- تىزىملاتقان
- 2015-10-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-11
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1064
- نادىر
- 0
- يازما
- 39
ئۆسۈش
6.4%
|
نىڭشا ئۇنىۋېرسىتېتى مىللەتلەر تەييارلىق مائارىپ ئىنىستىتوتى ئابدۇسالام ئابدۇۋەلى
مۇساپىرەتتىكى جەۋر-جاپا ، قىيىنچىلىق، تۈرلۈك ئىزتىراپ مۇشەققەتلەرنى يۇرتتىكى چاغلىرىمدا ئازراق بولسىمۇ تەسەۋۋۇر قىلىپ بىقىشقا ئۇرۇنغان ئىدىم، تەسەۋۋۇر ،خىيال دىگەن ھامان رىئاللىق ئەمەستە ، ئۇيلىمىغان ئىشلارغا يولۇقۇپ ، ئويلاپ باققان ئىشلىرىم ماڭا ئۇچراپمۇ باقمىدى . قىنى بىرگە ئورتاقلىشايلى.
بىزنىڭ ئىنىستىتوت چوڭ ئەمەس ، لىكىن كىچىككىنە بىر مەكتەپ قوروسىدا 2500 گە يىقىن ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزىنىڭ بىر يىلدىن كىيىنكى ئالىي مەكتەپ ھاياتى ئۈچۈن تىرىشىدۇ،كۆرەش قىلىدۇ . مەن ۋە مىنىڭ ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىممۇ بۇ قاتاردىن چۈشۈپ قالغىنىمىز يوق ئەلۋەتتە.
بۇ مەكتەپتە 400 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ بارلىقىنى بىلگەن ئاشۇ دەقىقىلەردە قەلبىم چەكسىز ھاياجانغا تولغان ئىدى، يات بىر زىمىندا ، يات بىر قەۋمنىڭ ئارىسىدا 400 دىگەن ساننىڭ سالمىقى ھەقىقەتەن چوڭ ، شۇنداق ھىسابلىساق مەكتىپىمىزدە ئالتە ئوقوغۇچىنىڭ بىرى ئۇيغۇر دىگەنلىك بولاتتى. ياراتقۇچىغا شۈكۈرلەر بولسۇنكى روھىم توق ، ئىشقىلىپ مەن يالغۇر ئەمەس، ئاڭداشلىرىمنىڭ قانچىلىقلىقى ماڭا نامەلۇم ، لىكىن ئاشۇ قانداشلىرىمنىڭ ئارىسىدىن مەن بىلەن ئورتاق پىكىر ، غايىدىكىلەر چىقمايدۇ دەپ كىم ئىيتالايدۇ!؟ يەنە كىلىپ بۇنداق يات زىمىندا ، مۇساپىر ئاتلىق تامغا ھەربىرىمىزنىڭ پىشانىسىگە بىسىلغان بۇ پەيتلەردە قانداش ۋە ياكى ئاڭداشلارنىڭ بىر بىرىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى ، ئىچەركىشىشى گەرچە بىر مۇساپىرنىڭ غىرىپلىقىنى يوقىتالمىسىمۇ ، لىكىن ئاشۇ غىرىپلىقنىڭ مۇساپىر روھىيىتىنىڭ مۇتلەق ھۆكۈمرانى بولىۋىرشىغا خاتىمە بىرەلەيدۇ.
ئىنسان مۇكەممەل ، نۇقسانسىز ئەمەس ، بىر ئىنساندىن ئۆزى ئويلاپمۇ باقمىغان خاتالىقلار سادىر بولىشى مومكىن، ئۇ قايسى دىن ،قايسى مىللەت ، قايسى ئىرققا تەۋە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر. تۆۋەندىكى بىر قانچە ۋەقەلىك ماڭا بىرقەدەر تەسىر قىلغانلىرى ، قىرىنداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.
