخانىغا كىرىپتىكەن،مەن تامغا بېسىپ بەرگەن ،شۇ ئاخىرقى كۆرۈشۈشىمىز بولغان ئوخشايدۇ دېدى مەكتەپنىڭ كاتىۋى كۆزلرى نەملەشكەن ھالدا.
-- دەم ئېلىشقا چىقامدىكەن.
-- ياق يېشى توشمايدۇ،تېخى 53 ياش تۇرسا.
-- نىمە جەدۋەللەركەن ئەمىسە؟
--شۇ كەنتكە ئاپىرىدىغان جەدۋەل بولمامدۇ.بۇلتۇرمەكتەپتىن “ئۈچ ئەل خىزمىتى” گە مەجبۇرى چىقارغاندا ، مەن چىقماي ،ھەپتىسىگە 30سائەت دەرس ئۆتسەممۇ مەيلى ،يېشىپ چوڭىيىپ قالدى، ئەمدى بىر كونا ماشىناسېتىۋالدىم،تاغ يولىدا ماڭالمايمەن  دېسەباشلىقلار ئاچچىقلىنىپ چىقساڭمۇ چىقىسەن،چىقمىساڭمۇ چىقىسەن ،بۇ ياچېيكنىڭ قارارىدەپ چىقىرۋەتتى بىچارىنى .
--- ھەي رەھمەتلىك تۈزۈك راھەت كۆرەلمەي ئۆتۈپ كەتتى،30 يىلدىن بېرى ۋەلىسىپت،موتۇسېكىلتلاربىلەن يېزىدىن كىرىپ-چىقىپ ئىشلىدى.ئەمدى باللىرىنى ئالى مەكتەپكە ئوقۇشقا يولغاسېلىپ،ئۇھ دەپ بىر ماشىنا ئالغانتى،...ھەي  ياتقان يېرى جەنەتتە بولغاي!
  ---ھەي ،ئەمدى قاراپ تۇرمايلى،دەرھال يېقىن -يورۇقلاغا خەۋەر قىلايلى ،بېيجىڭ،ئۈرۈمچىلەردەئوقۇۋاتقان بالىلىرىغا ئۇقتۇرامدىمىز؟
    بۇخەۋەر  بىر دەمدىلا پۈتۈن مەكتەپكە پۇركەتتى.  مۇئەللىمنىڭ بىر قىزى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ  مۇشۇ مەكتەپتەئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتاتتى.كىمدۇر بىرسى ئۇنى سىنىپتا دەرس ئۆتۈۋاتقان يېرىدىن چاقىرىپ چىقىپ،بولغان ئەھۋالنى چاندۇرماي ماشىنىغا سېلىپ يېزىدىكى چوڭ ئۆيىگەئېلىپ ماڭدى.
ئەتىسى ئەتىگەن، مۇئەللىنىڭ مېيىت نامىزى بەكمۇقىزىدى،ئايالى يىغلاپ ھوشىدىن كەتكەن ئىدى.شەھەردىن مېيىت ئۇزۇتىشقا چىققان ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ،يېقىن-يورۇقلارنىڭ سانى بەك كۆپ بولۇپ،توختىتىپ قويۇلغان كىچىك ماشنىنىلار سېپى يولغا پاتماي قالغان ئىدى. مېيىت مەھەلىدىكى مەسچىدنىڭ ھويلىسغا ئېلىپ كىرىلگەندە، ناماز چۈشۈرۈشكە قاتناشقان جامائەت پېتىشماي مەسچىدنىڭ سىرتىدىكى ئېتىز-قىرلارغىچە سەپ تارتىپ تۇرۇشتى. ئىمام مېكرافوننى قولىغا ئېلىپ،قىسقائاياتتىن كېيىنلا سۆز باشلىدى:
  ---ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم  ھۆرمەتلىك جامائەتلىرىمىز، مەرھۇم سەمت مۇئەللىم مۇشۇ بىزنىڭ سېرىغلىق كەنتىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، چوڭ-كىچىك،باي-نامرات ھەممەيلەنگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدىغان،ئېتىزغاچىقسا دېھقان بولالايدىغان،مەكتەپكە كىرسە ياراملىق ئوقۇتقۇچى بولىدىغان،باغىرى يۇمشاق،كىچىك پېئىل بىر كىشى ئىدى، تۈنۈگۈن ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن قاتناش ھادىسىسى سەۋەبلىك ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى،جامائەت بىز ئىنسانلار ھەممىمىز ئۆلۈمگەھۆكۈم قىلىنغانلار ،ئەزرائىل ئەلەيھىسالام پەقەت شۇ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىجراقىلىدۇ،بىزمۇ ھامان بىر كۈنى مۇئەللىمنىڭ كەينىدىن بارىمىز.....
ئىمام  قىسقا تەبلىغ قىلىپ مۇئەلمنىڭ ياخشى سۈپەتلىرىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، بىر ھازا توختاپ ،مەكتەپ ۋە مائارىپ ئىدارىسىدىن چىققانلارغا مەنىلىك قاراپ قويدى، بۇ ئۇنىڭ “سىلەرنىڭ دەيدىغان بىر –ئىككى ئېغىز ياخشى گېپىڭلاريوقمۇ ؟” دېگىنى ئىدى .ئىدارە باشلىقى مەكتەپ مۇدىرىغا قارىدى .مەكتەپ مۇدىرى ئاخشام ئىچكەن ھاراقنىڭ كەيپىدىن تېخى يېشىلمىگەنمۇ ياكى كۆڭلىدە بىرەر مەسىلىنى چوڭقۇرمۇلاھىزە قىلىۋاتمدۇ،ئىشقىلىپ بۇتتەك قاراپ تۇراتتى. بۇ چاغدا بىر ئوقۇتقۇچى ئاخشام يېزىپ قويغان تەزىيە نۇتىقىنى كۆرسەتتى .مۇدىر  ھېلىقى ئوقۇتقۇچىنىڭ قۇلىقىغا “ئىمام دەيدىغاننى دەپ بولدى، بىز كادىرلار دىن باشقۇرۇش-بىرلىكسەپ ئورۇنلىرىنىنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي تۇرۇپ بۇنداق دىني سورۇنلاردا گەپ قىلساق بولمايدۇ ” دەپ  سىلكىۋەتتى. ئىدارە باشلىقى مۇدىرغا  ئالىيىپ بىر قاراپ  قويدى. جامائەتنىڭ رازىلىقى  ئېلىغاندىن كېيىن جىنازا نامىزى ئوقۇلدى.
جىنازىنى تۇپراق بېشىغا ئېلىپ ماڭغاندا ،سەمەت مۇئەللىم خىزمەت گۇرۇپىسى  بولۇپ چىققان كەتنىتىنىڭ سېكىرتارى مۇئەلىمنىڭ ھادىسىگە ئۇچراش جەريانىنى سۆزلىگەچ مېڭىۋاتاتتى:
   ---مۇئەللەم تۈنۈگۈن كەنتىمىزگە بىرمۇنچە ماتېرياللارنى ئېلىپ چىقىپتىكەن ،كېيىن يەنەناھيىگە كىرىشكە توغرا كەلدى،شۇنىڭ بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنى كەسىپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتۇش ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىنى تەستە قائىل قىلىدى،ئانىدىن بالىنى ئېلىپ، ناھيىگە قاراپ ماڭدى، ماشىنىىنڭ سۈرئىتى تېزمۇ ياكى شېغىللىق يولدا تېيىلىپ كەتتمۇ ماشىنا ئاغدۇرلۇپ كېتىپتۇ،ھېلىقى ئوقۇغۇچىمۇيارىدار بوپتۇ.ئەتىراپتىكى دېھقانلار كۆرگەن ئىكەن ماڭا خەۋەر قىلدى،دەرھال ماشىناتېپىپ ۋىلايەتكە ئاپاردۇق... دوختۇرلار شۇنچە تىرىشىپ باقتى بىراق رىسىقى شۇنچىلىك ئوخشايدۇ ،قۇتقۇزالمىدى.
تۇپراق بېشىدىن قايتىپ،جامائەت بىر-بىرلەپ تارقاشتى.مەكتەپتىن چىققانلار مۇئەللىمنىڭ ئۆيدىكىلىرىگەسەبرى قىلىش ھەققىدە تەسەللىلىيلەر بەرگەندىن كېيىن قايتىپ كىرىشتى.
   ئەتىسى مەكتەپنىڭ خىزمەتلىرى يەنىلا بۇرۇنقىدەك كېتىۋەردى،مەكتەپتە چوڭ يىغىن ئېچىلدى،چوڭ-كىچىك باشلىقلار نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى،باش-ئايىغى يوق ئورۇنلاشتۇرۇشلار بولدى، بىراق ھىچقايسى باشلىق مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە بىرئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .ئوقۇتقۇچىلار قايسى گەپنىڭ مۇھىم ،قايسى گەپنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى ئاڭقىرالمىدى،بەزى ياش ئوقۇتقۇچىلار تېلىفۇن ئويناپ ئولتۇراتتى،بىرقىسىم ئايال ئوقۇتقۇچىلار باشلىرىنى بىر يەرگە ئەكىلىپ كەشتىمۇ ياكى دوپپىمۇ بىر نىمىلەرنى توقۇپ ئولتۇراتتى.
    ---ھەي ئاغىنىلەر -،دېدى چوڭ دەم ئېلىش ۋاقتىدا بىر يەرگە يىغىلىۋالغان ئەرئوقۇتقۇچىلاردىن بىرى -- - سەمەت مۇئەللىمنى شۇنداقلا چامغۇر كۆمگەندەكلا كۆمۈپ قويدۇقما ئەمدى؟ تۇپراق بېشىدىغۇ زۇۋان سۈرەلمەيلى ،ئەمدى مەكتەپىكى يىغىنلاردىمۇ بىرەر ئېغىز ياخشى گېېپىنى قىلىپ قويسا بولمامدۇ ماۋۇباشلىق بولغان بىر نېمىلەر.
--- قويغىنەبۇنداق خىزمەتنى، بىزمۇ ھازىر ئىت-ئېشەكتەك ئىشلىگىنىمىز بىلەن ،ئاغىرىپ يېتىپقالساق،ياكى قازايى-قەدەر يېتىپ بۇ دۇنيادىن كۆز يۇمساق ئاشۇنداق نام-نىشانسىزكەتكۈدەكمىز.
    ئارىدىن بىرقانچە كۈن ئۆتۈپ مۇئەللىملەرنىڭ نارازىقى يوقۇرنىڭ قۇلىقىغا يەتكەن چېغى، يوقۇردىكى چوڭ باشلىق مەكتەپنىڭ سېكىرىتارى بىلەن مۇدىرىنى چاقىرتىپ قاتتىق تەنقىت قىلدى،ھەتتا يوقۇرنىڭ ھۆكۈمەت ئىشى ئۈچۈن قازا قىلغانلار ،تۆھپىكار كادىرلاغاتەزىيە بىلدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى ھۆججەتلىرىنى كۆزلىرىگە تىقىپ رەسۋاسىنى چىقاردى.مەكتەپنىڭ ئىككى باشلىقى چوڭ باشلىقنىڭ ئىشىكىدىن ئاران قېچىپ چىقىۋالدى. بۇ گەپ مەلۇم ئادەملەر تەرىپىدىن يەنە مەكتەپكە تارقالىپ پۇر كەتتى.
    كۈنلەر ئۆتتى، ھۆكۈمەتمۇ مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈمىنى ئىش ئۈستىدە ئۆلۈپ كېتىش ھادىسىسى دەپ بېكىتكەن بولدى . ناھيىنىڭ تەشكىلات تارماقلىرى يېزىغا “ئۈچ ئەل ” خىزمىتى ئۈچۈن چۈشكەن كادىرلارنى ئۆمۈرسۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرغان ئىكەن،شۇڭا سۇغۇرتا شىركىتى مۇئەللىمنىڭ ئۆلۈمى زورمىقداردا سۇغۇرتا تۆلىمى بەردى. بىراق بۇ پۇللار ئادەمنى تىرىلدۈرەلمەيتتى .
   ئارىدىن يېرىم يىل ئۆتۈپ، يوقۇرى دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئويلىشىپ كۆرۈپ مەكتەپ سېكىرتارى بىلەن مەكتەپ مۇدىرىنى باشقا بىر ئورۇنغا يۆتكىۋەتتى.
     بىر ياراملىق پىشقەدەم ئوقۇتقۇچى “ئۈچ ئەل ” خىزمىتى ئۈچۈن ئەزىز جېنىنى پىدا قىلدى.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

3235

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   41.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24196
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 996
توردىكى ۋاقتى: 275
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-25
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 17:24:55 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

12

تېما

2

دوست

5457

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   9.14%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34133
يازما سانى: 298
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 32
تۆھپە : 1714
توردىكى ۋاقتى: 436
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 18:03:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زورلۇق، زوراۋانلىق ھۆكۈم سۈرىدىغان تۈزۈمدە، ئازراقلا ئەمىلى بار كىشىلەر، پادىشادەك كاللا كەستى بولىۋالىدۇ. مۇستەبىت جەمئىيەتنىڭ قۇربانلىرى تۈگەپ قالمايدۇ. ئىز بېسىپ يېتىشىپ تۇرىدۇ.

1

تېما

1

دوست

6129

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1888
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 18:10:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىغا كۈن يوق يامانغا ئۆلۈم
uyghuray

1

تېما

1

دوست

6129

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   22.58%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  24648
يازما سانى: 418
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1888
توردىكى ۋاقتى: 190
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 18:15:20 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەخلەتتىن پەرقى يوق مودىرلارنىڭ قىلغان ئىش ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئەخلەتتۇر ئۇلار ئاساسىي قاتلاملاردىكى مىتى -قۇررىتتىن پەرقى يوق رەھبەرلەرنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخدۇر

1

تېما

0

دوست

138

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   46%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44205
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 44
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2015-11-8
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 19:04:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ   خوتەن  ۋىلايىتىنىڭ   بىر ناھيىسىدىكى چوڭ بىر تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە .2014-يىلى كۈزدە ھەقىقى  بولغان ۋەقە . ۋەقەلەك ئەينەن ئېلىنغان  توقۇلما ئەمەس، پەقەت مۇئەللىمنڭ  ئىسمى ۋە ئازىراق بىر قىسىم دىئالوگلار ئۆزگەرتىلگەن .

ھەقىقەت ئارقىلىق ئادەمنى تونۇ!

0

تېما

4

دوست

7986

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   59.72%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18936
يازما سانى: 537
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 2468
توردىكى ۋاقتى: 613
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 22:08:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆتەك يارغان پالتا ئىشىك سىرتىدا، جەمىيىتىمىزدە بۇنداق ئىشلار مەۋجۇت بولاۋاتىدۇ،
جاپالىق شارائىتلاردا 30  40 يىل ھۆكىمەتكە خىزمەت قىلىپ ئەمدى ئۇھ دەپ دەم ئىلىشقا چىققان پىشقەدەم خىزمەتچىلەر  ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئايلىق ئىش ھەققىلىرىنىمۇ خاتىرجەم ئالالماي.
رايۇنىمىزنىڭ ھەممە جايلىرىدا شۇنداق تۈزۈملەر بارمىدۇ؟
شۇ پىيىنسىيىگە چىققان خىزمەتچىلەر  ئىجتىمائى رايۇن،يىزا كەنىت بازارلار  ئورۇنلاشتۇرغان ھەپتىدە بىر ئىككى قىتىم ئىچىلىدىغان يىغىنلارغا تولۇق قاتنىشالمىسا، يىغىنغا قاتناشقانلىق ئىسپات ئالالمىسا  خىزمەت ئورنىدىن مائاش بىرىلمەيدىغان ئىشلار بار .

قېرىپ قالساڭمۇ قال،ھېرىپ قالما

6

تېما

5

دوست

4453

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   81.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  26291
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 17
تۆھپە : 1402
توردىكى ۋاقتى: 401
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-4
يوللىغان ۋاقتى 2015-10-11 23:57:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مائارىپ مۇنبىرىدىكى مۇقەددەس مەشئەل

(سۆز ئويۇنى)



مۇئەللىم :ــ مائارىپ مۇنبىرىدىكى مۇقەددەس مەشئەل. مەۋجۇداتلار ماكانىدىكى مەرتىۋىلىك مەدەتكار،مۇئەللەقتىكى مىھرىبان مالاھىكە، مەدەنىيەت مۇساپىسىدىكى موتۇرلۇق ماشىنا، مائارىپ مۇناسىۋىتىنىڭ مەركىزىدىكى مۇستەھكەم موما.

مۇئەللىم مىڭلىغان مىليونلىغان مۇرەككەپ مەۋجۇداتلارنىڭ، مەسلەن:ــ مىدىرلىماس ماددىلارنىڭ ، مىدىرلايدىغان مەخلۇقلارنىڭ ماۋجۇتلۇق ماھىيتىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ، مەزمۇن مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدىغان ماھارەتلىك مارشال. مىھرى ـ مۇھەببەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەڭزىگە مىخلانغان مىھىرلىك مارجان. مىڭىمىزگە مەرىپەت مىۋىسىنىڭ مىغىزىنى مەركەزلەشتۈرگۈچى مەرگەن.مەدەنىيتىمىزنىڭ مۇشۇ مەزگىلدىكى مۇساپىسىنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ماشىنىلىشىش مۇسابىقىسىنى مەقسەتلىك مەنزىلگە ماڭدۇردىغان ماھىر مەدەتكار.

مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنىڭ ماھىتىدىن مەلۇمكى : ماشىنا موتۇرسىز ، موتۇر مايسىز ماڭالمىغاندەك، مەيلى ماددى مەدەنىيتىمىز مەيلى مەنىۋى مەدەنىيتىمىز مائارىپقا، مائارىپ مۇئەللىمنىڭ مىڭىسىنىڭ مەھسۇلاتلىرىغا ماشلاشمىسا، مارىسقا ماڭغان موتۇرلۇق ماشىنا ،مەقسەتلىك، مۇستەھكەم ماڭالمايدۇ.

مائارىپ:ــ مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى مارىسقا ماڭىدىغان(مەنزىل) ماركىلىق ماشىنىدۇر. مۇئەللىم:ــ مەنزىل ماركىلىق ماشىنىنىڭ مەركىزىدىكى مۇكەممەل مۇقۇملاشتۇرۇلغان مەرۋايىت ماركىلىق موتۇردۇر، مۇئەللىمنىڭ مىڭىسىدىكى مەرىپەت مىۋىللىرىنىڭ مىغىزى ‹مەنزىل› ماركىلىق ماشىنىنىڭ مەڭگۈلۈك ماي مەنبەسىدۇر.

مىسرانىم مۇنبىرىدىكى مۆتىبەرلەر ، مۇھەررىرلەر، مۇخبىرلار ، مويسىپىتلار،مارشاللار مۇئەللىملەرنى مۇكاپاتلايدىغان مىغىزلىق ماقالىلەرنى مىسرانىم مۇنبىرىگە ماڭدۇرۇپ، مائارىپنىڭ ، مۇئەللىمنىڭ مەدەنىيەت مۇنبىرىدىكى مەسئۇلىيەت مەجبۇرىيەتلىرىنى مۇكەممەل مۇقۇملاشتۇرۇپ، مائارىپ مۇناسىۋەتلىرىنى مەنىلىك ماسلاشتۇرۇپ،مەملىكىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت مەنبەلىرىنى ماشىنىلىشىش مۇھىتىغا ماڭدۇرايلى.

مەنمۇ مۇشۇ مەقسەتتە مۇشۇ ماقالەمنى مىسرانىم مۇنبىرىنىڭ ماھىر ماشىنىسىدا مەدەنىيەت مۇھىتىغا ماڭدۇردۇم. مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە مەقسەتلىك مەسلەھەتلىشەيلى.

  مەنمۇ مۇئەللىم. مۇئەللىمنىڭ مىۋىسى. مەن مەيلى مۇشۇ ماقالامدە، مەيلى مۇنبەردىكى مۇساپەمدە مۇئەللىمنى مەڭگۈ مەدىھلەيمەن.



                            مەنبە:مەخەت مۇئەللىمنىڭ مەخسۇس ماقالىسى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )