نوتو نەزىريىسىگە مۇقەددىمە ئۇمۇن
Noto
نوتو ئەركىنلىكتۇر.
نوتونىڭ ئۇسلۇپ ۋە ئۇسۇلدىكى ئەركىنلىكنى قوغلىشىشى ،رادىكال ئەنئەنىچىلەرگە قارشى كەسكىن پوزىتسىيىسى نوتونىڭ بىر خىل شېئىر ياكى پىروزا ئىجادىيىتىدىكى ئۇسلۇپ ئەمەس بەلكى تىخىمۇ كەڭ دائىرىلىك ئەدەبىيات ـ سەنئەتتىن باشلانغان ئىدىيە ئۇيغۇنۇش ھەركىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ .
«بىلـمەيمىز»دىن باشلانغان چەكسىز ئەركىنلىك نوتونىڭ چەكلىمىسىز تەپەككۇر بوشلىقىنى يارىتىش جاسارىتىنىڭ ئىپادىسى .كىشىلەر قىلىپلىشىپ كەتكەن تەپەككۇر شەكلى ،ئىپادىلەش،ئىماگ ۋە سىموۋۇل كۆچۈرمىكەشلىكىدىن پەيدا بولغان ئەدەبىياتنىڭ روھسىزلىنىشىغا قارشى يىڭى بىر ئۇيغۇنۇشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشغا تەقەززا ئىدى .نوتو ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بىر داۋالغۇ ياساش ھارپىسىدا رادىكال ئەنئەنىچىلەرنىڭ بۆشىكىدە تۇنجۇقتۇرۇش تەھدىتىگە ئۇچۇرمايدۇ دىگىلى بولـمايدۇ .ئەمەلىيەتتە نوتو دەل ئۇلارنىڭ قورقىنىشى .رادىكال كونسىرۋاتىپلار مونوپوللىقىدىكى ئەدەبىيات ئەركىن ۋە كۆپ قۇتۇپلۇق ،چەكلىمىسىز ۋە ئىنساننى مەركەز قىلغان ئەدەبىياتقا نىسبەتەن قاتتىق قارشىلىق قىلىشى مومكىن،لىكىن دەل بۇ خىل قارشىلىق نوتونى تىخىمۇ ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
نوتو ھەرگىزمۇ كىلاسسىك ئەدەبىياتنى ياكى ئەنئەنىۋىي يىزىقچىلىق ئۇسلۇبىدىكى ئەسەرلەرنى ئىنكار قىلـمايدۇ.نوتىنىڭ ئىنكار قىلىدىغىنى رادىكال ئەنئەنىچىلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي يىزىقچىلىق ئۇسۇلىنى ۋە ئەنئەنىۋىي قىلىپلاشقان تەپەككۇرنى بىردىن بىر ھەقىقەت دەۋالىدىغان،بىردىن بىر چىقىش يولى دەيدىغان مونوپوللىقى ۋە رادىكاللىقى ئۈستىدە بولىدۇ.نوتولار نوتونى ئىنكار قىلغانلارنى ئىنكار قىلىدۇ،نوتونى ئىتراپ قىلغانلارنى ئىتراپ قىلىدۇ،يىڭىلىققا ۋە تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغانلارغا قارشى تۇرىدۇ.
نوتونىڭ مۇقۇم ،قىلىپلاشقان ۋە مەلۇم چەك چىگرا بىلەن ئورالغان ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئۇسلۇبى يوق.ئەدەبىيات سەنئەتتىكى ئەركىن ۋە چىگراسىز ئىجادىيەت ئىڭى دەل نوتو تەشەببۇس قىلىۋاتقان نەزىريەدۇر.
ئىنساننىڭ چەكسىز ئاڭ بايلىقىنى قىزىش ،قۇرۇق دەبدەبىلەرنى مەدھىيە ۋە مەرسىيە قىلىش ئەمەس ئىنساننى مەركەز قىلىش نوتونىڭ ئەدەبىيات ئىزاھاتىدۇر.نوتو ئەدەبىياتتا چەكلىمە ۋە چىگرالارنى ئىنكار قىلىش رولى بىلەن ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىجادىيەت ئىڭىدا يىڭىلىنىش ھەركىتىنى قوزغىدى.ئۇنۇڭ ساپ ،پاكىز ھېسسى ئاماللارنى ئالدىنقى پىلانغا چىقىرىپ،تۈرلۈك چەكلىگۈچى ئامىللارنى ئىنكار قىلىشى ئەدەبىياتىمىزغا بىر قىتىملىق سىلكىنىش ئاتا قىلىدۇ دەپ قارايمەن.