ئۇيۇشچان ئۇيغۇرلار
بۇ يۇرتقا كىلىپلا يولۇققان مەسىلىمىز تاماق مەسىلىسى بولدى ، خۇيزۇلارنىڭ تاماقلىرى ئاچچىق بولۇشنى ئاساس قىلغاچقىمىكىن ئەزەلدىن ئاچچىق تاتلىقنى تەڭشەپ ئىستىمال قىلىشقا كۆنگەن بىر ئائىلە ئۇيغۇر كىشىلىرىگە ئۇ تاماقلار زەھەر دەك بىلىنەتتى . قانداق قىلىمىز ياغمۇچنى سالغۇزماي ياكى مۇۋاپىق سالدۇرۇپ بىر نەچچە كۈننى ئۆتكۈزدۇق ، ئىنتىرنېت تورىدىن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئاشپۇزۇلىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ شۇ قەدەر ھاياجانلانغان ئىدۇق ، لىكىن بىز بىر ئائىلە كىشىلىرى بىر ۋاق تاماقنى ئۇيغۇر قىرىندىشىمىزنىڭ ھۆزۇرىدىن يىيىشكە ئۇلگۈرمەيلا خوشلىشىش ۋاقتى يىتىپ كەلدى . بۇ ئاشپۇزۇلدا تۇنجى غىزالانغان ۋاقتىم ئۇلۇغ قۇربان ھىيىت كۈنى ئىدى ، ئۇندىدارلاردا ، ئىنتىرنېت تورلىرىدا مۇساپىرغا ھىيىت بولمايدىكەن دىگەن ئىنكاسلار ، يازمىلار ئەلۋەتتە ماڭىمۇ تەسىر قىلغان ئىدى ، قۇربان ھىيتتا ئۇرۇق تۇققانلار بىلەن كۆرىشەلمەيدىغانلىقىمنى ، دادامغا ئەگىشىپ ھىيتنىڭ پەرزلىرىنى بىللە ئادا قىلالمايدىغانلىقىمنى ، ئانەمنىڭ پىشانەمگە سۆيشىىدىن پەيدا بولغان ئىللق تۇيغىدىن بۇگۈن بەھىرلىنەلمەيدىغانلىقىمنى ، گەرچە قۇربانلىق قوينى سويۇشقا ياردەم بىرەلمىسەممۇ ئاللاھقا تەقۋالىقنى يەتكۆزىدىغان ئاشۇ كاتتا پەيتلەردىن مەھرۇم بولدىغانلىقىمنى ئويلىسام قەلبىم ئاچچىق بولاتتى ، لىكىن قانداق قىلغۇلۇق ، مەن بۇ يەرگە ئۇلۇغۋار غايىلەر بىلەن ، ئىشەنچ بىلەن ، نەچچە مىليۇن تۇنۇش ياكى ناتۇنۇش قىرىنداشلىرىمنىڭ دۇئاسىنىڭ بەركاتى بىلەن كەلگەن ، ئەمدىلىكتە قانداقمۇ كەينىمگە قايتىمەن، ئابابەكرى مىسرانىم ئاكىمىز ئۆزى خالاپ كۆتۈرگەن تاشنىڭ ئىغىرى يوق دىگەن دىمەك مەن ئۆزۈم كۆتۈرۈشنى تاللىدىم قەتئىي بەل قويىۋەتمەيمەن. ئەسلى گىپىمىزگە قايتساق دۇككان خوجايىنى ئەلى ئەپەندى ئەۋۋال ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق پەرزىنى ، ئاندىن قىرىنداشلىق قەرزىنى ئادا قىلىش يۈزىسىدىن قۇربانلىق قىلدى ، ھىيىت كۈنى شۇ قەدەر قىززىدىكى 300گە نەپەر بۇ يات زىمىنىڭ ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئۇقۇغۇچىلار ،30غا يىقىن تىجارەتچى ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمىز بۇ دۇككان ئالدىنى ئاۋات قىلدى ، ھەربىر چىرايلاردا پەيدا بولغان تەبەسسۇملار ، خۇشاللىق تۇيغۇلىرى ، ئۇيغۇرسىراشقا تويۇنغان قەلىبلەر ئۆزىنىڭ مۇساپىر ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇغان ئىدى . بۈگۈن شۇنى ھىس قىلدىمكى ئەلى ئەپەندى بۇ ياقا يۇرتتا بىر باشلامچىلىق رولىنى ئۆتەيتى ، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەلى ئەپەندىنىڭ بۇ يەردە بولغانلىقى 400 گە يىقىن قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر يەرگە ئۇيۇشىشىغا سەۋەب بولغانىدى .نىڭشادىكى بۇ ئۇيغۇر ئاشپۇزۇلى مەيلى ئوقۇغۇچى مەيلى تىجارەتچى مەيلى بۇ يەرنى ۋاقىتلىق قونالغۇ قىلغانلارغا، ئومومىي قىلىپ ئىيقاندا كەڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىغا نىسبەتەن باشلامچىلىق ، ئۇيۇشتۇرغۇچىلىق رولىنى ئۆتەيتى. بىر دىلى سۇنۇق مۇساپىرغا نىسبەتەن يات بىر زىمىندا باشلىقلارغا كۆرسىتۈش ئۈچۈن ئەمەس ئۆزلىرىمىزنىڭ خۇشاللىقى ئۈچۈن ئويناشقان ئۇسۇللاردىنمۇ ، سىلىشقان سامالاردىىمۇ ، بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ قۇربانلققا ئىغىز تىگىشتىنمۇ ئارتۇق ھىيىت بولامدۇ ؟ رەببىمگە رەھمەت ، بىزنى يالغۇر قويمىغىنىغا ، غىرىپلىققا ، چۈشكۈنلۇككە ئۇزاق ۋاقىت تاشلىۋەتمىگەنلىكىگە رەھمەت . ئاخىرىدا ئەلى ئەپەندىنىڭ سودىدا روناق تىپىشىنى تىلەيمەن .
