قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3682|ئىنكاس: 14

ئابلېز ئۆمەر ھاجى: تەڭرىداۋان ئېتەكلىرىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

186

تېما

14

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1926
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 6655
تۆھپە : 7677
توردىكى ۋاقتى: 1683
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 12:40:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-2 13:28  

تەڭرىداۋان ئېتەكلىرىدە
ئابلىز ئۆمەر ھاجى
  
2004- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى «شىنجاڭ تەزكىرىچىلىكى» ژورنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى، ياش تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى،كۆپ تىللىق تەرجىمان ئابلېز ئورخۇن، ياش شائىر، ئەدەبىي تەرجىمان دىلمۇرات تەلئەت،قومۇلدىكى بىردىن بىر تۇراشۇناس، ياش تارىخى، تەزكىرە، مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى سەمەت ئەسرا تۇرا تۆتىمىز سالقىنداپ كېلىش ئۈچۈن قومۇل شەھىرىنىڭ 40 كىلومېتىرشەرقىي شىمالىدىكى تاغلىق يۇرت قورايغا باردۇق. پىشقەدەم مائارىپچى، مۇقام ئاشناسى ئىبراھىم زىكرىيانىڭ ئائىلىسىدە ئېچىۋالغان «مۇقام ئاراگاھى» دا كۆڭۈللۈك مېھمان بولدۇق. ئىبراھىم زىكرىيا ئۆيلىرىنى «مۇقام ئارامگاھى» غا خاس ئۇسلۇب- شەكىللەردە جابدۇپتۇ: چوڭراق بىر ئۆينىڭ ئۈچ تېمىغا مۇقام تېكىستلىرى كومپيۇتېر خېتىدە يېزىلغان تاختايلارنى مۇقام تەرتىپلىرى بويىچە ئېسىپتۇ، يەرگە گىلەم سېلىپ ئۈستىگەچوڭ شىرە قويۇپتۇ. تۆت تامغا يوتقان- كۆرپىلەرنى ۋە تۇلۇق ياستۇقلارنى تىزىپتۇ.دۇتار، داپ، غېجەك قاتارلىق ھەر خىل سازلارنى مېھمانخانىغا كىرىدىغان كىچىككىنە ئارىلىقنىڭ تالا ئىشىكتىن كىرگەن ئۇدۇلىغا قاتار ئېسىپتۇ. باشقا كىچىكرەك ئۆيلەرنىمۇ بىر- بىرىگە ئوخشىمايدىغان شەكىل- ئۇسلۇبلاردا جابدۇپتۇ. ئاماننىساخان،ئاخۇنبەگ قاتارلىق مۇقام پېشىۋالىرىنىڭ پورتىرىتلىرى چۈشۈرۈلگەن كۆركەم ھۆسنىخەت تاختايلىرىنى تاملارغا مىخلاپتۇ. ئۆينىڭ ئارقىسىدىكى كىچىك باغچىنى مەشرەپخانا قىپتۇ. يەن تەرەپكە تاش كاۋاپ ئوچىقى ياساپتۇ. ئىبراھىم ئاكىنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچەكۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىدىن چەكسىز سۆيۈندۇق ھەم ئىپتىخارلاندۇق. كەچتە ئىبراھىم ئاكا باشچىلىقىدىكى قوراي ئېيتقاقلىرىنىڭ مۇقاملىرىنى ئاڭلىغاچ تاڭغىچە مەشرەپ ئوينىدۇق. مەشرەپ شۇقەدەر قىزغىن، كۆڭۈللۈك بولدىكى، تاڭنىڭ سۈزۈلۈپ قالغانلىقىنىمۇ تۇيماپتىمىز. ئەتىسى ناشتىلىق قىلىۋېلىپلا ساھىپخاننىڭ «تاماق يەپ مېڭىڭلار» دېگىنىگىمۇ قارىماي خوشلاشتۇق. ئىبراھىم ئاكا نېمە قىلارىنى بىلمەي پايپېتەك بولۇپ كەتتى. بىز ئىبراھىم زىكرىيانىڭ ئۆيىدىن چىقىپ دوستىمىز ئەسەت سۇلايماننىڭ چوڭ ئۆيىنى پەتىلەپ قويۇش ئۈچۈن قىزىليار كەنتىگە ئەسەتنىڭ بوۋىسىنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. بۇ كۈنلەردە ئەسەت سۇلايمان شىۋىتسىيىدە ئىدى. ئەسەتنىڭ بورىسى 100ياشقا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، خېلى تېمەن بولۇپ، گەپ- سۆز، ھەرىكەتلىرى ناھايتى توختۇن (سالماق) ئىدى. بوۋاي ئەسەتنىڭ تاغىسىنىڭ ئائىلىسىدە تۇرىدىكەن. ئاپىسى يالغۇز قالغاچقا يار بۇلۇڭدىكى قىزىنىڭ ئۆيىگە بېرىلۋالغانىكەن. شۇ كۈنى چوڭ ئۆيلىرىنى، قېيىنئاتىسىنى يوقلىغىلى چىققانىكەن. بىز ئۇلار بىلەن بىرەر سائەت چەھال- مۇڭ قىلىشىپ خوشلاشتۇق. تاغنىڭ ساپ- سالقىن ھاۋاسى بەكلا خۇش ياقتى. شەھەرگە قايتقۇمىز كەلمەي قالدى. بىز تۆرۈك ئامبار بېشىنى كۆرۈپ كەينىمىزگە يېنىپ نېرىنغا قايتىپ كەلدۇق. بۇ مەھەللىنى بىرەر قۇر ئارىلاپ دۇكاندىن بىرمۇنچە كۈيمەنچۈكلەرنى ئېلىۋېلىپ نېرىن غولغا چۈشۈپ بىر توپ قىرچىنتالنىڭ تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇردۇق.قىرچىنتالنىڭ تۈۋىدىن سۈپ- سۈزۈك تاغ سۈيى ئېقىپ تۇراتتى. بىز بۇ جايدا بەش سائەتتەك ئولتۇرۇپ چاقچاقلاشتۇق، ھال- مۇڭ قىلىشتۇق، سۇغا چۆمۈلدۇق، خۇددى بالىلىققا قايتقاندەك راھەتلەندۇق. مۇشۇ جايدا سۇنەنگە بېرىپ كېلىشنى كېلىشتۇق. بۇ ئابلېز ئورخۇننىڭ ئۇزۇن يىللىق ئارزۇسى بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەكلىپ ئىدى. شۇ مەسلىھەتنى پىشۇرۇپ كەچ قۇرۇن قومۇل شەھىرىگە قايتىپ كەلدۇق. شۇنداق قىلىپ 8-ئاينىڭ 18- كۈنى كەچ سائەت 1:50 دە سۇنەننى نىشانلاپ سەپەرگە ئاتلاندۇق. مەن مۇخبىر بولغىنىم ئۈچۈن مۇخبىرلىق خاتىرەمنى ئېلىۋالغانىدىم. بۇ مېنىڭ ئىچكىرى سايان قىلغان تۇنجى سەپىرىم ئىدى. «يول ئازابى- گۆر ئازابى» دېگەن گەپ بار. بىز «ئازاب»نى ئۇنتۇش ئۈچۈن قىزىق چاقچاقلارنى قىلىشىپ ماڭدۇق. ئارىدا مەن بويتاق بولغاچقا،قالغانلار ماڭا «سېنى قومۇلدىكى قىزلار ياراتمىدى، يۇغۇر قىزلىرىدىن بىرەرنى تونۇشتۇرايلى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تۇغقانداچىلىقىمىز ئەسلىگە كېلىپ قالار»دېگەندەك مايدان (چاقچاق) گەپلەرنى قىلدى، مەنمۇ ئۇلارغا ماسلاشتىم. بەزىدە چاقچاققا «پاس» چىقىرىپ بەردىم. دەرۋەقە، بىز تۆتتىمىز بىللە بولساق، ئاجايىپ قىزىق گەپلەر چىقاتتى. بىز چاقچاققا ئارىلاشتۇرۇپ ماتېرىيال توپلاش نۇقتىسىداتۇرۇپ «خىزمەت» بۆلۈشىۋالدۇق. ئابلېز ئورخۇن (ئورخۇن ئۇنىڭ 1990- يىلدىن باشلاپ قوللانغان فامىلىسى، ئۇ فامىلە قوللىنىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا چوڭقۇر ھېس قىلغانىدى) تارىخ تېمىسىغا، دىلمۇرات تەلئەت ئەدەبىيات ھەم بۇياندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇشقا ھەم ئوتتۇرىدا تەرجىمانلىق قىلىشقا، سەمەت ئەسرا تۇرا سۇنەننىڭ يەر- سۇ ناملىرىنى ئىگىلەشكەمەسئۇل بولىدىغان بولدى. مەن مۇخبىرلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ، ماتېرىيال توپلىغاچ يۇغۇرلارنىڭ تىل ئالاھىدىلىكىنى ئىگىلەشكە مەسئۇل بولىدىغان بولدۇم. بىر چاغدا ئابلېز ئورخۇن سەمەتكە: «سەمەت ئاكامنىڭ تەلىيىگە ئۇ يەردە لېپىر تۇرا دېگەندەك كونا- ياغام نەرسىلەر بار بولۇرمۇ!» دەپ چاقچاق قىلدى. «ھېچ بولمىغاندا لېپىراپ كەتكەن يەر- جاي ئىسىملىرى باردۇ» دېدى دىلمۇرات. «بىز ھازىر كېلىشىۋالايلى،باردا- يوق لېپىر- لۇقۇرلار سەمەتنىڭ بولسۇن، يېڭى نەسىلەرگە كۆز سالمىسۇن» دېدىممەن. مۇشۇ تەرقىدىكى چاقچاق- شاڭخۇلار خېلىغىچە داۋام قىلدى. بەزىدە ئۈچەيلىرىمىز ئۈزۈلگىدەك كۈلۈشتۇق. بىر چاغدا دىلمۇرات تەلئەت «رەھىمنىڭ ئىشلىرى» دىن تەرمىلەر سۆزلەپ بەردى. «رەھىم مېنىڭ نەۋرە ئىنىم بولىدۇ، ئۇ بەك ساددا بولغاچقا كىنو-تېلېۋىزورلاردىكى ئىشلارنىمۇ راست پېتى چۈشىنىدۇ. بىر كۈنى ئۇنىڭغا ‹سۈن ۋۇكۇڭ، جۇباجيېلار مەھەللىمىزگە كەپتۇ، ھېلىراق يۇقىرى مەھەللىدە كۆرۈشتۈم› دەپ قويۇۋىدىم،ئۇ ‹مەنمۇ كۆرۈشۈپ كېلەي› دەپ ئۆيدىن بىر چىقىپ كەتكەنچە تۆت كۈنگىچە قايتىپ كەلمىدى. شۇ ئارىدا يېقىن مەھەللىلەردىكى كىشىلەرمۇ ئۇنىڭ ساددىلىقىنى بىلگەچكە‹سۈن ۋۇكۇڭلارنى ھېلى كۆردۇق، ئاۋۇ ياققا كەتتى، ماۋۇ ياققا كەتتى› دەپ ئۇنى كولدۇرلىتىپتۇ. ئۇمۇ بۇ گەپلەرگە ئىشىنىپ يەتكىچە گول بولۇپ بېرىپ، ھالى قالمىغاندا قايتىپ كەپتۇ. مەن: ‹سۈن ۋۇكۇڭلار بىلەن كۆرۈشتۈڭمۇ؟› دېسەم،‹تاشكۆۋرۈككە كېتىپ قايتۇ، ئەتە بېرىپ كۆرۈشۈپ كېلىمەن› دەيدۇ ھېچ ئىش بولمىغاندەك... رەھىم 1- سىنىپتا يەتتە يىل ئوقۇغان، ئۇ قوشۇش، ئېلىش دېگەنلەرنى پەقەتلائۇقمايدۇ، لېكىن پۇلغا كەلگەندە بەك چېچەن، بىر كۈنى ‹رەھىم، 1- سىنىپتا يەتتە يىل ئوقۇدۇڭ، سەندىن بىر ئىمتىھان ئېلىپ باقاي، دەپ باقە، بىرگە بىرنى قوشسا نەچچەبولىدۇ؟› دېسەم، ئۇ بۇنى پەقەتلا چۈشىنەلمىدى. ئاخىرى ‹مەسىلەن دەيلى، ئىككى ئادەم ساڭا بىردىن كەمپۈت بەرسە، ئىككىسىنى قوشسا نەچچە بولىدۇ› دېدىم. بىراق ئۇ ‹قاچان بەرگەنتى؟› دەيدۇ. يەنە بىر كۈنى ‹رەھىم، سوۋېت قىزىل ئارمىيىسىگە ئەسكەر ئالىدىكەن، ئەسكەرلىكتە بەش يىل تۇرغانلارغا خوراز، 15 يىل تۇرغانلارغا ئېشەك، 25يىل تۇرغانلارغا ئېرىقتا سۇدەك ئېقىپ تۇرىدىغان پىۋا بەرگىدەك، سەن قايسىسىنى تاللايسەن؟› دېسەم، ئۇ ‹25 يىلنى تاللايمەن، ئۆينىڭ ئالدىدا پىۋا ئېقىپ تۇرسا نېمە دېگەن ياخشى، دۇكان ئېچىۋالساممۇ بولغىدەك› دېدى. ئەتىسى ئىككى ئاغىنەمنى ئۇنىڭغا«گېنىرال» دەپ تونۇشتۇردۇم، ئۇلار رەھىمدىن «ئىمتىھان» ئالدى، «ئىمتىھان» دا ناخشائېيتىپ، ئېپىزوت ئورۇنداپ قىزىقچىلىق قىلدى. بۇندىن باشلاپ ئۇ ئەسكەر بولۇش خۇشاللىقىدا ئېتىزدىنمۇ كىرمەي ئىشلىدى. ھازىرغىچە ‹ئەسكەرلىككە قاچان ئېلىپ كېتىدۇ؟› دەپ سوراپ تۇرىدۇ. ئالدىنقى يىلى ئۆي- ئوچاقلىق بولدى. ئۆتكەندە تېلېفۇندا سۆزلەشتۇق. ‹بىزنىڭ ئۆيگە كەلمەمسەن؟› دېسەم، ‹ئايالىم يەڭگىۋالسا بارىمەن› دەيدۇ. ئۇنىڭ نەزەرىدە ئامېرىكا، قومۇل، تۇرپان دېگەن يەرلەرگە ئېشەك ھارۋىسى بىلەنمۇ بارغىلى بولىدۇ ...