نوتو نوقۇل باشقا ئەدەبىي ئەسەرلەردىن پەرىقلىنىدىغان شەكىل،ئۇسۇل ۋە ئۇسلۇپقا ئىگە بولىشى كىرەك ئەمەس ۋە نوتو پەقەتلا ماركا چاپلانغان ئوخشاش تۈردىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر كاتولوكى ئەمەس.ئۇ ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى قوللىغان ئاپتورلارنىڭ يىڭى ئەدەبىيات ئويغۇنۇش ھەركىتىگە بولغان،ئەدەبىياتقا بىرىلگەن يىڭى ئىزاھاتقا بولغان تەلپۈنىشى ۋە قوللىشى.
قۇرۇق مەدھىيە ۋە مەرسىيە خارەكتىرىدىكى ،ئىجدىمائىيلىقى كۈچلۈك ،ئوغۇرلانغان ئىماگ ۋە سىموۋوللار بىلەن بىزەلگەن ئەدەبىي ئەسەرلەر نوتونىڭ روھىغا خىلاپ ئەسەرلەردۇر .چۈنكى يىڭى ۋە تەبىي بولۇش ،ئىنساننى يادرۇ قىلىش نوتو ئەسەرلىرىدىكى ئورتاق ئالاھىدىلىك.ئىنساننى موھىمسىزلاشتۇرۇپ،ئىجدىمائىي سىستىمىلارنى ئۇلۇغلايدىغان،يەككە شەخىسلەرنىڭ ھىس تۇيغۇلىرىنى ئەھمىيەتسىزگە چىقىرىپ كوللىكتىپنى قارغۇلارچە مەدھىيلەيدىغان ئەدەبىي ئەسەرلەر ئەدەبىياتنىڭ تەبىي بولۇش ،ئىنساننى مەركەز قىلىش ،ئەركىن بولۇش پىرىنسىپىغا خىلاپ بولغانلىقى ئۈچۈن نوتو ئىتراپ قىلـمايدىغان ئەسەرلەر كاتوگىرىيىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ.
بىر ئەدەبىي ئەسەردە بىر ياكى بىر قانچە ئىقمنىڭ ئالامەتلىرى تەڭ مەۋجۇت بولىشى ،ياكى ھىچ بىرىنىڭ مەۋجۇت بولـماسلىقى تامامەن مومكىن.مۇشۇ نۇقتىنىڭ ئۆزىلا ئەدەبىي ئەسەرلەرنى قارغۇلارچە كاتوگورىيلەشتۇرۇش،خالىغەنچە ئىقىمغا مەجبۇرلاش خائىشىگە قارشى تۇرىشىمىزغا يىتىپ ئاشىدۇ.ئاپتۇر ئۆز ئىجادىيىتىنى مەلۇم بىر ئىقىمغا زورلىسا ئەسەردىكى تەبىيلىك ۋە ئەركىنلىككە تەسىر يىتىدۇ.نوتو دەل ئەدەبىياتتىكى ئىقىمغا زورلاش،قارىغۇلارچە كاتوگورىيلەشتۇرۇشكە قارشى .ئۇنۇڭ كاتوگورىيلەشتۇرۇشكە قارشى بولىشى دەل ئەدەبىياتنىڭ ئەركىن بولىشى،چەكلىمىسىز بولىشى ،كۆپ خىل ئىقىم ۋە كۆپ خىل نەزىريەلەرگە تولغان،ئۆز ئارا مۇنازىرلەشكەن قايناق بىر كەيپىيات يارىتىشقا بولغان تەلپۈنىشىدۇر.
رادىكال ئەنئەنىچىلەر قالاق ۋە قاتمال نەزىريىلىرىنىڭ مونوپوللىقىدىن ھوزۇر ئىلىۋاتقان،ئەدەبىيات چۈشكۈنلىشىپ غەرىق ئۇيقۇغا كەتكەن بۈگۈنكىدەك بىر موھىتتا نوتونىڭ مەۋجۇتلىقىنى جاكارلىشى ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە ئىدىيە ساھەسىدە زور بۆسۈش دەپ قارىساق مۇبالىغە قىلغان بولـمايمىز.يىڭى بىر قاتلام ئىسيانكار يىڭىلىق تەرەپتارلىرى زىچ ئۇيۇشۇپ قىتىپ كەتكەن ئەدەبىيات نەزىريىلىرىگە جەڭ ئىلان قىلىشى بۈگۈنكى ئىدىيە ھالىتىمىزگە نىسبەتەن زور بۇرۇلۇش ۋە يۈكسىلىشتۇر.
ئەدەبىيات ـ سەنئەت ساھەسىدە كەڭ تارقىلىۋاتقان ۋە بىخ ھالىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان نوتو ئۆزىنىڭ كەڭ،چىگراسىز،ئەركىن تەپەككۈر تەشەببۇسى بىلەن يىڭى بىر دەۋىر ئەدەبىياتىغا ئۇل سىلىش ئۈچۈن ھازىرلىنىۋاتىدۇ.كەڭ جامائەت ئەربابلىرى ،ئۈنۋىرسىتىت پىراففىسۇرلىرى ،ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بەرگەن ئىجابىي باھالىرى بىلەن نوتو ئۇيغۇر ئىجدىمائىي موھىتىغا تەسىر كۆرسىتىش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ.
ئاپتورنىڭ ۋە ئەسەرنىڭ كەڭلىكى ،گۈزەللىكى،ۋە ئىستىتىكلىقىنى ئىدىيەدىكى ئەركىن تەپەككۈر ئەندىزىسىدىن ،ئۇسلۇپتىكى رەڭگارەڭلىقتىن ئىزدەيدىغان نوتو ئۇيغۇر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ساھەسىگە يىڭى دەۋىر روھىغا ئۇيغۇن ئىجادىيەت مىتوتى ئاتا قىلىدۇ.
ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز ئەدەبىيات قارشىغا ئىگە ،تەبىي ۋە ئىسيانكار ئىجادىيەت مىتوتىغا ئىگە كىشىلەر نوتولاردۇر .ئۇلار ئۆزىنىڭ خىلـمۇ خىل ئىجادىيەت ئۇسلۇبى ئارقىلىق نوتونىڭ رەڭگارەڭ ۋە تەبىي ،كەڭ ۋە ئەركىن ئەدەبىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۇرىدۇ .
تار ۋە قاتمال تەپەككۈر ئەندىزىسىگە ئىگە ،يىڭىلىق يارىتىش روھى كەمچىل،ئىماگ ،تەسۋىر ۋە سىمۇۋۇل ئوغۇرلاشنى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش دەپ قارىۋالغانلارغا نىسبەتەن نوتودىن ئىبارەت ئەركىن يىزىش ئىقىمى چىكىدىن ئاشقانلىق بولىشى مومكىن.ئىنساننىڭ ئەڭ تەبىي ۋە يوشۇرۇن تۇيغۇلىرىنى ئىپادە قىلىدىغان ،ئىماگ ،تەسۋىر ۋە سىموۋولدا ئۈزلۈكسىز يىڭىلىق يارىتالايدىغان ،ئىجدىمائىي سىستىمىلارنىڭ ،ھەر خىل پوزىتىپ،دوگما ئىدىيىلەرنىڭ چەكلىمىسىگە،كۆلەڭگىسىگە ،تەسىرىگە ئۇچۇرمايدىغان ساپ ۋە تەبىي ،كەڭ ۋە ئەركىن تەپەككۈرگە ئىگە ئەدەبىيات ئىقىمىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇستەقىل بىر نوپۇزغا ئىگە قىلىش نوتونىڭ نىشانىدۇر .
نوتونى قوللىغۇچىلار پەقەت ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ساھەسىدىلا چەكلىنىپ قالـمايدۇ .ئۇ بىر ئىسلاھاتكار ئىدىيە.ئۇ قاتمال ۋە تار دائىرىلىك باھالارغا،ئىجدىمائىي چەكلىمىلىكلەرگە قارشى.ئۇنۇڭ قوللىغۇچىللىرى پەرىقلىق تەپەككۈرنىڭ ،يىڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ ۋە تەرەققىياتنىڭ قوللىغۇچىللىرى .ساپ ئىلىم ـ پەن قارىشىغا،ئىلـمىي،ئاكادىمىك مىتوتقا ،يىڭى پەرەز ۋە يىڭى تەسەۋۋۇرلارغا تويۇنغان كىشىلەر نوتونىڭ قوللىغۇچىللىرىدۇر .
قاتمال ۋە تار دائىردە تەپەككۇر قىلغۇچىلار ،رادىكال ئەنئەنىچىلەر بىلەن يىڭى ئىدىيە ۋە يىڭى ئۇيغۇنۇشنى قوللىغۇچىلار ،ئەركىن ۋە كەڭ،تەبىي ۋە چەكلىمىسىز تەپەككۈر قىلغۇچىلار ئارىسىدىكى ئايرىلىش ۋە كۈرەشتە نوتو ئاۋانگارتلىق رولىنى ئوينايدۇ .
ئۇيغۇر ئەدەبىياتى،ئۇيغۇر ئىدىيە سىستىمىسى يىڭى بىر دولقۇن بىلەن زەرەتلىنىشكە ۋە سىلكىنىشكە مۇھتاج،ئۇ مۇتلەق توغرا بولسۇن ياكى مۇتلەق خاتا بولسۇن ئۇنۇڭ ئىسيانكىرانە ۋە مەردانە روھى بىزنىڭ قوللىشىمىزغا ۋە سۆيىشىمىزگە مۇھتاج .يىڭىلىقتىن قورقىدىغان ،سەللا ئوخشىمىغان پىكىر بولسا قارشى تۇرۇشقا ئارانلا تۇرىدىغان ئەخلاقسىز ۋە سەمىمىيەتسىز كىشىلەرنىڭ بىلجىرلاشلىرى نوتوغا توسالغۇ بولالـمايدۇ .يىڭىلىق ۋە ئىسلاھات تەرەپتارلىرى ھامان بىز بىلەن بىللە .
نوتونىڭ بىر نەچچە كۈنلۈك يارىلىش جەريانى ھەرگىزمۇ ئۇنۇڭ بىردەملىك ھاياجان بىلەن ئوتتۇرىغا تاشلانغان ئىقىم ياكى ئىدىيە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەيدۇ.ئۇ رادىكال ئەنئەنىۋىي قىلىپبازلارنىڭ ئىدىيە ۋە ئەدەبىيات مونوپوللىقىغا قارشى كۈچلۈك ئىسياننىڭ پارتىلاش نۇقتىسى.ئۇ يىڭى ئىدىيەگە،ئەركىن تەپەككۈرگە ئىگە ،يىڭى ئەدەبىيات قارشىنى قوللايدىغان ۋە ئوتتۇرىغا قويىدىغان كىشىللىرىمىزنىڭ ئەجرى ۋە ئەمگىكىنى مەنبە قىلغان،پىشىپ يىتىلگەن .
نوتو ھەتتا ئۆزىمىزدىنمۇ گۇمان قىلىمىز دىگەن شوئارى بىلەن قورۇقماس ۋە جاسارەت بىلەن ھەرقانداق نەرسىدىن گۇمان قىلالايدىغان ،ھەرقانداق نەرسىگە تەنقىدى مۇئامىلە قىلالايدىغان، ئەركىن ۋە چەكلىمىسىز تەپەككۈر ئەندىزىسىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.ئۇ ئۆزىنىڭ شۇبھەچى،ۋە گۇمانىسىت خارەكتىرى بىلەن كەڭ ۋە تەبىي،جۈرئەت ۋە جاسارەتكە تويۇنغان ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى تەشۋىق قىلىدۇ.ئۇ ھەرقانداق شەكىلدىكى قىلىپباز،تار،قالاق ۋە تەپەككۈردىن چەكلىگۈچى ئىدىيە ۋە ئىجادىيەت ئۇسۇلىنى ئىنكار قىلىدۇ .ئۇ ئەركىنلىك، ھۆرلىك بىلەن قۇدرەت تاپىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ .
نوتونىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىدە مۇستەقىل بىر ئەدەبىيەت ـ سەنئەت ئىقىمىغا،كەڭ ۋە ئۇيغاتقۇچى ئىدىيە ھەركىتىگە ئايلىنىشى ئۇيغۇر جەمىيىتىنىڭ يىڭى دەۋىرگە ۋە تەرەققىياتقا ماسلىشىشى ۋە جەمىيەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ .
ئاخىرىدا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ،ئۇيغۇر ئەدەبىيات ـ سەنئەت ھەۋەسكارلىنىڭ نوتوغا ئاكتىپ ئىپادە بىلدۇرۇپ ئۇيغۇر ئەدەبىيات ۋە ئىدىيە ساھەسىنىڭ زەرەتلىنىشى ۋە جانلىنىشىغا ئاۋاز قوشىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن .
|