يەر شارىۋى ھەققانىيەت ۋە كەڭ قورساق ئىقتىسادىي ئېشىش
رەجەپ تايىپ ئەردوغان (تۈركىيە)
سۈبھى باغداش تەرجىمەسى
فرانسىيە ۋە پۈتۈن دۇنيا پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمىدىكى گۇناھسىز قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈۋاتقاندا، 20 دۆلەت گۇرۇھى تۈركىيە ئانتالىياغا يىغىلدى. ئۇلار كۆپلىگەن جىددىي مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدۇ، لېكىن ھازىر تېررورىزىم بۇ مەسىلىلەردىكى ئەڭ مۇھىم بىرى بولۇپ قالدى. G-20 غا ئەزا دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ %85نى ئىگىلىگەن، ئۇلار بۇ تەسىرلەرنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى نەچچە مىليون ئادەمنىڭ تۇرمۇشى ۋە گۈللىنىشىگە بولغان خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇشتەك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان. G-20 ھەرگىز ئۆزىدىن قانائەتلىنىش ۋە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماسلىق سەۋەبلىك خەتەرگە ئۇچرىسا بولمايدۇ، مەيلى تېررورىزم مەسىلىسىدە بولسۇن ياكى ئاجىز دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھازىرقى مەسىلىسىدە بولسۇن ھەممىسىدە شۇنداق.
2014-يىلى 12-ئايدا، تۈركىيە G-20 نىڭ رەئىسى بولدى، شۇنىڭدىن بۇيان بىزنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق كەڭ قورساق كۈچلۈك ۋە ساغلام ئىقتىسادىي ئېشىشقا كاپالەتلىك قىلىش سىياسىتىمىز G-20دىكى ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. بۇ سىياسەت ئۈچ ئۇلتاش ئۈستىگە قۇرۇلغان: بۇرۇن بەرگەن ۋەدىنى كەسكىن يولغا قويۇش؛ مەبلەغنى يەر شارى ئىقتىسادىنى قوزغىتىشتىكى كۈچلۈك ماتورى قىلىش؛ ھەمدە كەڭ قورساك ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ پايدىسىدىن پۈتكۈل دۇنيا خەلقى تەڭ بەھرىمان بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىقلار.
يولغا قويۇش جەھەتتە ناھايىتى چوڭ ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتۇق. بىز ئىشەنچىلىك ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە مالىيە سىياسىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇستەھكەم قۇرۇلمىلىق ئىقتىسادنى يولغا قويۇپ، بىزنىڭ نىشانمىز بولغان 2018-يىلغا بارغاندا G-20نىڭ ئومۇمىي GDPسىنى %2.1 ئاشتۇرۇشتا چوڭ بىر قەدەم باستۇق. يەر شارى پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ ئەسلىگە كېلىش كۈچى بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولۇپ كەتتى. پۇل-مۇئامىلە ئىقتىدارى قايتا قۇرۇشقا ئېرىشمەكتە، يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نىشانى ئەمەلگە ئاشماقتا.
ئەمما يەنىلا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. G-20 غا ئەزا دۆلەتلەر ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىشلەپچىقىرىش نىسبىتىنى قوزغىتىپ، مەبلەغ، رىقابەت، سودا ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى قۇرۇلمىلىق تۇرغۇنلۇقنى بۇزۇشى كېرەك. بىز يەنە چوقۇم G-20نىڭ ئۆتكەن 7 يىلدا قىلغان يەر شار پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسى ئاساسىي ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.
