- تىزىملاتقان
- 2013-9-6
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-4-3
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 4637
- نادىر
- 2
- يازما
- 202
ئۆسۈش
87.9%
|
چەكسىزلىك ۋە ئۇقۇملاشتۇرۇش
ئۇمۇن
ئىنسان چەكسىز كەتكەن ماددى ۋە مەنىۋىي ئىلمىنىتلارنى ئۇقۇملاشتۇرۇش ۋە كاتوگورىيىلەشتۇرۇش فۇنكىسيىسى بىلەن بۈگۈنكى ئىلىم پەننى ياراتتى.ئىنسان قولىدىن كىلىشىچە چەكسىزلىكنى ئۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
بىپايان كائىناتتىكى ماددى مەۋجۇتلۇقلار ۋە ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر،ئۇلارنىڭ باشلىنىش،ئاخىرلىشىش نۇقتىللىرى ۋە جەريانلىرى بىزنىڭ ھەرخىل ئۇقۇملاشتۇرۇش ۋە كاتوگورىيلەشتۇرۇشلىرىمىز ئارقىلىق ئىنسان سۇبىكتىدە مەلۇم بىر خىل ياكى بىر نەچچە خىل مەنا ياراتتى ۋە داۋاملىق يارىتىۋاتىدۇ.
ئىنساننىڭ سۇبىكتىپ پائالىيىتىنىڭ ئەڭ موھىم فۇنكىسيىسىدىن بىرى ئۇقۇملاشتۇرۇش ۋە مەنا يۈكلەشتۇر.ئىنسان ئەتراپىدىكى چەكسىزلىككە قاراپ ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولۇش سەۋەبى ۋە باشلىنىش نۇقتىسى توغۇرسىدا تەگسىز ئويلارغا غەرىق بولىدۇ.ئۇلارنىڭ مەۋجۇت بولىشى ،كىلىش مەنبەئى ۋە توختاش نۇقتىسى توغرىسىدا مۇقەررەر بىر جاۋاپ تىپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ.سەۋەپ ۋە مەنا ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەھمىيەتكە ئىگە قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ.
ئىنسان لوگىكىسى ھەر ۋاقىت ئوبىكتىپقا ۋە ئوبىكتىپلار ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتكە سەۋەپ نەتىجە مۇناسىۋىتى تىكلەشنى ئۆمۈد قىلىدۇ،ۋە بۇ نەرسىنى تىپىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.
ئىنسان تەپەككۇرى چەكسىزلىك ئالدىدا ئۇقۇمغا ۋە كاتوگورىيەگە تەسلىم بولىدۇ.
مەلۇم بىر مەۋجۇتلۇقنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۈچۈن بىر سەۋەپ ۋە مەنانىڭ كىرەك بولىشى ئىنساننىڭ تەپەككۇر شەكلىدىكى بىر چەكلىكلىك.لىكىن ئىنسان ھەمىشە مەنا ۋە سەۋەپ ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ ۋە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
مەن بىر نەرسىنىڭ مەۋجۇت بولىشى ئۈچۈن نىمىشقا سەۋەبى ۋە مەنىسى بولىشى كىرەك دىگەن مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ باقتىم ۋە بىر نەرسە چوقۇم بىر يەردىن باشلىنىپ چوقۇم بىر يەردە ئاخىرلىشىدۇ دىگەن ھۆكۈملۈكلەر ئۈستىدىمۇ سوئال سوراپ باقتىم.ئىنسان تەپەككۈرى تۈگىمەس ھۆكۈملۈكلەر بىلەن زەنجىرلەنگەن.تىخىمۇ كەڭ ۋە يۈكسەك نۇقتىدىن دۇنياغا قارىشىم ئۈچۈن ھەرقانداق ھەقىقەتكە گۇمان بىلەن قاراشنى ئۈگىنىشىمىز كىرەك دىگەن يەرگە كەلدىم.
بىز پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز بىلەن بىلگەن ۋە سەزگەن ھەرقانداق نەرسىنى ئۇقۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچىدۇق.ئۇقۇملاشتۇرۇش كۈچەيگەنسىرى ئۇقۇملاشتۇرغىلى بولمايدىغان نەرسىلەر ياكى تىخى ئۇقۇملاشمىغان نەرسىلەرمۇ كۆپەيدى.بەزىللىرى بەزىللىرىنى ئۇقۇملاشتۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن ئۇقۇملىشىشقا ئامالسىز قالدى.ئىنسان چەكسزلىك ئىچىدە مەنا ۋە سەۋەپ ئىزدىدى.بۇنۇڭ ئۈچۈن ئۇقۇملاشتۇردى ۋە كاتوگورىيلەشتۇردى.
بىز تىل بىلەن تەپەككۇر قىلىمىز.تىل بولمىسا ئۇقۇملاشتۇرۇش بولمايدۇ.ئۇقۇملاشتۇرۇش بولمىسا تەپەككۇر بولمايدۇ.بىز ئۇقۇملاشتۇرغان ئوبىكتلار ۋە سۇبىكتىپ ئۇقۇملارنى بىر بىرىگە باشلاش ۋە ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھۆكۈملۈكلەرگە ئىرىشىمىز.بىر بىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى ھۆكۈملۈكتىن تەپەككۈر قىلىمىز.بۇ بىزنىڭ ھەرقانداق نەرسىنى تەپەككۈر قىلالايدىغانلىقىمىزدىن دىرەك بەرمەيدۇ.بىز ئۇقۇملاشتۇرمىغان تۈگىمەس نەرسىلەر مەۋجۇت .بۇلار ئۇقۇملاشمىغانلىقى ئۈچۈن بۇلار توغۇرسىدا تەپەككۈر قىلىش مەۋجۇت ئەمەس.بىزنىڭ كاللىمىزدا تۈگىمەس كاتوگورىيلەر مەۋجۇت،بىز شۇ كاتوگورىيلەرنىڭ باغلىنىشى ئاستىدا تەپەككۈر قىلالايمىز.بۇ باغلىنىشلار ۋە كاتوگورىيىلەر بىزنىڭ تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ياردەم بىرىدۇ ۋە ئۆز نۆۋىتىدە بەزى نەرسىلەرنى تەھلىل قىلىشىمىزنى چەكلىيەلەيدۇ.
لوگىكا دەل بۇ مىسالنىڭ تىپىك ئۆرنىكى.ئىنسانلار ھەقىقەت دەپ ئاتىۋالغان ھەرقانداق نەرسە ئۈستىدە كۈچكە ئىگە بىر تىئورمىنى تىپىش ئۈچۈن ئۇنۇڭغا بىر تەپەككۈر شەكلى بەلگىلەپ بەرگەن،بۇ دەل لوگىكا.لوگىكا ئۆز نۆۋىتىدە ئىنساننىڭ تەپەككۈر قىلىشى ئۈچۈن بىر بوشلۇق ھازىرلايدۇ.بۇ بوشلۇق دەل باشقا بوشلۇقلارنىڭ ئىتىلىشى بىلەن ئىچىلىدۇ.
مەسىلەن كىلاسسىك لوگىكىدا ئۈچۈنجى ھالەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى دەيدىغان بىر قائىدە بار.ئاساسلىقى ئا ئادۇر ياكى ئا ئا ئەمەستۇر.
بۇ قائىدە كۈندۈلۈك تۇرمۇشىمىزغا نسبەتەن ئىنتايىن ئەقىلگە مۇۋاپىق بىر قائىدە.مەسىلەن مەلۇم بىر ھەركەت ياكى خاتا ياكى توغرا ئۈچۈنجى بىر ماھىيەت يۈكلىنىش مومكىن ئەمەس.
بىراق بىز بۇ يەردە بىر نەرسىنىڭ ياكى ئا ياكى ئا ئەمەس ھالىدىن باشقا بىر ھالنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىز مومكىن بولماي قالىدۇ.
بىز بىر ھۆكۈملۈكنى يا توغرا ياكى خاتا دەپ كاتوگورىيلەشتۇرۇشتىن ئاۋۋال ئۇنۇڭ ئۈچۈنجى بىر ھالى توغۇرسىدا تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىمىزدىن مەھرۇم قالدۇق.
دىمەك بىز ياراتقان كاتورىيىلەر،تەپەككۇر شەكىللىرى ۋە ھۆكۈملۈكلەر مەلۇم مەنىدىن بىزگە تەپەككۇر قىلىش بوشلىقى يارىتىش بىلەن بىرگە تەپەككۈرىمىزنى چەكلەپ تۇرىدۇ.
بىز چەكسىزلىك ئىچىدە كۆپ نەرسىلەرنى ئۇقۇملاشتۇردۇق.ۋە بەزى سوئاللارنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابىنى ئىزدەش ئۈچۈن كۈرەش قىلدۇق.بەلكىم ئىنسانىيەت بىز توغرا سوئال سورىيالىدۇقمۇ؟سورىغان سوئالىمىزنىڭ جاۋابى بولىشى كىرەكمۇ؟بىز سورىغان سوئال مەۋجۇت بولماسلىقى، بىر ئاخىرقى جاۋاپ تىخىمۇ مەۋجۇت بولماسلىقى مومكىن بۇ ئەھۋالدا قانداق قىلىش كىرەك؟دىگەن سوئاللار بىلەنمۇ روبىرۇ قىلىشى مومكىن.
بەزى ئۇقۇملارغا تەكرار ئىرىشىشىمىز ۋە يىڭى تەپەككۈر ئەندىزىسى،يىڭى تەسەۋۋۇر كەڭلىكى يارىتىشىمىز ئۈچۈن بەزى دوگما ۋە قاتمال ئۇقۇملارنى پاچاقلاپ تاشلىشىمىز زۆرۈردۇر.بۇ بىزنىڭ تەپەككۈرىمىزنى جانلاندۇرىشىمىزغا ۋە تىخىمۇ كەڭ تەپەككۈر قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشىشىمىزغا پايدىلىق.
بىز ئۇقۇملاشتۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەۋجۇت بولىشى ياكى ھەممىسىنىڭ يوق بولىشىمۇ بىر ئىھتىماللىق.بىز توغرا يۆنىلىشتىمۇ ياكى تەسەۋۋۇر قىلغان يۆنىلىشىمىز ھەقىقى يۆنىلىشنىڭ دەل ئەكسىمۇ؟بۇ مەسىلىلەرنى ئانالىز قىلىش ئۈچۈن ئىنسان كاتوگورىيەلەر ۋە ئۇقۇملارنىڭ رولى ۋە فۇنكىسيىسىنى ياخشى ئىگىلەش كىرەك.
بىز ئۆلۈمنىڭ ئارقىسىدا جەننەت ۋە دوزاقنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز.بۇنى مۇتلەق ھەقىقەت دەپ جەزىملەشتۇرگىنىمىزنىڭ ئۆزى بىزنىڭ جەننەت ۋە جەھەننەم بولمىغان دۇنيا ھەققىدە ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش ئىقتىدارىمىزنى تۇنجۇقتۇرىدۇ.بىز ھەرقاندا ھۆكۈملۈك ۋە مەسىلىلەرنى تەڭرى بار دۇنيادا ئانالىز قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن ئاساسى قىممەت قاراش،ئومۇمىي ھۆكۈملۈكلىرىمىز مىتافىزىكىلىق تەپەككۈر ئەندىزىسىنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇرتىلالمايدۇ.بىر سۇبىكتىپ تەڭرى بىزنىڭ ھۆكۈملۈكلىرىمىز،مۇنازىرلىرىمىزگە كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرىدۇ.بۇ ۋەزىيەتتە بىز تەڭرى بولمىغان دۇنيا ھەققىدە ئانالىز،تەھلىل ۋە تەسەۋۋۇر ئىقتىدارىمىزنى يوقىتىمىز.دەل مۇشۇ سەۋەپتىن تەڭرى بار دۇنيا ھەققىدىكى قاراشلىرىمىز تەنقىت ۋە تەجىربىسىز قالىدۇ.نەتىجىدە پەقەت بىرلا خىل تەپەككۈر ئەندىزىسى بىزنىڭ باشقا قىممەت قاراشتىن دۇنيانى ئىزاھلاش ئىقتىدارىمىزنى يوقۇتۇپلا قالماي ئۆزىمىز چىڭ تۇرغان تەپەككۈر ئەندىزىسىنىڭ ئىنتايىن ئاجىز ھالەتكە چۈشۈپ قىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ.
بىز يەنە دۇنيانى مەلۇم خىل كاتوگورىيلەشكەن ئەندىزىلەر بىلەن ئىزاھلايمىز.بۇلار دىنى،ئىدولوگىيىلىك ھۆكۈملۈكلەرنى مەنبە قىلىدۇ.پىلاتونىڭ ئىدىياللار ئالىمى توغۇرسىدىكى تىئورمىسىدىن بۇددا دىنىدىكى سانسارادىن نىرۋاناغا يىتىشكەچە بولغان ئۆزگىچە تەپەككۈرلەر پەقەت دۇنيانى ئىزاھلاشتىكى پەرىقلىق تەپەككۈر ئەندىزىللىرىدىن ئىبارەت.
بىز بىر ھالنى ،بىر ۋەزىيەتنى ئانالىز قىلغاندا ئۇنۇڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىھتىماللىقلارنى يوققا چىقىرىش ۋە ئەڭ زور كۈچتە ئومۇملاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىمىز.(....)مۇنداق دۇنيا، (....)ئۇنۇڭ ئەكسىچە دۇنيا ۋە ھەر ئىككىسىدىن مۇستەقىل دۇنيا دىگەندەك كۆپ قۇتۇپلۇق تەپەككۈر ئەندىزىسى يۈكسەك دەرىجىدە ئۇقۇملاشقان ۋە كاتوگورىيلەشكەن ھۆكۈملۈكلەر تەرىپىدىن بىر خىللىشىۋاتىدۇ.
بىز ھەرقانداق بىر ھۆكۈملۈكنى ھەقىقەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈشكە ئامالسىز.چۈنكى ئۇنۇڭ قارشى تەرىپى ۋە ئۇ ھۆكۈملۈككە چۈشمەيدىغان ئىھتىماللىقلار ھەرۋاقىت مەۋجۇت.
بىز ھايات دىگەن ئابىستىراكىت ئۇقۇمنى شەرىھلىگىنىمىزدە ھەمىشە تۇغۇلۇش،ياشاش ۋە ئۆلۈشتىن ئىبارەت ئاساسى ئۇقۇملارنى بىر بىرىگە مۇناسىۋەتلەشتۇرۇش ۋە باغلاش ئارقىلىق ھۆكۈملۈك شەكىللەندۇرىمىز.بىز ھايات دىگەن ئۇقۇمنى ئىزاھلىغاندا تۇغۇلمىغان ۋە ئۆلمىگەن،ياشىمىغان ۋە تۇغۇلمىغان،تۇغۇلغان ئۆلمىگەن،ئۆلمىگەن ياشىمىغان،ياشىمىغان،تۇغۇلمىغان ۋە ئۆلمىگەن دىگەندەك ئىھتىماللىقلارنى ئوڭايلا نەزەردىن ساقىت قىلىمىز ۋە بىر نەرسە ھايات بولىشى ئۈچۈن تۇغۇلغان ۋە ئۆلمىگەن بولىشى كىرەك دىگەن ھۆكۈملۈك ئىچىدە سىقىلىپ قالىمىز.ئەمەلىيەتتە بىر نەرسە ھايات بولىشى ئۈچۈن ئۇنۇڭ تۇغۇلىشى ،ئۆلىشى ۋە ياشىشى مۇناسىۋەتسىز بولىشى مومكىن.بىر مەۋجۇتلۇق ھايات بولىشى ئۈچۈن ئۆلمىگەن بولىشى كىرەك دىگەن كەسكىن ھۆكۈمنى ئوڭايلا چىقىرۋىتەلمەيمىز.
بىز كۆپ نەرسىلەرنى ئابىستىراكىت ۋە يۈكسەك تەكشىلىكتە ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم.بىز پەقەت بىز يارىتالىغان ئۇقۇملار ئۈستىدىلا ھەركەت قىلىمىز ۋە بۇ ھەركەتلەر بىزنىڭ يىڭى ئۇقۇملارنى يارىتىشىمىزغا ۋە بۇ ئارقىلىق مەنىۋىيىتىمىزنى ۋە بىلىش دائىرىمىزنى كىڭەيتىشكە ياردەمدە بولالايدۇ.
ئۆز نۆۋىتىدە مۇتلەق ھۆكۈملۈكلەر،كەسكىن كاتوگورىيە ۋە چىگرالاشقان ئۇقۇملاردىن ھالقىپ يىڭى ئۇقۇم ۋە كاتوگورىيەلەرنى ئىنشاھ قىلىش ئارقىلىق يىڭى تەسەۋۋۇر ۋە يىڭى ھۆكۈملۈكلەرنى يارىتالايمىز.يىڭى ھۆكۈم ۋە يىڭى ئۇقۇملار كونا ئۇقۇم ۋە كاتوگورىيەلەر بىلەن زىديەتلىشىش باسقۇچىدا تەپەككۈرىمىز ۋە بىلىشىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.
|
|