بىز مانا مۇشۇنداق قىزىقچىلىقلار بىلەن ماڭغاچقا يولنىڭ يىراقلىقى، پويىزنىڭ قىستاڭلىقىمۇ ئانچە بىلىنمىدى. پويىز يۈمىن،جيايۈگۈەن، جيۇچۈەن، چىڭشۈي، گەۋتەي، لىنزې قاتارلىق جايلارنى بېسىپ، ئەتىسى سائەت10 دىن 50 مىنۇت ئۆتكەندە جاڭيېغا يېتىپ باردى. بىز پويىزدىن چۈشۈپ تاكسىغائولتۇرۇپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە كەلدۇق ۋە بۇ يەردە بىرەر سائەت ھايال بولدۇق. شۇئارىلىقتا بىر ساتىراشخانىدا بىرنەچچە قىزلارنى كۆردۇق. ئۇلارنىڭ ئىككىسى يۇغۇرئىكەن. بۇ ئىككەيلەن بىز تۇنجى قېتىم كۆرگەن سېرىق ئۇيغۇر بولۇپ قالدى. سائەت12:00 دە سۇنەن ناھىيىسىگە قاتنايدىغان ئاپتوبۇس قوزغالدى. ئاپتوبۇس يول بويى دېگىدەك ئەگرى- بۈگرى تاغ يولىدا ماڭدى. يول ئەگرى- توقايلىق بولسىمۇ سېمۇنت ئىدى.ئىككى سائەتتەك ئۆتكەندىن كېيىن سۇنەن ناھىيىسىنىڭ ناھىيە بازىرىغا كىردۇق. بۇچاغدا شارقىراپ يامغۇر يېغىپ كەتتى. بىز نەرسە- كېرەكلىرىمىزنى كۆتۈرۈشۈپ ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندا، يامغۇر توختاپ ھاۋا ئاپتاپپەرەستەك ئېچىلىپ كەتتى. بىزبىردەم كوچا ئايلاندۇق ۋە ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئۇلۇغ غول بويىدا ھوزۇرلاندۇق، بۇ غولنى يەرلىكلەر «لۇڭسار غول» دەپ ئاتايدىكەن.
بىز يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئابلېزئورخۇن بېيجىڭدا خىزمەت قىلىدىغان ئابدۇرىشىت قارلۇق بىلەن تېلېفۇنلىشىپ مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى كېڭىشىۋالغان، ئابلېز ئورخۇن بىرنەچچەيلەننىڭ تېلېفۇن نورمۇرلىرىنى يېزىشىۋالغانىدى. بىز سۇنەن ناھىيە بازىرىغا چۈشۈپلا ئابدۇرىشىت قارلۇق ھاۋالە قىلغان تۆمۈرنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن ئۇردۇق. تۆمۈر بۇ كۈنى مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خادىملىرىغا ھەمراھ بولۇپ تاغقا چىقىپ كەتكەنىكەن. بىزنى ئۇنىڭ ئايالى گېرىل (مۇڭغۇل) كۈتىۋالدى. گېرىل («نۇر، زىيا» مەنىسىدىكى سۆز) بىزبىلەن قىزغىن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتى ۋە بىردەمدىلا تېلېفۇندا تو شاۋيۇڭ (ناھىيىلىك مەدەنىيەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە ناخشا- ئۇسۇل ئۆمىكىنىڭ باشلىقى) بىلەن ناھىيىلىك ئىقتىساد باشقۇرۇش پونكىتىنىڭ كادىرى خې جۈنچىڭنى چاقىردى، ئۇلار ھايال بولمايلا يېتىپ كەلدى. بىز ئۇلارغا ئاتاپ ئالغاچ بارغان دوپپىلارنى كەيگۈزۈپ قويدۇق. بىز بىردەمدىلا چىقىشىپ كونا تونۇش- تۇغقانلاردەك ئىجىل بولۇپ كېتىشتۇق ۋە ئۇنى نېمە دەيسىلەر، بۇنى نېمە دەيسىلەر دەپ تاغدىن- باغدىن ئۇنى- بۇنى سورىغىلى تۇردۇق. ئۇلارمۇ بىر- بىرىدىن ئالدىراش قىزغىن جاۋاب بەردى. مەن سۆزلەرنى بىرمۇ-بىر خاتىرىلەپ ماڭدىم. نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ تەلەپپۇز، ئىستېمال مەنىسى جەھەتلەردە ئوخشاش چىقىۋاتقانلىقىدىن ھەيران بولدۇم ھەم خۇشاللاندىم. يول – يول، سۇ – سۇ،چىنە – گېر (گەردىن؟)، قوي – قوي، ئانا – ئانا، ئاتا- ئاجا، قىزاقا (ئاقا)قىزئاغا، ئاقىڭ – ئاكا، داقىڭ (داقا) – تاغا (چوڭ دادا)، ئەر – يېرىن (ئەرەن)،يىگىت – يىگىت، قىز – قىزلار (8-9 ياشلىق قىزلار «مىجا قىزلار») دارغاق – تارغاق،مۇلا – ئوغۇل بالا (8-9 ياشلىق، قىشقا مۇلادى – بىرنەچچە بالا)، گۆر – كۆز، گىرمىك– قاش، قارق – يوتقان، قۇلاق – قۇلاق، دىس (چىش، قۇمۇل شېۋىسىدە تىش)، دىمسىت –ئېغىز، كىر – كىر، مۇنداق – مۇنداق، ئاڭلىنىۋاتقىنى – ئاڭلىنىۋاتقىنى، كىچىك ئانا– كىچىك ئانا، سىڭلى – سىڭلىم («مېنىڭ سىڭلىمنىڭ ئارتى – ئايجىس» ئايدىڭ مەنىسىدە)، گۆڭۈل – كۆڭۈل، يۈرۈك – يۈرەك، دېمىر ئات (قومۇل شېۋىسىدە تۆمۈرئات) –ۋېلىسىپىت، ئەت (ئېت) – گۆش، يامىر، ياغۇدۇرۇر – يالغۇر يېغىۋاتىدۇ، دېڭىز پۇخسىنپتۇ – تەڭرى پۇخساراپتۇر («پۇخساراش» قومۇل شېۋىسى بولۇپ، باتناش، يامانلاش مەنىلىرىدە قوللىنىدۇ، كۆپىنچە بالىلارغا قارىتا ئېيتىلىدۇ)، باش – باش، ئۈز(قومۇل شېۋىسىدىمۇ «ئۈز» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەسىلەن: ئۈزى يوق، ئۈزى قېلىن،شورپىنىڭ ئۈزى دېگەندەك). يۈز، ئالخان – ئالقان («ئاتاڭدا بولغىچە ئالقىڭنىڭدا بولسۇن»بۇ، قۇمۇل خەلق ماقالىسى)، ئېلىگ – ئىلىك (قومۇل شېۋىسىدىمۇ «ئىلىك»، ئەدەبىيتىلدا «يىلىك»)، قۇلاغى – ھالقا، مارجان – مارجان (بويۇنغا ئاسىدىغان)، سەمايە –سەنمۇ يە، گىلىت – قۇلۇپ، جۇۋاتتى («جۇۋاش» قومۇل شېۋىسى بولۇپ ئاۋارە بولۇش مەنىسىدە جانلىق قوللىنىلىدۇ) – رەھمەت، پىچاق – پىچاق، پىچاقنى بېر – پىچاقن ىبەر، پىچاقنى ماڭا بېر – پىچاقنى ماڭا بەر، سۇمۇك – سۆڭەك، تاقان – تالقان، مويىن– بويۇن، كېمزى – دوخۇپكا نېنى)، ئېن – ئىن (قورساق – ئۈچەي)، ئات – ئات، جىگىن –ئېشەك، تاقاق – چۆجە، تاقاغۇ – توخۇ، مۇش – مۈشۈك، ئىشت – ئىت، ئۆي – ئۆي، ئورغاق– ئورغاق، پىتىگ – كىتاب، قى – ئاياغ (قومۇل شېۋىسىدە «گېپىش»)، ئازاق – ئاداق،بىت – پۇت، دىرماق – تىرناق، دىرما – ئاقتۇرما («ئاقتۇرما» قومۇل شېۋىسى بولۇپ ئاقتۇرۇپنى كۆرسىتىدۇ)، قىزىل دىرما – قىزىل تۇرما (قىزىل تۇرۇپ)، سامساق – سامساق،خىتىم – ئالتۇن، گىمىس – كۈمۈش، كېزگۈ – كىيىم، يېم – دورا، جىنا – ياغاچ چۆچەك(ياغاچ چىنە)، تۈتىن – تاماكا، يامىر – يالغۇر ... بىردەملىك سۆھبەت جەريانىدا يۇقىرىقى سۆزلەرنى خاتىرىلىۋالدىم. شۇ كۈنى (8- ئاينىڭ 19- كۈنى) كەچتە تو شاۋيۇڭبىزنىڭ شەرىپىمىزگە زىياپەت بەردى. زىياپەتكە ئەن يۈلىڭ (安玉玲)، گېرىل (格日乐)، تو شاۋيۇڭ (妥晓勇)، خې جۈنچىڭ (贺俊卿) ۋە بىر مۇڭغۇل يىگىت قاتناشتى.ساھىپخان توشاۋيۇڭ توقىسى (ئۇيغۇر قەبىلە نامى) قەبىلىسىدىن بولۇپ چوڭ جەمەت ھېسابلىنىدىكەن. سورۇندا ئۇ باشتىن- ئاياغ ھاياجان ئىچىدە ئولتۇردى. ئەن يۈلىڭ 48ياشقا كىرگەن بولسىمۇ 60 ياشلارغا كىرىپ قالغاندەك كۆرۈنىدىكەن، يۈزىدىن قان تەپچىپ تۇرىدىكەن. ئۇنىڭ يۇغۇرچە ئىسمى يوق ئىكەن. بىز دەسلەپ ئۈگىنىۋالغان يۇغۇرسۆزى «يۇغۇر ئاتقا نېدى» دېگەن سوئالغا «يۇغۇر ئات يوق» دەپ جاۋاب بەردى. ئابلېز ئورخۇن كېلىش مەقسىدىمىزنى بىر قۇر دەپ ئۆتتى. دىلمۇرات تەلئەت شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار،بولۇپمۇ قومۇلدىكى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى. سۆھبىتىمىز ناھايىتى قىزغىن داۋاملاشتى. بىز كۆپرەك تىل توپلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇنى- بۇنى سوراپ تۇردۇق. ساھىپخان تەرەپتىكىلەر بىزگە بىر- بىرلەپ ھاراق تۇتتى. ئۇلار ھاراق تۇتقاندا كىچىك تەخسىگەقويۇلغان كىچىك رۇمكىلارغا ھاراقنى لىق تولدۇرىدىكەن ۋە تەخسىنى كۆتىرىپ تۇرۇپ ناخشا ئېيتىدىكەن (ئاساسلىق يۇغۇر خەلق ناخشىلىرى). ئىچىش، ئېيتىش ۋە سوئال-جاۋابلار قىزغىن داۋاملاشتى. قويېت – قوي گۆشى، دامۇر – تۆمۈر (بۇلاق سۇلىرى يىغىلىپ ئاقىدىغان سۇ)، سېمىس – سېمىز، جار – ئورۇق، ئۇزۇق ياقتا – يىراقتا، بۇز –مۇز، دوك – توك، دوڭلاش – توڭلاش، دوقۇر – يۇمۇلاق، دوپ- دوقۇر – يۇپ- يۇمۇلاق(قومۇل شېۋىسىدە «دۇپ- دۇمۇلاق» مۇ دېيىلىدۇ)، سىرقا – يىگىنە (ھالقا)، دېم –چەينەك، ھاسار – ھاسار (قومۇلدا «ھاسار» دېيىلىدۇ، «شەھەر سېپىلى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ)، سوقما – سوقما، يوغىن – يۇلغۇن، توسقان – توشقان، دۆردىن – بۆرە،تۈلكى – تۈلكە، بارس – يولۋاس، ئازراق – ئازراق، ئىكى – ئىككى، ئەمسەم بىركەل –(قومۇلچە تەلەپپۇزغا ئوخشاش) ئەمدى سەن بىر كەل، ياخشى تۇرۇ – ياخشى بولدى،كۈلدۈرمە – كۈلدۈرگە، يىڭنە – يىڭنە، ئەرەنلەر – ئەرەنلەر («ئەرەنلەر» قومۇل شېۋىسى بولۇپ «ئەرلەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ)، قويۇڭلار – قويۇڭلار، ياشاش –ياشاش، تىكىش – تىكىش، ئويناش – ئويناش، تىقا – توخۇ، داس – تاش، چېچەك – چېچەك،تېكېن – تىكەن، چى – تۆگە، چى تېكېن – قارىغىن («قاىغىن» قومۇل شېۋىسى بولۇپ، بىرخىل قالىغۇلۇق)، قىلىش – قېلىچ، قىندان – پالتا، پۈتۈكجى – تەڭرى (تەڭرىخان)،يېلقىچى – يىلقىچى، قەرىن – قېرىن، دوزماق – تويماق (قورساق تويماق مەنىسىدە)، تولۇتتى-لىق توشتى، سارىخ ئۇيغۇر – سارت، بولغاماق – بۇلغىماق (پۇت- قولنى)، بۇ قىزلار داڭغىنادې – بۇ قىزلار نېمانداق چىرايلىق، يارىتىش – ياخشى كۆرۈش، يارادۇ –يارايدۇ، قوراس – خوراز، تېكى – تېكە، قوشقار – قوشقار، كىشى – كىشى، ئادەم، جىۋىن– چىۋىن، قاتىر – خېچىر، يانداق – ئاشنا، بىرما يوقما – بىرمۇ يوقمۇ، يىگىرمى –يىگىرمە، خىتى – ئالتە، يىتى – يەتتە، ساققىس – سەككىز، توقىس – توققۇز، ئون –ئون، بىر ئومبىر – ئونبىر (11)، بىر ئون ئىككى – ئونئىككى (12)، بىر يىھىرمى –يىگىرمىبىر (21)، گۇس – كالا، دارىخ- تېرىق، سۈت – سۈت، يوغۇرت – قېتىق، ئەجىگىي –ئەجىگى، ئاق ياغ – سارماي، جۇسلاڭ (قومۇل شېۋىسى) – يازلىق يايلاق، قاياق –قايماق، ئۆلۈك قاتتى – ئۆلۈپ قالدى، يې – يە، دارىس – مىلتىق، ئوق – ئوقيا ئوقى،تۇس – تۈز، قەم – قاغان (خاقان) ...