بىزنىڭ مەبلەغكە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز (مەبلەغ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى) دەسلەپكى ئۈنۈمىنى كۆرسەتتى. يەر شارى ئىقتىسادىدا غايەت زور مەبلەغ كەمچىلىكى مەۋجۇت، مەيلى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بولسۇن ھەممىسىدە شۇنداق. شۇڭا، بىز تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ كونكرېت سىياسەت ھەرىكىتى ۋە ۋەدىسىنى بىرلەشتۈرگەن ئىستراتېگىيەسىنى قوللىنىپ، مەبلەغ ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاش، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى قوللاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئاساسىي ئەسلىھە قۇرۇلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە موھتاج. ئەگەر G-20غا ئەزا دۆلەتلەر بۇ ئىستراتېگىيەگە ئاساسەن ۋەدىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرسا، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي GDPسىنىڭ يەنە %1 ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى چوقۇم كۈچلۈك ھەمدە سىجىل بولىدۇ؛ ئەمما، ئەڭ مۇھىمى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى كەڭ قورساق بولۇشى كېرەك. G-20دىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرسىزلىكى ئاشماقتا؛ بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ باراۋەرسىزلىكى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرماقتا. بۇ بىر خەتەرلىك تەرەققىيات يۈزلىنىشى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا توسقۇنلۇق قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىگە تەھدىت سېلىپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشى مۇمكىن. G-20 باراۋەرسىزلىكنى بىرىنچى چوڭ ئىش سۈپىتىدە ھەل قىلىشقا جىددىي موھتاج ھامدە بارلىق ئەزا دۆلەتلەر پۇقرالىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىش مېۋىسىدىن بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىرادىسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئىشسىزلىقنى تۆۋەنلىتىش باراۋەرسىزلىكنى تىزگىنلەشنىڭ يادروسى. G-20 دۆلەتلىرىدە تەخمىنەن 100 مىليون ئىشسىز بار، باشقا يەنە 200 مىليون ياش ھەم خىزمەت قىلمايۋاتىدۇ ھەم ئۆگەنمەيۋاتىدۇ. ياشلارنىڭ ئىشسىزلىقىنى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىش G-20نىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەدىلىرىنىڭ بىرى.
كەڭ قورساقلىق G-20نىڭ چېگراسىدىلا توختاپ قالسا بولمايدۇ. بىز چوقۇم ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى بىلەن گۈللىنىشىنىڭ پايدىسىدىن دۇنيادىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ بەھرىمان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا تىرىشىشىمىز كېرەك. بىز ئانتالىيادا بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىز بىلەن 2030-يىل سىجىل تەرەققىيات كۈنتەرتىپىنى قانداق ماسلاشتۇرۇشنى ھەمدە بىز بىلەن تۆۋەن كىرىملىك تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىنى قانداق ئاشۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىمىز.
سىياسىي بىلەن ئىقتىسادنىڭ مۇناسىۋىتى كۈنسېرى زىچلاشماقتا، شۇڭا G-20 يەنە چوقۇم ھازىرقى دەۋردىكى جۇغراپىيىۋى سىياسەت خىرىسىغا بىرلىكتە يۈزلىنىشى كېرەك. بۇ يىل كىلماتنىڭ ئۆزگىرىشىنى تىزگىنلەشتىكى ئاچقۇچلۇق يىل. بىز چوقۇم ئانتالىيادا كۈچلۈك سىياسىي سىگنال بېرىپ، 11-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 12-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە پارىژ ب د ت كىلمات ئۆزگىرىشى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك نەتىجە ھاسىل قىلىشىنى قوللىشىمىز كېرەك.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىزگە يەر شارىۋى خىرسلارغا (مەسىلەن تېررورىزم، سۇرىيە ئۇرۇشى ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسى) يەر شارىۋى تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەكلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئېچىنىشلىق ئەسكەرتتى. G-20 بۇ كىرىزىسلارنى ھەل قىلىشتىكى كۆڭۈلدىكىدەك مۇنبەر.
سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشى چوقۇم ئاخىرلىشىشى كېرەك (نۆۋەتتە تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويدى)، بىرلا ۋاقىتتا ئادىل، سىجىل بولغان سىياسىي ئۆتكۈنچىلىككە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ توقۇنۇش ھەمدە پرېزىدېنت بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ دۆلەتنى رەھىمسىزلەرچە كونترول قىلىشى سۇرىيەنىڭ ئېچىنىشلىق ۋەيران بولۇشىنى، 360 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي؛ ھەم مۇساپىرلار كىرىزىسى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالدى. ئىسلام دۆلىتى بارلىق دۆلەتلەرگە تەھدىت. تۈركىيە ئىسلام دۆلىتىگە زەربە بېرىش ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئەزاسى، بىز دۆلىتىمىز ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىسلام دۆلىتى تېررورلۇق گۇرۇھىغا زەربە بېرىش ۋە ۋەيران قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىمىز.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز بىزنىڭ بەشار ئەسەد ھاكىمىيىتى ۋە ئىسلام دۆلىتىنىڭ قانلىق ھۆكۈمرانلىقىدىن قېچىپ چىققان كىشىلەرنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۇنتۇشقا ھەرگىز رۇخسەت قىلمايمىز. خەلقئارا جەمئىيەت تۈركىيە دېڭىز ساھىلىدا ئۆلگەن ئۈچ ياشلىق سۇرىيەلىك ئوغۇل بالا ئالان كۇردىنىڭ سۈرىتى سەۋەبلىك چۆچۈپ كەتتى، ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت ھەر كۈنى كۇردىغا ئوخشاش نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ئوتتۇرا دېڭىز ۋە ئېگى دېڭىزىنىڭ سوغۇق سۈيىدە ئۆلۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى چوقۇم ئېسىدە تۇتۇشى كېرەك.
نۆۋەتتە، تۈركىيە 2 مىليون 200 مىڭ سۇرىيە مۇساپىرىنى قوبۇل قىلدى، ئۆتكەن ئۈچ يىلدا بىز 8 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئۇلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا سەرپ قىلدۇق. خەلقئارا جەمئىيەت چوقۇم ئورتاق مېخانىزم شەكىللەندۈرۈش ئارقىلىق بۇ يۈكنى ئادىل تەقسىملەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا، تۈركىيەنىڭ يەنىلا كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسىنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى تېررورلۇق تەشكىلات قاتارىغا كىرگۈزدى. تۈركىيە زور ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ، زور مەبلەغ سېلىپ دۆلىتىمىزدىكى كۇرد پۇقرالىرىنىڭ پاراۋانلىقىنى ياخشىلىدى. ئەمما كۇردىستان ئىشچىلار پارتىيەسى يەنىلا قورال تاشلاشنى رەت قىلماقتا، ئەكسىچە قورال توپلاپ، پۈتكۈل تۈركىيەدە پۇقرالار ۋە ئامانلىق ساقلاش نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلماقتا. بىز تۈركىيەدىكى تېررورىزم ئاپىتى بىلەن داۋاملىق كۈرەش قىلىمىز، بۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز بارلىق دۆلەتلەرنىڭ پارىژدىكى قازا قىلغۇچىلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپلا قالماستىن، ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزمنى رەت قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.
ئانتالىيا G-20 يىغىنى يۇقىرىقى ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن باشقا ئاساسلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. ئاساسىي تېمىسى مەيلى ئىقتىساد، پۇل-مۇئامىلە، كىلمات ئۆزگىرىشى ياكى سىياسىي بولسۇن، يېتەكچى پىرىنسىپ چوقۇم پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ باراۋەرلىكى ۋە ھەققانىيىتى بولىدۇ.
تۈر-كارخانا بىرلەشمىسى تور بېتىدىن تەرجىمە قىلىندى.
سالون ۋە باشقا مۇنبەرلەرگە ئەسكەرتىش: بۇ مېنىڭ باغداش مۇنبىرى ئۈچۈن قىلغان تەرجىمەم، پەقەت ۋە پەقەت باغداشتىلا ئېلان قىلىشنى ۋە باغداشقىلا خاس بولىشىنى خالايمەن.
|