ھەسەتخورلۇق كېسىلى ۋە ئۇنى داۋالاش ھەققىدە تۇغلۇق ئىجتىمائىي تۇرمۇشىمىزدا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرمەي، ھەردائىم باشقىلارنىڭ مېھنەت ئەجىرىگە، ئەقىل مىۋىلىرىگە پۇت ئېتىپ، ھەدەپ ئۆزىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى پۇتى ھامان يەردە تۇرسىمۇ كۆكلەرگە بويۇن سوزۈپ ئىنسانىي ئەخلاققا، ئادىمىي ۋىجدانغا مۇخالىپ پەسكەش قىلمىشلار بىلەن مەدەنىي ئاتموسفىرانى بۇلغاپ، يىرگىنىشلىك جىنايەتلەرنى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇپ تۇرىۋاتىمىز.«ئادەمنىڭ ئالىسى ئىچىدە، ھايۋاننىڭ ئالىسى تېشىدا بولغاندەك بۇ خىل قىلمىشلار گاھى پىنھان، گاھى ئوچۇق يۈز بېرىۋاتىدۇ. نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟
پىسىخولوگيە ئىلمىي نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئادەمدىكى كەيپىيات ھامان يۇقىدۇ.شۇڭا ئۆزلىگىمىزنى توغرا تونۇش، ۋۇجودىمىزغا ئورنىشىپ كەتكەن مەنىۋى ئىپلاسلىقلارنى، كىر-قاسماقلارنى ۋاقتىدائادالاش، ئەتىمىزگە ئۈزلىكسىز ساغلام روھى زىمىن ھازىلاش، ئەۋلاتلارنى ساغلام تەن ۋە ساغلام روھتا تەربىيلەش ئېھتىياجى، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيىسى نۇقتىسىدىن نۆۋەتتە، بىزگە ھەسەتخورلۇق توغرىىسدا ئلمى قاراشنىڭ زۆرۇرلىكىنى ھېس قىلدۇرۋاتىدۇ.
خەلقىمىز بۇخىل كېسەلنى ئچى تارلىق ،كۈرەلمەسلىك كېسىلى دەپ ئاتاپ كېلىۋاتىدۇ.<< ئىچى ئارداپ كىتىپتۇ،ئىچى سېسىپ كىتىپتۇ ،ئچىدە توڭگۇزقاتراىدۇ، ئىچىڭدىن ئۆل!>> دىگەن سۈزلەر ھەسەتخورلۇق كېسىلى ھەققىدىكى باېانلاردۇر. ھەسەتخورلوق بىرخىل روھى كېسەل .بۇ خىل كىسەلگە گىرىپدار بولغان كىشىلەردە تەشۋىشلىك كۈچلۈك بولودۇ. كۈڭۈل ئارامى بولماىدۇ .كىشىلىك مۇناسىۋىتى جىددى ھالەتتە تۇرىدۇ.قاتتىق گۇمانخور كىلىدۇ،ھەتتا گۇمانى ئېشىپ كەتكەندە ھىچكىمگە ئشەنمەىدۇ. ئەتراپتىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەشەددى دۈشمەندەك ھىس قىلىدۇ .گاھى چاغلاردا ئۈزىنى تەڭداشسىز ھىساپلاپ ،كۆرەڭلەپ كىتىدۇ.غەيۋەت قىلىش،بۆھتان چاپلاش،بۇزۇق ئوي-خىياللاردا بولۇش ئۇلارنىڭ دائىملىق ئىش ئەمىلى بولۇپ قالىدۇ.شۇڭا بۇخىل كېسەلگە گىرىپدار بولغان كىشىلەر ھامان باشقىلارغا زاۋاللىق تىلەيدۇ، مەنپەئەت ئالدىدا قىلچە ۋاستە تاللاپ ئولتۇرماىدۇ. دېمۇكىرىت <<ھەسەت ئادەملەر ئارسىدا ئىناقسىزلىق تېرىيدۇ ۋە جىنايەت پەيدا قىلىدۇ >> دەيدۇ. تەبىئىكى، ھەسەتخورنى ھېچنەرسە خاتىرجەم قىلالمايدۇ. مەن ھەردائىم بۇخىل كېسەلنى كۈرگەندە خوشنىمىزنىڭ تۈت كۈزلۈك غالجىر قانچىغى كۆز ئالدىمغا كىلىدۇ .
ئابدۇللا ئەۋلانى ئۆزىنىڭ << تۈركى گۈلىستان ياخۇد ئەخلاق>> ناملىق ئەسىرىدە ھەسەتخورلۇقنى يامان خۇلۇقلار قاتارىدا بايان قىلغان.دىمەك ھەسەتخورلۇق يامان خۇلۇق بولغان ئىكەن، ئۇمۇ يامان ئادەتتىن يىتىلگەن بولۇدۇ.شۇڭا بىز بۇخىل روھى كىسەلنى داۋالاشتا ئاڭ ھەركەتنى،ھەركەت ئادەتنى،ئادەت خاراكتىرنى بەلگىلەش پىرىنسىپى بويىچە تەھلىل قىلساق ھەم بۇھەقتە داۋالاش لاھىيىسى تۈزىسەك بولۇدۇ.شۇڭا ھەسەتخورلارنى داۋالاشتا:
1.بىلىش،تونۇش مەسىلسىدىن قول سېلىپ خاتا بىلىشتىن شەكىللەنگەن ئاڭ ۋە ئېتىقاتتىكى مەۋجۇت مەسلىنى ئېنىقلايمىز.
2. خاتا بىلىش پەيدا قىلغان مەۋجۇت مەسلە ياكى ناچار كەيپىياتنىڭ كېلىش مەنبەسى ۋە ئۇنىڭ رىيال قىممىتى ھەققىدە تونۇشنى كونكىرتلاشتۇرىمىز.
3. خاتا بىلىشتىن شەكىللەنگەن نامۇۋاپىق ئېتىقات ۋە كەيپىياتنىڭ ئۆزىمىزنىڭ ھەركىتى بىلەن روھى ساغلاملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىر دەرىجىسىنى ئېنىقلايمىز.
4. روھى ئانالىز جەريانىدا تېپىپ چىققان مەۋجۇت مەسلىنى زىددىيەتنىڭ ئىككى ياقلىقى بويىچە بىرلا ۋاقىتتا ئاكتىپ ۋە پاسسىپ نۇقتىدىن ئەقلى تەھلىلگە قويۇپ،تونۇشنى روشەنلەشتۈرىمىز.
5.پاسسىپ كەيپىيات پەيدا قىلىدىغان تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ناچار ھەركەت ئادىتىمىزگە قەتئى چەك قويىمىز.
6.كۈندە ئۆزىمىزنى ئاكتىپ نۇقتىدىن بىشارەتلەپ ، باشقىلارغا ياخشى تىلەك تىلەپ،ئاكتىپ تەپەككۈر ئۇسۇلى ۋە ھەركەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈشنى نىشان قىلىمىز.
[table=100%,#0000ff][/table] |