زىياپەت خېلى كەچكىچە داۋاملاشتى،ھەممىمىز ھاياجانلاندۇق، خۇشال بولدۇق. ساھىپخانلار بىزنى «كېچىن» (مېھمان) دەپ يەتكىچە ئىززىتىمىزنى قىلدى. تەۋەككۇل قىلىپ بۇ سەپەرنى قىلغانلىقىمىزدىن ئىپتىخارلاندۇق، ئۆز- ئۆزىمىزدىن سۆيۈندۇق. توشاۋيۇڭ بىزنىڭ ياتاققا ئەكىلىپ قويدى. بىز چۈشكەن مېھمانخانا «بىڭخې مېھناخانىسى (غولبويى مېھمانخانىسى)» بولۇپ،لۇڭسار غولىنىڭ بويىغا جايلاشقانىكەن. توشاۋيۇڭ بىزنى ئەتە سائەت 11:00 دە «قاتناش مېھمانخانىسىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويماقچى بولدى.
8- ئاينىڭ 20- كۈنى ئەتىگەندە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ لۇڭسار غول بويىنى تاماشا قىلدۇق، سۈرەتكە چۈشتۇق. سۇنەن ناھىيەبازىرىنىڭ تۆت ئەتراپىنى پاكار تاغلار ئوراپ تۇرىدىكەن، يىراقتا چىلەنشەن (دېڭىزداۋان) كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىكەن. بىز خې جۈنچىڭنىڭ يول باشلىشى بىلەن ناھىيەبازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر يۇغۇر ئائىلىسىگە كىردۇق. بۇ ئۆيدە موماي- بوۋاي ئىككىلاجان تۇرىدىكەن. بوۋاي ئېغىر- بېسىق، كەم سۆز كىشى ئىكەن، ئەمما موماي تولىمۇ تېتىك، سۆزمەن، چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئانىلىرىغا خاس مېھماندوستلۇق، كۆيۈمچانلىقىنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان مېھرىبان ئانا ئىكەن. ئۇ بىزنى كۆرۈپ ئىچ- ئىچىدىن خۇش بولۇپ كەتتى. «يىراقتىن كەلگەن كېچىنلەر» چوقى- چوقى(يۇقىرى ئۆتۈڭلار دېگەن مەنىدە) دېگەندەك گەپلەر بىلەن بىزنى كۈتىۋالغاچ بىردەمدىلا سۈت چاي، كېمزى ۋە تاتلىق- تۈرۈملەرنى شىرەگە تىزدى. موماي- بوۋايلار70 ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ، چىراي- تۇرقىدىن ساغلاملىق چىقىپ تۇراتتى. بىز ئۇلارغا«تۇغقانلىرىمىزنى ئىزدەپ- سېغىنىپ كەلدۇق» دېگەندە، موماي ھاياجېنىنى باسالماي قالدى. بىز ئۇنى- بۇنى كۆرسىتىپ، بەزىدە خەنزۇچىلاپ ئۇنىڭ- بۇنىڭ ئاتالمىسىنى سوراشقا باشلىدۇق. ئادەتتىكى پاراڭلار ئارىلىقىدا سوئال- جاۋاب داۋاملاشتى. سېمىن– تاماق، سوقبا – گۈرۈچ، سوقبا سېمىن – گۈرۈچ تاماق، قاغىر – قورماق (قورماقورۇش)، شاش – چاچ، يۈ – ئۆي، ئاقۈي – ئاق ئۆي، تاغ – تاغ، ئۈجۈم – ئۈزۈم، ئانىكا– موما، مېنى ئاناكا بېزىتتى – مېنى مومام بېقىپ چوڭ قىلدى، ھېگىن – ئۆگۈن، توگۇن– تۆنۈگۈن، ئۆلككۈن – ئۆلۈشكەن، ماڭا قۇزما – ماڭا قۇيما، جائىش – چاي ئىچ، بۇگۇن– بۈگۈن، قىتىي (خىتاي) – خەنزۇ، سۆرۆ – خەنزۇ (سۆرۆ كۆچمە مەنىدىكى سۆز)، سۆرۆسۆز – خەنزۇچە گەپ، سۆرۆ كېپتۇرۇ – خىتاي (خەنزۇ) كەلدى، دادلىخ دۇرۇر – تاتلىق،تالقان ساپتۇ – تالقان قورۇپتۇ، يوقتا (قومۇل شېۋىسىدە «يوقلا») – يوق، جېس مارجان– چەش تاش، يىگىن – مۈرە، يۈز ياشا – يۈز يىل ياشا، قوھۇن،غون (ھەم قوئۇن) – قوغۇن،يۈنىڭ باش – تورۇس، پۆرۈك – بۆك، شىرې – شىرە، مېنىڭ قىز – مېنىڭ قىزىم، يېردارغا– يەر تېرىيدۇ، ئالما – ئالما، داسقىر – تالا، سىرت، ھارىپ – ھېرىپ، ئاغرىق –ئاغرىق، باش ئاغرىپ تۇرو – بېشىم ئاغرىپ تۇرىدۇ، قاڭرىق – بۇرۇن، دۇمسىئوق –كالپۈك، قاشىق (قومۇل شېۋىسىدە «قاچار») – مەڭز، كۆكۆس – دۈمبە، يولدۇز – يۇلتۇز،ھاي – ئاي، كۇن – كۈن، ساچتىق – چاشلىق (قىزلار ياتلىق بولغاندا ھەم يېڭى ياتلىق بولغان كۈنلەردە تاقايدىغان نەرسە)، توپچې – توپچا، يەنى تۈگمە (قومۇل شېۋىسىدە«توپچا»)، دون – تون، چاج يەزدى – توي قىلدى، ياتلىق بولدى، كېلىن بۇگۇ ماڭدى –كېلىن بۈگۈن ماڭدى، ھامغو – ھازىر، قايچى – قايچا، قايزىلىق – تاغلىق، ئىچېگە دوزدى – قورساق تويدى (ئۈچەي – قۇمۇل شېۋىسىدە «ئۈچۆگە»)، كېمزى (دوخۇپكا نېنى)يەرگە يەر يوق – يېگىدەك يەر يوق (قورساق تويغانلىقى)، چېرىك – چېرىك، ئاي ئىشتىمۇلا (ئاي ئىچىدىكى بالا) – قىرقى توشمىغان بالا، بو يىلې – بۇ يىل، ئورىككېل –ئوزاقى يىل، يارېن – كېلەر يىل، دۆرېن – ئاندىن كېلەر يىل، دۇقى – ئۆتمۈش،گۆزىلىندىك – كۆز ئەينەك، لوڭقا – بوتۇلكا، ھاراق لوڭقا – ھاراق بوتۇلكىسى، گادۇرا(غېدىرا؟ – قومۇل شېۋىسى) – كىچىك تەلەڭگە، بولۇت – بۇلۇت، دېز – تېز (پۇتنىڭ)،يودا – تېقىم، بېل – بەل، دۆس – تۆش (مەيدە)، يىگى – قوۋۇرغا، ئېمېگ – ئەمچەك،قالتار – بۈركۈت، ئوغلاق – ئوغلاق، شۈكتۈكېتىر (سۈكدۈكدىر) – ئېغىر بوي، ئىككىقات، ساغلىغ – ساقلىق، بىقا – بۇقا، كىچىك سىك – ئىشىك، بۆزۈڭ سىڭ – دەرۋازا،ئېرلا – ناخشا ئېيت، بوقېر – ئۇسسۇل، قانات – قانات، بىلېسىك – ئۈزۈك، قولاغې –بېلەيزۈك، چېكىنەك – چەينەك، قولتىرىق – قولتۇق، دايادى – ئۇزىتىش، خوشلىشىش...
ھاموسېرىن (خەنزۇچە ئىسمى دۇ گۈييىڭ)موماينىڭ يۇغۇرچە ئىسمى يوقكەن، 71 (يۇغۇرچىدا «يەتې ئومبىر») ياشقا كىرىپتۇ،ئەمما چىرايىدا قورۇق يوق دېيەرلىككەن. چىشلىرى تولۇق، رەتلىك، پارقىراق. بوۋاي 75ياشقا كىرىپتۇ. بىز موماي- بوۋايغا دوپپا كەيدۈرۈپ قويدۇق، موماي ھەر بىرىمىزنىڭ بوينىغا ئاق رەخت ئارتىپ قويدي. ئاق رەختنى ئارتقىچە ھەر بىرىمىزگە تۆت رۇمكىدىن ھاراق تۇتۇپ كۈلۈپ تۇرۇپ، بار ئاۋازى بىلەن ناخشا ئېيتتى، تۆت رۇمكا ھاراقنى كەينى- كەينىدىن ئىچىۋېتىش شەرت ئىكەن. بىز ئۇلار بىلەن خوشلاشقاندا موماي بىزگە تارتىشىپلا قالدى ۋە «يەنە كېلىڭلار كېچىنلەر» دېدى، بىزمۇ ھەم «سىلەرمۇ ئانا يۇرتۇڭلارنى كۆرۈپ كېلىڭلار» دېدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت 5:00 تە پىشقەدەم يۇغۇر زىيالىي بەيۋېنشىڭنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. بەي ۋېنشىڭ ۋە ئۇنىڭ ئايالى (يۇغۇر) بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى. بەي ۋېنشىڭ بىزگە قەبىلە- جەمەتلەر توغرىسىدا بىرمۇنچە مەلۇماتلارنى سۆزلەپ بەردى. ياڭ (杨) – ياغلاقار، بەي (白) – ئاق تاتار، ئەن (安) – ئەبجاڭ، گو (郭) – قوڭرات، خې (贺) – خولاڭگارت، جوڭ (钟) – جوكېل، دۇ (杜) – دۇمەن (تۈمەن)، بىز سوئال- جاۋابنى يەنە باشلىدۇق. سۈكچى – جيۇچۈەن (酒泉)، گەنسى – گەنجو (甘州)، ھازىرقى جاڭيې (张掖)، دېكچىن (دېرچىن) – قەبىلە باشلىقى،كۆل – كۆل، ساقىس – بۇ سۇنەننىڭ كونا نامى، ساقىس غول (لۇڭسار غول) – ئاۋازلىقغول، گۇڭگېرتكې – دۇمباق، پۇدىش – نەي، يېر – خەلق ناخشىسى، يېرچى- خەلق ناخشىچىسى، دويۋاچى – توي باشلىغۇچى، توي كۆرگۈچىلەر، مال قورما – چارۋىچى، ...
شۇ كۈنى (20- ئاۋغۇست) بەي ۋېنشىڭغادوپپا، كىتاب («قومۇل نەزمىلىرى»، «ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ قومۇل شېۋىسى»)، مۇقام لېنتىسى قاتارلىق سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئۇنىڭ ۋە ئايالىنىڭ تۇتقىنىغا ئۇنىماي ئۇلاربىلەن خوشلاشتۇق. چۈنكى ئۇلارنى ئارتۇق ئاۋارە قىلغۇمىز كەلمىدى. بەي ۋېنشىڭ ۋەئايالى بىر دېمېسچىغا (دېمېس – تاكسى ئورنىدا كىراكەشلىك قىلىدىغان كىچىك ماشىنا)تېلېفۇن بېرىپ، بىزنى دېمېسقا سېلىپ ئۇزىتىپ قويدى.
كەچتە دېڭ شياۋپىڭ تۇغۇلغانلىقىنىڭ 100يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ناھىيىلىك كىنوخانىدا ئويۇن قويۇلدى. بىز تو شاۋيۇڭ باشلىقنىڭ تەكلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئويۇنغا كىردۇق. خې جۈنچىڭنىڭ ئىنىسى بىزگە ھەمراھ بولدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن تونۇشۇپلا چىقىشىپ قالغانىدۇق ھەم «قۇتلۇق»دەپ ئۇيغۇرچە ئىسىم قويۇپ قويغانىدۇق، بۇ ئۇنىڭ تەلىپى ئىدى. ئۇ رەسىم سىزىشقا قىزىقىدىكەن، سىزغان رەسىملىرىنى كۆرسەتمەكچى بولدى. ئويۇن سائەت 8:00 دەپباشلاندى. «جو ئۇسسۇلى»، «يايلىقىم» (ئايالچە ناخشا)، مۇڭغۇلچە كوللېكتىپ ئۇسسۇل«دەۋر رېتىمى»، (ئەرەنچە ناخشا) «مەن بىلەن ماڭ»، «قىز كۆچۈرۈش» (كوللېكتىپ ئۇسسۇل)،«ئالتاي بۆرىسى» (3 كىشىلىك ئەرەنچە ناخشا)، «مەن بۇ يايلاققا مەنسۇپ» (ئايالچەناخشا)، «دېڭىرقان» (ئەرەنچە ناخشا)، «چارۋىچى» (ئەرەنچە ناخشا) قاتارلىق نومۇرلارئورۇندالدى. ئويۇن تۈگىگەندىن كېيىن «قۇتلۇق» بىزنى ناھىيە بازىرىنى ئايلاندۇردى.