ئاقكۆڭۇل ئۇيغۇرلار
يىڭى بىر شەھەردە يەنە كىلىپ بىر ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزى شەھىرىدە تۇرىۋاتقانلىقىم سەۋەبلىك بۇ شەھەر بىلەن ئۆز يۇرتۇم نى سىلىشتۇرغۇم كىلەتتى . بىر كۈنى مۇشۇ خىيالنىڭ تۈرتكىسىدە بازار چۆگلەپ قوغۇن سىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكىمىزنى كۆرۈپ قالدىم ، يىنىغا بىرىشىمغا چىرايىمدىن تونىدى بولغان سالام بەردى ۋە قولىنى ئۇزارتتى ، بۇ خىل سىزىم ھەقىقەتەن ئىللىق ، شىرىن ئىدى ، قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ، سۇدا قىلغىلى قانچىلىك بولغانلىقىنى سۆرىدىم ، ئۇنىڭ جاۋاپلىرىغا چىرايىدىكى تەبەسسۇم ھەمراھ ئىدى ، قوغۇنغا ئىغىز تىگىشىمنى ئىيتتى ، ئۆزرەمنى بۈلدۈرۈپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم ، شۇ كۆچىدا قوغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىم 20 دىن ئاشاتتى ، ھەربىرلىرىنىڭ ئالدىدىن خىرىدار ھەم ئۆكسىمەيتى ، ئارىدا بىر قانچە قىرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشتۇم ، خوشلىشىدىغاندا ئۇنىمىغىنىمغا ئۇنىماي قوغۇن تۇتقۇزۇپ قۇيغانلىرىمۇ بولدى، قوغۇنغا ئىغىز تىگىشىمنى تەكىتلىگەنلىرىمۇ بولدى ، پۇل تەڭلىسەم ، سىزنى كۆرۈش بىز ئۈچۈن پۇرسەت ، يەنە قاچان كۆرىشىمىز بۇنى ئاللاھ بۇلىدۇ دەپ قانچە تەڭلىسەم شۇنچە رەت قىلغانلىرىمۇ بولدى. بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغىنىمدا ، ھەدىيەلەرنى قوبۇل قىلغىنىمدا قەلبىم شۇ قەدەر لەرزىگە كىلەتتىكى ياراتقۇچىنىڭ مۇشۇنداق ئۇچۇرشۇشلارنى نىسىپ قىلغىنىغا شۈكۈرلەرنى ئىيتىپ ، ۋۇجۇدۇمدىكى بارلىق خاپىلىق، غىرىپلىقدىن خالاس بولغاندەك يەڭگىللەپ قالاتتىم. ئەسلى ھەممە قىرىنداشلىرىم بىلەن كۆرۈشكۇم بار ئىدى ،لىكىن ھەربىرىنىڭ كۆڭۇل سوۋغىسىنى قۇرۇق قول قوبۇل قىلىشتىن خىجىل بولدۇم ، شۇنىىڭ بىلەن ئۇلارغا يىراقتىن تەبەسسۇم قىلغىنىمچە ئۇلار بىلەن خوشلاشتىم . شۇنى تەكىتلەش زۆرۈركى بۇ تىجارەتچى قىرىنداشلىرىم زىچ بىر يەرگە كىلىپ تىجارەت قىلىۋاتقىنى بىلەن، ئارىسىدا نىزا ئاداۋەت ، رەشىك ھەسەت ھەرگىزمۇ باردەك قىلمايتى ، ئۇلار ھەربىرلىرى شۇ قەدەر روھلۇق ، تىتىك ، چىرايلىرىدىن مىھرىبانلىق ، سىخىيلىق ، مەردلىك ئۇچقۇنى چاقناپ تۇرىدىغان ئاقكۆڭۇل كىشىلەر ئىدى. مەن بىر بىرىنىڭ سودىسىدىن قىزغىنىۋاتقان ، ماي تارتىشىۋاتقان بىر ئۇيغۇرنىمۇ كۆرمىدىم ، قۇربان ھىيت كۇنى ئۇلارنىڭ بىللە غىزالانغانلىقىنى كۆرۈپ ، كۆلكە چاقچاق بىلەن ئولتۇرۇشقىنىنى كۆرۈپ بۇ قىرىنداشلىرىمدىن شۇ قەدەر سۆيۈندۇم . ئاللاھ ئۇلارنىڭ سودىسىدىن بەركىتىنى داۋاملىق ئايىمىغاي.
ئۇيغۇردىن باشقا نامى بولمىغان ئۇيغۇرلار
يۇرتتىكى چاغدا يۇرتۋازلىقا ئائىت بەزى پاراڭلار قۇلىقىمغا كىرىپ قالاتتى ، پاراڭ ئىگىلىرى بۇ ئىللەتنى بەك ئاشۇرىۋەتكەنمۇ ياكى مەن ئۇلارنىڭ پارىڭىنىڭ تىگىگە يىتەلمىدىممۇ باشقا يۇرتتىكى قىرىنداشلىرىمغا نىسبەتەن خەۋپسىرەش ، خۇدۇكسىرەش ھىسسىياتى قەلبىمنى چاڭگىلىغا ئىلىۋالغانىدى . لىكىن يۇرتتىن ، يۇرتداشلاردىن ئايرىلىپ ياقا يۇرتقا كەلگىنىمدە يۇقارقى تۇيغۇلارنىڭ پۇتۇنلەي ئوشۇقچە ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدىم . دەسلىپىدە مەن ئاۋۋالقى ھىسسىياتنىڭ يىتەكلىشى بويىچە ، چوڭلاردىن ئاڭلىغاننى ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ بىر قانچە ھەپتىنى ئۆتكۈزدۇم ، كىشىلەرگە جىق ئارلاشماي ، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى قىلىش نىيىتىم بار ئىدى ، لىكىن باشتا ئىيتىپ ئۆتكەن ئۇيغۇرسىراش بۇ خەۋپسىرەش ، خۇدۇكسىرەشلارنى تەلتۈكۇس يوق قىلىپ تاشلىدى . قەيەرلىكىنى سوراشماي بىللە توپ تەپتۇق ، بىرلا قارىشىش ئاكتىپ قول ئىلىشىش ، سالام بىرىشلەرگە سەۋەپ بولدى . بىر قىتىملىق سالام كىيىنكى قىتىملىقنىڭ تەقەززاسىنى پەيدا قىلاتتى ، بولۇپمۇ مۇساپىرەتتە . بارا-بارا قىسقا پاراڭلارغا ئۆتتۇق ، قەيەردىن كىلىشكەنلىكىمىزنى سوراشتۇق ،لىكىن بۇ پەقەت ئۆزئارا چۇشۇنىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن ، ھەرگىزمۇ كىبىر ئارلاشقان يۇرتۋازلىق قىلىش ، يۇرتنى پەش قىلىپ بىربىرىنى كۆزگە ئىلماسلىقنى مەقسەت قىلىش ئەمەس ، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس . بىز بۇ يەردە شىماللىق ، جەنۇپلۇق ئەمەس ، بەلكى بىر دىيارلىق ئىدۇق ، ئالتە شەھەرلىك دىگەن ئاتالغۇ ھەم مەۋجۇت ئەمەس ئىدى ، يۇرت ناملىرى پەقەت ئالاھىدە سەۋەپلەر تۇپەيلى تىلغا ئىلىناتتى خالاس . بىزنىڭ سالاھىيىتىمىز ئوخشاش ، ھەممىمىزنىڭ ئىتى ئۇيغۇر ئىدى . بىز بۇ يەردە بىر يەرگە يىغىلىشىپ تاماق يىدۇق ، بىر بىرلىرىمىزنىڭ ياتاقلىرىغا يىغىلىپ ساھىبخان قىرىنداشلىرىمىزنىڭ سالغان داستىخانلىرىدىن ھوزۈرلاندۇق ، ئىچىلدۇق ، ئاتىمىزنىڭ مىھماندۇست ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ، ئانىمىزنىڭ مىھرىبان ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ، بوۋىمىزنىڭ ئۇيۇشچان ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ، ئەجدادىمىزنىڭ مەدەنىيەت يارىتىشقا ، تىل يىزىق ئىجاد قىلىشقا مۇۋەففەق بولغان ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن پەخرلەندۇق ، ئاللاھغا مۇشۇ سۆيۈملۈك قەۋمنىڭ بىر پارچىسى قىلغانلىقىغا چەكسىز ھەمدۇ سانالارنى ماختاشلارنى يوللىدۇق ھەم .
ئاخىرىدا ئۆزۈم گۈدەكلەرچە ئويلىغىنىمنى دوسلار بىلەن ھەمبەھىرلىنىشنى خالاپ قالدىم ، ئازغىنە كەم ئىككى ئاي جەريانىدا شۇنى يۇزەكىي ھىس قىپ يەتتىمكى كوچا پاراڭلىرىنىڭ تىمىسىنىڭ يەڭگۇشلىنىدىغان ۋاقتى پىشىپ يىتىلىپتۇ ، ئەمدى پاراڭ ئىگىلىرى بۇ مىللەتتە يۇرتۋازلىق ئىغىر ، قەشقەرلىكىنى شىماللىق ئاندا دەيدۇ ، شىماللىقنى ئالتە شەلىك ماندا دەيدۇ دەپ ئۆزى ۋە ئۆزگىلەرنىمۇ چۈشكۈنلەشتۇرمەي ، ھازىرقى ئۇيغۇر ياشلىرى بىربىرىنىڭ يۇرتىغا ،شىۋىسىگە قاراپ ئەمەس ، بەلكى ئەخلاقىغا ، ئىمانىغا ، ئادىمىيلىكىگە قاراپ مۇئامىلە قىلىدىغان بوپتۇ ، ئۇلار ئۆز ئارا ئىچەركىشىدىغان ، پۇتۇن بىر ئۇيغۇر گەۋدىسى ئۇچۇن ، مىللەت ئۇچۇن ئۇيلايدىغان ھالەتكە بېرىپتۇ دەپ ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ سۆيۈندۇرىشى كىرەك ئىكەن. يەنە ئۇيغۇرغا ئەگىشىپلا يۇرىدىغان ئىتتىپاقسىزلىق ، يوغانچىلىق ، ئۇچ ئۇيغۇرنىڭ بىشى بىر يەرگە كەلمەيدۇ دىگەندەك ئىبارىلەر ھىس قىلىشىمچە ئاستا-للللچئاستا ئۇيغۇر بىلەن بىللە كىلەلمەس ، ھەتتا ئارقىغا تاشلىنىپ قالىدىغان ۋەزىيەت بارا-بارا شەكىللىنىشكە باشلاپتۇ . خۇددى ئابدۇۋەلى ئاكام يازمىسىدا ئىيقىنىدەك ئىللەت پەقەت شەخىستە بولىدىكەن ، شۇنداق ئويلايمەنكى ھازىر ئىللەتلىك شەخىسلەر بارا-بارا ئازايغانلىقتىن، مىللەتكە تەسىر كۆرسىتەلمەس بوپ قالدى دەپ. بۇ مىنىڭ ئۆزۈمنىڭ كۆز قارشى خالاس ، باشقا ئۇيغۇر قىرىنداشلىرىمنىڭمۇ مۇشۇنداق ھىسلاردا بولۇۋاتقانلىقىغا ۋە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . ھەمدە ئۇيغۇرۇمنىڭ مۇشۇنداق ھىسلار ئىچىدە مەڭگۇ گۇللەپ ياشنىشىنى ئاللاھتىن تىلەيمەن ۋە ئۆزۈممۇ مۇشۇ شادلىق ھىسلارنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشمەن ،كۆرەش قىلىمەن .
|
|