ئەتىسى (21- ئاۋغۇست) تو شاۋيۇڭنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن داخې رايونىنىڭ جيۇسەيگو (韭菜沟) يېزىسىغا باردۇق. بىز يېزا بازىرىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېىپ، يول بويىدىكى چوڭ ھويلىلىق بىر ئۆيدە توي بولىۋاتقان مەنزىرىنى كۆرۈپ ماشىنىنى توختاتتۇق. بۇ بىر يۇغۇر قىزىنىڭ تويى ئىكەن، توي ئىگىلىرى بىزنى«كىر، ماڭ، چوقى» دېگەندەك يۇغۇرچە سۆزلەر ھەم خەنزۇچە سۆزلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ تولىمۇ قىزغىن كۈتىۋالدى، چاي ۋە كېمزى كەلتۈردى. بىز توي بولىۋاتقان ئۆيدە بىردەم ئولتۇرۇپ تالاغا- ھويلىغا چىقتۇق، ھويلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا قازان ئېسىلىپتۇ،قازاندا گۆش قايناۋېتىپتۇ. ئوچاق تۈۋىگە شىرە قويۇلغان بولۇپ، شىرەدە لېگەنلەر دەستلىنىپ تۇراتتى. بۇ ھالەت قۇمۇلنىڭ يېزا- تاغلىرىدىكى توي مەنزىسىگە ئوخشاپ كەتكەنىدى. بىز بۇ يەردىن بىر قىسىم كىشىلەر بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق، توي قىزھەم ئۇنىڭ قولداشلىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالدۇق. بىز بۇ ئۆيدىن چىقىپ يېزا ئورگىنىغا كىردۇق، يېزىلىق پارتكومنىڭ شۇجىسى بىزنىڭ ئىشخانىسىغا باشلىدى ۋە بىر قىسىم ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى: «يېزىمىز چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان يېزا بولۇپ، 318ئائىلە، 1090 نوپۇس بار، بۇنىڭ ئىچىدە 854 يۇغۇر نوپۇسى بار. يېزىمىزدا 50 مىڭ چوڭ- كىچىك چارۋا بار، كىشى بېشى ساپ كىرىم 4 مىڭ يۈەندىن ئاشىدۇ، بۇلتۇر 4518يۈەن بولدى. چوڭ چارۋا 1275، بۇنىڭ ئىچىدە كالا 638 باش، ئار 129، ئېشەك 417، تۆگە2)، ئۇششاق چارۋا 48 مىڭ 787 تۇياق، يېزىمىزدا خەنزۇ- يۇغۇرلار ئارىلاش ياشايدۇ،يۇغۇر يىگىتلەر خەنزۇ قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىدىغان، نىكاھلىنىدىغان ئەھۋال كۆپرەك ... ». بىزنىڭ يۇرت چوڭلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ھال- مۇڭ قىلىشىپ ئەھۋال ئىگىلەش خىيالىمىز بار ئىدى. بىراق دەل شۇنى (شۇ كۈنى) چوڭلارنىڭ بەزىلىرى قىز كۆچۈرۈشنىڭ تەييارلىقىنى قىلغىلى ئوغۇل تەرەپكە كېتىپ قاپتۇ، يەنە بىر قىسىملىرى دىنىي پائالىيەت ئۆتكۈزگىلى تاغ ئارىسىغا كېتىپ قاپتۇ. بىز ئامالسىز 68 ياشلىق بىر پىشقەدەم كەنت شۇجىسىنىڭ ئۆيىگە كىردۇق. كەنت شۇجىسىنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى كاڭگان،ئانىسىنىڭ ئىسمى مېدۇق ئىكەن. كەنت شۇجىسىنىڭ ئىسمى ئاركاماكا بولۇپ، باشتىن-ئاياغ كېبىر كۆرسىتىپ چوڭ سۈپەت ئولتۇردى. ئۇنىڭ ئايالى ئاقىرىپ كەتكەن ھەربىي شەپكە كىيىۋاپتۇ. ئۇ كۆرۈمسىز بولغىنى بىلەن تولىمۇ ئوچۇق- يورۇق، خۇشال، سۆزمەن،ساددا ئايال ئىكەن. ئۇ بىزگە سۈت چاي كەلتۈردى، كەنت شۇجىسى ھاراق قويدى. بىزساھىپخانلارنىڭ ئېغىزىدىن «ئاڭلاۋېرىپتۇرۇر – ئاڭلاۋاتىمەن»، «ھوت – ئوت»، ئۇيغۇر يىگىتتىرى – ئۇيغۇر يىگىتلىرى»، «مەن ئىشمەيتى، سەن ئىش – مەن ئىچمەيمەن (چاينى)،سەن ئىچ»، «داتىپ قارا – تېشىپ باق»، «قۇما ياق – سۇ يېغى (زىغىر يېغى»، «قارائۆكۈز – قوتاز»، «قاتىپ تۇرۇ – قېتىپ قاپتۇ»، «بىر ئويلۇق تۇرۇ – بىر قەبىلىدىن»،«پۈتۈگ تونىماس – خەت تونۇمايدۇ»، «قىتايا – خىتايلار»، «قىتاي جىن – خەنزۇئايال»، «تېرىچى قىتاي – خىتاي (خەنزۇ) دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىدۇق. گەپلەرئاساسەن خەنزۇچە- يۇغۇرچە ئارىلاش چىقتى. مەن بۇ يەردە دوڭۇز – تۇڭگوس (چوشقا)،يۇمشاق – يۇمشاق، چايىڭ بارمۇ – چېيىڭ بارمۇ، ئاۋاكا – بوۋاي، قاش مىڭ يىل – نەچچەمىڭ يىل، ھىمنىڭ بول – داخې رايونىنىڭ كونا نامى، قارماڭغا – ئەجداد، ياڭقىس –يالغۇز، ئىش – ئىچ (چاينى)، ئويلۇق – قەبىلە، سۈرگە – سۈپۈرگە، سودۈك تۈلۈك –ھاجەتخانا، سودۈك تۆككە ماڭغاچ – ھاجەتخانىغا ماڭدى، قىز كۆزۈگە – كۈيئوغۇل، ئوغۇل كېلىن – كېلىن، ئارت ياقى (ئارت ياق) – ئارقى تەرىپى، ئۆمنۆش (ئۈدۈنى ياق) – شەرق،ئارت ياق (قوي تۈۋى) – غەرب، قوزى – شىمال، يۈرى – شىمال، يېنبىر ئىش – يەنە بىرنى ئىچ، سۆيۈنكىشتۇرۇ – سۆيۈنىمىز دېگەندەك سۆزلەرنى خاتىرىلىۋالدىم. كاڭگان موماييەنە بىزنىڭ تەلىپىمىز بويىچە 1 دىن 100 گىچە بولغان سانلارنى ساناپ بەردى، بىزئۇنى ئۈنئالغۇغا ئېلىۋالدۇق. موماي يەنە ناخشا ئېيتىپ (ھاراق تۇتقاچ) بەردى،ئارىلىقتا بۇ مومايدىن خېلى جىق نەرسىلەر چىقىدىغانلىقىنى پەملەپ ئۇنى- بۇنى سورىدۇق، تېپىشماق دەپ بېرىشنى ئۆتۈندۇق، بۇ گەپنى بىر ھازاغىچە چۈشەندۈرەلمەي قىينالدۇق. ئاخىرى مىسال تەرىقىسىدە بىرنەچچە تېپىشماقنى دېگەندىن كېيىن، مومايمەقسىدىمىزنى چۈشەندى. يۇغۇرچىدا تېپىشماقنى «كېپ» دەيدىكەن، موماي بىرنەچچە تېپىشماقنى دەپ بەردى: (1) «قوڭۋۇراتقا گۈك تولۋان» (جىگەرنىڭ ئاستىدا بىر كۆك نەرسە بار) جاۋابى: ئۆت؛ (2) «قىزىل لازىغا ئاق قېزا چىققان» (بۇنىڭ جاۋابى يېزىلماي قاپتۇ)؛ (3) ئىككى قىزىل ئوغلان ئاق ميەنخۇا (پاختا) نىڭ ئىچىدەئورالغان. جاۋابى: بۆرەك؛ (4) «بىر سېرىق داھقاغا كىسسى كېسە ئىسىكتىڭ ئالدىداپالا قالدى» (بۇ يەردىكى «داھقاغا- تاقاغۇ، يەنى توخۇ)، جاۋابى يېزىلماي قاپتۇ؛(5) «بىر سېرىق سوقبا يارلىغانسا بىر چېن يۈ تولادى» (بىر سېرىق گۈرۈچ ئېچىلسا بىرئۆي تولىدۇ) بۇنىڭ جاۋابى: لامپۇچكا. موماي بەش ئومبېش (55 ياش) كە كىرىپتۇ، ئۇيەنە (ئوغلىغا) «ئۇ كىسلەرگە قۇيقوي» (ئۇلارغىمۇ قۇيۇپ قوي)، قۇرتۇۋالغا –قۇرۇتىۋېلىپ دېگەندەك گەپلەرنى قىلىپ بەردى ۋە بىزنى قىزغىن ئۇزىتىپ قويدى. بىزماشىنىغا چىقىپ قايتاي دەپ تۇرغاندا، بىر موماي ھاسسا تايانغىنىچە يېنىمىزدىلا پەيدا بولۇپ قالدى. بۇ موماي 73 ياشقا كىرىپتۇ، ئىسمى توككارتات ئىكەن. ئۇنى- بۇنىسورىساق، ئۇ «ئاڭلىماستۇرۇ» (قۇلىقىم ئاڭلىمايدۇ» دېدى، شۇنداقتىمۇ بەزى گەپلەرنى سوراپ بىلىۋالدۇق. بوقچانىڭ ئاخىسى – خۇرجۇن ئېغىزى، چامجا – چاپان، يۆم – ئىشتان،پۆزۈك – بۆك، ھۆلۋۆرىستۈك – پوتا، كەمەر، پوغما – ياقا، ئاق ساج – ئاق چاچ، مانىم– چاچ بېزىكى، بېلى – كالپۈك، دېل – تىل (ئېغىزدىكى)، گېربىك – كىرپىك، تېرگىن –ماشىنا، يەرنىڭ دۈۋى – يەر ئاستى، يەرنىڭ يۈسى – يەر يۈزى، يولنىڭ قىزىغى – يولبويى، ئاغىللىغ – قوشنا، مويىن – بويۇن، ئالىن – قورۇق (يۈزدىكى)، دوماق – ھاسا،باسىرمېك – بارماق، سۇقۇلۇغ – ئوتتۇرا قول، قۇتتاماغ –؟، ئاتتى دارماق –؟، يۈزۇرۇق– قول دۈمبىسى، ھاك – ئۆگە، دۇكارچىت – ئايال ئىسمى، تورق – قارىغاي، دېرىك –دەرەخ، چوقۇيغان – تىك، ئاقا- ئىنى – ئاكا- ئۇكا، كېندېك- كىندىك، ... بىز جيۇسەيگو(كۆرتىلىك جىلغا دېگەن مەنىدە) يېزىسىدىن مېڭىپ، يېقىن ئەتراپتىكى بىر يايلاققا كېلىپ، بۇ جايدا تارقاق ئولتۇراقلاشقان ئىككى چارۋىچى ئۆيىگە كىردۇق، ئۇلارمۇ يۇغۇر ئىكەن، بىزنى ھەر ھالدا قىزغىن قارشى ئالدى. بىز بۇ يەردە ئازراقتىن قاراچاي ئىچىپلا ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كەلدۇق. بىز قايتىپ كەلگەندە چۈشتىن كېيىن بىرچاغ بولغانىدى. بىز كوچا ئايلانغاچ بىر يۇغۇر بوۋاينىڭ ئۆيىگە كىردۇق. ئۇنىڭ خەنزۇچە، زاڭزۇچە ئىسمى باركەن- يۇ، يۇغۇرچە ئىسمى يوقكەن، 88 ياشقا كىرىپتۇ،تاماكىنى ئۈزمەي چېكىدىكەن، بۇ كىشى ئىلگىرى ج خ ئىدارىسىدە ئىشلىگەنىكەن. بىزئۇنىڭدىن تۆۋەندىكى گەپلەرنى سوراپ بىۋالدۇق: چۆمۈكچى – ئوغرى، كىسى ئۆلۈرمە –قاتىل، بېگ (بەگ؟) – قەبىلە باشلىقى، ساقستىق – سەككىزلىك (سەككىز جەمەت)، ئۇتاغ –قەبىلە، جەمەت، ساقال – ساقال، سارىخ دۈك – سېرىق تۈك، جالىق – قامچا، مۇڭۇر(قومۇل شېۋىسىدە بار) – مۈڭگۈز، قۇزۇرۇق – قۇيرۇق، قوڭېر – قۇيمۇچ، ساغرا، سىدېك –ئەسكى، ئېشەك – ئېشەك، ئاتنىڭ غوران – ئات ئېغىلى، قوينىڭ غوران – قوي ئېغىلى،بالا – كالا، تۈلكۈ (يەنە بىر خىل تەلەپپۇز شەكلى «تۈلكې») – تۈلكە، يىلان- يىلان،قۇراققى – قۇرت، جارا – كىرپە، پاراش – ياغاچ چېلەك، ياڭقىس مۇلا – يالغۇز ئوغۇل،ساناغى – تەسرى، نەي دېگەن سۆز تۇرۇ – نېمە گەپ سۆز، ھېدى – ئايال، مېن – مەن،مىزدەر – بىز، سېن – سەن، ... بىز بوۋاينىڭ ئۆيىدىن چىقىپ تالادا (ئىشىك تۈۋىدە)ئولتۇرغان ئىككى يۇغۇر مومايدىن گەپ سورىغان ئىدۇق، لېكىن ئۇلار «ئاڭلىماستۇرۇ»،«ئانىكا يوق بولدى» دەپ جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى تارتتى. ئارىدىكى بىر موماي ئېرى تۈگەپ كەتكىلى ئۇزاق بولمىغانىكەن.
كەچتە تو شاۋيۇڭ، تۆمۈر، ئەن يۈلىڭ، بەي ۋېنشىڭلارنى مېھمان قىلماقچى بولدۇق، چۈنكى بىز ئۇلارنى كۆپ مالال قىلدۇق. ئاددىي بولسىمۇ داستىخان ھازىرلاپ كۆڭلىمىزنى ئىزھار قىلماقچى، كەڭ- كۇشادە مۇڭداشماقچى بولغانىدۇق. يەنە كېلىپ، بىز ئاساسلىق كۆرۈشۈشنى نىشانلىغان تۆمۈر يىراق بىر تاغقاچىقىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن تېخىچە كۆرۈشەلمىگەنىدۇق. تۆمۈر شۇنى قايتىپ كېلىپلابىزنىڭ قىپتۇ. (تۆمۈر شۇ كۈنى قايتىپ كېلىپلا بىزنىڭ دېرىكىمىزنى قىپتۇ)،ئاڭغىچە كەچمۇ بولدى. بىز «مۇسۇلمانلار ئارامگاھى» غا ئالدىن بېرىپ، «مېھمان»لىرىمىزنى ساقلاپ تۇرماقچى بولغانىدۇق، بىراق تو شاۋيۇڭ بەش مىنۇتنىڭ ئىچىدىلا«مېھمان» لارنى تېرىپ بىزدىن بالدۇر بېرىۋاپتۇ. تۆمۈرمۇ كېلىپ بولغانىكەن، تۆمۈربىز بىلەن تولىمۇ قىزغىن كۆرۈشتى. «مېھمان» لار ئىچىدە بىز كۆرۈشمەكچى بولغان بولساقمۇ، تېخىچە كۆرۈشەلمىگەن بولغان بىر يۇغۇر قىزمۇ بار ئىدى (ئۇنىڭ يۇغۇرچەئىسمى «ئايقادىن ئايقاتۇن)، بىز تاماق- قورمىلارنى ئاساسەن ئاز ھەم ساز بۇيرۇتتۇق،ھاراقنى قومۇلنىڭ قائىدىسى بويىچە ئايلاندۇردۇق، سورۇن قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، ئارىدا ئەڭ ھاياجانلانغىنى تۆمۈر بولدى، شۇڭا ئۇ ھاراقنى كۆپرەك ئىچتى، ئۇ: «ھەممىمىز ئورخۇن دەريا ۋادىسىدىن كۆكلىگەن، قېرىنداشلىرىمىز كەپتۇ،بىز ناھايىتى خۇشال» دەپ سۆز باشلاپ، يۇغۇرلارنىڭ تارىخى، شەرق، غەرب يۇغۇرلىرى،ئۆزى يازغان «يۇغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ناملىق كىتابنىڭ يېزىلىشى، نەشىر قىلىنىش جەريانلىرى، يۇغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋال- ھالەتلىرى توغرىسىدا گاھ ھاياجانلىنىپ، گاھ ئۇھسىنىپ تۇرۇپ بىر ھازا سۆزلىدى. ئارىلىقتا ئابلېز ئورخۇن،دىلمۇرات تەلئەتلەرمۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلار، بىزنىڭ ئۆرپ- ئادەتلىرىمىز، قائىدە-يوسۇنلىرىمىز، مەۋسۈم- مۇراسىملىرىمىز، مۇقام- ئۇسسۇللىرىمىز، ... خۇسۇسىداسۆزلەپ، «مېھمان» لارنى كۆپرەك سۆزلەشكە دەۋەتلىدى. «خەنزۇ يېزىقىنى قوللانساقمۇ،تەپەككۇر ئۇسۇلىمىز يۇغۇرچە» دېدى تۆمۈر قايتىدىن گەپ ئېلىپ، ئۇ شۇ سۆزلىگىنىچە1958- يىلنىڭ ئالدى- كەينىدىكى ئىشلارنى بىر قۇر سۆزلەپ ئۆتتى. 1958- يىلسۇنەندىكى سېرىق ئۇيغۇرلار تارىخىدا بۇرۇلۇش- مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۆزگىرىش، يوقىتىش بولغان ئۇنتۇلماس بىر يىل ئىكەن. ئۇزاقتىن داۋاملىشىپ كەلگەن ئەنئەنىۋىي ھالەتلەرگە خاتىمە بېرىلگەن. شۇ يىلدىكى «فېئوداللىققا قارشى تۇرۇش» سىياسىي ھەرىكىتىدە شۇ يىلدىن ئىلگىرىكى بارلىق تىبەتچە ماتېرىياللار كۆيدۈرىۋېتىلگەن، بىرپارچە ۋارىقىمۇ قالمىغان، بىر قىسىم ماتېرىياللارنى گومىنداڭ دائىرىلىرى تەيۋەنگە ئېلىپ كەتكەن. خەنزۇ تىل- يېزىقىنى قوللىنىش باشلانغان. مەجبۇرىي خەنزۇچە ئىسىم قويۇلىدىغان ھالەت شەكىللەنگەن، يۇغۇرچە سۆزلەشكە يول قويۇلمىغان. يۇغۇرلارئىچىدىكى داڭلىق كىشىلەر، قەبىلە باشلىقلىرى، ئىناۋەتلىكلەر، تەركىبى يۇقىرىلار تۇتۇلغان، بەزىلىرى ئۆلتۈرۈلگەن. خورلۇققا چىدىمىغانلار دەرياغا سەكرەش دېگەندەك ئۇسۇللاردا ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. ئەنئەنىۋىي كىيىم- كېچەكلەر مەجبۇرىي يىغىۋېلىنغان، كىيىشكە قەتئىي يول قويۇلمىغان، ئەنئەنىۋىي چايلارنى ئىچىشمۇ چەكلەنگەن، ... بىر چاغدا تۆمۈر خېلىلا تەڭشىلىپ قالدى ۋە «ئۇ چاغدا ماركىسىزم-لېنىنىزمنىڭ، ماۋ زېدۇڭنىڭ مىللەت نەزەرىيىسى ئاستىن- ئۈستۈن قىلىۋېتىلدى.دۆلىتىمىز بالا- چاقىسى كۆپ ئائىلە بولغاندىكىن، بالىلار ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتسە،ئاتا- ئانا بىلەن بالا- چاقىلار بېرىش- كېلىش قىلىسمۇ بولىدۇ؟ ... » دېدى. ھاراق ئىچىش،ناخشا ئېيتىش داۋاملاشتى، ئارىدا مەنمۇ جاۋابەن بىر نەچچە ناخشا ئېيتقان بولدۇم،سورۇن قىزغىن گاھ پەرىشان ھالەتتە داۋاملاشتى، سۈرەتلەرگە چۈشتۇق. سورۇن ئاخىرىدا قىزغىن كەيپىيات، قىيالماسلىق تۇيغۇلىرىدا كۆڭۈللۈك، خەيرلىك ئاخىرلاشتى. «قومۇل نەزمىلىرى» قاتارلىق كىتابلارنى تەقدىم قىلدۇق، تۆمۈر، ئايقادىنلارغا دوپپا كەيدۈرۈپ قويدۇق. 8- ئاينىڭ 22- كۈنى ياتاققا قايتۇرۇپ ئەن يۈلىڭنىڭ ئۆيىگە باردۇق. بىزنىڭ يەنە بىرنەچچە كۈن تۇرغىمىز بولسىمۇ، دىلمۇرات تەلئەت سەۋەبلىك بالدۇر قايتىشقا مەجبۇر بولغانىدۇق. چۈنكى دىلمۇراتنىڭ مەكتىپىدە 24- چېسلا ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن،قاتناشمىسا بولمايدىكەن. بۇ كۈنى چۈشتە قايتماقچى بولغىنىمىز ئۈچۈن ئەن يۈلىڭنىڭ ئۆيىدە خاتىرجەم ئولتۇرالمىدۇق. مەن سافادا ئولتۇرۇپ، ئۆي ئىچىگە كۆز يۈگۈرتتۈم ۋە ئىككى خىل ئۆزگىچىلىكنى بايقىدىم: (1) مېھمانخانىنىڭ ئۇدۇل تەرىپىدە ھەم يان تەرىپىدە ئىككى ئېغىز ياتاق ئۆي باركەن. (2) پارۋاي بىر مېتىر ئىگىلىكتە ئىكەن. بۇ ئىككى خىل ئالاھىدىلىك بەي ۋېنشىڭنىڭ ئۆيىدىمۇ باركەندۇق. ئۇ چاغدا ئانچە سەڭگىرىپ كەتمىگەنكەنمەن. ئەن يۈلىڭ بىزگە ئالدىن پىشۇرۇپ قويۇلغان گۆش ۋە ئىسسىق سۈت چاي كەلتۈردى.ئۇنىڭ قېيىنئانىسى ۋە نەۋرىسى بىز بىلەن تەڭ ئولتۇردى. قىزى يولدىشىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئوغلى بىلەن مۇشۇ ئۆيدىلا تۇرىدىكەن. ئەن يۈلىڭنىڭ قېينئانىسى گەپنى ئاز ھەم جايىدىن چىقىپ قىلىدىغان موماي ئىكەن، 68 ياشقا كىرىپتۇ. ئەن يۈلىڭنىڭ قىزى مېھمانخانىغا كىرمىدى، ھويلىدا تۇرۇپلا ئانىسىغا گەپ قىلىپ تۇردى، ئۇ بىزگە قورما قورۇپ بەرمەكچى بولغان بولسىمۇ، چىرايلىقچە رەت قىلدۇق. ئەن يۈلىڭنىڭ نەۋرىسى تولىمۇ شوخ بالىكەن، مومىسى ۋە ئۇلۇغ مومىسى ئۇنى بىردەم- بىردەم «ئۇنداق قىما» (ئۇنداق قىلما) دەپ جىمىقتۇرۇپ تۇردى. بىز ئەن يۈلىڭنىڭ قېيىنئانىسىدىن ئۇنى- بۇنى سوراپ باقتۇق، لېكىن ئۇ ئىچىدە بىزنىڭ كەلگەنلىكىمىزدىن خۇشال بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، قالايمىقان سۆزلەپ قويماي دېدىمۇ ياكى بىزنى بەك چوڭ زىيالىيلاركەن دەپ قالدىمۇ، زىيادە گەپ قىلمىدى. پەقەت مۇنۇ ئىككى ماقال- تەمسىلنىلا دەپ بېرىش بىلەن چەكلەندى: (1) «سۇنىڭ تېشى تاغ»، (2) «خان بولارغا ئاتاڭ بار، كۈنبولارغا ئاناڭ (بار)». بۇ ئۆيدە ئۇزاق ئولتۇرالمىدۇق. ئەن يۈلىڭ بىزنى ئەسلىدە تاغ(يايلاق) قا ئېلىپ چىقىپ بىرەر كېچە قوندۇرۇپ كەلمەكچى بولغانىكەن، بىراق ئالدىنقى كۈنى ئۇ ئولتۇرۇشتىن كېيىن قېيىنئاتىسىنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ بالدۇرراق كېتىپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خې جۈنچىڭ (ئايال) مۇ بىزنى كېسەل بارئۆيگە بېرىشتىن توستى. ئەن يۈلىڭنىڭ خيالى بويىچە بىز تاغقا چىقىپ ئۆز قولىمىزبىلەن بىرەر مالنى سويۇپ دالا تاماشىسى قىلاركەندۇقمىز. بىز مۇشۇ ئىشنى خاتاقىلغانلىقىمىزدىن ئۆكۈنۈپمۇ قالدۇق. ئەن يۈلىڭ: «بۇ قېتىم تاغقا چىقىشقا پۇرسەت بولمىدى، كېلەر يىل كەلسەڭلەر 6-، 7- ئايلاردا كېلىڭلار، بۇ چاغ يايلاقنىڭ تازا ياخشى ۋاقتى» دېدى. ئورنىمىزدىن قوزغالغاندا ۋە بىزگە ئۆزى تۈزۈشكە قاتناشقا«يۇغۇر خەلق ھېكايىلىرى» بىلەن «يۇغۇر خەلق ناخشىلىرى، ماقال- تەمسىللىرى» دېگەن كىتابلارنى تەقدىم قىلدى. ئۇ قىزىنى جورۇپ ئىشىكى ئالدىغا بىر دېمىسنى ئەكەلدۈردى.شۇ ئارىلىقتا تۆمۈردىن ئۇلارنىڭ ئۆيىگە تېلېفۇن كېلىپ قالدى. ئەسلىدە تۆمۈر بىزنىڭ«مۇسۇلمان ئارامگاھى» غا تاماققا تەكلىپ قىلغانىكەن، بىزنى يېرىم سائەتكىچە يېتىپ كەلسە دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن بىز ئەن يۈلىڭلاردىن خوشلىشىپ دېمىسقا ئولتۇردۇق. سائەت11:30 دا «مۇسۇلمان ئارامگاھى» دا ھازىر بولدۇق. تۆمۈر بىزنى بىرنەچچە خىزمەتداشلىرى (ئەرلەر) ۋە ئايالى بىلەن ساقلاپ ئولتۇرغانىكەن، بىز بۇ يەردە مېڭىشقا يېرىم سائەت قالغىچە ئولتۇردۇق. بىز بۇ يەردە تاماق (ئاساسلىقى پىششىق گۆشۋە خان كۆكتات توغرىمى) يەپ، ھاراق ئىچكەچ پاراڭلاشتۇق. دىلمۇرات تەلئەت ئۆزىنىڭ خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمى «قۇملۇق روھى» نى تۆمۈر قاتارلىقلارغا تەقدىم قىلدى. بىزكەلگەن كۈنىلا تۆمۈرگە ئاتاپ ئالغاچ كەلگەن دوپپا، ئۈنئالغۇ لېنتىسى، كىتاب قاتارلىقلارنى تۆمۈرنىڭ ئايالىغا بېرىپ قويغانىدۇق. تۆمۈر بىزگە ئۆزى يازغان«يۇغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» دىن بىرنى بەردى. بۇ كىتابنىڭ تىراژى 2000 بولۇپ،تۆمۈرنىڭ ئۆزىدىمۇ بىرلا پارچە قالغانىكەن، ئۇ يەنە ھەر بىرىمىزگە بىردىن «يۇغۇرمەدەنىيىتى» ناملىق قەرەلسىز ژورنالنى ۋە بىر پارچە «سۇنەن ناھىيە تەزكىرىسى» نى(تۇنجى سان ئىكەن) بەردى. بىز بۇ يەردە ئارىسلان ئىسىملىك بىر يىگىت بىلەن تونۇشۇپ كۆپ پىكىرلەشتۇق. ئۇ ئۆزى كىچىك بولسىمۇ، پىكىرى، زېھنى چاپچىپ تۇرىدىغان تالانت ئىگىسى ئىكەن، 32 ياشقا كىرىپتۇ. بىرمۇنچە ماقالىلىرى ئېلان قىلىنىپ، ياخشى تەسىر قوزغاپتۇ. ئارىسلان، تۆمۈر قاتارلىقلار خاتىرەمگە تېلېفۇن نومۇرى، ئادرېسلىرىنى يېزىپ بەردى. ئارىسلان شەرقىي يۇغۇرلار قەۋمىدىن ئىكەن. تۆمۈر، ئارىسلان قاتارلىقلار ناھىيىلىك يۇغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى ئىشخانىسىدا ئىشلەيدىكەن. ئۇلارئۆزلىرىنىڭ يېزىقى بولمىغانلىقىدىن قاتتىق بىئارام بولىدىكەن، يېزىق شەكىللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بىزمۇ بۇ ھەقتە بەزى تەكلىپلەرنى بەردۇق. مەنبۇ يەردىمۇ مۇخبىرلىق خاتىرەمگە بىرمۇنچە سۆزلەرنى يېزىۋالدىم. چىلەنشەن – تەڭرىداۋان (تەڭرىتاغ)، مىڭىي – مېڭە، كىرئالما – كىرئالغۇ، نۆكۆر – بىر يىلدا ھەم بىرجايدا تۇغۇلغان دوست، ھەمراھ، قارغا قاغا، قارچۇغا – قارچۇغا، قۇزغۇن – قىزىل دىمسىق قاغا، سارىقۇش – سېرىق قۇش (سۇمرۇغ)، قۇشقۇچ – قۇشقاچ، دادا – ئانا، ئاغا –ئاكا، بابا – كىچىك دادا، بىزىك (بۈيۈك) مۇلا – چوڭ بالا، داقا – چوڭ دادا،ئوينادى – چاقچاق، سېجېركىس – گەپ چېقىشىش، كېتىك (غەرب يۇغۇرلىرىدا) – كۈچۈك(شەرق يۇغۇرلىرىدا «كېچىك»)، ئاتتى مېن – ئاتنى مىن، ماڭاينى – ماڭايلى، ...ئولتۇرۇشىمىز قىسقا بولسىمۇ، كۆڭۈللۈك، ئەھمىيەتلىك بولدى، خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق.بىز تۆمۈر قاتارلىقلاردىن خوشلۇشۇپ تالاغا چىقتۇق ۋە بەي ۋېنشىڭغا تېلېفۇن بەردۇق.ئالدىنقى كۈنى ئۇ بىزنى مۇزىيخانىغا ئاپىرىشقا ۋەدە بەرگەنىدى. بىز تالاغا چىققاندا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى، بىز مۇزىيخانىغا بارغىچە كىتابخانىغا كىردۇق.مەن «يۇغۇر ئەدەبىياتى تەتقىقاتى» دېگەن كىتاب بىلەن «يۇغۇر ئۆرپ- ئادەتلىرى»ناملىق كىتابنى سېتىۋالدىم. بىز كىتابخانىدىن چىقىپ مۇزىيخانىغا كەلدۇق. بەيۋېنشىڭ بىزنى مۇزىيخانىنىڭ ئالدىدا ساقلاپ تۇرۇپتۇ، بۇ كۈنى يەكشەنبە بولغاچقا مۇزىيخانا تاقاق ئىكەن. بەي ۋېنشىڭ ئايقادىن ئارقىلىق مۇزىي خادىمىنى چاقىرىپ كەلدى، شۇنداق قىلىپ مۇزىيخانىنىمۇ بىر قۇر كۆرۈۋالدۇق. ئاپتوبۇس مېڭىشقا ئازلاۋاقىت قالدى. بەي ۋېنشىڭ، ئايقادىنلار بىزنى دىيەنبېزىگە (دېنبىس) ئولتۇرغۇزۇپ ئاپتوبۇس بېكىتىگە ئېلىپ كەلدى، يالغۇر كۈچىيىپ كەتتى. بىز ئاپتوبۇستا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتۇق ۋە ئۇنى- بۇنى سورىدۇق. سۈكچى سارت خىتىرلىپتى – سۈكچىدىكى ئۇيغۇرلار توپىلاڭ كۆتۈرۈپتۇ، ئېزىر – ئىگەر، سۇمال – سۇمال، جالا – جالا، جېس – چەش، يۆرۈڭ –بۆز، يۆزۈڭ كېز – بۆز كىيىم، قارىسلاڭ – ياغاچ مىلتىق، چاداس – ھوگانچا، تىگىرمەن– تۈگمەن، ياغ لوڭقا – سۇ يېغى ئىدىشى، سۇلۇڭقا – پوتلۇشكا، سۇدا، ئودۇق – ئوتياقىدىغان مۈڭگۈز شەكىللىك نەرسە، تەغدىرنامە – تەقدىرنامە، مېندىر – مۆلدۈر، ...بەي ۋېنشىڭ بىزگە يەنە قىزلارنىڭ توي قىلىش ياشلىرىنى ئېيتىپ بەردى: 9، 11، 13،15، 17. قىزلار تاق ياشلاردا نىكاھلىق بولىدىكەن.
ئاپتوبۇس شارقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرئىچىدە ئاستا قوزغالدى. بەي ۋېنشىڭ بىلەن ئايقادىن قوللىرىنى پۇلاڭلىتىپ بىزگە ئاقيول تىلەپ قالدى. بىز ئاپتوبۇس ناھىيە بازىدىن چىقىۋاتقاندا بىر ئىشقا ھەيران قالدۇق. بىز سۇنەن ناھىيە بازىرىغا يېرىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، ھاۋا تۇمانلىنىپ قاتتىق يامغۇر ياغقان. ياتاققا ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىنلا يامغۇر توختاپ، ھاۋا بىردىنلا ئېچىلىپ كەتكەنىدى. قايتقان چېغىمىزدىمۇ يامغۇر يېغىپ كەتتى. «يامغۇر ئامەت، بەخت- سائادەتنىڭ بىشارىتى. شۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى سەپىرىمىز تولىمۇ خەيرلىك بوپتۇ» دېدى ئابلېز ئورخۇن مەمنۇنىيەت بىلەن.
ئاپتوبۇستا كېتىۋېتىپ تۆمۈرنىڭ«يۇغۇرلارنىڭ مىڭ يىللىق تارىخى» ناملىق كىتابىنى قولۇمغا ئېلىپ، ئۇنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇدۇم. «تۆمۈر، يۇغۇر، 1963- يىلى ئەتىيازدا تۇغۇلغان. 1987- يىلى غەربىي شىمال مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەن. بىرنەچچە يىل شىمال يايلاقلىرىدا يالغۇز سەيياھلىق قىلغان. يۇغۇر، مۇڭغۇل، خەنزۇ تىللىرىدا ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىدۇ. ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن «چاپچىۋاتقان تۇلپار»،«ئالتايغا نەزەر»، «يايلاقنىڭ كىندىكىدىن ئۆتۈش»، «ئېتىڭنى ئاق قېيىنغا باغلاپ قوي»، «قەبىلىلەردىكى قەدىم ھېكايىلەر»، «بوز ئات ئانا»، «بۆرىلەرنىڭ زېمىنى»،«چارۋىچى چېگىلا»، «يىراقتىكى قارا چېدىر»، «بايانچورخان»، «شىمالدىكى ئايال پادىشاھ»، «چىڭگىزخان ۋە ئادەملەر» قاتارلىقلار نەشىر قىلىنغان. باشقىلار بىلەن بىرلىشىپ «شارتالاغا سەپەر» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلىگەن. ھازىر سۇنەن يۇغۇر ئاپتونوم ناھىيىلىك يەرلىك تەزكىرە ئىشخانىسىدا ئىشلەيدۇ. جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى گەنسۇ ئۆلكىلىك شۆبىسىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو- مۇڭغۇل تارىخى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى». مەن كىتابنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم. كىتاب 26 كىچىك ماۋزوغا بۆلۈنۈپ يېزىلغان ئىكەن. مەن كىتابنىڭ ئاخىرىدىكى «50- يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى» دېگەن باپنى قىزىقىپ ئوقۇدۇم. «1957- يىلى ياز، سىياسىي ۋەزىيەت ئۆزگىرىشچان، مۇرەككەپ بولدى. بۇ يىلى يازنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئىستىل تۈزىتىش ۋە سوتسىيالىستىك تەلىم-تەربىيە ھەرىكىتى باشلاندى. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا يەرلىك مىللەتچىلىكنى تەنقىد قىلىش كۈرىشى باشلاندى، كىشىلەر ساراسىمگە چۈشتى. قىش كىرگەندىن كېيىن بۇيەردىمۇ ئوڭچىلىققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى باشلاندى، بۇ ھەرىكەتكە ئۇلىنىپلا گەننەن(جەنۇبى گەنسۇ) ۋە چىڭخەي ئەتراپلىرىدا توپىلاڭ كۆتىرىلدى. 1958- يىلى يازدا،باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدا توپىلاڭنى تىنجىتىش ھەرىكىتى باشلاندى،مۇشۇ ئاساستا ئاپتونوم ناھىيىدىمۇ «فېئودالىزمغا قارىش كۈرەش» باشلاپ كەتتى.
ئەمەلىيەتتىن ئېغىر دەرىجىدە ئاجرىغان،ھەددىدىن زىيادە كۆپتۈرۈپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشتە، ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيىلىك پارتكوم، ج خ باشقارمىسى، ج خ ئىدارىسى تەشكىللىگەن بەش كىشىلىك گۇرۇپپا،«ئەكسىل ئىنقىلابىي توپىلاڭنى زاكسىدىلا تۇنجۇقتۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويدى.ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىكى ‹بەش كىشىلىك گۇرۇپپا› دىكىلەرنى ئاساس قىلغان بىرقىسىم كىشىلەر «توپىلاڭ» نىڭ شەپىسىمۇ كۆرۈلمىگەن ئاپتونوم ناھىيىسىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن چوڭ دېلولارنى پەيدا قىلدى. ئاچىكەنبۇ، «بەي- ياڭ ئەكسىل ئىنقىلابچىلارگۇرۇھى» دېلوسىنى ئويدۇرۇپ چىقاردى. ئەسلىدە 1958- يىلى 2- ئايدا چىڭخەينىڭ چىلەن ناھىيىسىدىكى راھىپ پولومىن گەننەندە ئېچىلغان دىنىي ئىشلار يىغىنىغا قاتنىشىپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ماتى بۇتخانىسىدىكى راھىپ ئاچىكەنبۇ (لوپساڭ گالامۇجې)قاتارلىق بىر قىسىم راھىپ كالانلار بىلەن كۆرۈشۈپ، دىنىي ئىشلار ھەققىدە كېڭەشكەن.يوسۇن بويىچە بۇتخانا دىنىي ئىشلار يىغىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنى ئاچقان. بۇ چاغدا كاڭچيەن بۇتخانىسىدىكى مەسئۇل راھىپ لوپساڭزىڭبا (كىشىلەر ئۇنى بەي- ياڭ باشلىقى دەپ ئاتايتتى) مۇ لەنجۇغا 3 قېتىمبارغان. بۇ مەزگىلدە يىغىنغا قاتناشقان، ئېكسكۇرسىيە قىلغان، كېسەل داۋالاتقان. ئۇلەنجۇ ئاشخانىسىدا گۇڭتاڭساك راھىپ بىلەن كۆرۈشۈپ قالغان. سۇنەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ئۇمۇ يوسۇن بويىچە دىنىي ئىشلار يىغىنى، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئامما يىغىنى قاتارلىق يىغىنلارنى ئاچقان. بۇ قېتىمقى يالغان دېلو مۇشۇ ئىشلارنى باھانە قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. يالغان (بىگۇناھ كىشىلەرگە ئۇۋال قىلىنغان)دېلو ماتېرىيالىدا مۇنداق دېيىلگەن: «گەننەن (جەنۇبى گەنسۇ) باشلامچى، مېيجياڭ(يەر نامى) پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلاپ قوللىغۇچى، ئاچىكەنبۇ باش قوماندان بولغان توپىلاڭچىلار گاڭسا، چىلان، ماتى، گەننەنلەردىكى ھۇجۇمچى توپىلاڭ قوشۇنىنى كۈتىۋېلىپ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىشىپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى،ئاكتىپلارنى ۋە توپىلاڭغا قاتناشمىغان ئاممىنى ئۆلتۈرمەكچى. جاڭيېدىكى شىلەي بۇتخانىسى توپىلاڭچىلارنىڭ ئالاقىلىشىش نۇقتىسى» (1958- يىل 1- ئاينىڭ 15- كۈنىبەي- ياڭ خوجىدار كاڭچيەن بۇتخانىسىدا توپىلاڭ تايانچلىرى يىغىنى ئېچىپ، توپىلاڭ گۇرۇھىدا 1 چوڭ ئەترەت، 7 كىچىك گۇرۇپپا قۇرۇش، ئۆزى باش قوماندان بولۇش، قوشۇمچەچوڭ ئەترەت باشلىقى ۋە ھاكىم بولۇشنى قارار قىلغان). بۇ ھېچقانداق پاكىت ئاساسى بولمىغان، قەستەن توقۇپ چىقىرىلغان ئويدۇرما.
1958- يىلى 9- ئاينىڭ 12- كۈنى،ۋىلايەتلىك پارتكوم، ناھىيىلىك پارتكوم، ج خ باشقارمىسى، ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى«بەش كىشىلىك گۇرۇپپا» نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئاستىدا قوراللانغان ئازادلىق ئارمىيە ئەسكەرلىرى، ج خ خادىملىرى ۋە قوراللىق خەلق ئەسكەرلىرى ناھىيىلىك پارتكوم، يېزاكادىرلىرى ۋە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەرنىڭ ماسلىشىشى بىلەن گاھى ماشىنىلىق، گاھى ئاتلىق ھالدا كېچە- كۈندۈز دېمەي، ھەرقايسى قەبىلىلەرگە ئاتلاندى. ئۇلار ئاۋال ئامما يىغىنى ئاچتى، ئاندىن تۇيۇقسىزلا قوراللىقلار پەيدا بولدى. بۇ تاساددىپىي ھادىسە كىشىلەرنى قاتتىق چۆچۈتتى. قوراللىقلار نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئاڭقىرالمايتۇرغان نۇرغۇن كىشىلەرنى قولغا ئالدى، قولغا ئېلىنغانلار يېقىنلىرىنى كۆرۈۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدى. بۇ قېتىمقى تۇيۇقسىز ھەرىكەتتە 358 سېرىق ئۇيغۇر تۇتۇپ كېتىلدى. كۈرەش قىلىنغان، خىزمەتتىن بوشىتىلغان، قالپاق كەيدۈرۈلگەن، قولغا ئېلىنغانلار 800 گە يەتتى. ئۇلار سېرىق ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ 4/1 گە چېتىلدى.ئۇ چاغدا سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى 4 مىڭدىن ئارتۇقراق بولۇپ، «فېئوداللىققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى ۋە «توپىلاڭنى تىنجىتىش» كۈرىشىدە زەربە يېگەنلەر ھەربىر ئائىلىگە دېگىدەك چېتىلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە راھىپ كالانلار، قەبىلە باشلىقلىرى،ئادەتتىكى چارۋىچىلار ۋە بېيىغان چارۋىدارلار بار. قولغا ئېلىنغانلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈرمىدە ئۆلۈپ كەتتى، بەزىلىرى ئېتىۋېتىلدى، ناھايىتى ئاز ساندىكىلىرى جېنىنى ساقلاپ قالدى.
بۇ يىلى كۈزدە سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى ئەڭ چوڭ قەبىلە باشلىقى، ئاپتونوم ناھىيىنىڭ تۇنجى خەلق ھۆكۈمىتى رەئىسى،تۇنجى ھاكىمى گوڭبو شىجا ھەر خىل بېسىملار دەستىدە ئۆيىدە ئۆلۈۋالدى. ياغلاقارقەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مۇئاۋىن ھاكىم ئەنجىنچار دەرياغا سەكرەپ ئۆلۈۋالدى. بۇندىن باشقا يەنە ئالتە كىشىمۇ كەينى- كەينىدىن ئۆلۈۋالدى ...
فېئوداللىققا قارشى تۇرۇش، گەنسۇ،چىڭخەيدىكى قالدۇق فېئودال كۈچلەرنى تازىلاش كۈرىشىنىڭ ئۇلغىيىشىغا ئەگىشىپ، كەڭ كۆلەملىك قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى. كىشىلەر ئادەمنىڭ تېنى شۈركەنگىدەك تەلۋىلىك ئىچىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك نەرسىلىرىنى كۆيدۈرىۋەتتى. بارلىق بۇتخانىلار خانىۋەيران قىلىندى، قەدىمكى كىتابلار كۆيدۈرۈلدى، مىللىي كىيىم-كېچەكلەرنى كىيىش، ئاممىۋىي سورۇنلاردا ئۆز مىللىتىنىڭ تىلىدا گەپ قىلىش، ئۆزىنىڭ مىللىي ئىسمىنى قوللىنىش قاتتىق چەكلەندى. قىز- ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چاچلىرى مەجبۇرىي كەستۈرۈلدى، زىبۇ- زىننەت بۇيۇملىرى مۇسادىرە قىلىندى، نۇرغۇن كىشىلەر تاياق يېدى ... » ئوقۇپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە نەپسىم قىسىلىپ قالدى. دېرىزىدىن يول بويىدىكى پاكار تاغ تىزمىلىرىغا قارىۋالدىم. كۆز ئالدىمغا يۇغۇرلارنىڭ كۆچ- كۆچ كۆرۈنۈشلىرى، قان- ياشلىق قىسمەتلىرى، بۈگۈنكى زاماندىكى ئەسلى ھالەت- تۇرقىنى يوقاتقان رېئال تەدىرى خىيالىمغا ئىسكەنجىگە ئېلىۋالدى. ئاپتوبۇس خىرامان ئىلگىرىلىمەكتە، سۇنەن، تەڭرى داۋان بارغانسېرى يىراقتا قالدى. قۇلىقىمدا تۆمۈرنىڭمۇ گەپلىرى ئەكس سادا پەيدا قىلدى: «بىز شىجى خاجىدىن كەلگەن (شىجىنىڭ خاجى دېگەن يېرىدىن)، بىز ئانا ماكانىمىزغا تەلپۈنىمىز، ئانا ماكانىمىز ھازىرغىچە ئېنىقلانمىدى، بىز جەزمەن ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىنى تاپىمىز، ئۆزيېزىقىمىزنى بارلىققا كەلتۈرىمىز، باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىنى ئۆزىمىزدىن باشلايمىز، ئۇزاققا قالماي ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدەش سەپىرىمنى باشلايمەن، ...». تۇرغىچىلا مەرھۇم ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» شېئىرى ئېسىمگەكەلدى:
«... توختىماس كارۋان يولىدىن گەرچەئاتلار بەك ئورۇق،
تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز يا ئەۋرىمىز.»
– ئابلېز، نېمە قىلىۋاتىسىز- تۆتىمىز بىرلەشكەندە ماڭا چاقچاق قىلىشقا ئارانلا تۇرىدىغان دىلمۇرات يىراققا كەتكەن خىياللىرىمنى چالغىتىۋەتتى.
– ناخشا ئېيتىۋاتىمەن  دېدىم مەن ئۆزەممۇ چۈشەنمەيدىغان بىر خىل خىرامانلىق ئىچىدە.
– ناخشىڭىز بىزگە ئاڭلانمىدىغۇ!
– ئىچىمدە ئېيتىۋاتقانىدىم.
– قايسى ناخشىنى؟
– «ئىز» نى.
– قىزنى؟ – دىلمۇرات خاتا ئاڭلىغان بولۇپ گەپنى ئەتەي بۇرمىلىدى.
– سۇنەندە بىرەر قىزغا كۆزىڭىز چۈشمىدىمۇ؟ – دېدى ئابلېز ئورخۇن چاقچاقنى داۋاملاشتۇرۇپ.
– ماڭا يارىغىدەك بىرەر قىز ئۇچرىمىدىغۇ تاڭ! –دېدىم مەن.
– جوڭ لىمۇ يارىدىما؟ (جۇڭلى، ئايقادىن-ئايقاتۇن ئىسىملىك يۇغۇر قىزنى دېمەكچى).
– ئېرى باركەن ئۇ كاساپەتنىڭ.
– قانداق بىلىۋالدىڭىز؟
– ھېلىقى ئاخشىمى «مۇسۇلمانلارئارامگاھى» دىن قايتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ قويغاندا بىلگەنىدىم.
– ھە راست، ئۇ ئاخشىمى خېلىلا تەڭشىلىپ-ئېچىلىپ قالغانىدىڭىز، كۆڭلىڭىزنى ئىزھار قىپتىكەنسىز- دە!
– ئۇنداققۇ ئەمەس، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئېرى باركەن.
– كۆڭلىڭىز تۇيىۋاتپتۇ- دە! بۇ ئىشقا كەلگەندە بەك سەزگۈر جۇمۇ سىز! – دېدى ئابلېز ئورخۇن.
– سېرىق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىزگەئوخشايدىغان بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدۇق دېسە – دېدىم مەن گەپنى بۇرمىلاپ.
– سىز ئۆزىڭىزنى ھەقىقىي ئۇيغۇر چىراي دەپ قالغانمىدىڭىز؟ – دېدى ئابلېز ئورخۇن.
– ئاتا- بوۋىمىلىرىمىز ماڭا ئوخشاش ساقال- بۇرۇتلۇق بولغىيدى!
– سال دېگەن ئۆچكىدىمۇ بار، ئۇ ھېچقاچان ئەرلىكنىڭ، ئۇيغۇرلۇقنىڭ بەلگىسى بولالمايدۇ.
– ئۇغۇ شۇنداق، ئەمما سېرىق ئۇيغۇرلاركۆزۈمگە خەنزۇ، مۇڭغۇللاردەكلا كۆرۈندىغۇ تاڭ.
– تارىخىي قىسمەتلەر ۋە مۇھىت سەۋەبىدىن ئۇلارنىڭ چىراي- تۇرقى ئۆزگىرىپ كەتكەن بولسا كېرەك – دېدى ئابلېز ئورخۇن.
– ئۇلارنىڭ نەسلىنى يېڭىلىمساق بولمىغىدەك – دېدىم مەن چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
باياتىن چاقچاقلاردىن ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپكىنە ئولتۇرغان سەمەت ئەسرا تۇرا گەپكە ئارىلاشتى:
– سىز چىرايلىق قىزلارنى كۆرمەي قاپسىز،بايا سۇنەندىن ماڭغىچە بىر تىكىمچىلىك دۇكىنىغا كىرگەنىدۇق، بۇ دۇكاندا بىر-بىرىدىن چىرايلىق يۇغۇر قىزلار ئىشلەيدىكەن، ئىسىملىرىمۇ يۇغۇرچىكەن، شۇلاردىن بىرەرسىنى توغرىلىساق بولاركەندۇق.
– كېلەر قېتىم كەلگەندە بىر گەپ بولار،قانداقلا بولمىسۇن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلى ئەسلىدىن ياتلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.بۇ ئىشقا ھەمىمىز كۆڭۈل بۆلەيلى، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشايلى.
– شۇنداق قىلايلى، بىز خوتۇنلىرىمىزنى قويىۋېتىپ يۇغۇر قىزلىرىغا ئۆيلىنەيلى. بۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىكى تۇغقاندارچىلىقىمىز ئەسلىگە كېلىپ قالسا ئەجەب ئەمەس – دېدى ئابلېز ئورخۇن.
ئەنە شۇنداق چاقچاق- مايدانلار بىلەن جاڭيې شەھىرىگە كېلىپ قالدۇق. ئاتا- بوۋىلىرىمىز ياشىغان بۇ قەدىمىي شەھەرنى بىرەرقۇر كۆرۈش ئۈچۈن بىر ماشىنىنى كىرا قىلىپ شەھەر ئايلاندۇق. بىر كەمدە كۆزىمىز يول بويىدىكى «قومۇل ئاشخانىسى» دېگەن ۋىۋىسكىغا چۈشتى، بىز ئەجەبلىنىپ ئاشخانىدىن ئۆتۈپغا بولۇپ كېتىپ ماشىنىنى توختاتقۇزدۇق.
ئاشخانىدا بىر قارىسا بىزگە، بىر قارىسا پاكىستانلىقلارغا ئوخشاپ كېتىدىغان 5- 6 لۈكچەك سۈپەتلەر ھاراق ئىچىۋاتقانىكەن.ئاشخانىغا كىرىشىمىزگىلا بىر ئوتتۇرا ياش تۇڭگان ئالدىمىزغا چىقتى.
– سەن قومۇللۇقمۇ؟ – دەپ سورىدۇق بىرئېغىزدىن.
– شۇنداق، مەن قومۇللۇق. چوڭ ئۆيىمىز بېيگۈندە – دېدى ئۇ  – بۇ يەردە ئاشخانا ئېچىۋاتقىلى بىرنەچچە يىل بولدى. يىلدا 1- 2 قېتىم ئۆيگە بېرىپ تۇرىمەن، تېخى يېقىندىلا قايتىپ كەلدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن بىردەم ھال- مۇڭ قىلىشىپ ئولتۇردۇق. تاماق يەپ بولۇپ پويىز بېكىتىگە كەلدۇق، پويىز مېڭىشىغا 5- 6 سائەتچە ۋاقىت باركەن. بىز ۋاقىت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەنە كوچا ئايلاندۇق، يېڭىلا يامغۇر ياغقاچقا كوچىلار ھۆلچىلىك ئىچىدە ئىدى.بىز كوچا ئايلانغاچ بىر ساتىراشخانىغا كىردۇق، ساتىراشخانىدا ئۈچ قىز ئىشلەيدىكەن.چىراي- تۇرقى سېرىق ئۇيغۇرلارغا ئوخشاپ كېتىدىكەن، بىز ئۇلار بىلەن بىرەر سائەتچە پاراڭلاشتۇق، چاقچاقلاشتۇق، ئۇلار ناھايىتى ئوچۇق- يورۇق قىزلار ئىكەن، تېزلاچىقىشىپ قالدۇق...
بىز ساتىراشخانىدىن چىقىپ ۋوگزال تەرەپكەماڭدۇق، بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگىدەك ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ شالغۇتلىشىپ خەنزۇلاشقان ئەۋلادلىرىدەك تۇيۇلدى. بىز باش- ئايىغى يوق خىياللارغا بۆلىنىپ يۇرتقا قايتتۇق...
*                    *
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن، «سۇنەن خاتىرىلىرى»مۇشۇنچىلىك، مەن ھەممىنى ئەينەن يېزىشقا تىرىشتىم، كەتكۈزۈپ قويغان، تەتقىق قىلىش زۆرۈرىيىتى بار دېگەن تەرەپلەر سىلەرنىڭ پىكىر بېرىشىڭلارغا، تەتقىق قىلىشىڭلارغا قالدى. ئاخىرىدا شۇنداق بىر گەپنى سەمىڭلارغا سالماقچىمەن: بۇ قېتىم بىز كۆرگەن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ چىراي- تۇرقى بىزگە ئوخشاپ كەتمىسىمۇ، قەلبى ئوخشايدىكەن. بۇخىل ئوخشاشلىق بىزنى يارقىن مەنزىللەرگە باشلىغۇسى!...

2014-يىل  قومۇل
uyghuray

54

تېما

2

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.73%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  678
يازما سانى: 388
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى: 2456
تۆھپە : 1611
توردىكى ۋاقتى: 591
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-10
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 18:01:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                            يېڭى بىر مەنزىل، ئىلمى ئىزدىنىش....
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

2

تېما

0

دوست

731

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   46.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44945
يازما سانى: 73
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 4
تۆھپە : 218
توردىكى ۋاقتى: 59
سائەت
ئاخىرقى: 2015-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 19:59:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
内容قېنە يۇغۇرلارنىڭ رەسىمى
uyghuray

0

تېما

1

دوست

525

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  48370
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 164
توردىكى ۋاقتى: 16
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-2 21:38:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنىڭغا ئوخشپ كېتىدىغان يازمىدىن بىر پارچە ئوقوغۇنۇم  ئېسىمدە، خېنەن، لوياڭ  ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ىلەن بولغان زىيارەت خاتىرسى، ئىسمى ئېسىمدە قالماپتۇ، قۇمۇلدىنغۇ دەيمەن

186

تېما

14

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   71.26%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1926
نادىر تېمىسى: 24
مۇنبەر پۇلى: 6655
تۆھپە : 7677
توردىكى ۋاقتى: 1683
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-21
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 10:14:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tarim2006 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-2 21:38
مۇشۇنىڭغا ئوخشپ كېتىدىغان يازمىدىن بىر پارچە ئوقوغۇنۇ ...

مەن يازغان، 2013-يىلى 4-ئايدا خېنەن لوياڭ سەنمىنشىيا شەھىرى مىيەنچى ناھىسىي يۈچى ئۇيغۇر كەنتىگە بارغاندىكى زىيارەت خاتىرىسى. باغداش تورىدا بار.

7

تېما

2

دوست

2590

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31354
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 10:21:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   torukoyman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-3 10:24  

– ئۇلارنىڭ نەسلىنى يېڭىلىمساق بولمىغىدەك – دېدىم مەن چاقچاق تەلەپپۇزىدا.
باياتىن چاقچاقلاردىن ھوزۇرلىنىپ كۈلۈپكىنە ئولتۇرغان سەمەت ئەسرا تۇرا گەپكە ئارىلاشتى:
[ سىز چىرايلىق قىزلارنى كۆرمەي قاپسىز،بايا سۇنەندىن ماڭغىچە بىر تىكىمچىلىك دۇكىنىغا كىرگەنىدۇق، بۇ دۇكاندا بىر-بىرىدىن چىرايلىق يۇغۇر قىزلار ئىشلەيدىكە
ن،
ئىسىملىرىمۇ يۇغۇرچىكەن، شۇلاردىن بىرەرسىنى توغرىلىساق بولاركەندۇق.
– كېلەر قېتىم كەلگەندە بىر گەپ بولار،قانداقلا بولمىسۇن سېرىق ئۇيغۇرلارنىڭ نەسلى ئەسلىدىن ياتلىشىپ كەتكەندەك قىلىدۇ.بۇ ئىشقا ھەمىمىز كۆڭۈل بۆلەيلى، بىر كىشىلىك ھەسسە قوشايلى.

7

تېما

2

دوست

2590

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   19.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  31354
يازما سانى: 125
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 19
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 157
سائەت
ئاخىرقى: 2016-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2015-12-3 10:24:46 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەردە ئاپتور نىمە دىمەكچىدۇر؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )